جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 0

داۋايىمىشكى مۆتىدىل قۇۋۇىتى نامىيگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغىرسى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-20 14:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھكام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-21 23:04  

داۋايىمىشكى مۆتىدىلنىڭ قۇۋۇىتى نامىيگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغىرسىدا


ئابدۇرشىت ئابدۇقادىر

قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تىبابىتى كىلنكا ئەمەلىيىتىدە كۆپ ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان مەجۇن دورا ياسالمىسى داۋايىمىشكى مۆتىدىلنىڭ قۇۋۇتى نامىيگە (ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت)كە كۆرسىتىدىغان تەسىر ۋە تەسىر قىلىش يولى توغىرسىدىكى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قۇيىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:داۋايىمىشكى مۆتىدىل،قۇۋۇتى نامىيە (ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت) تەسىرى قىلىش يولى
مەجۇنى داۋايىمىشكى ئۇيغۇر تىبابەت كىلىنكا ئەمەلىيتىدە كۆپ ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان مەجۇن دورا ياسالمىسىنڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش تەسىر ئاساس قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.داۋائىمىشكىنىڭ تۇرى جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بۇلۇپ كىلاسىك كىتاپلاردا داۋايىمىشكى ھار،داۋايىمىشكى بارد،داۋايىمىشكى مۆتىدىل،داۋايىمىشكى شىرىن، قاتارلىق تۈرلىرى بار ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.يۇقارقى تۇردىكىلەرنىڭ ئىچىدە قۇۋۇتى نامىيىگە ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ تەبىئىيتى قۇۋۋەتلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقىنى داۋايىمىشكى مۆتىدىل ئىكەنلىكىنى كىلنكىدا ئىسپاتلاندى.قۇۋۇتى نامىيگە (ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت) ئۇزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتنىڭ ياردىمىدە ئەزالارنىڭ نۇرمال ئاناتومىيەلىك تۈزۇلۇشى جەھەتلەردە مۇناسىپ ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا تۇرۇتكە بۇلىدىغان قۇۋۋەت داۋائىمىشكى مۆتىدىل ئاساسلىقى قۇۋۋىتى نامىيە (ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت)كە تەسىر كۆرسىتىپ رەئىس ئەزا ۋە خادىمى ئەزالارنى ساپ بولغان خىلىتلار بىلەن تەمىنلەش قۇۋۋەتلەر خىزمىتىنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.مەجۇنى داۋائىيمىشكى مۆتىدىلنىڭ يۇقارقى خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاساسلىق دورىلار بىلەن زىچ مىناسىۋەتلىك داۋايىمشكى مۆتىدىلنىڭ «قارابادىن قادىرى»دىگەن كىتاپتىكى ئاساسلىق رىتىسىپ تەركىبى:مەرۋايىت،كەھرىبا،قىرقىلغان پىلە،گاۋزىبان ھىندى،قىزىل بەھمەن،ئاق بەھمەن دورۇنجى ئەقرەبى قاتارلىقلاردىن 5گىرام قەلەمپۇر،سۇمبۇل،لىچىندانە،سازەچ ھىندى،دارچىن،زەپەر،مەستىكى،تاباشىر،ئاق سەندەل،قىزىل سەندىل،قىزىل گۇل قاتارلىقلاردىن 3گىرامدىن،ئەنبەر2.5گىرام،ئىپار1.5گىرام،ئالما سۈيى،ئانار سۈيى بىھى سۈيى 100مىللىلىتىر ناۋات18گىرام قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ مۇشۇ پۈتكۈل رىتىسىپنىڭ يەنى مۇشۇ مەجۇنى داۋايىمىشكى مۆتىدىلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل رىتىسىپ تەركىبىدە:ئىپار،قىزىلگۇل،قىرقىلغان پىلە،گاۋزۇبان ھىندى قاتارلىق دورىلار باشقا دورىلارنىڭ ياردىمىدە دورىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئەكىس تەسىرلىرىنى تۈزۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.داۋايىمىشكى مۆتىدىلنىڭ تەركىبىدە قۇۋۋىتى نامىيە(ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت) تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىپار،قىزىلگۇل،قىرقىلغان پىلە،گازۇبان ھىندى ئالماسۈيى،سازەچ ھىندى،لىچىندانە،قاتارلىق دورىلار بۇلۇپ بۇ دورىلار رەئىس ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ روھنى ئورغىتدۇ.جىگەر خىزمىتىنى نۇرماللاشتۇرىدۇ،قاننى قىزىتىش ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يەرلىك ئورۇنلارغا (توقۇلما،ھۈجەيرىلەرگە) يىتىپ بېرىشنى تىزلەشتۈرۈپ نۇرمال ئۇزۇقلىنىش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ جىگردىكى تۈرلۇك نۇرمالسىزلىقلارنى تۈگىتىپ قۇۋۋىتى نامىيە(ئۆستۈرگۈچى قۇۋۇۋەت)كە ياردەم بىرىدۇ.
تۈۋەندە مەن داۋايىمىشكى مۆتىدىلنىڭ قۇۋۋىتى نامىيەگە كۆرسەتكەن تەسىر قىلىش يولى توغىرسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن
ئىپار:تەبئەت جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ئاساسلىقى رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش،رۇھنى ئورغۇتۇش ،قان ئايلىنىشنى جاللاندۇرۇپ ،مىڭە،يۈرەك ۋە جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرلىشقا يادەم بىرىدۇ.جىگەرنىڭ نۇرمال بولغان خېلىت ئىشلەپچىقرىشقا ماسلىشىپ ئورگانىزىمدىكى  تۈرلۈك قۇۋۋەتلەرنىڭ نۇرمال ھاسىل بولۇشى ۋە بەدەنىنىڭ ئىممۇنىت كۈچنى يۇقىرى كۈتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. قۇۋۋىتى ھايۋانىنڭ تىخمۇ كۈچيشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ باشقا قۇۋۋەتلەرنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ،بۇ دۇرا تەركىبدىكى خوش پۇراق ماددىلار قۇۋۋەتلەرنىڭ نۇرمال شەكللىنشى ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇھىيت بىلەن تەمنىلەيدۇ.
قىزىلگۇل:ئۇيغۇر تىبابىتىدە  قىزىلگۇل«گۇل سرخ» ناملىرىدا كۆپ ئىشلىتپ.بۇنىڭ گۈلى توق قىزىل رەڭلىك،تەمى ئاچىچىق،پۇرىقى خۇشپۇراق،قىزىلگۇلنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي مۇزا كىسلاتاسى،كاروتىن،سېرىق پىگىمىنىت قاتارلىقلار بۇلۇپ مۇنىكىنىڭ تەركىبىدە:ۋىتامىنc ،گىلىكوزا مىۋە شىكىرى،لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق سۇغۇق «قۇرۇتىلغىنى»، ھۆلىنىڭ 2-دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق ئۇ سەپىر ماددىسىنى پۇشۇرۇش،مىڭە،جىگەر،يۈرەك،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش،ئىششىق ياندۇرۇش ھارارەت پەسەيتىش جاراھەت پۈتتۇرۇش،ئاشقازاندىكى بۇزۇق گازلارنىىڭ مىڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش تەسىرى بىلەن يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقى جىگەر مەنبەلىك ئۇسۇزلۇق ئاشقازان مەنبەلىك باش ئاغىرىقى،شەقىيقە،ھەرخىل ئىششىقلار،جاراھەتلەر،ئېغىز يارىسى مەنپەئەتلىك بۇلۇش تەىسىر ئارقىلىق رىتىسىپنىڭ قارىمى-قارىشى تەرەپلىرىنى تەڭشەپ ۋە كەمچىل تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ رىتىسىپنىڭ ئاساسى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق قۇۋۋۇتى نامىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پىلە تالقىنى:بۇ پىلە پەرۋانە ئائىلىسىدىكى ھاشارەت بۇلۇپ پىلە پەرۋانىسىنىڭ غوزىسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ‹‹ئەبرىشىم ››نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.سىرتقى يۈزى ئاق ئىللىپىس شەكلىدە ئاسان پارچىلانمايدۇ.پىلە غوزىسىنى تازىلاپ قۇرۇتىنى ئېلىۋىتىپ قىرقىپ ئىشلىتلىدۇ. پىلە غوزىسىنىڭ ئاساسلىق ئۈجمە يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە سۇ، كۈل ماددىسى %91، ئاقسىل ۋە تالالىق ماددىلار بار.تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق ئىسىق ئۇ يۈرەك،مىڭە،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇشلۇق يەتكۈزۇش،بەلغەم چىقىرىش.تىرىنى پارقىرتىش،نىرۋىنى ياخشىلاش،تىنىچلاندۇرۇش،جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش تەسىر بىلەن يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقى،يۈرەك قوزغىلىش،بىئارام بۇلۇپ،يۈرەك سانجىقى،خاپىقان،سەرئى،جىگەر توسۇلۇش،قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.بۇئارقىلىق پۇتۈن رىتىسىپنىڭ ئاساسلىق تەسىرىنى كۈچەيتىپ قۇۋۋىتى نامىيەگە تەسىر قىلغۇچى ئاساسى دورا سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
گاۋزۇبان ھىندى:بۇ بوتا كۆز ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۇك ھىندىستان گاۋزۇبانىدىن ئىبارەت بۇلۇپ يۇپۇرمىقى ۋە گۈلى «گاۋزۇبان ھىندى»نامىدا دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ.تەمى سۇس يېپىشقاق،خۇشپۇراق بۇلۇپ تەركىبىدە گىلىكوزا، فىلاۋۇنلار،ئامىنو كىسلاتاسى،ئۇچۇچان ماي،يېپىشقاق ماددا،قەنىت ۋە ئاز مىقداردا ئالكالوئىدلار بار.تەبىئىيتى ھۆل ئىسىق ئۇنىڭ خۇشلۇق يەتكۈزۇش رەئسى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش غەيرى تەبىئىي سەۋدانى پۇشۇرۇش،ئۇسسۇزلۇق ھارارەت پەسەيتىش ھۆتەل توختىتىش ئاغىرىق پەسەيتىش توقۇلما ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەسىرلىرى بىلەن رىتىسىپنىڭ باشقا دورىلار بىلەن بىرلىكتە قۇۋۋەتلەش رولىنى ئاشۇرۇپ جىگەرنىڭ  نۇرمال بولغان قۇۋۋىتى تەبىينىڭ شەكىللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قۇۋۋىتى نامىيەنىڭ نۇرمال خىزمەت بىجىرلىشىگە شەرت شارائىت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. بۇ رىسىتپىكى قۇۋۋىتى نامىيەگە تەسىر قىلغۇچى قوشۇمچە دورا ھىساپلىنىدۇ.
ئالما سۈيى: بۇنىڭ تەركىبدە ئاساسلىقى تۈمۈر ماددسى بولۇپ قان تۇلۇقلاش،جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە ياخشى رول ئوينايدۇ.تەركىبىدىكى كالتسىي ماددىسى بولسا بوينىڭ ئۈسۈشى ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۇزۇقلۇق ماددا ھىسابلىنىدۇ.
دىمەك : ئۇيغۇر تىبابتىدىكى بەزى پىششىق دورىلار ئۆزنىڭ داۋالىق خوسۇسيتنى ئاساس قىلغان ئاساستا بەدەنىنى كۈچلەندۇرۇىدۇ. قۇشۇمچە تەسىرى ئارقىسىدا بەدەنىنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ رەئىس ئەزالارنىڭ نۇرمال بولغان فىزىئولوگىيلىك پائالىيتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندۇ. بۇ دۇرا بەدەنگە كالتىسي قاتارلىق ئىلىمنتلارنى تۇلۇقلاش ئارقىلىق بەدەنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يىتلىشىگە مۇھىت ھازىرلاپ بىرىىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بەزى بىر پىششىق دورىلار كىسەل داۋالاپلا قالماستىن يەنى بەدەنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتىكى رۇلىمۇ كۈرنەرلىك بولۇپ كىلۋاتىدۇ.شۇ سەۋەبتىن ھەربىر كەسىپ ئىگسى دۇرىغا بولغان چۈشەنچسىنى ئايىدىڭ قىلىپ دورىلارنىڭ تۈرلۈك بولغان خوسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلكنى بىلىپ جانلىق ئىشلىتىشكە يۈزلىنەيلى.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.ئۇ ت نەزىرىيە ئاساس بىلىمىلرى، ئابدۇلھەمىد يۈسۈف ھاجى ،
2.‹‹ قاربادىن قادىرى››   پاكستان لاھۇر نەشىرياتى .
3.‹‹رىستىپلار ئىلىمى›› تۇردى ئەخمەت.2004-يىل 1-نەشىر .



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش