1.تارىخى قسىمى
1- تىبابەت دىگەن نىمە ؟ئۇ قاچان پەيدا بولغان ؟
جاۋاپ :تىبابەت دىگىنىمىز –ئىنسانلار ۋە ھەيۋانلارنىڭ بەدەندە پەيدا بولغان ھەرخىل غەيرى نورمالنى ھادىسلەرۋە ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت .تىبابەتچلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان .
دىمەك .تىبابەت ئىسنانلارنىڭ ئۆز ئەقىل –پاراسەتلىرى ۋە ئەملى تەجىربىلىرى بىلەن پەيدا بۇلغان ۋە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققىي قىلغان نەرسە بەزى تارىخي ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە يەرشارىدا دەسلەپ مەدەنىيەت پەيدا بولغان جاي مىسىر بابىل مىسوپۇتامىيە جۇڭگۇ بۇلۇپ كىيىنكى زامانلاردا مىسىر بابىل،مىسپپوتامىيە پەلەستىن،ئىراق،سۇرىيە،تەرەپلەردە پەيدا بلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.لېكىن يېقىنقى يىللاردا مەملىكىتىمىز جوڭگۇنىڭ دۇڭ خۇاڭ،تۇرپان ۋە تەكىلماكان بەشبالىق (جىمىسار)تەرەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىك تەكشۇرۇشلەر شۇنىڭدەك سېۋىت ئىتتپاقى تاجىكستان جۇمھۇريىتىنڭ باشقا يات رايۇنىدا يەر ئاستىدىن تېپىلغان تارىخى ماتىرياللارغا قارىغاندا مەدىنيەت ۋەتىبابەتنىڭ دەسلەپكى قېتىم ۋەتىنىمىىزنىڭ جۇڭگۇنىڭ غەربى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغانلىغى مەلۇم بولغان كىيىن بولسا بابىل ،مىسىر، ھىندىستان ،يۇنان ۋە رۇما تەرەپلىرىدە راۋاجلانغان.
2- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى دىگەن نىمە؟ئۇقاچان پەيدا بولغان؟
جاۋاپ؛قەدىمى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسەرلەر داۋامىداىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە تۇرمۇش كۆچۇرۇش شارائىتى جىسمانىي سالامەتلىكىنى قوغداپ نەسلىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرخىل كىسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمەلىيى تەجىربىىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۇنىدۇر.
ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ يازما تارىخي شەكىلىدە مەيدانغا چىققىنىغا 2500يىلدىن ئارتۇق بولغان.
3- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھيىتى نىمە؟
جاۋاپ:ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھىيتى:ئىنسانلارنىڭ تەبئىي مىزاجىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەبئىي دورا ئۆسۇملۇكلەر ۋە شىپالىق تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن كىسەل داۋالاش ۋە كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىدىن ئىبارەت.
4- ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى قايسى؟
جاۋاپ:ئۇيغۇر تىبابىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەتەندا مىللەتلەرنىڭ ۋە خوشنا ئەللەر بىلەن بېرىش كىلش،ئۆز-ئارا تىبابەتچىلىك،پەن-مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ،ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر بۇلۇپمۇ خەنزۇ،مۇڭغۇل،زاڭزۇ قاتارلىق خەلىقلەرنىڭ تىبابەت ۋە دورىگەرلىك تەجىربىلىرىنى ئۆگەنگەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمىگە تەسىر كرسىتىپ ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجىرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقلىق ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك نەزىرىيسىنى بېيىتقان شۇنىڭدەك چەتئەللەرگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق قەدىمى يۇنان،پارىس،ھىندى تىبابەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.ھەمدە ئىلغار تەجىربىلەرنى قۇبۇل قىلىش ئۇنى ئۆزگەرتىپ مىللىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبابەت مەزمۇنىنى بېيىتقان.ئۇيغۇر تىبابىتى تەرەققي قىلىش جەريانىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئەگىرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۇپ نۇرغۇن ئىسىق-سۇغاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن.بەزى زامانلاردا تەرەققىي قىلىپ گۇللەنگەن بولسا بەزى زامانلاردا ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن خاراپ بۇلۇپ يوقۇلۇش گىرداۋىىغا بېرىپ قالغان لېكىن ئۇيغۇر تىبابىتى ئەسلىدە ماددىي بىلىملەرنى ۋە ئەمەلىي تەجىربىلەرنى ئاساس قىلغان ئىلمىي ھەقىقەت بولغاچقا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي خەلىق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ھىمايىسىگە ئىگە بۇلۇپ ھەمدە تەرەققىي قىلىپ بۆگۈنكىدەك سەۋىيگە يەتكەن .
5- ئويغۇر تىبابەتچلىكى نەزەرىۋى ئاساسلىرى ئىلىمى نىمنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ؟
جاۋاپ :ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيۋى ئاساسلىرى –ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخى ماھىيىتى ،ئىجتىمائى ئورنى ، تەرەققى قىلىش جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ باشقا تىبابەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنى شونىڭدەك ئويغۇر تىبابىتنىڭ تۈپ قائىدە –قانۇنيەتلىرنى ،كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپ ،ئالامەتلىرىنى ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،داۋالاش ئوسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن .
-1-
6.ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزەرىيۋى ئاساسلىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نىمە ؟
جاۋاپ :ئادەم بەدىنىنى بىلىش ۋە ئىنسانىنىڭ ياشايدىغان مۇھىت شارائىتنى بىلىشى ،ئىنسانلارنىڭ ساقلىق ۋە كىسەللىك ھالەتلىرنىڭ سەۋەبىنى بايقاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ،يۈز بەرگەن ھەرخىل كىسەللىكلەرنى تۈرلۈك دۇرا ۋە باشقا چارىلەر ئارقىلىق داۋالاپ ئىسانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنى تەتىقىق قىلىشتىن ئىبارەت .
7.ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيە ئاساسلىرى قانچە قىسىمغا بۆلنىدۇ ؟
جاۋاپ (1) تارىخى قىسىم (2)تىببى ئەخلاق قىسمى (3)ئۆمۈر تەبىئيە قىسمى (4)ساقلىقنى ساقلاش قىسمى (5)كىسەللىكلەر ئىلمى قىسمى (6)كىسەللىك سەۋەبلىرى ئىلمى (7)كىسەللىك بەلگە –ئالامەتلىرى ئىلمى (8)ئەمىلىي داۋالاش نەزەرىيە قىسمىدىن ئىبارەت 8 قىسىمغا بۆلنىدۇ .
8.ئويغۇر تىبابىتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەزەللىكى نىمە ؟
جاۋاپ :1)ئويغۇر تىبابىتى ئاساسەن ئىككى ئىشنى نەزەردە توتىدۇ ،(1)ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ،يەنى ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكنى ئاسىراش،ھەرخىل كىسەل ۋە خېيىم خەتەرلەردىن ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ،شونىڭدەك كۈندىلىك تورمۇشنىڭ ھەرقايسى جايىلىرىدا رىئايە قىلىدىغان زۈرۈر شەرتلەرنى ،كىشلەرگە تونۇشتۇرۇش ،تۇرمۇشنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا ساقلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغىرىسدا مەسلەھەت بېرىپ تۇرۇش ،ھەرخىل تىپتكى ئادەملەرنىڭ مىزاجى ،جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتلەرىگە قاراپ ۋە ئۆرۈپ –ئادەتلىرىنى نەزەردە توتۇپ ،ئۇ كىشنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىشلارغا رىئايە قىلىش لازىملىقنى ،قانداق كېسەللىكلەرگە يۇلۇقۇش ئېھتىمالى بارلىقنى مۆلچەرلەپ ،ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە –تەدىبرلىرنى چۈشەندۈرۈش ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش توغىرلۇق ئاگالاندۇرۇش بېرىش ،بۇ ئويغۇر تىۋىپلىرنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر .
(2)كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئادەم بەدىندە كىسەل پەيدا بولغاندا ،ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ياكى يوشۇرۇن دەۋرى ،ئىككىنچى باسقۇچى ،ئۈچۈنچى باسقۇچى (بۆھران )تۆتىنچى باسقۇچىدا يەنى ساقايغاندىن كىيىن رىئايە قىلىدىغان شەرتلەرنى چىڭ توتۇش .
2) ئويغۇر خەلىقنىڭ ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرنىڭ بىرى پاكىزلىق ،يەنى شەخسىي تازىلىق ،ئۆي –ئائىلە تازىلقى ،مۇھىت تازلىقىغا قاتتق رىئايە قىلىشتۇر .
3)ئويغۇر تىبابىتىدە ئادەم بەدىنىدە ‹‹تەبىئەت ››دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئالاھىدە كۈچ بارلىقنى تەكىتلىندۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بىرلىدۇ .
4)تىبابىتىمىزدە ئادەملەرنىڭ تەبئىي مىزاج مەسلىسى ۋە روھىي دۇنياسىغا ۋە نىرۋا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلدۇ .كىشلەرنىڭ مىزاجى ۋە بەدەنىنىڭ فىزىئولۇگىيلىك جەريانى تەبئىي ۋە كەسپى خوسۇسىيەتلىرى ،پىسخولوگىيسى ،ئۆرۈپ –ئادىتى ،جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى بىمارنىڭ مىزاج دائىرسىگە كىرگۈزۈپ تەھلىل قىلىندۇ .ساقلىق ۋە كىسەللىك ھالىتىنىڭ ئۇنىڭ مىزاجى بىلەن چوڭ موناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدۇ .
5)تىبابىتىمىزدە كىسەل داۋالاشتا ،كىسەل پەيدا قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئاساسى ئامىلنى (ماددىنى )تۇنۇش ۋە ئۇنى بەدەندىن ھەيدەپ چىقرىش ئارقىلىق كىسەلنى تۈپ يىلتىزدىن داۋالاش مەقسەت قىلىنىدۇ .
6)تىبابىتىمىزدە كىسەل تەكشۈرۈش ۋە دىئاگىنۇز قويۇشتا قاراپ تەكشۈرۈش ،سوراپ تەكشۈرۈش ،تۇمۇر توتۇپ تەكشۈرۈش ،چىقرىندىلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمىلىي ئۇسۇللارغا كۆپ ئەھىمىيەت بېرىلىدۇ .
7)تىبابىتىمىزدە كىسەللىكنى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ۋە داۋالىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بۇلغان ئورگانىڭ ئەشىيالار،ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن تەبئىي دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ .دورىلانى مۇرەككەپ قىلىشتا ئاساسىي جەھەتتىن فىزىكىلىق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ ،پەقەت ئايىرىم دورىلارنى كۈشتە قىلغاندا قىسمەن خىمىيۋى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى قوللىنلىدۇ .
8)تىبابتىمىزدە كۆپىنچە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر ،ئوكسىگىن ۋە كاربونغا باي بۇلغان گۈل –چىچەكلەر ۋە ھەرخىل مىۋىلەردىن سىقىپ چىقرىلىغان شىرنە شەربەتلەر ،ئەرەقلەر ،قايناتما (كاشكاپلار)كۆپ ئىشلىتلىدۇ .بۇ نەرسىلەردە بەدەنگە قۇۋۋەت بۇلىدىغان ھاياتنىلار(ۋىتارمنىلار )مول بۇلىدۇ .ھەم سويۇق دورىلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشى ئاسان دەپ تۇنىلىدۇ .
9)تىبابتىمىزدە دورىلارنى مۇرەككەپ قىلىپ ئىشلەپچىقرىشتا ،ھەسەلنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ قوللىندۇ .ھەسەلنىڭ
-2-
ھەسەل قۇشۇلغان دۇرىلارنى چىقىرىشتىن ۋە جاراسىملاردىن ساقىلىنىش خۇسۇسىيتىمۇ بار .شۇنىڭ ئۈچۈن ئويغۇر تىبابىتىدە ئىشلەنگەن مۇرەككەپ دورىلارنىڭ ئۈنۈم مۇددىتى بىر يىلىدىن بەش يىلىغىچە داۋام قىلالايىدۇ .ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئالىي سورتلۇق دە ھىساپلىغان دورىلارنىڭ تەركىبىگە ئىپار ،ئەنبەر ،زەپەر ،مەرۋايىت ،ئالتۇن ،كۈمۈش ۋەرەق قاتارلىق قىممەت باھالىق دورا ئەشيالارىمۇ قوشىلىدۇ ،بۇ نەرسىلەرنىڭ مىڭە-يۈرەك قاتارلىق مۇھىم رەئىس ئەزالارنىڭ ھۈجەيىرىلىرىگچە ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى ۋە ئوكسىگىننى ئىنتايىن تىز يەتكۈزۈپ بىرىش ئالاھىدىلىكى بار.
10)تىبابىتىمىز كىشلەرنىڭ تامەق ئىستىمال قىلىش ۋە ھەرخىل ئۇزۇقلۇقلىنىشنىڭ تەرتىپ قائىدىلىرىگە ناھايىتى ئىنچىكە قارايدۇ .
11)تىبابىتمىز سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجىرىبە ۋە ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر كۆپىنچە سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ .
12)تىبابىتمىز ھەرمىللەت خەلىقنىڭ مىللىي ۋە جىسمانىي خوسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئۇلار ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ھاۋا كىلماتى ۋە تەبىئي شارائىتى بىلەن ئوبدان ھىسابلىشىدۇ .
13)تىبابتىمىزنىڭ خەلىق ئاممىسى ئىچىدىكى يەرلىك تەجىربىلەرنى يىغىش شارائىتى ياخشى
14)تىبابىتمىزدە ئىشلىتلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورا ئەشيالار ئۆز تۇپرىقمىزدىن چىقىدۇ .
9.ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن زامانداش بولغان ھەم تەسىر كۆرسەتكەن دونيادىكى تىبابەتلەر قايسى ؟
جاۋاپ :ئويغۇر تىبابىتى بىلەن زامانداش بۇلغان ھەم تەسىر كۆرسىتىدىغان دۇنيادىكى تىبابەتلەر يۇنان تىبابىتى ،ئىسلام تىبابىتى ،ھىندى تىبابىتى ،جۇڭيى تىبابىتى ،مىسىر تىبابىتى ،بابىل تىبابىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
10.مەملىكتىمىز تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى تىبابەتلەر قايسى ؟
جاۋاپ :مەملىكىتىمىز تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى تىبابەتلەر ئۇيغۇر تىبابىتى ،جۇڭيى تىبابىتى ،مۇڭغۇل تىبابىتى،زاڭزۇ تىبابىتى ،دەيزۇ تىبابىتى قاتارلىقلار .
11. 10-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ياشىغان ئۇيغۇر تىۋىپلىرى ۋە تىبابەت ئالىملىرى قايىسى ؟
جاۋاپ :بۇلار

1)ئەبۇناسىر فارابى (2)ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (3)مەھمۇد قەشقىرى (4)يۈسۈپ خاس ھاجىپ (5)ئەللامەئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى (6)جامال قەرشى (7)ئىمادودىن قەشقىرى (8)مۇللا ئەھمەت تەبەتى (9)نۇرۇز ئاخۇن يەكەندى .
12. 15-ئەسىرىدىن 20-ئەسىرگىچە بۇلغان ئارلىقتا ياشىغان تىبابەت ئالىملىرى قايىسى ؟
جاۋاپ :بەدىردىن سۇپى ئاخۇنۇم ،ئوسمان بەگ قەشقىرى ،مۇرات بەگ قەشقىرى ،تەجەللى ،ئابلىز ئاخۇن خوتەنى ،مەتنىياز ئاخۇن خوتەنى ،ئەھمەت ھاجى قاراقاش ،ئەھمەت ھاجى بورزان ،ھېكىم شاھ ئاخۇن خوتەنى قاتارلىقلار .
13.دۇنيا تىبابەت ئىشلىرغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاتاغلىق ئالىملار ۋە ھۆكىمالار قايىسىلار ؟
جاۋاپ:بەقىرات(ھېپپوكرات )،جالىنوس،سوقىرات،ئەپلاتۇن،ئارىستۇتىل قاتارلىقلار .
14.ئىسلام تىبابىتى ۋە ئويغۇر تىبابىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن شەرق تىببىي ئالىملىرى قايسىلار ؟
جاۋاپ:زىكىرىيارازى ،داۋۇت ئەنتاكى ،ئىبنى رۇشىدى ،جامالىدىن ئاق ساراي ،ئابۇئابدۇللا خارازىمى ،ئەللامە نەجمىدىن سەمەرقەندى ،مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ،مۇھەممەت ئەزەمخان ،مۇھەممەت ئەجمەلخان ،غۇلام گىلانىخاندىن ئىبارەت .
15.ئويغۇر تىبابىتنىڭ تارىخى خىزمەتلىرى نىمدىن ئىبارەت؟
جاۋاپ؛شىنجاڭغا غەرپ تىبابىتى (شىيى )كىرگىلى 70-80يىل بولدى .ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەچچە مىڭ يىل جەريان ئىچىدە شىنجاڭ خەلىقنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ۋە تەن –سالامەتلىكىگە ئويغۇر تىبابەتچىلكى كىپىللىك قىپ كەلگەنلىكىگە تارىخ گۇۋاھ.ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دۇرا ماتىرىياللىرنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭنىڭ تۇپىرىقىدىن چىقدىغان بولۇپ ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ ،ئويغۇر تېۋىپلىرى شىنجاڭنىڭ تاغ،يايلاق ،چۆل-باياۋانلىرىنى كېزىش ئارقىلىق تاپقان نەرسىلەردۇر .ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان دورىلىق ئەشياللار 3000خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ،ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كىلىنگىنى 600خىلغا يېتىپ بارىدۇ .دىمەك شىنجاڭنىڭ دۇرا بايلىقى مول بۇلۇپ بىزگىچە يىتىپ كەلگىنى ناھايىتى ئاز.ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدىن چىقدىغان دورا ئەشيالاردىن سىرت يەنە غەرپ بىلەن شەرىقتىن نۇرغۇن دورا نوسخىلىرنى يىغىپ كېلىپ ،ئۆز تىبابەتچىلىكىگە قوشقان ھەمدە ئىچىكىرى ئۆلكىلىردىن ھەم شىنجاڭدىن بىر قىسىم دورىلارنى چەتئەللىكلەر ھازىرغا قەدەر جۇڭگۇنىڭ دەپ
-3-
تونۇيىدۇ.مەسىلەن؛دارچىن،كابابەچىنى،چۆبىچىن،مامىرانچىنى،مىشكى خوتەنى . سەفىداپ كەشغەرى ...دېگەندەك بىر قاتار دورىلارنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تۇنۇپ،ئىشلىتىپ ئاندىن ھىندىستان ،ئەرەبىستان،ئىران ،ئىراق قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ،ئۇلارغا تۇنۇشتۇرغان ئويغۇرلارنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كەلگەن دورىلىرىنى شولارنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ.مەسىلەن؛سۇنبۇل ھىندى،لاچىندانە ھىندى،سۆرىنجان مىسىرى،سۆلەپ مىسىرى،مەستكى رومى،مورمەككى،ھەلىيلە كابلى...قاتارلىق دورىلار.ئويغۇرلار جاھانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن كەڭ ئالاقىلىشىپ بىر قىسىم پايدىلىق دورا ئەشىيالارنى ئۇلاردىن تېپىپ،ئۆز تىبابىتنى كەڭەيتىپلا ئالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم دورىلىرىنى جۇڭيى تىبابەت خادىملارىغا ئۆگەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋان ئەزالىردىن ئېلىنغان دورىلار 50نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.مەسىلەن؛بوغامۆڭگىزى،قوشقاچ مېڭىسى،بۆرە جىگىرى،تۇخۇ تاشلىقى،كالاچۇيىسى...قاتارلىقلار،
مەدەن دورىلاردىن 50دىن ئارتۇق دۇرا بولۇپ،قاش تېشى،سىڭىرتاش،كۆكتاش،سۈرمە،گۈڭگۈرۈت،زەرنەخ،
ئالتۇن-كۈمۈش،ياقۇت...قاتارلىقلار .
شىنجاڭ خەلىقنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىدىن قارىغاندا ئويغۇر تىبابەتچلىكى ئويغۇر خەلىقىنىڭ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلرىدا جۈمىلدىن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر تارقالغان مەزگىللەردىمۇ خېلى چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن.مەسىلەن؛1908-يىلى خوتەندە ۋابا تارقىلىپ.6يىل داۋام قىلغان ۋاقتتىمۇ پەقەت ئويغۇر تېۋىپلىرى شۇ كىسەلنى داۋالاپ ئالدىنى ئېلىپ كەلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئويغۇر تىۋىپلىرىمىز تەبئەت ماددىلىرى بىلەن كىسەك داۋالاشنىڭ ئوسۇل چارىلىرىنى تېپىپ چىققان.يەنى ئاپتاپقا سېلىش،قۇمغا كۈمۈش،ھەرخىل ئارشاڭ-بولاق،تۇزكۆل،ھاممام ھەرخىل سۇلاربىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلىنىغان .
16.ئۇيغۇر تىبابىتىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟
جاۋاپ؛1.ھازىرقى باسقۇچىتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئويغۇرتىبابىتىنىڭ ئىتايىن باي،مول غەزىنىسىنى ئۆز پېتىچە قېزىپ چىقشىمىز لازىم .
2.شىجاڭنىڭ پايانسىز كەڭ زىمىنى دۇرا ئۆسۈملۈكلەر،ھايۋانى ،مەدەنى دورىلارغا ئىنتايىن باي،بىزنىڭ ھازىرئىشلىتىۋاتقىنىمىزبۇنىڭ ناھايىتى ئاز قېسمى.شۇڭا ئايىغىمىزدا دەسسەپ چەيلىنىۋاتقان شىپالىق دورىلار تېپىپ چىقىشىمىز لازىم .
3.تىبابىتىمىزنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى دوراياسالمىلىرىنىڭ تۇرلىرى ئۇستىدە پەيدىن - پەي تەكشۇرۇش ،تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .
4.تىبابىتىمىزنىڭ تۇمۇر تۇتۇش ،قاراپ تەكشۇرۇش ،تۇتۇپ تەكشۇرۇش ،سوراپ تەكشۇرۇش ،تىڭشاپ تەكشۇرۇش قاتارلىق بىر يۇرۇش دىياگۇنۇز قۇيۇش ئۇسۇللىرىنى قېتىقىنىپ ئۆگىنىشمىز ھەرىىل ساخىتلىق ،يالغانچىلىقلاردىن خالىي بولىشمىزلازىم.دىئاگىنۇز قويۇش داۋالاشتا ئىشلىتدىغان زامانىۋى ئەسۋاپ ئۈسكىنىلەرنى لابۇراتۇرىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرنى تىبابەت ئىشلىرىمىزغا خىزمەت قىلدۇرشىمىز كېرەك.بۇنداق قىلغانلىق ھەرگىزمۇ تىبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى تاشلاپ قويۇپ غەرىبلىشىپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.ھازىرقى زامان ئۈسكۈنلىرىنى تىبابىتمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىق بولىدۇ.
5.بەزىلەر ئويغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكنلا داۋالىغىلى بولىدۇ.جىددى كىسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش ئۆنىمى يوق دەپ قارايدۇ.ئاڭلاشقا بۇ توغىرىدەك قىلسىمۇ ئەمەليەتتە ئۇنداق ئەمەس،قەدىمىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمىز مىكرۇپلۇق،باكترىيەلىك كېسەللىكلەرنى ئۇفۇنەتلىك كىسەللىكلەرنى دەپ داۋالاپ كەلگەن.ئۇفۇنەتلىك كىسەللىكلەرنى ۋە مۇھىتنى دىزىنىفىكسيە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن سىماپ،گۈڭگۈرت،سىماپ يېغى،دارچېكنا،شاراپ،روھىي شاراپ،سىركە،ئاش تۇزى،
نامكاپ،توتىيا،زەنكار،سۈرمە،ھىڭ،سەبىرى،شوراقەلىمى،بۆرە ئەرمىنى،سەندەل ياغىچى،سەندەل يېغى......
قاتارلىق دورىلارنى ئويغۇرلارقەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كەلگەن.بىز رايۇنىمىزدىن چىقدىغان دورىلارنى ئەستايىل
تەتقىق قىلىدىغان بولساق،يەنىمۇ كۈچلۈك،يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئانتىبئوتىك تەسىرلىك دورىلارنى كەشىپ قىلىشمىزداشەك يوق.
17.ئازاتلىقتىن كىيىن جوڭگوكوممۇنىستىك پارتىيىسنىڭ رەھبەرلىكىدەشىنجاڭدا ئويغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق بولغان؟
جاۋاپ؛1.دۆلەت مالىيەسىدىن زور مىقتداردا مەبلەغ ئاجىرتىپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئويغۇر تىبابەت مۇئەسسەلىرىنى
-4-
قوردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.
2.ئۇيغۇر تىبابىتى مائارىپنى راۋاجلاندۇردى.
3.ھەردەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىي جەمئىيەتلىرى قورۇلدى.
4.ئۇيغۇر تىبابەت نەشىرىيات ئىشلىرىدا زور نەتىجە قولغا كەلتۈرلىدى.
5.ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى يېزىپ چىقلىدى.
6.ئۇيغۇر تىبابىتنىڭ داۋالاش،دورىگەرلىك ئىشلىرىدازور ئىلگىرىلەش بولدى.
18.شەرق تىبابىتى نىمە ئۈچۈن غەرىب تىبابىتىنىڭ ئارقسىدا قېلىپ قالدى ؟
جاۋاپ؛1.مەزكورتىبابەتتە قەدىمدىن بار بولغان ئىجادچانلىق،ئالغا ئىلگىرىلەش روھى سۇسلىشىپ قالدى.
ھۆكىمالىرىمىز قەدىمىقىدەك ئىجادجانلىق،يېڭىلىق يارتىش،ئەقىل-پاراسىتنى ئىشلىتىپ راۋاجلاندۇرماي قانداقتۇر ھورۇنلۇق،ئەقىدىچلىك پاتىقىقغا پېتىپ قالدى.
2.شەرىق تىبابىتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ۋە ئۆزۋاقتىدا چەكسىز تەرەققىي قىلغان خىرورگىيەنى تاشلىۋېتىپ ئۇنى بىرقسىم نادانلارنىڭ (تېڭىقچلىق،قان ئېلىش،چىش تارتىش،داغلاش)كەسپى قېلۋىلىشقا تاشلاپ قويدى.
3.شەرىق تىبابىتى كىينىكى زامانلاردا يالغۇزدورادەرمەك بىلەن داۋالاش،مىجەزتەڭشەشكىلا تايىنىپ قېلىپ باشقا ئۇسۇللارنى تاشىلىۋەتتى.
4.ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەرىق تىبابىتنىڭ بورونقى بىلىم يۇرتلىرى تەتقىقات مۇئەسسەلىرى يېيىلىپ كەتتى..تىبابەتنى ئۆگىنىش تار دائىرلىك ئاتىدىن بالىغا،ئۇستازىدىن شاگىرتىغا قېلىپ قالدى.
5.شەرىق تىبابىتى جارى بولىۋاتقان ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئەنئەنىۋى تىبابەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەس ئەكسىچە ئۇلارنى بوغۇش،چەكلەشتىن ئىبارەت.خاتا يولغا كىرىپ قالىدى.
6.شەرىق تىبابىتىنىڭ ئۇسۇل تېخنىكىلىرى زامان تەلەپگە مۇۋاپىق تەرەققىي قىلالمىدى.دورىلارنى پىشىقلاپ ئىشلەش،ئىخچاملاشتۇرۇش جەھەتلەردە غەرىب تىبابتىدىن بەك ئارقىدا قالدى.
7.ياۋرۇپا مۇستەملىكچىلىرى شەرىق ئەللىرىنى مۇستەملىككەقىلغاندىن كىيىن شەرىق مىللەتلرىنىڭ مىللي مەدەنىيىتى ئىقتسادىنى بولاپ تالىدى،تىبابەتلەرىنى بوغىدى،غەرىب تىبابىتنىڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،يەرلىك ئەنئەنىۋى تىبابەتنى خورلىدى.
19.ئىسلام تىبابىتى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ؛مۇسۇلمان ئەرەپلەر7-،8-ئەسىردىن 11-،12-ئەسىرىگىچە دونيانىڭ سىياسىي،ئىجيىمائىي،ئىلىم-پەنۋە مەدەنىيەت سەھنىسىدەكەڭ دائىرىدەرول ئويناپ ئۆتكەن.ئەرەپلەر ئوتتۇراشەرقتىن ئۆتۈپ ياۋرۇپادارومارىمنى،كىچىك ئاسىيا،ئىستامبول،ئىسپانىيە،مىسىر،ئىران،ئىراق،خوراسان ۋە ئوتتۇرائاسىيالارنى ئەرەپ ئىسلام ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغاچقابۇ جايلارئىسلام مەمىلكەتلىرى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى تارقالغان جايلار دەپ ئاتىلدۇ ۋە ئىسلامىيەتتىن كىيىن بارلىققاكېلىپ،راۋاجلانغان ئەرەپ تىبابىتى قەدىمقى يۇنان،روما،ھىندى،ئىران،مىسىرتىبابەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ يىڭى بىر تىبابەت بۇلۇپ مەيدانغا كەلگەن.بۇ تىبابەتنى ئىشلەپ چىققان ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىندىكى ئالىملار بولغاچقا بۇ تىبابەت ئىسلام تىبابىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
20-سۇئال:ئابۇ ناسىر فارابى كىم؟قاچان قەيەردە توغۇلغان؟قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن؟قاچان قەيەردە ۋاپات بولغان؟
جاۋاپ:10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا،ئىران،ئىراق،سۈرىيە ۋە مىسىرلاردا شۆھرەت قازانغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر پەيلاسوپى،ئەبۇناسىر فارابى ئۆز ۋاقتىدا قارخانىيلار ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق فاراپ ۋىلايىتىنىڭ ۋىسىچ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇياش ۋاقتىدا قەشقەر بالاساغۇن مەدىرسىدە ئوقۇغان،ئۇ قەشقەردىن يۆتكۇلۇپ خۇراسانغا بېىپ ئەرەپ،پارىس تىلنى ئۆگەنگەن.يۇنان ئالىملىرىدىن ئارىستوتىل،ئەپلاتون،ئەپقۇر قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىسلام دىنى پەلسەپىسى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ،ئىسلام دۇنياسىدا يىڭى بىر پەلسەپەۋى ئېقىم ئېچىشقا ئۆمۇرىنى بېغىشلىغان ئىدى.ئۇزۇن ئۆمرىدە دونيا پەرەسلىك قىلمىغان ئۆيلۇك-ئوچاقلىق بولمىغان،ئىنتايىن پېقىرلىق،كەمبەغەللىك بىلەن تۇرمۇش كەچۇرگەن.ئۇ يەنە جاھانغا يىڭى پەلسەپە تارقىتىش ۋە مۇزىكا سەنئىتىدە ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە.بىر نەچچە تۇرلۇك چالغۇ ئەسۋاپلارنى ئىجاد قىلغان.زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەنلىرى قالۇندۇر. كېيىن دەمەشىق شەھرىنىڭ چوڭ بىر باغچىسىدا باغۋەن بولغان ئىدى.پەيلاسوپنىڭ ئىلمى ۋە پەزىلىتى دەمەشىق ھۆكۇمىرانى ئەمىرسەيغۇت دەۋلىگە ئاڭلانغاندىن كېيىن پەيلاسۇپنى چاقىرتىپ سۆھپەتلىشىپ ئۇنىڭ يۇكسەك
-5-
ئىقتىدارىنى ئىتىراپ قىلىدۇ،ھەم ئۆز يېنىغا تارتىدۇ.كېيىن فارابى بۇخارا ئەمىرى نوس بىننى ساماننىڭ تەكلىپى بىلەن بۇخاراغا كىلىپ دەسلەپكى ئىسلام ۋە تۇرلۇك پەلسەپە ئىنىسكوپىدىيىسىدىن ئىبارەت بولغان «ئىككىنچى تەلىمات»دىگەن كىتابنى يېزىپ پۇتۇن ئەرەپ ئىسلام دۇنياسىغا داڭ چىقارغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ىككىنچى ئۇستاز دىگەن نام بەردى.كېيىن سەيفىت دەۋلىنىڭ چاقىرتشىبىلەن سۇرىيەگە بېرىپ ھەلەپ شەھرىگە ئورۇنلاشقان.فارابى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەلەپ شەھرىنىڭ باغچىلىرىدا يېزىپ چىققان.971-يىلى 80 يېشىدا ۋاپات بولغان.
21-سۇئال:ئەبۇ ئەلي ئىبنى سىنا كىم؟قاچان قەيەردە تۇغۇلغان؟قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن قاچان ۋاپات بولغان؟
جاۋاپ: ئەبۇ ئەلي ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى سىنا مىلادى 980-يىلى بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ ئەفشانە ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن.دادىسى ئابدۇللا ئەفشانە ناھيىسىنىڭ ھاكىمى ئىدى.ئىبنى سىنا ياش ۋاقتىدىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەن،پەلسەپە ۋە تىبابەت ئۆگىنىشكە ئىنتايىن قىزغىن بۇلۇپ ئادەتتىكى ئەرەپچە،پارىسچە تىل ئەدەبىياتنى ۋە تىبابەتكە ئائىت نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگەنگن.16 ياش ۋاقتىدا ئۆگىنىشتىن سىرت يېزىشقا كىرىشكەن.بۇخارا ئەمىرى نۇھ بىننى مەنسۇرنىڭ ھاكىمىيتىدە ۋەزىرلىك خىزمىتىنى ئىشلگەن.دۆلەتنىڭ چوڭ كۈتۇپخانىسنى باشقۇرغان.ئەسىرلەر بويى توپلانغان ماتىرىياللارنى كۆپ ئوقۇغان بۇلۇپمۇ فارابىنىڭ ‹‹ئىكىكنىچى تەلىمات››دېگەن كىتابنى ئوقۇپ پەۋقۇلاددەمەلۇماتقا ئىگەبولغان.ئۇنىڭ ئەتىراپىغا دونيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئىلىم مەرىپەت ئىزدەپ كەلگەن .ئالىملارنىڭ ۋە تالىپلارنىڭ كۈندىن-كۈنىگە كۆپىيىشى ۋا شاھزادەچوڭ ئەمىرلەرنىڭ كىسلنى كۆرۈپ داۋالاپ ساقايغانلىقى ئۈچۈن ناھايتى چوڭ شۆھرەت قازانغان.لېكىن ئۇنىڭ بۇ ياخشى شارائىتى ئۇزۇنغا داۋام قىلالمىغان ،مەنسۇر ھاكىم ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئونىڭ ئوغلى تەخىتكە چىققان ھەم دۆلەتنى ياخشى باشقۇرالمىغان .باشقا دۆلەت تەرپىدىن بېسىۋالىنغان شۇبىڭ بىلەن ئىبىنسىنامۇ بوخارادىن چېكىنىپ چىقشغا مەجبور بولغان ھەم پادىشاھ ئىبنىسىنانى بەدمەھزەپدەپ قاراپ توتۇشقابۇيرۇق چۈشۈرگەن ئاخىرى ھەمدان شەھەرىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان .تۈرمىدە ئۆزنىڭ ‹‹ئەششفا›› ‹‹كىتابول ھەيۋان››كىتابول ھىكىمەت››دېگەن ئەسەرلەنى يېزىپ چىققان ،كىيىن تاجۇ دەۋلە دېگەن پادىشاھنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇرمىدىن چىققان.ئۇزۇن مۇددەت روھىي ۋە جىسمانىي ئازاپ سەۋەبىدىن كېسەللىك ھالىتىدە ئسفاھانغا ئورۇرانلاشقان.1037-يىلى 57يېشىدا قولۇنجى كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .
22.بەقىرات(ھىپپۇكىرات)كىم ؟قاچان قايەردە تۇغۇلغان؟قانداق خىزمەت قىلغان؟قاچان ۋاپات بولغان؟
جاۋاپ:بەقىرات مىلادىدىن بۇرۇن يۇناستاندا يېتىشىپ چىققان يۇقىرى ئىقتدارلىق پەيلاسوپ ھېكىم بولۇپ،تۇنجى قېتىم تىبابەت نەزەرىيۋى ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ئادەمدۇر.تىبابەتچىلىك خىلى بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ لېكىن كىشلەر ئۇنى ئاشكارلىمىغان بەقىرات بۇ ئىلىمنى ئاشكارلىدى.ئۇنى باشقىلارغا ئۈگەتتى.يۇنانىستاننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى ھېرودوتىنڭ تەبىئەت دونياسىغا بولغان كۆز قارشى ۋە فىزىكاشۇناسلاردىن دىموكرتىس قاتارلىقلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى توغىرىلىق يازغان ماتىرىياللاردىن پايدىلنىپ،4ماددا نەزىريىسنى ئوتتۇرغا قويغان.ئۇ 95ياش ئۆمۈر كۆرگەن بۇلۇپ،25يېشىغىچە يۇناننىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن سوقىرات،دىموكرىتىس دېگەنلەردىن پەلسەپە ،تەبىئەت ئىلىمى ئۆگەنگەن.25يېشىدىن كىيىن تەتقىق قىلىشقا،يېزىشقا كىرىشكەن.ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى1)ھامىلە ھەقىقىدە 2)ئىنسان تەبىئىتى ھەقىقدە 3)پەسىل ھەقىقدە 4)ئاياللار كىسەللىكى ھەقىقدە 5)تارقىلىشچان كىسەللىك ھەقىقدە 6)خىلىتلارھەقىقىدە 7)ئۇزۇقلۇقلار ھەقىقىدە 8)يەككە دورىلار...قاتارلىق ئەسەرلەرىنى يازغان 95يېشىدا پالەچ كىسەللكى بىلەن ئاغىرىپ ئافىنا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
23.ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى كىم ؟قىسقىچە تەرجىمالنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ:ئەللەمەئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى 12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شۇ ۋاقتتىكى مەركىزى شەھىرى يوتقان كەنىتى (ھازىرىقى بورزان-ئەسكەنتى )دا خوجا مۇھەممەت ئىسلىملىك بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.بۇ ۋاقىتتا خوتەن ۋىلايىتى ئىسلام دىننى يىڭىراق قوبۇل قىلىپ قەشقەردىكى قارخانىيلار ھاكىمىيىتىگە قارايتتى.ما شۇ چاغىدا ئالاھىدىن خوتەنگە ئوخساش ئىلىم تەلەپكارلىرى قەشقەر ساچىيە مەدىرىسدە ئۇقۇپ ،دىنىي ئىلىم –بىلىم تەھسىل قىلىپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەدىرىسلەرنى ئېچىپ،نۇرغۇن موللا ۋە تالىپلارنى يىتۈشتۈرۈپ چىققان ۋە ئىبنسىنانىڭ ئەل قانۇن ئەسىرىنى تولۇق ئۈگىنىپ،تىۋىلىقنمۇ جارى قىلدۇرغان.بۇ كىشى ئۆز ئەۋلاتلىرىغا تىبابەتنى ئۈگەتكەن.ھازىر خوتەندە بىز ئەللامۇ ئالائىدىنىنڭ ئەۋلادى دەپ تىۋىپلىق قىلىدىغان بىر نەچچە پىشقەدەم تىۋىپلار بار.ئەللامە ئالائىدىن شۇ مەزگىلىدە ئىسلام دىنىي ئەھكاملىرىغا مۇۋاپىق‹‹ئەلفىقھۇتىبىييە››(تىببي قانۇن)دىگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.بۇ كىتاپتا تىببي خادىملارنىڭ قەستەن ياكى
-6-
سەۋەن سادىر قىلغان خاتالىقلارىنى شەرىئەت ھۆكىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغىرىسىدا بىرنەچچە ماددىلىق قانۇن يازغان.بۇ كىتاپقا يەنە يالغان تىۋىپلارۋە باشقىلارنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن جىسمانىي ۋە روھىي جىنايەتلىرى ئۈچۈن بېرلىدىغان جازانى بېكىتىكەن.ئەپسۇسكى ئەللەمەنىڭ تارىخى ئەللامە مازار تەزكىرىسى ۋە ئۇنىڭ يازغان ئەسىرى‹‹زوبدەتۇل قاۋانىڭ ئىلاج››مەدىنيەت ئىنقلابى دەۋرىدە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم ئۈيدىن ئىلىپ چىقىپ كېتلىگەن كىتابلارقاتارىدا كۆيدۈرىۋېتىلگەن.
24.مەۋلانە ھۆسەيىنخان تەجەللى كىم؟ قىسقچە تەرجىمالىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ:مەشھۇر ئۇيغۇر ئاتاقلىق تىۋىپ ھۈسەنجان تەجەللى 1848-يىلى قاغىلىق ناھيسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا تۇغۇلغان.بۇ كىشىنىڭ قەشقەر،يەكەن،خوتەن ۋىلايەت خەلىقلىرى ئارىسىدا شائىرلىق ۋە تىۋىپلىق نامى ھازىرغا قەدەر تىللاردا داستان بۇلۇپ سۇزلىنىدۇ.شائىر كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەرەمگە بارغان.ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھرىگە كەلگەن ۋە دېھلى «دارىل ئۇلۇم»مەدىرىسىدە ئوقۇغان كېيىن ئىراننىڭ ئىسفاھان دارىل فۇنىدا ئوقۇغان.ئافغىنىستاننىڭ كابۇل دارىل فۇنىدا ئۇقۇغان شائىرنىڭ ئەقلى ئىلمى،ئەدەبى كامالىتى يۈكسەك بولغانلىقتىن ئۇ دەۋىردىكى ئالىم ئەدىپلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى» (چاقناپ تۇرىدىغان نۇر)دىگەن تەخەللۇسنى بەرگەن.شائىر چەتەلدىن قايتىپ كېلىپ يەكەن شەھرىدە تۇرغان يەكەندە بولسا «يېشىل مەدىرىسە»دە مۇئەللملىك قىلغان نۇرغۇن شاگىرت ۋە تالىپلارنى يىتىشتۇرگەن.شائىرنىڭ شۆھرىتى چىققانسىرى بېھتانلارنى چاپلاپ شائىرنى «بەد مەزھەپ ،شىئە»دەپ پىتنى ئېغىۋا تارقىتىپ كۆڭلىنى رەنجىتكەنلىكتىن كۆكيار دىگەن تاغ ئارىسىغا بېرىۋالغان.بۇكىشى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە يېتىشكەن ھۆكۇما بۇلۇپ نۇرغۇن مۇرەككەپ كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش بىلەن قەشقەر،يەكەن،خوتەن تەرەپلەردە نامى چىققان نۇرغۇن شاگىرت يىتىشتۇرگەن.
شائىرنىڭ يازغان مەشھۇر ئەدەبى ئەسەرلىرىدىن«بەرقى تەجەللى»«دىۋانە ئەرەپ» ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان شېئىرلار توپلىمى«تۆھفەتىل بەررەيىن» ناملىق ئەسىرى ۋە بىرقانچە شېئرلار توپلىمى بار.تىبابەت ساھەسىدە يازغان «تەجەللى نۇسخىلىرى»ھازىر جەنۇبى شىنجاڭدا تىۋىپلار قەدىرلەپ پايدىلىنىدىغان ئۆنۇملۇك نۇسخىلاردۇر.
ئۇ قاغىلىقتا ياشىغان گۇما،خوتەن،كېرىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ تىبابەتچىلىك قىلغان.16ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەجىگە بېرىش مەزگىلىدە چەتئەلدە 5-6يىل ئۆپ چۆرىسىدە ئوقۇغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ 70 نەچچە يىللىق ئۆمۇرىنى قاغىلىقتا ئتكۇزگەن.ئانىسى ئۇيغۇر دادىسى شاھ ھەزرەت ئەسلى ئافغىنىستان تەرەپتىن يەركەنگە كېلىپ ئۇيغۇردىن ئۆيلەنگەن.تەجەللى شۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر يۇرتىداا تۇغۇلغان ئۇيغۇر مۇھىتىدا ۆسۇپ تىلى،ئۆرپە ئادىتى ئۇيغۇرلىشىپ كەكەنلەربىڭ ئەۋلادىدىن بولغاچقا ئۇيغۇر دىيىش مىللەتلەرنىڭ ئتنوگىرافىيەلەك نەزىريسىگە تامامەن ئۇيغۇن.دىمەك ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلىم-پەن مۇنبىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشقا لايىق ئۇلۇغ پەيلاسوپ،ئالىم،ئەدىپ ھەم خەلىق پەرۋەر ئۇيغۇر تىۋىپىدۇر.
25-جالىنۇس كىم؟قىسقىچە تەرجىمالىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ:قەدىمىقى روما تىببىي ئالىمى جالىنوسنىڭ نامى دونيادىكى ھەر قايسى مىللەت تىبابىتىدە ۋە تىبابەت كىتاپلىرىدا كۆپ ئوچىرايدۇ.شونىڭدەك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك كىتابلىرىدىمۇ جەلىنىوسنىڭ بەزى نەزەرىيەلىرى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئايرىم نوسخىلىرى بار.يونان تىبابەت دورىگەرلىكىدە دەسلەپتىكى قارابادىن(فارمالوگىيە)نى تۈزۈپ چىققان كىشى جالىنوسدور.بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېۋىپلىرىمىز ئىشلتىۋاتقان مەجونى جالىنوس،مورەككىباتى جالىنوس قاتارلىق نورغۇنلىغان نۇسقىلاريېزىلغان كىتاپلار بۈيۈك بېرتانىيە فامولۇگىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
جالىنوس دونيادىكى 8ئىجاتكارنىڭ بېرسىدور.ئۇ يالغۇز ئىلمى تەتىققات بىلەن شوغۇللىنىپ قالماي بەلكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىگەن.توشقان،مايمۇنقاترلىق ھايۋانلارنى تەجىرىبە قىلىپ،تۇنجى بولۇپ ھايۋان ئۈستىدە تەجىرىبە ئېلىپ بارغان كىشى بولۇپ قالغان.جالىنوس يېتىشىپ چىققاندىن كىيىن تىبابەتنى مىتافىزىك پەلسەپە تەسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ،ماددىي پەلسەپەۋە ماددىي پاكىتۋە ئەمەلىي تەجىرىبىلەرنى ئاساس قىلغان پەنگە ئايلاندۇرغان.
جالىنوس مىلادى95-يىلى قۇستەنتەنىيە(ھازىرقى ئىستامبول))نىڭ فامۇسادىگەن ئارىلىدا تۇغۇلغان،جالىنوس شۇ ۋاقىتتىكى يۇنانىستاننىڭ ئافىنا شەھىرىگە بېرىپ،شۇ يەردىكى پەيلاسوپۋە ھۆكىمالاردىن تىبابەت پەلسەپە ئۆگەنگەن.ئافىنا شەھىرنىڭ چوڭ ئۆلىماۋە پەيلاسوپىلىرى توپلاشقان‹‹روبتول كۇبىرا››دىگەن پادىشاھلىق
-7-
كۈتۈپخانىسىدا خېلى ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.ئەپسۇسكى،بۇ كىتابلار كىتابخانىغا ئوت كىتىش سەۋەبى بىلەن كۆيۈپ كەتكەن.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغام126پرچە چوڭ –كىچىك ئەسەرلىرى يونان تىبابىتى ۋە ھازىرقى غەرب تىبابىتنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى بۇلۇپ كەلمەكتە.
-8-
2-تىببىي ئەخلاق قىسمى
26.كەسىپ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:كەسىپ دىگىنىمىز-جەمئىيەت ئىش تەقسىماتىدىن شەكىللەنگەنكىشلەرنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە جەمئىيەتتە ئۈستىگە ئالغان خىزمەت مەسئۇلىيتى كەسىپ دەپ ئاتىلىدۇ.
27.كەسىپ ئەخلاق دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:كەسپىي ئىھتىياجىغا ماسلاشقان ھالدا ھاسىل بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ ۋە قائىدە كەسپىي ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ.
28.تىببىي ئەخلاق ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى ۋە مەزمۇنى نىمە؟
جاۋاپ؛ئوبىيېكتى؛ تىببىي ئەخلاق ئىلىمى داۋالاش ئەمەلىيىتنى، تىببىي ئىلىم –پەن جەرياندىكى كىشلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتنى (تىببىي خادىملار بىلەن بىمارلانىڭ موناسىۋىتى) ۋە تىببىي خىزمەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدكى مۇناسىۋەتنىڭ مىزانى ۋە قائىدسنى تەتىقىق قىلىدىغان پەن.
مەزمۇنى:ئەخلاق نەزەرىيسى،ئەخلاق قائىدسى،ئەخلاق ئەمەليىتدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.
29.تىببىي ئەخلاق ئىلمىنىڭ ئەھمىيتى نىمە؟
جاۋاپ:1)سوتسىيالستىك تىببىي ئەىلاق تەربىيسنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك تىببى ئەخلاق تىكلەش-سوتسىيالستىك مەنىۋى مەدىنيەت يارتىشنىڭ ئېھتىياجى.
2)سوتسىيالسىتك تىببىي ئەخلاق تەربىيسنى كۈچەيتىش داۋالاش سۈپتىنى ۋە دوختۇرخانا باشقۇرۇش سەۋيىسنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق.
3)سوتسىيالىستىك تىببي ئەخلاقنى كۈچەيتىش ھەم قىزىللاشقان ھەم مۇتەخەسسىسلەشكەن داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش قوشۇنىنى پەرپا قىلىشقا پايدىلىق.
4) سوتسىيالىستىك تىببىي ئەخلاق تەربىيسنى ھەم بۇ جەھەتتىكى تەقىقىياتنى كۈچەيتىش تىببىي پەننىڭ تەرەققىياتنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق.
30.فارابىينىڭ تىببىي ئەخلاق تەلىماتى نىمە؟
جاۋاپ:ھەر قانداق كىشى تىبابەتنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلسا ياخشى.بۇنداق كىشى ياش،قابىل،زىھنى
ئوچوق،ئۆگىنىشتە ھېرىس،مىزاجى خوشخۇي،مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك، راستچىل،سەمىمىي،كشىگە كۈينىدىغان،
كىسەلنىڭ ھالىغا يىتىدىغان بولۇش،يالغان سۆزلەر بىلەن خەلىقنى ئالدايدىغان يامان ئىللەتلەردىن يامان-ئارزۇھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى پۈتۈن زېھنىنى ئىلمىگە بېغشلىشى لازىم.چۈنكى ئىلىم ئەھلى ئىلمىدىن باشقنى ئىتبارغا ئالماسلىقى لازىم.بۇنداق پەزىلەت بولىمغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان تىۋىپتۇر.
31.تىببىي خادىملاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقى سۈپەتلەر قايسى؟
جاۋاپ:1)تىببىي خادىملارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆتىدىل بۇلۇشى لازىم.2)تىببىي خادىملار يەڭگىل تەبىئەتلىك،ئالدىراڭغۇ،ئاچچىقى يامان،سۆز ۋە مۇئامىلىسى قوپال ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچىلەردىن بولماسلقى شەرت.3)تىببى خادىملارنىڭ ئەخلاقى ئىستىلى توغرا،راسچىل،سۆزى تۇتۇملۇق،ساددا،ئاق كۆڭۈل،تىلى بىلەن دىلى ئوخشاش،يالغان سۆز يالغان ۋەدىلەرنى قىلمايدىغان،كۆپ سۆزلىمەيدىغان ئۇچۇق چىراي ھەمدە ھەرگىزمۇ شەخسيەتچى بولماسلىقى لازىم.4)تىببىي خادىملار تۆۋەندىكى تۆت خىل ناچار ئىللەتتىن ساقلىنىشى لازىم

1)ئېرىنچەكلىك.(2)زېرىككەكلىك،(3)تېرىككەكىلىك،(4)كۆڭۈلچەكلىك
5)تىببىي خادىملار ئەمەلىي جەھەتلەردە جىددىي ھەم قەيسەر كىسەلگە قارىتا ياۋاش،مىھرىبان بۇلۇش لازىم.
6)تىببىي خادىملار خىيال پەرەس بولماسلىقى لازىم.ھەر قانداق ئىشنى ئەقلى تەپەككۇر،ئەمەلي تەجىرىبە ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن ئىشلەش لازىم.خىيال پەرەس يالغانچىلارنىڭ خىزمىتىى تەرتىپسىز كېلىدۇ.7)تىببىي خادىملار گۇزەل ئەخلاقلىق ئىسىل ئىستىللىك ياخشى سۈپەتلىك بۇلۇشى لازىم.ھاراقكەش ۋە مەست قىلغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن،ھەددىدىن ئاشقان ئۇيۇن تاماشاچىلار،شەھۋانىلار،پاشىۋازلار،ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ تىببىي خادىم بۇلۇش سالاھىيىتى بولمايدۇ.8)تىببىي خادىملار داۋاملىق ئۆز ئىلمىي تەجىربىسىنى ئاشۇرۇش كەسپى ئىقىتىدارىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش كويىدا بۇلۇشى لازىم تۇرمۇش خىزمەتتە نەتىيجە قازىنىشتا باشقىلارنىڭ يار يۈلىكىگە قاراپ تۇرماستىن قابىلىيتىنىمۇ جارىي قىلدۇرۇشى كېرەك.9)تىببىي خادىملار ئىنسان پەرۋەرلىك ۋە ئىنتىرناتسىئونالىزىملىق
-9-
روھىنىڭ ناھايىتى يۇكسەك ئىپادىسى بۇلىشى كىرەك.10)تىبىي خادىملار ئىلىم-مەرىپەتكە قىزىقدىغان بۇلۇشى لازىم.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نەشىر قىلىنغان گىزىت-ژۇرنالارغا مۇشتىرى بۇلۇش خەلىقئارا ئۇچۇرلاردىن ۋە يىڭى دورا سايمانلىرىدىن ھەرۋاقىت ۋاقىتلىنىپ تۇرۇشى كىرەك.11)تىببىي خادىملار ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىدە تېگىشلىك ئىلىم نەزەرىيەلەرنى ئۈگنۋىلىشى لازىم.12)تىبىي خادىملار نەزىرىيەچى ۋە كىتاپ ماتىرىيالچى بۇلۇپ كەتمەسلىكى،ئۇلاردىن پايدىلىنىپ،ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تۇرۇشى لازىم.13)تىببىي خادىملاردىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىزاجى ۋە ئۆزىدە قانداق كىسەلنىڭ بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئالدىرماي تەپسىلى كۈزىتىپ تەھلىل قىلىپ جاۋاپ بىرىشى لازىم.14)تىببىي خادىملار ئۆزى داۋالىۋاتقان كىسەلنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە بىرىلگەن دورىلار قىلىنغان چارىلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى كۈزۇتۇپ تۇرۇش ئەسلى قويغان دىئاگۇنۇز توغرا بولمىسا ئۆزگەرتىش لازىم.15)تىببىي خادىملار داۋالىۋاتقان كىسەلنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى يامان بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئېيتىپ قۇيۇشى لازىم.16)كېسەلنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشقان ياكى خەتەرلىك ئالامەتلەر كۆرۇلگەندە تىببىي خادىملار كېسەلنىڭ قېشىدا توپلىشىۋېلىپ،بەك ئالاقزادە بۇلۇپ تاراق-تۇرۇق قىلماسلىقى،چىراينى ئۆزگەرتمەسلىكى،ۋە ۋەھىمە بەرمەسلىكى دەرھال يۆتكەپ كەتسۇن دەپ ھەيدىمەسلىكى كېسەلنىڭ كېسەلخاندا جان ئۈزۈشىدىن نۇمۇس قىلماسلقى لازىم.17)ئېغىر كىسەللەر ئۆزىگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى قىلىمەن ياكى يەيمەن دەپ قەتتىق تەلەپ قىلسا ئاز تولا رۇخسەت قىلىش لازىم.پايدىلىق نەرسىلەرنى قاتتىق رەت قىلىپ تۇرىۋالسا ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلەتمەسلىك كېرەك.18)كېسەل يوقلاپ كىرگەندە ناھايىتى ئۇچۇق چىراي بىلەن ئەھۋال سوراش لازىم.مۇۋاپىق تەكشۇرۇشلەرنى ئېلىپ بېرىپ تاماق يىگەن يىمەكلىكىنى شۇ كىچىدىكى دورىنىڭ تەسىرى ئۇيقۇ-ئويغاقلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتنى سوراش ،بەزى روھى كىسەللىكلەر ئاچچىىقلىسا ئۇنىڭغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش لازىم.19)كىسەلنىڭ قېشىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق،تامىقىنى يىمەسلىك سوغىتىنى ئالماسلىق كىرەك.ئۆزىنى كۆرسۇتۇش ئۇچۇن كېسەلنىڭ ئالدىدا «مەلۇماتپۇرۇشلۇق»قىلماسلىق كىرەك.20)كىسەلنىڭ سىرىنى يۇشۇرۇش كىرەك.ئۇنىڭ مەخپىي گەپلىرىنى باشقىلارغا دەپ قويماسلىق كېرەك.كېسەلنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى يېقىنلىرىدىن باشقىلارغا دىمەسلىك كېرەك.21)تىببى خادىملار تولا گەپ قىلىدىغان چاقچاقچى،شاللاق بولماسلىقى كېرەك باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق سۇپىتى ۋە سالاھىتىنى ساقلىشى كىرەك.22)تىببىي خادىملار بەزى تىببىي مەسىللىەرنى ئۆزى ھەل قىلالمىسا ياكى داۋالااتقان كېسەللەرنى داۋالاشقا تەجىربىسى كەمچىل بولسا نۇمۇس ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلماستىن باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراش لازىم.23)تىببىي خدىملار ئۆز كەسپى ساھەسىدە ئۇچىرشىپ تۇرىدىغان قىز-ئاياللاغا ئۆزىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىدەك مۇئامىلە قىلىشى كىرەك.24)تىببىي خددىملار ئۆز ھۆكۈمىتى،ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز تەشكىلىنىڭ قانۇن-سىياسەتلەرگە،دوختۇرخانا ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش لازىم.25)تىببىي خادىملار ئۆزىنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسراپ ساقلىقنى ساقلاش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش لازىم.
32-سۇئال:ھازىرقى زامان تىببىي خادىملىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تىببىي ئەخلاق قائىدىلىرى قايسى؟
جاۋاپ:1)كېسەل داۋالىغۇچى بارلىق خادىملار ئۆزىنىڭ نىشانىنى خەلىقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلەشكە قارىتىشى ۋە بۇ خىزمەت يولىدا مۇكەممەل بىر قائىدە-تۈزۇم دەستۇرىغا ئەمەل قىلىش لازىم.2)ھازىرقى زامان تىببىي خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز شەخسىلەرنىڭ كىسىلىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئاسىراشلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى جەمىئەتتىككى ئومۇمى خەلىقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرۇشلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش لازىم.3)بارلىق تىببىي خادىملار قەدىمى ئالىملار ۋە پەيلاسوپلارنىڭ تىببىي ئەخلاق توغىرسىدا يېزىپ قالدۇرغان تىببىي قانىنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم.4) تىببىي خادىملار ئۆزلىرىنى ئابرويلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن دەرۋازا ۋە ئىشىكنىڭ ئالدىلىرىغا ئۆزىنى داڭلىغان لەۋھەلەرنى ۋە ئېلانلارنى ئاسماسلىقى كېرەك.ئەمما نامىنى يېزىپ قويسا بۇلىدۇ.5)تىبىي خادىملار ئۆزى توغرا داۋالاۋاتقان داۋالاش ئىشلىرىغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى لازىم.6)داۋالىغۇچى خادىملار تەجىربىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى،يىڭى كەشىپ قىلىنغان ئۇسۇل ۋ دورىلارغا شۇنىڭدەك تەرەققىي قىلغان ھەر قانداق تىبابەتنىڭ ئىلغارلىقىنى ئىنكار قىلماسلىقلىرى لازىم.7)تىببىي خادىملار پۈتۈن تىببىي خىزمەتلەرنى ئەقىدە ئىخلاس بىلەن ئىشلەشلىرى،ئومۇمى خەلەق سالامەتلىكى خىزمىتىنى دونيادىكى ھەممە خىزمەتلەردىن شەرەپلىك خىزمەت دەپ تۇنىشى لازىم.8)تىببىي خادىملار ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ھاياتلىقىنى ساقلاش ئۇلارنى خاتىرجەم ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلۇك قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھىس قىلىشى لازىم.9)تىببىي خادىملار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيتى جەريانىدا ياكى ھايات
-10-
تارىخىدا بېشىغا كەلگەن ئىسىق سۇغاقلاردىن تەجىربلەرنى ئېلىشى كىرەك.10)بارلىق تىببىي خادىملار ئالدى بىلەن ئىنسان پەرۋەر بۇلۇش لازىم.11)تىببىي خادىملار خەتەرلىك ئېغىر ۋى جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك كېسەللەرنى ھەرخىل ئەھۋاللارنى تولا سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەستىن يېقىنلىرىغا دەپ قۇيۇش كىرەك.12)تىببىي خادىملار كىسەل تەكشۇرۇش ۋە دىئازگۇنۇز قۇيۇشتا مەلۇم بولغان ئىشلار ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن كىسەلنىڭ يېقىنلىرىغا دەپ قۇيۇش كىرەك.13)مەسلىەھەت بەرگۇچى تىۋىپ پەقەت مەسلىەھەت بىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى ئەمما كىسەلنى داۋالاش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋالماسلىقى لازىم.14)تىببىي خادىملار باشقىلارنىڭ ئىجاد قىلغان يىڭىلىقلىرىنى ۋە تەجىربىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىقى لازىم.15)تىببىي خادىملار كىسەللەرگە ئۆزى چۇشەنمىگەن نۇسخىلارنى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىپ كۆرمىگەن دورىلارنى يېزىپ بەرمەسلىكى كېرەك.16)كېسەل داۋالىغۇچىلار قانۇن ئىدارىلىرىنىڭ قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ جىنايى ئىشلارنى ئېنىقلىشىغا ياردەملىشىشى لازىم ۋە توغرا كەلگەندە گۇۋاھلىق ئىشلىرىنىمۇ قىلىپ بىرىشى كىرەك.17)كېسەل كىشىلەرنى مەلۇم ساندىكى پۇل ۋە بىرەر قانداق نەرسە بەدىلى ئۇچۇن داۋالىماسلىقى لازىم.18)كېسەل داۋالىغۇچىلار داۋالاپ ساقايتقان كېسەلنىڭ نامىنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ماختىماسلىقى لازىم.19)كېسەل داۋالىغچىلار ھايانكەشلىك قىلماسلىقى لازىم.ئەرزان دورىلارنى قىممەت ساتماسلىقى لازىم.20)تىببىي خادىملارنىڭ قوللىرىدا ھۆكىمەت سەھىيە ئورگانلىرىدىن بېرىلگەن ئىشەنچىلىك داۋالاش ۋە كەسپي لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بۇلۇشى كېرەك.
-11-
3.ئۆمۈرى تەبئىييە ئىلمى قىسمى
33.سۇئال:ئۆمۇرى تەبىئييە دىگەن نىمە؟ئۆمۇرى تەبىئىييە ئىلمى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئۆمۈرى تەبئىييە:ئىنسان بەدىنىنىڭ تەبئىي تۈزۈلىشى ياشىشى ئۈچۈن زۈرۈر بولغان 7خىل ئامىلدىن ئىبارەت.
ئۆمۈر تەبىئىييە ئىلمى بولسا ھاياتلىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان ھاياتلىق ئامىللىرى ئۈستىدە چۈشەنچە بىرىدىغان ھەم شۇ ئامىللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىلىمدۇر.
34.ئۆمۈر تەبىييە قانچىگە بۈلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ؛ئۆمۈر تەبىييە 7 ئامىلنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ئۇلار

1)ئەركان ياكى تۆت چوڭ ماددا(ئانا سورئەربەئە)ياكى ئىپتىدائى ماددا(ماددائى ھۇيۇلا)(2)مىزاج(ئەمىرجە-ئەمزاج)تەبئەت جىسىملىرنىڭ مىزاجى،ئادەم ۋە ئەزالارنىڭ مىزاجى (3)خىلىتلار(ئەخلات-سۇيۇقلۇقلار يەنى قان،سەفرا،بەلغەم،سەۋدا) (4)ئەزالار(ئەئىزا-ئادەم بەدىندىكى ئەزالارۋە ئۇلارنىڭ تۈزلۈشلىرى،خىزمەتلىرى (5)روھلار(ئەرۋاھ-ئادەم بەدىندەمەۋجۇت ھەركەتلەندۈرگۈچى روھ،جان) (6)قۇۋۋەتلەر(قۇۋا-ئادەم بەدىنىنڭ تەبئىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدىغان كۈچلەر) (7) ئەفئال(ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل قوۋۋەتلەرنىڭ ھەرىكەت پائالىيەتلىرى).
35.ئەركان دىگەن نىمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:بارلىق جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەڭ كىچىك بىرلىك ئەركان دىيلىدۇ.ئەركان ئەرەپچە رۇكۇن-تۈۋرۈك ئاساس دىگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك سانى بۇيىچە ئېيتىلشى بۇلۇپ ،‹‹تۈۋۈرۈكلەر›› دىگەن
مەنىنى بىلدۈرۈىدۇ.ئەركان تۆتكە بۈلىنىدۇ.ئۇلار

1) ئوت(ئەرەپچە –ھار،فارىسچە-ئاتەش) (2)ھاۋا(ئەرەپچە-
ھۇۋا،فارىسچە-بات) (3)سۇ(ئەرەپچە-مائى،فارىسچە-ئاب) (4)تۇپراق(ئەرەپچە-تۇراپ،فارىسچە-خاك)دىن ئىبارەت.
36.‹‹ئوت››نىڭ ئورنى،كەيپىياتى،رولى نىمە؟
جاۋاپ:بۇ يەردە ئېيتىلىغان ئوت،قۇياش ۋە ئادەتتىكى ئوتنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئىنتايىن ئىسىسق،شالاڭ،رەتسىز،ئەڭ يىنىك بىر ماددىدۇر.ئۇنىڭ ۋەزىنى موتلەق يەڭگىل بولغاچقا،ھەردائىم يوقىرغا ئۆرلەيدۇ.يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان ھاۋا قاتلىمنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.ئوت كىچە-كۈندۈزيەر شارىنىڭ ئوخشىمغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.ئۇ جىددىي قىززىتىش،جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۈزۈش،ئۇلارنى پۇشۇرۇش،تەركىبلەرگە ئايىرش،قاتتىق جىسىملارنى ئېرتىپ،ئۆزگەرتىش،ماددىلارغا رەڭ پەيدا قىلىش.سۇ ۋە تۇپراقىنىڭ سوغۇقلۇقنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.ئوتنىڭ كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ،ئورۇن جەھەتتە ھەممنىڭ ئۈستىدە تورىدۇ.
37.ھاۋانىڭ ئورنى،كەيپىياتى،رولى نىمە؟
جاۋاپ:ھاۋا يەڭگىل،ئۇنىڭ يەڭگىللىكى نىسبى بولۇپ،ئوتتىن ئېغىر،سۇدىن يەڭگىدور.ئوتنىڭ سۇغاۋە توپىراققا بولغان زىيادە تەسىرىنى(ھارارىتنى)پەسەيتىدۇ.بارلىق جانلىقلارنىڭ تەبئىي نورمال ھاياتىدامۇھىم ماددا بۇلۇپ رول ئوينايدۇ.كائىناتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش،نەرسىلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، بىر-بىرىدىن ئاجىرتىش،قۇرۇتۇش،
شالاڭلاشتۇرۇش رولى بار.ھاۋا ئورۇن جەھەتتىن ئوتنىڭ ئاستىدا سۇنىڭ ئۈستىدەتۇرغانلىقى ئۈچۈن،كەيپىياتى ھۆل ئىسىسق بولىدۇ.
38. سۇنىڭ ئورنى،كەيپىياتى،رولى نىمە؟
جاۋاپ:سۇ ئېغىرلىق جەھەتتىن تۇپراقتىن يەڭگىل،ھاۋادىن ئېغىر بۇلغانلىقى ئۈچۈن،نىسبى ئېغىر ھىسابلىندۇ. ئۇ،ئالەمدىكى ھايۋانات ۋە ناباتاتلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن زۈرۈز بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېگىشلىك ئورنىغا يەتكۈزۈپ بېرىش،سۇيۇقلاندۇرۇش،ماددىلارنى ئېرىتىش،ھەركەتلەندۈرۈش،ماددىلارنىڭ ئوت(ھارارەت) تەسىردىن پارچىلنىپ بوزۇلۇپ كېتىشتىن مۇداپىئە قېلىش،جانلىقلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش جەرياندا،ساسىل بولغان كىرەكسىز ماددىلارنى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىش رولىنى ئۇينايدۇ.
سۇ ئورۇن جەھەتتە ھاۋانىڭ ئاستىدا،تۇپراقنىڭ ئۈستدە تورغانلىقى ئۈچۈن،كەيپىياتى ھۆل سۇغۇق بولىدۇ.
39. سۇنىڭ ئورنى،كەيپىياتى،رولى نىمە؟
جاۋاپ:تۇپراق ۋەزىن جھەتتىن مۇتلەق ئېغىر جىسىم بولۇپ،كەيپىياتى قۇرۇق سۇغۇق ھېسابلىندۇ.ئۇ،قوياشنىڭ
-12-
ئىسىتىش،قۇرۇتۇش،سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش ۋە پارچىلاش تەسىرىگە ئوچىراپ تۇرىدۇ.ئۇ تەبىئەت دونياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيىئىلەرنىڭ شەكىل،سۈپىتنى ساقلايدۇ.ئولارغا نىسبەتەن سۇنىڭ زىيادە ھۆللۈك تەسىرى ۋە قوياشنىڭ زىيادە ئىسىسقلىق تەسىرىنى تەڭشەپ تورىدۇ.پۈتكۈل جانلىقلارغا زۈرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى (نەرسىلەرنى )يىتەرلىك مىقداردا زاپاس ساقلايدۇ.يەنى بەزى نەرسىلەرنى پارچىلاش،پىشىقلاش رۇلىمۇ بار.
40.ئەركانلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالىكتىك مۇناسىۋەت قانداق؟
جاۋاپ:ئەركانلار يەنى تۆت چوڭ ماددا ئەسلى ماھىيەتتە،بىر-بىرىگە قارىمۇ –قارىشى ۋە بىر-بىرىنى تەققەززا قىلىدۇ.ئۇلار جىسىم،خۇسۇسىيەت،كەيپىيات جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ،لېكىن بىرى بولمىسا يەنى بىرى ئۆز رولى ۋە خىزمىتنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
41.مىزاج ھىگەن نىمە؟مىسال ئېلىڭ؟
جاۋاپ:ئەركانلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشى ئارقىسىدا كىلىپ چىققان يىڭى بىر خىل كەيپىيات.يەنە ئەركانلارنىڭ ناھايتى ئۇششاق بۆلەكلىردىكى قارىمۇ- قارشى كەيپىياتلارنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىشىدن پەيدا بولغان يىڭى بىرخىل كەيپىيات –مىزاج دىيلىدۇ.
مەسىلەن:تەبئەت دۇونياسىدىكى 4چوڭ ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا بىر–بىرىگە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە غالىپ بولغان ماددىغا مۇناسىپ ھالىدا بارلىق مەۋجۇداتلارغا مۇناسىپ مىزاج شەكىللىندۇ.مەسىلەن:ئىنسانلارنىڭ مىزاج ھۆل ئىسىق،ھۆل سۇغۇق،قۇرۇق ئىسسق....دىگەنگە ئوخشاش.
42.مىزاج نەچچە قىسىم بولىدۇ؟قايسى؟
جاۋاپ:مىزاج-مۆتىدىل مىزاج ۋە غەيرى مۆتىدىل مىزاج دەپ ئىككى قىسىمغا بولىدۇ.
43.مۆتىدىل مىزاج دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:بىر-بىرىگە قارىمۇ- قارشى كەيپىياتلارنىڭ بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە بىر-بىرنى تىزگىنلەشتىن خالىي بۇلغان ئورتاق ھالىتى مۆتىدىل مىزاج دىيلىدۇ.مۆتىدىل مىزاج 8گە بۆلنىدۇ.
(1) مۆتىدىل نىسبى مىزاج (2)مۆتىدىل جنسىي مىزاج (3)مۆتىدىل نەۋئى جنسىي مىزاج (4)مۆتىدىل سىنپى مىزاج
(5)مۆتىدىل نىسپىي سىنپى مىزاج (6) مۆتىدىل نەۋئى سىنىپى مىزاج (7) مۆتىدىل شەخسىي مىزاج (8)مۆتىدىل شەخسىي نىسپى مىزاج
44.مۆتىدىل نىسپىي جنسىي مىزاج دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:بىرخىل جىنىس ئىچىدىكى بىر شەخسىنىڭ مىجەزنىڭ يەنە بىر شەخىسنىڭ مىجەزىگە نىسپەتەن مۆتىدىلراق بۇلىشى ياكى مەلۇم شەخىسنىڭ مىزاجى ئوخشاش تۈردىكى باشقا شەخىسنىڭ مىجەزىدىن مۆتىدىل بولىشدۇر.
45.مۆتىدىل جنسىي مىزاج دىگەن نىمە؟
بىر جىنىسنىڭ مۆتىدىل مىزاجى يات بىر جىنىستا تېپىلمىسا، بۇ مۆتىدىل جىنس مىزاجى دىيلىدۇ.مەسىلەن:
ئىنسانلارنىڭ مۆتىدىل مىزاجى ھايۋانلاردا تېپىلمايدۇ.
46.مۆتىدىل سىنىپى نىسپى مىزاج دىگەن نىمە؟
بىر قىتئە، بەلباغ ۋە بىر جوغراپىيىلىك مۇھىيتتا ياشىغان بىر شەخىسى مىزاجىنىڭ يەنە بىر شەخسى مىزاجىدىن مۆتىدىلراق بۇلىشى نىسپى مۆتىدىل سىنىپى مىزاجى دىيلىدۇ.
47.مۆتىدىل سىنىپى مىزاج دىگەن نىمە؟
بىر يۇرت،بىر ئىقلىمدىكىلەرنىڭ مىزاجى باشقا يۇرت،ئىقلىمىدىكىلەردە تېپىلمىسا ياكى مۆتىدىلراق بولسا بۇنى مۆتىدىل سىنىپى مىزاج دەيمىز.
48.مۆتىدىل نەۋئى سىنىپى مىزاج دىگەن نىمە؟
بىر شەخسى مىزاجىنىڭ بىرقانچە شەخسىي مىزاجىدىن مۆتىدىل بولىشى،لېكىن باشقا شەخىسلەر ئىچىدىكى بۇ شەخىسنىڭ مۆتىدىل مىزاجىدىنمۇ مۆتىدىلراق مىزاجنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى مومىكىن.بۇ مىزاج نەۋئى مۆتىدىل سىنىپى مىزاج دىيلىدۇ.
49.مۆتىدىل شەخسى مىزاج دىگەن نىمە؟
بىر شەخىسنىڭ مۇئەييەن مىزاجى يەنە بىر شەخسنىڭ مۇئەييەن مىزاجىدىن مۆتىدىلراق بۇلىشى،بۇ مۆتىدىل شەخسى مىزاج دېيلىدۇ.
50.مۆتىدىل شەخسى نىسپىي مىزاج دىگەن نىمە؟
-13-
بىر شەخىسنىڭ مەلۇم بىر ھالەتتىكى مىزاجىغا قارىغاندا،باشقا ھالەتتىكى مىزاجى مۆتىدىل بولسا،بۇنى مۆتىدىل شەخسى نىسپىي مىزاج دەيمىز.
51.غەيرى مۆتىدىل مىزاج دىگەن نىمە؟ ئۇ نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
بىر-بىرىگە قارىمۇ –قارشى كەيپىياتلارنىڭ بىر-بىرىنى چەكلەش ۋە تىزگىنلەشتىن خالىي بولمىغان ھالىتى يەنى كەيپىياتلارنىڭ تەبئىي ھالدا بىر –بىرىگە مۇۋاپىق بولماسلىقى غەيرى مۆتىدىل مىزاج دىيلىدۇ.غەيرى مۆتىدىل مىزاج(1) غەيرى مۆتىدىل مۇرەككەپ(2) غەيرى مۆتىدىل يالغۇز مىزاج دەپ ئىككىگە بۆلنىدۇ.
52.تەبىئى مىزاج نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:تەبىئىي مىزاج 8 خىل بولىدۇ.
(1) تەبىئىي ئىسسىق مىزاج (2) تەبىئىي سۇغۇق مىزاج (3)تەبىئىي قۇرۇق مىزاج (4)تەبىئىي ھۆل مىزاج(5)تەبىئىي قۇرۇق سۇغۇق مىزاج (6)تەبئىي ھۆل سۇغۇق مىزاج (7)تەبىئىي قۇرۇق ئىسسىق مىزاج (8) تەبئىي ھۆل ئىسسىق مىزاج.
53.غەيرى تەبئىي مىزاج نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:بۇ مىزاج 8 گە بۆلنىدۇ.ئۇلار: (1) غەيرى تەبىئىي ئىسسىق مىزاج (2)غەيرى تەبىئىي سۇغۇق مىزاج (3)غەيرى تەبىئىي قۇرۇق مىزاج (4)غەيرى تەبىئىي ھۆل مىزاج(5)غەيرى تەبىئىي قۇرۇق سۇغۇق مىزاج (6)غەيرى تەبئىي ھۆل سۇغۇق مىزاج (7)غەيرى تەبىئىي قۇرۇق ئىسسىق مىزاج (8)غەيرى تەبئىي ھۆل ئىسسىق مىزاج.
54.ئەزالارنىڭ مىزاجى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئەزالارنىڭ نۇرمال فىزىئۇلۇگىيلىك خىزمىتنى بىجىرىش ئۈچۈن زۈرۈر بولغان كەيىپىياتى ئەزالارنىڭ مىزاجى دىيلىدۇ.
55.قۇرۇق ئىسسق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ؛ ئۇلار: ئۆت خالتىسى.
56.ھۆل ئىسسق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ:جىگەر،يۈرەك،مۇسكۇل،قان-تۇمۇر،ئۆپكە،ئون ئىككى بارماق ئۈچەي،ئىنچكە ئۈچەي،يۇتقۇنچاق،
ئۇرۇقدان،كۆز،قىزىل ئۆڭگەچ دىن ئىبارەت.
57.قۇرۇق سۇغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ:قۇرۇق سۇغۇق مىزاجدىكى ئەزالار:تال،چاچ،پەي،سۈڭەك،تىرناق،تارامۇش،كۈمۈرچەك،دوۋساق،نىرۋا،
ئەرلىك جنسىي ئەزا، چوڭ ئۈچەي،كاناي، كىكىرتەك دىن ئىبارەت.
58.ھۆل سۇغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ:بۆرەك،ئاشقازان،بۇرۇن،ئېغىز،مىڭە،يۇلۇن،ياغلار،بەزلەر،تىل،ئاياللار جنسىي ئەزاسى،تۇقۇلما-ھۈجەيرە
ئارلىق سۇيۇقلىقى دىن ئىبارەت.
59.مۆتىدىل مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ:تېرە،قۇلاق،كۆرسەتكۈچ بارماق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
60.ھۆل سۇغۇق مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى،خۇلىقى-مىزاجى قانداق؟قانداق كىسەل كۆپ كۈرلىدۇ؟
جاۋاپ؛ بۇ مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك،لەۋلىرى تومراق،تىرەماي قاتلاملىرى كۆپ،بەدىنى سۈزۈك،
يۇمشاق ھەم سۇغۇقراق كېلىدۇ.بۇ خىلدىكى كىشىلەرئېغىر–بېسىق،بىغەم،ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ.ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. سىرتقى تەسىراتلارغا قوزغۇلىشى ناھايتى ئاستا بولىدۇ.تۇمور ئاستا،توم،يوغان سالىدۇ.جىسمانىي ۋە ئەقلى جەسەتتىن ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ.
بۇ مىزاجدىكى كىشلەرگە ئادەتتە ھۆل سۇغۇق غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ.(سۇيۇقئاش،ھۆل مىۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش)قۇرۇق ئىسسىق (ئات گۆشى،زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالارمەنپەئەت قىلىدۇ.بۇلار ئادەتتە سۇغۇقتىن بولغان كىسەللىكلەر بولۇپمۇ، بوغۇم ئاغىرىقى (مۇپاسىل)،لەقۋا،ئىستىرخائى،پالەچ قاتارلىق كېسەللكلەر بىلەن ئاسان كېسەللىندۇ.
61.ھۆل ئىسسىق مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى،خۇلىقى-مىزاجى قانداق؟قانداق كىسەل كۆپ كۈرلىدۇ؟
-14-
جاۋاپ:بۇ خىل مىزاجدىكى كشلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك،تېرىلىرى سېلىق چىرايى نۇرلۇق،قىزىل،تىتىك ھەم قۇۋۋەتلىك،ئېغىزنىڭ تەمى تاتلىق،تۇلا ئەسنەيدىغان،ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ.پۇت- قوللىرى ئاسان قۇلۇشۇپ قالىدۇ.بۇ خلىدىكى كىشىلەر خوشپېئىل،ئۇچۇق،ئەقىل ۋە پىكىر قىلىش قابىلىيتى ئوتتۇراھال بولىدۇ.ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى خىلى ياخشى بولىدۇ.
تومۇرى چوڭ،دولقۇنلۇق سوقىدۇ.بۇلار كۆپىنچە تېرە كىسەللىكى،يۈرەك،قان-تومۇر كېسەللىكى،بۆرەك كىسەللىكلىرى،قان بېسىمى ئۆرلەش،مالخۇلىيا، ئەسەبى كىسەللىكلەرگە كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ.
62.قۇرۇق ئىسسىق مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى،خۇلىقى-مىزاجى قانداق؟قانداق كىسەل كۆپ كۈرلىدۇ؟
جاۋاپ:قۇرۇق ئىسسىق مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ كۆز ئېقى سارغۇچراق، ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق،تىلى قۇرۇق، كۆپ ئۇسسايىدىغان،بەدەنلىرى قىززىق،سوغۇق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سۇغۇقلۇق يىمەك-ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدۇ.تۇمۇرى تىز،ئىنچىكە سۇقىدۇ.سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سېرىق كېلىدۇ.بۇلار ئاچچىقى يامان،
ئالدىراڭغۇ،غەزەپلىنىشكە مايىل،نىرۋىسى ئىتىتىك،ھەركىتى تىز،سەزگۈ ھەم ئالدىراڭغۇ،تۇراقسىز،ھىسياتى كۈچلۈك. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيتى تۈۋەن،ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ.بۇ خېلىدىكى ئادەملەر كۆپرەك نىرۋا كىسەللىكى،جىگەر كىسەللىكى ھەم ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كىسەللىندۇ.
63 .قۇرۇق سۇغۇق مىزاجىدىكى كىشلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى،خۇلىقى-مىزاجى قانداق؟قانداق كىسەل كۆپ كۈرلىدۇ؟
جاۋاپ:بۇ خىلىدىكى كىشلەرنىڭ بەدىنى خلى چىڭ،لېكىن ئۇرۇق بەدەنلىرى سۇغۇقىراق،تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز،تەرەققىي قىلغان،ئۇيقۇسى ئاز،ئاستا تەسىرلىدىغان،خىيالپەرەس،گۇمانخور،قورقۇنچاق،خىيالى ھىسياتى كۈچلۈك،ئەقل پاراسىتى،توغىرا پىكىر قىلىش ئىقتدارى تۈۋەن،سەلبىي پىكىرىۋە روھىي ئازاپ چىكىشكە مايىل،ئادەتتە كىشلەرگە ئارلاشمايدۇ،تۇمۇرى ئىنچىكە،ئاستا سۇقىدۇ.روھىي كېسەللىك ۋە نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغىرىيدۇ.
64.بالىلارنىڭ مىزاجى نىمە ئۈچۈن ھۆل ئىسسىق بولىدۇ؟
جاۋاپ:چۈنكى بالىلارنىڭ بەدىنى تېخى تۇلۇق ئۆسۈپ تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا،ئۇلارنىڭ ماددا ئالمىششى نىسپەتەن تۈۋەن، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شوغىللانمايدۇ.بەدەندىن چىقدىغان سۇيۇقلۇق ئاز،ئىستىمال قىلىدىغان سويۇقلۇق كۆپ،يەنى سەرىپ بولىدىغان ئىنىرگىيە ئاز،قوبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيە كۆپ بولىدۇ.ھەمدە ئۇلار ئاسان ھەزىم بولىدىغان سويۇق،لەتىف نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ.لېكىن ئۇلاردا جىسمانىي ئەمگەك ،تەنتەربىيە بىلەن چېنىقش ياكى كۆپ يول يۈرۈش،ئەقلى ئەمگەك قاتارلىق پائالىيەتلەر ئاز بولىدۇ ياكى بولمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
65.ياشلارنىڭ مىزاجى نىمە ئۈچۈن ھۆل ئىسسىق بولىدۇ؟
جاۋاپ:چۈنكى، ياشلارنىڭ بەدىنى نىسپەتەن تەرەققىي قىلغان ھەم تەرەققىي قىلۋاتقان، ماددا ئالمىششى نىسپەتەن تىزلەشىكەن ۋاقىت بولغاچقا،ئۇلارغا ھارارەت نىسپەتەن كۆپ ھەم ئۇلار جىسمانىي ئەمگەك بەدەنىنى چېنىقتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن نىسپەتەن كۆپ شوغىللىنىدۇ.ئۇلار تاماقىتىن قۇرۇق، غەلىزتاماقلارنى ئىستمال قىلسىمۇ، ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ھەم ئۇلار ئەقلىي پائالىيەت بىلەنمۇ شۇغىللىنىدۇ.بەدەندە سەرىپ بولغان ئىنىرگىيىمۇ كۆپ بولىدۇ.شۇڭا بەدەندە قۇرۇقلۇق نىسپەتەن يۇقىرى بۇلىدۇ،مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بۇلىدۇ.
66.قېرىلارنىڭ مىزاجى نىمە ئۈچۈن ھۆل ئىسسىق بولىدۇ؟
جاۋاپ؛چۈنكى، قېرىلارنىڭ بەدىنى ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشتى توخىتغان،ماددا ئالمششى ئاجىزلىغان،ئىستىمال قىلىشى ئاز،چىقىرىشى كۆپ،يەنى قوبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيە ئاز،سەرىپ قىلىدىغان ئىنىرگىيە كۆپ بولىدۇ.شۇڭا بەدەن سۇغۇق ھەم قۇرۇق بۇلىدۇ.ئۇنىدىن باشقا قېرىلارنىڭ ئۇزۇقىلىنشى ياخىشى بولىمىغانلىقتىن قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ.قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى ھارارەتنىڭ تۈۋەنلىكىدىن ئىبارەت،شۇڭا قېرىلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سۇغۇق بولىدۇ.
67.خېلىت دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئادەم يىگەن ئۇزۇقلۇقلاردىن ئادەم بەدىندىكى ھەرخىل ئەزاۋە بەزلەر ئۆزگەرتىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان، شۇنداقلا بەدەنىنىڭ مەخسۇس ئۇرۇنلىرىدا ساقىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمنىلەيدىغان سۇيۇقلۇقلار خېلىت ياكى ئەخلات دېيلىدۇ.
-15-
68.خىلىتنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ:ئادەم ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقلار دەسلەپتە ئېغىزدا چاينىلىپ، ھەر خىل شۆلگەي سويۇقلۇقى بىلەن ئارلىشىپ، ئاشقازانغا ئۆتىدۇ.بۇ ئاشقازانغا ئۆتكەندىن كىيىن، ئاشقازان موسكۇللىرنىڭ ھەركىتى،ئاشقازان سويۇقلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن مىخانىك ھەزىم ۋە خېمىيىۋى ئېرىتكۈچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاشقازاندا كەيلۇس ھاسىل بولىدۇ.بۇلار ئىنچىكە ئۈچەي،چوڭ ئۈچەيگە بارغاندىن كىيىن، ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىشى ئارقىلىق تېخىمۇ يۇمۇشتىلىپ ئۈچەيدىكى كىچىك تومۇرلار ئارقىلىق شۈمۈرلۈپ(ۋېتامىن،ماي،ساخاروزا،تۇر،ئورگانىك-نىئورگانىك)
ماددىلار‹‹ماسارىقا››تومۇر ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ.جىگەرگە بارغاندىن كىيىن يەنەبىر ھەزىم باشلىندۇ.بۇ يەدە كەيموس ھاسىل بولىدۇ.بۇنىڭ ئۇچۇچان لەتىف قىسمى سەپرا خىلىتى بولۇپ، زاپاس قىسمى ئۆت خالىتىسىغا قويۇلۇپ ساقلىندۇ.دوغ،قۇيۇق قىسمى ياكى چۆكمە قىسمى سەۋدا خىلىتى بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تالغا بېرىپ،تالداساقىلنىدۇ.قالغان قىسمى بەلغەم،قان خىلىتى بۇلۇپ،بۇلار قان-تومۇر ئارقىلىق بەدەنىنڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا بارىدۇ.بەلغەم خېلىتى بولسا،بوغۇملار،تۇقۇلمىلار ئارلىقلىرىغا بېرىپ سۈركىلىش ھەركىتىنى ياخشىلايدۇ.ئارتۇق قىسىمى بۇغۇم ساقلىنىدۇ.قان خىلىتى پۈتۈن بەدەنىنى ھەرخىل ئۇزۇقلۇق جەۋھەرلىرى ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەيدۇ. زاپاس قىسمى بولسا جىگەردە ساقىلىندۇ.
69.خېلىت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:خېلىت –تەبىئىي خېلىت ۋە غەيرى تەبىئىي خېلىت دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
70.تەبىئىي خىلىت دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ؛ جىگەرىدە ئىشلىنىپ چىقىپ،ئۆزنىڭ ئەسلىي تەبىئىي ھالىتدىن ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەن،بەدەننىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنالايدىغان،ئىنسانىنىڭ نورمال ھاياتىغا قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتگە لايىق بولغان خېلىت تەبىئىي خىلىت دەپ ئاتىلدۇ.تەبىئىي خىلىت 4 تۈرگە بۈلنىدۇ.قان، بەلغەم،سەفرا،سەۋدادىن ئىبارەت:
71.قان خېلىتنىڭ رەڭگى،تەمى، كەيپىياتى،رولى،مىقتدارى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:نۇرمالنى قان توق(ئۇچۇق)،قىزىل رەڭلىك ۋە يالتىراق بولۇپ،تەمى تاتلىق،ئۇ بەدەندىكى خېلىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە مۇھىيم ھىسابلىندۇ.تەبئىيىتى ھۆل ئىسسىق،ئۇرنى يىلىك ۋە جىگەردەبولىدۇ،قان يۈرەكنىڭ ھەركەتلەندۈرۈشى،قان-تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ –تاريىشى ئارقىسىدا،پۈتۈن بەدەندەدەۋىر قىلىپ ئايلىنىپ تورىدۇ.ئۇ ھەزىم قىلىپ شۈمۈرلىگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ بارلىق جايلىرىغائېلىپ بارىدۇ.سەرىپ بولغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.قان ئۆپكىدىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ، بەدەنىنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىدۇ ۋە ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا بەدەنىنڭ ھاياتلىق پائالىيتى جەرياندا ،ئايرىلىپ چىققان كىرەكسىز مادداۋە بوزۇق ھاۋانى ئېلىپ،ئۆپكە،بۆرەك،تەر تۈشۈكلىرى قاتارلىق چىقىرىش يوللىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ.قان ئۆزنىڭ ھۆل ئىسسىقلىقى بىلەن بەدەننى ئىسىستىپ،قۇۋۋەت پەيدا قىلىدۇ.بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ،ھەمدە بەدەننى ھۆللۈك بىلەن تەڭشەپ تورىدۇ،تىرىنى سىلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭغا رەڭ بېرىدۇ.بەدەنىنىڭ نورمال خىزمەت پائالىيتنى تەبىئىي تەرەپكە سېلىپ،باشقا خېلىتلارنىمۇ ئېقىتىپ،پۈتۈن بەدەنىنىڭ تىگىشىلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىلىدۇ.قان خلىتنىنىڭ بەدەندىكى مىقتدارى(قان-تومۇر ئىچىدىكى خېلىتلارنىڭ)50%نى ئىگىلەيدۇ.
72.سەفرا خېلىتنىڭ رەڭگى،تەمى، كەيپىياتى،رولى،مىقتدارى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:سەپرا-بىرخىل سارغۇچ رەڭلىك،تەمى ئىتايىن ئاچچىق،چۈچۈمەل،ئۆتكۈر سويۇقلۇق بولۇپ،ھەسلەپتە ئىشقار خوسۇسىيەتلىك،كىيىن ئاجىز كىسلاتا خۇسۇسىيەتلىك سۇيۇقلۇققا ئۆزگىرىدىغان بولۇپ،جىگەردە ئىشلىنىپ،(زاپاس ئارتۇق قىسمى)ئۆت خالىتسىغا چۈشۈپ قۇيۇقلىشىدۇھەم ساقىلىندۇ.تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسق،ئۇ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،بىر خىل خېمىيىۋى ئىرتىكۈچىلىك رولنى ئوينايدۇ.ئۆت يوللىرى ئارقىلىق ئۈچەيگە تېمىىپ چۈشۈپ،مايلارنى پارچىلاپ،ئۇلارنىڭ ھەزىم بولىشىغا يەردەملىشىدۇ،ئۈچەي نىرىپىلىرىنى ھەمدە ئۈچەيلەرنى غىدىقلاپ،ئۇنىڭ لۆمىلدەش ھەركىتىنى تىزلىتىپ،ھەزىم قىلىشتىن ھاسىل بولغان ئاشقازان تاشلاندۇق نەرسىلەر(گەندە)لەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشنى تىزلىتدۇ.شۇنىڭدەك بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى تۇسۇش،پارچىلاش ۋە زەھەرلەرنىڭ تەسىرلىرىنى قايتۇرۇش خىزمىتنى ئۆتەيدۇ.سەفرانىڭ قان تەركىبىگە ئۆتكەن قىسمى ئۆزىنىڭ قىززىق ۋە ئۆتكۈرلىكى ئارقىلىق قان تەركىبدە ئېقىپ يۈرگەن قان،بەلغەم،سەۋدا ماددىلىرنى ئۆزلىكسىز ھالدا ھەركەتلەندۈرۈپ،بەدەنىنىڭ ئەڭ ئىنىچىكە ۋە كىچىك قىسىملىرىغچە ئۆتكۈزۈش،ئۇلارنىڭ ئويۇپ قېلىشتىن
-16-
ساقلاش،روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنى جۇشقۇن قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ.سەفرا خېلىتىنىڭ بەدەندىكى مىقدارى قان-تۇرمۇلار ئىچدەخىلىتلارنىڭ 12.5%نى ئىگلەيدۇ.
73.بەلغەم خېلىتنىڭ رەڭگى،تەمى، كەيپىياتى،رولى،مىقتدارى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئۇ بەدەندىكى بىرخىل ئاق،سەل قۇيۇقراق،يەنى تۇخۇم ئېقسىسمان سۇيۇقلۇق بولۇپ،(زاپاس قىسمى)پۈتۈن بەدەن تۇقۇلما-ھۈجەيىرە ئارلىقلىرى ۋە بوغۇملاردا ساقلىنىدۇ.تەبئىيتى ھۆل سوغۇق بولىدۇ.بەلغەم خىلىتى سەپراغا ئوخشاش ئۆتكۈر ئىسىسق مادىلارنىڭ خلىتلارنى ئارتۇقچە ئىسسقىلىق بىەلن پارچىلاپ بوزۇشىتىن ساقلايدۇۋە ئادەم بەدىنىدە غەيرى تەبئىي ھادىسلەر كېلىپ چىقشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.سەۋداغا ئوخشاش چۆكمە ھاسىل قىلىدىغان خلىتلارنىڭ توختالسىز يۈرۈشۈپ بەدەنىنىڭ زۈرۈر بولۈان تىگىشلىك جايىلىرىغا قەدەر بېرىپ،ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ۋاستلىق رول ئوينايدۇ.بۇغۇم ۋە پەردە ئارلىقىلىرىدىكى سۈركىلىش ۋە غىدىقلىنىشنى پەسەيتىپ،ئەزالارنىڭ ۋە بوغۇملارنىڭ ھەركىتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.پۈتۈن بەدەنىنى سويۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.يەنى پۈتۈن بەدەنىنى ھۆللەشتۈرۈپ،يۇمۇشتۇپ تۇرىدۇ.بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يىشمەسلىكگە ياكى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقلارى كۆپلەپ يۇقالغاندا،قانغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئورنى تۇلۇقلايدۇ.ماددىلارنى پارچىلاش،قان تازىلاش ۋە تۇلۇقلاش،زەھەرسىزلەندۈرۈش،ھەرخىل بەزلەرنى تىگىشلىك ماددىلار بىەلن تەمىنلەپ،ئۇنىڭ سويۇقلۇق ئىشلەپچىقىرشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ماددىلارنى ئېرىتشى،ئېقىتىش يەنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرگەن سەپرا،قان، سەۋدا خىلىتلىرنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە كىچىك ئورۇنلىرىغىچە يەتكۈزۈش،ئۇ يەردىكى ماددا ۋە قۇۋۋەت ئالمىشش جەريانداھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ئۆزى بىلەن ئېقىتىپ،قانىغا ئۆتكۈزۈپ تىگىشلىك يوللار بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بەلغەم خېلىتنىڭ بەدەندىكى مىقتدارى قان-تۇمۇر ئىچىدىكى ئۇمۇمى خېلىتنىڭ %33.5نى ئىگلەيدۇ.
74.سەۋدا خېلىتنىڭ رەڭگى،تەمى، كەيپىياتى،رولى،مىقتدارى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:سەۋدا بىرخىل قۇيۇقراق،رەڭگى قارامتۇل، تەمى قاڭسىق چۈچۈمەل تەمىلىك سويۇقلۇق بولۇپ،تەبئىيتى قۇرۇق سۇغۇق،زاپاس قسمى تالدا ساقلىنىدۇ.ئۇ چۆكمە ھاسىل قىلىش،ئەزالارنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتنى ساقلاش خوسۇسىيتگە ئىگە بولۇپ،سەپرا، بەلغەم ماددىلىرنىڭ ئارتۇقچە كۈپىيىپ كىتشنى چەكلەيدۇ ھەمدە باشقا خىلىتلارنىڭ ئۆز يۇلىدىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلايدۇ.سەۋدا خىلىتىغا ئېھتىياجلىق بۇلغان قورۇق سۇغۇق ئەزلار (مەسىلەن:سۈڭەك،كۆمۈرچەك،پەي،چاندىر،تارامۇش ۋە باشقىلار)غا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.ھەزىم قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتىنىشىپ ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئۇندىن باشقا سېزىش،تەسىر قىلىش،ئەستە توتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.غىدىقلاش، قوزغاش تەسىرى ئارقىلىق سەزگۈ ئەزالىرنى ئويغۇتۇپ،بەدەندىكى سۇسلۇقلارنى ياخشىلايدۇ.
سەۋدا خېلىتنىڭ بەدەندىكى مىقتدارى قان-تۇمۇر ئېچىدىكى خېلىتلارنىڭ%4نى ئىگىلەيدۇ.
75.غەيرى تەبئىي خېلىت دىگەن نىمە؟ئۇ قانىچگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:جىگەردە ئىشلىنىپ چىققان،ئۆزنىڭ تەبىئىي ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن، بەدەنىنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىش سالاھىتىگە بولمىغان،بەدەنگە زىيانلىق،تەبىئەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان،سان-سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ،ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ،ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خېلىت-غەيرى تەبىئىي خېلىت دەپ ئاتلىدۇ.
غەيرى تەبىئي خىلىتلارمۇ غەيرى تەبىئىي قان، بەلغەم، سەپرا،سەۋدا خىلىتلىردىن ئىبارەت تۆتكە بۆلنىدۇ.
76.غەيرى تەبىئىي قان خېلىتى دىگەن نىمە؟ئۇ قانداق كىسەلكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاپ:قانىنڭ سان-سۈپەت جەھەتتىن نورمالسىز بولۇشى،قىزىل قان ياكى ئاق قان دانچىلرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ياكى قانىنىڭ تەركىۋىگە يات ماددىلارنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن پەيدا بولغان قان خېلتى غەيرى تەبئىي قان خېلىتى دىيلىدۇ.
غەيرى تەبئىي قان خېلىتى-قان كەملىك،قان-تومۇر قېتىشىش،قان قىزىش،تېرە كىسەللىكى ،يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى،بۆرەك كىسەللىكى ۋەقان چىرىش ،قان قويۇلۇش،باش قېيىش،بەدەن قىززىش،قان بوزۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
77.غەيرى تەبىئىي بەلغەم خېلىتى دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟ئۇ قانداق كىسەلكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاپ:بەلغەم خېلىتىنىڭ ئەسلى قانغا ئايلىنىش سالاھىتىدىن مەھرۇم بولغان ۋە قانغا ئايلىنىش خوسۇسيىتنى يۇقاتقان،يىتلمىگەن ناچار قىسمى غەيرى تەبئىي بەلغەم خېلىتى دىيلىدۇ.غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتى6خىل بولىدۇ.ئۇلار

1) تاتلىق بەلغەم (بەلغىمى شېرىن)-بونىڭدا بەلغەم خېلىتنىڭ تەركىبىگە قان خېلىتى ئارلاشقان
-17-
بولىدۇ.(2)تۇزلۇق بەلغەم (بەلىغمى شور)- بۇنداق بەلغەمنىڭ تەركىبگە يۇقىرى ھارارەتتىكى كۆيگەن سەپرا خىلىتنىڭ ئارلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.(3)چۈچۈمەل بەلغەم(بەلىغىمى تۇرۇش)-بۇنىڭ تەركىبىگە ئاز سەفرايەنى تۈۋەن ھارارەتتىكى سەفرا ماددىسى ۋە باشقا كىسلاتا خاراكتىرلىك سويۇقلۇقلار ئارلاشقان بولىدۇ.(4)قېىرق بەلغەم (مۇزا تەملىك بەلغەم-بەلغىمى ئەفەس)بۇنىڭ تەركىبىگە قويۇق سەۋدا ماددىسى ئارلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.(5)تېتىقسىز بەلغەم (تەمسىز بەلغەم )- بونىڭ تەركىبىگە ساپ سۇ كۆپ ئارلاشقان بولىدۇ.شۇڭا تەمسىز بەلغەم دەيىمىز.(6)گەجسىمان بەلغەم – بۇ قۇيۇق، تەمسىز بولىدۇ.
غەيىرى تەبئىي بەلغەم خېلىتى كۆپۈيىپ كەتكەندە، كەم قانلىق، يامان ئىششىق، تىرە كىسەللىكى،تىرىگە رەڭ يېتىشمەسلىك،لەقۋا،كەم ئەقىل،ئۇنۇتقاق،ھۇرۇنلۇق،ئۇمۇمى بەدەن بوشىشىش،سۇلۇق ئىششىق، مۇفاسىل،نۇقىرەس،
رەئىشە،پالەچ قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
78.غەيرى تەبىئىي سەفرا خېلىتى دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟ئۇ قانداق كىسەلكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاپ:سەفرا خېلىتىنىڭ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلدىن سان-سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشى-غەيرى خېلىت سەفرا دېيلىدۇ.
غەيرى تەبىئىي سەفراخېلىتى 5گە بۆلنىدۇ.
(1) سارغۇچ سەفرا-بۇ سەفرا تەركىبىگە بەلغەملىك ماددىلارنىڭ ئارلىشىپ قالغانلىقتىن بۇلىدۇ.(2)تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەفرا(سەفرائى مۇخىي)-بۇ،سەفرا ماددىلىرىغا قۇيۇق بەلغەم خېلىتى ئارلاشقانلىقتىن بولىدۇ.(3)كۈدە سۈيى رەڭلىك سەفرا(سەفرائى كۇرراسىي)-بۇنىڭغا كۆيگەن سەفرا بىلەن سۇيۇق بەلغەم خېلىتى ئارلاشقان بولىدۇ.(4)زەڭگارەڭ سەفرا(سەفرائى زەنگارىي)- بونىڭغا مەلۇم دەرىجىدە زەھەرلىك ماددا ئارلاشقاندىن بۇلىدۇ.شۇڭا غەيىرى تەبئىي سەفرا خىلىتىلىرنىڭ ئەڭ ئاچچىق ۋە ئىسسىق قىسمى ھىسابلىنىدۇ.(5)كۆيگەن سەفرا(سەفرائى مۇھتەرىقە)-بۇ يۇقىرى دەرىىجىلىك ھارارەت سەۋەبى بىلەن قىززىپ تېخىمۇ ئۆتكۈرلۈشۈپ كەتكەن سەفىرابۇلۇپ، بۇ تەبىئى سەفرا خىلىتغا ئازراق كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارلىشىپ قالغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.غەيرى تەبئىي سەفراخېلىتى كۆپىيىپ كەتسە،ئاشقازان،ئۈچەي،جىگەر كېسەللىكىلىرى،ئويقۇسىزلىق،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر،تىلنىڭ سېرىقلقلىشىپ كېتىشى،بەدەنىنڭ زەھەرلىنىشى، ھەزىم ئەزالىرنىڭ بۇزۇلىشى،نىرۋا قوزغۇلۇش،بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى تىزلەپ كىتىش ۋە ئۈچەي،ئاشقازانلاردا يارا پەيدا قىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
79.غەيرى تەبىئىي سەۋدا خېلىتى دىگەن نىمە؟ئۇ قانىچگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟ئۇ قانداق كىسەلكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاپ؛بەدەندىكى قايىسى بىر خېلىت ئارتۇقچە ھارارەتكە يولۇقۇپ كۆيسە،ئۇنىڭ سان ۋە سۈپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدابولۇپ،ئۇنىڭ سۇيۇق يەنى ئۇچۇچان قىسمى يۇقۇلۇپ،قۇيۇق قىسمى قېلىپ قالىدۇ.بۇ چۈكۈپ غەيىرى تەبئىي سەۋدا خېلىتنى ھاسىل قىلىدۇ.
غەيىرى تەبىئىي سەۋدائىككى خېل بولىدۇ.(1)سويۇق سەۋداخېلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبئىي سەۋدابولۇپ،بۇ بەدەنگە تارقىلىپ كېتىشى گەرچە تېز بولسىمۇ،لېكىن داۋالاش تەدبىرلىرنى قوبۇل قىلىشى نىسپەتەن ياخشىراق بولىدۇ (2) قويۇق سەۋدا خېلىتىنىڭ كۆيىشى نەتىجىسىدن ھاسىل بولىغان غەيرى تەبئىي سەۋداخىلىتىنىڭ ئۆزنىڭ نۇرمال ھالىتىدىن چىقىپ كەتكەن غەيرى تەبئىي سەۋدا بولۇپ،ئۇ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش تەدبىرلىرىنى تەسرەك قۇبۇل قىلىدۇ.
غەيرى تەبئىي سەۋدا خېلىتى-ھەرخىل ئۆسمە،ماخاۋ،جوزام،رۇھىي ئەسەبى كىسەللىكلەر يەنى مەرگىزى نىرۋاسېستىمىسنىڭ خىرمىتنى قالايمىقانلىشش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
80.خېلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئامللار قايسى؟ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈڭ ؟
جاۋاپ:ئويغۇر تىبابەتچىلىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ پەيدا بولىشىدا 4خىل ئامىل بولىدۇدەپ قارايدۇ.بۇ ئامللار:
(1) ماددى ئامىللار(2)ئىشلەتگۈچى ئامىل(3)شەكىل ئامىل(4)نەتىجە ئامىل.
ماددى ئامىل-مەلۇم شەكىلدىكى مۇرەككەپ شەيىئىنىڭ پەيدا بولىشىدا لازىم بولىدىغان ماددى خام ئەشيا ماددى ئامىل دەپ ئاتلىدۇ.
ئىشلىگۈچى ئامىل-مەلۇم شەيئىنى ئۆزگەرتىپ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۈچ ئىشلىگۈچى ئامىل دەپ ئاتىلىدۇ.
شەكىل ئامىل-شەكىلنى پەيدا قىلغۇچى ماددى ئەشيالار ئۆز ئارا ئالمىششى ۋە ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدەيىڭىدىن پەيدا بولغان بەلگۈلۈكسۈپەت شەكلى شەكىل ئامىل دەپ ئاتىلىدۇ.
-18-
نەتىجە ئامىل-ئىشلىنىپ چىققان بەلگۈلۈك سۈپەتكە ئىگە بولغانشەيئىنىڭ خىزمىتى ۋە ئوينايدىغان رولى نەتىجە ئامىل دەپ ئاتىلىدۇ.
تەبئىي خېلىتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى بۇ خېلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئي ھالىتىگە ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمدە ئولارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان رولى ۋە نەتىجسىمۇيۇقارقى 4خىل شەرتلىك قانۇنيەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ.مەسىلەن:گۆش،ياغ،شىكەر،سۈت،ئۇن،غىزا،ھەرخىل كۆكتات قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار ماددى ئامىل؛ئاشقازان ،ئۈچەي،جىگەر قاتارلىق ئەزالار ئىشلىگۈچى ئامىل،يىمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە پارچىلنىپ،ماسارىقا تومۇرى ئارقىلىق جىگەرگە بېرىپ،جىگەردە پىششىقلىنىپ،رەڭگى قىزىل سۈپەتكە ئىگە قان پەيدا قىلىش شەكىل ئامىل؛ئىشلىنىپ چىققان تەبئىي قانىنىڭ ئىنسان ھاياتىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك رولى نەتىجە ئامىل بولۇپ ھىسابلىندۇ.
81.مىزاج بىلەن خېلىتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
جاۋاپ(1) قارىمۇ-قارشى مىزاجلار خېلىتلارنى تەڭشەيدۇ.خېلىتلارنىڭ توراقلىق ھالىتنى تەڭشەيدۇ (2)مىزاج ھەر قايسى خېلىتلارنىڭ كەيپىياتنى بىلدۈرىدۇ.(3)ئادەمنىڭ مىزاجى خېلىتلارنىڭ غالىپلىق دەرىجىسنى بېلدۈرىدۇ.(4) خېلىتلار مىزاجنىڭ مىزاجنى شەككىلەندۈرىدۇ.
82.قان خېلىتىدا كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟
جاۋاپ:1) قان خېلىتنىڭ قويۇقلىششى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر (1)قان خېلىتى قۇيۇقلىشش سەۋەبىدىن قان تۇمۇرلارنىڭ توسۇلىشى ۋە قان-تومۇرى قېتىش.مەسىلەن؛تاجىسمىان ئارتىرىيە قېتىش،يۈرەك غول تۇمۇرى قېتىش،ئۆپكە ئارتىرىيەسى قېتىش قاتارلىق قان ئايلىنىشنىڭ ئېقىمى توسقۇنلىققا ئۇچىراش خاراكتىرلىك كېسەللىك كۆرلىدۇ.(2)قان قۇيۇقلىشۋېلىش سەۋەبى بىەلن تىرومبا خاراكتىرلىك كېسەللىك كۆرلىدۇ.مەسىلەن: مىڭە قان ئايلىنىشنىڭ ھەر قايسى تۇمۇرلادا شەكىللىنىدىغان قان نوكچىسى ياكى تىرومبا بۆرەك،يۈرەك،جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىدىكى سۇددە (توسالغۇ)پەيدابولۇش قاتارلىقلار.(3) قان قويۇقلىشۋېلىش سەۋەبدىن قان بېسىمى يۇقۇرىلاش خاراكىتىرلىك كېسەللىكلەر كۆرلىدۇ.
2) قان خېلىتنىڭ سۇيۇقلششى خاراكتېرلىك كېسەللىك.(1) قانىنىڭ سۇيۇلۇش سەۋەبدىن بولغان قان بېسىم (2) تېرە ياكى شىللىق پەردىلەردە مۇدۇر چاقىلار چەيدا بولۇش،قان خېلىتى خاراكتىرلىك تېرە كىسەللىكلىرى (3)قان خېلىتى سۇيۇلۇش خاراكتىرلىك قان ئازلىق
3) قان چىرىش،قان ئىرىش،قان زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆرلىدۇ.
قان چېرىش- قانىنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى ھەم ئوكسىگىنىنى تۇشۇشنىڭ بۇزۇلىشى يەنى قانىنىڭ شەكىللىك ئۇفۇنەتلىنىشى.
قان زەھەرلىنىش-جاراسىملارنىڭ قان ئېقىمىغا ئۆتۈپ ئۇفۇنەتلىنىشى ،ئۇنىڭدىن باشقا زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭ قان تەركىبىگە ئۆتۈپ كېتىشى:مەسىلەن ؛سۈيدۈك كىسلاتاسى،سۈت كىسلاتاسى،كىتون قاتارلىقلارنىڭ قان خېلىتىنى زەھەرلىشى.
83.سەپرا خىلىتىدا كۆرلىدىغان كىسەللىكلەر قايسى ؟
جاۋاپ:1)يۇقۇملىنىش،ياللۇغلىنىش خاكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆپ كۈرىلىدۇ.يەنى سەفرانىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ قان ئېقىمىغا ئۆتشنىڭ ئارتىپ كېتشى بىلەن سەپرانىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ كىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېىسەللىكلەر،ھەزىم ئەزالىرنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە يوقۇملىنىشى مەسىلەن:چوڭ-كىچىك ئۈچەيلەرنىڭ يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشى،ئۈچەي كىزىكى ،ئۈچەي سىلى.....قاتارلىقلار.
2)سەپرا خېلىتنىڭ قۇيۇقلىششى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىسەللىكلەر،ئۆتتە نوكچە پەيدا بولۇش،تىرومبا پەيدابولۇش،تاش پەيدا بولۇش.
3)سەپرا خېلىتىنىڭ كۈيۈشىدىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەر:ھەرخىل يوقۇملۇق كىسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن:جۇرام،سىبلىس قاتارلىقلار.
4)سەپرا خېلىتنىڭ سۇيۇقلىششى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىسەللىكلەر.
5)سەپرا خىلىتىنىڭ سۈمۈرلۈشنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچىرىشى خاراكتېرلىك كىسەللىكلەر.
84.بەلغەم خىلىتىدا كۆرلىدىغان كىسەللىكلەر قايسى ؟
جاۋاپ:1)بەلغەم خېلىتنىڭ قۇيۇقلىششى خاراكتىرلىك كىسەللىكى ،مەسىلەن:ئارتىرىيە دىۋارنىڭ
-19-
قېتشى،قدن-تۇمۇر دىۋارىدامايسىمان ئۆسمە پەيدا بۇلۇش،يۈرەك يېرىم ئايسىمان قاپقاقلىرى تارىيىش.
2)بەلغەم خىلىتنىڭ شىلىمشىق ماددىسنىڭ ئارتىپ كېتىشى خاراكتىرلىك كىسەللىك،مەسىلەن:كېڭىيىپ كېتىش خاراكتىرلىك كىسەللىك كۆرلىدۇ.
3)ماددا ئالمىشش توسقۇنلىققا ئۇرچىراش خاراكتىرلىك كىسەللىك:مەسىلەن:ئوزۇقلۇق يىتشمەسلىك ئالاھىدە كۆرلىدۇ.
4)بەلغەم خېلىتنىڭ ھارارەتلىنىشى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر؛مەسىلەن؛بەلغىمى شۇرنىڭ تەسىردىن بولغان بۆرەك ياللۇغى،بالياتقۇ ياللۇغى، رىماتىزىم، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ.
5) بەلغەم خىلىتىنىڭ تەركىبىدە قەنىت ماددىسى ئارتىپ كىتىش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر.مەسىلەن:قەنىت ئالمىشش قالايمىقانلىشش خاراكتىرلىك كېسەللىك،تاتلىق سېيىش كىسەللكى،تۇقۇلمىلارنىڭ نىكروزلىنىشى ،مىڭىگە قەنىت يىتشمەسلىك كېسەللىكىلىرى كۆرلىدۇ.
85.سەۋداخېلىتدا كۆرلىدىغان كىسەللىكلەر قايسى؟
جاۋاپ: 1) سەۋدا خلىتنىڭ كۈيۈشى .(1) يامان سۈپەتلىك ئۆسمە،ئۆپكە راكى،جىگەر راكى،بالياتقۇ راكى،(2)يامىراش ۋە تارقىلىش خاراكتىرلىك كىسەللىك:قارا پىگمىت كۆپىيىپ كىتىش،كۆيدۈرگە،جۇزام،تال ياللۇغى،ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى (3)روھىي ئەسەبى كىسەللىكلەر:سۆزلەپ قېلىش،ئېلىشىپ قېلىش،تۇتقاقلىق،ھېسچانلىق،ھەرخىل تىپتىكى ساراڭلىق.
2) كۆيگەن سەۋدا خېلىتى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن بولغان كىسەللىك

1) قان زەھەرلىش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر ۋە قان بۇزۇلۇش (2) خىلمۇ-خىل جاراھەتلىك ۋە يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلار، ياللۇغ خاراكتىرلىك بۇغۇم ھەركىتى تۇسقۇنلىققا ئۇچىراش.
3) سەۋدا خېلىتنىڭ چۈكۈشى ۋە قۇيۇقلىششى خاراكتىرلىك كىسەللىك ھەر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر،قاتتىق ئىشىشقلار،ئەزاۋە تۇمۇرلارنىڭ قېتىشى،روھىي سەزگۈرچانلىقنىڭ ئېشىپ كېتشى قاتارلىقلار
86.قان خېلىتى مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قانداق ؟
جاۋاپ:1) مىزاجى: بونداق ئادەملەر ھۇشىيار، ئاقىل،خۇشخۇي،ئەقلىي ئىشلارغا ماھىر،قەيسەر،ئىرادىسى چىڭ كېلىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:ئەقلىي تەپەككۇرى كۈچلۈك مۇستەقىلىققا ئىگە›ئەستە تۇتۇش قابىليىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3)شەكىل قىياپىتى:قان مىزاجلىق كىشلەرنىڭ يۈزى قىزغۇچ،بۇغداي ئۆڭ،يۈز شەكلى كۆركەم.چۇڭ بەدىنى، دىماغ چىڭ كېلىدۇ.
4)تېرىسى:قىزغۇچ،بوغداي ئۆڭ،چىدامچانلىقى كۈچلۈك،سىلىق بولۇشتەك ئالاھىدلىككەئىگە.
(5سۆز ئالاھىدىلىكى، تىلى، كۆز چاناقلىرى؛كۆپىنچە تىكىلىپ سۆزلەيدۇ.سۆزلىرىنىڭ رېتىمچانلىقى كۈچلۈك.سالماق،تەكرارلىنىشى يوق دىيەرلىك بولدۇ.ھەر بىر سۆز ئارلىقىداقول ئىشارىتى ئىشلتەلەيدۇ.تىلى قىزغۇچ،باشقا يات گەزلەردىن خالىي،كۆز چاناقلىرى سۆھبەت ئارلىقدا خۇمارلىشش تۈسىنى ئالىدۇ.ماختاش تەسەللى بىرىش سۆزلىرىنى كۆپلەپ قىلىدۇ.
6) يىمەك-ئىچمەك:گۆشنى تۇلىمۇ ياخشى كۈرۈىدۇ.ئادەتتە تاماق يىگەندە سەيلىك تاماق بولسا سىينى تاللاپ ئالىدۇ.ياكى ئاۋۋال سېيىنى يەپ ئاندىن گۆشنى يەيدۇ.ئادەتتە يېمەكلىك ئىچىدە ياغدا پىشۇرىغان يىمەكلىك بىلەن سويۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ.
7)خەت-يېزىق پىسخىكسى:خەتنى چوڭ يازىدۇ.خەت ئارلىقى يېراق،ئاستىغا ياكى ئۈستىگە چۈشۈرۈپ يازىدۇ.باشلىنىشى ھېسياتلىق بولىدۇ.خەتنىڭ گۈزەللىكىگە ئىتبار بەرمەيدۇ.
8)يول ھەرىكەت پىسىخىكسى: يول ماڭغاندائاستا مېڭىشى ئادەت قىلغان،قۇلىدا مەلۇم نەرسىنى كۆتىرىۋېلىشنى ئادەت قىلغان بۇلىدۇ.سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.كېشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ماھىر كېلىدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:كىشلەرنى ئالداشقا تۇلىمۇ ئۇستا،ماھىر،ئاسانلا ئۆزنىڭ گىپىگە ئىشەندۈرىۋالىدىغان كېلىدۇ.ۋەقەلەرنى جاللاندۇرۇش قابىليىتى يۇقىرى،ئېغىشچانلىقمۇ بىر ئاز يۇقىرى،دۇستلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرنىدۇ.لېكىن سۈيقەستچىلىك نىيىتى يۇقىرى بولىدۇ.پىتنى-ئېغۋاتارقىتىشقا ماھىر،كىشلەر ئارا بۆلگىنىچلىك سېلىشنى ئويلايدىغان كېلىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىش پىسخىكىسى:ئاساسلىق بىر ۋەقە سەزگۈگە دوچ كەلگەندە ھېسىداشلىق قىلىش قىياپىتى
-20-
ئاشكارىلىندۇ.ئادەتتە دەرھال ئىككى خىل ھالەت ئۆزگەرتەلەيدۇ.قايغۇنى خۇشاللىققا،يېغىنى كۈلكىگە ئايلاندۇرالايدۇ.يالغان كۈلكىگە ماھىر كېلىدۇ.
11)تۇرمۇش پىسخىكسى:تەرتىپلىك،دەلىللىك بولىدۇ.تۇرمۇشقا قىزىققان،مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ.جىنسىيەتكە ئامراق،باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاسان يول قويمايىدىغان كېلىدۇ.
87.سەپرا خېلىتى مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قانداق ؟
جاۋاپ: 1) مىزاجى: ئاسان ئاچچىقلىندىغان،قايغۇنى كۆرسە ناھايتى چۈشكىنىلىشىپ كېتىدىغان،خوشاللىقنى كۆرسە گۈل قەقەلىرى ئېچلىپ ئۆزىنى باسالمايدىغان،ئالدىراقسان،كۆپ ھاللاردا ئۇپۇل-تۇپۇل كېلىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:مەسىللەرگە ئىنكاسى كۈچلۈك ھەر قانداق ئۇقۇم،شەيئىلەرنىڭ ھالىتنى ئاسان ئەستە قالدۇرىدۇ.ھەم ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ،ئۆزنىڭ ئۇنۇتقاقلىقىدىن ناھايتى بىزار بولىدۇ.مەسللەرنىڭ يىپ ئۇچنى تېپىشقا ماھىر كېلىدۇ.لېكىن ئادىراقسانلىق تۈپەيلىدىن نىشاندىن ئېزىپ كېتىشكىمۇ ماھىر كېلىدۇ.
3)شەكىل قىياپىتى:تىنى ئىنىچكە ئۇرۇق،رەڭگى-رۇھىي ئاق ياكى سېرىق،كۆز ئېقى سېرىق كېلىدۇ.تىلى سېرىق گەز باغلىغان بولىدۇ.بەزىلەرنىڭ بەدىنى تۇلىمۇ ئۇرۇق ئىگىز بەزىلەرنىڭ بەدىنى تۇلىمۇ پاكار ۋىجىك كېلىدۇ.شەكىل تەرەققىيات جەھەتتە تۇراقسىز كېلىدۇ.كۆپىنىچە ئىڭىشقان ھالەتنى ئادەت قىلغان بولىدۇ.
4)تېرىسى: قىززىق،يىرىك،سۈزۈك،سىزىملارغا ئىنكاسى ناھايتى تىز،كۆپ ھاللاردا بەدەنىنىڭ ھارارىتى تېرىسىگە تېپىپ تۇرىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى، تىلى، كۆز چاناقلىرى؛ئورا كۆز،بۇرنى ئۇزۇن ئىنىچكە ،ئۆزنىڭ تۈزلۈشى جەھەتتە ئاق ئېڭەڭ كېلىدۇ.سۆز قىلغانداتىز قىلىشنى ئادەت قىلغان ئاغىزى بىلەن قۇلى بىرىگە ھەرىكەت قىلىدىغان سۆزلىرى كەينى- كەيندىن پارتلاش خاراكتىرلىك چىقدىغان نەسھەت ۋە تەربىيلەش خاراكتىرلىك سۆزلەر ئاز،ئەيىپلەش خاراكتىرلىك سۆزلەر كۆپ بولىدۇ.سۆز ئارىلىقى يېغىنچاقلىقى ئاساسەن يوق.
6) يىمەك-ئىچمەك:كۆپىنچە تاماق تاللىمايدۇ.سۇيۇق سەلەڭ ئۇندا قىلىنغان تاماقلارغا ئامراق،گۈرۈچلۈك تاماقلارغا ئانچە زوقى يوق،تاماق يىگەندە ئاسان تاماقنى تۈگىىتىپ قويىدۇ.ئادەتتە ياغ،ئىسسىقلىق ھارارىتى يۇقىرى بولغان نەرسىلەردىن نەپرەتلىندۇ.تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن سۆزلىششنى خالىمايدۇ.
7)خەت-يېزىق پىسخىكسى:خەتلىرى ئۇششاق بىر-بىرگە چاپلىشىپ قالغاندەك،تاغىدىن- باققا چىقىرىپ يازىدۇ.خەتنى تىز يازىدۇ،كۆپ ھاللاردا لىكسىيە قالدۇرۇۋېلىش قابىليىتى يۇقىرى بولىدۇ.خەتنىنڭ گۈزەللىكىگە ئىتىبار بەرمەيدۇ.مەلۇم نەرسىلەر توغىرىلىق يېزىلغان ماتىرىياللارنىڭ ماۋزۇ،باب،پارگىرافلارنى ئىنىق يازمايدۇ.
8)يول ھەرىكەت پىسىخىكسى:يول يۈرگەندە تىز ماڭىدۇ.يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە سەپ سالمايدۇ.رۇھىي قىياپىتىدە بىر خىل جىددىچىلىك تۈسنى ئالغان بولىدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:ئاسان بىر كىشنى ياراتمايدۇ.يېقىلىنىش قالسا ناھايتى قىزغىنلىشىپ كېتىدۇ.ئوڭاي ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.ئاسانلا ئەپلىشپ قالىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاسان ئالالمايدۇ.ئۆز-ئۈزىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىش پىسخىكىسى:بۇ خىل مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ ھالەت ئۆزگىرىشى ياخشى بولىدۇ.
ئاچچىقلىنىش،خوشاللىنىش روھىي قىياپىتدە ئاسان ئاشكارىلىندۇ.ئۆزنىڭ ئىچكى سىرىنى ئاسان ئاشكارلاپ قويىدۇ.غەزەپلىنىش ياش تۈكۈشكە ماھىر بولىدۇ.
11)تۇرمۇش پىسخىكسى: ناھايىتى قىززىققان كېلىدۇ.ئاسان يېقلىنىشپ كېتىدۇ ھەم ئاسان يىراقلىشىپ كېتىدۇ.مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ.تۇلىمۇ كۆيىمچان ،سەممى كېلىدۇ،جىسىيەتتە نورمال بولىدۇ.
88.بەلغەم خېلىتى مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قانداق ؟
جاۋاپ: 1) مىزاجى:ئېغىر-بېسىق،سىزىملارغا ئىنكاسى تۈۋەن،كىشلەر بىلەن ئاسانلىقچە يېقىلىنلاشمايدىغان ،كۆپىنچە ئۇخلاشقا ئامراق،باشقىلارنىڭ ئىشغا پەرۋا قىلمايدىغان،ئۆزەم بولسام بولدى دەيدىغان كېلىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:ئەقىلى تەپەككۇر قابىلىيىتى نىسبەتەن تۆۋەن،مۇستەقىل ھەم مۇقىملىققا ئىگە،ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەن ،موستەقىل ھەم مۇقىملىققا ئىگە.ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەن، ئۇنۇتقاق كىلىدۇ.دائىم ئۇنۇتقاقلىقنىڭ شىكايىتنى قېلىدۇ.تىل-يېزىق ئىنكاسى خېلى بەك تۈۋەن.
3)شەكىل قىياپىتى:چىرايى ئاققا مايىل،قاپاقلىرى ئىسلەڭگۈ،لەۋلىرى توم،سۆز،مۇسكۇلىرى بوش،بەدىنى سىمىز،گەۋدىلىك،شەكىل قىياپىتىدە بىر خىل پالاكەتلىك تۈسنى چىقىپ تۇرىدۇ.
4)تېرىسى:يومشاق،سىلىق، پاقىراق،ھارارىتى تۆۋەن،سىزىمچانلىقى تۆۋەن كېلىدۇ.
-21-
5)سۆز ئالاھىدىلىكى، تىلى، كۆز چاناقلىرى؛سۆز قىلغاندا ھە،شۇ،چۇ،مۇ،ئان قۇشۇمچىلرىنى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ.تىلى سۈزۈك،بىر ئازقىزىل بولىدۇ.كۆز چاناقلىرىدابىر خىل تەمكىنىلىك بولىدۇ.ھاياجلانمايدۇ.
6) يىمەك-ئىچمەك:يىمەكلىكتىن گۆشكە ئامراق،سەي-كۆكتاتنى ياقتۇرمايدۇ.كۆپىنىچە تۇزدا ياغدا قۇرىغان نەرسىلەرگە ئامراق،تاماققا بولغان دىققەتچلىكى كۈچلۈك بۇلىدۇ.باشقىلارغا ئاسانلىقچە دىققەت قىلمايدۇ.تاماق جەرياندا ئارقىدا قالىدۇ.ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ياقتۇرمايدۇ.
7)خەت-يېزىق پىسخىكسى:خەتلىرى چوڭ-چوڭ بولىدۇ.قۇر ئارقىلقىچوڭ بولىدۇ.كۆپنچە يازىدىغان نەرسىدىن زېرىكمەيدۇ.
8)يول ھەرىكەت پىسىخىكسى:يول ماڭغاندا يولنىڭ ئۇ چېتىگە-بۇ چېتىگە چىقىپ ماڭىدۇ.ئەتراپىدىكى ئىشلارغا نەزەر سالمايدۇ.كۆپ ھاللاردا يىتەكلىشىپ مېڭىشىغا ئامىراق،ياكى سەپەردە سۆز قىلمايدۇ.
9)كىشىلىك مۇئامىلە:كىشىلەرگە ئاسان سۇغۇق كۈرۇنۇپ قالىدۇ.قارىماققا مۇئامىلىسى سۇغۇقاق بولسىمۇ،ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.ئاق كۆڭۇل ساددا كېلىدۇ.ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدۇ.باشقىلارنى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ.تەۋەككۇلچىلىكتىن خالى ئىرادىسىز كېلىۇ.ھەم سۆھپەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلاپ قۇيىدۇ.دوسلۇقنى قەدىرلەيدۇ.سادىق ئىناۋىتىنى ساقلايدىغان كېلىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگەرتىش:ئىنكاسلارغا دەرھال ئۆزگىرىش ياسىيالمايدۇ،ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.
11)تۇرمۇش؛تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولسىمۇقالدۇق ئىشلىرى كۆپ بۇلىدۇئبۇزۇق خىياللاردىن يىراق بۇلىدۇ.مۇھەببەت قىزغىنلىقى مەخپىي بۇلىدۇ.جىنسىيەت تۇرمۇشتا تەرتىپنى ساقلايدۇ.چۈشكىنلىشىش دەرىجىسى يۇقۇرىراق كېلىدۇ.
89. سەۋدا مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ:1)مىزاجى:ئاچچىقى يامان كېلىدۇ.كۆپ ھاللاردا قايغۇلۇق ھالەتتە يۇرۇيدىغان ھەركىتى چاققان،كىشىلەر بىلەن ئانچە ئالاشمايدىغان،گەپ سۆزى كەم،ئاسان خوشاللىنىپ ئاسان خاپا بولمايدىغان مىزاجغا ئىگە.
2)تىرىسى:سۇغۇق،قورغاق،يىرىك،نۇرسىز،سىزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەنرەك
3)ئەقلى تەپەككۇرى؛نىسبەتەن ئىقلى تەپەككۇرى كېيىنرەك لېكىن كۈچلۈك ھەم سىستىمىلىك مۇھىم ئىنكاس،شەيئىلەر تۇغىرسىدىكى ئىنكاس ئۇقۇملارنى ئىسىدە ياخشى ساقلايدۇ.
4)شەكىلى قىياپىتى:كۆپىنچە تىنى ۋىجىك،ئۇرۇق،سۇڭەك،مۇسكۇللىرى ئانچە تەرققىي قىلمىغان،كۆرىنىشتە ئاجىزراق كۆرىنىدىغان رەڭگى روھى تۇتۇق،بەزىلىرىنىڭ رەڭگىقارىغا مائىل،كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان دائىم قاپىقى سۇزۇلۇپ تۇرىدىغان لەۋلىرى كۈكۈش كۆرىنىدۇ.
5)سۆزئالاىدىلىكى،تىلى،كۆزچاناقلىرى:سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق غەمكىن،كۆپ ھاللاردائىھتىيات تۈسىنى ئالغان،ئالدىراپ ئىپادە بۇلدۇرمەيدىغان،تىلى قىزغۇچ،كۆككە مائىل،كۆز چاناقلىرى ئەتىراپىدا كۆز ئېقىدا بەلگە ئوقسىمان سىزىق بار.
6)يىمەك-ئىچمەك:ئادەتتە ئوغىرى ئىشتىھا ناھايىتى كۆپ بۇلىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئازراق غىزا بىلەن تۇيۇپ قالىدۇ.كۆپ ھاللاردا پۇتۇن دىققىتى غىزاغا مەركەزلەشكەن بۇلىدۇ.مىۋە-چىۋە بىلەن يەل-يىمىشنى ياخشى كۆرىدۇ.سۇيۇق سەلەڭ سۇغۇق نەرسىلەردىن نەپىرەتلىنىدۇ.
7)خەت-يېزىق: خەتلىرى ئۇششاق بۇلىدۇ.قۇر ئارلىقى يېقىن،بىر تەكشىلىكنى ساقلىغان بۇلىدۇ.ھەم لىكسىيە قالدۇرۇش قابىلىيتى ئانچە يۇقۇرى بولمايدۇ.
8)يول-ھەرىكەت:كۆپىنچە يول ماڭغاندا كىشىلەرگە سۇقۇلۇپ قالىدۇ.مەلۇم ئىنكاس ئۇقۇملار ئۈستىدە ئويلۇنۇپ ماڭىدۇ.تۇيۇقسىز ئىنكاسلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.
9)ھالەت ئۆزگەرتىش:مەيلى قايغۇ،خوشاللىق بولسۇن،روھى قىياپىتى ئانچە بىلىنمەيدۇ.دەرت ئەلەم خوشاللىقنى ئىچىگە يۇتۇشقا ماھىر بۇلىدۇ.كىشىلەرنىڭ غەم-قايغۇ ئىنكاسلىرىغا نىسبەتەن دەرھال ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقتىن سۇغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدۇ.
10)كىشىلىك مۇناسىۋەت:باشقىلارنى خوشال قىلالمايدۇ.ھەم رەنجىتەلمەيدۇ.مۇستەقىلىقچانلىقى كۈچلۇك،ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ.كىشىلەرگە سەمىمى،راسچىل كېلىدۇ.ھىلىگەر توزاقلاردىن خالى بۇلىدۇ.كۈتۈلمىگەن يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىپ قۇيىدۇ.كۈچلۇك سىر ساقلايدۇ.
11)تۇرمۇش پىسخكىسى:ئانچە بەك قىززىق قان بولمايدۇ.كۆپىنچە يالغۇز ئۆتۈشنى ياقتۇرىدۇ.تۇرمۇش توغۇرلۇق
-22-
كۆپ ئويلانمايدۇ.تۇرمۇشتا كۈيۈمچان ئەتىراپلىق بۇلىدۇ.ھەر قانداق ئىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ھاۋايى-ھەۋەس ئىشقى مۇھەببەتكە بىرىلمەيدۇ.
90.خۇنى بەلغەم مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى:قان مىزاجدەك خۇشخۇي،چىقىشقاق،ئاسان ئاچچىىقلانمايدىغان،تەمكىن ئېغىر-بېسىق،كۆپ ئەسنەيدىغان،ئۇيقۇغا ئامراق،ھۇرۇن كېلىدۇ.
2)تىرىسى:قىزىلراق،يۇمشاق،مۇيلار نىسپەتەن كۆپ ئەمەس،ئىنكاسچانلىقى سەل چىكىنىگەن بولىدۇ.
3) ئەقلىي تەپەككۇرى:خاس قان مىزاجلىق كشلەرگە نىسپەتەن سەل تۈۋەنرەك،گەرچە شەيئىلەرگە نىسپەتەن ئۇقۇم ئىنكاسلار ئەسلىدىكى يالغۇز مىزاجدىن تۆۋەن بولسىمۇلېكىن سېستىملىق مىتۇتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.
4)بەدەن شەكلى،كۆزچاناقلىرى،تىلى:ئىگىز،گەۋدىلىك،سىمزبولۇشتەك ئالاھىدىلىكگە ئىگە.كۆپ ھاللارداگېدىيىپ تۇرىدۇ.يالغان كۈلكىنى كۆپرەك قىلىدۇ.كۆپ ھاللاردا بەدەن شەكلىدە بىر خىل يۇمۇرلۇق قىياپەت كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.كۆز چاناقلىرى ئادەتتە قوش قاپاق بولىدۇ.كۆز جىيەكلىرى ئەتراپىدا كۈلكە كۆرىنىپ تۇرىدۇ.كۆپۈنچە كۆز قىسىشى،قاش ئېتىشقا ماھىر بولىدۇ.كۆز ئېقدا قان مىزاجغا خاس بولغان قىزىللىق بولمايدۇ.تىلى قېلىن، قىزىل بولىدۇ.
5)سۆزئالاىدىلىكى:ھەر بىر سۆز قىلغاندا ئۆزىنى تەستىقلاپ تۇرىدۇ.ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ھەركىتنى كۆپ قىلىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:ياغ،گۆش،قۇۋۋەتلىك غىزالارنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.مىۋە-چىۋە نەرسىلەرگە ئانچە قىزىقمايدۇ.غىزا يېيىش ھالىتى بەلغەم مىزاجغا ئوخشاش بولىدۇ.پارتىداشلىرىنى كۆپنچە كۈلدۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.سەي-كۆكتات،سۇيۇق-سەلەڭ نەرسىلەرگە ئانچە رايى يوق.
7)خەت-يېزىق:خەتلىرى كۆپنچە چوڭ دانە-دانە،قۇرئارلىقى يىراق ھەر بىر ھەرىپنىڭ ئاخىرىدا پوسۇن چىقىرىلغان بولىدۇ.خېتى مۇقىم تۇراقلىققا ئىگە.
8)يول-ھەرىكەت:يول يۈرگەندە ئاستا غادىيىپ، قولىدا مەلۇم نەرسە كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئامراق،كىشلەرگە ئاسان يول بۇشىتىپ بەرمەيدۇ.نىشانغا يىتىشكە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىدۇ.
9)ھالەت ئۆزگەرتىش:ئىنكاسلارغا نىسپەتەن روھىي قىياپىتدە سىرلىق ھالەت پىسخىكسىنى ساقلىغان بولىدۇ.ياكى خوشال بولغىنىنى ياكى خاپا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.ئاسانلىقچە رۇھىي قىياپىتدە ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ.تولۇق ئىنكاس،شىكايەت بەرگەندىن كىيىن روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ.
10)كىشىلىك مۇناسىۋەت:كىشلەرەە نەسىھەت قىلىشقا ئامراق ۋەئۇستا كېلىدۇ.ئۆزى باشقلارنىڭ نەسىھتنى ئاسان ئاڭلىمايدۇ.كىشلەربىلەن بۇلغان سۆھبەتتە سالاپەتلىك،مۇئامىلسى قىزغىن كېلىدۇ.لېكىن كىشلەرنىڭ روھىي ھالىتىكە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.كىشلەرنىڭ غەم –قايغۇ خۇشالىققغا ناھايىتى تەمكىنىلىك بىلەن مۇئامىلە قېلىدۇ.ھىيلە-مىكىرلىك تۇزاققا پۇختا بولىدۇ.
11)تۇرمۇش پىسخكىسى تۇرمۇشقا سەۋىرچان، قانائەتمەن تەرتىپلىك، ئىھتىياتچان كېلىدۇ.مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقىرى،يالغانچىلىق تۈسنى ئالغان كېلىدۇ.كىشلەربىڭ نام ئابروينى چۈشۈرۈىشكە ئامراق.
91.خۇنى بەلغەم مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ:1)مىزاجى؛خۇشخۇي،كۈلگۈنچەك،سۆز قىلىشقا ئامراق،ۋات-ۋات كېلىدۇ.باشقىلارغا قىزغىن، چىرايلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.كۆپ ھاللاردا گۈزەللىك تۇغىرلىق سۆزلەيدىغان ،ياسانچۇق،ياڭزىخو كېلىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:شەيىئلەرگە ئىنكاسى تىز،ئىلمىلكى بىر قەدەر يۇقىرى،خېلى پۇختا،سېستىملىق بولىدۇ.ئەستە ساقلاش،مۇلاھىزە قىلىش قابىلىيتى يۇقىرى،مۇنازىرە سورونلىرىدا كۈچلۈك سۆز تالانتىغا ئىگە بولىدۇ.
3)تىرىسى:قىزىق،سېلىق،تۈكلەر ئۇزۇن-ئۇزۇن،يۇمشاق كېلىدۇ.تىرىسنىڭ سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولىدۇ.تىرە رەڭگى كۆپنچە ساغۇچقا مائىل كېلىدۇ.ئاسان قىزىزىپ،ئاسان ساغىرىپ،ئاسان تاتىرىپ كېتدۇ.مۇدۇر-چاقىلارنىڭ ئۇچچى ئاقىرىىپ يېرىڭ چىقىدۇ.(ئاق رەڭلىك يېرىڭ)
4)بەدەن شەكلى،كۆزچاناقلىرى،تىلى:بەدىنى ئىنچىكە،مۇسكۇللىرى رۇشەن،بەدىنى كۈچلۈك كېلىدۇ.خلىمۇ-خىل خۇلۇقلارنى چىقرىشقا ماھىر كېلىدۇ.كۆز جىيەكلىرى چۇڭقۇر نۇرلۇق كېلىدۇ.ئادەمنى زۇقلاندۇرىدۇ.كىشلەرگە خۇمالىق قاراپ قويىدۇ.كۆز چاناقلىرى يۇمۇلغان قىياپەتكە مائىل كېلىدۇ.تىلى ئىنچىكە ئۇزۇن،قىزىل بولىدۇ.تېلىداكۆپ ھاللاردا بىر نەرسىنى ئوينىتىپ ياكى تىلنى ئوينىتىپ تۇرىدۇ.مەلۇم سۆز-ھەرىكەت ئىنكاسلارنى تىلى ئارقىلىق ئىپادىليەلەيدۇ.
-23-
5)سۆزئالاىدىلىكى:سۆزلىرى ناھايىتى ئىنىق جانلىق،ئۇرغۇلۇق،كەينى-كەينىدىن بولىدۇ.سۆزىنىڭ ئاخىرى سۇئال سوراققا مائىل كېلىدۇ.سۆزى يېقىملىق كېلىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:تاماقتىن بەك نازلىنىدۇ.باشقىلار ئالىدىدا ياسالمىلىق قىلىپ تاماق يىمەيدۇ.مايلىق،گۆشلۈك نەرسىلەر بىلەن خوشى يوق،مىۋە-چىۋە،تەرخەمەك،پەمىدۇر يېيىشكە ئامراق،دوسلارنىڭ كۆپ تاماق يېيىشىدىن خۇشاللىندۇ.تاماق ئورنىدا خاسىڭ،گازىرغا ئوخشاش،ئوششاق-چۈشەك نەرسىلەرنى يېيشنى ياخشى كۆرىدۇ.
7)خەت-يېزىق:خەتلىرى ئوششاق،چىرايلىق بولىدۇ.خەت يازغاندا كۈچەيتكۈچى سۆزلەرنى كۆپ يازىدۇ.خېتى بىر تەكشلىكنى ساقلىمايدۇ.
8)يول-ھەرىكەت:يو يۈرگەندە تاراقلاپ قېتىپ ماڭىدۇ.ھەتتا قىسقا ئارلىققىمۇ شۇنداق ماڭىدۇ.بىر خىل تەنتەنىلىك تۈسنى ئالغان بولىدۇ.كۆپ ھاللاردا ئۇششاق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ.تۇنۇشلار ئۇچىراپ قالسا ناھايتى خوشال قىزغىن كۆرىشىدۇ.
9)ھالەت ئۆزگەرتىش:ئىنكاسلارغا دەرھال ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.روھىي-ھالەت ئۆزگىرىشى سۆزى ماسلاشقان بولىدۇ.
10)كىشىلىك مۇناسىۋەت:كىشلەربىلەن ئاسانلا چىقشىپ قالىدۇ.ھەرقانداق كىشنى ئاسان يارتىپ قالىدۇ.
دوستلىرنىڭ غەم-قايغۇلىرىغا كۈچلۈك ماسلىشىدۇ.
11)تۇرمۇش؛ھېسىياتقا باي،تۇرمۇشقا ناھايتى قىزىققان پاكىزە،تەرتىپلىك بولىدۇ.كىشلەرگە پۇزۇتسىيە جەھەتتەغەمگۈزاردەك كۆرنىدۇ.لېكىن ئىچى تار، بەكلا قىزغانچۇق كېلىدۇ.ئۆزنىڭ نەرسىلىرنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا بەرمەيدۇ.ئۆزەم بولسام بولاتتى دەيدىغان خىيالدا بولىدۇ.بىراق ئۈژمە كۆڭۈل كېلىدۇ.
92.خۇنى سەۋدا مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى؛كۆپ ھاللاردا ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ.چوڭ-كىچىك ئىشلارغا ئاسان چېچىلمايدۇ.ئىنكاسلارغا نىسپەتەن ناھايتى تەمكىن.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:شەيئى ئۇقۇملارغا نىسبەتەن ئەقلى تەپەككۇرى كۈچلۈك،سېستىمچانلىقى يۇقىرى مەلۇم مەسىللەرگە نىسبەتەن ئالدىراپ خولاسە چىقارمايدىغان،سۇغۇق قانلىق ئىدىيسى كۈچلۈك.ئەستە تۇتۇش قابىليىتى يۇقىرى بولۇپ،كىشنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
3)تىرىسى:تېرسى كۆپ ھاللاردا تۇتۇق،يۈزىگە مۇدۇر چاقاچىقدۇ.قاتتىق ھەم ئاسان داغلار قالىدۇ.تېرىسى سىلىق سۇغۇق،تارتشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
4)سۆز ئالاھىدىلىكى،كۆزچاناقلىرى،تىلى:ھەر قانداق سۆزىنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەيدۇ.كىشلەرگە تەنقىت بېرىشكە ماھىر،مەلۇم ھېسياتلىق سۆزلەرگە ئاسان تەسىرلىندىغان ھەم شۇنداق سۆزلەرنى كۆپ قىلىدىغان بولىدۇ.تىلدا كۆكۈش گەز كېلىدۇ.
5)بەدەن قىياپىتى:كۆپ ھاللاردا بەدىنى نورمال،يۈز شەكلى كىچىك،كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان،كۆز چاناقلىرى ئولتۇررۇشقان ئورا كۆز،قاشلىرى قويۇق،تۈكلەر كۆپ چىققان بولىدۇ.
6)يېمەك-ئىچمەك:گۆش،ياغ ھەم تاتلىق تۈزۈملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.غىزالانغان ۋاقتتا ئاساسىي دىققىتىنى غىزاغا قاراتقان،غىزا ئارلىقدا ئەيمنىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان بولىدۇ.
7)خەت-يېزىق:خەتلەر چوڭ-چوڭ بىر تەكشىلىكنى ساقىلىغان قور ئارلىقى ئېنىق بولىدۇ.خەت يازغاندا سۈرئىتى ئاستاراق بولىدۇ.
8)يول-ھەرىكەت:يول ماڭغاندا گېدىيىپ ياكى ئىڭىشىپ ماڭىدۇ.قەدەملىرى تەكشى،پوسۇن چىقىرىپ ماڭىدۇ.ئادەتتە ئىتىتك يول يۈرۈشتىن نەپرەتلىنىدۇ.بىر تەكشلىكنى ساقلايدۇ.
9)كىشلىك مۇئاملە:كىشلەرگە يېقنلىششنى ئاسان خالىمايدۇ.كۆڭلىگە ئاسان بىرى كىم ئەرزىمەيدۇ.دوستلىقنى ناھايتى قەدىرلەيدىغان كېلىدۇ.كۆرمىسە چاتىقى يوق،كۆرسە ھالى قالمايدىغان كېلىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىشى:كىشلەرنىڭ غەم قايغۇ ھالەتلىرىگە ئاسان ھالەت ئۆزگەرتەلمەيدۇ.لېكىن ئىچكى جەھەتتە قايغۇ ئەندىشە نىسپەتەن كۈچلۈك ھېسىداشلىق ئەكىس ئېتىدۇ.يىغى زارە-كۈلگە چاقچاقتىن يېراق تۇرىدۇ.باشقىلارغا نىسپەتەن چۈشۈنۈپ بولمايدىغان ئادەمدەك كۆرنىدۇ.
11)تۇرمۇش:تۇرمۇشقا قىزىققان كۈيۈمچانلىقى يۇقىرى مۇھەببەت ئىستىكى تۆۋەن بولىدۇ.تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ ئەمەس.بىر بولسا بۇزۇق خىيال شەھۋانى ئىشلارغا ھېرسمەن كېلىدۇ.بىر بولسا ئۇنداق بولمايدۇ.
-24-
93.بەلغىمى خۇنى مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى؛كىشلەر بىلەن مۇڭداشقاق،ئۆزى خۇشخۇي،دائىم دېگۈدەك كۈلۈپ يۈرۈىيدىغان،ئاق كۆڭۈل،لېكىن كىشلەرنى ئاسان رەنجىتىپ قويىدىغان كېلىدۇ.ئۆزى بىر ئىشلارغا ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ.ئۇيقۇ بىلەن نانغا ئامراق كېلىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:نىسبەتەن تۈۋەنرەك،ئۆزنىڭ دۆتلىكتىن زارلىندۇ.لېكىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى كۆرنەرلىك ياخشى،ئىنكاسلارنى ئاسان قۇبۇل قىلالمايدۇ.
3)تىرىسى:سۈزۈك پاقىراق،نۇرلىنىپ تۇرىدىغان ،يۇمشاق ئەبىرشىم كېلىدۇ،لېكىن بىر ئاز سۇغۇقراق.
4)بەدەن قىياپىتى:خام سىمىز،سۈڭەكلىرى چوڭ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى،كۆزچاناقلىرى،تىلى:گۈرگۈر ۋاقىراپ سۆزلەيدۇ.سۆزنىڭ ئاخىرى بېسىلمايدۇ.كۆپىنچە يۇمۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.ئۆزىدىن ئۆزى مەمنۇن بولىدۇ.سۆزلىرى جاراڭلىق ۋە رېتملىق بولىدۇ.كۆز چاناقلىرى تۈرۈلگەن، كۆزى سىرتقاپولتىيىپ تۇرغاندەك كۆرنىدۇ.تىلى ئاق،قىلىن،كالپۇكلىرى قېلىن،يۈزى كۆپنچە ياغلاش كېلىدۇ.
6)يېمەك-ئىچمەك:تاماق تاللىمايدۇ.مەيلى قانداق تاماق بولسۇن زورئىشتھا بىلەن يەيدۇ.ئاچچىقتىن زارلىندۇ.غىزا ئارلىقدا ئانچە-مۇنچە ۋاقىراپ قويىدۇ.غىزادىن كىيىن سۇغۇق سۇ ئىچمىسە پۇخادىن چىقمايدۇ.مېھماندارچىلقتا كىشلەرنى زورلاشقىمۇ ئۆزى يېيشكمۇ ئۇستا كېلىدۇ.
7)خەت-يېزىق:دىۋان شەكىلدەخەت يازدىدۇ.ئادەتتەكەسمەخەت كۆپ بولىدۇ.لېكىن چىرايلىق بولمايدۇ.چوڭ-چوڭ بولىدۇ.يېزىق سۈرئىتى ئاستا، بىر تەكشىلىكنى ساقلىغان بولىدۇ.
8)يول-ھەرىكەت:چوڭ قەدەم بىلەن يو يۈرىدۇ.يول يۈرگەندە قۇلى ئىگىلگەن بولىدۇ.ئېڭىشكەن ھالەتتە يول ماڭىدۇ.مەلۇم شەيئى ئىنكاسغا قارتا ئىنكاسى كۈچلۈك،يول يۈرگەندە بىر تەكشلىكنى ساقلىمايدۇ.
9)كىشلىك مۇئاملە:كىشلەرگە بولغان مۇئاملىسى ئېىنق،قىزغىن بولىدۇ.باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا ماھىر،ئاق كۆڭۈل،بىراق مەنمەنچى كېلىدۇ،كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئاسان يو قويمايدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىشى:خوشاللىق غەم قايغۇ ئىنكاسلارغا نىسپەتەن روھىي قىياپەتتە ئۆزگىرىشى تىز بولىدۇ.نەسھەت سۆزلەرگە ماھىر،لېكىن تاقىتى چەكلىك بولىدۇ.
11)تۇرمۇش:تۇرمۇشقا قىزىققان، مۇئاملىسى قىزغىن ،كۆپنىچە كۆڭلىمدىكىنى تاپ دەيدۇ.مۇھەببەت ھىسيات ئالماشتۇرۇش جەھەتتە توراقسىز،ئالاغىلاپ بولىدۇ.
94.بەلغىمى سەپرا مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى؛ئېغىر-بېسىق،ئاھان ئاچچىقلانمايدىغان، ئاچچىغى كەلسە ئاسان يانمايدىغان، كىشلەردىن كۆپنچەئەيىپ تېپىپ تۇرىىدۇ.كىشلەر بىلەن مۇئامىلە جەھەتتە ئاسان چېقشىدىغان ھەم ئاسان ئۇرشۇپ قالىدىغان بولىدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:ئەقلىي تەپەككۇرى خېلى تىز،ئۇقۇملارنى ئاسان ئۆزلەشتۈرىدۇ.ھەم ئەستە تۇتۇشى خېلى ياخشى بولىدۇ.
3)تىرىسى:سۈزۈك،پاقراق،ئاققا مائىل، بىر ئاز ھارارەتلىك سىزىمچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.
4)بەدەن قىياپىتى:ئۇرۇق، ئىگىز،گەۋدىلىك بولىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى،كۆزچاناقلىرى،تىلى:كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشقان، قاشلىرى ئىنچىكە شالاڭ،يۈزلىرىگە تۈك-ساقاللىرى ئاز چىققان بولىدۇ.تىلى كۆپنچە ئاق گەز باغلايدۇ.سۆزلىگەندە بىر خىل ھاياجان بىلان تىز-تىز سۆزلەيدۇ.
6)يېمەك-ئىچمەك:مىۋە-چىۋە، يەل يىمشلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.قانداقلا غىزا بولىمىسۇن ئېيتىپ تېپىشقا ماھىر كېلىدۇ.غىزا ئارلىقدا پوچىلىق قىلىشقا ئامراق.
7)خەت-يېزىق:خەتلىرى تىك،بىر تەكشلىكنى ساقلىمغان بولىدۇ.
8) يول-ھەرىكەت:يول يۈرگەندە شامالدەك تىز ماڭىدۇ.كۆپنچە ئالدىغا ئېڭىشىپ ماڭىدۇ.ئىنكاسلارغا نىسپەتەن ئىنكاسى كۈچلۈك بولىدۇ.
9)كىشلىك مۇئاملە:كشىلەر بىلەن بولغان مۇئاملىسى قىزغىن،دوستلارنىڭ خىزمىتنى قىلىشقا ھېرىسمەن،قارشى تەرەپنىڭ ھالىغا خېلى يېتىدىغان كېلىدۇ.گەپ-سۆزىدە بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئايىمايدۇ.
-25-
10)ھالەت ئۆزگىرىشى: خوشاللىق،غەم قايغۇغا ناھايتى تىزلىك بىلەن ھالەت ئۆزگەرتىدۇ.
11)تۇرمۇش: تۇرمۇشقا قىززىققان، ئالدىراقسان كېلىدۇ.تۇرمۇش مۇھەببەتتە ناھايتى ساددا كېلىدۇ.كۆپنچە ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ.بۇزۇقچلىق ناچار ئادەتلەردىن يىراق بولىدۇ.
95.بەلغىمى سەۋدا مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى؛سۆزى ناھايتى كەم،خاپلىقنى ياكى خوشاللىقنى ياقتۇرمايدىغان ئاسانلىقچە بىرەر ئىش ياكى ئىنكاسلارغا قىزىقمايدىغان، مىجەزىدە ھورۇن،تەرسالىق يىگانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.ئۆزنىڭ قىلۋاتقان ئىشىدىن باشقىلارنى خەۋەردار قىلىشنى خالىمايدۇ.كۆپنچە خىيالى دۇنياغا چۈكۈپ يۈرۈىيدۇ.
2) ئەقلىي تەپەككۇرى:كۆپ ھاللاردا شەئىيلەرگە نىسپەتەن تەپەككۇرچانلىقى خېلى يۇقىرى بولىدۇ.لېكىن سېستىمىچانلىقى تۈۋەن بولىدۇ.ئەستە تۇتۇش قابلىيتى چىكىنگەن بولىدۇ.
3) سۆز ئالاھىدىلىكى تىلى ،كۆز چاناقلىرى: كۆز چاناقلىرى نازۇك،ئاغىزىدىن نېنى چۈشۈپ قالىدىغاندەك،بېشى بار ئايىغى يوق،كۆپنىچە مەقستنى ئاسان ئۇققىلى بولمايدىغان،ھەر بىر سۆز بىلەن بىرگە ئاسان كۆز يېشى قىلىدىغان مىشچان كېلىدۇ.كۆز چاناقلىرى خۇددى بىر كىشى ياساپ قۇيغاندەك قاپىقى سۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.كۆزلىرى بەزىلىرنىڭ گازىر كۆز،بەزىلرىنىڭ چوڭ-چوڭ بولىدۇ.قاشلىرى ئىنىچكە خۇددى مىھراپ شەكىلىدە كېلىدۇ.تىلى ۋە لەۋلىرى نىپىز بولىدۇ.
4)بەدەن شەكلى:زىلىۋا،ئۇرۇق كېلىدۇ.شەكىل ھالىتى شامالدا ئۇچۇپ كىتىدىغاندەك قىياپەتتە بولىدۇ.ئادەتتە مۇسكۇللىرى ئىنىچكە ئوزۇن بولىدۇ.دائىم بوينىنى قىسىپ بىچارە قىياپەتتە بولىدۇ.
5)تېرىسى:كۆپىنىچە يۇمشاق،سېلىق،بەزىلىرى بوغداي ئۆڭلۈك،بەزىلىرى ئاق كېلىدۇ.سىزىمچانلىقى تۆۋەن بولىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:تاماققا ئىشتھاسى كەم،تاماقنى ئاز يەيدۇ.غىزا سورۇنلىرىدا باشقلارنى زورلىمايدۇ.زورلىغانلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.كۆكتاتلارنى يېيشكە ئامراق،گۆش،ياغ،قورىما،قىيملىق غىزالاردىن نەپرەتلىنىدۇ.ھەرخىل سەيلەرنى خام يىيشكە ئامراق.
7)يول-ھەرىكەت:يول يۈرگەندە تىك ماڭىدۇ.بىر تەكشلىكنى ساقلىمايدۇ.تىز يول مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئادەتتە پىيادە يول يۈرۈشكە ياكى بىر ئاز ئۇزۇن يولنى پىيادە مېڭىشقا جۈرئەتسىزكېلىدۇ.
8)كىشلىك مۇئامىلە:كىشلەردىن يېراق تۇرىدۇ.بىر كېم بىلەن ئاسان يېقىنلاشمايدۇ.دوستلىقنى قەدىرلەيدۇ.دوستىغا سەمىمى كېلىدۇ.سەل ياۋايى مىزاجلىق بولىدۇ.
9)خەت-يېزىق:خەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.خەت يېزىقى تىل ماھارىتى،گۈزەل بولغان كىشلەر بىلەن ئاسان يېقىنلىشىدۇ.خەتلىرى ئىنىق،كۆپ پوسۇنلۇق،بىر تەكشلىكىتە كۆركەم بولىدۇ.ئاستا ياساپ يازىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىشى:ھالەت ئۆزگەرتىشى ناھايتى يۇقىرى بولىدۇ.لېكىن قايغۇلۇق تۈسنى ئالغان بولىدۇ.
11)تۇرمۇش:سەمىمى،ئاق كۆڭۈل،ساددا بولىدۇ.ئەمما ئۆزنىڭ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېنتىلىدۇ.جىدەل-ماجىرا،ھۆرپىيىش-تومپىيشلارنى ياقتۇرمايدۇ.كۆپنچە سىلىق مۇئاملىدىن تەسىرلىندۇ.مۇھەببەت جەھەتتە ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدۇ.لېكىن قارشى تەرەپكە سەممىي كېلىدۇ.مۇھەببەتتە ئىنىق مۇڭ ساددا كېلىدۇ.
96.سەپراۋى خۇنى مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ:1)مىزاجى:ئاچچىغى يامان،كىشلەر بىلەن چىقىشقاق،قەھرىمۇ بار،ئۇتمۇ بار،سۈيمۇ بار،ئىللىق ھەم قۇپال مۇئاملە قىلالايدۇ.غەيرەتلىك چىداملىق جۈرئەتلىك كېلىدۇ.
2)ئەقلى تەپەككۇرى:زىھنى قابلىيتى ئۆتكۈر،تەپەككۇرچانلىقى يۇقىرى لېكىن تەسەۋۋۇر قابىلىيتى تۈۋەن بولىدۇ.
3)تېرسى:بەزىلىرنىڭ سېرىق بۈدۈرە چاچ چىققان بولىدۇ.قىززىق،يۇمشاق،سېلىق،سىزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.
4)سۆز ئالاھىدىلىكى،تىلى،كۆز چاناقىلىرى:تىلى سۇس قىزىل،يۈزىگە كۆپنىچە دانخورەك كۆپ چىقىدۇ.قاشلىرى،
لەۋلىرى ئىنچىكە،سۆز قىلغاندا ئىتتىك قىلىدۇ.ئايرىم چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ.سۆز ھەركىتىگە بەدىنى ماسلىشپ تۇرىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئىپادىسىگە قولاق سالمايدۇ.
5)بەدەن شەكلى:بەدەن قورۇلۇشى ئوتتۇراھال،ئۇرۇققىمۇ،سىمىزغىمۇ كىرمەيدۇ.ھەركىتى چاققان ھەم ئەپچىللىك
ھەر قانداق ھەركەتكە ماسىلشىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:غىزالاردامايلىق،گۆشلۈك غىزالارنى ياخشى كۆرىسمۇ جېق يىمەيدۇ.كۆپنچە مايسىز،سۇ تەركىبى كۆپرەك نەرسىلەرنى بەكراق ياقتۇرىدۇ.يىمەك-ئىچمەكتە مىۋە-چىۋىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
-26-
7)يول ھەرىكەت:يول ماڭغاندا تىز،بەزىدە ئاستا بۇلۇپ،بىرخىل تەكرارلىنىش ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدۇ.ئادەتتە پۇتنى ئالدىغا تاشلاپ ماڭىدۇ.
8)خەت-يېزىق:خەتلەرنى بىردە چوڭ،بىردە كىچك،قۇرلىرى بىر ئاستىغا بىر ئۈستىگە دىگەندەك بىر تەكشلىكتە بولمايدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە؛كشىلەر بىلەن ئاسان چىقىشدۇ.خوشاللىق ھەم قايغۇغا ئاسان ماسلىشىدۇ.لېكىن ئۆزىدىكى قايغۇ خوشاللىقنى ئاسان كونتىرول قىلالمايدۇ.كۆڭلىدىكنى باشقىلارغا ئاسان ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
10)ھالەت ئۆزگەرتىشى:ئىنكاسلارغا ماسلىشىشى كۈچلۇك قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتكە ئۇستا،ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ھەقىيقى قەلبىنى ئپادىلىيەلەيدىغان بۇلىدۇ.ھەم شۇنداق كۆرىنىدۇ.
11)تۇرمۇشى:ناھايىتى قىززىققان بىر ئاز ئالدىراقسان كېلىدۇ.جىنسىيەت،مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقۇرى بۇلىدۇ.تۇلا ئۆزىنىڭ ۋىجدانى توغرىلىق گەپ ساتىدۇ.
97-سەپىراۋى بەلغەم مىزاج كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسى؟
جاۋاپ:1)مىزاجى:ئارتۇقچەتەشۋىشچان،مۇئامىلەجەھەتتەكىشىلەرگە ئىللىق،ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان،خوشاللىقتنمۇ قورقىدىغان،خاپىلىقتىنمۇ قورقىدىغان كېلىدۇ.ياۋاش،كەم سۆز كېلىدۇ.
2)ئەقلى-تەپەككۇر:نىسبەتەن كېيىنرەك بۇلىدۇ.ئەستە تۇتۇشچانلىق نۇرمال ئۆتۇپ كەتكەن ئىشلارنى قولدىن بېرىپ قويغانغا پۇشايمان قىلىدۇ.
3)تېرىسى؛سىلىق،يۇمشاق،پارقىراق،بىر ئاز قىززىق ئىنكاسچانلىقى ياكى سىزىمچانلىق نۇرمال بۇلىدۇ.
4)شەكىل ھالىتى:ئۇرۇق،ئىگىز،قوۋرۇغىلىرى كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان كۆكىرەك تۈزىلىشى تۇز،سىدام تۈك يوق بۇلىدۇ.بەدندىمۇ مايلار ئاز بەدەن تۇزىلىشى بىر خىل جانسىز شەكىللىك كۆرىنىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى:كۆز چانىقى،تىلى:سۆز ئالاھىدىلىكىدە ئېنىق-ئېنىق رېتىملىق بولسىمۇ،جانسىز كەيپىيات بۇلىدۇ.سۆز قىلغاندا كۆپىنچە يەرگە قاراپ سۆزلەشنى ئادەت قىلىدۇ.كۆز چاناقلىرى چوڭقۇر،ياپما قاپاقكېلىدۇ.تىلى ئاقۇش،بوينى ئۇزۇن كېلىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:تاماق تاللىمايدۇ.سۇيۇق سەلەڭ نەرسىلەرگە ئامىراق مايلىق نەرسىلەردىن نازلىنىدۇ.تاماق يىگەندە جىمغۇر بۇلىدۇ.
7)خەت-يېزىق:خەتلىرى ئېنىق لېكىن زىچ يېزىلغان بۇلىدۇ.بىر تەكشىلىكنى ساقلايدۇ.
8)يول-ھەركەت:يول يۇرگەندە تىز چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن ماڭىدۇ.ئىكنكاسلارغا نىسبەتەن ئىنكاسچانلىقى تۈۋەن بۇلىدۇ.
9)كىشىلىك مۇئامىلە:كىشىلەر بىلەن ئاسان يىقىنلىشىپ كېتىدۇ.لېكىن بىر ئاز ياۋا،قارشى تەرەپكە نىسبەتەن خوشاللىق،قايغۇلۇق ئىنكاسلىرىغا كۈچلۇك ماسلىشالايدۇ.
10)ھالەت ئۆزگىرىشى:خوشاللىققا نىسبەتەن ھالەت ئۆزگەرتىشى كۈچلۇك بولمايدۇ.قايغۇغا نىسبەتنە كۈچلۇك.
11)تۇرمۇشى:تورمۇشقا بىر ئاز سەل قارايدۇ.لېكىن يۇۋاش ساددا ئاق كۆڭۇل كېلىدۇ.ھەرقەندق ئوڭۇشسىزلىق بولسا كۆز يېشى بىلەن تۇگىتىدۇ.
98-سۇئال:سەپىراۋى سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالامىتى قايسىى؟
جاۋاپ:1)مىزاجى:ئاچچىقى يامان تېرىككەك،جىمغۇر كىشىلەر بىلەن ئاسانلا يېقىنلىشىپ ئاسانلا سۇۋۇپ كېتىدۇ.ھەر قانداق ئىشتا باشقىلارغا يۆلۇنۇپ ياشاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بۇلىدۇ.ياۋايى مىزاجغا كىرىدۇ.
2)ئەقلى تەپەككۇرى:كۈچلۇك،ئەستە تۇتۇش كۈچى نىسبەتەن يۇقۇرى تەپەككۇر سېستىمىچانلىقى كۈچلۇك تەسەۋۇرى ئالاھىدە يۇقۇرى بۇلىدۇ.
3)تىرىسى:سىلىق،سۈزۇك بەزىلىرى بۇغداي ئۆڭ،بەزىلىرى قارىغا مائىل كېلىدۇ.بەزىلىرى كۈكۇشرەڭ سىزمچانلىقى يۇقۇرى كېلىدۇ.بەدىنى قىززىق بارماقلىرى سۇغۇق كېلىدۇ.
4)شەكىل ھالىتى:ئۇرۇق ۋىجىك،پاكار،تېتىك.جۇشقۇن بۇلىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى:كۆز چانىقى،تىلى:سۆزلىرى جانلىق،رېتىملىق قايىل قىلىشچانلىقى ئالاھىدە كۇچلۇك ياكى ئادەمنىڭ زىتىغا تىگىدىغان بۇلىدۇ.سۆز ھەركەتتە ئۆزىنڭكى راس قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.كۆ چاناقلىرى ئولتۇرىشقان ئۆتكۇر سۈرلۇك بۇلىدۇ.تىلى بىر ئاز كۈكۈشكە مائىل بۇلىدۇ.لەۋلىرى قۇرۇپ تۇرىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:سويۇق ئىسسىقا مائىل يىمەك-ئىچمەكنى ياخشى كۆرىدۇ.ماي،گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى
-27-
ياخشى كۆرسىمۇ كۆپ ئىستىمال قىلالمايدۇ.كۆپنچە ئوغىرى ئىشتھا بولىدۇ.تاماق ئارلىقدا جىملق ياكى قىزغىنىش كەيپىياتى بولىدۇ.تاماق ئۈستىگە بىر كىشنىڭ كېلىپ قېلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
7)يول-ھەرىگەت:يول يۈرگەندە تىز يۈرىدۇ.تۇرغان ئورنىدىن دەرھال تاپقىلى بولمايدۇ.بىردەم بار بىردەم غايىپ بۇلۇپ تۇرىدۇ،
8)خەت-يېزىق:خەتلىرى ئۇششاق،زىچ،تەكشى چىرايلىق بولىدۇ.چىشسىمان خەتلىرى بولمايدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:ياۋايى تۈسنى ئالغان بولىدۇ.ئاممىۋى سورۇنلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالدۇ.يالغۇز ساياھەت،يول يۈرۈش،كۆڭۈل ئېچىشقا ئامراق كېلىدۇ.مۇئامىلدە شەخسىيەتچلقى كۈچلۈك لېكىن يومۇرلۇق بولىدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:خوشاللىق ھەم قايغۇغا ئاسان ھالەت ئۆزگەرتمەيدۇ.‹‹يامان بوپتۇ،چاتاق بوپتۇ››دىگەن سۆزلەرنى قىلىشقا ئۇستا كېلىدۇ.
11)تۇرمۇش:تۇرمۇشتا قىزىققان مەستانە كېلىدۇ.سادىق ۋىجدانى كۈچلۈك بپلىدۇ.مۇھەببەت قىزغىنلىقى ئاشكارە بولمايدۇ،كۈندەشلىكى يۇقىرى.
99.سەۋداۋىي خۇنى مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى:بىر خىل قەبىھلىك،شەخسىيەتچىلىك،چۈشەنگلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بار،ئادەتتە ئەسەبىي كۈلكىلەرنى كۆپ كۈلىدۇ.كىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە كۆپنىچە مەنسىتىمەسلىك ئەھۋالى كۈرلىدۇ.خەلىق ئارىسىدا بۇخلىدىكى مىزاجدىكى كىشلەرنى كاللىسى قىززىپ قالغان دەپ قارايدۇ.
2)ئەقلى-تەپەككۇر:ئەقلىي تەپەككۇرى كۈچلۈك،مول تەسەۋۇرقابىليتگە ئىگە،سېستىمچانلىقى يۇقىرى،ھېلە-مىكىر،
تۇزاق قوروشقا ئۇستا ياكى ماھىر،ئەستە تۇتۇشچانلىقى ھەيران قالارلىق كۈچلۈك.
3)تىرىسى:قوڭۇر،بوغداي ئۆڭ،بىر ئاز قارىغا مائىل،ئادەتتە يۈزلىرىگەمۇدۇر چاقا كۆپ چىقدۇ.تىرىسىدە مويلار كۆپ،ھەم يىرىك،تىرىسنىڭ سىزىمچانلىقى بىر ئاز تۈۋەن،بەدىنى قىززىق بولىدۇ.
4)شەكىل ھالىتى:كۆپنچىسنىڭ بەدىنى ئوتتۇرا بوي كېلىدۇ،بەدەن تۈزلىشى كۆركەم،كۆكرەك مۇسكۇللىرى رۇشەن تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى:كۆز چانىقى،تىلى: سۆزلىرى كۈچلۈك جانلىق،ئاۋازى سۈزۈك بولمايدۇ.دائىم غاراڭ-غۇرۇڭ چىقدۇ.ناخشا قۇشاق،سەنئەت ئالاھىدىلىكى ناھايتى تۈۋەن بۇلىدۇ.ئادەتتە بىھۇدە سۆزلەردىن خالىي بولىدۇ.كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشقان، كۆزلىرى رۇشەن،قاشلىرى قۇيۇق،لەۋلىرى قىزىل،كۆككە مايىل،تىلى قىزىغا مائىل بولىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:تۇخۇم ،ماي،گۆش قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.ئىچىملىك ئىچىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ.ئادەتتە قۇۋۋىتى تۈۋەن سەيلىك سويۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ياقتۇرمايدۇ.غىزاغا بولغان دىققەتچىلىكى كۈچلۈك،باشقىلار بار يەردەكۆپنچە قورىنىپ تۇرىدۇ.
7)يول-ھەرىگەت:يول ماڭغاندا ئاستا مېڭىشنى ئادەت ىلغان بولىدۇ.قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدۇ.كۆپنچە قۇلىغا بىر نەرسە ئېلىپ مېڭىشنى ياخىشى كۆرىدۇ.ئەتراپدىكى ئىنكاسلارغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.يول ماڭسۇن،ھەرىكەت قىلسۇن بىرخىل خىيال ئىچىدە ماڭىدۇ.
8)خەت-يېزىق:خەتلەرنىڭ قور ئارلىقى يىراق،كۆركەم،يازما ماتىرىياللارغا نىسپەتەن تەپەككۈرچانلىقى كۈچلۈك،بىر تەكشلىكىنى ساقلىغان بولىدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:ئادەتتە دوس-يارەن،يېقىن ئادەملىرىگىمۇ سىر بەرمەيدۇ.لېكىن كىشلەردىن سىر ئېلىشقا ئۇستا كېلىدۇ.ئادەتتە قارشى تەرەپكە نەسھەت قىلىشنى خالىمايدۇ.كىشلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ناھايتى ئىھتيات قىلىدۇ.مەلۇم كشى بىلەن يېقىنىلىشىپ كەتمەيدۇ.ياكى باشقلار بىلەن يىراقلىشىپ كەتكەن بولمايدۇ.مۇئامىلىدە ئىھتياتچان بولىدۇ.شەخسىيەتچىلىك،ياۋايىلىق ۋەبىر ئاز قەبھىيلىك تۈسنى ئالغان بولىدۇ.
10)روھىي ھالەت:خوشاللىق قايغۇ بولىشتىن قەتىئى نەزەر روھىي ھالەتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.چىراي شەكلىدىن ئادەتتە خوشخۇي كۈرۈنمەيدۇ.ئادەتتە بايقىماق ئاسان ئەمەس.
11)تۇرمۇش:تۇرمۇشقا سەمىمى رەتلىك،پۇختا كېلىدۇ.لىكىن باغىرى قاتتىق رەھىمسىز كېلىدۇ.كشىلەرگە ياخشلىق مىھرىبانلىق قىلىشنىمۇ بېلىدۇ.ئەسكلىك شۇملۇقتىن خالىي تورمايدۇ.ئىنىتقام ئېلىش نىيتى كۈچلۈك بولىدۇ.كۆپنچە ئۆزنىڭ گىپنى راست قېلىدۇ.باشقىلارنىڭ كىچىككىنىە ئەيۋىدن چوڭ قۇسۇر تاپىدۇ.مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن مۇھەببەت ئىپادىلىنىشى تۆۋەن ياكى بولىمسا مۇھەببەت ھىسياتىنى ئىپادىلەپ قۇيۇپ يالتىيۋېلىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
-28-
100. سەۋداۋىي سەپرا مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى:ئاچچىقى يامان ،جىمغۇر ئاسان جىلە بولىدىغان،باشقىلارنىڭ گەپ سۆزى خوش ياقمايدىغان جاھىل كېلىدۇ،
2)ئەقلى-تەپەككۇر:تىز ھەم ئۆتكۈر بولغىنى بىلەن سېستىمچانلىقى ۋەكونكىرتچانلىقى تۆۋەن،خاپىلىق ۋە غەزەپلىنىش خاراكتىردىكى سۆزلەر ئاسان ئىسىدىن چىقمايدۇ.خوشاللىق، ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكترلىك سۆزلەر ئاسان ئېسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
3)تىرىسى:قارىغا مائىل بەزىلرى كۈلرەڭ،بوغداي ئۆڭ كېلىدۇ.سېرىق بولىدۇ.تىرىسى قىززىق،سىزىمچانلىقى ئوتتۇراھال،ئىلاستكىلىقى تۆۋەن بولىدۇ.
4)شەكىل ھالىتى:بەدەن قورۇرلىشى ئىنىچكە ئوروق بولىدۇ.بەزىلىرى ئىگىز بەزىلىرى پاكار بولىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى:كۆز چانىقى،تىلى:سۆزى ئالاھىدە جانلىق،ئىنىق،رېتىمى تىز بولىدۇ،بىرخىل نازۇك ئىنىچكە ئاۋازدا سۆزلەيدۇ.ھەر بىر سۆزى جۈرئەتسىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ.كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشقان ،كۆزى كىچىكرەك،قاش لەۋلىرى ئىنىچكە سۈزۈك بولىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:قۇۋۋىتى يۇقىرى قىيملىق تاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ.سويۇقلۇققا تەلەپچانلقى يوقىرى بولمايدۇ.
لېكىن مىۋە-چىۋىگە ئامراق.
7)خەت-يېزىق:خېتى ئۇششاق بولىدۇ.ئادەتتە سېستىمچانلىقى بىر تەكشلىكتە بولىدۇ.لېكىن ھەر بىر خەت بىر ئالاھىدىلىك بويىچە يېزىلمايدۇ.
8)يول-ھەرىگەت:يول يۈرگەندە ئۇششاق قەدەم بىلەن تىز يۈرىدۇ.بەدەن شەكلى تىك ھالەتتە بولىدۇ.ئەتراپتىكى ئىنكاسلارغا سەزگۈرچانلىقى يۇقىرى بولسىمۇلېكىن ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:خېلى قىزغىن دوستانە بولىدۇ.لېكىن بەك كۆپ دوستلارنى ياقتۇرمايدۇ.ئادەتتە ياشلارغا نىسبەتەن سەمىملىكى ۋە مىھىرىبانلىقى كۈچلۈك،ئانچە ئاق كۆڭۈل بولمايدۇ.كۆپنىچە قىزغىنش كەيپىياتى يوقىرى بولمايدۇ.مەلۇم ئوچىرىشش سۆھبەتلىرىدە سورىغانغا جاۋاپ بىرىپ سورىمىغانغا ئارتۇقچە جاۋاپ بەرمەيدۇ.كۆپنچە باشقىلارنىڭ كەمچىلكنى تېپىشقا ماھىر كېلىدۇ.
10)روھىي ھالەت:خوشاللققا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ.لېكىن غەم قايغۇ ئىنكاسى كۈچلۈك،روھىي ھالىتىدە دەرھال ئۆزگىرىش ياسىيالمايدۇ.
11)تۇرمۇش:تۇرمۇشتا ئىھتىياتجان، تۇرمۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى،سەمىمى سادداكېلىدۇ.بىر ئاز تەرسا كېلىدۇ.كۆپنچە ياغىلما گەپلەرگە ئالدىنىدۇياكى ئاسان ئىرىيدۇ.دەلىل ئىسپات،داناسۆزلەرنى ياقتۇرمايدۇ،مۇھەببەتكە ساددا ئاق كۆڭۈل بولىدۇ.ئۆز قەلبىدىكىنى ئىزھار قىلىدۇ.سۆزگە ئۇستا ئەمەس.
101. سەۋداۋى بەلغەم مىزاجدىكى كىشلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى قايسى؟
جاۋاپ: 1)مىزاجى:يۇۋاش،مۇڭ،خۇددى قوينىڭ قۇزىسدەك بولىدۇ،ئادەتتكى كەيپىياتتا يالغۇزلۇق ۋە كەمسۆزلۈك يۇقىرى كەيپىياتنى ئىگەللەيدۇ.
2)ئەقلى-تەپەككۇر:ئەقلىي تەپەككۇرى تىز ئەمەس،لېكىن سېستىمچانلىقى تەرتىپچانلىقى يۇقىرى،مەلۇم ئىنكاسلارنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ.ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ.
3)تىرىسى:يۇمشاق،سۈزۈك،بوغداي ئۆڭ كېلىدۇ،سىزىمچانلىقى تۈۋەن بىر ئاز سۇغۇق بولىدۇ.
4)شەكىل ھالىتى:بەدەن قۇرۇلۇشى ئىنىچكە ،بارماقلىرى،بىلەك،پاچاقلىرى ئۇزۇن بولىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە تۇلىمۇ ئىنىچكە جانسىز بولىدۇ.
5)سۆز ئالاھىدىلىكى:كۆز چانىقى،تىلى:ئالدىراىماي رېتىملىق سۆزلەيدۇ.لېكىن سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق جانىلىق بولمايدۇ.كۆپنچە بىر خىل جانسىزلىق كەيپىات ئۈستۈنلىكىنى ئىگەللەيدۇ.بىر جۈمىلە سۆزنى قىلىپ بولۇپ يەنە بىر جۈمىلە سۆزنى قىلىش تەسكە توختايدۇ.كۆز چاناقىلىرى ئولتۇرۇشقان ياپما قاپاق بولىدۇ.قاش ھەم لەۋلىرى ئىنچكە نىپىز بولىدۇ.
6)يىمەك-ئىچمەك:نىمىنى ياخىشى كۈرۈىدىغانلىقنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.كۆپنچە گازىر پۇرچاققا ئامراق كېلىدۇ.تۈزۈك تاماق ئىستىمال قىلمايدۇ.
7)خەت-يېزىق:خەتلىرى كىچىك قۇر ئارلىقلىرى چوڭ بىر تەكشىلىكىنى ساقلىغان بولىدۇ.
8)يول-ھەرىگەت:يول يۈرگەندە تىز يۈرىدۇ،لېكىن يولنىڭ ئۇ چېتىگە بۇ چېتىگە ئۆتۈپ ماڭىدۇ.سىرتقى ئىنكاسلارغا
-29-
دىققەت قىلمايدۇ.
9)كىشلىك مۇئامىلە:ئادەتتە كىشلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدۇ،سەل ياۋايى بىر كىمىگە يېقىنلىششىنى ياقتۇرمايدۇ.
كۆپنچە يالغۇزلۇق بىكنىۋېلىشنى ئادەت قىلغان بولىدۇ.مەلۇم ئۇچىرشىش سورۇنلىرىدا كەيپىياتى قىزغىن بولمايدۇ.
10)روھىي ھالەت:خوشاللىققا نىسپەتەن ئىنكاسچانلىقى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ.خاپىلىق،غەم- قايغۇغا نىسپەتەن يېشى تاراملاپ تۇرىدۇ.
11)تۇرمۇش:ئاق كۆڭۈل ساددا، سەمىمى راسچىل بولىدۇ.تۇرمۇشتا يېقىنچلىق ئىدىيسى كۈچلۈك،مۇھەببەت قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۆزنىڭ مۇھەببەت ئىشلىرنى ئاسان ئاشكارىلىمايدۇ،سىر ساقلىشى يۇقىرى بولىدۇ.
102.خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولىشغا ۋە ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتدىغان ئامىللار قايسى ؟
جاۋاپ:1)شۇ كىشنىڭ ئەسلى نەسلنىڭ مىزاجى(تەبىئىتى) 2)ئۇزۇقلۇقنىڭ ناچار ياخشى بولىشى 3)ئولتۇراق جاينىڭ ئوخشاش بولماسلىقى (شۇ جاينىڭ ئىسىسق،سۇغۇق،قۇرغاق ياكى ھۆل بولۇشى ) 4)پەسلىنىڭ بىرخىل بولماسلىقغا قاراپمۇ خىلىتلار ھەرخىل بولىدۇ.مەسىلەن:ياز،كۈز،قىش،ئەتىياز كۈنلىرى تۇغۇلغان(پەيدا بولىغان)خېلتىلار ئوخشاش بولمايدۇ.كۈچلۈك تاماق بىلەن ئۇزۇقلىندىغان ۋە ھاۋاسى قۇرۇق ئىسسق بولۇش سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ قاينتىشى ئەسلىدە ھاسىل بولىدىغان سىرىق كىپەك،كۈپۈك(بوژغۇن)شەكلىدە بولىدۇ.بۇ سەپرائىي غەيرى تەبئىي ( مۇۋاپىق بولىمغان ھالەتتكى سەپرا)نىڭ ھاسىل بولۇشدىن ئىبارەت.شۇنداقلا جىگەرنىڭ قاينتىشى زىيادەئېشىپ كەتسە ئەسلىدىكى چۈكمە كۈيۈپ كۈيۈندىگە ئوخشاش قارا رەڭلىك بۇلۇپ غەيرى تەبئىي سەۋدائىي ھاسىل بولىدۇ.ئەگەر جىگەرنىڭ قاينىتلىشى بەك تۈۋەن بولسا (ھارارەت تۈۋەن بولسا)بەلغەم خېلىتنىڭ خام قېلىپ يىتلەلمەي،خام قالغان بەلغەم ،بەلغىمى غەيرى تەبىئي ھاسىل بولىدۇ.
103.سەۋدا خېلىتنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى قانچە خىل بولىدۇ؟
جاۋاپ:1)تەبىئىي سەۋدا خىلىتنىڭ ئۆز تەبىئىي مىقتدارىدىن ئېشىپ كېتشى 2)سەۋدا خېلىتنىڭ كۈيۈشى 3)كۆيگەن قان خېلىتنىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشى 4)كۆيگەن بەلغەم خېلىتنىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشى 5)كۆيگەن سەپرا خېلىتىنىڭ سەۋداغا تەسىر قىلىشىدىن ئىبارەت 5خىل بولىدۇ.
104.كۆيگەن خىلىت دىگەن نىمە؟ خېلىتلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: كۆيگەن خىلىت دىگىنىمىز-خېلىت كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتمەيدۇ،بەلكى يۇمشاق ئۇچۇچان سويۇق قىسمى تارقاپ كېتىپ،قالغان قىسمى قۇيۇقلىشىپ ،ئۆز ھالىتدىن چىقىپ كېتىش ھالىتى كۆيگەن خېلىت دىيلىدۇ.
مۇناسىۋتى :خېلىتلار ئوخشاش بولمىغان سويۇق جىسمىلار بولسىمۇ بەدەندە ئۆزلىكسىز ھالدا بىر-بىرىگە ئايلىنىپ،بىر-بىرنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاپ ۋە بىر –بىرىنى چەكلەپ تىزگىنىلەپ، پۈتۈن بەدەندە بىر پۈتۈنلىكتە بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.ھەم بىر-بىرىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
105.ئەزا دىگەن نىمە؟ئەزالار تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار ؟
جاۋاپ:ئەزا دىگىنىمىز-خېلتىلارنىڭ قۇيۇق جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولغان مەلۇم فىزىئولوگىيلىك خىزمەتنى بىجىرەلەيدىغان تۇقۇلمىلارنىڭ بىرىكمىسى ئەزا دىيلىدۇ.
ئەزالار تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئىككىگە بۆلنىدۇ،ئۇلار 1)يالغۇز ئەزا(مۇفرەت) 2) مۇرەككەپ ئەزا
106.ئەزالار فىزىئولوگىيلىك خىزمىتگە ئاساسەن قانىچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئەزالار فىزىئولوگىيلىك خىزمىتگە ئاساسەن 1)رەئىس ئەزا(باشقۇرغۇچى ئەزا) 2)خادىمى ئەزا(باشقۇرۇلغۇچى ئەزا)دەپ ئىككىگە بۆلندۇ.باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار يەنە 1)خادىمى ئەزا 2)غەيرى خادىمى ئەزا دەپ ئىككىگە بۆلنىدۇ.
107.مۇرەككەپ ئەزالار قايسى؟يەككە ئەزالار قايسى؟
جاۋاپ:مۇرەككەپ ئەزالار:1)مىڭە 2)يۈرەك 3)جىگەر 4)ئۆپكە 5)ئاشقازان 6)تال 7)بۆرەك 8)سۈيدۈكلۈك (دوۋساق) 9)ئاشقازان ئاستى بېزى 10) تاناسىل ئەزالار 11)ئۆت خالتىسى 12)ئۈچەيلەر 13)كۆز 14)قولاق 15)بۇرۇن 16) باش 17)پۇت-قول 18)تاغاق ۋە ئومۇرتقا 19)لىمفا بەزلىرىدىن ئىبارەت.
يەككەئەزالار:1)سۈڭەك 2)كۈمۈرچەك 3)تارامۇش 4)باغلانجۇق پەي 5) ۋىنا تۇمۇر 6)شىريان تۇمۇر 7)كىرگەت پەردە 8) تارامۇشلۇق گۆش 9)بولجوڭ گۆش 10)تۈك-چاچ 11)تىرناقلاردىن ئىبارەت.
108.رەئىس ئەزا دىگەن نىمە؟ئۇلار قايسى؟
جاۋاپ:رەئىس ئەزا-ئۆزى نورمالنى خىزمەتنى بىجىرەلەيىدىغان ھەم باشقا ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىتىگە يىتەكچىلىك، باشقۇرغۇچلىق رولنى ئۆتەيدىغان ئەزا رەئىس ئەزا دەپ ئاتلىدۇ.رەئىس ئەزالار 3گە بۆلىنىدۇ.ئۇلار:
-30-
يۈرەك،مىڭە،جىگەردىن ئىبارەت.
109.خادىمى ئەزا دىگەن نىمە؟ئۇلار قايسى؟
جاۋاپ:رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەزالارغا مۇھىيىم تەسىر كۆرستىدىغان باشقا خادىمى ئەزلارنى ۋاستە قىلىپ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەزا-خادىمى ئەز دەپ ئاتلىدۇ:ئۇلار ئۆپكە،بۆرەك،نىرۋا،ئاشقازان،ئۈچەي،ئۆت خالتسى،تال....قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
110.غەيىرى خادىمى ئەزا دىگەن نىمە؟ئۇلار قايسى؟
جاۋاپ:گەرچە روھىي ھايۋانى بىلەن ئۇزۇقلانسىمو،ماھىيەت ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇستەقىل ئەزا بولۇش لاياقىتى بولمىغان ۋە باشقا ئەزالانىمۇ باشقۇرالمايدىغان ئەزالار غەيرى خادىمى ئەزالار دەپ ئاتلىدۇ.ئولار :سۈڭەك،پەي،چاندىر
ۋە گۈشلەردىن ئىبارەت.
111.قۇۋۋەت دىگەن نىمە؟ئۇ نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسلار؟
جاۋاپ:ئىنسان توغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئۇنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي ھەرىكەتلەرگە سەۋەپ بولغۇچى ئامىل –قۇۋۋەت دەپ ئاتلىدۇ.قۇۋۋەت ئۆزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئىككى تۈرگە بۆلنىدۇ. 1)بىرلەمچى كۈچلەر(قۇۋۋىتى ئۇلا-ئەۋۋەلقى كۈچلەر) 2)ئىككلەمچى كۈچلەر (كىينىكى كۈچلەر-قۇۋۋىتى سانىيە)دىن ئىبارەت.
112.قۇۋۋىتى ئۇلا دىگەن نىمە؟ئۇ نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئىنسانلار ھاياتلىقنىڭ ئاساسى-قۇۋۋىتى ئۇلا دەپ ئاتىلىدۇ.ئەگەر بۇ قۇۋۋەت ئۆز خىزمىتىدىن توختىسا ھاياتلىق مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.شۇ سەۋەبتىن بۇ كۈچلەرنى ئالدنىقى كۈچ ياكى بىرلەمچى قۇۋۋەت دەيمىز ئۇ 3گە بۆلنىدۇ. 1)قۇۋۋىتى ھايۋانى 2)قۇۋۋىتى نەفسانىي 3)قۇۋۋىتى تەبئىي
113.قۇۋۋىتى ھايۋانىي دىگەن نىمە؟رولىچۇ؟ئۇ قانداق شەكىللىنىدۇ؟
جاۋاپ:ھاياتلىق پائالىيەتلەرنى كونتىرول قىلىپ تورغۇچى كۈچ-قۇۋۋىتى ھايۋانى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى:1)ھاياتلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنش مەنبىيى بولۇپ باشقا قۇۋۋەتلەر ئۆزنىڭ قۇۋۋىتىنى قۇۋۋىتى ھايۋانى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرىدۇ. 2) قۇۋۋىتى ھايۋانى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق شەكىللىنىشنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.3)ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈزۈلۈشلەرنى كونىترول قىلىدۇ.
قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ شەكىللىنش جەريانى:روھىي ھايۋانىنڭ قوزغىتشى بىلەن يۈرەكنىڭ ئىئونلىرى ئۆز ئارا تەسىرلىشش نەتىجىسىدە يۈرەكنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان قۇۋۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان كۈچ روھىي ھايۋاندۇر.ئادەمنىڭ ھاياتى مۇشۇ كۈچكە باغلىق.
114.قۇۋۋىتى نەفسانىي دىگەن نىمە؟نەچچىگە بۆلنىدۇ؟
جاۋاپ:سەزگۈ،ھېس-تۇيغۇ خىزمەت پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم شۇ پائالىيەتنى كونىتىرول قىلىپ تۇرىدىغان كۈچ-قۇۋۋىتى نەفسانىي دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئىككىگە بۆلنىدۇ. 1) قۇۋۋىتى مۇھەررىكە (ھەركەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەت) 2)قۇۋۋىتى مۇدىرىكە (سەزگۈ قۇۋۋىتى)دىن ئىبارەت:
115.قۇۋۋىتى مۇھەررىكە دىگەن نىمە؟ئۇ قانىچگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:گەۋدە ھەرىكەت پائالىيىتنى گەدسە مۇسكۇللىرى ئارقىلىق بىجىرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى مۇھەررىكە دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئىككى تۈرگە بۆلنىدۇ.1)قۇۋۋىتى بائىسە 2)قۇۋۋىتى فائىلەدىن ئىبارەت.
116.قۇۋۋىتى مۇدىرىكە دىگەن نىمە؟نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئىنسانلارنىڭ ھس-تۇيغۇ،سەزگۈ،ئەقىلىي تەپەككۇر قاتارلىق پائاليەتلەرىنى كونىتىرول قىلىپ تۇرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى مۇدىرىكە دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئۈچكە بۆلنىدۇ.1)مۇھىرىكە كوللىيات 2)مۇدىرىكە جوزئىيات 3)ھېس(سىزىم)دىن ئىبارەت.
سېزىم :ئىچىكى سېزىم قۇۋۋىتى (ھۇۋاسى خەمسە باتنى )ۋە تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى (ھۇۋاسى خەمسە زاھىر)دىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلنىدۇ.
117.ئىچكى سېزىم قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟قانچە تۈرگە بۆلنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟
جاۋاپ:تاشقى شەيىئلەرنىڭ بىۋاستە ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان پائالىيەتلەرنى بىجىرگۈچى قۇۋۋەت-ئىچ
سېزىم قۇۋۋىتى دېيلىدۇ.بۇ بەش تۈرگە بۆلنىدۇ.ئۇلار 1)ھېسىسي مۇشتىرەك 2)قۇۋۋىتى موتەخخەيىلە 3)قۇۋۋىتى مۇتەسىسەررىفە 4)قۇۋۋىتى ۋاھىمە 5)قۇۋۋىتى ھافىزە دىن ئىبارەت.
-31-
118.ھسىسي مۇشتىرەك دىگەن نىمە ؟ئورنى،رۇلى قانداق؟
جاۋاپ:سىرتىقى شەيىئلەرنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئىچكى سىزىمنى بىرلەشتۈرۈش پائالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت-ھىسسي مۇشتىرەك دېيلىدۇ.
رولى:1)ھىسىسي مۇشتىرەك-قۇۋۋىتى خىيال ئۈچۈن ئىنكاس يىغقۇچى ئالدىنقى ئامىل .2)خىيال پائاليتى ھىسىي مۇشتىرەك قۇۋىتىنىڭ بارلىق سىزىملارنى ئايرىم-ئايرىم يەتكۇزۇپ بېرىشى بىلەنلا كامىل بىجىرلىدۇ.ئۇنىڭ پائالىيتى بۇزۇلسا سىزىمنى يەتكۇزۇش پائالىيتى بۇزۇلىدۇ.خىيال ھىسىي مۇشتىرەك بىراقلا بۇزۇلىدۇ.ۋاھىمە ئېشىپ كېتىدۇ.3)بۇقۇۋۋەت كاردىن چىقسا ھېچقانداق سىزىم قۇبۇل قىلمايدۇ.4)كېيىنكى قۇۋەتلەرنڭ پائالىيتى تەرتىپنى ساقلايدۇ.ئرنى چوڭ مىڭە پوستلاق ئاستى ئالدى رايۇنىدا.
119-سۇئال:خىيال قىلىش قۇۋۋىتى (مۇتەخخەلىيە) دىگەن نىمە؟ئۇنىڭ رولى قايسى؟
جاۋاپ:ئىنكاس قىلىنغان شەيئىلەر توغىرسىدا تەسەۋۇر قىلىشتىن باشلاپ ھىسىي بىلىش ۋە ئاڭ پەيدا بولغىچە بولغان جەريان ئىچىدىكى پائالىيەتنى بىجىرگۇچى قۇۋەەت خىيال قىلىش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇرنى چوڭ مىڭە پوستلاق ئاستى قىسمى ھىسىي مۇشتىرەكنىڭ كەينى رايۇنىدا رولى:1)ھىسىي بىلىش توغىرسىدىكى چۇشەنچىلەرنى ئېنىق،كونكىرىتنى ئايرىغۇچى مەركەز.2)تۈۋەن دەرىجىدىكى تەپەككۇر رايۇنى بۇلۇپ تەسەۋۇر پائالىيتىنىڭ باشلىنىشى ياكى باشلىغۇچىسى.ئاساسلىقى تەسەۋۇر پائالىيتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.3)بىر قىسىم خىيال قىلغان سىزىملار ئەستە ساقلاش پائالىيتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
120-سۇئال قۇۋۋىتى مۇتەسسەرىفە (تەپەككۇر) دىگەن نىمە؟ئورنى قەيەردە؟
جاۋاپ: ھىسىي بىلىش پائالىيىتىدىن ئەقلىي بىلىش پائالىيتىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى پائالىيەتلەرنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت-تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ.ئورنى:چوڭ مىڭە پوستلاق ئاستى ئوتتۇرا رايۇنىدا.
121-سۇئال: قۇۋۋىتى ۋاھىمە (گۇمان قىلىش قۇۋۋىتى) دىگەن نىمە؟ئورنى قەيەردە؟
جاۋاپ:ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشنىڭ ياكى ئەقلىي بىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ زىيانلىق تەرىپىدىن قوغدىنىش ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتلەرنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت-گۇمان قىلىش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.ئورنى:چوڭ مىڭە پوستلاق ئاستى تەپەككۇر رايۇنىنىڭ كەينىدە.
122-سۇئال:قۇۋۋىتى ھافىزە (ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى) دىگەن نىمە؟ئورنى قەيەردە؟
جاۋاپ: تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق ھەسىل بۇلىدىغان ئەقلىي خۇلاسە ۋە ئىلمىي يەكۇنلەرنىڭ قايتا تەپەككۇر جەريانى ئۈچۇن خىزمەت قىلغۇچى پائالىيەتلەرنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت-ئاستە ساقلاش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.ئورنى:چوڭ مىڭە پوستلاق ئاستى ئارقا قىسمىدا.
123-سۇئال:تاشقى سىزىم قۇۋۋىتى (ھوۋۋاسى خمىسە زاھىرى) دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاپ: تاشقى شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق شۇ تاشقى شەيئىلەر توغىرسدا كونكىرىت ئابىستىراكىت چۇشەنچە بىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت ھوۋۋاسى خمىسە زاھىرى دىيىلىدۇ.ئۇ بەش تۇرگە بۆلىنىدۇ.ئۇلار:1)قۇۋۋىتى باسىرە 2)قۇۋۋىتى لامىسە 3)قۇۋۋىتى زائىفە 4)قۇۋۋىتى شامە 5)قۇۋۋىتى شاھىمە دىن ئىبارەت.
124-سۇئال:كۆرۇش قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟
شەيئىلەرنىڭ شەكىل ھالىتى رەڭگى ئۇلارنىڭ ھەجىمى مىقدارى دەرىجىسى ۋە ئابىستىراكىت خۇسىۇسىيتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت-كۆرۇش قۇۋۋىت دىيىلىدۇ.
125-سۇئال:ئاڭلاش قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئاڭلاش پائالىيىتى ياكى ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلق شەيئىلەر توغىرسىدا ئابىستىراكىت چۇشانچىلەرنى بىجىرىدىغان قۇۋۋەت-ئاڭلاش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.
126-سۇئال:پۇراش قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:پۇراش پائالىيتى ئارقىلىق خۇش بۇي ۋە بەدبۇي سىزىملانىڭئىنكاسىنى ئايرىغۇچى سىزىم ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ مەلۇم تەبىئىي ۋە ئابىستىراكىت خۇسۇسىيتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان پائالىيەتلەرنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت پۇراش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.
127-سۇئال:تېتىش قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:شەيئىلەرنىڭ تەمى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بىلىش پەرىقلەندۇرۇش ۋە دەرەجىسىنى ئايرىش ئۇنىڭ
-32-
خۇسۇسيتى ۋە تەبىيئىتىنى بىلىش قاتارلىقلارنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت تېتىش قۇۋۋىتى دىيىلىدۇ.
128-سۇئال:سىزىش قۇۋۋىتى دىگەن نىمە؟
سىرتقى ئىنكاسلارنىڭ ئىسىق سۇغۇق،ھۆل قۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ كەيپىياتلىرىنى،قاتتىىق يىرىك،يۇمشاق سىلىق قاتارلىقلارنى ۋە باشقا غىدىقلىنىش خارەتىرلىك سىزىملارنى ھىس قىلىش ۋە بىلىش پائالىيىتىنى بىجىرىدۇ.
129-سۇئال:قۇۋۋىتى بائىسە دىگەن نىمە؟
شەيئىلەرنى ئىش ھەركەت پائالىيەتلەرگە قوزغىتىدىغان قۇۋۋەتنىڭ بىرلىك نامى قۇۋۋىتى بائىسە دىيىلىدۇ.
130-سۇئال:قۇۋۋىتى نوزوۋىييە دىگەن نىمە؟
شەيئىلەرنىڭ ئىش- ھەركەت پائالىيەتلىرىدىن تۇرمۇزلىغۇچى قۇۋۋەت قۇۋۋىتى نوزوۋىييە دىيىلىدۇ.
131-سۇئال:قۇۋۋىتى فائىلە دىگن نىمە؟
جاۋاپ:قۇۋۋىتى بائىسە قۇزغىىغاندىن كىيىن شەيىئلەرنىڭ ئىش ھەرىكەت پائالىيەتلىرنىڭ نامىنى ،دەرىجسنى بىلدۈرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى فائىلە دەپ ئاتىلىدۇ.
132.قۇۋۋىتى شەۋقىييە دېگەن نىمە؟ئۇنەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسى؟
جاۋاپ:شەيئلەرنى ئىش-ھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قىزىقتۇرىدىغان ،ئىنىتلدۇرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى شەۋقىييە دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئاساسەن شەيئلەرنى مەيلى پايىدىلىق بولسۇن.مەيلى زىيانلىق بولسۇن،ئادەمنى ئىنتلدۈرۈىدىغان، ھەۋەس قىلدۈرىدىغان قۇۋۋەتتۇر.قۇۋۋەت يۇقىرى بولسا ئادەم ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.بۇ قۇۋۋەت1)قۇۋۋىتى شەھۋانىييە 2)قۇۋۋىتى غەزىبىييە دەپ ئىككىگە بۆلنىدۇ.
133.قۇۋۋىتى شەھۋانىييە دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ئىنىكاسلىق ۋە ئاكتىپ تەرەپلىرى ئۈچۈن،ئىنتلىش،قىزىقش،ئارزۇ پائالىيەتلىرنى شەھۋانىي ئىشلارغا ئىنتلدۈرگۈچى قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى شەھۋانىيە دىيلىدۇ.
134.قۇۋۋىتى غەزىبىييە دېگەن نىمە؟
جاۋاپ:مەلۇم ئىنكاسلارغا قارتا قاتتىق غەزەپ،نەپرەتلىنىش تويغۇسنى بىلدۈرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى غەزىبىييە دېيلدۇ.
135.قۇۋۋىتى تەبىئىي دىگەن نىمە؟ئۇ قانىچگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:بەدەندىكى ئىممۇنىت ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت بولۇپ،ئۇزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈش،پارچىلاش ۋە ئۇلارنى چىقرىپ تاشلاش پائالىيتنى كونتىرول قىلغۇچى قۇۋۋەتتۇر،يەنى ئىچكى بەدەنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش،ئىممۇنىت ۋە نەسىل قالدۇرۇش پائالىيەتلىرنى كونىترول قىلىپ تۇرىدىغان قۇۋۋەتتۇر،ئۇ ئىككىگە بۆلنىدۇ. 1)قۇۋۋىتى شەخىسىيەت 2)قۇۋۋىتى تاناسىلىييە دىن ئىبارەت.
136.قۇۋۋىتى شەخىسيەت دىگەن نىمە؟ئۇ نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلىش جەرياندا ئۇزۇقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت ياكى ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلىشى ئۈچۈن غىزانى باشقۇرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى شەخسىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئىككىگە بۆلنىدۇ.ئۇلار:1)قۇۋۋىتى نامىييە 2)قۇۋۋىتى غازىيەدىن ئىبارەت.
137.قۇۋۋىتى تاناسىلييە دىگەن نىمە؟ئۇ نەچچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى ساقلاش ئۈچۈن غىزانى باشقۇرىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى تاناسىلىييە دېيلىدۇ.ئۇ ئىككىگە بۆلىدۇ. 1)قۇۋۋىتى مۇئەللىدە 2)قۇۋۋىتى مۇسسەۋۋىرە دىن ئىبارەت.
138.قۇۋۋىتى غازىيە دېگەن نىمە؟ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇۋۋەتلەر قايسى ؟
جاۋاپ:بەدەندە ماددا ئالمىشش جەرياندا چىقم قىلىدىغان قىسمنىڭ ئورنى تولدۇرۇپ،ئۇزۇقلۇقنىڭ ئۆزنىڭ غىزالىق ھالىتىدىن ئۆزگەرتىپ ئەزالىق شەكىلگە كېلىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى غازىيە دەپ ئاتلىدۇ.(ئۇزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەت دېيلىدۇ) قۇۋۋىتى غازىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇۋۋەتلەر تۆت تۈرلۈك بۇلۇپ،ئۇلار 1)قۇۋۋىتى جازىبە 2)قۇۋۋىتى ھازىمە 3)قۇۋۋىتى ماسىكە 4)قۇۋۋىتى دافىئەدىن ئىبارەت.
139.قۇۋۋىتى نامىيە دىگەن نىمە؟قايسى قۇۋۋەت قۇۋۋىتى نامىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟
جاۋاپ:ھاياتلىق باشلانغاندىن كېيىن ئەزالارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، كەڭ-تارلىقى جەھەتتە مۇناسىپ ھالىدا تەرەققى قىلىشىدا ئالاھىدە خىزمەت قىلىدىغان قۇۋۋەت قۇۋۋىتى نامىيە دەپ ئاتلىدۇ.(ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت دىيلىدۇ) قۇۋۋىتى
-33-
غازىيە بولسا قۇۋۋىتى نامىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.قۇۋۋىتى نامىيە ئىككىگە بۆلنىدۇ. 1)قۇۋۋىتى مۇغەييىرە 2)قۇۋۋىتى مۇساۋۋىرە دىن ئىبارەت.
140.قۇۋۋىتى مۇغەييىرە دېگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئۇزۇقلۇقلاردىن جەۋھەرلەرنى قۇبۇل قىلىپ تۇقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقۇچى ئۇزۇقلۇقلارنى تۇقۇلما-ھۈجەير تەركىبىگە ئۆزگەرتىش پائالىيىتىنى بىجىرىگۈچى قۇۋۋەت –قۇۋۋىتى مۇغەييرە (ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت)دەپ ئاتىلىدۇ.
141.قۇۋۋىتى مۇساۋۋىرە دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: قۇبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقلار بىلەن تۇقۇلما-ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەزا سىستىمىلارنىڭ رۇشەن ئاناتومىيىلىك ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت –قۇۋۋىتى مۇساۋۋىرە (شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت)دەپ ئاتىلىدۇ.
142.قۇۋۋىتى مۇئەللىدە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ خىزمىتى قايسى؟
جاۋاپ:ئاتىلىق ۋە ئانىلىق ئۇرۇق تەركىبىنى ئۆز ئارا بىرلەستۇرۇش ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ دەسلەپككى شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ياكى ئاتىلىق ئۇرۇق،ئانىلىق تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەم ئۇلارنى بىرلەشتۇرۇپ تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى مۇئەللىدە (پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت)دىيىلىدۇ.خىزمىتى:1)ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەۋلاد ۋە نەسىل قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ تۇرى ۋە سۇپىتىنى ساقلاش ئۈچۇن ئۇرۇق ھەم تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدۇ.2)ئەرلىك ئۇرۇق بىلەن ئاياللىق تۇخۇمنى بالىياتقۇدا ئۇچراشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئارلىشىپ تەسىرلەرنى ئۆتكۇزۇپ تۆرەلمىنىڭ تەبىئىي مىزاجى(دەسلەپكى مىزاجى)ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆز لايىقىدا شەكىللىنىشى ۋە قۇراشتۇۇرلىشى ئۈچۇن خىزمەت قىلىدۇ.
143.قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:تۆرەلمىنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىش جەريانىدىكى پائالىيەتلەرنى بىجىرىگۇچى قۇۋۋەت قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە(شەكىللەندۇرگۇچى)دەپ ئاتىلىدۇ.ياكى ئاناسۇر ئەرلەرنىڭ نامايەندىلىرى بىر بىرىگە ئۆز ئارا تەسىر قىلغاندىن كېيىن پەيدا بپلغان تۆرەلمىنىڭ خوسۇسىي مىزاجىدىن سىرت ئۇنىڭ ئۆز نەسلى ۋە سۈپىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى، شەكلىنى شەكىللەندۇرگۇچى، ۋە ئۇنى تەرققىي قىلدۇرۇپ كامالەتكە يەتكۇزگۇچى كۈچىدىن ئىبارەت.
144.قۇۋۋىتى جازىبە ۋە قۇۋۋىتى دافئە دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:قۇبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقلارنى ئەزالارغا تارتىش،سۈمۈرۈش پائالىيتىنى بىجىرگۇچى قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى جازىبە(شۈمۇرگۇچى)دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇۋۋىتى دافئە دىگىنىمىز:ئادەم بەدىندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى ۋە شۈمۇرلۇش سالاھىتىدىن مەھرۇم قالغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ئاجىرتىپ چىقىرىش ۋە ھەيدەش قۇۋۋىتى-قۇۋۋىتى دافئە دەپ ئاتىلىدۇ.
145.قۇۋۋىتى ھازىمە دىگەن نىمە؟قۇۋۋىتى ماسىكە دىگەنچۇ؟
جاۋاپ: بەەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى مىخانىك ۋە خېميلىك جەھەتتىن ئۆززگەرتىپ بەدەنگە سىڭىش قابىلىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچ ياكى ئۇزۇقلۇقلارنى پارچىلاش ھەم كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىش پئالىيىتىنى بىجىرگۇچى قۇۋۋىت-قۇۋۋىتى ھازىمە(ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى)دىيىلىدۇ.
قۇۋۋىتى ماسىكە دىگەىنىمىز:ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېگەىشلىك ئورۇنلارغا يېتىپ بارغاندىن كېين مەلۇم مەزگىل شۇ ئورۇندا تۇرۇپ تېگىشلىك ئۆزخۇرۇشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۇپ بولغۇچە تۇتۇپ تۇرىدغان قۇۋۋەت-قۇۋۋىتى ماسىكە(تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋەت)دىيىلىدۇ.
146.ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئادەم بەدىندىكى مەخسۇس بەزلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قايسى ئورۇندا ئىجىرا بولىدۇ؟
جاۋاپ:ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئادەم بەدىندىكى مەخسۇس بەزلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۆۋەندىكى تۆت ئورۇندا ئىجىرا بۇلىدۇ.1)ھەزىم ئاشقازان ئۈچەيلەردە بۇلىدۇ.2)ھەزىم جىگەردە بۇلىدۇ.3)ھەزىم قان تۇمۇر ۋە لىمفا يوللۇرىدا بۇلىدۇ.«ئۇزۇقلاندۇرۇشقالايىق بولغان ماددىلار قان تۇمۇر ۋە لىمفا يولىغا ئۆتۈش جەريانى»4)ھەزىم توقۇلما ھۈجەيرىلەردە بۇلىدۇ.«ئۇزۇقلۇق ماددىلار بەدەن توقۇلمىلىرىغا ئۆتۇپ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارلىقىغا يېتىپ بېرىپ شۇ ئەزاغا ئۆرلەش جەريانى»
147.روھ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:خىلىتلارنىڭ ئىنتايىن ئۇچۇچان،يەڭگىل،لەتىف قىسمىدىن ھاسىل بولغان گاز خۇسۇسىيەتلىك ماددىي
-34-
ئىنىرگيە-روھ دەپ ئاتىلىدۇ.ھەزىرقى زامان تىببىي كىلىنكىدا ئەزالارنى قوزغاتقۇچى ئامىل ئىنىرگىيە دەيدۇ.ئىنىرگيەنى ھەرقانداق كۆرۇش ئەسۋابى بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئادەم بەدىندە بىجىرۋاتقان خىزمىتىدىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىۋالايمىز.تىبابىتىمىزدە سۆزلىنىدىغان ئەرۋاھ (روھ)پەلسەپىسىدە سۆزلىنىدىغان تالاش تارتىش بۇلۇپ كېلىۋاتقان «جان» بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۆرپ-ئادەتتە سۆزلىنىدىغان «جىن ئەرۋا»مۇ ئەمەس بەلكى ھازىرقى زامان چۈشەنچىسىدىكى ئىنىرگىيىدىن ئىبارەت.
دۇنيدىكى قۇۋۋەتسىز ماددا بولمىغاندك ماددىسىز بولمايدۇ.ھەرقانداق ماددا ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان مەخسۇس قۇۋۋەتنىڭ تەسىر بىلەن داۋاملىق ھەركەتلىنىپ تۇرىدۇ.ياشايدۇ.ئزگىرىپ تۇرىدۇ.مۇشۇ مەنادىن ئېتقاندا ئەرۋاھنى ماددىنىڭ جېنى دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن.چۇنكى ئادەم بەدىندە ھاياتلىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ئەرۋاھمۇ مەۋجۇت بۇلىدۇ.ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ بىللە يوقۇلىدۇ.ئادەم بەدىندىكى ھەرخىل خىزمەتنى ئۆتەيدىغان ئەسۋابلاردىن ئىبارەت.ئۇلارنىڭ قىغان ئىشلىرى (ئەفئال)ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق قۇۋۋىتى يەنى ئەرۋاھنىڭ ھەركەتلەندۇرۇشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.مەسىلەن:يىڭىلا جان ئۈزگەن مۇردىنىڭ جەسىدىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەك ئۇنىڭ بەدىندىكى پۈتۇن ماددىي قۇرۇلمىلار(ئەزالار)كەم كۈتسىز مەۋجۇت بولسىمۇ ئۇنىڭدا روھ بولمىغانلىقى ئۈچۇن ھېچقانداق ھەركەت قىلالمايدۇ.دېمەك روھسىز ۋە بەدەنسىز روھ ئەھمىيەتسىز نەرسىدۇر.بۇ ئىككى ئادەم بەدىندە مۇجەسسەملەشكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئېتى «ھاياتلىق»بۇلالايدۇ.دىمەك روھ بولسا بىر خىل ئىنىرگىىيە ،ئىنىرگىيە باردىن يوق بولمايدۇ.يوقتىن بار بولمايدۇ.پەقەت بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ.
148.روھنىڭ رولى نىمە؟روھ نىمىدىن پەيدا بۇلىدۇ؟
روھنىڭ 3تۇرلۇك رولى بۇلىدۇ.1)ئەزالارنىڭ ھاياتلىق ۋە پائالىيتىنىڭ تۇپ ئاساسى.2)بارلىق قۇۋۋەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى روھ ئارقىلىقلا بۇلىدۇ.3)ھاياتلىق پەقەت ھاياتلىق ئىنىرگىيەسى (روھى ھايۋانى)مەۋجۇت بولغاندىلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ. روھ بولسا ئادەم بەدىندىكى ساپ لەتىف خىلىتلار بىلەن ھاۋايى نەسمى (ئوكسىگىن)نىڭ بەدەندە ئالمىشىشى ئارقىلىق ساسىل بۇلىدۇ.يەنى ئادەم بەدىندىكى تەبىئىي خىلىتنىڭ ھاپ لەتىف جىسمى بىلەن ئوكسىگننىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بۇلىدۇ.
149.روھ نەچچە قىسىمغا بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاپ: روھ تۆۋەندىكى 3تۇرلۇك بۇلىدۇ.1)روھى ھايۋانى(ھاياتلىق ئىنىرگىيسى).2)روھى تەبىئىي(تەبىئىي ئىنىرگىيە).3)روھى نەپسانى(سەزگۇ-ھەركەت ئىنىرگيىسى)دىن ئىبارەت.
150.روھى ھايۋانىنىڭ ئورنى رولى نىمە؟
روھى ھايۋانى يۈرەكنى مەركەز قىلغان ئىنىرگىيە بۇلۇپ ئۇ يۈرەكنىڭ ھەركىتى نەتىجىسىدە شىريان تۇمۇرلار ئارقىلىق قاننى ھەركەتلەندۇرۇپ،قان ئالىنىش جاري قىلدۇرۇپ پۈتۇن بەدەنگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ.ياكى پۇتۇن بەدەننى روھ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
151.روھى نەپسانىنىڭ ئورنى،رولى نىمە؟
جاۋاپ:روھى نەپسانى ھېس-ھەركەتكە مەنسۇپ روھ بۇلۇپ ئورنى مىڭىدە بۇلىدۇ.قۇۋۋىتى نەپسانى بىرگە ئېلىپ نىرۋىلار ئارقىلىق پۈتۇن بەدەنگە ھىس ھەركەت تارقىتىدۇ.ئەگەر روھى نەپسانى يوقالغاندا ياكى نىرۋىلاردا توسالغۇ پەيدا بولسا بەدەندىكى ھىس-ھەركەت بۇزىلىدۇ.ئەقلىي تەپەككۇر توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ.
152.روھى تەبىئىنىڭ ئورنى،رولى نىمە؟
روھى تەبىئىينىڭ ئورنى جىگەردە بۇلۇپ ئۇ روھى ھايۋانىنىڭ جىگەرگە بېرىشىدىن شەكىللىنىدىغان بۇلۇپ جىگەرنىڭ ئۇزۇقلۇقلارنى خېمىيىۋى جەھەتتىن پىششقلاش زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى جارىي قىلدۇرۇىدۇ.ھەم خىلىت ئىشلەپچىقىرىدۇ.روھى تەبئىي ۋە روھى نەپسانى روھى ھايۋانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.روھى ھايۋانى بۇ ئىككى روھىنى باشقۇرۇپ تۇرۇىدۇ.
153.ئەفئال دىگەن نىمە؟ئۇنەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاپ:قۇۋۋەتلەرنىڭ بەدەندىكى ھەركەت پائالىيەت نامى يەنى قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەرىكەت پائالىيىەت دەرىجىسى-ئەفئال دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ 2 تۇرگە بۆلىنىدۇ.1)ئەفئالى مۇفرەت (يالغۇز ھەرىكەت) 2)ئەفئالى مۇرەككەپ (مۇرەككەپ ھەرىكەت) دىن ئىبارەت.
154.ئەفئالى مۇفىرەت ۋە ئەفئالى مۇرەككەپ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:بىرلا قېتىم قۇۋۋىتنىڭ رولى ئارقىلىقلا بىجىرلىدىغان ھەرىكەت-ئەفئالى مۇفىرەت دەپ ئاتىلىدۇ.ئىككى ياكى
-35-
ئۇنىڭدىن ئارتۇق قۇۋۋەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىجىرلىدىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت-مۇرەككەپ ئەفئالى دەپ ئاتىلىدۇ.
- 36-
4-ساقلىقنى ساقلاش قىسمى
(ھېپىزى سىھھەت)
155.ساقىلىق دىگەن نىمە؟ساقلىقنى ساقلاشتىكى زۈرۈر ئامىللار قايسى؟
جاۋاپ:ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك جەريانىنىڭ نورمالنى ئېلىپ بېرلىشى ياكى ئادەم بەدىنىنڭ ئاناتومىيىلىك تۈزلىشى ۋە فىزىئولۇگىيلىك خىزمىتنىڭ نورمالنى بولىشى –ساقىلىق دېيلىدۇ.
ساقلىقنى ساقلاشتىكى زۈرۈر ئامىللار 1)ھاۋا 2)سۇ 3)يىمەك-ئىچمەك 4)كىيىم –كىچەك 5)تازىلىق 6)تۇرار جاي
7)ئۇيقۇ-ئويغاقلىق 8)ھەرىكەت-جىملىق 9)ئىستىپراغ-ئېھتىباس 10)يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىش 11)ئاتا-بالىلار،ياشانغانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش 12)ئەزالارنى ئاسىراشتىن ئىبارەت.
156.ساقلىقنى ساقلاشنىڭ نىمە زۈرۈريىتى بار؟
جاۋاپ: 1)نەسلىنى ساپلاشتۇرۇش،يەنى ئۆزىمىز سالامەت بولساق ھەرخىل ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىپلا قالماستىن ياخشى ئەۋلاد قالدۇرغىلى بولىدۇ.2)ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل پەيدا قىلىش 3)ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى نوقسانسىز ئىلگىرى سۈرۈپ جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ بايلىق يارىتىش 4)ماددىي- مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجغا بولغان غەم ئەندىشىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت.
157.ھاۋانىڭ ئىنسانلار بەدىنىدىكى رولى نىمە؟كەيپىياتى قانداق؟نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ھاۋانىڭ ئىنسانلار بەدىنىدىكى رولى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. 1)ھاۋا بارلىق جىسمىلارنىڭ بوشلىقنى تولدۇرۇپ،شەيئىلەر ئارىسىدىكى زىچلىق مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. 2)ھاۋا مەلۇم دەرىجىدە تىمپىراتۇرنى تەڭشەپ تۇرۇش رۇلىنى ئۈتەيدۇ. 3)ئورگانىزىمدا ماددا ئالمىشش جەريانىغا قاتنىشىدۇ.ھەم ھاياتلىقنى داۋام ئىتىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولىدۇ.
ھاۋانىڭ كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ،ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. 1)ساپ ھاۋا 2) بولغانغان ھاۋادىن ئىبارەت.
158.ساپ ھاۋا دېگەن نىمە؟بولغانغان ھاۋادېگەن نىمە؟
جاۋاپ:ساپ ھاۋا دېگىنىمىز-ھاۋا تەركىبىدىكى ھاۋايى نەسىمىينىڭ ئىگەللىگەن پىرسەنتى پۈتۈن ھاۋا مىقتدارنىڭ %21 بولسا بۇ ساپ ھاۋا دېيلىدۇ.
بولغانغان ھاۋادېگىنىمىز-ھاۋا تەركىبىدىكى ھاۋايى نەسىمنىڭ ئىگەللىگەن پىرسەنتى پۈتۈن ھاۋا مىقتدارنىڭ %18-16بولسا ياكى ئۇنىڭدىن تۈۋەن بولسا بۇلغانغان ھاۋا دېيلىدۇ.يەنى ھاۋادىكى باشقا تەركىبلەر ئۆزنىڭ نورمالنى ئىگەللىگەن مىقتدارىدىن 9ھەسسە ئېشىپ كەتسە بۇ بۇلغانغان ھاۋا دېيلىدۇ.
159.ھاۋا بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپلىرى قايسى؟
جاۋاپ:ھاۋا بولغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چۇقۇم تۈۋەندىكى بىر قانچە ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش لازىم.
(1) يېقۇلغۇنىڭ كۆيۈش جەريانىنى ياخشىلاش:كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى جەھەتتە چارە ئىزدەپ،پار قازىنى ۋە يېقىلغۇ كۆيدۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق مەسىلنى ھەل قىلىش لازىم .ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۇرخۇنلاردىن چىقىدىغان چالا كۆيۈشتىن ھاسىل بولغان كۆمۈر ئۇچقۇنلىرى ۋە يانىدىغان گازلارنى كۆيدۈرۈش قۇرۇلمىلىرنى ياخشىلاش ۋە كۆيۈش جەيانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن تۈگىتىش لازىم. (2)يېقىلغۇ تۈزۈلىشنى ئۆزگەرتىش:يېقىلغۇ جەھەتتە چارە ئىزدەپ،شەھەرلەردە يېقىلغۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا ماي ۋە گازلارنى يېقىلغۇ قىلىپ،ھاۋادىن چۈشىدىغان تۇزان مىقتدارنى ئازايتىش لازىم.بۇنىڭدىن باشقا ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىسغا ئۆزگەرتىش لازىم . (3)ئاپتۇمبىللاردىن چىقدىغان كىرەكسىز گازلارنى تازلاش ۋە ئاپتۇمبىللارنى ئىسلاھ قىلىش،قاتناش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،كېرەكسىز گازلارنى ھەددىن زىيادە چىقرىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنى چەكلەش،ئاپتۇمبىللارغا تازلىغۇچى قورۇلما بېكىتىش ھەم گاز چىقىرشنى تىزگىنىلەش لازىم . (4)سانائەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىشلەپچقرىش ھۆنەر-سەنىتنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، ھەربىرشەھەردىكى سانائەتنىڭ سالمىقنى تەڭشەش لازىم .بۇنىڭدىن باشقا تۇرار جاي رايۇنى بىلەن سانائەت رايۇنىنى گاز ۋەتۈتۈن چىقدىغان ئورۇن بىلەن ئائىلە ئولتۇراقلاشقان ئۇرۇنلارنى ئايرىش ۋە بۇ جايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەسەيتىكۈچى ئارلىق قالدۇرۇش لازىم. (5)رايۇنلار بۇيىچە تەمىنلەشنى قوللىنشى لازىم . (6)تۇرمۇشتىكى مۇھىيىم بولغۇغىچى ماددىلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش.مىۋە قالدۇقلىرى ۋە ھەرخىل ئەخلەتلەرنى خالىغان جايغا تاشلاشتىن
-37-
ساقلىنىپ،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىمالىنى بىردەك توسۇش لازىم .شەخسى تازىلىق ۋە مۇھىيت تازىلقنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە ئىمكان بار تەرەپ ئورۇنلىرىغا ئۈنۈملۈك چارە قۇللۇنۇپ،ھاۋا بولغۇنىشقا سەۋەپچى بولغانلارغا قارشى تۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق تەدىبىر قوللىنىش كېرەك.
160.ھاۋانىڭ پەسىللىك ئۆزگىرىشلىرى، ھەرقايسى پەسىللەرنىڭ مىزاجى،پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟
جاۋاپ:ھاۋانىڭ پەسىللىك ئۆزگىرىشلىرى، مىزاجى، كىسەللىكلىرى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
(1) قىش پەسلى: ئۇمۇمەن ئېيتقاندا،قىش پەسلى ھۆل سۇغۇق بولۇپ،بۇ پەسىلدە سۇغۇق قاتتىق بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن ھارارىتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىيم،بەدەن ھارارىتىنى ساقلاش ئۈچۈن قېلىنراق كىيىنىش،ئىمكان بار يۇقىراق كالورىيگە ئىگە تاماقلارنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە سۇغۇقلۇق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم .بۇپەسىلدە كۆپنچە نەزلە،زۇكام،ئۆپكە كىسەللىكلىرى شۇنىڭدەكبۇغۇم ئاغىرىقلىرى كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.بو پەسىلدە بەدەننى سۇغۇقتىن ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ،گۆش،ياغلارغا ئوخشاش ئىسسىق خااكتىردىكى تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بەدەن ھارارىتىنى پەسىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
(2) كۈز پەسلى: بۇ پەسىل ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قورۇق سۇغۇق بۇلۇپ،بۇ پەسىلدە ھاۋا كىلىماتى تۇراقسىز،ھكل يىغىن مىقتدارى كۆپ،ھاۋا بولغىنىشمۇ ئېغىرراق بولىدۇ.ھەمدە كۆك سەي،كۆكتاتلار ھەم ھەرخىل مىۋە-چىۋىلەرنىڭ تۇلۇق پىشىپ بولغان پەسلى بولغاچقا،كىشلەر بۇ نەسىلەرنى قالايمىقان ئىستمال قىلىش بىلەن مىزاجى بوزۇلۇش ۋە بەدەن ئاجىزلاش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.ھەمدە جىگەر،ئۆپكە ۋە باشقا ئەزالارغىمۇتەسىر كۆرسىتدۇ.بۇ پەسىلدە قىزتىما،ئىچى سۈرۈش،زەيھىر(قان تولغاق)لارغا ئوخشاش كېسەللىكلەر كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننى قۇرۇتىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قېلىش،سۇغۇق سۇ ئىچىش،ھاۋاسى ئۇچۇق جايلاردا ئۇخلاش،،بۇزۇلغان مىۋ-چىۋىلەرنى يېيىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ،قىززتىدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستمال قىلىش كېرەك.
(3) ياز پەسلى :بۇ پەسىلنىڭ ھاۋاسى ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا،قۇرۇق ئىسسق بۇلۇپ،ھاۋا تىمپىراتۇرسى سەل يۇقىرى بولغان،ئۇپ دىمىق پەسىلدۇر،بۇ پەسىلدە ئىسسىق قاتتىق بولىدۇ.قاتتىق ئىسسىق تەسىردىن نەپەس ۋە يۈرەك ھەركىتىدە نىسپەتەن ئاجىزلاش بولىدۇ.نەپەس ۋە قان ئايلىنىش سېستىمسىغا ئائىت بەزى ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى بوشاپ،تەركۆپ چىقىپ كېتدۇ.بەدەندە قۇرۇقلۇق غەلبە قىلىپ سەپرائىي قىززىتما،قەي،ئىچى سۈرلۈلۈش،باش ئاغىرىش،كېزىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەددىن ئارتۇق چارچاش،ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىپ ،مۇۋاپىق دەم ئېلىش،ئاپتاپنى توسۇشقا چوڭراق ياردىمى بولغان كېيىملەرنى كىيىش لازىم.ھەمدە بەدەن ھارارىتنى پەسەيتىدىغان يىمەك-ئىچمەكلىكلەرنى ۋە قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش لازىم.مەسلەن:ئەرقى كاسىنە، ئەرقى دارىچىن ۋە ئەرقى لىمۇنغا ئوخشاش.
(4) ئەتىياز پەسلى:بۇ پەسىل ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيقاندا،ھۆل ئىسسىق ھېسابلندۇ.ھاۋا تېپىراتۇرسى نۇرمال بولغان تۆت پەسىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەسىلدۇر،بۇ پەسىلدە قاندا قايناش(بۇزۇلۇش) يۈز بېرىپ بەدەندە دانخورەك،مۇدۇر چاقىلار، قېچىشقاق ۋە چېچەككە ئوخشاش قان بوزۇلۇشتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ ئوچىرايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننى ۋە قاننى تازلىغۇچى دوراۋە ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قېلىش بىلەن قاننى قايناتقۇچى بوزغۇچى نەرسىلەردىن پەرىز قىېلىش لازىم.مەسلەن :چىلان،شاھتەررە،ھېلىيلە كابىلى...قاتارلىقلارغا ئوخشاش قان تازلىغۇچلارنى ئىستىمال قىلىنشىڭ پايدىسى چوڭ.
161.يىمەكىلىك(غىزا)دېگەن نىمە؟ئىچىملىك دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:يىمەكىلىك دېگىنىمىز-مەلۇم دەرىجىدە ئېنىرگىيە ۋە ئىسسىقلىق پەيدا قىلىشقا قاتنشالايدىغان،ئىستمال قىلغاندىن كىيىن تۇقۇلما ئەزالارنىڭ مەلۇم ئىھتىياجنى قامىدىيالايدىغان،ئىستىمال قىلىش سالاھىتىگە ئىگە بولغان ئىستمال بويۇملىرىنى يىمەكىلىك (غىزا)دەيمىز.
ئىچىملىك دېگىنىمىز-ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن بىرى ماددى تەسىرى بىلەن،ئىككنچىدىن كەيپىيات تەسىرى بىلەن ئورگانىزىمدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغۇچى ئىستمال قىلىشقا بولىدۇغان سويۇقلۇقلار ئىچىملىك دەپ ئاتلىدۇ.
162.ئۇزۇقلۇقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر بۇلۇش كېرەك؟
جاۋاپ:بەدەنگە ئېھتياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقتىن پايدىلنىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك 6خىل شەرت زۈرۈر بولىدۇ.
(1)بەدەنىنىڭ ئۇزۇقلۇققا ئېھتىياجى بولۇشى كىرەك.(2)غىزاۋە سۈپەت جەھەتتىن نۇرمالنى بۇلۇشى كېرەك.ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بەدەن ئىھتىياجىغا مۇۋاپىق بولۇش لازىم.ئەگەر ئۇنداق بولماي ئارتۇق
-38-
يسە،ھەمدە بەدەنىنىڭ سۈپىتى بەدەنگە مۇۋاپىق بولمىسا ھەممسى زىيانلىق بولىدۇ.(3)ۋاقىتى ئۆز ئۆلچىمى بۇيچە بولۇشى لازىم.ئۇزۇقلىنىش ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەش مۇھىم.ھەر قانداق ئىشنىڭ مەقسەتكە يىتشى ئۈچۈن چۇقۇم مەلۇم ۋاقىت مۇشنڭغا لازىم بولغىنغا ئوخشاش بەدەندە ئۇزۇقلۇقلانىڭ ھەزىم بولىشى ئۈچۈنمۇ مەلۇم ۋاقىت لازىم بولىدۇ.ھەر قانداق يىمەك-ئىچمەك،دورا-داۋالارنىڭ تەسىردە مەلۇم ۋاقىت ئىتبارغا ئېلىنمسا زىيانلىق تەسىر كۆرستىدۇ.(4)غىزالىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى توغىرا بولىشى كېرەك،غىزاۋە داۋالارنى ئىشلىتىشتە ئۇنىڭ خاراكتىرىگە قاراپ مەلۇم ئىلمى ئۇسۇل بەلگىلەش لازىم.مەسىلەن:بەزى دورىلار پۇرىغاندا تەسىر كۆرسەتسە ،يىگەندە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.شۇنىڭدەك غىزالارنىڭ يېيش ئۇسۇلىغمۇ دىققەت قېلىش كېرەك.(5)غىزالارنىڭ شەكلىگە دىققەت قىېلىش كېرەك،داۋا بىلەن ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى ئىستىمال قىلغاندا، شەكلنىڭمۇ تەسىرى ناھايتى چوڭ بولىدۇ.(6)غىزالىنىش ئادىتى توغرا بولۇش كېرەك،ئادەتتە ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەقلى، جىسمانىي ۋە ئەخلاقى تۇرمۇشىغا ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسىتدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق دۇرا-دەرمەكلەرنى ئىشلەتكەندە،بەدەن ھالىتگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم .ئادەمنىڭ مىزاجى ۋە ئادەتلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ،ئادەت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشمۇ مۇھىيم.مەسىلەن :
بەزى ئادەملەردە تۇخۇم پايدا قىلسا ، بەزى ئادەملەرگە زىيان قىلىدۇ.ھەتتا زەھەر ئىچىپ كۈنۈپ قالغان ئادەملەرگە زەھەرمۇ ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇقلىنىش جەھەتتە تاماق تاللاشتەك ناچار ئادەتنى قەتئى ئۆزگەرتىش لازىم.
163.تاماقنى بەك كۆپ يېيىش ۋە بەك ئاز يىيشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى قانداق؟
جاۋاپ:تاماقنى كۆپ يىگەندە ئاشقازاندا ھەزىم بوزۇلۇپ،ئاشقازاندا يەل پەيدا بولۇپ، سەپرا كۈپۈيۈپ باش ئاغرىيدۇ،كۆڭۈل ئايلىندىۇ.بەزى ۋاقىتتا قەي قىلىپ قۇسدۇ.ئاشقازاندا بۇزۇلغان تاماق قەي قىلىش ياكى ئىچنى سۈرۈش ئارقىلىق چىقىپ كەتمىسە، تاماق بىلەن زەھەرلىنش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ.ياغلىق ۋە تاتلىق تاماقلارنى، گۈرۈچ ۋە گۆشلەرنى كۆپ يەيدىغان ئەمما جىسمانىي ئەمگەك قىلمايدىغان كىشلەر چۇقۇم سەمىرىپ كېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن قان تۇمۇر قېتىش،يۈرەك سىقىلىش،قان بېسىمى كۆتۈرلۈش،قاندا ماي كۆپۈيۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.تاماقنى بەك ئاز يىگەندە، زۈرۈزىيەتكە مۇۋاپىق تاماق يىمەي،ئاچ تۇرۇش،ئىشتەيسىزلىك،بەدەننى كۈندىن-كۈنگە ئورىقىلىتىپ، كەم ماغدۇر قېلىپ قويىدۇ.جىسمانىي ئەمگەك قېلىشنى كۆڭلى خالىمايدۇ.ئازراق ئەمگەك قىلغان ۋە ھەرىكەت قىلغان ھامان ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.بەدەنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىپ،ئازراقلا خاپىلىق كەلسە يىغلايدىغان بولۇپ قالدۇ.ئاخىرى يۈرەك ئاجىزلاپ،زىھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.تاماق يىگەندىمۇ ئۇنىڭ سۈپتى ناچار بولسا ،ئۇنىڭغا قۇۋۋەت تاماقلىرى يىتەرلىك بولىمىسا، ئادەمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۇرۇقلاپ،رەڭگى –رۇھىي سارغىيىپ كېتىدۇ.ئەگەر تامىقغا تۇز قوشۇلمىسا قان بۇزۇلۇش،پۇت-قولى بوشوشۇپ كېتىش يۈز بېرىدۇ.
164.تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان ياكى داۋالىق تەسىرى بولىمغان نەرسىلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى قانداق؟
جاۋاپ:غىزالىق ۋە داۋالىق خوسۇسىيتى بولىمغان ئەكسىچە زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلغان زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېغىزئارقىلىق ئىستىمال قىلىشتەك ناچار ئادەتلەر ئىنسانلار سالامەتلىكى ۋە ئەخلاقى پەزىلىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ،كشىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ تەبئىي نۇرمال ھالەتتن ھالقىپ ئۆتۈ، ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىش،ئىستىمال بويۇملىرنىڭ سۈنئيلىشىپ كېتىش،ھاراق-تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستمال قىلىش،شەھۋانىيەتلىكنىڭ ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا روھىي جەھەتتى جىددىيلىشىپ كېتىش قاتارلىق غەيرى تەبىئىي ئامللار ھەر خىل يىڭى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلۋاتىدۇ.1)ھاراقخورلۇق-ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەندە: (1) ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى قېلىنلىشپ،ئۇنىڭ خىزمتى بۇزۇلۇپ،نەتىجىدە ئىچى سۈرلۈش ۋە تولغاققا ئوخشاش كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.ھاراق ئاشقازاندىن جىگەرگە يىتىپ بارغاندىن كېيىن ،ئۆزنىڭ كىسلاتالىق تەسىرى بىلەن جىگەرنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى قاتتۇرۇپ،جىگەرنىڭ فىزىئۇلۇگىيىلىك خىزمەتلىرىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتپلا قالماستىن ،جىگەر ياللۇغى،جىگەر راكى،يەرقان،جىگەر قېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا ئەقلىي ۋە زىھنى كۈچنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ئويلاش،مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئىجات قىلىش ئىقتدارىنىمۇ تۈۋەنلەشتۈرۋېتدۇ.(2)نىرۋا سېستىما كىسەللىكلەردىن نىسيان(ئۇنۇتقاقلىق،پىكرى بۇزۇلۇش)باش ئاغىرىقى،مالخولىيا،ساراڭلىق قاتارلىق نىرۋا سېستما كىسەللىكلەرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(3)ھاراقنى كۆپ ئىچكەن كىشلەردە ھاراقنىڭ تەسىرى ئەۋلاتلىرىغىمۇ ئۆتىدۇ.مەسىلەن:ئەۋلاتلىرنىڭ بەدىندە يېرىم ساراڭلىق ،ئۆپكە
-39-
تىبوركىليۇزۋە باشقا ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(4)ھاراق تەركىبدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بۇلۇپلا قالماستىن بەزى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئىرىشنى تىزلىتىپ،بەدەندە راك كېسىنىڭ پەيدا بولىشنى تىزلىتدۇ،
2) تاماكۇ چېكىش:-تاماكۇ تەكىبىدە نىكىل،ئارسىن قويۇقلىغى خېلىلا يۇقىرى بولغان ئازۇت ئۇكسىدىلىرىۋە مۇسبى نىكوتىن ماددىلىرى بولۇپ،ئادەم بەدىندە راك پەيدا قىلىش تەسىرىنى كۆرستىدۇ.ئۇزۇن مۇددەت تاماكۇ چەككەندە باش ئاغىرىقى ،يۈرەك قان تۇمۇر توسۇلۇش،ئۇيقۇسىزلىق،ساراڭلىق،ئۇرۇقلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپلا قالماستىن،نىرۋا ئاجىزلىقى،ئۆپكە ۋە كالپۇك راكى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋىپىمۇ ناھايتى يۇقىرى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كىشلەر ئارسىدا نەشە ۋە ئەپىيۇن ۋە شونىڭغا ئوخشاش ناركوتىك دورىلارنى ئىستىمال قلىشقا ئادەتلىنىپ قالغانلارمۇ بار،نەشە چىكىش ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى دۆتلەشتۈرۈپ،پىكىر قېلىش قابىلىيتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.كىشلەرنى خىيال پەرەس قىلىپ قويىدۇ،قاننى ئازايتىپ،رەڭگى-روھىينى بوزىدۇ.ئاخىرىدا كىشلەرنىڭ نىرۋا كېسەللىلەرگە گىرىپتار بولوشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تەن سالامەتلىكگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ھاراق-تاماكۇ،نەشە،ئەپىيۇنغا ئوخشاش ئادەم بەدىندە ھېچقانداق غىزالىق،داۋالىق رولى بولىمغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن قەتئى ساقلىنىش لازىم.
165.سۇنىڭ ئىنسانلار بەدىندىكى رولى نىمە؟سۇ نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
جاۋاپ؛سۇنىڭ ئىنسانلار بەدىندىكى رولى تۆۋەندىكىچە:
(1)بەدەنگە قارتا تىمپراتۇرنى تەڭشەش رولى بار. (2) تۇقۇلما ئەزالارنىڭ ئىلاستكلىنقى ساقلايدۇ.(3)تۇشۇش،
يەتكۈزۈش،چىقرىش جەتيانىغا قاتنىشىدۇ.(4)ئىرىتىش شۇنداقلا سىڭىپ ئۆتۈش جەريانىغا قاتنىشىدۇ.(5) تۇقۇلمىلارنىڭ مەلۇم ئوسموتىك بېسىمنى تەڭشەيدۇ.
سۇ-(1) تاتلىق سۇۋە تۇزلۇق سۇ (2)قاتتىق سۇۋە يۇمشاق سۇ (3) ئېغىر سۇۋە يەڭگىل سۇ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلنىدۇ.
166. تۇزلۇق سۇ، تاتلىق سۇ، قاتتىق سۇ، يۇمشاق سۇ، ئېغىر سۇ، يەڭگىل سۇ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:تۇزلۇق سۇ دىگىنىمىز-Naئىئۇن چۆكمسى سۇنىڭ ئاساسى تەركىبنى ئىگەللىگەن ياكى Naئىئۇن قۇيۇقلۇق دەرىجىسى سۇ تەركىبدە ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدىغان سۇ-تۇزلۇق سۇ دېيلىدۇ.
تاتلىق سۇ دېگىنىمىز-ئىستىمال قلغۇچىلار نىسبەتەن زەھەرلەش تەسىرىنى كۆرسەتمەيدىغان، تەركىبدە مىنىرالنى ماددىلار كۆپ ساننى ئىگلىمىگەن دەريا-ئۆستەڭ سۇلىرى تاتلىق سۇ دېيلىدۇ.
قاتتىق سۇ دىگىنىمىز-سۇ تەركىبىدە كالتسىي ئىئۇنى ۋە ماگىنىي ئىئۇنىلىرى بولغان يەنى شۇ خىل ئىئۇنلار بىرتەرەپ قىلىنمغان سۇدىن ئىبارەت.
يۇمشاق سۇ دىگىنىمىز-كالتسىي ۋە ماگىنىي ئىئۇنلىرى بولىمغان يەنى شۇ خىل ئىئۇنلار بىرتەرەپ قىلىنغان سۇدىن ئىبارەت.
ئېغىر سۇ دىگىنىمىز-سۇ تەركىبىدىكى تۆت ھىدروگىن ئىئۇن ئاتۇمنى ئىگەللىگەن سۇ ئېغىر سۇدىن ئىبارەت.
يەڭگىل سۇ دىگىنىمىز-ھىدروگىن ئىئونى بىلەن ئوكسىگىن ئىئونىدىن ئىبارەت ئىلىكترولىز ھالىتىدىكى سۇدىن ئىبارەت.
167.ئۇيقۇ دىگەن نىمە؟ئۇيقۇنىڭ رولى قايسىلار؟
جاۋاپ:ئۇيقۇ دىگىنىمىز- گەۋدە ھەرىكەت نىرىپلىرنىڭ سىزىم قۇبۇل قىلماسلىق ھالىتى يەنى گەۋدە ھەرىكەت نىرۋىپلىرنىڭ ئۇمۇمى يۈزلۈك تىنچلىق ھالىتى بىلەن مەركىزى نىرۋا سىىستىمسىنىڭ گەۋدە ھەرىكەت نىرۋىپلىرنىڭ سىزىمنى قۇبۇل قىلماسلىق ھالىتى ياكى جەريانىدىن ئىبارەت.
ئۇيقۇنىڭ رۇلى: (1) سەرىپ بولغان ئۇزۇقلۇق بىلەن ئىنىرگىيەنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلايدۇ.(2)ئەزا ۋە تۇقۇلمىلارنىڭ ئىلاستكىلىقنى ساقلايدۇ.سەزگۈ ئەزالار ئارام ئالىدۇ.(3) ئورگانىزىمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرىدۇ.(4)نىرۋا چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇتېۋىلىش قابىليىتنى ئاشۇرىدۇ.(5) باش ئاغىرىش،ئىشتھاسىزلىق ،باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللىرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
168.زىيادە ئۇيقۇنىڭ ئىنسانلار بەدىندىكى زىيانلىق تەسىرى قانداق؟
جاۋاپ:زىيادە ئۇيقۇنىڭ ئىنسانلار بەدىنىدىكى زىيانلىق تەسىرى(1) ماي تۇلۇش خاراكتىردىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.مەسىلەن ئارتىرىيە تۇمۇرلىرنىڭ قېتىشى، يۇقىرى قان بېسىم كېسلى ،ۋىنا ياللۇغى قاتارلىقلار (2) ئىنكاسچانلىق ۋە سىزىمچانلىق تۆۋەنلىتۋېتىدۇ.نەفسانى ئۇيغۇنىشىنى چېكىندۈرۋېتىدۇ.(3) روھنىڭ ئايلنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ،روھنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەيدۇ ياكى زىيادە ئۇيقۇ رۇھنى سۇۋۇتۇپ ،قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
-40-
169.ئادەم ئۇخىلىغاندا بەدەندە قانداق فىزىئولوگىيلىك ئۆزگۈرۈش بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئادەم ئوخىلغاندا بەدەن تۈۋەندىكىدەك فىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.
(1) مۇسكۇل پائالىيەتلىرى –ئوخلىغاندا ھەممە مۇسكۇللار دىگۈدەك بوشۇشۇپ ،تىرەڭلىگى ئۇمۇمى يۈزلۈك تۈۋەنلەيدۇ.
(2) رېفلىكىس پائالىيەتلىرى –پەي رېفلىكىسلىرى مۇسكۇل تىرەڭلىگىنىڭ بوشۇشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ.قان ئايلىنىش رېفلىكىسلىرى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.(3)قان ئايلىنىش-يۈرەك رېتىمى مىنۇتىغا 10-30قېتىمىغىچە ئاستىلايدۇ.قان بېسىمى Hgmm20-10غىچە تۆۋەنلەيدۇ.ئۇيقۇنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ قان بېسىمى يەنىلا تۈۋەنلەيدۇ.(4)نەپەس-نەپەس ئېلىش سانى كەملەيدۇ،نەپەس ئېلىش ۋاقتى رۇشەن ھالدا ئۇزۇرايدۇ.(5) ھەزىم قېلش-ھەزىم قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملىشۋېرىدۇ.(6) چىقىرىش ۋە ئاجىرالما –شۆلگەيلىرنىڭ ئاجىرلىشى رۇشەن ھالدا تۈۋەنلەيدۇ.ئاشقازان ئاجىرالمىسى ئاشىدۇ.سۈيدۈك ۋە ياشنىڭ ئاجىرلىشى ئازلايدۇ،تەرنىڭ ئاجىرىلىش مىقتدارى ئاشىدۇ.(7) ماددا ئالمىشش –نىرۋا تۇقۇلمىسنىڭ گىلكوزىغا بولغان ئېھتىياجى پەسىيدۇ.بەدەندىكى گىلكوگىن مىقتدارى ئاشىدۇ.بەدەن ھارارىتى تۈۋەنلەيدۇ.بەدەن ھارارىتى تۈۋەنلەيدۇ.
170.ئۇيقۇ نەچچە دەرىجە بولىدۇ ؟ قايسىلار ؟
جاۋاپ:ئويقۇ 3 دەرىجە بولىدۇ.ئۇلار(1) يەڭگىل ئويقۇ: بۇ بىرنچى دەرىجىلىك ئۇيقۇ بۇلۇپ،ئادەم مۈگدىگەندەك ئوخلايدۇ.ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.كۆپ چۈش كۈرۈپ، كۆرىگەن چۈشلىرى يادىدا قالمايدۇ.بىئارام ياتىدۇ.بۇنداق ئۇيقۇ ياخشى ئەمەس.
(2)ئوتتۇراھال ئۇيقۇ- يەنى ئىككنىچى دەرىجىلىك ئۇيقۇ-بۇ ئۇيقۇ بەك ئېغىر بولمايدۇ.2-4سائەتكىچە ياخىشى داۋام قىلىدۇ.كۆرگەن چۈشى يادىدا تۇرىدۇ.بۇ ئۇيقۇ ياخشى ئۇيقۇ ھىسابلىندۇ.
(3) ئېغىر ئويقۇ- يەنى ئۈچنچى دەرىجىلىك ئۇيقۇ- بۇ ئۇيقۇ قاتتىق ئۇيقۇ بولۇپ،ھۇشسىزلانغاندەك ھېچ نەرسنى تۇيماي،ئۇزاق ئوخلاپ كېتىدۇ.ئويغۇنشى تەس بولىدۇ.بۇنداق ئويقۇ ياخشى ئەمەس،بۇنىڭدا پۇت-قول ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.كۆپنىچە ھۆل مىزاج ئادەملەر ۋە ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغۇچىلاردا كۆرلىدۇ.
171.ئويغاقلىق دىگەن نىمە؟ئويغاقلىقنىڭ قانداق رولى بار؟
جاۋاپ:ئويغاقلىق دىگىنىمىز-بارلىق ئورگانىزىمنىڭ ھەرىكەت سەزگۈ نىرىپلىرنىڭ سىزىم قۇبۇل قىلىشى ھەم سىزىملارنى ئانالىز قىلىش جەرياندىن ئىبارەت.
رولى

1) ئىنكاسچانلىق پائالىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.(2) ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىنى كۈچەيتىدۇ.قۇۋۋەتلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرىدۇ.(3) ھەرىكەت ماسلىششچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.
172.زىيادە ئويغاقلىقنىڭ ئىنسانلار بەدىنىدىكى زىيانلىق تەسىرى قايسىلار؟
جاۋاپ: زىيادە ئويغاقلىقنىڭ ئىنسانلار بەدىنىدىكى زىيانلىق تەسىرى

1) تاشقى بەش سىزىم پائالىيتىنىڭ بىرى ياكى بىر قانىچىسىدە نوقسان پەيدا قىلىدۇ.(2) بەدەندە ئىنىرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان مۇھىم ئەزالاردا چارچاش ۋە قۇرۇقلۇق يىتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(3) نىرۋا ئاجىزلىشش خاراكتىرلىك غەيرى نۇرمال كەيپىياتلار ،مەسىلەن : ئۇيقۇسىزلىق ،ئىشتھاسىزلىق،تېرىككەكىلىك،جىلخورلۇق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
173.ھەرىكەت دىگەن نىمە؟رولى قانداق؟
جاۋاپ:ھەرىكەت دېگىنىمىز- سەزىگۈ –ھەرىكەت نىرىپلىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن نىشانلىق ۋە نىشانسىز قىلغان پائالىيەت نامىدىن ئىبارەت. ياكى بەدەنگە نىسپەتەن گەۋدە نىرىپلىرنىڭ ئۆزلىكسىز پائالىيەت جەريانىدا سەزگۈ ۋە ھەرىكەت نىرىپىلىرىغا تەسىر كۆرسىتشى بىلەن بەدەندە ئىلىپ بېرلىدىغان تۇقۇلما ھۆجەيرىلەرنىڭ ياكى مەلۇم ئەزا سېستىملارنىڭ ئاجىرتىش، قۇبۇل قىلىش،چىقرىشتن ئىبارەت ماددا ئالمششنىڭ توختاۋسىز جەريانى ھەرىكەت دىيلىدۇ.كەڭ تەبىئەتكە قارىتا ئېيقاندا،مالكۇلىلارنىڭ ئۆز ئارا ئاتۇملار تەسىردىكى زەرەتلىنىش جەريانى ھەرىكەت دېيلىدۇ.
ھەرىكەتنىڭ رولى: (1) نۇرمالنى ھەرىكەت بەدەندىكى ماددا ئالمىشش جەريانىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.چىقرىش پائاليىتنىڭ نۇرمالنى بىجىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.(2)مۇسكۇل تۇقۇلمىلارنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەزالارنىڭ چىدامچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرىدۇ.(3) قۇۋۋەتلەر ۋە روھلارنىڭ بىر-بىرىنى تۇلۇقلىنشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ ياكى تۇلۇقلاغ پائالىيتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
174.زىيادە ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى قايسىلار؟
-41-
جاۋاپ:زىيادە ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى : (1) ئېنىېرگىيە ۋە سۇيۇقلۇقنى قۇرۇتۇپ، ئەزالاردا قۇرغاقلىق ۋە تارتىششچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.(2)زىيادە ھەرىكەت جەريانى ئۇمۇمى بەدەن زەئىپلىشش خاراكتىرلىك ئىممۇنىت ئىقتدارىنى تۆۋەنلىتدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى تەبىينىڭ ھەرىكەت ئىقتدارىغا نۇقسان يەتكۈرۈىدۇ.(3) روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئۇرۇن بېسىش خاراكتىرلىك ئايلنىش جەريانىغا نوقسان يەتكۈزىدۇ.
175.جىملىق دىگەن نىمە؟رولى قايسى ؟
جاۋاپ:سەزگۈ نىرىپلىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالىدا ھەرىكەت نىرپىلىرنىڭ ۋاقتلىق ئارام ئېلىش جەريانى –جىملىق دېيلىدۇ.يەنى بەدىنىمىزدىكى گەۋسە ھەرىگەت نىرىپلىرىنىڭ نىسپى ھەركەتسىز ياكى ئارام ئېلىش جەرياندىن ئىبارەت.
جىملىقنىڭ رولى: (1)ھەرىكەت جەريانىدا ھەرىپ بولغان ئېنىرگىيە ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنىنى تولىدۇرىدۇ.(2) تۇقۇلما ئەزالىرنىڭ ئىلاستىكلىغى،سىلىقلىغى ۋە ئەۋرىشىملىكنى ساقلايدۇ.(3) نىرۋا ئۇچلىرى زىيادە غىدىقلنىشتىن كېلىپ چىققان ئىختىيارى خاراكتىرلىك غەيرى نورمالنى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
176. زىيادە جىملىقنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە بپلغان زىيانلىق تەسىرى قايسىلار؟
جاۋاپ: (1) ھەرىكەت نىرىپلىرنىڭ ماسلىششچانلىغى ۋە سىزىمچانلىغنى سۇسلاشتۇرىدۇ.(2)زىيادە جىملىق سۇيۇقلۇق ۋە ماي تولۇش خاراكتىرلىك كېسەللكلەر ،يەنى ۋىنا ئەگىرىلىگى، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، ماي تۇلۇش خاراكتىرلىك قۇرساققا سۇ چۈشۈش....قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(3)زىيادە جىملىق جەريانى ھەممە ئەزالاردا ئىختىلاج ۋە ئىستىرخائىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
177.ئىستىپىراغ دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ رولى قايسى؟
جاۋاپ: ماددا ئالمىشش جەريانىدا ھاسىل بولغان كىرەكسىز ماددىلار ۋە بىرقىسىم سۈمۈرۈش سالاھىتدىن مەھىرۇم قالغان ماددىلار ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى پائالىيەتلەر ئارقىلىق سىرتقا چىقرىىلىشى –ئىستىپىراغ دېيلىدۇ.
ئىستىپراغنىڭ رولى: (1)ئىستىپىراغ جەريانى ئارقىلىق كىرەكسىز ماددىلار ئۆزلىكسىز چىقىپ تۇرغاچقا ،ماددا ئالمىششىتىن زەھەرلىنىش ۋە ئەزالارنىڭ زەئىپلىششى قاتارلىق نوقسانلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.(2) ئىستىپىراغ جەريانى ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئىلاستىكلىغىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.مەسىلەن:تېرنىڭ تەرىنى چىقرىش رولى ئارقىلىق تىرنىڭ ئىلاستكلىقنى ۋە خوسۇسىيىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.(3) ئىستىپىراغ جەريانى ئارقىلىق ئېھتىباس جەريانىغا شەرت-شارائىت ھازىرلىغلى بولىدۇ.(4) تۇقۇلما ھۆجەيىلەرنىڭ سېزىپ ئۆتۈش بېسىمنى تەڭشەيدۇ.مەسىلەن:ناتىرىي ئىئۇنى ۋە كالىي ئىئۇنى قاتارلىقلارنىڭ سېزىپ ئۆتۈشى.
178.ئېھتىباس دىگەن نىمە؟ئۇنىڭ رولى قايسى ؟
جاۋاپ:ماددا ئالمىشش جەريانىدا ،ماددىنىڭ ئالمىششقا قاتنىشىش،شۇنداقلا مەلۇم ئېنىرگىيە بېرىش،مەلۇم دەرىجىدە سۇيۇقلۇق ۋە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش سالاھىتىگە ئىگە بولغان ماددىلارنى بەدەندە تۇتۇپ تۇرۇش جەريانى –ئېھتىباس دېيلىدۇ.
رولى: (1) بەدەنگە كېرەكىلىك ماددىلارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ.ماددا ئالمىشىشنىڭ جەريانىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ،(2)ساقلاشقا تېگىشلىك ماددىلارنى ساقلاپ تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ چىدامچانلىقنى ۋە ھەرىكەتچانلىغنى ئاشۇرىدۇ.مەسىلەن: گەۋدە مۇسكۇللىرنىڭ ئاقسلنى زاپاس ساقلىشى (3) تۇتۇپ تۇرۇش جەريانى سېستىملار ۋە ئەزالارنىڭ پائالىيىتدە ماسلىششچانلىغنى ساقلايدۇ.مەسىلەن: نىرۋا،قان ئايلىنىش،نەپەسلىنىش سېستىملىرنىڭ ماسلىششچانلىقىنى ساقلايدۇ.
179.زىيادە ئىستىپراغنىڭ زىيانلىق تەسىرى نىمە؟
جاۋاپ

1) ئېلىكترۇلىت يىتشمەسلىك خاراكتىرلىك تۇقۇلما ئەزالىرىدا سىزىمچانلىق تۇسقۇنلىققا ئۇچىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن: كالىينىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن ئاشقازان ئۈچەيلىرنىڭ غىدىقلنىشنىڭ ئارتىپ كېتىشى .....قاتارلىقلار .(2) زىيادە ئىستىپىراغ زىيادە ھەرىكەتنىڭ جەريانىدا بەدەنىنى قۇرىتىدۇ ۋە سۇۋۇتىدۇ (3) زىيادە ئىستىپىراغ ۋە مەجبۇرى خاراكتىرلىك ئىستىپىراغ ئەزا تۇقۇلمىلىردا ئادەتلنىش خاراكتىرلىك زەخمىلنىشنى پەيدا قىلىدۇ.مەسىلەن سۈرگۈ دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈچەي يارسى پەيدا بولۇش،چايلىق ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتش ،ئىككلەمچى بۆرەك زەئىپلىشش ۋە يۈرەك رېتىمسىزلىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
180.زىيادە ئېھتىباسنىڭ زىيانلىق تەسىرى نىمە؟
-42-
جاۋاپ

1) ئەزا سىستىملارنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىپ،پائالىيەتلەر ماسلاشماسلىق، غەيرى نۇرمالنى ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.سۈيدۈكنىڭ زىيادە تۇتۇپ قېلىنىشى بىلەن جىگەر خىزمىتنىڭ چىكىنىشى،يۈرەك رېتىمنىڭ بوزلۇلىشى ،ئۈچەيدىكى ماددىلارنىڭ زىيادە تۇرۇپ قېلىشىدىن ئوخلىيالماسلىق،تىت-تىت بولۇش،بئارام بۇلۇش،جىنسىي ئىقتدار تۈۋەنلەپ كېتىش....قاتارلىقلار (2) تۇقۇلما ئەزالىرىنىڭ ئىچكى بېسىمنى بوزىىدۇ.
181.ھەرخىل يامان ئادەتلەرنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى قانداق؟
جاۋاپ: ھاراق،تاماكۇ،ئەپىيۇن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەست قىلغۇچى، ئوخلاتقۇچى،بىھۇش قىلغۇچى نەرسىلەر،پاھىشە،
ساختا مۇھەببەت ۋە پەس ئارزۇ ھەۋەسلەردىن ساقلىنىش لازىم.چۈنكى بۇلار كىشلەرنىڭ ئەقلى،ئەخلاقى،جىسمانى پائالىيەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.شۇڭا ئىنسانلار قەدىمىقى زاماندىن تارتىپ ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ۋە تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىغان.جىسىي تۇرمۇشتا نۇرمالنى بولۇش لازىم.ئۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىش سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق،جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇشى ئادەمنى تىز قېرىتدۇ.ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئاجىزلاشتۇرىدۇ.چىراينى بوزۇپ،تېرىدە قورۇق پەيدا قىلىدۇ.چاچ-ساقالنى ئاسان قېرىتدىۇ.نۇرمال جىسنىي تۇرمۇش توغىرىسدا ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە 25-40ياشقىچە ھەپتىدە بىر قېتىم .40-50ياشقىچە ئايدا بىر قېتىم،50-60ياشقىچە 3ئايدا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش لازىم.60-70ياشقىچە بولغان ئارلىقتا تەبئىي جىسىي قابىيلىتى تەدىرجى ئاجىزلاشقا باشلايدۇدەپ قارايدۇ.جىسىي ھەۋەسنى قوزغۇغىچى دورا-دەرمانلارنى ئىشلىتىپ،سۈنىئىي ھالىدا ئىش ئېلىپ بېرىش سالامەتلىككە زىيانلىق.ئەمما25-40 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا جنىسىي ھەۋەس ئاجىزلىشىپ قالسا ،ئۇنىڭغا دورا-دەۋا قىلسا بولىدۇ.(1) يامان ئادەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامانراقى پاشىۋازلىق بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئادەم ئەخلاقى ۋە جىسمانىي قابىيلىتگە كەلتۈرىدىغان زىىينى ناھايتى چوڭ بولوپ،سىبلىس،سۆزنەك قاتارلىق كىسەللىكلەر كېلىپ چىقش ئېھتمالى ئېغىر بولىدۇ.سىبلىس ۋە سۆزنەك بولسا كىشلەرنىڭ نەسىل قالدۇرىشمۇ ئاجىز بولىدۇ.ياكى كۆپۈنچىسنىڭ بالىسى بولمايدۇ.بالا قورساقتا كىسەللەنگەن بولىدۇ.(2) قول ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن مەنىي ماڭغۇزۇش(جەلەق) يامان ۋە زىيانلىق ئادەتلەرنىڭ بىرى،بۇ مەخپىي قىلىندىغان ناچار ئىستىل بولۇپ،ياشلىق ھايات ۋە ئەقلى كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئەڭ خەۋىپلىك دۈشمىندۇر.بۇ ئىش بىلەن ئادەتلەنگەندە كىچە ياكى كۈندۈزدە بىر نەچچە قېتىم بۇ ئىشنى قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ.قىسقىسى ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تاناسىل ئەزالار كاردىن چىقىدۇ.تەبىئى چوڭىيشى توختايدۇ.بوشاپ ئاجىزلىشىپ قالىدۇ.قان تۇمۇرلار كېڭىيىپ كېتىپ، يەرلىك ئورۇندا ماددا ئالمىشش،ئۇزۇقلۇق يىتشمەسلىك سەۋەبىدىن ھەرخىل نورمالسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.جىنسىي بەزلەر بارغانسىرى يىگىلەپ،ئۆزنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتدە ئاجىزلىشش كېلىپ چىقىدۇ.جنسىي ھالەت بەك سەزگۈر بولۇپ،ئاسانلا ئىسپىرما مېڭىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.بەزى ئەزالار قوزغالماي تۇرۇپلا ئىسپىرما مېڭىپ كېتىدۇ.بۇ ئىشلار بىلەن ئادەتلەنگەنلەرنىڭ چىرايى، رەڭگى ئۆچىدۇ.كۆز ئەتراپىدا دائىرە شەكىللىك قارا داغ پەيدا بولىدۇ ۋە قورۇق چۈشىدۇ.ئەقلى تەپەككۇر كۈچىمۇ ئاجىزلىشىدۇ،تۇراقسىز ،ئۈمۈتسىزۋە روھىسىز ئىچىدە ياشايدۇ.ئويلىنىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ئادەتتىن قاتتىق ساقلىنىش بىلەن بىرگە بو خىل كىسەللىككە گىرپتار بولغۇچلارنى دەرھال داۋالىتش لازىم.(3)سالامەتلىك ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق بولغان ئىشلارنىڭ يەنە بىرى لەقۋۋاتلىق بولۇپ،ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ،ئۇزۇن يىللىق تەجىربىلەرنىڭ نەتىجىسىدىن قاىغاندا ،بەزىلەر ئىرسىيەتلىك خاراكتىرلىك بولىدۇ.بەزىلىرى تۇغۇلغاندا ساغلام تۇغۇلۇپ،كىيىنكى ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە بەزى ئىشلار سەۋەبدىن بولىدۇ.بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولىغۇچلارنىڭ تورمۇشى غەمكىنىلىك،رۇھىي زەربە ،قاتتىق چۈشكۈنلۈك بىلەن ئۆتىدۇ.بەزى ئەھۋاللاردا ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.نەتىجىدە نىرۋا ئاجىزلاش،ئۇرۇقلاش شۇنداقلا يۈرەك كىسەللىكگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.
182.ياشانغانلار ۋە ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقانلار قېرىلىق باسقۇچقا ئۆتكەنلەر بولۇپ ھېسابلىندۇ.چۈنكى مۇشۇ ياشىتىن ئۆتكەن كىشلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ.سۈڭەك،ئىلىك ماددىسنىڭ قان ئىشلەپچقرىش ئىقتدارىمۇ ئاجىزلىشىدۇ.شۇڭا مۇشۇ ياشقا يەتكەندە بەدەنىنىڭ ئەسلى كۈچنى ساقلاش ئۈچۈن مۇۋاپىق شەرت-شارائىت ۋە تۇرمۇش جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇلارنىڭ مىزاجى،قان ئايلىنىش،ھەزىم قىلىش،نەپەسلىنىش سېستىملىرى، يۈرەك،بۆرەك خېزمىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم. مىزاجى ھۆل، سىمىز بولغان ياشانغانلار پالەچ،موپاسىل،يوقىرى قان بېسىم،قان تۇمۇر قېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مايىل بولىدۇ.بونداق كىشلەرگە بەدەنىنى سەمىرتىدىغان، قان بېسىمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەردىن پەرىز قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە پەي- مۇسكۇللارغا قۇۋۋەت
-43-
بېرىدىغان،بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان،يۈرەك ھەرىكتىنى ياخشىلايدىغان دورىلارنى بېرىپ تۇرۇش پايدىلىق،باشقا توسقۇنلۇقلار بولىمسا مائۇل ھەسەل،مائۇل لەھمى،ئامىلە نۇشىدارى،داۋائى مىشكى ،مەجۇنى فلاسىفە(مادەتىل ھايات) قاتارلىق دورىلارنى پات-پات بىرىپ تۇرۇش پايىدىلىق،ھامىلدار ئاياللار تۈۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئۆزنى ساقلاش كېرەك.مەسىلەن: سەكرەش،ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈش،تىز يۈگۈرۈش،قاتتىق توۋلاش ۋە باشقىلار ،مۇھىمى قورساقنى قاتتىق تويغۇزىۋەتمەسلىك، قۇرساقتا ئاغىرىق پەيدا قىلىدىغان دورا ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىمەسلىك لازىم،ئاساسلقى 4 ئايغىچىلىك سۈرگى ئىچىش قەتئى مەنئى قىلنىدۇ. داۋاملىق يېتۋالماسلىق،ئۆز لايىقىدا تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇش لازىم .
ئەزالارنى ئاسىراش
183.كۆزنى ئاسىراشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ: (1) نۇرنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.كۈچلۈك،ئۆتكۈر يۇرۇقلۇقتىن ساقلىنىش،يەنى رېنتىگىن نۇرى،لازىر نۇر،ئولتۇرا بىنەفشە نۇرلاردىن ساقلىنىش لازىم.ئادەتتە بىر ئىككى مىتر ئارلىقتا كۆزگە چۈشىدىغان نور 40ۋاتتىن ئېشىپ كەتتمەسلىكى لازىم.ئەگەر كۈچلۈك نۇرلاردىن ساقلانمىغاندا، ئۇ ئاق ئاقسل ۋە ۋىتامىنAنىڭ بىرىكىشنى توسۇپ قويىدۇ.(2)كۆزنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك،پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن كۆزنى سۈرتمەسلىك،ئۇۋۇلماسلىق لازىم.(3)مەلۇم يۇرۇقلۇق ئاسىتدا يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش،بولۇپمۇ ئېلىكتىر يورۇقى بىلەن ياكى چىراق يۇرۇقى ئاستىدا كۆزنىڭ كۆرۈش بولۇڭى 30-80 گىرادوس ئەتراپىدا بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېزىقچىلىق قىلغاندا ياكى ماتىرىيال كۆرگەندە ھەر يېرىم سائەتتە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم كۆزنى دەم ئالدۇرۇش كېرەك.(4) ئىسسىق-سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش لازىم. ئىسسىق كەيپىيات كۆز قىل قان تۇمۇرلارىدا قان تولۇش خاراكتىرلىك كۈرۈش سىزىمنى تۆۋەنلىتىش ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.سوغۇق كەيپىيات قان تۇمۇلارنىڭ تارىيشى، قان يىتشمەسلىك خاراكتىرلىك كۆرۈش ئاجىزلىق كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنڭدەك ئاقسىللىق ۋە ۋىتامنىلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.
184.قولاق ۋە بۇرۇنىنى ئاسىراش پىرىنسىپلىرى قايسىلار؟
جاۋاپ:قۇلاقنى ئاسىراش پىرنىسىپى: (1) قۇلاقنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك،قۇلاققا تۇشۇپ قالغان قولاق كىرلىرىنى تازىلاپ تۇرۇش،قالايمىقان كولىماسلىق،قولاق سېغىز تىقلمىسى بولغان ئەھۋال ئاستىدا قولاقنى تازلىتش لازىم.(2) ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولىمغان غەيرى يۇقىرى ئاۋازلاردىن ساقلىنىش لازىم.(3)سوغوقلۇق كەيپىياتقا دىققەت قىلىپ،قۇلاققا نىسپەتەن سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم.
بۇرۇنىنى ئاسىراش: (1) بۇرۇنىنڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش، بۇرۇن تۈكلىرىنى قالايمىقان يۇلماسلىق ، شۇنداقلا بۇرۇن ئىچنى داۋاملىق يۇيۇپ ،چايقاپ تۇرۇش لازىم،بۇنداق قىلمىغاندا بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن ئاقمىسى قاتارلىق ساقىيشى تەس بولغان كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(2) ئىسسىق- سۇغۇق كەيپىياتقا دىققەت قىلىش ،بۇرۇنىنڭ مىزاجىنى مۆتىدىل ساقلاش،ئىسسىق- سۇغۇق كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش لازىم.سۇغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە پۇراش سىزىمى تۆۋەن بولىدۇ.ئىسسىقلىق كەيىپىيات ئېشىپ كەتسە، بۇرۇن قىل قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، يېرۋېتىپ ،بۇرۇن ئىچكى قىسمىدا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(3) بۇرۇنغا قارتا ھەرخىل پۇراش سىزىملىرنىڭ زىيادە غىدىقلىنىشدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئۆتكۈر سېسق پۇراقلىق، ئۆتكۈر خوش پۇراقلىق ياكى غىدىقلىغۇچى قاڭسىق ، سىسىق پۇراقلاردىن ساقلىنىش،ئىس-تۈتەك،بۇس بۇخارالاردىن ساقلانمىغاندا ،ئۇ پۇراقلارنىڭ تەركىىبىدە ئالدون بولىدۇ.ئالدۇن پارچىلىنپ،ھىدىروسولفات ۋە باشقىلارغا پارچىلىنىدۇ.ئۇ بولسا زەھەرلىك بولۇپ،پۇراش سىزىمىگە تەسىر يەتكۈرۈزۈپ.
پۇراش سىزىمىنى يۇق قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن زۇكام تىگىش تىز بولىدۇ. ھەم نەپەس خىزمىتگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.مىڭە ھۈجەيىرلىرنىڭ جددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
185.ئېغىز، چىش ۋە تېرىنى ئاسىراش پىرنىسىپلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ: ئېغىزنى ئاسىراشنىڭ پىرىنسىپلىرى:1)ئېغىزنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش تۇز سۈيى،چىش پاستىسى ئارقىلىق ئېغىزنى تازىلاپ تۇرۇش،يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش،شاراپ،تاماكۇ قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش،2)ئىسىق-سۇغۇق كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.سۇغۇق كەيپىيات تىمپىراتۇرسىنى مەزگىللىك تۈۋەنلىتىش ئارقىلىق شۆلگەي ئاجىرالمىلىرىنىڭ كېسەللىكتىن مۇداپىيە كۆرۈش ئىقتىدارىنى
-44-
تۇۋەنلەشتۇرىدۇ.شۇنىڭدەك سۇغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە تەم سىزىش تۈۋەنلەيدۇ.ئىسىقلىق كەيپىيات تىل ۋە ئېغىز شىللىق پەردىلىرىنىڭ نەملىك ئاجىرتىپ چىقىرىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.شۇنىڭدەك شۆلگەي ئاجىرتىشنى زەئىپلەشتۈرۈپ غىدىقلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ھەمدە ئېغىزنىڭ تەم سىزىش قابىلىيتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.3)ھەر خىل تەملىك نەرسىلەرنى ھىم ھەر خىل تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى كەينى-كەينىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.بۇنداق بولمىغاندا تىلنىڭ تەم سىزش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تىلنىڭ سىزىش ئىقتىدارىنى توشقۇنلۇققا ئۇچرتىدۇ.شۇنداقلا شۆلگەي بېزىنىڭ خىزمىتىنى بۇزىدۇ.4)ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا نەپەس سېستىمىسىدا ۋە ھەزىم سېستىمىسىدا بىر قىسىم كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە خورەك تارتىشتىن ئىبارەتيامان ئادەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىشنى ئاسىراش پىرىنسىپى:(1) تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىمەسلىك ،بولۇمۇ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقتلىرىدا تاتلىق يىمەكلىكلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش.(2) قاتتىق نەرسىلەرنى چىش بىلەن چاقماسلىق.قاتتىق نەرسىلەرنى چىقشنىڭ چىشنىڭ ئىمال ماددسىغا تەسىر كۆرسىىتىپ،چىشنىڭ قوزغىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەمدە چىشنى زەخىمەنلدۈرۈپ چىرىشنى ئىلگىرى سۈرىىدۇ.(3)چىش تازلىقىغا دىققەت قىلىش،چىشنى پاكىزە چوتكلاپ تۇرۇش لازىم.
(4)يىمەكلىكىلەرنىڭ تىمىپراتۇرسىغا دىققەت قىلىش،ئىسسىق –سۇغۇق كەيىپىياتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش،بونداق بولىمىغاندا چىش مىلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ھەم چىش ئاغىرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
تېرىنىڭ ئاسىراش پىرىنىسىپى:(1)تېرىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.(2) ئىسسىق سۇغۇق كەيىپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش لازىم (3)تېرىگە زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلەپ تەسىر قىلىشىدىن ساقىلىنىش لازىم .
186.يۈرەكنى ئاسىراش پىرىنىسىپلىرى قايسىلار؟
جاۋاپ: (1) روھىي ئامىللارنىڭ زىيادە قوزغىتىشتىن ساقلنىش لازىم .چۈنكى روھىي كەيىپياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەنىنى قۇرىتىدۇھەم سۇغۇتىدۇ.روھنىڭ تۇلۇقلنىپ تۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.نەتىجىدە ئادەم بەدىنىدە ئەسەبىي خاراكتىرلىك كەيىپىيات زىيادە ئورۇننى ئىگلەيدۇ.ئاقىۋەتتە قۇۋۋىتى نەفسانىينىڭ يۈرەكنى باشقۇرۇپ تۇرۇش خىزمىتگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.نەتىجىدە يۈرەك ئېغىش،يۈرەك تىتىرەش،قورقۇنچاقلىق ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ھۇشىىدىن كىتىش خاراكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(2)بىرلا ۋاقىتتا ئىغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەپ قىلماسلىق، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەر ھەرىكەتنىڭ زىيادىلىكىگە كىرىدۇ.زىيادە قىلغان ھەرىكەت قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ،نىرۋا ئۇچلىرىنى زىيادە كۈچلۈك غىدىقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە يۈرەك رېتىمسزلىنىش،يۈرەك ئېغىش، چالاڭغۇراش ئەھۋاللىرىنى كېلىپ چىقىدۇ.(3) يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش،يەنە تۇز،ياغ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك،ئادەتتە ئاقسىللىق قىممىتى يۇقىرى بولغان، ياغنىڭ چۆكۈشى تۆۋەن،ئېنىېرگيەسى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش لازىم. مەسىلەن:سېرىق ماي،قايماق،سۈت قاتارلىقلار .
يىمەكلىكلەر ئېچىدە مەلۇم مىقتداردا ئىنىرگىينى بىۋاستە تۇلۇقلاش مەقسىدى بىلەن ئىمكانىيەت بولغان شارائىتتا قەن تەركىبى تۇيۇنمىغان يىمەكلىك ۋە ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.تۇزلۇق يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا،ئېلىكتىرولىتلارنىڭ تەڭپۇلىقى بۇزۇلۇپ ناتىرىي ئىئونى،كالىي ئىئونى نىڭ چۈكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ،پۇتنساللىق ئىنىرگىينى تەرتىپسىزلەندۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يۈرەك سىنىوس تۈگۈنىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ زىيادە سۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇندىن باشقا ھەزىم يوللىرنىڭ تارتىشش خاراكترلىك ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ماي زىيادە بولغاندا، يۈرەكنىڭ تاجىسمان ئارتىريىسى قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.(4) ئەقلىي خىزمەت پائالىيەت ۋە جىنىسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش كىرەك.ئەقلىي خىزمەتنىڭ زىيادە بولۇشى نىرۋا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىرۋىنىڭ چارچىشى نېرىۋىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك،جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئاخىرىدا نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىق، نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك خىزمىتى چېكنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.(5) يۈرەكنى كۈچلەندۈرگۈچى ،خوشلۇق كەلتۈرگۈچى، قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا –دەرمەكلەرنى قالايىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم.نۇرمال ئەھۋالدا بو دۇرىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە ،روھنى زىيادە قوزغىتدۇ.بەدەن تىمپىراتۇرسىنى زىيادە ئاشۇرىدۇ.ۋە ئىنىتلىشچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.نەتىجقدە ئويغۇنۇش خاراكتىرلىك تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.خىزمەت ۋە ئەقلى پائالىيەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.يۈرەكنىڭ نورمالنى فىزىئولوگىيلىك خىزمىتنى بۇزۇپ، يۈرەكنىڭ نىرۋا ئامللىرى بىلەن تەڭشەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقرىش پائالىيىتى
-45-
توسقۇنلىققا ئۇچىرايدۇ.(6) ھىسيات خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش،مەسىلەن:ئىشقى مۇھەببەت،ئاشىق-بىقارار،سۆيگۈ-تەلپۈنۈش....(7) ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشدىن ساقلىنىش،مەسىلەن: رىماتىزىم،سېستماتىك بۆرە چاقسى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر، ئۇنىڭدىن باشقا تىبۇركىليۇز،زۇكام قاتارلىقلارنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش.
187.جىگەرنى ئاسىراش پىرىنىسىپلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ:(1) ئىسسىق-سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش،يەنى بۇ كۆپ ھەللاردا جىگەر ھارارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۋېتىدۇ.نەتىجىدە كۆپلەپ ئىسسقلىقنىڭ سىرتىقى ئەزالارغا قۇيۇپ بىرىلىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇخىل ئەھۋالى ئاخىرقى ھىسابتا جىگەرنىڭ ئۆزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمنىلنىشى بوزغۇنچىلققا ئۇچىرايدۇ.بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقشى جىگەردىكى بىئو-خېميەلىك جەريانىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.نەتىجىدە خىلىتلارنى ئىشلەش،ھەزىم جەريانىنى كونتىرول قىلىش،بەدەن ئىممۇنىتنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر تۇسقۇنلققا ئۇچىرايدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئاقىۋەتتە جىگەر ئىشىشىش،يۇغىناش،زەئىپىلىشش ھەتتا يۇقۇملىنىپ يېرىڭداش قاتارلىق غەيرى نۇرمال ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.زىيادە سۇغۇق كەيپىيات ھەزىم يوللىرىدىن باشلاپ جىگەرگە قەدەر ھەزىم يوللىرنىڭ ياكى ئەزالىرنىڭ مەلۇم مۇھىت تىمراتۇرسىنى تۆۋەنلىتدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن جىگەر قان ئايلىنىشنىڭ ئۇمۇمى جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئاقىۋەتتە جىگەر جىددى ياللۇغلىنىش،جىگەر قېتىش ھەتتاكى بىرلەمچى جىگەر راكىغا ئوخشاش كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(2)ئاچچىق، زىيادە غىدىقلىغۇچى ،قوزغاتقۇچى ،زەھەرلىگۈچى ،قۇرۇتقۇچى، قورىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە مايلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان ئىسپىرىت تەركىپلىك زەھەرلىگۈچى يىمەك –ئىچمەكلىكلەردىن ساقلىنىش لازىم.بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا زەھەرلىك تەركىپنى تۇتقۇچى ئەڭ مۇھىيمى ھاراق،ئۇنىدىن باشقا لازا،ئاچچىق سۇ قاتارلىقلار،بۇنداق يىمەكلىكلەر جىگەردە رىئاكسىيە ھاسىل قىلىپ،گىلىكۇگىن ئىشلەش ئىقتدارنى بوزىدۇ.لازا،ئاچچىقسۇنىڭ جىگەرگە تەسىرى چوڭ بولمىسىمۇ ئەمما ھاراقنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا زىيادە قوزغاتقۇچى نەرسىلەر جىگەرگە كۆپلەپ كېلىش،بىر مەزگىل جىگەرنى قىززتقاندەك قىلسىمۇ ئىنىرگىيە قۇيۇپ بىرىش تەسىرنى چوڭ زىيانغا ئۇچىرتىدۇ.ئاقسىل،ماي،قەنىت فېرمىنتلارنىڭ ئاكتىپلنىش فىرمىنىتلىرنى ئاكتىپلاشتۇرۇېلىپ جىگەر تۇقۇلمىلىرىغا ئېغىر بېسىم كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.نەتىجىدە ئاللىرگىيە خاراكتىرلىك (زەھەرلنىش)كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نەشە،ئەپىيۇن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۆپكىدىن قانغا،قاندىن جىگەرگە بېرىش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ،نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ،ئىممۇنىتلىققا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.نەتىجىدە جىگەرنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يىتىپ جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش،قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(3)يىمەكىلكلەر تەركىبىگە دىققەت قىلىش،تۇز،تۇخۇم،ماي قاتارلىق يىمەكىلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلماسلىق،تۇخۇم،مايلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئاجىرلىش مىقتدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.تۇز قاتارلىقلارنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلنىشى ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.نەتىجىدە ئۆت سۇيۇقلىقى بەدەنگە تاراپ كېتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۆت سۇيۇقلۇقى قۇيۇلۇشۇپ،ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(4) يىمەك-ئىچمەك سىرتىقى مۇھىت تازلىقىغا دىققەت قىلىش،يۇقۇملىنش مەنبىيى بولغان سۇ،ھايۋان قاتارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەلىرىنى پاكىزە ساقلاش ۋە ئاسىراش (5) نىرۋا،روھىي ئامىللار،زىيادە ئۆگىنىش،ئەقىلى ئەمگەك.كۈچۈنۈش خاراكتىرلىك زىيادە ئەمگەكتىن پەرھىز قىلىش (ساقلنىش)كېرەك.
188.ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئاسىراش پىرىنسىپلىرى قايسى؟
جاۋاپ: (1) ئىسسق-سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش،ئۇلار ئاشقازان ئاستى بەز تۇقۇلمىسنى قوزغىتدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ۋە ئىنسولىننىڭ ئاجىرلىشنى كۈچەيتىدۇ.شۇنداقلا ئاشقازان ئاستى بېزنىڭ خىزمىتنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.نەتىجىدە خاس ئەزانىڭ ئىممۇنىتى تۆۋەنلەپ ئاسانلا كېسەللىك سەۋەپچىسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.(2) قەنىتنىڭ زىيادە ئىستىمال قىلنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.(3)ئۆتكۈر قوزغاتقۇچى ۋە غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن ساقلىنىش،شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان ئازلىق،كۆپ قان چىقىپ كېتىشى ۋە قان بوزۇلۇش كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشمىز لازىم.
189.ئۆپكنى ئاسىراش پىرىنسىپىلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ: (1) چاڭ-تۇزان،پاسكنىچلىقتىن ساقلنىش،چاڭ-تۇزان بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇچىرىشش ۋە مۇھيتنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سىلىكاتلىق (سىلىيسىلىق)ئۆپكە،ئۆپكە قېتىش،ئۆپكە تىبىر كىلىيوزى،يامان سۇپەتلىك
-46-
ئۆپكە توقۇلما ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.چۈنكى چاڭ-تۇزان خارەكتىرلىك ئامىللار ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى ئۈزلۇكسىز غىدىقلاپ تۇرغانلىقتىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە تالالىشىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.چۈنكى چاڭ تۇزان خاراكتىرلىك ئامىللار ئۆپكە پۈرەكچىلىرىنى ئۆزلىكسىز غىدىقلاپ تۇرغانلىقتىن ،ئۆپكە پۈرەكچىلىردە تلالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە تالالىرى قېلىنلىشىدۇ ۋە تالالىشىدۇ.(2)سۇغۇق ھاۋانىڭ ۋە سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش،سۇغۇق ھاۋانىڭ كۆپ تەسىرى ۋە كۆپلەپ سۈمۈرلۈشى شاخ كانايچىلارنىڭ غىدىقلىنىشنى كۈچەيتدۇ.ئۇدا تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە شاخ كانايچىلارنىڭ ۋاقىتلىق لۈمىلدەپ ھەرىكەت قىلىنشى كۈچەيتىدۇ.ئاقۋەتتە ئالىرگىيە خاراكتىرلىك شاخ كاناي ياللۇغى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تىۋىتلەرنىڭ چاڭ-توزاڭنى زۈرگۈچى ئاجىرالمىلىرى توسقۇنلىققا ئۇچىرىغاندا سۇغۇق ھاۋا ئۆپكىگە كىتىپ غىدىقلىنش،قىسقىرىشنى پەيدا قىلىپ، ھۈتەلنى پەيدا قىلىدۇ.تەكرارلىنۋەرسە ئاخىرىدا كاناي ياللۇغىنى،ئاندىن شاخ كاناي ياللۇغنى ،ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەمدە ئۆپكە كىسلىنمۇ پەيدا قىلىدۇ.(3)ئۆپكە ھاۋا سىغىمچانلىق ئىقتدارىنى ئىمكان قەدەر بورمال ساقلاش،نەپەسلىنىش تەرتىپنى تەرتىپكە سېلىش،ئەرلەرۋە ئۇغۇللار قۇرساقچە بىلەن نەپەسلىنىش،ئاياللار ۋە قىزلار كۆكرەكچە بىلەن نەپەسلىنشكە ئادەتلىنىش،بۇ خىل ئەھۋاللار فىزىئولوگىيلىك تەرەققىيات ۋە جىنسىي تەرەققىياتنىڭ يىتلىشى ئۈچۈن زۈرۈر ھېسابلىندۇ.(4) تاماكۇ، نەشە،ئەپىيۇن قاتارلىق چىكىملىكلەر، ئىس –تۈتەك، بوس- بوخارا قاتارلىق ناچار مۇھىت ئامىللىرىدىن ساقلنىش كىرەك.ئادەتتە زەھەرلىك چېكىملىكلەر مەلۇم دەرىجىدە نىكوتىن تۇتقان بولىدۇ.نىكوتنىنڭ قاتتۇرۇش،ئۇيۇتۇش تەسىر بولغانىقتىن ھەمدە قان تۇمۇرلارنى تارايتىقۇچى،تىنىچلاندۇرغۇچى خېمىۋى ماددا بولغانلىقتىن قان تۇمۇر لارنى تارايتىش بىلەن ئۆپكىدە ماددا ئالمىشىشنىڭ نۇرمالنى خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ۋە ئۆپكە قىلقان تۇمۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.نەتىجىدە شۇ ئورۇنغا تەسىر يەتكۈزۇپ توقۇلما ئۇزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇقلانمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن توقۇلما قۇرۇقلۇنۇپ كېتىپ راك كىسەللىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.بۇس-بۇخارالار بولسا غەيرى نۇرمال بەلغەمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.تۈتۈنلەر كۆپ بولسا نەپەس بۇغۇلىدۇ.كاربون تۆت ئوكسىد كۈچىيىپ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
190.ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ئاسىراش پىرىنىسىپىلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ: ئاشقازاننى ئاسىراش پىرىنىسىپلىرى: (1)ئىسسق-سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىردىن ساقلىنىش لازىم.سۇغۇق كەيىپىيات ئاشقازان ئاجىزلىق،ئاشقازان جاراھىتى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.سۇغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە،ئاشقازان ھارارىتنى تۆۋەنلىتدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاقسىل فىرمىنىتى بىلەن كىراخمال فىرمىتنىڭ ئاكتىپلىقنى تۆۋەنلىتدۇ.تاماق سىڭمەيدىغان بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدۇ.گاز كۆپىيىتىدۇ.تۇز كىسلاتاسى يېشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.ئۇندىن باشقا سۇيۇقلۇقتىن ئاشقازانىنڭ تىمىپراتۇرسى تۈۋەنلەپ شىللىق پەردىلەرنىڭ CHIنى ئاجىرتىشى تۆۋەنلەپ،بەزى ھۈجەيىلەرنىڭ ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقرىشنى كۈچەيتىپ، ياللۇغلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىسسق كەيپىيات ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كېتىش،ئاشقازان 12بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىسسىق كەيپىيات ئاشقازان تاملىرىنى غىدىقلاپ،ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرلىشنى كۈچەيتدۇ.نەتىجىدە ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشىشىش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.يەنى ئىسسىق نەرسىلەر ئاشقازان تىمىپراتۇرسىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.،ھەم كۈچلۈك غىدىقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپيىپ كېتىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.(2) ئاشقازانىنى غىدىقلغۇچى ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشدىن ساقلىنىش،يەنى ھاراق قاتارلىق بىر قىسىم ئىسپىرىت تەركىپلىك نەرسىلەردىن پەرىز قىلىش لازىم .غىقىلغۇچى ئاچچىق نەرسىلەر ئاشقازاننى غىقىلىغاندىن كىيىن ئاشقازان بەزلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان سويۇقلۇقنى ئاجىرتىپ چىقرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.كاۋاك قاتارلىق ئىسپىرىت تەركىبىلىكلەرنىڭ ئاشقازانغا كىرىشى ئاشقازان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئىلاستىكلىقى يوقىلىدۇ.ھەم يارا كېلىپ چىقىدۇ.ھەمدە تەدىرجى راكقا ئۆزگىرىدۇ.ئاچچىق غىقلىغۇچلار ئاشقازانىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ HCIكىسلاتاسنى ئاسۇرۋېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ئاغىرىش،سانجىق تۇرۇش قاتارلىق يېقىمسىز ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.(3) تاماق يىگەندە زىيادە تۇيۇنۇپ كەتمەسلىك ،بىر نەچچە لوقما ئىشتھا ساقلاپ قېلىشقا ئادەتلىنىش،غىزالانغاندىن كىيىن 40قەدەم مېڭىش،ئالدى بىلەن سول تەرپىنى يېرىم سائەت بېسىپ يېتىش،ئاندىن يېرىم سائەت ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.بولمىسا كۆپنىچە ئاشقازان ساڭگىلاش كىسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.
-47-
ئۈچەينى ئاسىراش پىرىنىسىپلىرى: (1)ئىسسق-سۇغۇق كەيىپىياتنىڭ تەسىرىگە دىققەت قىلىش،ئىسسىق-سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇش ،زىيادە سۇغۇق تېيىلىغاق، سۇغۇق قورۇغۇچى ، ئىسسق تۇتقۇچى يىمەكلىك ۋە دورا –دەرمەكلەرنىڭ تەسىردىن ساقلىنىش لازىم. زىيادە سۇغۇقلۇق ھەزىم قىلىشتا مەلۇم مۇھىت تېمپىراتۇرسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.يەنى مۇھىت تىمپىراتۇرسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۈچەي ھەركىتى ھەم ھەزىم سۇيۇقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىىدۇ.زىيادە سوغۇق كەيىپىيات ئەزالارنىڭ ھەركىتنى سۇسلاشتۇرىدۇ.نەتىجىدە ،ئۈچەينىڭ لۆمىلدەش ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ھەركىتى سۇسلىشىدۇ.ئىسسق-سۇغۇق نەرسىلەر ئۈچەيگە تەسىر قىلغاندىن كىيىن ھاسىل قىلغان ھالەت ئۆزگىرىشى ئاشقازاننىڭىگە ئوخشاش بولمايدۇ.NH4 ئىئونىنڭ كۆپلەپ ئاجىرىلىپ چىقىپ پارچىلنىپ .NH4 ئىئونىنڭ ئىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەمدە ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدىكى شىلىمشلىق ماددىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئاغىرىش،قاناش خاراكتىرلىك ئۈچەي مەنبەلىك ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.سۇغۇق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتنى تۈۋەنلىتىدۇ.ئۈچەينىڭ شۈمۈرلۈشى توسقۇنلىققا ئۇچىراپ ،ئاممۇنىي كىسلاتا ئېشىپ كېتىدۇ.ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئېشىپ كېتىپ كاللەكلىتىشنى توسقۇنلىققا ئۇچىرتىدۇ.ئىسسىق قورغاق نەرسىلەر ئۈچەي ھارارىتنى ئاشۇرۋېتىپ ،ئۈچەينىڭ يېرىكلىششنى ۋە نىئوسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاممۇنىي ئىئونىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ.ئۈچەي شىللىق پەرىلىرىدە سۈركىلىش ھالىتى كېلىپ چىقىدۇ.ھەم ئۈچەينىڭ زىدىلنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۈچەي يارىسى،ئۈچەي تېشىلىش،ئۈچەي سىلى،ئۈچەي كېزىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىىرىدۇ.(2)زىيادە غىدىقلىغۇچى ،قوزغاتقۇچى، ئاچچىق يىمەكىلىك ۋە ئىچىملىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .مەسىلەن: ھاراق،لازا....قاتارلىقلار، ھاراق بولسا بىرقىسىم ھەزىم سۇيۇقلۇقى ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلىدەش ھەركىتىگە چوڭ تەسىر كۆرىستدۇ.قورۇغىچى نەرسىلەرنى تۇتۇش،توختۇتۇش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىگە تەسىر يېتىپ يەنى ئاشۇرۋېتىپ يىمەكلىكنىڭ پارچىلنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ئۈچەي قاناش،بۇۋاسىر كىسلنى پەيدا قىلىدۇ.(3) ئىجابەت ۋاقتى ( چىقىرش)نۇرمال بولۇش،نۇرمال ۋاقىتتا چىقىرىش پائالىيتنى ئۆز ۋاقىتىدا نۇرمال داۋاملىشالايدۇ.بەزى ھاللاردا قىززىتىملىق كېسەللەردە ئىجابەت ۋاقتىدا بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.زۇكامدىن ئېغىر قىزىتىش بولسا چوڭ تەرەتنىڭ كېلىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.بۇنداق ۋاقتىتا كىلىزما قىلىش ئارقىلىق ئىجابەت پائالىيتىنى نۇرمال قىلىش لازىم.ئەگەر چوڭ تەرەت نۇرمال بولمىساS H2 كىسلاتانىڭ قايتا سۈمۈرلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئېغىر بولسا گۈڭگۇرت سولفات بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇندقلا قەۋزىيەت،ئۈچەي توغۇشىش،ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.(4)قورساق توق ۋاقتىدا ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىش ئۈچەي تولغۇشۇپ قېلىش ئىھتىمالى بولغان جىددىي ھەركەتلەردىن ساقلىنىش تاماق يەپ بۇلۇپ 3-4 كىلۇمىتىر سەيلە قىلىش لازىم.(5)ئۆگىنىش دەم ئېلىش بۇلۇپمۇ جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش بۇلار بىۋاستە مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى بولمىسا ئاشقازان ئۈچەيلەرگە بىۋاستە تەسىر قىلقدۇ ھەم يۈرەككە جىگەرگە تەسىر قىلىپ يۈرەك جىگر بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ.ھەم يۈرەككە،جىگەرگە تەسىر قىلىپ يۈرەك،جىگەر زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
191-تالنى ئاسىراش پىرىنسىپلىرىنى سۆزلەڭ؟
تالنى ئاسىراش پىرىنسىپلىرى:(1)ئىسىق ۋە قۇرۇق-سۇغۇق كەيپىيات بۇلۇپمۇ قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش چۈنكى تالنىڭ كەيپىياتى قۇرۇق سۇغۇق بۇلىدۇ.قۇرۇق سۇغۇق نەرسىلەر تالنىڭ سەۋدا سۇيۇقلىقىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.بۇلۇپمۇ سۈزۇش ئۆتكۈزۇش رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ،نەتىجىدە تالدا قان بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.يەنى تالدىكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈش سەۋا خىلىتىنىڭ كۈيۈشى ۋە بۇزۇلۇشى دىيىلىدۇ.(2)ھاراق،تاماكۇ،نشە ئەپيۇنغا ئوخشاش قۇرۇتقۇچى،سۇۋۇتقۇچى سەۋدا خىلىتىنى ئاشۇرغۇچى زەھەرلىك ئىچىملىك چىكىملىكلەردىن ساقلىنىش (3)پەۋقۇلئادە كۈچۈيىشتىن ساقلىنىش يەنى جىگەرنىڭ قۇۋۋىتى تەبئىيتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنداقلا بەدەننى قۇرىتىدۇ ۋەم سۇۋېتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال تالدا ئۆزگۇرۈش مىخانىزىمىنى پەيدا قىلىدۇ.نەتىجىدە تال كۆچۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ.ئاقىۋەتتە تال ئاسانلا يۇغىناپ كېتىدۇ.
192-بۆرەكنى ئاسىراش پىرىنسىپىنى سۆزلەڭ؟
ئسىىق سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش ئىسىقلىق كەيپىيات بۆرەك توقۇلمىلىرىنىڭ ئىنچىكە تۈزۇلۇشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.بۆرەكنىڭ سۇزۇش ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ بۆرەككە ئىسىق كەيپىيات تەسىر قىلسا بۆرەكنىڭ سۆل سۇغۇق مىزاجغا تەسىر يەتكۈزۇپ بەلغىمى شورنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەلغىمى شور ھۆل سۇغۇق ئەزا كېسەللىگىنىڭ ئامىلى.سۇغۇق كەيپىيات بۆرەكنىڭ سەزگۇچى پەردىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىغى نۇرمالدىن ئېشىپ كېتىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىم يۇقۇرى تۈۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كۆپىنچە قان بېسىم چۈشۈپ
-48-
كېتىشنى كەلتغرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا قان بۋسىمنى تەكشۈرۈش بىلەن بۆرەك كىسلىگە دىئاگىنۇز قويغىلى بۇلىدۇ.(2)بۆرەك سۈيدۈك چىقىرىپ تۇرۇش پائالىيتىنى ۋاقتىدا بىجىرىپ تۇرۇش كېرەك بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىش پائالىيتى ئۈزلۇكسىز بۇلىدۇ.ئەگەر سۈيدۈك چىقىرىش پائالىيتى ۋاقتىدا بولمىسا كىتونلۇق ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىپ ھەر خىل بۆرەك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەم بەدەندە ئومۇمى يۈزلۇك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.(3)سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتكۈچى ۋە شۇنداقلا جىنسىيەتنى قۇۋەتلىگۈچى كۆڭۈلنى ئاچقۇچى دورا دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىلەتمەسلىك كىرەك يەنى سۈيدۇك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە سۈيدۈك كۆپىيىدۇ.شۇنىڭ بىلەن چىقىرىش بۇلۇپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئەسلى نۇرمال ھالىتىدىن ئارتىپ بۆرەكنىڭ نۇرمال فىزىلوگيەسىنى بۇزىدۇ.ئېغىر بولسا پۈتۈن بەدەن سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە بۇرمال ھالەت بۇزۇلۇش بىلەن بىرگە كېرەكلىك تەركىپمۇ چىىپ كېتىپ بەدەن ئىچىدىكى مۇۋازىنەت بۇزىلىدۇ.(4)يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىش تۇز تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.
193-مىڭىنى ئاسىراش پىرىنسىپلىرىنى سۆزلەڭ؟
جاۋاپ: (1) مىڭە سىلكىنىش ئىھتىمالى بولغان جىسمانىي ھەركەتلەر، ئۇرۇلۇپ سۇقۇلۇش،يېقىلىش قاتارلىق مىڭىگە زەخمە يەتكۈزگۈچى زەربىلەردىن ساقلىنىش لازىم.(2)رۇھىي ئامىللارنىڭ زىيادە قوزغىتىشتىن ساقلىنىش لازىم،ھەسەتخورلۇق،غەيۋەتخورلۇق قاتارلىق پىسخىك كەيپىياتنىڭ قۇلى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش،كۆكسى قارنى كەڭ،قەيسەر ئىرادىلىك بولۇش : (3) ئەقلى ئەمگەك ( ئۆگىنىش) ،دەم ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش،مىڭە چارچاش ۋە نىرۋا ئاجىزلىق ئامىللىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش (4) جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش،ھاراق ،تاماكۇ قاتارلىقلارغا ئوخشاش زەھەرلىك ئىچملىك ۋە چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق (5) رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ،قوزغاتقۇچى ،ھاياجانلاندۇرغۇچى ،كۈچلەندۈرگۈچى ، جىنسيەت دورىلىرنى ئىشلەتمەسلىك (6) ناچار تۇرمۇش ئۇسۇللىرنى ۋە ئۇلارنى يۇقۇتىشقا تېرىشش،يەنى سۈنىي ئۇسۇلىدا لەززەتلىنىش،شەھۋانىي فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۈزۈش،پاشىۋازلىق قىلىش ئارقىلىق ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش لازىم .(7) ئۇزۇقلنىشنى تەرتىپگە سېلىش ،ۋاقىتى-ۋاقىتدا ئۇزۇقىلىنىش،بىر تۇق بىر ئاچ يۈرۈشتىن ساقلىنىش،شۇنداقلا ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىستىمال قىلىش قائىدىسىگە دىققەت قىلىش.(8) ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە دىققەت قىلىش،ئىنىرگىيە قۇۋۋىتى تۈۋەن سۈپىتى ناچار ئوزۇقلۇقلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلۋەرمەسلىك ،ھەركۈنى g10-20 قەنىت ياكى شىكەر تۇلۇقلاپ تۇرۇش لازىم،بەك ئاچچىق،غىدىقلىغۇچى ،قان ئايلىنشىنى جىددىيلەشتۈرگۈچى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق.(9) ئىشقى –مۇھەببەت،ئاشىق-بىقارارقاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىھتىمالىدىن ساقلىنىش (10) يېتىش،ئوخلاش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىش،ئاسان ھاياجانلنىش،ئۇڭدا يېتىش،ئىھتىمالنى ئۆزگەرتىش،شۇنداقلا كۆپ ئىھتىلام بولۇش،سىلان ( ئاق خۇن مېڭىش) جىريان( ئۇرۇق-تۇخۇملارنىڭ چىقىپ كېتىشى )قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش.(11) ئىسسىق،سۇغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىگە دىققەت قىلىش (12) قۇرۇق ۋە سۇغۇق كەيىپياتنىڭ زىيادە تەسىرىگە دىققەت قىلىش.(13) مىڭنى زەخمىنلەندۈرۈش ئىھتىمالى بولغان كىسەللىكلەردىن توبىركوليۇز، رىماتىزىم ،بۆرە چاقىسى ،سىبلىس،ماخاۋ،ئەيدىزۋە ئىغىر دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللاردىن ساقلنىش ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ مىڭگە تەسىر قىلىشنىڭ دەرھال ئالدىنى ئېلىش لازىم.
-49-
5-كىسەلىكلەر ئىلمى قېسمى
194.كېسەللىك دىگەن نىمە؟ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كېسەللىك قاچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
جاۋاپ: كېسەللىك دېگىنىمىز-ئادەم بەدىننى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم ئەزالىرىنىڭ تەبئىي تۈزۇلىشى «ئاناتومىيەلىك تۈزۇلۇشى»ياكى تبىئىي خىزمىتى «فىزولوگيلىك»نىڭ بۇزۇلىشى يەنى يۈز بەرگەن ھەر خىل غەيرى نۇرمالنى ھادىسلەرگە ئېيتىلىدۇ.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كىسەللىك ئىككى تۈرگە بۇلىنىدۇ.
1)يەككە كىسەللىك،2)مۇرەككەپ كىسەللىك يەككە كىسەللىك 3تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئۇلار:1)مىزاج بۇزۇلۇش «سوئى مىزاج»خارەكتىرلىك كىسەللىك«ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى بۇزۇلۇش كىسەللىكلىرى يەنى پونكىتىسئۇنال كېسەللىكلەر» 2)تەركىۋى كىسەللىكلەر يەنى «ئەمرازى تەركىبى»ئەزالارنىڭ ئاناتومىيلىك قۇرۇلمىسى بۇزۇلغان كىسەللىكلەر يەنى ئورگانىك كىسەللىكلەر 3)پۈتۈنلۇك بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر
195-سوئى مىزاج دىگەن نىمە؟ئۇ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟
سوئىي مىزاج دىگىنىمىز:ئادەم بەدىنى ياكى مەلۇم ئەزانىڭ ئاناتومىيەلىك قۇرلىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن پەقەت فىزىلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن بولغان كېسەللىكلەردۇر.يەنى مىزاق ۋە كەيپىياتنىڭ ئۆزگۈرىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان فىزولوگىيلىك خارەكتىردىكى كىسەللىكلەر سوئى مىزاق خارەكتىردىكى كىسەللىكلەر دىيىلىدۇ. سوئى مىزاج بۇزۇلۇش «سوئى مىزاج سازەج» 2)ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش «سوئى مىزاج ماددى»دىن ئىبارەت.
196-سوئى مىزاج ماددىي دىگەن نىمە؟ئۇقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟
سوئى مىزاج ماددى دىگىنىمىز:پۈتۈن بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئازاغا سىرتتىن ئىچكى تەرەپتىن بىرەر قانداق غەيرى تەبئىي ماددا يەنى غەيرى تەبىئىي خىلىت باشقا يات ماددىلار ياكى بىرەر جاراسىمنىڭ بىۋاستە تەسىرىدىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەردىن ئىبارەت يەنى ئادەم بەدىندىكى ئاساسلىق ماددىلارنىڭ غەرى تەبىئي ئۆزگۈرشى ياكى مۇشۇ ماددىلارغا يات ماددىلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ھەم بۇ ھەم بۇ ماددىلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەر سوئى مىزاج ماددى يەنە ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش خارەتىرلىك كىسەللىكلەر دىيىلىدۇ. سوئى مىزاج ماددى 1)سوئى مىزاج مۇفىرەد ۋە 2)سوئى مىزاج ماددىي مۇرەككەپ دەپ ئىككىگە بكلىنىدۇ.سوئى مىزاج ماددىي مۇفىرەد يەنە 1)سوئى مىزاج ماددى ھار «ماددىلىق ئىسقلىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش»2)سوئى مىزاج ماددىي بارد« ماددىلىق سۇغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش 3)سوئى مىزاج ماددى يابىس«ماددىلىق قۇرۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش»4)سوئى مىزاج ماددىي رۇتەپ«ماددىلق ھۆللۇكتىن مىزاج بۇزۇلۇش»دەپ 4تۈرگە بۆلىنىدۇ.سوئى مىزاج ماددىي مۇرەككەپ يەنە 1)سوئى مىزاج ماددى ھاريابىس«قۇرۇق ئىسىقلىقتىن مىزاجنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى»2)سوئى مىزاج ماددىي بارد يابىس«قۇرۇق سۇغۇقلۇقتىن ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش»3)سوئى مىزاج ماددى بارىد رۇتەپ«ھۆل سۇغۇقتىن مىزاجنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى»4)سوئى مىزاج ماددى ھار رۇتەپ«ھۆل ئىسىقتىن مىزاجنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى»
197-سوئى مىزاج سازەج خارەكتىرلىك كىسەللىك دىگەن نىمە؟ئۇ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟قايسىلار؟
سوئى مىزاج سازەج دىگىنىمىز:كىسەللىكلەرگە سەۋەپچى بولغان ئامىللار ماددا بولماستىن بەلكى كەيپىياتنىڭ تەسىرى ۋە تۈپەيىدىن ئەزالاردا ياكى توقۇلمىلارنىڭ تۈزۇلۇشىدە ئۆزگۈرۈش بولماستىن بەلكى فىزولوگىيلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.بۇ سوئى مىزاج سازەج يەنىماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر دىيىلىدۇ.
سوئى مىزاج سازاج تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
1) سوئى مىزاج مۇفىرەد 1)سوئى مىزاج سازەج ھار«ئىسىقلىقتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش»2)سوئى مىزاج سازەج بارد«سۇغۇقتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش 3)سوئى مىزاج يابىس«قۇرۇقلۇقتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش 4)سوئى مىزاج سازەج رۇتەپ«ھۆللۇكتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش
2) سوئى مىزاج سازەج مۇرەككەپ:1)سوئى مىزاج سازەج ھاريابىس«ماددىسىز قۇرۇق ئىسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش»2)سوئى مىزاج سازەج ھار رۇتەپ«ھۆل ئىسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش»3)سوئى مىزاج سازەج يابىس بارد«قۇرۇق سۇغۇقتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش»4)سوئى مىزاج سازەج رۇتەپ بارد(ھۆ سۇغۇقتىن ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش»
198-سوئى مىزاج سازەج بىلەن سوئى مىزاج ماددىنىڭ پەرقى نىمە؟
1)ماددىسىز كىسەللىكتە «سازەجدە»:ئاغىرىقنىڭ پەيدا بۇلۇش ۋاقتى تىز شۇنداقلا ئاغىرىقنىڭ خارەكتىرى ئاغىرىق پەيدا
-50-
بۇلۇش بىلەن بىرگە كۈچلۇك ۋە شۇنداقلا مەلۇم كەيپىيات تەسىر قىلغان بۇلىدۇ.ماددىلىقتا «ماددى دا»:ئاغىرىقننىڭ شەكىلىنىش ۋاقتى تەدىرجى يېقىمسىزلىنىشتىن كۈچۈيىشكە باشلاش ۋە خارەكتى يەڭگىللىكتىن تەدىرىجى ئېغىرلىققا يۈزلىنىدۇ.2)ئاغىرىقنىڭ يۆتكۇلۇش ئورنى:ماددىسىزدا كەيپىيات تەسىر قىلغان ئەزانى ئاساس قىلغان ھالدا ئاغىرىق كۆرۈلىدۇ.باشقا ئەزا ئورگانلاردا قوشۇمچە يېقىمسىزلىنىشتىن ۋە كىسەللىك ئۆزگىرىش كەلتۈرۇپ چىقارمايدۇ.
ماددىلىقتا:ئاغىرىقنىڭ ئۆز ئورنىدىن تەدىرىجى تەرققىي قىلىپ باشقا ئەزالاردا ئۆزگۇرۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن:ماددىلىق ئاشقازان مىزاج بۇزۇلۇشتا ھەزىم توسقۇنلۇققا ئۇچىراش بىلەن بىرگە باش ئاغىرىش ئومۇمى بەدەن يېقىمسىزلىنىش قىززىش يۈرەك بىئاراملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.3)كېسەلنىڭ ،تىلى،تىرىسى،چوڭ-كىچىك تەرىتى،كۆز ئېقى قاتارلىق مۇھىم تەكشۇرۈش ئورۇنلىرىدا ماددىسىزدا:مەلۇم ماددا (خىلىت)قا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالامەتلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.ماددىلىقتا ماددىنىڭ تەسىرى شۇ ئورۇنلاردا ئاشكارە ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:سەفىرا ماددىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا كۆز ئېقى سارغىيىش،تىلى سېرىق گەز باغلاش ۋە يېرىلىش،تىرىلىرىگە مەلۇم سېرىقلىق چۈشۈش چوڭ تەرىتى قەۋزىيەتلىك بۇلۇش،كىچىك تەرىتى سارغۇچ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلار كۆرىلىدۇ.4)داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە:ماددىسىزدا كەيپىيات خارەكتىرلىك داۋالاش تىز ئۈنۈم بىرىدۇ.ماددى خارەكتىرلىك داۋالاش ئاغىرقنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.ھەم ئېغىرلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. ماددىلىقتا:كەيپىيات خارەكتىرلىك داۋالاش ۋاقىتلىق ئۆنۈم بىرىدۇ.ماددى خارەكتىرلىك داۋالاش كېسەلنى ھەيدەش ۋە يۇقۇشتا ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ كىسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدۇ.
199.تەركىبى كىسەللىك دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:تەركىبى كىسەللىك دېگىنىمىز-ئادەم ئورگانىزىمىدىكى مەلۇم نورمالنى ئەزانىڭ غەيرى نورمال ھالەتكە ئۆزگىرىپ قېلىشى بىلەن فىزىئولوگىيلىك خىزمىتنىڭ توسقۇنلىققا ئوچىرشى- تەركىبى كىسەللىك دېيلىدۇ.
تەركىبى كىسەللىكلەر 4 چوڭ تۈرگە بۆلنىدۇ. ئۇلار: (1) تۇغما كىسەللىكلەر (2) كانايچە ئەزالار كىسەللىكى (امرازى مىجارى) يەنى ئەزالار ئىچكى قىسمىدىكى نورمالنى شەكىلنىڭ غەيرى ھالەتكە كىرىپ قېلىشى خاراكتىرلىك كىسەللىكلەر(3) ئەزالارنىڭ سان ھەجىم مىقتدارى جەھەتتىن ھەم رەڭگىدىكى ئۆزگىرىشتىن كىلىپ چىققان كىسەللىكلەر .(4) ئەزالارنىڭ ئۆز ئورنىدىن ئۆزگىرىش يەنى يۆتكىلىشى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر
200-پۈتۈنلۇك بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىك دىگەن نىمە؟قايسىلار؟
تەپەررۇق ئىتىستال«پۈتۈنلۇك بۇزۇلۇش»دىگىنىمىز:مەلۇم تاشقى ياكى ئىچكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەزانىڭ ئۆزىنىڭ نۇرمالنى شەكلىدىن پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ غەيرى نۇرمالنى شەكىلگە كىرىشى پۈتۈنلۇكنىڭ بۇزۇلۇشى دىيىلىدۇ.ئۇلار:1)تىرىلەرنىڭ غىجىلىنىشى2)سۆڭەكنىڭ سۇنۇشى3)ئۇششاق بۇغۇملارنىڭ سۇنۇشى4)جاراھەت5)ئۇششاق سۆڭەكلەرنىڭ سۇنۇشى6)تىرىلەرنىڭ سۇيۇلىشى7)ۋىنالارنىڭ يېرىلىشى8)كىرگەك گۆشلەرنىڭ يېرىلىشى9)پەيلەرنىڭ ئۆزىلىشىش10)ناسۇر«چاقا»
-51-
6.كىسەللىك سەۋەبلىرى ئىلىمى
201.كىسەللىك سەۋەبى دېگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەللىك ھالەتلىرىنى يەنى پاتالوگىيلىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار – كىسەللىك سەۋەبى دېيلىدۇ.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كىسەللىك سەۋەبى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۈلنىدۇ.
202-ئىچكى سەۋەپ دىگەن نىمە؟ئۇقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟
ئىچكى سەۋەپ دىگىنىمىز:كۆپىنچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان سەۋەپلەردىن ئىبارەت.ئىچكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىدەك 9 تۈرلۇك بۇلىدۇ.1)ئۆتمۇش سەۋەپ2)بىۋاستە قوزغاتقۇچى سەۋەپ3)ياشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ4)جىنىسقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ5)بەدەن تۈزۇلۇشى تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ6)خىلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ7)مىزاج بۇزۇلۇشلۇق سەۋەپ8)ئىرسىيەتلىك سەۋەپ9)كەسىپى سەۋەپ قاتارلىقلار.
203-ئۆتمۈش سەۋەپ دىگەن نىمە؟مىسال؟
ئۆتمۈشتىكى بەزىبىر سەۋەپلەر بەدەندە تۇرۋېلىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەدەندە كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل ئۆتمۈش سەۋەپ دىيىلىدۇ.مەسىلەن:ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەندىن كېيىن كاناي ياللۇغى،ئۆپكە ياللۇغى،ئكپكە ھاۋالىق ئىششىقى،ئۆپكە خارەكتىرلىك يۈرەك كىسەللىكى،ئۆپكە راكى،كالپۇل راكى قاتارلىق كىسەللەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش،ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەنىدىن كېيىن جىگر كىسەللىكى يەنى جگەر راكى ئاشقازان راكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۆتمۈش سەۋەپلىرىگە كىرىدۇ.
204-بىۋاستە قوزغاتقۇچى سەۋەپ دىگەن نىمە؟مىسال؟
ئالدىن بەدەنگە ئورنلىشىۋېلىپ بەدەندە ئۆسۈپ يىتىلىپ ماددىنى قوزغاپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر بىۋاستە قوزغاتقۇچى سەۋەپلەر دىيىلىدۇ.يەنى ئالدىدىن بەدەنگە ئۇرۇنلىشىۋېلىپ ئۆسۈپ يىتىلگەن ماددىنى بىۋاستە قوزغىتىپ كىسەللىك ئاشكارلىغۇچى سەۋەپكە قارىتىلغان كىسەللىك بۇلۇش ئالدىدا ياكى كىسەل بۇلۇشقا يېقىن يۈز بەرگەن بىۋاستە سەۋەپلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ.مەسىلەن:زەھەرلىك ماددىلار بىلەن دەرھال زەھەرلىنىش،يېقىنلىشىش،سوقۇلۇش،يىلان چېقىۋېلىش ۋە باشقىلار.
205-ياشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ دىگەن نىمە؟مىسال؟
كىشىلەرنىڭ يېشىنىڭ ئوخشاش بولماسلقىغا قاراپ كىسەللىك پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ ياشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ دىيىلىدۇ.مەسىلەن:كىچىك بالىلاردا كۆپىنچە تارتىشىپ قېلىش،قورساق سىلى،قىزىل،چىچەك،كۆك يۈتەل،ئىچى سۈرۈش،توغاق قاتارلىقلار ئۇچىرايدۇ.ياشلاردا بولسا ھەرخىل ياللۇغلىنىشلار،قىزىتما تەپدىق،سەرئى،خاپىقان كىسەللىكلىرى كۆپىرەك كۆرىلىدۇ.ياشانغانلاردا يۈتەل،دەم سىقىلىش،مۇپاسىل،پالەچ،سەكتە،يۇقۇرى قان بېسىم كۆپ كۆرىلىدۇ.
206-ياشانغانلاردا نىمە ئۈچۈن يۈتەل،دەم سىقىلىش،يۇقۇرى قان بېسىم كېسلى كۆپ كۆرىلىدۇ؟
چۈنكى ياشانغانلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى توختىغان ماددا ئالمىشش ئاجىزلىغان بولغانلىقتىن ھەمدە ئىستىمال قىلىشى ئاز چىقىرىش كۆپ بولمىغانلىقتىن مىزاجى قۇرۇق سۇغۇق بۇلىدۇ.شۇنىڭدەك ئۇزۇقلىنىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ.قۇۋۋەتنىىڭ ئاجىزلىقى ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.يەنى ياشانغانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سۇغۇق بولغانلىقتىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ۋە شاخچە كانايچىلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۈۋەنلەيدۇ.ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ كېڭىيىشى ياخشى بولمايدۇ.نەپەس ئېلىش قىيىن بۇلىدۇ.شۇنىڭدەك كانايچىلاردىمۇ قۇرۇقلۇق ئېشپ سىپازمىلىنىش كېلىپ چىقىقانلىقتىن ئاسانلا يۈتەل ۋە دەم سىقىلىش كۆپ كۆرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا قان تۇمۇرلاردىمۇ تارىيىش يۈز بىرىپ قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىق تۈۋەنلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ياخشى بولماي قاننىڭ قان تۇمۇر دىۋارىغا بولغان بېسىمى ئاشىدۇ.ھەمدە كۆپىنچە يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى كۆرىلىدۇ.
207-جىنسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر دىگەن نىمە؟مىسال؟
جىنىسنىڭ ئوخشاش بولماسلىقغا قاراپ پەيدا بۇلىدىغان سەۋەپتۇر.مەسىلەن:ئاياللاردا ھىستىرىيە،بالىياتقۇ كىسەللىكى،قەۋزىيەت زەھەرلىك پوقاق ئۆت خالتا ياللۇغى،ئۆت تاش كىسلى ۋە ئاشقازان يارىسى،قان ئازلىق كۆپ ئۇچىرايدۇ.ئەرلەردە كۆپىنچە نۇقىرەس«كىچىك بۇغۇملار ياللۇغى»سەرئى،تىتانۇس،قان تۇمۇر قېتىش دىئابىت«قەنىت
-52-
سىيىش كىسەللىكى»ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلار كۆپ ئۇچىرايدۇ.
208-تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ دىگەن نىمە؟مىسال؟
بەدەن ئىمۇنىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا كىسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر دىيىلىدۇ.مەسىلەن:ئۇرۇق كىشىلەر ۋە كام ماغدۇر كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملۇق كىسەللىىكلەر بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ.ئۆزى كۈچلۇك بەدىنى چىڭ كىشىلەر ئاسان يۇقۇملانمايدۇ.
209-خىلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ دېگەن نىمە؟مىزاج بۇزۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ قايسى؟
جاۋاپ: بەدەندىكى خېلىتىلارنى ماددىىلىق بۇزۇلۇش بىلەن كىسەل پەيدا قىلغان سەۋەپلەر خېلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر دېيلىدۇ.
مىزاجنىڭ ماددىسىز بۇزۇلىشى ياكى ماددىلىق بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كىسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر- مىزاج بۇزۇلۇشلۇق سەۋەبلەر دېيلىدۇ.
210.قان خېلىتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟
جاۋاپ: قان خېلىتنىڭ بۇزلۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۈۋەنىدىكىچە : 1) قان تەركىبىگە ھېچقانداق نەرسىلەر ئارىلاشمىغان بولسىمۇ،لېكىن قان ئىشلەش ئورگانىلىرنىڭ خىزمىتى نورماسىزلنىش تۈپەيلىدىن قانىنىڭ سان جەھەتتىن ئازىلاپ كېتىشى ياكى كۆپيىپ كېتىشى ،ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە قان تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.2) قان تەركىبىدە ئېقىپ يۈرگەن باشقا خېلىتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىش نەتىجىسىدە قان تەركىبىدە بوزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.3) قانىنىڭ بۇزۇلۇشى ،شۇنداقلا قاننى قىززىتقۇچى دوراۋە ئۇزۇقلۇقلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش بىلەن قان خېلىتىدا نورمالسىزلىق كۆرلىدۇ.
211.بەلغەم خېلىتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟
جاۋاپ: بەلغەم خېلىتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەپلىرى تۈۋەنىدىكىچە :كۆپ مىقتداردا ياكى داۋاملىق بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى مىۋە –چىۋە ۋە ئۇزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىتىن ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ھۆل-يىغىن كۆپ ھۆللۈك ئۇرۇنلاردا تۇرۇش،شۇنداقلا نۇرمالنى جىسمانىي ئەمگەك ھەركىتى بىلەن شۇغۇلانماسلىق ۋە بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقارغۇچى بەزلەرنىڭ خىزمىتىدە بۇزۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ.
212.سەفرا خېلىتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟
جاۋاپ: سەفرا خېلتىنڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۈۋەندىكىچە : 1)سەپرا خېلىتىگە بەلغەم ۋە سەۋدا خېلىتنىڭ ئارلىشىپ قېلىشى 2) پەۋقۇلاددە ئىسسقلىقى يۇقىرى بولغان تاتلىق، ياغلىق غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىتىن سەپرا خېلىتى بۇزلىدۇ.
213.سەۋدا خېلىتنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟
جاۋاپ: سەۋدا خېلتنىڭ بۇزلۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۈۋەندىكىچە: 1) ئىچىكى – تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىردىن 2) قان خېلىتىنڭ كۈيۈش ۋە چۆكمىگە چۈشۈشى 3) بەلغەم بىلەن سەپرا خېلتىنڭ كۈيۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
214.مۇتلەق( ماددىسىز) ئىسسىقلىقتىن مىزاج بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟(سۇئى مىزاج ھارمۇتلەق يەنى سازەج)؟
جاۋاپ: 1) نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن روھىي ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەر ،قاتتىق غەزەپلىنىش،قاتتىق قورقۇش،قاتتىق خوش بولۇش، ئېغىر جىمانىي ھەرىكەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىش،ھەددىن زىيادە سەكرەش...قاتارلىقلار.
3) ئەمىلىي ئىسسىقلىققا يۇلۇقۇش(بىلپىل ئىسسىقلىق) مەسىلەن:كۈن نۇرى،قاتتىق ئىسسىق، ئاپتاپ، ئوت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى.3) تەسىرى ئىسسىق (بلقۇئە) قا يولۇقۇش، مەسىلەن: بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلغۇچى ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەك،دورا –دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،4) تەنقىيە ئىستىپىراقنىڭ نورمال بولماسلىقى ۋە بەدەندە ئۇفۇنەت ئەھۋالنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار.
215. مۇتلەق( ماددىسىز)سوغۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟(سۇئى مىزاج باردمۇتلەق يەنى سازەج)؟
جاۋاپ:1) ئەمەلىي سۇغۇقلۇققا يۇلۇقۇش،مەسىلەن :قاتتىق سۇغۇق ھاۋا، قاتتىق سۇغۇق تىمپىراتۇرا،قار-مۇز،يامغۇر
لاردا قىلىش.... 2) تەسىرى سۇغۇقلۇققا يولۇقۇش،مەسىلەن: سۇغۇق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش...قاتارلىقلار.3) تاماقنى بەك ئاز يېيىش سەۋەبلىك تەبئىي ئىسسقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئازىيىپ سۇغۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.4) تاماقنى كۆپ يىيىش سەۋەبلىك تەبىئىي ئىسسىقلىقنى قاچۇرۇپ ،سۇغۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.5) كۆپ ئىچ سۈرۈش،كۆپ تەرلەش،كۆپ قۇسۇش،ئارقىلىق بەدەندە
-53-
سۇۋە تۇزلارنىڭ مۇۋازىنىتى بۇزلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.6)پەقۇلاددە قاتتىق ھەرىكەت ۋە ئەمگەك قىلىش.بۇنىڭ بىلەن سۇغۇقلۇق غالىپلقنى ئىگەللەيدۇ.7)پەۋقۇلاددە جىملىق،ھۇرۇنلۇق،ۋە بىپەرۋالقنىڭ ئېشىپ كېتىشى تەبىئىي ھارارەتنى تۇسۇۋېلىپ،سۇغۇقلۇقنى كۆپەيتىدۇ.8) بەدەندىكى تەر تۈشۈكچىلىرىنىڭ بەك ئېچىلىپ كېتشى سەۋەبىدىن سۇغۇقلۇقتىن مىزاج بوزۇلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.مەسىلەن :مۇنىچغا كۆپ كىرىش ۋە ئۇزۇن ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىش، تەنىقيە ئىستىپراقنىڭ ھەددىن زىيادە ياكى كۆپلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار مىزاجنىڭ ماددسىز سۇغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
216. مۇتلەق( ماددىسىز)ھۆللۈكتىن مىزاج بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟(سۇئى مىزاج رۇتەپ مۇتلەق يەنى سازەج)؟
جاۋاپ:1) ئەمىلىي ھۆللۈككە ئۇچىرشش، مەسىلەن: داۋاملىق ئۇزۇن مۇددەت ھۆللۈك، ھۆل-يىغىن كۆپ ئۇرۇنلاردا ئشىلەش، مۇنىچغا كۆپ كىرىش. 2)تەسىرى ھۆللۈككە يۇلۇقۇش،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى ئۇزۇقلۇق ۋە دورا- دەرمەكلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش سەۋەپتىن بولىدۇ.3) يىمەك-ئىچمەكنىڭ پەۋقۇلاددە كۆپلىكى يەنى ھەددىن زىيادە تۇيۇنۇپ غىزا ئىستىمال قىلىش .4)جىملىق ۋە ھورۇنلۇق قاتارلىقلارنىڭ ئارتىپ كېتىشى يەنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر مىزاجنىڭ ماددىسىز ھۆللۈكتىن بۇزلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ،
217.مۇتلەق( ماددىسىز)قۇرۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسى؟(سۇئى مىزاج خەشىك مۇتلەق يەنى يابىس سازەج)؟
جاۋاپ: 1)ئەمەلىي قۇرۇقلىققا يۇلۇقۇش،مەسىكەن:بەك قورغاق جايلاردا قۇرۇق ھاۋا،قۇرۇق مۇھىيتتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەش،تۇرۇش يەنى چۆللۈك،تاغلىق جايلاردا ،قۇملۇقلاردا ئىشلەش.2)تەسىرى قۇرۇقلۇققا يولۇقۇش،مەسىلەن:ھەمىشە قۇرۇق تاماق يېيش ھەم بەدەنگە قۇرۇق يەتكۈزگۈچى ئۇزۇقلۇق ۋە دورا دەرمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.3)يىمەك-ئىچمەك تاماقنى ئازايتىش،يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئازلىقى بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ۋە كەمچىل ماددىلارنىڭ ئورنى تۇلدۇرالماي،كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.4)روھىي ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەرنىڭ بەك ئارتىپ كېتىشى سەۋەبىدىن مىزاج ماددىسىز قورۇقلۇقتىن بۇزۇلۇلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
218.ئېرسىيەتلىك سەۋەپ دىگەن نىمە؟قايسى كىسەللىك ئېرسىيەتلىك كىسەللىك ھېسابلنىدۇ؟
جاۋاپ: ئاتا-ئانا خېرومۇسۇمدىكى غەيرى تەبىئىي يەنى نۇرمالسىز ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىدىن دېيلىدۇ.ئاتا-ئانا گىن تېپىنى تۈزگۈچى ئاساسى بىرلىكلەرنىڭ نۇرمال بولماسلىقى بىلان ئېرسىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىپ ئوخشاش بولىمغان ئېرسىيەت كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن:سېبلىس،ساراڭلىق،دىيابىت،بوينىڭ پاكار بۇلۇپ قېلىشى،بەرەس،نۇقىرەس،بۇۋاسىر،تاز،پۇخاق،يۈرەك كېسىلى،رىماتىزىم قاتارلىق كىسەللىكلەر ئىرسىيەت خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرگە كىرىدۇ.
219.كەسپى كىسەللىك دىگەن نىمە؟مىسال ئېلىڭ؟
جاۋاپ:مەلۇم كەسىپ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر كەسپى كىسەللىكلەر دىيلىدۇ.مەسىلەن:مەتبە ئىشچىلرى،قوغۇشۇن ئېرىتىش كارخانلاردا ئىشلەيدىغانلار قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كېسلى،ئۆزە تۇرۇپ ئىسلەيىدىغانلاردا بۇۋاسىر كېسلى،گىلەمچى تۇقۇمچى،كاندا ئىشلەيدىغانلاردا چاڭلىق ئۆپكە كىسلى ،سىلتىيسلىق كېسلى قاتارلىقلار.
220.تاشقى سەۋەپ دىگەن نىمە؟ئۇ قانچىگە بۆلنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:تاشقى سەۋەپ دېگىنىمىز-ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولماستىن بەلكى سىرتتىن تەسىر قىلىدىغان سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ.تاشقى سەۋەپلەر ئادەتتىكى تاشقى سەۋەپلەرۋە پەۋقۇلاددە تاشقى سەۋەپلەر دەپ ئىككىگە بۆلنىدۇ.
221.ئادەتتىكى تاشقى سەۋەپلەر قايسى؟
جاۋاپ:ئادەتتىكى تاشقى سەۋەپلەرتۈۋەنىدىكىدەك 6 تۈرلۈك بولىدۇ.
1) ھاۋاغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر،ھاۋا بولسا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىيىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ بېسمنىڭ نورمال بولماسلىقى ئىسسىق-سۇغۇقتىن،قۇرۇق-ھۆللۈك كەيپىاتلىرنىڭ نورمالدىن ئېشىپ كىتىشى ياكى ھاۋاغا ھەرخىل زەھەرلىك ئۇفۇنەتلىك ماددىلارنىڭ ئارلىشپ قېلىشى ئىنسانلار بەدىنىدەھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن :ئىگىزلىكلەردىكى ھاۋا بېسىمنىڭ شالاڭلىشىپ قېلىش،قان ئايلنىشنى تىزلىتىپ،دەم سىقلىش،ھاۋا يىتىشمەسلىك ،يۈرەك سېلىش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.ھۆل يىغىن كۆپ
-54-
بولۇش بىلەن دەم سىقلىش،رىماتىزىم قاتارلىق كىسەللىكلەر ئۇچىرايدۇ.ھاۋانىڭ قاتتىق .ئىسسىپ كېتىشى بىلەن قورساق ئاغىرىقى،ئىچ سۈرلۈش ۋە جىگەركىسەللىكى كۆپرەك كۈرلىدۇ.سۇغۇق ھاۋادا ياشىغۇچىلاردا ئۆپكە ،يۈرەك كىسەللىكى ۋە تىرە كىسەللىكلىرى كۆپرەك كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭا ھاۋانىڭ ھەددىن زىيادە ئىسسىق-سۇغۇق،قۇرۇق،ھۆل بولۇشى يەنى ھەرخىل كىسەللىكلەرگە سەۋەپچى بولىدۇ.2)تازلىققا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر:تازلىققا ياخشى رىئايە قىلماسلىق،ھەتتا ھەر بىر ئەزانڭ تازلىقىغا ياخشى دىققەت قىلماسلىقمۇ ھەرخىل كىسەللىكلەرگە سەۋەپچى بولىدۇ.مەسىلەن:كىيىم –كىچەكنىڭ تازلىقغا دىققەت قىلمىغاندا ھەرخىل تىرە كىسەللىكى ،يىمەك-ئىچمەكنىڭ تازلىقغا دىققەت قىلمىغاندا ھەرخىل تىپتىكى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.3) يىمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر:يىمەك-ئىچمەكنىڭ ۋاقتى،ئۆلچىمى ۋە سۈپتنىڭ نۇرمالنى بولىشى تەن سالامەتلىكنى ئاسىراشتا ئىنتايىن مۇھىيىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ.ئەكسىچە تاماقنى قالايمىقان،قەرەلسىز يېيىش،يىگەن تاماق ھەزىم بولماي تۇرۇپ تاماق ئۈستىگە تاماق يېيش،ئىھتىياج بولمىغان ھالداكۆپ سۇيۇقلۇق ئىچىش،ھەرخىل جەۋھىرى ماددىلار ،ۋىتامنىلار كەمچىل بولغان ھەمدە ھۆللكى ،قۇرۇقلۇقى ،سۇغۇقلۇقى، ئىسسقلىقى مۇۋاپىق بولىمغان تاماقلارنى يېيىش مۇناسىپ ھالىدا كىسەللىكەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.4)كىيىم –كىچەككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر :بونىڭدا كىيىم كىچەكنىڭ تازلىقى،يەنە بىر كىيىم –كىچەكنىڭ خېمىيۋى تەركىبى پوسۇنىغا دىققەت قىلىش كىرەك.تەركىبى جەھەتتە سۇئى تۇقۇلمىلاردا تۇقۇلغان كىيىم- كىچەكنى كىيمەسلىك،يەنە نىلۇڭ ئارلاش كىيىملەرنى كېيگەندە تۈكنى چۈشۈرۋېتىدۇ.ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھەم تىرە كىسەللكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.پۇسۇن جەھەتتە بەك تار كىيىملەرنى كەيمەسلىك،5)دەم ئېلىش ۋە ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر:نورمال دەم ئېلىش،ئىشلەش،چېنىقىش سالامەتلكنى ئاسىراشتا پايدىلىق،مەيلى ئەقلى ياكى جىمسانىي جەھەتتە بولسۇن ھەددىن زىيادە ئىشلەش ياكى ھەددىدىن زىيادە دەم ئېلىش سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، بەك ئارام ئېلىپ كەتكەندە بەدەندە ھۆل سۇغۇقلۇق ئېشىپ كېتىدۇ.يەنى يۇقىرى قان بېسمى كېلىپ چىقىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىشلىگەندە بەدەنىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.6) تاناسىل ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر:تاناسىل ئەزالارنى نورمال ئىشلىتىش سالامەتلىكنى ئاسىراشتا پايدىلىق،ئەكسىچە قالايمىقان كۆپ ئىشلەتسە زىيانلىق،مەسىلەن: جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش ۋە باشقا يامان ئادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنش رەئىس ئەزالارنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.،ھەمدە نىرۋا ئاجىزلىق،جىسىي ئاجىزلىق،تۇتقاقلىق كىسەل،قورقۇنچاق،روھىي چۈشكۈن ھالەتلەر ۋە باشقا كىسەللكلەرنىڭ كېلىپ چىقشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
222.پەقۇلئاددە تاشقى سەۋەپلەر قايسى؟
جاۋاپ:پەقۇلئاددە تاشقى سەۋەپلەر ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپلەرگە تەئەللۇق بولماستىن پەقۇلئاددە يۈز بىرىدىغان بۇلۇپ،ئۇلار تۈۋەنىدىكىچە بىر نەچچە خىل بولىدۇ.1) ئۇرۇلۇش،سۇقۇلۇش،جاراھەتلىنىش،سۇنۇش،ياللۇغلىنىش،
ئىشىشش قاتارلقلار.2) مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى .مەسىلەن:پەۋقۇلئاددە ئىسسق ياكى سۇغۇق ئۆتۈك كېتىش،قاتتىق سۇغۇقتا توڭلاپ قېلىش قاتارلىقلار.3) توك سۇقۇۋېتىش، سۇدا تۈنجۇقۇش قاتارلقلار.4) روھىي زەربە ،غەم-قايغۇ،قورقۇش قاتارلىقلار.5) زەھەرلىنش ،ھەرخىل زەھەرلىك نەرسىلەرنى يەپ سېلىش،مەسىلەن:خەشخەش ئۇرۇقى، كۇچۇلا،ئاق پارپا،سەنگىيا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن زھەرلىنىش،6) قىزىل چېچەك ۋە باشقا ئۇفۇنەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش.
223.تەركىبى كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟ئۇلار قايسى ؟
جاۋاپ:تەركىبى كىسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ.1) ئەزا شەكلى بۇزلۇشنىڭ سەۋەبى:(1) مەنىي تەركىبىدىكى قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە بىلەن قۇۋۋىتى مۇغەيىيرەنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ.(2) بالىلارنىڭ غەيرى تەبىئىي تۇغۇلۇشى يەنى ھامىلنىڭ قۇرساقتا تۇرۇش ھالىتى ياخشى بولماسلىقى بىلەن تۇغۇت ئانىسنىڭ خاتا ياردىمىدىن بولىدۇ.(3) بۇۋاقنى زاكىلاشتىكى خاتا ئۇسۇلدىن بولىدۇ.(4) تاشقى سەۋەپلەرنىڭ تەسىرىدىن يەنى ئۇرۇلۇش،سۇقۇلۇش،بېسلىش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.يەنى ھامىلدار ۋاقىتدا قۇرساققا قاتتىق زەربە تىگىش،قۇرساقچە يېقىلىش، ھامىلدارلىقنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن قۇرساقنى چەڭ تېڭىۋېلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.(5) بۇۋاقلارنى مېڭش يېشىغا تۇشماسىتن ماڭدۇرۇش،ئولتۇرۇش يېشىغا توشماستىن ئولتۇرغۇزۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
2) كانالچە ئەزالارنىڭ كېڭىيىپ كېتشنىڭ سەۋەبى: (1) قۇۋۋىتى ماىسكەنىڭ ئاجىزلىقدىن بولىدۇ.(2) قۇۋۋىتى دافىيەنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولىدۇ.(3) ھەرخىل ئاچقۇچى،بۇشاشتۇرغۇچى دورىلارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.يەنى ئىچكى تەرپىدىن مايلىق ۋە سىلىقلاشتۇرغۇچى نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتن ئاشقازان ۋە ئۈچەي تىۋىتلىرى چۈشۈپ
-55-
كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەم قان تۇمۇرى كانالچە ئاچقۇچى سۈرگۈ دورىلىرنى كۆپ ئىستىمال قىلسىمۇ كانالچلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ.(4) ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بولىدۇ.
3) كانالچلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى،يەنى ئىتىلىپ قېلىشى ۋە تارىيىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى: (1) كانالچە ئەزالارغا باشقا يات ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ،مەسىلەن: قان تۇمۇرلاردا قان ئۇيۇپ قېلىش،قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى،سۈيدۈك يوللىرى ۋە ئۆت كانالچىلرىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش،مەزكۇر ئەزالارغا قۇرۇقلۇق يېتىپ قېلىش بوتقىسمان ماددىلار چۆكىۋېلىش قاتارلىقلار .(2) كانال ئەزالىرىدىكى ھەرخىل سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان جاراھەتلەرنىڭ ساقىيىشدىكى تارتۇقلارنىڭ تەسىردىن بولىدۇ.(3) كانال ئەزالاغا قوشنا بولغان ئەزلاردىكى ئۆسمە ۋە جاراھەتلەرنىڭ تەسىرىدىن تارىيىپ قالىدۇ.(4)ئۆتكۈر سۇغۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن كانال ئەزالار يىغىلىپ تارىيىپ قالىدۇ.(5) ئەزالاردىكى تارتۇقچى ياكى قورۇغۇچى كۈچلەرنىڭ كۈچلۈكلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ.
4) ئەزالار ھالىتى بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبى: بۇ ئەزالار بىلەن يەنە بىر ئەزا ئارلىقنىڭ تەبىئىي ھالەتتىكىدىن يىراقلىشىپ ياكى يېقىنلىشىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.سەۋەبى تۈۋەندىكىچە : (1) تارتقۇچى كۈچلەر تەسىردىن .(2) بۇشاشتۇرغۇچى كۈچنىڭ تەسىردىن .(3) ئادەتتىن تاشقىرى غەيرى نۇرمال ھەرىكەت قېلىش.(4) ئېغىر نەرسىلەرنى كۈتۈرۈش سەۋەبدىن بولىدۇ.(5) ئۆسمە ۋە جاراھەتلەرنىڭ تەسىردىن بولىدۇ.(6) ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەزالاردا ئاتروپىيەلنىش بولغاندا بولىدۇ،
5) ئەزالارنىڭ يىرىكلىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى: ئەزالارنىڭ يىرىكلىشىپ قېلىشى ھەرخىل ئىچكى –تاشقى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.يەنى تاشقى جەھەتتىن قۇرۇق،سۇغۇق ھاۋالارغا يۇلۇقۇش،قۇرۇق-سۇغۇق بەدەنگە تەسىر قىلىشتىن ۋە قۇرۇق سۇغۇق نەرسىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.ئىچكى جەھەتتىن سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چقارغۇچى بەزلەر يەنى ئىچكى ئاجىراتما بەزلەرنىڭ خىزمىتىدە ئاجىزلىشش بولغانلقتىن ۋە سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقارغۇچى بەز كانالچىلارنىڭ ئىتلىپ قېلىشى ۋە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزلەرنىڭ كىچىكلەپ كېتشى ۋە يىگىلەپ كېتىش سەۋەبدىن بولىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە تىرە مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئۆسۈشنىڭ تىزلىشىپ كېتشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
6) ئەزامىقتدارنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە كەمىيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى:ئەزالار مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئەزالارنىڭ سان ياكى ھەجىم جەھەتتىن ئۆزگىرىپ كېتشنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:ئالتە بارماق بولۇش،پۇخاق،ياخشى ئۆسمە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەزالارنىڭ نورمالنى ئەھۋالدىن ئېشىپ كېتش قاتارلىقلار.سەۋەبى: (1) ئەزالاردىكى تەبىئىي ياكى غەيرى تەبئىي ماددىلارنىڭ كۆپلىكى (2)ئەزالاردىكى تارتقۇچى كۈچنىڭ كۈچلۇكلىكىدىن ماددىنى ئارتۇق تارتىپ كىلىپ ئەزالارنىڭ سان ۋە ھەجىم جەھەتتىكى ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەزالارمىقدارنىڭ كېمىيىپ كىتىشى يەنى كىچىكىلەپ كىتىشىنىڭ سەۋەب:(1)ماددىنىڭ كەمچىللىكى يەنى شۇ ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىش ۋە قان ئايلىنىش پائالىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرشىدىن بۇلىدۇ.(2)شۇ ئەزانى تۈزگۇچى ئاساسى ماددا ھۈجەيرە ھەجىمىنىڭ كىچىكلىشى ياكى سان جەھەتتىن كەملەپ كىتىش سەۋەبىدىن بۇلىدۇ.(3)نىرۋا پائالىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشىدىن بۇلىدۇ.يەنى نىرۋا يەرلىك ئۇرۇندىكى توقۇلما ئەزالارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ.ئەگەر نىرۋىنىڭ بۇ خىل پائالىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا ياكى قالايمىقانلاشسا ئەزالاردىكى ھەجىم جەھەتتىن كىچىكلەپ كىتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.مەسىلەن مەلۇم ئەزانى باشقۇرغۇچى نىرۋا شاخچىلىرىنىڭ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پالەچ بۇلۇش كېلىپ چىقىشى بىلەن ئەزادا بارا بارا ھەجىم جەھەتتىن كىچىكلەش كېلىپ چىقىدۇ.(4)مەلۇم ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ مەلۇم ۋاقىت ھەركەتتىن توختاش سەۋەبىدىنمۇ يەرلىك ئۇرۇندىكى توقۇلمىلاردا ھەجىم جەھەتتىن كىچىكلەشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
224-پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى قايسى؟
جاۋاپ:پۈتۈنلۇكتىن بۇزۇلۇش ئىچكى-تاشقى سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.تاشقى سەۋەپ بلسا ئۇرۇلۇش سوقۇلۇش جاراھەتلىنىش كۈيۈش ۋە سۈڭەكلەرنىڭ سۇنۇشى تىرىلەرنىڭ سۈرۇلۇپ كىتىشى قاتارلىقلار.ئىچكى سەۋەپلەر:بەدەندىكى ھەرخىل سۇيۇقلۇق خىلىتىلارنىڭ بۇزۇلۇشى ئۆزگىرىشى چىرىش ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن توقۇلمىلىرىدا توختاپ قېلىشىدىن پەيدا بۇلىدۇ.مەسىلەن ئاقما«ناسۇر»ئاكىلا«گۆشخۇر چاقا» ئۇنىڭدىن باشقا جوزام ۋە ھەر خىل سۈپەتلىك ئۆسمە...قاتارلىقلار.
-56-
7-كىسەللىك ئالامەتلىرى ئىلمى قىسمى
225-كىسەللىك ئالامىتى دىگەن نىمە؟نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:كىسەللىك سەۋەبىدن يۈزبەرگەن بەلگە،ھالەت،كەيپىيات كىسەللىك ئالامىتى دىيىلىدۇ.ئىككىنچى تۈرلۇك قىلىپ ئېيتقاندا بەدەندە يۈزبەرگەن ماددىي ۋە مەنىۋي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە ئىپادىلىنىشى كىسەللىك ئالامىتى دىيىلىدۇ كىسەللىك ئالامىتى:كىسەللەككە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە مىزاج خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
226-كىسەللىكە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر قايسى؟
جاۋاپ:كىسەللىكە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر:1)ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى2)يەرلىك ئالامەتلەر3)جىنسىي ئالامەتلەر4)كەسپي ئالامەتلەر 5)تاشقى ئالامەتلەر 6)ئىچكى ئالامەتلەر7)يۈتكەلمە ئالامەتلەر 8)خەۋەرچى ئالامەتلەر9)مەخسىۇس ئالامەتلەر 10)تەشخىس«دىئاگىنۇزلىق ئالامەتلەر11)ئورتاق ئالامەتلەر 12)رىفلىكىسلىق ئالامەتلەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
227-ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:بۇ ئومۇمى بەدەندە كۆرىلىدىغان يەنى ئومۇمى بەدەندە يۈز بىرىدىغان ئالامەتلەر «بەلگىلەر»ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەت دىيىلىدۇ.(مىزاج ئەھۋالى ۋە خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىكى ئالمەتلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ.)مەسىلەن:يارقان كىسىلىدە يۈزبېرىدىغان ئومۇمى بەدەنگە سېرىقلىق چۈشۈش ۋە پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىشىق،ئىشتىھاسىلىق،قىززىتىش قاتارلىقلار.ئۇنىڭدىن باشقا قۇلاق ئاستى بېزى ئىششىپ ياللۇغلانغاندا بەلغەم ماددىسى ئېشىپ كېتىپ ھۆل سۇغۇق كېتىپ ھۆل سۇغۇق مىزاج غەلبە قىلىدىغانلىقتىن پۈتۈن بەدەن سۇۋۇپ كەتكەنلىكتىن ئوخشاش قەۋزىيەت ئىچى سۈۈش باش قېيىش كۆز قاراڭغۇلىشىش،ئومۇمى بەدەن تېلىپ يېقىمسىز ئاغىرىش ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار.
228-يەرلىك ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:ئىنسان بەدەننىڭ مەخسۇس ياكى مەلۇم قىسىمدىلا ككرىلىدىغان بەلگىلەردىن ئىبارەت.يەنى ئاساسان كېسەل پەيدا بولىدىغان ئورۇندىكى توقۇلما ئەزالارنىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۇلىشى فىزولوگيلىك ھالەتلەرنىڭ غەيىرى نۇرمال ئۆزگۈرۈشىنى كۆرسىتىدىغان بەلگىلەردۇر.يەرلىك ئالامەتلەر كېلىنكىدا كىسەلنىڭ تىپىك ئالامىتى ۋە داۋالاش ئوبىكتى قىلنىدۇ.مەسىلەن:ئكپكە ياللۇغىدا كۆكىرەك ئاغىرىش،ھۆتىلىش،يۇقۇرى قىززىتما،دات رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرۈش تۇمۇرى ھەرە چىشىسىمان سېلىش قاتارلىق تىپىك بەلگىلەر بۇلىدۇ.رىماتىزىملىق بۇغۇم ياللۇغىدا بۇغۇملار قىزىرىش ئىششىش ئاغىرىش قىززىتىش شۇنداقلا تېرە يۈزىدە پەمبەرسىمان قان نوكچىلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇشى كېسەلنىڭ تىپىك ئالامىتى ۋە يەرلىك ئالامىتى بۇلىدۇ.
229-جىنسىي ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:ئوخشاش بولمىغان جىنىسلاردىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەرىقلىق ئىپادىلىنىپ چىقىشى جىنسىي ئالامەتلەر دىيىلىدۇ.مەسىلەن:ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىرلاۋاقىتتا رىماتىزىم كىسىلى بىلەن ئاغىرسا ئاياللار ۋە ئەرلەردە كۈرۈلگەن ئوخشاشلا رىماتىزىم قىززىتمىسى ئاياللاردا بالىياتقۇ تىنى ياللۇغى تۇخۇمدان ياللۇغى تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.ئەرلەردە مەزى بېزى ياللۇغى ئۇرۇق تۇشۇش كانالچە ياللۇغى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ئاياللاردا كۆرىلىدىغان كىسەللىلەرنىڭ ئەرلەردە ئەرلەردە بولىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ ئاياللاردا بولماسلىقى قاتارلىقلار.
230-كەسىپكە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر دىگەن نىمە؟مىسال؟
مەلۇم كەسپى مۇھىت شارائىت كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇ كەسىپ شارائىتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەلگىلەرنى بۈلدىرىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.مەسىلەن:قوغۇشىندىن زەھەرلىنىشتە كۆز ئېقى قاپاق يۈز تىرىس قاتارلىقلارنىڭ كۆكۈرۈپ قېلىشى چىرايىنىڭ تۇتۇقلىشىش چىشلارنىڭ چۈرۈكلىشىش ۋە كككۈرۈشى قول بارماقلىرىنىڭ ۋە تىرناقلىرىنىڭ توملىشىپ ئەگىرلىشىپ يېرىلىپ كىتىشى ۋە تىرناقلارنىڭ كۆكۈرۈشى قان ۋە سۈيدۈكتە ئالىيومىن چۆكمىلىرى كۆپىيىپ كىتىش قاتارلىقلار.
231-تاشقى ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:بۇ ئاساسەن تىرە يۈزىدە ۋە بەدەننىڭ سىرتىدا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت بۇلۇپ بىر قىسىملىرى تىرە يۈزىدىكى ۋە بەدەن سىرتىدىكى كىسەللىكلەرنى بىلدۇرىسە بىر قىسىمى بەدەن ئىچىدىكى كىسەللىكلەرنى بىلدۇرىدۇ.مەسىلەن:تىرە يۈزىدە مايلىق دانچىلارنىڭ كۆپىيىۋېلىشى تىرە ماي بەزلىرى خىزمىتىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكنى
-57-
بىلدۈرسە مەلۇم مۆچە ياكى بۇغۇملاردىكى يىرڭلىق ئاقما بەدەندىكى يۇشۇرۇن تىبىركىلىيوز مەنبىيىنى كۆرسىتىدۇ.
232-ئىچكى ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:پەقەت كىسەلنىڭ ئۆزىگىلا بىلىنىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت.بۇلۇپ ئاساسلىق ئاغىرىش بىئارام بۇلۇش كۆڭۈل ئېلىشىش تېلىش كۈيۈشۈش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:باشىنىڭ داۋاملىق ئاغىرىشى بەزىدە قان ئازلىقىنى بىلدۇرسە بەزىدە كەيپىيات خارەكتىلىك ئۆزگىرىشلەرنە ۋە بەدەندە مىڭە ئىچكى قىسمىدىكى قان تۇمۇرلارنىڭ تۇسۇلۇش مىڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلارنىڭ بىلدۇرىدۇ.شۇنداقلا باشىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى قاتتىق ئاغىرىش مىڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى بىلدۇرىدۇ.
233.يۆتكەلمە ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:كىسەلنىڭ تەسىرىدىن كىسەل بولغان ئەزادىن يىراق بولغان ئەزادا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مەلۇم بىر ئەزانىڭ كىسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ تىپىك بەلگىلىرى بۇلۇپ ھىسابلنىدۇ.مەسىلەن: قاپاقتىكى سۇلۇق ئىششىق بۆرەك خىزمىتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋە بۆرەك ياللۇغنى كۆرسىتدۇ.پۇتتىكى سۇلۇق ئىششق يۈرەك كىسەللىكى ۋە يۈرەك خىزمىتى زەئىپلەشكەنلكنى بىلدۈرىدۇ.
234.خەۋەرچى ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:كىسەللىك يۈز بىرشتىن بۇرۇن يۈز بىرىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت.مەسىلەن: قۇسۇشتىن بۇرۇن كۆڭۈل ئېلىشش،يۈز مۇسكۇلنىڭ لىپىلداپ ياكى تارتىشىپ تۇرۇشى لەقۋا كىسەلىكنىڭ ئالامەت بىشارىتى ھىسابلىندۇ.
235.مەخسۇس ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:بۇ بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالامەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن: قان قۇسۇش ھەزىم يۇللىرى كىسەللىكنىڭ خاس ئالامىتى ،قان تۈكۈرۈش نەپەس يولى كىسەللىكنىڭ خاس ئالامىتى.
236.تەشخىس(دىئاگىنوسلۇق) ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:كىسەللەرنى بىر- بىردىن پەرىقلەندۇرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلنىدىغان ئالامەتتىن ئىبارەت.مەسىلەن: قۇۋۇرغا نىرىپ ئاغىرىقى بىلەن بىرلەمچى ئۆپكە يەللۇغنى پەرىقلەندۈرۈش،ھېستىرىيە كىسلى بىلەن سەرئى كىسەللىكنى پەرىقلەندۇرۈشتە سەرئىدە ئاغىزىدىن كۈپۈك كېلىدۇ.ھېستىرىيەدە كۈپۈك كەلمەيدۇ.
237.ئورتاق ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:بۇ مەلۇم پاتىلوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن ئورتاق بولىدىغان ئالامەتتىن ئىبارەت.مەسىلەن: قەي قىلىش،ئاشقازان مىڭە،بالياتقۇ،ئۈچەي كىسەللىكلىرى ئۈچۈن ئورتاق ئالامەت،شۇنىڭدەك بەزى كىسەللىكلەردە قىززىش، قىزىرىش،ئاغىرىش ئورتاق ئالامەت بولۇپ كۆرلىدۇ.
238.رېفىلىكسىلىق ئالامەت دىگەن نىمە؟مىسال؟
جاۋاپ:ئۇ كۆپنىچە كۈنۈكۈش خاراكتىرلىك ۋە نىرۋا روھىي ئۆزگىرىشلەردىن بولىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت.مەسىلەن:رېفىلىكىسلىق قۇسۇش،ئىچ سۈرۈش،باش ئاغىرىش قاتارلقىلار.يەنى ماشىنغا چىققاندىن كىيىنلا بەزىلەردە قۇسۇش،بېشى ئاغىرىش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ.
239.مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر قايسى؟
جاۋاپ:مىزاج ۋە خىلىتلارغا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر: 1) تىرە ئەھۋالدىكى ئۆزگىرىشلەر:ھاۋا تىپىراتۇرسى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا نۇرمالنى قول بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قولغا ئىسسق بىلنىشى مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقغا ،سۇغۇق بېلنىشى مىزاجنىڭ سۇغۇقلىقغا نۇرمالدىن تاشقىرى يۇمشاق بولىشى ھۆللۈككە ۋە پەۋقۇلئاددە قاتتىق بولىشى يەنى قۇرۇقلىقغا دالالەت قىلىدۇ.
2) چاچ ۋە تۈكلەرنىڭ ئەھۋالدىكى ئالامەتلەر: چاچ ۋە تۈكلەرنىڭ ئازلىقى ھۆللۈككە دالالەت قىلىدۇ.يىرىكلىكى بۇخارات گازلارنىڭ كۆپلىكىگە، جانسىز،تۈزلىكى بوخاراتنىڭ ئازلىقغا دالالەت قىلىدۇ.چاچنىڭ قۇرۇق ،تۈزلىكى ھۆل سۇغۇققا دالالەت قىلدۇ.چاچنىڭ قارلىقى ئىسسقلىققا،قىزىقللىقى نورمالىققا،ئاچ بولۇشى سۇغۇقلىققا ياكى قۇرۇقلىققا دالالەت قىلىدۇ.كۆركرەك قىمىسدا تۈكنىڭ كۆپ بۇلۇشى يۈرەكنىڭ ھارارىتىگە دالالەت قىلىدۇ.
3)گۆش ۋە ياغ ئەھۋالىدىكى ئالامەتلەر: بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ قىزىل كۈرۈنىشى ھۆل ئىسسقلىققا،تارتىشاڭغۇ چىڭ بولىشى قۇرۇق ئىسسقلققا ،مۇسكۇللارنىڭ بوشاڭ بۇلۇشى سۇغۇقلىققا دالالەت قىلىدۇ.گۆش ۋە ياغلارنىڭ كۆپلىكى ھۆللۈكنىڭ زىيادىلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.رەڭگى سۇس چىڭ كەلسە قۇرۇق ئىسسقلىققا مايىل بولىدۇ.
4) بەدەن رەڭگىدىكى ئالامەتلەر:بەدەن رەڭگىنىڭ ئاقلىقى ھارارەتنىڭ ئازلىقدىن دىرەك بېرىدۇ.بەدەن رەڭگىنىڭ
-58-
قىزىللىقى ھارارەتنىڭ يۇقۇرلىقى ۋە قانىنىڭ كۆپلىكىگە دالالەت قىلنىدۇ.سېرىقلىقى ھارارەتنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقۇرلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.گەچ رەڭگىدە ياكى قوغۇشۇن رەڭگىدە بولۇش سۇغۇقلۇققا ياكى بەلغەمگە دالالەت قىلىدۇ.
خىلىتلارغا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر: (1) قانىنىڭ كۆپلىكنىڭ ئالامىتى : باشنىڭ ئېغىر بولىشى ،ئىغىز تەمى تاتلىق،تۇلا ئەسنەيىدىغان،ئويقۇسى كۆپرەك،رەڭگى روھىي،چىرايى ۋە تىلنىڭ رەڭگىنىڭ قىزىل بولىشى ،سۈيدۈكنىڭ قىزىلغا مايىل سېرىق بولۇشى ،تىرە كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك قان-تۇرمۇر كىسەللىكلىرىگە كۆپ موپتىلا بولۇش،بەدىنى ئاسان قاناش،ئاسان توختاش،تۇمۇرنىڭ چوڭ، دولقۇنلۇق بىلنىش قاتارلىق ئالامەتلەر قان خېلىتنىڭ كۆپلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ.(2) بەلغەم خېلىتى كۆپلىكنىڭ ئالامىتى : بەدەن رەڭگى ئاقلىقى، لەۋلىرنىڭ تۇملىقى،تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان ،تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بوش،يۇمشاق ھەم قولغا سۇغۇق بىلنىش،ئېغىزىدىن كۆپ شالۇ ئېقىش،ئۇسسۇزلۇقنىڭ بولماسلىقى ( ئاز بولۇشى) ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش،ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقى، ئاچچىق كېكرىش،ئېغىزنىڭ تەمسىز بولۇش،زىھنى كۈچنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى،سۈيدۈك رەڭگنىڭ ئاق بولۇشى،تىلنىڭ ئاق گەز بولۇشى ھەمدە تۇمۇرنىڭ تۇم، ئاستا بېلنىشى بەلغەم خېلتنىڭ كۆپلىكنى بىلدۈرىدۇ.(3)سەۋدا خىلتى كۆپلكنىڭ ئالامىتى :بەدەن رەڭگنىڭ كۆكۈش،ئۇرۇق بۇلۇشى، قېنى نىسپەتەن قارامتۇل قۇيۇق بولۇشى،پىكىر خىيالنىڭ كۆپ بولۇشى،ئاشقازان ئېغىزنىڭ ئېچىشىپ ئاغىرىشى (زەردىسى قايناش) يالغان ئىشتھالىق بولۇش،سۈيدۈك رەڭگنىڭ كۆككە مايىل ئاق بولۇشى،بەدەننىڭ تۈكلۈك،تۇرمۇرنىڭ ئىنچىكە،ئاستا بىلنىشى سەۋدا خېلىتنىڭ كۆپلىكنى بىلدۈرىدۇ.(4) سەپرا خېلىتنىڭ كۆپلىكنىڭ ئالامىتى:بەدەن ۋەكۆز ئېقنىڭ سېرىق بولۇشى، سۈيدۈك رەڭگنىڭ سېرىق بولۇشى،تىل ئۈستىدە سېرىق گەز بولۇشى،تىلنىڭ يېرىك،ئىشتھانىڭ ئاز بولۇشى،كۆپ ھۆ بۇلۇش، بەدەنلىرىدە چىم-چىم ئاغىرىقلارنىڭ بولۇشى،تۇمۇرنىڭ ئىنىچكە ،تىز سېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار سەپرا خېلىتنىڭ كۆپلىكنى بىلدۈرىدۇ.
240.ئالامەتلەر قايسى ئەھۋاللارغا دالالەت قىلىدۇ؟
جاۋاپ: ئالامەتلەر ئۇمۇمەن 3خىل ئەھۋال ئاسىتدا دالالەت قىلىدۇ.ئۇلار: (1) كەلگۈسى ئەھۋالغا دالالەت قىلىدۇ.(2) ئۆتمۈش ئەھۋلىغا دالالەت قىلىدۇ.(3) ھازىرىقى ئەھۋالغا دالالەت قىلىدۇ.:مەسىلەن:كەلگۈسى ئەھۋالغا دالالەت قىلىدىغان بەلگىلەر ( ئالامەتلەر) يۇقىرى قان بېسىم كېسلى،مېڭىگە قان چۈشۈش بىلەن بىرگە كۈرۈش تۇر پەردە ياللۇغى قۇشۇلۇپ كەلسە كىسەلنىڭ 6 ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.ئېغىر كسەللەردە قۇلاق مۇنچىقى پەۋقۇلئاددە يۇمشاپ قۇرۇلۇپ قالسا،بۇرۇن قانىتى نەپەسلىنىشكە ماسلاشمىغان ھالدا ھەركەتلىنىپ تۇرغان بولسا ۋە كۆز رېفىلىكسى قول ھەرىكىتىگە ماسلاشمسا كىسەل كىشنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغانلقنى بىلدۈرىدۇ.
ھازىرىقى ئەھۋالىغا دالالەت قىلىغان ئالامەتلەر: قان قۇسۇش، ئاشقازان ،12بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە قىزىل ئۆڭگەچ جاراھىتى بارلىقنى بىلدۈرسە،قان تۈكۈرۈش،ئۆپكە،كاناي قاتارلىقلاردا جاراھەت بارلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆتمۈش ئەھۋالىغا دالالەت قىلىغان ئالامەتلەر: بەدەن نەمخۇش،تۇمۇرنىڭ زەيىپ بولىشى،بىمارنىڭ كۆپ تەرلىكەنلىگىدىن ۋە قۇۋۋەتنىڭ زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
241.بەدەندە ئىپادىلنىپ چىقىدىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى قانچە دەرىجىدە بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ: بەدەندە ئىپادىلنىپ چىققان كېسەللىك ھالەتلىرى تۈۋەندىكىدەك 3دەرىجە بولىدۇ.(1) تەغەببۇر باسقۇچى(ئۆزگىرىش باسقۇچى) (2) نوقسان باسقۇچى(فىزئىولۇگىيلىك خىزمىتنىڭ يىرىم بۇلۇشى) (3)بوتلان باسقۇچى(فىزئىولۇگىيلىك خىزمىتنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى).مەسىلەن: كۆزنىڭ كۈرۈش كۈچىنىڭ بىر ئازئاجىزلىغىنى تەغەببۇر باسقۇچى ،يېرىم ئاجىزلىغىنى يەنى يېرىم كۆرمەسىلىك نوقسان باسقۇچى،پۈتۈنلەي كۆرمىسە بوتلان باسقۇچى بولىدۇ.ھەرقانداق كىسەللىكنىڭ مانا مۇشۇ 3خىل باسقۇچنىڭ بىرەسىدىن خالىي بولالمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ ھەر بىر دەرىجنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.ياكى شۇ كىسەللكنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالدا ئىشلىتلىدۇ.
-59-
8.ئەمەلىي داۋالاش نەزەريىسى قىسمى
242.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كىسەل داۋالاش نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ: ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كېسەللەرنى داۋالاش 4 تۈرلۈك بولىدۇ.ئۇلار : (1) روھىي داۋالاش (2) ئۇزۇقلۇق بىلەن داۋالاش (3) دورا بىلەن داۋالاش (4) قول ئەمىيلىتى بىلەن داۋالاشتىن ئىباەرت.
243.روھىي داۋالاش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:كېسەلىگە نىسپەتەن دورا ۋە قول ئەمەليىتى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارماي،كىسەل كىشنى مەنىۋى جەھەتتە كىسەلنىڭ ساقىيىشقا ئىشەنچە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى يەنى بىمارنى رۇھىي جەھەتتىن تىنىچلاندۇرۇپ،كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىغا ئىشەندۈرۈپ،دورنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەندۈرۈش ئۇسۇلى –رۇھىي جەھەتتى داۋالاش دېيلىدۇ.
244.ماددي داۋالاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟يەنى ماددى داۋالاش ئۇسۇللىرنىڭ قائىدىسى نىمە؟
جاۋاپ: (1) ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش:ئۇزۇقلۇقنى تەڭشەش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كىسەللەرگە ھەرگىز دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.(2) ھەر قانداق كىسەلگە دەسلەپتە كۆرۈنگىلى كەلگەندە بۇلۇپمۇ جىددى كىسەل كەلگەندە ئۇلارغا ئالدى بىلەن يەككە دورا يېزىپ بېرىش كېرەك.يەنى يەككە ياكى كۆپ بولسا 2-3خىل دورىنى دورىلاردىن تەركىپ تاپقان كاشكاپ ۋە ( مەتبۇخ قايناتملار) نى بېرىش كېرەك.ھەرگىزمۇ ئالدىراپ مۇرەككەپ دۇرىلارنى( مەجۇن،خمېر....) ئىشلەتمەسلىك كېرەك.(3) جىددى كىسەللەر ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر بولغان ئاستىدا قىزىتما قايتۇرغۇچى،ئۇچقۇن،قۇقاق قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.(4) ھەرخىل مۇرەككىبات دورىلار بىلەن ساقىيىدىغان كىسەللىكلەرگە 2-3خىل مۇرەككەپ دورىلارنى ئارلاشتۇرۇپ بەرمەسلىك لازىم.يەنى ئۇرۇنسىز ھالدا 2-3خىل ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپرەك مەجۇناتلارنى بۇيرۇپ كېسەللەرنىڭ ئەھۋالنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ بىمارنى ئىقتىسادى يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىك كېرەك.(5) ھەر بىر بىمارنىڭ شۇ ۋاقتتىكى ئەمىلىي ئەھۋالى ۋە كېسەلنىڭ تەركىبگە ئاساسەن يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى يەنى پەرھىز بۇيرۇش داۋالاش ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىزلىتش ئۈچۈن پايدىلىق،بۇ تەدبىرنى جانلىق قوللىنىشى كېرەك.لېكىن پەرىزنى قالايمىقان قوللانماسلىق كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا بىمارنى ھالسىزلاندۇرۇپ قۇيىمىز،يەنى ھەممە نەرسىنى پەرىز قىلدۇرۇش ياكى پەرىز قىلدۇرماسلىق ئەكسىچە زىيانلىقتۇر.
245.دورا بىلەن داۋالاش دىگەن نىمە؟دورا بىلەن داۋالاش نەچچە تۈرگە بۆلنىدۇ؟
جاۋاپ:كېسەللىكلەرنى ھەرخىل دورا بىلەن داۋالاپ ئىمكان قەدەر ئەزانىڭ پۈتۈنلىكىنى بۇزماي ساقايتىش نۇرمالنى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-دورا بىلەن داۋالاش دىيىلىدۇ.دورا بىلەن داۋالاش ئاساسەن 2تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئۇلار:1)ئومۇمى بەدەننى داۋالاش:بۇ بەدەندە كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىش ياكى بەدەننى تازىلاشقا«ئىستىپراققا» قارىتىلغان مەسىلەن كېسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش سۈرۈپ چىقارغۇچى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار.2)يەرلىك ئورۇننى داۋالاش:بۇ يەرلىك ئۇرۇنغا سىرتتىن ھەرخىل دورىلارنى ئىشلىتىشكە قارىتىلغان مەسىلەن:ھەرخىل زىمات چېپىش «سىرتىن چاپىدىغان مەلھەم»،ياغ ۋە دورىلارنى سۈركەش دورا بىلەن يۇيۇش قاتارلىقلار.دورىلارنى بەدەندە ئىككى خىل يول بىلەن ئىشلىتىمىز:1)ئىچىدىن ئىشلىتىمىز.ئىچىدىن ئىشلەتكەندە ئېغىز،بۇرۇن،مەقەت ئارقىلىق دورا ماڭدۇرلىدۇ.2)سىرتتىن ئىشلىتىمىز يەنى سىرتتىن دىگەندە ياغلاش زىمات قىلىش،تېڭىش،ئىسىق-سۇغۇق ئۆتكۈزۇش دورا سۈركەش دورا سۈيى بىلەن يۇيۇش قاتارلىقلار.
246.سوئى مىزاج خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى پىرىنىسىپلىرى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:سۇئى مىزاج (مىزاج بۇزۇلۇش) خاراكىتىرلىك كىسەللىكلەرنى دۇرا بىلەن داۋالاش ۋە مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئىچكى ياكى تاشقى تەرەپتىن ئىسسىقلىق ياكى سۇغۇقلۇق ،قۇرۇقلۇق ياكى ھۆللۈكتىن قايسى بىرنىڭ ياكى بۇلارنىڭ قۇشۇلۇپ تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولغان نورمالسىز مىزاجنىڭ ماددىسى بۇزلۇشى ( سۇئى مىزاج سازەج) خاراكتىردىكى مىزاجغا كىرىدۇ. بۇ جىل كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپنىچە تەڭشەش( تەئىدىل) نۇرماللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالنىدۇ.يەنە ھۆللەشتۈرۈش ،قۇرۇتۇش،سۇغۇتۇش،قىززىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.
سۇئى مىزاج سازەجلەرنىڭ يەنى 4خىلى بار بولۇپ، ئۇ قۇشۇلۇپ كەلگەن سۇئى مىزاجلارغا كىرىدۇ.مەسىلەن:قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل ئىسسىق، ھۆل سۇغۇق ۋە قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان سۇئى مىزاجلار،ئۇلارنى داۋالاشتىمۇ تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىندۇ.مەسىلەن: قۇرۇق ئىسسىقلىرىغا ھۆل سۇغۇق، ھۆل ئىسسقلىرىغا قۇرۇق سۇغۇق،ھۆل سۇغۇقلىرىغا قۇرۇق
-60-
ئىسسىق،قۇرۇق سۇغۇقلىرىغا ھۆل ئىسسىق دورىلار بېرلىدۇ.
ئۇمۇمەن بەدەن ياكى مەلۇم ئەزادا 4 خېلىتنىڭ بىرى ئارتىپ ياكى كەمىيىپ كەتسە ياكى بۇزۇلغان غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەر مىزاجنىڭ ماددىلىق بۇزۇلۇشى ( سۇئى مىزاج ماددي) خاراكتىردىكى كىسەللىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ.بۇنداق كىسەللەرگە كۈپىنچە ئالدى بىلەن پىشۇرغۇچى دورىلار،ئۇنىڭىدىن كىيىن ماددىنى سۈرۈپ چىقارغۇچى (مۇسھىل) دورىلار بېرلىدۇ.يەنە تەنقىيە قىلىش ئۇسۇلى قوللىندۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەزانىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتنى كۈچەيتكۈچى ۋە تۈۋەنلەندۈرگۈچى مۇنزىچ،مۇقەۋۋىيات دورىلار بېرلىدۇ.
247.سۇۋۇتۇش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ قانداق كىسەللەرنى سۇۋۇتۇپ داۋالايمىز؟ئىچىدىن ۋە سىرتىتن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سۇۋۇتقۇچى ئۇسۇل چارە ۋە دورىلار قايسى؟
جاۋاپ:سىرتقى مۇھىيت تەسىردىن يەنى ئەمەلى ۋچە تەسىرى ئىسسقلىققا يۇلۇقۇپ،ماددىسىز ئىسسقلىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلەرگە قارىتا تەڭشەش ئارقىلىق سۇۋۇتۇش ئېلىپ بېرىش-سۇۋۇتۇش ئۇسۇلى دېيلىدۇ.
ماددسىز ئىسسقلىتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلەرنى سۇۋۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايمىز.ئاپتاپ ئىسسىقى ۋە يۇقىرى ھاۋا تىمپىراتۇرسى تەسىر قىلىش سەۋەبى بىلەن ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى ،مىڭە قان تۇمۇرلىرى كېڭىيىپ كېتىش، ھۇشسىزلىنش ۋە پۈتۈن بەدەنگە ئىسسق ئۆتۈپ كېتىپ ھالسىزلنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا سىرتىتن سۇغۇق سۇ بىلەن باشنى يۇيۇش،مۇز سۈيى بىلەن يۇيۇندۇرۇش، سالقىن جايغا يۈتكەش،قېتىق ئىچكۈزۈش،سەندەل،نىلۇفەر ،بىنەفشە، تەمرى ھىندى،جەۋھىرى لىمۇن قاتارلىق دۇرىلارنى بەدەنىنى سۇۋۇتقۇچى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلدۇرۇش، پۇت-قولغا مۇز تېڭىش قاتارلىقلار قوللىنىدۇ.
ئەگەر ئىسسقلىق خۇسۇسىيتى بەك يۇقىرى بولسا نەرسىلەرنى ئارتۇق يەپ سېلىپ،ئىچى قىزىپ كەتكەن بولسا،ئىچى تەرەپتىن قېتىق،تەمرى ھىندى سۈيى،سۇغۇق سۈت،ئەرقى سەندەل،كافۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىچۈزۈپ سۇۋۇتۇش ئېلىپ بېرلىدۇ.تەبدىق(خۇراتقۇچى،قاخشاللاشتۇرغۇچى سۇزۇلما قىزىتما) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىچىكى ئەزالارنىڭ تەبىئىي پائالىيتى تىزلىشىپ كېتىشتن ۋە ماددا ئالمىشش جىدديلىشپ كېتىشتىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەرگە ئۇمۇمى بەدەنىنى سۇۋۇتۇش بىلەن بىرگە جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئەرقى سەندەل،ئەرقى كافۇر،ئەرقى كاسىنە،ئەرقى رەيھان،مىۋىلەر سۈيى، ئىسكەنجىبىن شەربىتى،ئىسكەنجىبن بۇزۇرى،بىيە شەربىتى، لىمۇن شەربىتى ،ئەينالۇ،زىرىق مۇرابباسى،قاپاق ئېشى،ئارپا سۈيى،ئەرقى نىلۇفەر قاتارلىقلار ئىشلىتلىدۇ.قىزىپ كەتكەن بەدەن يەكى ئەزاغا سىرگە،ئىسپىرىت سۈرىكەش،سۈگەت غازىڭنى سۇغۇق سۇغا چىلاپ چېپىش قاتارلىقلار قوللىندۇ.شۇنىڭدەك ھاۋالىق ،نەم ئۇرۇنلاردا پەرۋىش قىلىش،بەدەنىنى ياغلاش،سۇغۇق سۇدا ۋاننا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىندۇ.
248 .قىززىتىش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ قانداق كىسەللەرنى قىززىتىش ئارقىلىق داۋالايمىز؟ئۇسۇلى قايسى؟ئىچىدىن،سىرتىدىن قانداق دورا ئىشلىتىمىز؟
جاۋاپ:ھەرخىل ئۇسۇل چارىلار ئارقىلىق ماددىسىز سۇغۇقتىن مىزاجى بۇزۇلغان كېسەللىكلەرگە قارىتا بىرخىل قىززىتش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش – قىزىتىش ئۇسۇلى دېيلىدۇ.
ماددىسىز سۇغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلەرنى قىززىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايمىز.يەنى قار-يامغۇر ۋە سۇغۇق ھاۋادا قېلىش بىلەن سۇغۇق ئۆتۈپ كېتىش،سۇغۇق سۇغا چۈشۈش ۋە بەك سۇغۇق نەرسىلەرنى ئىچىش سەۋەبدىن پەيدا بولغان باش ئاغىرىقى،پۇت-قول مۇزلاپ كېتىش،بۇشۇشۇپ كېتىش،قان بېسىمى تۈۋەنلەپ بەدەن سۇۋۇپ كېتىش قاتارلىقلارغا سىرتىدىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئىسسق سۇدا ۋاننا قىلىش قاتارلىقلار قوللىنىدۇ.شۇنىڭدەك،مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم ئەزالاردا سۇۋۇپ كېتىدۇ.مەسىلەن:ئاشقازان،ئۈچەي،جىگەر،بۆرەك قاتارلىق ئەزالار نۇرمال ھارارەتى تۈۋەنلەپ كېتىپ تەبئىي خىزمەتگە تەسىر يەتكۈزگەندىمۇ ‹‹قىززىتىش››ئۇسۇلى قوللىندۇ. مەسىلەن:سىرتىتىن ئىسسقلىق ياغلار، قەلەمپۇر يېغى، قۇستى يېغى ،دارچىن يېغى،زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلىنىدۇ.ئىچى تەرەپتىن قىززىتقۇچى ئىسسقلىق دورىلار يىگۈزلىدۇ.
249.ھۆللەشتۈرۈش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ قانداق كىسەللەرنى ھۆللەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايمىز؟ئىچىدىن ۋە سىرتىتن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل ھۆللەشتۈرۈش ئۇسۇل چارە ۋە دورىلار قايسى؟
جاۋاپ:ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ماددىسىز،قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى ھەرخىل ئۇسۇل-چارىلار ئارقىلىق مىزاجىنى تەڭشەپ داۋالاش ئۇسۇلى- ھۆللەشتۈرۈش ئۇسۇلى دېيلىدۇ.
-61-
ھۆللەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسەن ماددسىز قۇرۇقلىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىندۇ.يەنى ئۇمۇمى بەدەن ياكى مەلۇم ئەزانىڭ تەبئىي ھۆللۈكلىرى ئازايغان ياكى كۆپ ئىچ سۈرۈش،كۆپ قەي قىلىش،كۆپ تەرلەش،كۆپ قان يۇقۇتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن يەكى ئىچكى ئەزالارغا ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى (ياغ،ئاقسىل،نىشاستەقاتارلىق) يېتىشمەي قېلىشتن پەيدا بولغان كىسەللەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇنى داۋالاشتا ئاساسەن ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قوللىندۇ،يەنى بەدەنگە سۇيۇقلۇق كىرگۈزىلىدۇ.ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى نەرسىلەر مەسىلەن:گۈشلۈك شۇۋا گۈرۈچ،ئارپا ئېشى،بادام،قاپاق مېغىزلىرى،شىرنىسى ۋە ئەرەق دورىلار ئىچكۈزىلىدۇ.سىرتتىن ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى نەرسىلەر سۈرتلىدۇ.سۈت ۋە باشقلار ھەمەل(كىلىزما)قىلنىدۇ.بادام مېغىزى شىرنىسى،ياغلىق ۋە گۆشلۈك سۇيۇق تاماقلار ،مىڭىگە ۋە باشقا ئەزالارغا ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى سۇيۇق غىزالار ،دورىلار ئىچكۈزلىدۇ.ئامىلە نوشتدارى،شارابى ئەبرىشىم،ئەرقى شىر، مائۇللەھمى،مائۇل فەۋاكىھى(مىۋىلەر شىرنىسى) ھالۋايى بادام قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى قۇۋۋەت بەرگۈچى دورىلار ھىسابلىندۇئ
250.قۇرۇتۇش ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ قانداق كىسەللەرنى قۇرۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالايمىز؟ئىچىدىن ۋە سىرتىتن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل قۇرۇتۇش ئۇسۇل چارە ۋە دورىلار قايسى؟
جاۋاپ؛بەدەنگە سىرتتىن ياكى ئىچكى تەرەپتىن غەيرى نورمال ھۆللۈك تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر ،مەسىلەن:دېڭىزدا ياكى ھۆللۈك جايلاردا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش،سۇ ۋە مۇنىچلارغا كۆپ چۈشۈش،ھۆللۈك تائام ،شاراپلارنى ۋە مىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ،ئەمگەك تەنھەركەت قىلماي تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر،مۇسكۇل ئەسەبلەرنىڭ بۇشۇشۇپ كېتشى،پالەچ،لەقۋا،تىتىرىمە كېسەل(رەئىشە) سۇلۇق ئىششق،مۇفاسىل،شۆلگەي ئىقىش ئاياللاردا ئاق خۇن كۆپىيىش قاتارلىقلارغا قارىتا قۇرۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى ئازايتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىستىپراق قىلىش چارىلىرىنى يەنى تەرلىتىش ئاپتاپقا سېلىش قومغا كۈمۇلدۇرۈش ئىچكى تەرەپتىن قۇرۇق تەبئەتلىك دورا ۋە چارىلار قوللىنىدۇ.مەسىلەن ماتىدىل ھايات،ھەببىي جەدۋار،جاۋارىش جالىنۇس،جاۋارىش كۇندۇر مائۇل ھەسەل قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.سىرتتىن قەلەمپۇر يېغى دارچىن يېغى پەرفىيۇن يېغى قاتارلىقلار سۈرىلىدۇ.
251-قان خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى قانداق داۋالايمىز؟
جاۋاپ:1)قان سان جەھەتتىن ئۆزگۈرۈپ كەتسە يەنى بەدەندىكى جان خىلىت مىقدارى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپۈيۈپ كەتسە ياكى مەلۇم ئەزادا بەلگۈلۇك سەۋەپ بىلەن قان توپلىشىپ ئاقالماي قېيىپ قېلىش خەتەر چىقىرىش ئېھتىمالى ياكى چوڭ جان تۇمۇر يېرىلىپ كېتىش ئىېھتىمالى بولسا مەسىلەن:ئۆپكە كىسەللىكىگە ئۆپكە ئىششىق بولسا ئۆپكە شىرياتلىرىدا توسۇلۇش يۈز بىرىپ ياكى مىڭىگە قان توسۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئالامەت كۆرۈلگەندە ئوڭ ياكى چەپ بىلەكنىڭ ۋەرد تۇمۇرىدىن «كۆك قان تۇمۇر» قان ئېلىش ناھايىتى پايدىلىق.شۇ ئارقىلىق كىسەلنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ. (2) قان قۇيۇلۇپ قېلىش›مەسىلەن :قان زەردابىنىڭ كۆپلەپ چىقىپ كېتىشى، كۆپ قۇسۇش،كۆپ ئىچى سۈرۈش سەۋەبى بىلەن قان قۇيۇلۇپ قېلىش،قان ئېقىمى ئاستلاپ قېلىپ،ئەمەلىي قان ئايلىنىش مىقتدارى ئازىيىپ ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يىتىپ جىددى ئەھۋاللاركېلىپ چىقسا ،قانىنى سۇيۇلدۇرۇش چارىلىرىنى كۈرۈش لازىم.ئەگەر قانىنىڭ تەركىبىگە بەلغەم،سەۋدا ،سەپرا ماددىلىرى كۆپلەپ ئارلىشىپ قالغان بولسا ياكى ياغ ماددىسى، شىكەر،تۇز ماددىلىرى كۆپۈيۈپ كەتكەن ياكى قان باشقا ماددىلار بىلەن زەھەرلەنىگەن بولسا قان تازىلاش ئۇسۇلى(تەسفىيەخۇن)قوللىنلىدۇ.
دورىلاردىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى شاھتەررە،ئەرىقى مۇسەففىخۇن، مەتبۇخى ھېلىيلە،ئەرىقى چۆبىچىن قاتارلىقلار بىرلىدۇ.(3) قان زەھەرلنىش،قانىنىڭ ئۇفۇنەتلىنشى ۋە جاراسىملارنىڭ ئارىلىششى.قان زەردابى ۋە قاندىكى غەيرى تەبىئى سۇيۇقلۇقلار قان تۇمۇرلاردىن سىرغىپ چىقىپ،تۇقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرگە تۈكۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇندا ياكى بىرەر ئەزادا ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى،مەسىلەن :ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان،ئۈچەي ياللۇغى،يۈرەك،جىگەر ۋە مىڭە ياللۇغلىرىدەك جىددي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە ھارارەت كۈتۈرلۈش،ھاسىراش،نەپەس سىقىلىش،تارتىشىپ قېلىش،ئىشتەي تۇتۇلۇش، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ماددىي كسەلدە ئالدى بىلەن ھارارەتنى نۇرماللاشتۇرۇش،ئارام بىرىش،زەھەرلەندۈرۈش ئۈچۈن (قۇقاق ياندۇرۇش) بىنەفشە،نىلۇفەر،تەمىرى ھىندى،ئەينۇلا،
گاۋزىبان،بىيە ئۇرۇقى،ئەنگۈر شىپا قاتارلىق دورىلار بىلەن كاشكاپ تەييارلاپ بېرىمىز.
252.ماددىلىق قۇرۇق ئىسسقلىقتىن مىزاج بۇزۇلۇشلۇق كېسەللىكلەر قايسى؟داۋالاش پىرىنىسپى نىمە؟
جاۋاپ:بۇنداق كسەللەر ئاساسەن بەدەندە سەفرا خېلىتى غەيرى تەبىئىي كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتا ياللۇغى،ئۆت يۇلى ياللۇغى ھەم ئۆت يولى تۇسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.يەر قان كېسىلى ھەم
-62-
ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشلارنىڭ كېلىپ چىقشى ھەزىم ئەزالىرنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇش(ھۆ بولۇش،قەي قىلىش،ئىچى سۈرۈش،قۇرساق كۈپۈش) كۆز تورلىشش،ئۇيقۇ قېچىش،نىرۋا قوزغۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.ئالدى بىلەن سەپىرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بىرىمىز.سەپىرا خىلىتىنىڭ پىشىش ۋاقتى ئادەتتە 3-5 كۈنگىچە بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن خىلىتىنىڭ مۇسھىلى ئۈچۈن مەتبۇخ ھەلىيلە،ھەببى سەبىرە بىرىپ كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىمىز ئاخىرىدا سەپىرا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى چۈچۈمەلىكىنى پەسەيتكۈچى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە ھكل سۇغۇق نەرسىلەر،دورىلار بىرىلىدۇ.مەسىلەن:سىركەنجىبىن بۇزۇرى،ئەينەلۇ مىرابباسى،سەندەل شەربىتى،بىيە شەربىتى،زىرىق شەربىتى،ئەرقى بەدىيان،ئەرقى كاسىنە،ئەرقى ئەنگۇر شىپا،ئاچچىق شەربىتى قاتارلىقلارنى بىرىمىز.
253-ھۆل سۇغۇقتىن ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرى قايسى؟داۋالاش پىرىنسىپى نىمە؟؟
جاۋاپ:بۇندق كىسەللىكلەر كۆپىنچە مۇسكۇل،پەيلەر،بوشۇشۇپ كىتىش،سۇلۇق ئىشىق ۋە شۆلگەينىڭ ئېشىپ كېتىشى،پالەچ،ئۇيقۇ كۆپۈيۇپ كىتىش ھۇرۇنلۇق،بوشاڭلىق ئەھۋاللىرىنىڭ زىيادىلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.داۋالاش ئۇسۇلىدا قۇرۇق-ئىسىق دورىلار بىلەن داۋالايمىز.تەرلىتىش قۇمغا كۈمۇش تەنھەركەت قىلدۇرۇش ئالدى بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ مۇسھىلىرىنى بىرىمىز.مۇسھىلى ئۈچۈن ھەببى قوقىيا،ھەببى ئايارەنجى،ئايارەنجى پەيقىرا،لوغانزىيالارنى بىرىپ كېسەلنىڭ ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىمىز.ئاندىن كېيىن مائۇل ئۇسۇل شەربىتى،زەبىپ،مەجۇنى پالاسپە،مەجۇنى جەدىۋار قاتارلىق ئىسىق دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ.بۇنىڭ مۇنزىچنى 7-كۈندىن 10-كۈنگىچە بىرىمىز.
254-قۇرۇق-سۇغۇقتىن ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرى قايسى؟قانداق داۋالايمىز؟
جاۋاپ:بۇخىل كىسەللىكلەر ئاساسلىقى سەۋدا ماددىسىدىن بولىدىغانبۇلۇپ جوزام،سەرتان«راك» ۋە باشقا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر،شۇنىڭدەك نېرۋا كېسەللىكلىرى،مالىخولىيا،جۇنۇن،قاتارلىقلار.بۇنى داۋالاش پىرىنسىپى سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ۋە مۇسھىلىنى بىرىمىز ھەم غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى باشقا خىلىتىلارنىڭ كۈيىشىدىن بولغان بولسا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا باشقا خىلىتىلارنىڭ مۇنزىچىنى بىرگە قوشۇپ بىرىمىز.مۇنزىچ بىرىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بۇلۇپ 10كۈندىن 15كۈنگىچە ھەتتا بىر ئايغىچە بىرىلىدۇ.
255-مۇنزىچ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:مۇنزىچ ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ «پۇشۇرغۇچى»دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.تىببى ئىلىمدە ماددىنىڭ قىيامى«قۇيۇقلۇق دەرىجىسى»نى تەڭشىگۈچى دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.ئومۇمەن بىرقىسىم سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن ئېلگىرى ياكى كېسەللەك ماددىسىنى سۈرۈشتىن ئىلگىرى قوللىنىلدىغان سۇيۇلۇق تولدۇرۇپ بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئسۇسۇلىدۇر.بەدەندىكى ماددىلارنىڭ قۇيۇقلۇق درىجىسىنى تەڭشىگۈچى ماددا مۇنزىچ دورا دىيىلىدۇ.مۇنزىچ ئاساسەن مەلۇم مىزاق ۋە كەيپىياتقا ئىگە دورا سۇيۇقلۇقىغىنى بەدەنگە كىرگۈزۇش ئارقىلق بەدەن سۇيۇقلۇقىغىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ۋە مىقدارى جەھەتتىكى بىرلىك تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش ۋە نۇرماللاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغۇچى سۇيۇقلۇققا قارىتىلغان.قەدىمقىلارنىڭ نەزىريىۋى كۆز قارشى ۋە ھازىرقى زامان فىزىلوگىيە ۋە فتىلوگىە ئىلمى ئاساسىدىن قارىغاندا مۇنزىچ بىرىش ماددىنىڭ قىيامىنى تەڭشەش بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولدۇرۇش ۋە ئاخىرقى ھېساپتا بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى كۈچەيتىپ كېسەللىك ماددىلىرىنىڭ تەبىئەت تەرەپتىن ھەيدەپ چىقىرلىشىغا شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
256-مۇنزىچ دورىلار قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
1)مۇنزىچ بەدەنگە سۇيۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ.2)مۇنزىچ دورىلار ئەزا توقۇلمىلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.بەدەندىكى دېسمىلاتسىيە ۋە ئاسىمىلاتسىيەنى ياخشىلايدۇ.3)مەلۇم دەرىجىدە بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ بەدەننىڭ كېسەللىك ماددىسىنى ھەيدەپ چىقىرشقا تۈرۈتكە بۇلىدۇ.4)بەدەندىكى سۇ ئېلىكتىرولىتلارنىڭ ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ۋە تۇيۇنۇش دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياكى تەڭشەپ بۇ خىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بىرىدىغان رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.5)مۇنزىچ دورىلار مەلۇم دەرىجىدە تازىلاش رولىغا ئىگە.بۇدورىلار ماددىنىڭ قىيامىنى تەڭشەش بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئۇفۇنەتلەنگەن ماددىلارنى تازىلايدۇ.6)مۇنزىچ دورىلار مەلۇم دەرىجىدە ھارارەتنى كونتىرول قىلىپ تىمپىراتۇرنى تەڭشەش رولىنى ئۆتەيدۇ.بۇ ئارقىلىق غىزالىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە ئۆزلىشىشى ۋە سۈمۈرلۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ.
257-قانداق كىسەللىكلەرگە مۇنزىچ بىرىمىز؟
جاۋاپ:1)سوزۇلما كېسەللىكلەرگە مۇنزىچ بىرىشىمىز كىرەك.چۈنكى سوزۇلما كېسەللىكلەردە. (1)كېسەللەنگەن ئەزا،
-63-
بەدەننىڭ شۈمۈرۈش،چىقىرىش پائالىيىتى تۆۋەنلىگەن بۇلىدۇ.(2)سوزۇلما كېسەللەردە ئەزا توقۇلمىلارنىڭ ئىلاستىكىلىغى ئاجىزلاشقان بۇلىدۇ.بۇنىڭدا مۇنزىچ بەرمەي سۈرگى بەرسەك ئەزالار تېخىمۇ كۆپ سۇيۇقلۇق يوقۇتۇپ تارتىشىپ قېلىش چۈرۈكلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.(3)ئۇزۇن مۇددەت كېسەل تارتقاچقا تەبىئەت ئاجىزلاپ كېتىدۇ.مۇنزىچ بەدەنگە مەلۇم سۇيۇقلۇق تولدۇرۇپ بەدەن ئىمۇنىتىنى ئاشۇرۇىدۇ.ئۇ كېيىنكى ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ تەبىئەتكە ياردەمچى بۇلۇش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.)4)سوزۇلما كېسەللىكلەرىگە مۇنزىچ بىرىش سۈرگە بىرىشتىن كېلىپ ۋىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.2)بىر قىسم دىئاگۇنۇزى ئىنىق بولىمىغان كېسەللەرگە مۇنزىچ بىرىىش ئارقلىق دىئاگۇنىزى ۋە ماددىسنى ئايرىيىمز.
3) سۇزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللەرگە قايتا-قايتا مۇنزىچ بىرىش،مۇسھىل بېرىش ئارقىلىق كېسەللىك ماددىسنى تۇلۇق چىقىرىش مەقسىدىگە يېتىمىز.
4)تەرتىپسىز قىززىتما ھەم خوراتقۇچى قىززىتمىلارغا بەدەنگە سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاپ تۇرۇپ ھەم كېسەللىك ماددسنى تەڭشەش مەقسىدىدە قارارلىق ھالدا مۇنزىچ بېرىمىز.
5) جىددي كېسەللەردىن ئېغىر سۇ يۇقاتقان بولسا،مەلۇم مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق سۇ ۋە ئېلىكتىرلىتلارنى تۇلۇقلايمىز.
258.قان خېلىتدىن بولغان كېسەللەرگە نىمە ئۈچۈن مۇنزىچ بەرمەيمىز؟
جاۋاپ:1)قان خىلىتى ئۆزگۈرۈشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىدە قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تۇمۇر دىۋارىغا بىرىدىغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.)مۇنزىچ دورىلار مىقدارى جەھەتتىن كۆپىرەك ئىشلىتىلىدۇ.3)مۇنزىچ دورىلارنىڭ تەسىر ئاستا بۇلىدۇ.4)مۇنزىچ دورىلار قانغا شۈمۈرلۇپلا قاننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.شۇڭا خاتا ھالدا مۇنزىچ بىرىلىو قالسا بەزىدە قىلقان تۇمۇرلار يېرىلىپ ئىچكى قاناشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.شۇڭا قان خىلىتىدىن بولغان كېسەللىككە مۇئەددىلات خارەكتىرلىك دورا بىرىمىز.
259-قانداق كىسەللىكلەرگە مۇنزىچ بىرىشكە بولمايدۇ؟
جاۋاپ:1)قان خىلىتىدىن بولغان كىسەللىكلەرگە 2)ئۆتكۈر قىزىتمىلق كىسەللىك ئۆزگۈرۈشلىرىگە 3)ئېغىر دەرىجىلىك يۈرەك زەئىپلىەشكەندە مۇنزىچ بىرىشكە بولمايدۇ.چۈنكى مۇنزىچ دورىلار يۈرەكنىڭ كۈچىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.4)سۈيدۈك توسۇلغان سۈيدۈك يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قالغان جىگەر قېتىش خارەكتىرلىك سۇلۇق ئىششىقلاردا مۇنزىچ بىرىشكە بولمايدۇ.
260-ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىك ئۆزگۈرۈشلەردە مۇنزىچ بەرمەي نىمە ئۈچۈن جىددىي چارە قىلىمىز؟
جاۋاپ:چۈنكى:1)ئۆتكۈر قىززتمىلىق كېسەللەردە خەتەرلىك ئەھۋاللار بىرگە كېلىدۇ.2)بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تېخى ئاجىزلىشىپ كەتمىگەن بۇلىدۇ.3)مۇنزىچنىڭ تەسىر ئاستا بولغاچقا جىددي ئەھۋاللارغا تەسىرى ئاستا بۇلىدۇ.4)مۇنزىچ دورىلار مەلۇم تىپىك ئالامەت خارەكتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۈن مۇنداق جىددىي كېسەللىكلەر كەلسە مۇنزىچ بىرمىز دەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي جىددىي چارە قىلىشىمىز لازىم.
261-مۇنزىچ دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟
جاۋاپ:1)مۇنزىچ دورىلارنى ئىستىمال قىلۋاتقان ۋاقىتتا كۈچەيتكۈچى،قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.بۇندا دورىلار بەدەننىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى ھەم بەدەننىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ مۇنزىچ دورىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.2)چوقۇم مىزاجىنى ۋە خىلىتنى توغىرا ئايرىپ ئاندىن شۇ خىلىتقا قارىتا دورا ىرشىكە بۇلىدۇ.3)تەپسىلى كۈزۈتۈپ ماددا پىشقىچە ئالدىراپ تەنقىيە بەرمەسلىك كېرەك بەزىدە مەلۇم خىلىتقا قارىتا بەرگەن مۇنزىچىمىز ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى كۆزىتىلگەن ۋاقىتىدا تەسىر بەرمەسلىكى مۇمكىن4)مۇنزىچ بىرىش ۋاقتىغائېسلىۋالماي كېسەلدە كۆرۈلگەن ئالامەتلەرگە قاراش،بىمارنى كۈزۈتىش.5)كۈتۈلمىگەندە ئىلمىنىتلار«تۇرۇپ قېلىش،قوشۇپ قېلىش»يۈز بىرىپ بكرەك،يۈرەك،مىڭە قاتارلىق ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش بۇلۇپمۇ ئىچكى ئەزالاردا قاناش يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى كۈزۈتۈش لازىم.6)بەزى ئەھۋاللاردا ھەزىم قىلىش خىزمىتى پەيدا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مۇنزىچ دورا بىرىلگەندىن كېيىن قۇسۇش ئەھۋالى يۈزبىرىشى مۇمكىن ئەگەر بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا قۇسۇش يۈز بىرىپ 3 كۈن ئۆتكىچە مۇنزىچ بەرمەسلىك كىرەك.7)مۇنزىچ بىرىۋاتقاندا غىزاغا دىققەت قىلىش لازىم،مۇنزىچ دورىنىڭ رولىغا قارشى بولغان يىمەكلىكلەرنە ئىشتىمال قلماسلىق لازىم.8)مۇنزىچ دورىلار ئۆز تەسىرىنى تۇلۇق كۆرسەتمىگۈچە كېسەللىكلەرنى مۇنچىغا چۈشۈش،كۆپ تەرلەش،روھى جەھەتتىن زىيادە چارچاش،ئاسان ئاچچىقلىنىش ئەھۋالىدىن ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۇشتىن چەكلەش لازىم.
262-ماددا پىشقانلىغىنى قايسى ئەھۋالدىن بىلىمىز؟
-64-
جاۋاپ:ماددا پىشقانلىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئەھاۋلدىن بىلىمىز؛1)سۈيدۈكتىن بىلىگىلى بۇلىدۇ.سۈيدۈكنىڭ رەڭگى تورىنجى رەڭدە كەلسە سەفىرانىڭ پىشقانلىغىنى ئاق سېرىق كەلسە بەلغەمنىڭ پىشقانلىغىنى قارامتۇل ياكى دوغلاق كەلسە سەۋدائاساسەن،بەلغەم بىەن سەۋدا ماددا پىشسا سۈيدۈك قۇيۇق كېلىدۇ.(2) تۇمۇردىن بىلگلى بولىدۇ.دەسلەپ تۇمۇرى قاتتىق سالسا، ماددا پىشقاندىن كىيىن يۇمشاق سالىدۇ،ئەگەر بوش يۇمشاق سالغان بولسا پىشقاندىن كىيىن قاتتىق سالىدۇ.ئەگەر ئاجىز بولسا پىشقاندىن كىيىن تۇمۇرى كۈچلۈك سالىدۇ.سەپرادىن بولغان كىسەلدە ماددا پشقاندىن كىيىن تۇمۇرى يۇمشاق سالىدۇ.(3)ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق بولسا،ماددا پىشقاندىن كىيىن تېتىقسىز بەد،بېبىيزە بولىدۇ.ئەگەر چۈچۈمەل بولسا پىشقاندىن بىر ئاز تەمسىز بولىدۇ.ئەگەر ئېغىز ھەم تىل قۇرۇپ گەز باغلغان بولسا اماددا پىشقاندىن كىيىن ئېغىزى نەمخۇش،شىلىمشىق بولىدۇ.(4) تېرە:زىيادە سۇغۇق ھەم قۇرغاق بولغان بولسا ئىسسىق ھەم ھۆل بولىدۇ.رەڭگى سارغايغان بولسا سەل ئاقىرىدۇ.تاتىرىپ كەتكەن بولسا قىزىرىدۇ،ھەم نۇرسىز، ئاق بولسا پاقىراق سېلىق بولىدۇ.(5)ئۇيقۇ،ئۇيغاقلىق جەھەتتە:ئۇيقۇسى ئاز بولسا كۆپىيدۇ.كۆپ چۈش كۆرۈش،جۆيلۈش ئەھۋالى بولسا تەدىرجى يۇقايدۇ.زىيادە ئۇيقۇسى بولسا كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
263.خالىس سەپرا خېلىتنىڭ مۇنزىچى قايسى ۋە غەيرى سەپرا خېلتنىڭ مۇنزىچىچۇ؟
جاۋاپ:1-نوسخا:خالىس سەپرا خېلىتى ئۈچۈن،چىلان 7دانە،گۈلبىنەفشە10گىرام،گۈل نىلۇفەر5گىرام،شاھتەررە5گىرام،
ئەينۇلا7دانە،تەرخەمەك ئۇرۇقى 7گىرام،بۇ دورىلارنى قائىدە بويىچە 10ھەسسە سۇدا قاينىتىپ پاكىزلەپ،110مىللىلىتىرنى
24مىللىلىتىر شەربىتى نىلۇفەر ياكى شەربىتى ئىسكەنجىبىن،24مىللىلتىر شەربىتى بۇزۇرى بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
2-نوسخا:غەيرى خالىس سەپرا خېلىتى ئۈچۈن،چىلان 7دانە،گۈلبىنەفشە10گىرام،قىزىل گۈل 5گىرام،شاھتەررە5گىرام،
ئەينۇلا7دانە،ئىت ئۈزۈمى 5گىرام،بىيە ئۇرۇىقى،تەمرى ھىندى 5گىرام ،بۇ دورىلارنى كەچتە قايناق سۇغا چىلاپ ئەتسى سۈزۈپ، گۈلقەنىت ياكى تەرەنجىبىن شىرنسى ،شىرخىست ياكى بىنەفشە شەربىتى ياكى خېمىرى بىنەفشە قۇشۇپ بېرىلىدۇ.
264. خالىس بەلغەم خېلىتنىڭ مۇنزىچى قايسى ۋە غەيرى بەلغەم خېلتنىڭ مۇنزىچىچۇ؟
جاۋاپ:بەلغەمنىڭ مۇنزىچ نۇسخىسى:خالىس بەلغەم ئۈچۈن(يەنى بەلغەم خلىتىغا باشقا خلىتنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى قۇشۇلمىغان خاسلا بەلغەمنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشى بولغان ھالەت)گۈل بىنەفشە5گىرام،گاۋزىبان ھىندى5گىرام، بادىيان7گىرام، بىخ بەدىيان7گىرام،قىزىل ئۈزۈم9گىرام،بىخ سۇس مۇقەششەر5گىرام،پىرسىياشان5گىرام،ئەنجۈر زەرىد 3دانە،بۇدورىلار 10 ھەسسە سۇدا قاينتىلىپ سۈزۈپ ھەسەلدە قىلىنغان گۈلقەنىتىن 24گىرام قۇشۇپ بېرلىدۇ.
2نۇسخا:غەيرى خالىس بەلغەم ئۈچۈن گۈل بىنەفشە5گىرام،كەرەپشە ئۇرۇقى3گىرام،ئىزخىر 5گىرام،ئۈستى قۇددۇس5گىرام،ئۇرۇقسىز ئۈزۈم9گىرام،بادىيان7گىرام،بىخ بەدىيان7گىرام،رۇم بەدىيان5گىرام،پىرسىياشان5گىرام، بىخ سۇس مۇقەششەر5گىرام،ئەنجۈر زەرىد2دانە،بۇ دۇرىلار 10ھەسسە سۇدا قاينىتپ سۈزۈپ 36 گىرام ھەسەل قۇشۇپ بېرلىدۇ.
265.سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى قايسى؟
جاۋاپ:سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى-ھەې ئىككىلا تەبئىي ھالىتى ئۈچۈن ئورتاق گاۋزۇبان 5گىرام،گۈلى گاۋزۇبان 5گىرام،چىلان 7دانە،مۇيىز مۇناقى 9دانە،بادىرەنجى بۇيا 5گىران،بەدىيان7 گىرام،پىرسىياۋشان 5گىرام،ئۇستىقۇددۇس 5گىرام ئەفتىمۇن 5گىرام بۇ دورىلار 10 ھەسسە سۇدا قاينىتىپ 24گىرام گۈلقەنىت ياكى 24گىرام شىكەر قوشۇپ بىرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:غەيرى تەبىئي سەۋدا خىلىتى ئەگەر باشقا خىلىتنىڭ تەسىرىدىن كۆيگەن بولسا تەسىر قىلغۇچى خىلىتنىڭ مۇنزىچلىرىنى تاللاپ قوشۇپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.ئەگەر قان خىىلىتىنىڭ كۈيۈشىدىن سەۋدا خىلىتى كۆيگەن بولسا سەۋدا خىلىتى مۇنزىچىغا شاھتەررە 7گىرام چىلان 7دانە،سەرپۇكە«قۇمۇش يىلتىزى ياكى قۇمۇش چېچىكى» سەۋدانىڭ مۇنزىچىغا قوشۇپ بىرىلىدۇ.ئەگەر سەپىرنىڭ كۈيۈشىدىن سەۋدا غەيرى ھالەتكە ئۆزگەرگەن بولسا سەۋدانىڭ مۇنزىچ نۇسخسىغا سېرىق ھېلىيلە،تەمىرى ھىندى،ئەينالۇ،كاسىنە ئۇرۇقى،تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ بىرىشكە بۇلىدۇ.تەبئىي بەلغەمنڭ كۆيۈشىدىن سەۋدا خىلىتى كۆيگەن بولسا سەۋدانىڭ مۇنزىچىغا ئەفتىمۇن ئۇرۇقى،بادىرەنجى بۇيا،ئۈستىقۇددۇس،ئەفتىمۇن قاتارلىقلار قۇشۇلىدۇ.سەۋدا خىلىتى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر دەرىجىدىكى كۆيۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە مۇنزىچ نۇسخسىغا قارا ھېلىيلە،غارىقۇن،ئەفتىىمۇن،بىستى پايەچ قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.
266.دورا بىلەن داۋالاشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم شەرتلەر قايسى؟
جاۋاپ:1)بىمارغا دورا ۋە داۋالاش چارىلىرىنى بەلگىلەشنىڭ ئالدىدا كېسەلنىڭ سەۋەپ ۋە ئالامەتلىرىنى ئەتىراپلىق تەكشۈرۈپ دىئاگىنۇز مۇقۇملاشقاندىن كېيىن قايسى دورىلارنى قانداق ئىشلىتىشنىڭ لاھىيسىنى تۈزۇپ چىقىش لازىم. 2)داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىنىڭ كەيپىياتىن تاللاش يەنى كېسەلگە ئىسىقلىق سۇغۇقلۇق ھۆللۇك ياكى قۇرۇقلۇق
-65-
خۇسۇسىيەتلىك دورا بىرىش لازىممۇ؟ ياكى مۇئەددىل«تەڭشىگۈچى»دورا ياكى مۇنزىچ«سۈرۈپ چىقارغۇچى»مۇقەۋۋىي«كۈچەيتكۈچى»دورا بىرىش كېرەكمۇ؟ بۇلارنى كېسەل كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دىققەت بىلەن تاللىۋېلىش لازىم.بىر كەيپىياتتىكى دورىلارنىڭ تەسى دەرىجىسىنى مەسىلەن:بىرىنچى دەرىجىسىمو ياكى ئىككىنجىلىكىمۇ؟بۇلارنىڭ نەزەردە تۇتۇش لازىم.3)ھەربىر كىسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورا مىقدارىنى «ئۆلچىمىنى»توختىتىش يەنى كېسەل كىشىنىڭ بەدىنى ۋە ئەزالارنىڭ تەبىئىيتى كېسەلنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكى ۋە ئەسىلى مىزاج يېشى،جىنسى،كەسپى،ئادىتى،ئۇرۇق-سىمىزلىكى،كۈچ قۇۋۋىتى،داۋالىنىۋاتقان پەسىل،بىمارنىڭ مىللىتى ،يۇرتى قاتارلىق ئەھۋالىغا قاراپ دورا مىقدارىنى بەلگىلەش لازىم.4)كېسەل ئەزانىڭ ئەسلى تۈزۈلىشىگىمۇ قاراش كېرەك ئەگەر كېسەللەنگەن ئەزانىڭ ئەسلى تۈزۇلۇشى يۇمشاق ۋە بۇلۇتسىمان بولسا مەسىلەن:ئۆپكىدەك ياكى سوزۇلۇشچان كانال ئەزا بولسا مەسىلەن:قان-تۇمۇرلا،ئۈچەيدەك تەسىر قىلىش كەيپىياتى يەڭگىل ،سان جەھەتتىن ئازراق دورا ئىشلىتىش كېرەك،كېسەللەنگەن ئەزانىڭ تۈزلۈشى چىڭ ۋە قاتتىقراق بولسا (مەسىلەن:يۈرەكتەك)ياكى تاشقى يۈزى قىلىن ۋە چىڭ بولسا (مەسىلەن:تېرە ۋەپۇت-قول پەيلىرىگە ئوخشاش)ئۇلارغاقىلىدىغان دورىلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈكرەك سانى كۆپرەك بولىشى لازىم،ئەگەرئەزانىڭ قاتتىق -يۇمشاقلىقى ئوتتۇرا ھال بولسا،سان ۋە كەيپىات جەھەتتە ئوتتۇراھالراق دورا ئىشلىتىش لازىم.
(5)بەشنىچى شەرت:كېسەللەنىگەن ئەزانىڭ ئورنى دورنىڭ ئۆتۈش يولىدا بولسا(مەسىلەن.ئېغىز،قىزىل ئۆڭگەچ،ئاشقازانغا ئوخشاش)ئۇنىڭغىمۇ مۇئەددىل دورا ئىشلىتىش كېرەك.دورىلار بىۋاستە تېگىپ ئۆتىدىغان يۇقارقىدەك ئۇرۇنلارغا بەك ئېچىشتۇرىدىغان،غىدىقلايدىغان ئۆتكۈردورىلارنى ئىشلەتمەسىلىك،كېسەللىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردىن يىراق جايدا ئورۇنلاشقان بولۇپ،دورىلارنىڭ سۈمۈرلۈشى تەسىرەك بولسا(مەسىلەن:مەسانە،بالياتقۇ ۋە پۇت-قول بۇغۇملىرى قاتارلىق جايلار)،ئۇلارغا مىقتدارى ۋە كەيپىيات جەھەتىتىن كۈچلۈكرەك دورا بېرىش لازىم،داۋالاش كۇرسىمۇئۇزۇنراق بولغنى ياخشى.
(6)ئالتنىجى شەرت:ئەزانىڭ خىزمىتىگە ۋە تەبىئىي خۇسۇسىيتىگىمۇ قاراش كېرەك،ئەگەر كېسەل بولغان ئەزا يۈرەك،مىڭە،جىگەر،ئۆپكە ۋە بۆرەكتەك داۋاملىق مۇھىيىم خىزمەت ئىشلەپ تۇرىدىغان ئەزالار بولسا ئۇنى دورا بىلەن داۋالاشتا كۆپ ئىھتياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك.
(7)يەتتنچى شەرت:كىسەللنىڭ ئېغىر-يەڭگىلىلكنى چوڭغۇر كۈزۈتۈش كېرەك،ئەگەر كېسەل يەڭگىل بولسا ئەلۋەتتە يەڭگىل دورا،ئېغىر بولسا كۈچلۈك دورا ئىشلىتىش لازىم،ئېغىرۋە ئىنىچىكە كېسەللەرگە كۈچلۈك دورا ئىشلىتىشتىن قورقۇپ‹‹تەبىئەت››گە ھاۋالە قلىمىز دەپ ۋاقتنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك،چوڭقۇر ،ئەتراپلىق كۈزۈىتىپ كۈچ قۇۋۋىتى بار چاغدا داۋالاشنى تېزراق ئېلىپ بارغان ياخشى.
267.دورا بىلەن داۋالاش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:كېسەللەرنى ھەرخىل دورا بىلەن داۋالاپ،ئىمكان قەدەرئەزانىڭ پۈتۈنلىكنى بۇزماي ساقايتىش،نورمال ھالەتنى ئەسىلگە كەلتۈرۈش دورا بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىلئەدىۋىييە) دەپ ئاتلىدۇ.
268.دورا بىلەن داۋالاش نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:دورا بىلەن داۋلاش 2خىل بولىدۇ.
(1) ئۇمۇمى بەدەنىنى داۋالاش.(2)يەرلىك ئورۇنىنى داۋالاش
1)ئۇمۇمى بەدەننى داۋالاش:-بەدەندىن كېسەللىك ماددىسنى سۈرۈپ چىقىرىش ياكى بەدەنىنى تازلاش(ئىستىفىراغ)قا قارىتلىغان،مەسلەن:كېسەللىك ماددسىنى پۇشۇرۇش،سۈزۈپ چىقرىش ۋە ئۇمۇمى بەدەنىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار.
2)يەرلىك ئۇرۇنىنى داۋالاش:- يەرلىك ئۇرۇنغا سىرتتىن ھەرخىل دورىلارنى ئىشلتىشكە قارىتلغان.مەسىلەن:زىمات(سىرتتىن چاپىدىغان مەلھەم)لارنى چېپىش، ياغ ۋە دورىلارنى سۈركەش،دورا بىلەن يۇيۇش قاتارلىقلار.
269.سوئى مىزاج خاراكتىلىك كېسەلنى داۋالاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟
جاۋاپ:1)كېسەللەنگەن ئەزانىڭ تەبىئىي مىزاجغا قاراش كېرەك.
2)كېسەللىك مىقتدارى(ئېغىر-يەڭگىللىگى)گە قاراش،
3)كېسەلنىڭ جىنسىغا قاراش.
4)كېسەلنىڭ يېشىغا قاراش،(قېرى-ياشلىقغا).
5) كېسەلنىڭ كەسپىگە قاراش،
-66-
6)تۇرمۇش ئادىتىگە قاراش،
7)ئۇرۇق-سىمىزلىكىگە قاراش،
8)كېسەلنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىگە قاراش.
9)كېسەل داۋالاشتىكى پەسىلگە قاراش.
10)كېسەل ياشىغان يۇرت ۋە ئىقلىمغا قاراش كېرەك.
270.مۇسھىل دورا دىگەن نىمە؟نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ؛مۇنىزىچ تەسىرىدە پىشپ لايىقلاشقان ماددىلارنى مەجبۇرى ۋە ئىختىيارى ھالدا چىقىپ كېتىشكە لايىقلاشقان كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلاش رولنى ئوينايىدىغان دورىلار مۇسھىل دورلار دەپ ئاتلىدۇ.بۇ 2خىل بولىدۇ.1)مەجبۇرى سۈرۈش 2)ئىختىيارى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
271.مۇسھىل دورىلار قانداق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؟
جاۋاپ: 1)نىرۋىپلارنى قوزغۇتۇپ ،مۇسكۇل تۇقۇلمىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يەرلىك ئۇرۇندا تەبئىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ تىزلىتىش،غىدىقلاش پەيدا قىلىپ ،كىرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ.
2)مۇسھىل دورىلار يەرلىك ئۇرۇندا كىسەل پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بىۋاستە ئۆزىگە تەسر قىلىپ يۇمۇشتۇپ ياكى ئىرىتىپ سۈپتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا كىسەل پەيدا قىلىش ھالىتىنى يۇقتىدۇ.
3)ئۈچەينىڭ لۆمىلدىمە ھەركىتنى كۈچەيتىپ شۇ ئارقىلق قۇۋۋىتى داپىئەنى كۈچەيتىپ ئۈچەينىڭ ئىچكى بېسىمنى تۈۋەنلىتىدۇ.نەتىجىدە مۇنزىچ تەسىردە پىشىپ لايىقلاشقان نۇرمالسىز خىلىتلار ئۈچەيگە قۇيلىدۇ.ئاندىن بەدەن سىرتىغا چىقىىرپ تاشلىنىدۇ.
4)زەھەر قايتۇرۇش،قىزىتما قايتۇرۇش،يەل ھەيدەش،خىلىتلارنىڭ ئۆتكۈرلىكنى پەسەيتىش ئارقلىق نۇرمالسىز خىلىتلارنى ئىسلا قىلىدۇ.ئۆزگەرتىدۇ.
5)سۈيدۈك ھەيدەش،تۇسالغۇلارنى ئېچىش،ماددىلارنى پارچىلاش،ھۆللۈكنى ئازايتىش ئارقىلىق ئاخىرىقى ھىسابتا يەنىلا قۇۋۋىتى داپىيەتنىڭ تەىسرىدە ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەش تەسىرنى بىرىدۇ.
273.مۇسھىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟
جاۋاپ:1)بۆرەكنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقنى ئاساس قىلغان ئاساستا مۇسھىل دورىلارنى ئىشلتىش لازىم..بولمسا بەدەندە كۆپ مىقداردا سۇ يۇقتىپ بەدەن ئاجىزلىشىپ ئىممۇنىت سىستىمسى بوزغۇنچىلققا ئۇچىرايدۇ.
2)ئاشقازان،ئۈچەيدە جاراھەت بولسا مۇسھىل دورىلارنى بەرمەسىلىك كىرەك.
3)بۇ دورنى ئىستىمال قىلغاندا ئىستىمال قىلىش پىرىنىسىپگە قاتتىق ئەمەل قىلىش،پەرىزىگە دىققەت قىلىش لازىم.
4)بۇ دۇرنى جانلىق ئىشلىتىشگە ماھىر بولۇش لازىم.يەنى جاھىل ماددىلارغا كۈچلۈك ،يىنىك كىسەللىكلەرگە نىسپەتەن يەڭگىل دورنى ئىشلتىش لازىم.
274.مۇسھىل دورىلار قانداق خوسۇسىيەتگە ئىگە؟
جاۋاپ:1)مۇسھىل دورىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مەلۇم ساندا سۈرگۈچى تەركىبىلەر ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.ماددىي خۇسۇيىتى ئاساس بولىدۇ.سۈرۈش بىلەن ئىپادىلندۇ.
2)مۇسھىل دورىلار ئاچچىق بۇلىدۇ.
3)مۇسھىل دورىلار ھەممىسى ئاشقازان ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.
275.خالىس غەيرى سەپرا خېلىتنىڭ مۇسھلى قايسى؟
جاۋاپ:نىلۇفەر،قىزىل گۈل،شاھتەررە ھەر بىرى 10گىرامدىن، سېرىق ھېلىيلەپوستى،كاسنە ئۇرۇقى ھەربىرى15گىرامدىن،
چىلان،كاسنە يىلتىزى،تەرەنجىبىن،ئەفتىمۇن ھەر بىرى 30گىرامدىن،تەمرى ھىندى خىيارى شەنبەر،ئەينالۇ ھەر بىرى 45گىرامدىن ،بادام يېغى 10گىرام ئېلىپ بادام يېغىدىن باشقا دۇرىلارنى قاينىتىپ ئېلىپ مەلۇم مىقداردا شىگەر سېلىپ تەييار قىلغاندىن كىيىن ئۈستىگە بادام يېغنى تېمىتىپ ئىستىمال قىلنىدۇ.
276.خالىس غەيرى بەلغەم خېلىتنىڭ مۇسھىلى قايسى؟
جاۋاپ:پىرسىياشان،قىزىل گۈل،رۇم بەدىيان ھەر بىرى 10گىرامدىن،ئۇرۇقسىز ئۈزۈم،ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلىتىز ھەر بىرى 15گىرامدىن ،ئەنجۈر مۇنىكى ،سانا،قىزىل گۈلقەنتى،تەرەنجىبىن ھەر بىرى 30گىرام،ئابدۇلمۈلۈك يېغى 30مىللىلتىر،بادام يېغى 10مىللىلتىر .دورا تەركىبىدىكى سانا،تەرەنجىبنلەر قايناق سۇغا ئايرىم چىلنىپ قۇۋۋىتى ئېلىندۇ.قالغان دورىلارنى قاينىىپ قۇۋۋىتى ئاجىرتىپ ئالغاندىن كىيىن شەربەتلەرنى بىرلەشۈرۈپ گۈلقەنتنى ۋە ئابدۈلمۈلۈك
-67-
ۋە بادام يېغنى تېمتىپ تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا 50-100مىللىلتىر ئەتراپىدا ئىستىمال قىلنىدۇ.
.277خالىس غەيرى سەۋدا خېلىتنىڭ مۇسھىلى قايسى؟
جاۋاپ:گاۋزىبان ھىندى،بادىرەنجى بۇيا،ئۇستىقۇددۇس،فىرسىياۋشان،ئارپا بادىيان،شاھتەررە ھەر بىر10گىرامدىن،
ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،سەرپىستان ھەر بىرى15گىرامدىن،چىلان،ئەفتىمۇن،سانا،تەرەنجىبن ھەر بىرى 30گىرامدىن چالا سۇقۇلغان خىيارى شەنبەر 45گىرام،بادام يېغى 10مىللىلتىر ئېلىپ تەركىبدىكى ئەفتىمۇن،سانا،تەرەنجىبىن ،چالا سۇقۇلغان خىيارى شەنبەر قاتارلىق دورىلارنى قايناق سۇغا چىلاپ دۇرا تاتىقنى ئىلىپ تەييارلايمىز.قالغان دورىلارنى ئۈچ قېتىم قاينىتىپ دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئاز مىقتداردا شىكەر سېلندۇ.ئاخىرىدا 10بادام يېغىنى سېلىپ ئاندىن ئىستىمال قىلنىدۇ.
9. قۇشۇمچە قىسىم
1.يەل ۋە تۇمۇر تۇتۇش ھەقىقىدە
278.يەل دىگەن نىمە؟تەركىبى قايسىلار؟
جاۋاپ:يەل ھاياتلىق پائالىيتى جەرياندا كام بولسا بولمايدىغان،سىرتقى مۇھىتتىن قۇبۇل قىلىنغان ھەمدە بەدەندىكى خىلتىلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش ۋە سەرىپ قىلنىش جەريانىدائۈزلىكسىز ھاسىل بۇلۇپ،ئۇمۇمى جەھەتتە ئورگانىزىمدىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرۇپ بەدەن ئىچى ۋە سىرتنىڭ بېسىمنى تەڭشەش ئارقىلىق بەدەن ۋە ئەزا-تۇقۇلمىلارنىڭ نورمال شەكلى ھەم ھەركىتىگە كاپالەتلىك قىلىش،قۇۋۋەت ۋە روھلارنىڭ ھاسىل بۇلۇشىغا قاتنىششى ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنە ئوخىشمغان يوللار ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىلىك مىقتدار ھەم كەيپىياتىغا ئىگە بولغان گاز ھالەتتىكى ئۇچۇچان ماددىدىن ئىبارەت:نۇرمال ئەھۋال ئاسىتدا يەل تەركىبىدە ئاساسلىقى ھاۋائى نەسىمى،ھاۋائى دوخانى ،ھىدروگىن ،ئازۇت ،ئامىياك،سىيانىيد ئىئۇنلىرى بولىدۇ.
279.نۇرمالسىز يەلنىڭ ھاسىل بۇلۇش جەريانى قايسى ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ؟
جاۋاپ:يەلنىڭ پەيدا بولىشى تۈۋەندىكى تۆت خىل ئامىل بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.(1)يىمەك- ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر:1)سۇغۇق تەبىئەتلىك ھۆل يەل يىمىشلەرنى كۆپ ئىستمال قىلىش.2) غەلىز تاماقلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلىنىش 3) سۈپتى ئۆزگەرگەن لاياقەتسىز ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىش.
(2) روھنىڭ كېمىيىپ،قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىششى:1)روھىي نەفساني ۋە قۇۋۋىتى نەفسانىينىڭ ئاجىزلىششى سەۋەبدىن نورمالسىز يەنىڭ پەيدا بولۇشى 2)قۇۋۋتى ھايۋانى ۋە روھىي ھايۋانىنىڭ ئاجىزلىشىشدىن كىلىپ چىققان نۇرمالسىز يەل.3)قۇۋۋىتى تەبئىي ۋە رۇھىي تەبىينىڭ ئاجىزلىششىدىن كىلىپ چىققان نورمالسىز يەل.
(3)خىلتىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ.
280.نۇرمالسىز يەلنىڭ تۈرلىرى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:نۇرمالسىز يەل 5خىل بولىدۇ.ئۇلار:(1)قۇيۇق يەل:-بۇ يەل غەلىز تاماقلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان يەل :(2)سۇغۇق يەل (3)ئىسسق يەل (4)ئۈلۈك يەل (5) تىرىك يەلدىن ئىبارەت.
281. تۇمۇر سۇقۇش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:تۇمۇر سۇقۇش ئارتېرىيە (شىريان تومۇر)قان بېسىمنىڭ دەۋرلىك ئۆزگىرىشتىن كېلىپ چىققان ئارتېرىيە تومۇرنىڭ ھەركتىدىن ئىبارەت:
282.تۇمۇر ھەركتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللار قايسى؟
جاۋاپ:تۇمۇر ھەركتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللار: (1)ئالەت:يۈرەك ۋە قىزىل قان تۇمۇر ئالەت دىيلىدۇ.
(2) پائىل: ھاياتلىق كۈچى(قۇۋۋىتى ھايۋانى )،يەنى تۇمۇرنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەت.
(3)ھاجەت:يەنى بەدەنىنىڭ ساپ ھاۋانى قۇبۇل قىلىپ.بۇزۇق ھاۋانى چىقىرىپ تاشلاش ئىھتىياجى.
283.تۇمۇر ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:تۇمۇر ھەرىكتنىڭ تۈرلىرى يەتتە خىل بولۇپ،يەتتە قىسمەت دىيلىدۇ.ئۇلار:(1)تۇمۇرنىڭ ھەرىكەت مىقتدارنى ئۆلچەش.(2)تۇمۇر ھەرىكىتنى ئۇنىڭ دولقۇن كەيپىياتنى ئۆلچەش.(3)تۇمۇر ھەركىتىنى ئۇنىڭ جىملىق ۋاقتىدا ئۆلچەش،(4)تۇمۇر ھەرىكىتنى ئۇنىڭ ۋاقتى جەھەتتىن ئۆلچەش،(5)تۇمۇر ھەرىكىتنى ئۇنىڭ قاتتىق-يۇمشاق ۋە كەيپىياتىدىن ئۆلچەش، (6)تومۇر ھەرىكتنى ئۇنىڭدىكى كۈچنى ئۆلچەش.(7)تۇمۇر ھەرىكتنىڭ تەركىبىگە ئاساسەن
-68-
ئۆلچەش دىن ئىبارەت.
284.تۇمۇر سۇقۇشنى كېڭىيىش ھالىتىدىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ: تۇمۇر سۇقۇشنى كېڭىيىش ھالىتىدىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى تۇققۇز خىل بولىدۇ.ئۇلار(1)ئۇزۇن تۇمۇر.(2)قىسقا تۇمۇر.(3)مۆتىدىل تۇمۇر .(4)توم تۇمۇر.(5)ئىنىچكە تۇمۇر.(6)مۆتىدىل تۇمۇر.(7)يۈزە تۇمۇر.(8)چوڭقۇر تۇمۇر.
(9)يۈزە-چوڭقۇر تۇمۇر.
285.تۇمۇر ھەرىكىتنى دولقۇن ھالتىدىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ:3خىل بولىدۇ. (1)كۈچلۈك تۇمۇر،(2) كۈچسىز تۇمۇر (3)كۈچلۈك-كۈچسىزلىكتە نورمال تۇمۇر.
286. تۇمۇر ھەرىكىتنى ۋاقتى جەھەتتىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ: 3خىل بولىدۇ.(1)تىز سۇقىدىغان تومۇر،(2) ئاستا سۇقىدىغان تۇمۇر.(3)سۇقۇش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھال تۇمۇر.
287. تۇمۇر ھەرىكىتنى قاتتىق-يۇمشاقلىقنى ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ:3خىل بولىدۇ:ئۇلار (1)قاتتىق تۇمۇر .(2) يۇمشاق تۇمۇر .(3)مۆتىدىل تۇمۇر.
288. تۇمۇر ھەرىكىتنى تومۇردىكى قانىنىڭ ئاز-كۆپلىكىدىن ئۆلچىگەندىكى شەكىللىرى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:3خىل بولىدۇ.ئۇلار(1)تۇلۇق تۇمۇر،(2)تۇلۇق بولىمغان تۇمۇر (3) تۇلۇق تۇمۇر بىلەن تۇلۇق بولىمغان تۇمۇر تۇمۇرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۇمۇر.
289. تۇمۇر ھەرىكىتنى تومۇردىنىڭ ئىسسىق-سۇغۇق جەھەتتىن ئۆلچىگەندىكى شەكىللىرى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:3خىل بولىدۇ.ئۇلار:(1)ئىسسق تۇمۇر.(2)سۇغۇق تۇمۇر.(3)ئىسسق-سۇغۇقلۇقتا مۆتىدىل تۇمۇر.
290. تۇمۇر ھەرىكىتنى ۋەزىندىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ:2خىل بولىدۇ.ئۇلار: (1)ئويغۇن ۋەزىنىلىك تومۇر.(2)ۋەزىندىن ھالقىغان تومۇر.
291. تۇمۇر ھەرىكىتنى تومۇر ھەركىتنىڭ تەكشلىكى جەھەتتىن ئۆلچىگەنىدىكى شەكىللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ قايسىلار؟
جاۋاپ:2خىل بولىدۇ.ئۇلار:(1)تەكشى تومۇر.(2)تەكشىسىز تومۇر.
292.يەككە دورىلارنىڭ كىلىش مەنبەسى نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:يەككە دورىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى 3خىل بولىدۇ.ئۇلار:(1)ئۆسۈملۈك دورىلار.(2)ھايۋانى دورىلار.(3)مەدەن دورىلاردىن ئىبارەت.
293.يەككە دورىلارنى پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:يەككە دورىلارنى ئاددى ئۇسۇلىداپەرىقلەندۇرۇش ئۇسۇلى 3خىل بولىدۇ.ئۇلار:(1)قاراپ تۇنۇش،پۇراپ تۇنۇش،تېتىپ تۇنۇش دىن ئىبارەت.
294.يەككە دوىلارنىڭ تەبىئەت خۇسۇسىيەتگە ئايىرىش پىرنىسىپى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: يەككە دورىلارنىڭ تەبئەت خۇسۇسيەت پىرنىسىپى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاش،دىئاگۇنۇز قۇيۇش،ساقلقنى ساقلاش ئىشلىرىدا دورنىڭ بەدەندە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن تەبئەت ۋە خۇسۇسىيەتگە ئايىرىغان.
ئەگەر دورىنى ئىستىمال قىلىغاندىن كىيىن قىزىتىش،تۇمۇرۋە قان تۇمۇر ھەركىتىنى تىزلەتكەن دورىلارنى ئىسسق تەبئەتلىك دورىلار دەپ قارىغان.
ئەگەر دورىنى ئىستىمال قىلىغاندىن كىيىن قىزىتما قايتۇرۇپ،سۈيدۈك مىقتدارىنى كۆپەيتىكەن دورىلارنى سۇغۇق تەبئەتلىك دورىلار دەپ قارىغان.
ھەر ئىككىسنىڭ ئارىىسدا بولسا مۆتىدىل تەبئەتلىك دورا دەپ قارىغان.
ئەگەر بەدەنىنى قىززىتىپ، كېرىلىش،ئەسنەش پەيدا قىلسا ھەم قان خېلتنىڭ ئالامتىنى پەيدا قىلسا ھۆل ئىسسق تەبئەتلىك دورا دەپ قارىغان.
ئەگەر بەدەنىنى قىززىتىپ،ئېغىز بۇرۇن قۇرۇپ سەفرانىڭ ئالامىتنى پەيدا قىلسا قۇرۇق ئىسسق تەبئەتلىك دۇرا دەپ قارىغان.
ئەگەر بەدەنىنى سۇۋۇتۇپ،سىزىمنى سۇسلاشتۇرۇپ،مۆچىلەردە ئېغىرلىق پەيدا قىلسا بەلغەم خېلتنىڭ ئالامىتى پەيدا بولسا ھۆل سۇغۇق تەبئەتلىك دورا دەپ قارىىغان.
ئەگەر بەدەنىنى سۇۋۇتۇپ لېكىن ئېغىز-بۇرۇنىنى قۇرۇتسا ھەمدە ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىز قىسمىدا سانجىلغاندەك سىزىم پەيدا بولسا شۇنداقلا سەۋدا خىلىتنىڭ ئالامىتىنى پەيدا قىلسا قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك دەيمىز.
295.خۇسۇسىيەت دىگەن نىمە؟نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
جاۋاپ:دورنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ئورگانىزمىدا پەيدا قىلغان ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرى ۋە تەسىرلىرى ئۇمۇملاشتۇرۇپ
-69-
خۇسۇسىيەت دەپ ئاتلىدۇ.خۇسۇسىيەتلەر 80خىلدىن كۆپرەك بولىدۇ.
296.يەككە دورىلارتەبئەت دەرىجىسى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:ئويغۇر تىبابەت يەككە دورىلىرى:تەبىئەتكە ئاريىرىغاندىن كىيىن يەنە تەبىئەت دەرىجىلىرىگە ئايىرىلغان ئادەتتە تەبئەت دەرىجىلىرى 4خىل بولىدۇ.
(1)ئەگەر ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن دورنىڭ كەيپىياتى ئادەم بەدەندىكى ماس كەيپىياتنىڭ نورمالنى ھالىتگە ئوخشاش تەسىر قىلسا يەنى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلمىسا 1-دەرىجىدىكى تەبئەتلىك دورا دەپ قارايمىز.
(2) ئەگەر ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن دورنىڭ كەيپىياتى ئادەم بەدەندىكى ماس كەيپىياتىغاخېلى كۈچلۈك تەسىر قىلسا يەنى كۈزنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىسا 2-دەرىجىدىكى تەبئەتلىك دورا دەپ قارايمىز.
(3) ئەگەر ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن دورنىڭ كەيپىياتى ئادەم بەدەندىكى ماس كەيپىياتىغا كۈرنەرلىك تەسىر قىلىپ كۈچلۈك ياكى زور بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلسا يەنى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلسا 3-دەرىجىدىكى تەبئەتلىك دورا دەپ قارايمىز.
(4)ئەگەر ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن دورنىڭ كەيپىياتى ئادەم بەدەندىكى ماس كەيپىياتىغا ھەددىن زىيادە تەسىر قىلىپ غايەت زور ئۆزگىرشلەرنى پەيداقىلىپ،خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسا ئۇھالدا 4-دەرىجىدىكى تەبئەتلىك دورا دەپ قارايمىز.
تىباتىمىرىدە 1-،2-دەرىجىلىك دورىلار كۆپ ئىشلتىلىدۇ.3-دەرىجىدىكى دورىلار ئازراق ئىشلتىلىدۇ.4-دەرىجىدىكى دورىلار ئىشلتىلمەيدۇ ياكى مەنئىي قىلنىدۇ،
297.ماددىي تەسىر دىگەن نىمە؟كەيپىيات تەسىرىچۇ؟
جاۋاپ:ماددىي تەسىر-يەككە دورىلار ئۆزنىڭ خېمىيلىك تەركىبى قىسىملىرىغا ئاساسەن كۆرسەتكەن تەسىر ماددىي تەسىر دېيلىدۇ.
كەيپىيات تەسىر-دورا ئەشيالارنىڭ ئۆزىدە ئۈستۈنلكنى ئىگەلىگەن كەيپىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كۆرسەتكەن تەسىردۇر.
298.يەككە دورىلار كىلىش مەنبەسىگە قاراپ تۇرۇش ئۈنۈم مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟
جاۋاپ:يەككە دورىلارنىڭ ئۈنۈم بىرىش مۇددىتگە ئاساسەن شۇ دورىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى بەلگىلنىدۇ.ئۈسۈملۈك دورىلار ئاساسەن 6ئايدىن 2يىلغىچە ساقلنىدۇ.ھايۋانى دورىلار 10نەچچە يىل ساقلىنىدۇ.مەدەن تۇردىكى دورىلار ئاساسەن 100نەچچە يىلىدىن ئارتۇقراق ساقلىنىدۇ.
299.رىستىپ دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:رىستىپ دىگىنىمىز:دوختۇر ياكى تىۋىپنىڭ دورىگەرگە كىسەل داۋالاش مەقسىتدە ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق دورا تەييارلاپ بەرگەن يول يۇرۇقىدىن ئىبارەت.
300.رىستىپنىڭ ئەھمىيتى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ:1)رىستىپ كىسەلگە دورا بىرىش ئۈچۈن يېزىپ بىرلىگەن دۇرا قەغىزى بولۇپلا قالماستىن بەلكى قانۇنى،تېخنكىۋى،
ئىقىدىسادى جەھەتتلەردە مۇھىيىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2)رىستىپ تۇغىرا يېزىلمىغانلىقى ياكى تەييارلانمىغانلىقى تۈپەيلىدىن داۋالاش خەتىرى كېلىپ چىققان بولسا رىېستىپ ئاساسىدا دوختۇر ياكى دورىگەرنىڭ مەسئۇليتى قانۇن تەرەپتىن سۈرۈشتە قىلنىدۇ.شۇڭا رىستىپ قەغىزىگە ئىسىم،جىسى،يېشى يېزلىدۇ.
3)رىستىپنىڭ تېخىنىكلىق جەھەتتىكى ئەھمىيتى شۇكى،ئىشلىش ئۇسۇلى ،دورا ئىسمى، ئىشلىتلىدىغان مىقدارى قايسى ىىل شەكىلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى بىلەن دورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلنىدۇ.
301.رىستىپ تۈرلىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟قايسىلار؟
جاۋاپ:1)قانۇنى رىستىپ،2)مەخپىي رېستىپ.3)مۇجەررەپ رىستىپ،4)كىلشىم رېستىپ .5)دوختۇر رېستىپى 6) قىزىل رېستىپ.
302.دورىلارنى مۇرەككەپ قىلىشتكى مەقسەت نىمە؟
جاۋاپ:1)دورىلارنىڭ تەبىئيتنى ئۆزگەرتىش،زەھەرلىك ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئازايتش ئۈچۈن دۇرا مۇرەككەپلەشتۈرلىدۇ.
2)دورنىڭ كۈچنى ئاشۇرۇش ۋە تەسىرىنى تىزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ مۇرەككەپلەشتۈرلىدۇ.
3)ئەسىلى ئىشلەتمەكچى بولغان دورىلار مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلدىن كۈچى ئاجىزلاش،پارچىلنىپ كېتىش،ھەتتا ئۈنۈمى يۇقلىش ئىھتىمالى كۈرۈلىگەندە ئۇنىڭ قۇۋۋىتنى ساقلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا يېتىپ بېرىش ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى قۇشۇپ مۇرەككەپ قىلنىدۇ.4)ئەسىلى ئىشلەتمەكچى بولغان دورىلار سېسىق پۇراقلىق تەمى قاڭسىق بولسا ئىشلەتكەندە بى،ارنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش،ئايلىنىش ئىھتىمالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ قېلىندۇ.
5)ئىشلتىدىغان دورنىڭ كېلىش مەنبىيى ئوخشاش بولىغانلقتىن ئۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا لايىقلاشتۇرۇش ۋە ئەپىلىك بولۇش ئۈچۈن دورا مۇرەككەپلەشتۈرلىدۇ.
6)كىسەل داۋالاشنىڭ ئىھتىياجى دورنىڭ تەبىيئتى،خۇسۇسيتى دورا ياسالمىسنىڭ تېخنىكلىق تەلىپنى ساقلاش،يۈتكەش،
ئىشلىتشنىڭ قانۇنىيتىگە ئاساسەن مۇرەككەپ قىلنىدۇ.
303.پىشىشىق دورىلارنىڭ تەكىبىدىكى يەككە دورىلارنىڭ مىقتدارى ۋە بىر قېتىملىق ئىستىمال مىقتدارى قانداق بەلگىلنىدۇ؟
جاۋاپ:پىششق دۇرىلار بىرقېتىملىق ئىستىمال مىقتدارىنى بەلگىلەشتە نۇسخا تەركىبگە چۈشكەن دورىلارنڭ مىقتدارنى قۇشۇمچە چىققان يىغىندا نۇسخا تەركىبىدىكى دورىلار سانىغا بۆلگەندە چىققان سان پىششق دورىلارنىڭ بىرقېتىملىق ئىستىمال مىقدارى بولىدۇ.
304.پىششق دورىلارنىڭ مىزاجى قانداق بەلگىلنىدۇ؟
جاۋاپ:تەركىبدىكى يەككە دورىلارنىڭ تەبىيتىگە ئاساسەن بەلگىلنىدۇ.ئەگەر كەيىپىياتى قارىمۇ-قارشى بولسا ئۇلارنىڭ كەيپىيات تەسىرنى،دەرىجىسنى ھىسابلاپ ئۇنىڭ قارىمۇ-قارىشى تەرپىدىن كام بولسا شۇنى كۆپ ساندىن ئېلۋېتىپ قالغان دورىلار سانىغا تەقسىم قىلنىش ئارقىلىق بەلگىلنىدۇ.
305.پىششىق دورىلارنىڭ نامى قانداق بەلگىلنىدۇ؟
جاۋاپ:1)بەزى مۇرەككەپ دۇرىلارغا نام بىرىشتە تەركىبگە چۈشكەن ئاساسلىق دورىلار نامى قويلىدۇ.
2)بەزى دورىلارغا ئۇنىڭ تەبىئەت،خوسۇسىيتى ۋە ئۆزنىڭ تۇتقان ماددىسىغا ئاساسەن ئىسم قويلىدۇ.مەسىلەن:ھەببى ئىمساك، ماددەتۇل ھايات.
3)بەزى دورىلارغا ئۆزنىڭ تىز پۇرسەتتە كۆرسەتكەن ئەملىيەتكە ۋە ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئىسىم قۇيلىدۇ.مەسىلەن :ھەببى مۇدىر،ھەببى مۇخىرىج،
4)بەزى مۇرەككەپ دورىلارغا شۇخىل دورنى كەشىپ قىلغان ئۆلىمانىڭ نامى بويىچە قويلىدۇ.مەسىلەن:جاۋارىش جاليىۇس،
5)بەزى مۇرەككەپ دورىلارغا دورنىڭ ئاچچىق ياكى تاتلىق تەمىگە ئاساسەن ئىسىم قۇيلىدۇ.مەسىلەن:ھەببى لوغانزىيا.
6)بەزى مۇرەككەپ دورىلار داۋالايىدىغان كىسەللىكى ۋە ئىشلىتىلدىغان ئەزاغا ئاساسەن ئىسىم قۇيلىدۇ.مەسىلەن:مەجۇنى مۇقەۋۋى باھ،