جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 0

غەيىرى تەبىئى خېلتىلارنىڭ سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇ..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 19:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
غەيىرى تەبىئى خېلتىلارنىڭ سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغنى پەيدا قىلىش مىخانىزىمى تۇغىرىسىدا
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر،
قىسىقچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدا ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيە جەھەتتىن شۇنداقلا ئەملىي كىسەل داۋالاش جەرياندا كۆپ ئالدىمىزغا كىلىدىغان غەيىرى تەبىئى خېلتىلارنىڭ سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغىنى مىخانىزىمى ۋە داۋالاش تەدىبرلىرى تۇغىرىىسدىكى مەزمۇنلار ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغى،غەيرى تەبىئى(نۇرمالسىز)خىلىت،مىخانىزىم
ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ئىشلىرىدا سۆڭەكلىشش خاراكىترلىك تىز بۇغۇم ياللۇغى كىسەللىك ھەر خىل تاشىقى ۋە ئىچكى سەۋەپلەرنىڭ تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇ خىل كىسەللىك كىلىنىكا ئالامەتلىرى  بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ئاساسلىقى بۇ كىسەللىك تىز بۇغۇم قىسمىدىكى يۇمشاق سۆڭەك بۇغۇم كۆمۈرچىكى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلىكى پۇتكۈل تىز قىسمىغا(بۇغۇم)سۆڭەك،تارامۇش،بۇغۇم خالتىسى،سىلىقلاشتۇرغۇچى پەردە ۋە بۇغۇم ئەتىراپىدىكى مۇسكۇللارغىچە تەىسىر كۆرستىدىغان ،ئېغىرلاشقانداتىز بوغۇم قېتىپ قالىدىغان ھەركەت ئەزا كېسەللىكىدۇر.
سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغى ھەرخىل ئىچكى -تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تىز بوغۇم ساھاسىدىكى يۇمشاق سۆڭەك تۇقۇلمىلىرنىڭ نۇرمالسىز ئۆسۈپ قېلىشى ياكى يۇغىناش نەتىجىسەد تىز بۇغۇمىنىڭ نۇرمال ئاناتۇمىيلىك تۈزلىشى غەيىرى نۇرمال ھالاتكەكېرىپ قېلىپ تىز بۇغۇم ئاغىرىش،ھەرىكەت قىلغاندا ئاغىرىش كۈچۈيىش،تىز بۇغۇمنىڭ ھەركىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۇسقۇنلىققا ئۇچىراش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك سۇزۇلما كىسەلىك.
ھازىرقى زامان مىدىسىناسىدا ‹‹بۇغۇم يۈزىنىڭ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاساسى سەۋەبى،ئۇنىڭدىن باشقا بەدەن ئېغىرلىقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ،تۇرمۇش خىزمەت ئادىتى،كۆپ قېتىم ئۇششاق بۇلغان زەخمنلىشلەرنىڭ يۈز بىرىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ ››دەپ قاراپ كەلگەن.لېكىن چىكنىشنى پەيدا قىلىدىغان ماھىيەتلىك سەۋەپنىڭ نىمە ئىكەنلىكى تۇغىرىسىدا تاكى ھازىرغىچە ئىنىق بىرەر ماتىرىيال يوق.بۇ خىل كىسەلنى فىزىكىلىق داۋالاش،بۇغۇم ئەينىكى ئاسىتدا ئوپىراتىسيە قېلىش، شەكىل تۈزەش ئوپىراتسىيىسى قىلىش ،سۈنئى بۇغۇم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار بىر يۈرۈش داۋالاش ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلگەن.بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا كېسەلنىڭ تۈپ يېلتىزدىن تەلتۈكۈس داۋالاشنى مەقسەت قىلماستىن كىسەللىك ئالامىتنى يەڭگىلتىپ بۇغۇم ھەركىتنى ياخىشلاش،ئالامەتلەرنى يەڭگىلتىش،غەيىرى تۈزەشنى ئاساس مەقسەت قىلغان.
ھەر خىل تىبابەتلەرنىڭ نەزىرىيە ئاساسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەپ،تەسىر قىلىش يوللىرى،داۋالاش پېرىنىسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى جەھەتتىن تۈپتىن پەرىقلىندىۇ.ئۆز ئالدىغا داۋالاش ئەندىزىسى تۇرغۇزغان بولىدۇ..
ئويغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيسىدە ‹‹تەبئى سەۋدا خېلىتى سۆڭەك،كۆمۈرچەك،پەي-تارامۇشلارنىڭ شەكىللىنىشنى ۋە ئۇنىڭ يېتلىشىدە مۇھىم رۇل ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ.تەبئى سەۋدا خېلتىنىڭ مۇشۇ خىل خوسۇسىيەتتىكى غەيرى تەبئى ئۆزگىرىشى، دەل سۆڭەك ئۈسۈش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇغۇم بۇشلىقدا سېلىقلاشتۇرغۇچى بۇغۇم سۇيۇقلىقى بولىدۇ.جىگەردە ئىشلىنىپ كەلگەن تەبئى بەلغەم خېلىتى بۇغۇم سۇيۇقلىقنىڭ ئاساسى تەركىبى قىسمى بولۇپ بۇغۇملاردا سىلىقلاش رۇلنى ئوينايدۇ.ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە بۇغۇم يۈزىدە پىشمىغان بەلغەم خلىتىىنىڭ ئۇزۇن مۇددىت تۇرۇشى ۋە سەۋدا خلېتىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشدىن تىز بۇغۇم يۈزىىدە سۆڭەك ئۈسۈشنى پەيدا قېلىپ سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك بۇغۇم ياللۇغنى شەكللەندۇرىدۇ ››دەپ قارىلىدۇ.بەلغەم خېلىتنىڭ غەيىرى تەبىئى ئۆزگىرشى بۇغۇم ۋە پەي-تارامۇشلارنىڭ نۇرمال خېزمىتگە تەسىر يەتكۈزۈپ،بۇغۇم يۈزىنىڭ تەكرار ئۇششاق زەخمىلنىشى ياكى تۈرلۈك فۇنكىسىيەلىرنىڭ بۇزۇلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تىز بۇغۇمدا سۆڭەك ئۆسۈشكە ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتدۇ.ئۇندىن باشقا غەيرى تەبئى بەلغەم خېلىتى ئۆزىنىڭ تەبئى خوسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا بۇغۇمنى تۈزگۈچى يۇمشاق تۇقۇلمىلار ۋە يۇمشاق سۆڭەك تۇقۇلمىلرىنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنىلىنىشكە بۇغۇم خالتىسنىڭ نۇرمال خىزمەت فونكىسىىيسىگە تۇسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق سۆڭەك كۈمۈرچەك تۇقۇلمىلىرنىڭ نۇرمالسىز ئۆسۈپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇغۇم يۈزىدىكى يۇمشاق سۆڭەك تۇقۇلمىلىرى نۇرمالسىز ئۆسۈپ قېلىنلاپ ئەسىلدىكى ھالەتتىن غەيىرى ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تىز بۇغۇمى ھەرىكەت قىلغاندا ئاغىرىش،ھەركىتى قىيىن بولۇش،ھەرىكەت قىلغاندا غىرىس-غىرىس قىلغان سۈركىلىش تاۋۇشى شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.بۇخىل ئالامەتلەر ئېغىرلاشقانسىرى بۇغۇم يۈزى ئەتىراپىدىكى كۆمۈرچەكلەردە كىچىك زەخمىنىلشلەر كۆپىيدۇ ھەتتا تىز بۇغۇم يۈزى سويۇلۇپ چۈشىدۇھەمدە بۇ ئۇرۇنلاردا تارتۇق تۇقۇلمىلار ئۆسۈپ ،تىز بۇغۇم سۈڭەك كۈمۈرچەكلەردە يۇغىناش،غەيىرىلىشش ئېغىرلىشىدۇ،بۇ ۋاقىتتا تىز بۇغۇم ئادەتتىمۇ ئاغىرىيىدىغان ھەركىتى كۈرنەرلىك تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرايىدىغان تىزنىڭ سىرتىقى  شەكلىمۇ غەيرىلىششىپ قالىدىغان ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.مۇشنداق ھالەتتە تەرەققى قىلسا تىز بۇغۇم قېتىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن.
تۈۋەندە مەن سەۋداۋەبەلغەم خېلىتنىڭ غەيىرى تەبئى ئۆزگىرىشى سەۋەبدىن كىلىپ چىققان سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغنى پەيدا قىلىش مىخانىزىمى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە تۇختلىپ ئۆتمەكچىمەن.
1.        گەجسىمان بەلغەم خېلىتى:بۇ تەبىئى بەلغەم خلىتنىڭ ئۆتكۈر ھارارەت تەسىرىدە سۇيۇق ۋە ئېقىشچان ھالىتنى يۇقۇتۇم قىيامى قۇيۇلۇپ گەجىسمان ھالەتكە كېرىپ قالغان ھالىتى بولۇپ، بۇ خىل نۇرمالسىز خېلىت ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر ،چۈكمگە چۈشۈش،ئۇيۇشۋېلىش ئارقىلىق تۇسالغۇ پەيدا قىلىش تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا ئاسان چۆكمىگە چۈشۈپ كۈچلۈك بولغان بىر قېسىم ماددىلار تەدىرجى يېغىلىش،توپلىشش نەتىجىسدەقان –تۇمۇرلار دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇپ تۇقۇلما ئىلاستكىلىقنى تۈۋەنلتىدۇھەمدە قېتىش پەيدا قىلدۇ.بۇخىل غەيرى تەبىئى خېلىت قان ئايلىنش ئارقىلىق ئۇرگانىزىمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئەزا تۇقۇلمىلارغا يېتىپ بېرىپ تۇقۇلما ۋە ھۈجەيىرە ئارلىق بۇشلۇقلىرىدا ساقلىنىپ بۇ ئۇرۇنلارنىڭ ماددا ئالمىششى تۇسقۇلۇققا ئۇچىراپ ئۇزۇقلۇق ماددىلارۋە ئوكسىگىنغا ئېرىششنى تەسىرىگە ئۇچىرتىپ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە باشقا فىزىئۇلۇگىيلىك خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزىدۇھەمدە سۆڭەك كۆمۈرچەكلەرنىڭ نۇرمالسىز ئۆسۈش،بۇغۇم ھەركىتى تۇسقۇنلىققا ئۇچىراش،بۇغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.        مۇزا تەملىك بەلغەم خلىتى:بۇ تەبئى بەلغەم خېلىتى تەركىبىگە غەيىرى تەبئى سەۋدا خېلىتنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان قىيامى قۇيۇق بولغان نۇرمالسىز خېلىتتۇز.بۇ خىل نۇرمالسىز بەلغەم خېلتى بەدەن ئۈستۈنلىكنى ئىگەلىگەندە تەبئى بەلغەم خېلىتنىڭ نۇرمال خىزمتى بۇزلىدۇ.قۇۋۋىتى مۇغەييىرەنىڭ ھۈجەيىرە-تۇقۇلمىلارنى تۈزەش فۇنكىسىيسگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.بۇ خىل نۇرمالسىز خېلىت بۇغۇم بوشلىقى ۋە سۆڭەك ئۆسۈش قىسمدىكى سۆڭەك يۇمشاق ماددىسىغا ئولتۇرۇشۇپ،سۆڭەك ئۈسۈش،ماددائالماشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قېلىدۇ.بۇغۇم يۈزىدىكى كۈمۈرچەك قەۋىتى ۋە تۇقۇلمىلارنىڭ قېلنلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نەتىجىدە سۆڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.
3.        سەۋدا خېلىتنڭ مىقتدار جەھەتتىن ئېشىپ كېتىشى:ھەرخىل ئىچكى –تاشقى ئامللار تەسىرىدىن(قۇرۇق سۇغۇق كەيپياتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تەسىر قىلىشى،ياشنىڭ چوڭىيشى، قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ مىقداردا ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش...قاتارلىقلار)بەدەندىكى سەۋدا خېلىتنىڭ بىرلىك مىقدارى ئارتىپ كەتكەندە ،ئەسىلى تەبئىيتى قۇرۇق سۇغۇق بولغان سۆڭەك ۋە بۇغۇملارغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلاردا ماددىلىق قۇرۇق سۇغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ سۈڭەك كۈمۈرچەكلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدۇ.بۇغۇم بوشلىقدىكى سۇيۇقلۇقنى ئازايتېۋىتدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۇغۇم يۈزى ۋە كۆمۈرچەكلەرنىڭ زەخمىلنىش پۇرسىتنى كۆپەيتۋتىدۇ.نەتىجىدە سۆڭەك كۈمۈرچەكلەر ئۆسۈپ ،سۈڭەكلىشش خاراكتىرلىك تىز بۇغۇم ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندە سەۋدا خېلىتنىڭ مىقدارنى زىيادە ئارتىپ كەتسە سۆڭەك بۇغۇملىرىدا سەۋدا خلىتنىڭ مىقدارى ئېشىپ بۇغۇم كۆمۈرچەكلەرنىڭ چۈرۈكلىشىپ تۈكۈلۈپ زەخمىلنىشكە سەۋەپچى بولىدۇ.بۇخىل ھالەت يەرلىك ئۇرۇندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ مەزكۇر كېسەللىنىڭ كېلىپ چىقىشغا سەۋەپچى بولىد.ۇ
شەكىل بوزۇلۇش خاراكتىرلىك سۆڭەك كىسەللىكلىرى،ھەرخىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكترلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلغان ئېغىرلاشقان ھالىتى ھىسابلىندۇ. بۇخىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالىدىنى ئېلىشتا پەيدا قىلغۇچى ئامللارنىڭ  پەيدا بولۇشى ۋە بەدەندىكى بەزى نۇرمالسىز بۇلغان خلتىلارنىڭ شەكىللىنشىنى تۇسۇش شۇنداقلا يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش،خىزمەت ئادەتلىرىدىكى ناچار ئەھۋاللارنى ياخشلاش بىلەن بىرگە ئۆزنىڭ كۈتۈنىشكە ئالاھىدە ئەھميەت بىرىش لازىم
دىمەك:سۈڭەكلشش خاراكترلىك بۇغۇم ياللۇغنى ئويغۇر تىبابەت ئىشلىرىدا تۇغىرا تۇنۇشنى ئىشقا ئارلاشتۇرۇپ باشقا ئوخشىشىپ كېتدىغان كىسەللىكلەردىن رۇشەن پەرقلەندۈرۈپ پەيدا بولۇش مىخانزىم ۋە سەۋەپلەرنى پۇختا تەھىلىل قىلىش ئارقىلىق كىسەللىكلەرنى تۇغىرا بولغان داۋالاش پىرىنسىپلىرى بۇيىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
پايىدلانمىلار:

1.‹‹ئۇ ت نەزىرىيە ئاساس بىلىملىرى››قەشقەر خەلىق نەشىرىياتى،1988-يىل ،ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجى
2.‹‹ئۇ ت كىسەللىنىش قانۇنىتى›› شىنجاڭ ئويغۇر تىبابەتچلىكى ئالىي تېخنىكۇمى،شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى،2006-يىل 1-نەشىر
3.‹‹ئۇ ت سۆڭەك كېسەللىكى ئېلىمى›› شىنجاڭ ئويغۇر تىبابەتچلىكى ئالىي تېخنىكۇمى،شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى،2006-يىل 1-نەشىر
4.‹‹ئو ت ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلىمى›› قەشقەر خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى. 1988-يىل
مىخانىزىمى تۇغىرىسىدا


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش