مەقئەت يىرىلىش ، مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار مەقئەت ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بىمارلار مەقئەتنىڭ ئىچكى قىسمى ئاغرىسا دائىم گىموروي دەپ ئويلايدۇ ، ئۇزاق ۋاقىت داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، قاناش كېلىپ چىقىدۇ. قاناش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ. مەقئەت يىرىلىش ، مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقى كېسەللىكلىرى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ ئەگەر سەل قارالسا ياللۇغلىنىش ئېغىرلىشىپ، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەقئەت ئاغرىشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.
1. گېموروي : گېموروي بولسا ئادەملەرنىڭ تۈز ئۈچەي تۆۋەنكى بۆلەك شىللىق پەردىسى ۋە مەقئەت كانىلى ، تېرە ئاستىدىكى ۋېنا چىگىشلىرى ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ ، قان ئۇيۇشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ۋېنا نۇكچىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ئادەتتە ئىچكى گىموروي ، تاشقى گىموروي ۋە ئارلاشما گىموروي دەپ ئۈچ خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ، بەزىدە چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
2. مەقئەت يېرىلىش : ھەرە چىشسمان سىزىقنىڭ تۆۋەنكى مەقئەت كانىلى تېرىسىنىڭ يېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كىلىنىكىدا دائىم چوڭ تەرەت قىلغاندا قاتتىق ئاغرىش ، قاناش ، قەۋزىيەت، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقى : مەقئەت يىرىڭلىق ئىششىقى مەقئەت ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمى ياكى ئەتراپىدىكى ئاركچىلاردا شەكىللەنگەن جىددى ياكى سوزۇلما خارەكتىرلىك يىرىڭلاش تىپىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە شەككىللەنگەن يىرىڭلىق ئىششىقنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاغرىش، قاتتىق ئىششىقلىق موناكچە پەيدا بولۇش، قىززىش قاتارلىقلار.
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
توربەت ئادېرسى:
http://wei.xjtygcyy.com