ئۆتكە تاش چۇشۇش
سەۋەبى: قۇيۇق غەيرى سەۋدا، بەلغەمنىڭ سەپراغا ئارلىشىپ ئۆت خالتىسىغا كىرىپ قېلىشىدىن پەيدا بۇلىدۇ.
ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ يۇقارقى قۇرساق ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، كۆڭۇل ئاينىش، قۇسۇش، ھەزىم بۇزلۇش،ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تاغاقلىرىغىچە تارقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۇرلىدۇ. ئەگەر ئۆت تېشى ئۆت كاناللىرىغا كەپلەشكەندە سېرىقلىق چۇشۇش، توش سۇڭەك ئاستى قىسمى مۇجۇپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۇرلىدۇ.
داۋالاش: مائۇل ئۇسۇل بۇزۇرى، سۇپۇپى رەۋەن، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش كۇمۇنى، ھەببى كۇرۇسنىگى، ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى، ئىسكەنجىبىن ئەپسەنتىن قاتارلىق دۇرىلار بىرلىدۇ.
غىزاسىغا: كەپتەر گۇشى بىلەن سەۋزە، تۇرۇپ، پىياز، چىڭسەي سېلىپ پۇشۇرۇپ بىرىلسە بۇنىڭغا ھەرقېتىمدا 10 مىللىلىتىر كۇنجۇت يېغى قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەينالۇ مۇرابباسى بىلەن نان بىرىشمۇ پايدىلىق.
باشقا تور بەتلەرگە يۆتكىسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى
www.alsihat.com