مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىشىشىقى – مەقئەت ئىچى سىرتىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ مەقئەت كاۋىكى ، مەقئەت بېزى ، مەقئەت بېزى ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەقئەت كانىلى ئەتراپىدىكى بوشلۇقلارغا يامراپ ، ئاخىردا يىرىڭلىق ئىشىشىقنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت .
مەقئەت بېزى يۇقۇملىنىش تەلىماتى نۆۋەتتە ئومۇميۇزلۈك ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان تەلىمات . بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب : ئىچى سۈرۈش ياكى چوڭ تەرەت ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئىچى سۈرگەندە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق يوقىلىپ ، ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، كېسەللىك باكتېرىيىسى ئورگانىزمغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە مەقئەت بېزى ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى ئارقىلىق مەقئەت كانىلى ئەتراپىدىكى بەز تەنچىلىرىگە كىرىپ ، بوشلۇقلارغا يامراپ كېڭىيىپ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە يىرىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى 5-7 كۈنگىچە بولىدۇ.
مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى بىلەن ئاغرىغان كېسەللەردە كېسەللىك قوزغىلىشى جىددى بولۇپ ، قاتتىق ئاغرىيدىغانلىقىدىن ، جىددىلىشىش ، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىغان بولغاچقا جىددى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك. ۋاقىتنى سوزۇپ ئەڭ ياخىشى ئوپېراتسىيە قىلىش پەيتىنى ئۆتكۈزۋەتسە مەقئەت ئاقمىسى شەكىللىنىدۇ.
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
توربەت ئادېرسى:
http://wei.xjtygcyy.com