新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 0

مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئوپىراتىسىيەسىدىن كېيىنكى بىلىشكە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئوپىراتىسىيەسىدىن كېيىنكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ :

1.بىر قىسىم بىمارلاردا ناركوزنىڭ تەسىرىدىن باش قېيىش ، ئىچى ئېلىشىش ، قۇسۇش ، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ھەم  تەكشى ياتقاندىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر  ئۆزلىكىدىن بىسىقىدۇ . كارۋات قوڭغۇرىقىنى بېسىپ دوختۇر سىستىرالارغا خەۋەر قىلىسىڭىز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىن ئەگەر كىچىك تەرەت كۆكىرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ،   جىددىلەشمەڭ چۈنكى بۇ ناركوز قىلىش دورىسىنىڭ ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىش سەۋەبىدىن بۆرەك چىقىرىندلىرىدىن كېلىپ چىققان  نۇرمال ھادسە . ئوپىراتىسىيەدىن كېيىن ئەگەر سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە چوقۇم سۈيدۈك يولغا نەيچە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك  .

2. بىر قىسىم بىمارلاردا ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى 3-5 سائەت ئىچىدە مەقئەت ئەتراپى كۆيىشىپ ئاغرىيدۇ لېكىن چىدىغلى بولىدۇ ، ئەگەر بەك كۈچلۈك ئاغرىسا دەرھال مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، سەۋەبىنى ئىنىقلاپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك  . ئەڭ چوڭ چەكتە بىماردىكى ئاغرىقنى يىنكلىتىش كېرەك.

3. ئوپىراتىسىيە قىلىنىغان كۈنى ئادەتتە بىماردا چوڭ تەرەت كەلمەيدۇ ، چۇنكى ئوپىراتىسىيەدىن بۇرۇن ئۇچەيگە نەيچە كىرگۇزۇش ئارقىلىق راۋانلاشتۇرۇش ئېلىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا چوڭ تەرەت قىلغاندا ئۇزاق ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، ياكى ھەددىدىن ئارتۇق كۈچەشكە بولمايدۇ. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى 2- كۈنى ئادەتتە بىماردا چوڭ تەرەت نۇرمال كىلىدۇ ، ئەگەر كەلمىسە ، چوڭ تەرەتتە قىينالسا ياكى قورساق كۆپۈش ۋە مەقئەت چىڭقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.

4. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى ئىككىنىجى كۈنى چوڭ تەرەتتىن كىيىنكى  تازىلىققا دىققەت قىلىش ھەم دوختۇرنىڭ تاپىلىقى بويىچە يۇيۇش كېرەك. ۋاننىدا ئولتۇرۇش ، تۇمانلاشتۇرۇش ، فىزىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق دورا ئالماشتۇرۇش ،ھەم ئانتىبىئوتىكلار  ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۇرۇپ داۋالاش كېرەك . ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ، چوڭ تەرەتتىن كىيىن دورىلار ئارقىلىق تازلاش ، ئىككى ھەپتدىن كىيىن ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە ئىككى قىتىم ۋاننىغا ئولتۇرۇش ، ھدر قىتىمدا 10-15 مىنۇت ئەتراپدا ئولتۇرسا بولىدۇ.

5. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىن قاناش . داۋالاش مەزگىلىدە (بىر ئاي ئىچىدە ) چوڭ تەرەتتە ئازراق قاناش ئەھۋالى كۆرۈلسە بۇ ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدىكى نۇرمال ئەھۋالغا كىرىدىغان بولۇپ ، بۇ چاغدا جىددىيلەشمەسلىك كېرەك. 7-12- كۈنگىچە  قاقاچ تۇتىدىغان مەزگىل بولۇپ بۇ چاغدا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۇزىتىشنى  كۈچەيتىش كېرەك ، بەلكىم قاقاچ چۈشكەن مەزگىلىدە قانىشى مۇمكىن ، ئەگەر قان كۆپ چىقسا ، قاناش ۋاقتى ئۇزۇن سوزۇلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ دوختۇرخانغا كىلىپ تەكشۇرتىش كېرەك.

6.مەقئەتنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيەللىك ئورنى سەۋەبلىك  ۋە  يارا ئېغىزى ئىچىلىش ، جاراھەت يۈزى ئوڭاي يۇقۇملىنىدۇ شۇڭا داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن ، ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى 7-10 كۈنگىچە ھەر كۈنى دوختۇرخانىدا دورا ئالماشتۇرۇش ھەم 5-7 كۈنگىچە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق دوختۇرخانىمىزنىڭ داۋالاش لايھىسىگە ئەمەل قىلىپ ، بالدۇراق ئەسلىگە كىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

7.يارا ئىغىزىنىڭ پۇتۇش ۋاقتى ئادەتتە 3-4 ھەپتىگىچە بولىدۇ، داۋالاش مەزگىلىدە چوقۇم دوختۇرغا ماسلىشىپ ، كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ، كەسپى ئەمەس دوختۇرخانلارغا كۆرۈنۈپ ، داۋالاش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

8. داۋالاش مەزگىلىدە چوقۇم ئۇيقۇغا  كاپالەتلىك قىلىش ، توغرا بولغان يىمەك – ئىچىمەك ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئاچچىق –چۈچۈك ، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن، ھاراق ، تاماكىدىن  پەرىز تۇتۇش كېرەك . سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىك، سۇنى كۆپ ئىچىش  ، مېۋە چىۋىنى كۆپ يىيىش ، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش كېرەك .

9. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ،  بەك كۆپ ھەرىكەت قىلغاندا يارا ئىغىزى سۇركىلىپ قاناش كىلىپ چىقىدۇ.

10. ئوپىراتىسىيەدىن كېيىنكى 10-15 كۈنگىچە دوختۇرخانغا كىلىپ         دوختۇرنى ئىزدىسىڭىز  مەسئۇل دوختۇر  سىزنى ھەقسىز بىر قىتىم تەكشۈرۈپ قويىدۇ.

مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرنى داۋالاشتا 30 پىرسەنىت داۋالاش ، 70 پىرسەنىت پەرۋىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ .سىز پەقەت دوختۇرنىڭ داۋالاش لاھيىسىغا ئاكتىپ ماسلاشسىڭىز ، چوقۇم كۆزلىگەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىرشەلەيسىز


تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
توربەت ئادېرسى: http://wei.xjtygcyy.com





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش