تال ياللۇغى خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى تۇغىرىسىدا
ئابدۇرىشىد ئابدۇقادىر
تال ياللۇغى ئاساسلىقى تال قان تۇمۇرلانىڭ تۇسۇلۇش،قانىنىڭ ئۇفەتلىنىش،تالغا زەربە تىگىش ۋە خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئى ئۆرگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىرخىل ياللۇغلىنىشلىق كىسەللىكلەردىن ئىبارەت. بۇ كىسەللىكنىڭ كىنىلكلىك ئىپادىسى بولسا تال ئىششىيدۇ،قاتتىقلىشش ئەھۋالى كۈرلىدۇ.ئاچچىق كىكىرىش،ئاشقازان ئېچىشش،ئاچچىقسۇ يېنىش ئالامەتلىرى كۈرۈلگەندىن باشقا يەنە ئۇسسۇزلۇق،سۈيدۈك قىزىغا مايىل قارمتۇل كېلىشى، تال ئۇدۇلى ئىسسىق بىلنىش ئالامەتلىرى بىلنىدۇ.
بەدەندە نۇرمالسىز خىلىتلارنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبدىن تالنىڭ تەبىئى خىزمىتدە بىنۇرمال ئەھۋاللرى كۈرلىدۇ.خىلتلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەڭپۇڭ بولماسلىقى سەۋەبدىن ئىچكى قىسمىدا نۇرمال بولغان ماددا ئالىمشش پائالىيتى تۇسقۇنلىققا ئۇچىريدۇ.تال ھۈجەيرە –تۇقۇلمىلىىرنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۈسۈش سەۋەبدىن يەرلىك ئۇرۇندا كىسەللىك ماددىنسنىڭ كىرىپ كىسەل پەيدا قىلىشقغا مۇھىت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. يەنى قاننىڭ جاراسىم ۋە قەشەپلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى ئارقىسىدا بەدەندە قىزىتمىلىق كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەمدەتالنىڭ تۇقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە زىچلىششنى پەيدا قىلىپ نۇرمال بولغان ماددا ئالمىشش پائالىيىتى تۇسقۇنلىققا ئۇچىرايدۇ.بۇ كىسەللىكنى ۋاقتىدا دۇختۇر كۆرسەتمىسى بۇيچە داۋالاش ئىلىپ بارمىغاندا كىسەللىك مەنبەسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ بەدەندە ئىممۇنىت كۈچنىڭ ئاجىزلىششنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بۇ كىسەللىكنى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبدىن بىرلا ۋاقىتتا دۇرا ئىشلىتىش ئارقىلىق رۇھىي جەھەتتىن بىماردا ساقىيىش ئىشەنچسىنى تۇرغۇزۇش لازىم.ھەمدە دورا بىلەن بىرلىكتە پەرۋىش ئۇسۇللىرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش لازىم.
تۈۋەندە مەن بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئۇسۇللىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
1. پەرۋىش خادىملىرى بىمار بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىمارنىڭ رۇھىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلىكنى تۈگىتىپ، كىسەللكتىن ساقىيىش ئىشەنچسىنى تۇرغۇزۇپ رۇھىي جىددىلىكنى تۈگىتپ دوختۇرۋە پەرۋىش خادىملارنىڭ داۋالاشىغا زىچ ماسلىشىپ بىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
2.بىمارنى ئازادە ،پاكىزە بولغان مۇھىيت بىلەن تەمىنلەپ، بىمارنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا ياردەم بىرىش لازىم.
3.ئۇزۇقلىنىش جەھەتتە بىمارنىڭ غەلىز،يەللىك ،غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش،ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق-سەلەڭ،سىڭىشلىك بولغان تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
4.پەرۋىش خادىملىرى بىمارنىڭ ھەرۋاقىت تىمىپراتۇرسىنى فىزىكىلىق تۈۋەنلىتىش ياكى ئاز مىقتداردا قىزىتما قايتۇرغۇچى دۇرىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
5.بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ نۇرمالسىزلىق كۈرۈگەن ھامان بىر تەرەپ قىلىش چارسنى تۈزۈپ چىقىپ بىمارنىڭ روھىي ھالتىنى ساقلاش لازىم،ھەمدە بىمارنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىلىرنى ۋاقتى –ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش لازىم.
6.بىمارنىڭ بەدەن ئىممىۇنىتنىڭ ئەسىلىگە كىلىش ئەھۋالنى تەڭشۈرۈپ مەسئۇل دوختۇرغا دوكلات قىلىپ تۇرۇش ئىممۇنىت كۈچنى يۇقىرى كۈتۈرىدىغان دورىلارنى ئاز مىقتداردا ئىستىمال قىلىدۇرۇش لازىم.
7. پەرۋىش خادىملىرى بىمارنىڭ شەخسىي تازلىقى ۋە ئەتىراپ مۇھىت تازلىقنىڭ ئالاھىدە ياخشى بۇلشىغا ئەھىميەت بىرىش لازىم .ۋاقتى-ۋاقتىدا بۇ كىسەللىك بىلەن ئاغىرىغان بىمارنىڭ بەدىنىنڭ تازلىقنىڭ ياخىشى ئېلىپ بېرلىشغا ياردەم بىرىش لازىم .بۇنداق بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىز بولغاچقا ،تازلىق ئەھۋالى ناچار بولسا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق يوقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن يوقۇملىنىش نىسپىتى يوقىرى بولىدۇ .
8.بىمارنىڭ يۇقۇملۇق كسەلىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئالدىنى ئېلىش لازىم .بۇنداق بىمارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاجىز بولىدۇ.ھەر ۋاقىت پەرۋىش خادىملىرنى ياتاقنىڭ تازلىققغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
9.پەرۋىش خادىملىرنى بىماربىلەن ھەر ۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇپ پىخىسك جەھەتتىكى داۋالاشنى ئۆزلىكسىز داۋاملاشتۇرۇپ رۇھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى ھەر ۋاقىت پەسەيتىپ تۇرۇش لازىم.
10بىمارنىڭ كۈندۈك ئۇزۇقلىنىش قېتىم سانى ۋە ھەر قېتىمدا ئۇزۇقلنىدىغان تاماق مىقتدارنى ئۇبدان ئۇرۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇش كىرەك،ئىمكان قەدەر بىمارنىڭ كۈندۈك ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك-ئىچمەك تۈرىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىش لازىم.
11.پەرۋىش خادىملىرى بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىنى، ئۇنىڭ بەدەن ھەم روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزنىڭ ئەڭ ئالىي مەسئۇليتى،بۇرچى ھەپ تۇنۇشى لازىم.
12.پەرۋىش خادىملىرى بىمارغا ھىسىداشلىق قىلىش ،ھەر ۋاقىت بىمارنىڭ پاتۇلۇگىيە ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزۈىتىپ خاتىرلەپ تۇرۇش لازىم.
13.پەرۋىش خادىمىلىرى بىمارنىڭ رۇھىي جەھەتتىكى داۋالاشنى بىرىگە ئېلىپ بىرىش بىلەن بىرگە دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بىرىش لازىم.دۇرنىڭ ئىسىتمال قىلىش ۋاقتىنى بىمارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش لازىم.
14.بىمارغا قارتا ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە تالنىڭ خىزمىتىنى ئەسىلگە كەلتۈرۈگۈچى دورىنى ئۆز زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش لازىم.ئاساسلىقى ئەرقى گۈل،كاسنە ئەرقى،مەجۇنى كۇركۇم ...قارتارلىق بىر قاتار دورىلارنى ئشىلتىش لازىم.
12.ئىچىكى قىسىمغا پىششىق دورىلارنى ئىشلەتكەندە يەنى سىرتىقى قىسىمدىن يەككە دورىلارنى زىماد تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا تېڭىپ بېرىلىدۇ.
بۇ خىل كىسەللىك ئاساسلقى خىلتنىڭ نۇرمالسىزلىشنى ،قانىنىڭ ئۇفۇنەتلىنشى سەۋەبىدىن تال تۇقۇلما ھۈجەيرىلىرىدەغەيرىلىك كۈرۈلۈپ نۇرمال ماددا ئامىلىشىشغا تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ.شۇڭا بۇ كىسەللكنى ۋاقىتدا داۋالىمغاندا تالنىڭ قېتششنى ۋە تال راكنىڭ كىلىپ چىقىشغا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا بۇنى داۋالاشتا دۇرائارقىلىق داۋالاشنى پەرۋىش ئوسۇلىنى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئەتىراپىلىق ئېلىپ بېرلىغاندا ،داۋالاش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ،بىمارنىڭ سالامەتلىكنى تىز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .شۇڭا پەرۋىش خادىملار بۇ كىسەللىك بىلان ئاغىرىغان بىمالارنى ۋاقتى –ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بەدەن ئۆزگىرىش ئەھۋالنى خاتىرلەپ تۇرۇش، بىمارنىڭ رۇھىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسنى تۇرغۇزۇشقا يادەم بىرىش، بەدەندىكى تۇسالغۇ پەيدا قىلىدىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرىز تۇتشىغا ئەھىمىيەت بىرىپ تۈرلۈك سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ۋاقتدا يىيشكە يىتەكچىلىك قىلىش لازىم .