新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 235|ئىنكاس: 0

ئاق ياقلىقلار سالامەتلىكنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-18 19:04:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىشخانا خىزمەتچىلىرى دائىم ئۆزىنى قانداق كۈتۈش ۋە ساغلاملاشتۇرش ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى ، نۇرغۇنلىغان ئاق ياقلىقلار قاتلىمىدىكى كىشىلەردە كەسپىي كېسەل ئۈزلۈكسىز پەيدا بولماقتا . خىزمەتنىڭ خاراكتېرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئاق ياقلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر قىسىم كەسپى كېسەللەر يۈز بەرمەكتە . شۇڭا ئاق ياقلىقلارنىڭ ساغلاملىقى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە بىز ئاق ياقلىقلارنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراش ئۇسۇلىغا بىرلىكتە قاراپ باقايلى :
1.        كۈندىلىك ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشى قانۇنىيەتلىك .
يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنى چوقۇم قەرەللىك  نۇرمىلىق يېيىش كېرەك. بولۇپمۇ بىر قىسم ئاق ياقىلىق ئاياللار  زىلۋالىقنى ساقلاش ئۈچۈن دائىم بىر ئاچ بىر توق يۇرىدۇ، بەدەندىكى ياغ (مايلار) ئازايىسا ئىممونېت كۈچىگە تەسىر يېتىدغانلىقىنى خيالىغمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق بەلكىم ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ھەم ئۇيقۇسىزلىق بەدەننىڭ  كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچنى تۆۋەنلىتىپ ئاسانلا كېسەل بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئاشۇ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئادەملەر دائىم تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ زىيانكەشلىكگە ئۇچرىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ۋاقتىدا ئۇخلاش ، ئۇيقۇنىڭ مىقدارىنى ئەمەس بەلكى يەنە  سۈپىتىنى قوغلىشىش كېرەك. ئۇيقۇنىڭ ياخشى يامانلىقى ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئەمەس بەلكى ئۇيقۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
2.سەيلە قىلىش
ئەركىن ئازادە ، سالماق قەدەم بىلەن ئاستا مېڭىش ، بارلىق  ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇش  ئادەمدىكى ھېرىپ چارچاشنى يوقىتىپ ، زېھىن ھوشىنى تېتىكلەشتۇرىدۇ. سەيلە قىلىش  قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش (ئۆگىنىش ياكى خىزمەتتە)كە پايدلىق ، ھالىغا بېقىپ ئىش قىلدۇرۇپ ، ھارماسلىق، تالماسلىق، زېرىكمەسلىك، چارچىماسلىق.
3.ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ھەر بىر ئىككى سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەركەت قىلىش كېرەك . پۇت قوللارنى سوزۇپ ، يىراققا نەزەر سېلىش نېرۋىنى تنچلاندۇرۇپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشلايدۇ. ئادەتتە يەنە مېترو ياكى تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى ، پەلەمپەيدە كۆپرەك مېڭىپ بېرىپ بۇلجۇڭ گۆش ۋە سۆڭەكنى ھەركەتلەندۇرۇش كېرەك.
4.سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
كۆكتات ، مېۋە –چېۋىلەر ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ئېلىمىنىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى ئاق ياقىلىقلارنىڭ مېھماندارچىلىقى كۆپ، ھەر كۈنى ئېسىل نەرسىلەرنى يەپ ئىچىشلەر بىلەن تولغان ، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ يۇكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ . ھالبۇكى كۆكتاتلار بەدەندىكى ئېلېمىنتلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئىشلىتىش كېرەك ، لېكىن شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى ، نۇرغۇن مەھسۇلاتلار پەقەت ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدۇ خالاس.
5. ئىشخانىدا گۈل ئۆستۈرۈش كېرەك
ھازىرقى ئاق ياقىلىقلار ئېگىز بىنالار ئارىسىدىكى ئىشخانلار ئىچىدە  خىزمەت قىلغاچقا ، دېرىزە ئاچسىمۇ ئوخشاشلا شامال ئۆتۈشمەيدۇ ، بىنا ئىچىگە ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ ، ۋاقتىدا تازلانمىغاچقا ، ئادەمنىڭ نەپەس يولىغا نۇرغۇن باكتېرىيەلەرنىڭ كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ . گۈللەرنىڭ بار بولىشى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

6. روھىي كەيپىياتنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك.
ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا دوستلىرى ، تۇغقانلىرى بىلەن پاراڭلىشىىش ، ئىچىنى سىقىدىغان ئىشنى ئىچىگە يۇتۇۋەتمەي ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك . كۆپ كېسەللىكلەر مەسلەن ،  ئاشقازان –ئۈچەي ياللۇغى ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىچى تىتىلداش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان .
7.ھەپتە ئاخىرىدا دوستلىرى بىلەن تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشش .
مەسلەن سۇ ئۈزۈش ، پەي توپ ئويناش ،تىكتاك توپ ياكى تېننس توپ ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، بۇ تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى  مۇسكۇلنى چىڭىتىپ ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ ، يەنە بىسىمنى يېنىكلىتىشكە مۇئەييەن رولى بار .
بۈگۈنكى كۈندە  ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغانلار كۈندە مۇقىم ئولتۇرۇپ ئىشلەيدغان  بولغاچقا ھەر كۈنى 8 سائەت كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۋەرسە ، بۇ بىزنىڭ بەدەن ساغلاملىقىمىزغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە روھى ساغلاملىقمىزغمۇ پايدىسىز ، شۇڭلاشقا ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاق ياقىلىقلار ساغلاملققا دىققەت قىلىشى كېرەك.

توربەت ئادېرسى: http://wei.xjtygcyy.com



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش