مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىراق ئۇلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەلىنىڭ ئېغىر يېنىكلىك دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇنداقتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرىدىن قايسىلار بار؟ ئۇلارنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز ؟
1. مەقئەت ئەمچەك توپچىسى يوغىناش ۋە تۈز ئۈچەي مۇنچاق گۆشىنڭ پەرقى
مەقئەت نەيچىسى بىلەن تۈز ئۈچەي تۈۋرۈكى تۇتىشىدىغان يەردىكى ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك ئەمچەكسىمان شەكىللىك پولتىيىپ چىققان قىسىم مەقئەت ئەمچەك توپچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تۈز ئۈچەي مەقئەت نەيچىسىنىڭ ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى بولسا تەرەت ھاسىل قىلىش بولۇپ، تۈز ئۈچەي مۇنچاق گۆشى بولسا تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىلىرنىڭ سىرتقى قىسمى ئۈچەي بوشلۇقغا قاراپ تومپىيىۋىلىش ۋە پولتىيىپ چىقىش خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ ، كېسەللىك سەۋەبىدىن قارىغاندا ، خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. ئاساسەن ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ياللۇغلىنىش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بارىدۇ دە ، بوغماق تۈز ئۈچەي راكى دەسلەپىدە ئۆسۈكچە گۆش ھاسىل بولۇشتىن باشلانغاچقا، بۇ خىل گۆش ئۆسۈكچىنى ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنىقى ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا مۇنچاق گۆش قانچە بالدۇر كېسىپ ئېلىۋىتىلسە راكنىڭ شۇنچە بالدۇر ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. مەقئەت ئەمچەك توپچىسى يوغىناش ۋە مەقئەت يېرىلىش
مەقئەت يېرىلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، كېسەللىك ئەھۋالى قايتا – قايتا كۆرۈلۈپ، ياللۇغلىنىش ، ئاجراتمىلارنىڭ تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن گېموروي شۇنداقلا مەقئەت ئەمچەك توپچىسى يوغىناش كېلىپ چىقىدۇ. گېموروي بولسا سۆگەل شەكىللىك ،يۇمشاق ئۆسۈكچە بولۇپ ، مەقئەت ئەمچەك توپچىسىمان ئۆسۈكچىسى بولسا، ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە بولغان ئۆسمىسىمان ئۆسۈكچىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە دائىم مەقئەت سىرتىغا چىقىۋالىدۇ، كۆپىنچە بىر تاللا بولۇپ، بەزىدە ئاق كۈل رەڭدىكى يوغان ئىككى تال گۆش ئۆسىكچە بولىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىل ئۆسۈكچە تۇتقاندا ئاغرىمايدۇ، ئەۋرىشىم، پارقىراق بولىدۇ.
3. مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى ۋە مەقئەت ئەمچەك توپچىسى يوغىناشنىڭ پەرقى
مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى -مەقئەت كاۋىكىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا، مەقئەت ئىچى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىش ، ياللۇغلانغاندا مەقئەت ئىچكى قىسمى قاتتىق ئاغرىش، قىززىش، چىڭقىلىش، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىش بىلەن بىللە ئاز مىقداردا قان ياكى باشقا ئاجىرالمىلار ئارلىشىپ كېلىش، چوڭ تەرەتتىن كىيىن مەقئەت ئېغىزى قورۇغۇچى مۇسكۇل تارتىشىش، بىر نەچچە سائەتكىچە ئاغرىق قويۇپ بەرمەسلىك قاتارلىقلار.
سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىك يېنىكلىشىش مەزگىلىدە، بىمارلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت چوڭ تەرەت قىلغاندا مەقئەت ئىغىزىدا يىنىك ئاغرىش ياكى بىئاراملىق ، بەزىدە جىنسى يول ۋە توققۇر كۆز قىسىم
ئاغرغاندەك سېزىلىدۇ.
مەقئەت ئەمچەكسىمان توپچىسى ياللۇغى بولسا، مەقئەت ئىچىدە يات جىسىم باردەك سېزىلىش، مەقئەت ئەمچەكسىمان توپچىسىنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئەمچەكسىمان توپچا مەقئەت سىرتىغا چىقىۋالىدۇ. كىچىك ئەمچەكسىمان توپچىسى بولسا چوڭ تەرەتتىن كىيىن ئۆزلىگىدىن مەقئەت ئىچىگە قايتىدۇ ،سەل چوڭىراقلىرىنى قول بىلەن كىرگۈزۈۋىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئۆزلىگىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتەلمىسە، مەقئەت ئېغىزىنىڭ سۇللۇق ئىششىشى ، چىقىلىپ ئاغىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمچەكسىمان توپچا غىدىقلىنىشقا يولۇققاندا ياكى يېرىلغاندا ، مەقئەت بېزىنىڭ چىقىرلما ماددىلارنى ئىشلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مەقئەت ئەتراپىنىڭ نەم بولۇشى ۋە قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا بىمارلار ئۆز بەدىنىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ، چوقۇم ۋاقتىدا مۇنىتىزىم دوختۇرخانلارغا كېلىپ تەكشۇرتىپ دىئاگنۇز قويدۇرىشى، داۋالىشىقا ئاكتىپ ماسلىشىشى ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقىتىنى ئۆتكۈزۋىتىپ كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
توربەت ئادېرسى:
http://wei.xjtygcyy.com