بەخت قارىشىمىز ئىجابى بولسۇن!
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
«بەختلىك»ياكى«بەختسىزلىك»پەقەت كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىدىكى مەسىلە بولۇپ،ئۆزىنى بەختلىك ھېساپلايدىغان كىشىلەر ھەرقانداق ئىشقا بىر خىل ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزىنى بەختسىز ھېساپلايدىغان كىشىلەر بولسا ھەر ۋاقىت ئۈمىدسىز ھالەتتىلا يۈرىدۇ.
ئىككى چېلەك قۇدۇققا تەڭلا چۈشۈرۈلۈپتۇ،ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە:«بەكلا جىمىپ كەتتىڭغۇ، ساڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولدىمۇ،نېمە»دەپ سوراپتۇ.
«ھەي…»دەپ ئۇھسىنىپتۇ يەنە بىرى،«مەن ئويلىغانسىرى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى قۇرۇق ئاۋارىچىلىكتەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن.سۇنى لىق قاچىلايدىكەنمىز، ھايال ئۆتمەيلا يەنە قۇرۇقدىلىپ قالىدىكەنمىز».
«ھە،ئەسلىي مۇنداق ئىشكەن-دە»دەپتۇ ھېلىقى چېلەك،ئەمما،مەن ئۇنداق ھېسسىياتتا ئەمەس. مەن ئىزچىل ھالدا:قۇپقۇرۇق كېلىپ،سۇنى لىق تولدۇرۇپ كېتىۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن.
ئوخشاش مۇھىتتا ۋە ئوخشاش كەچۈرمىش ئىچىدە چوڭ بولغانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلسا،يەنە بەزىلىرى بەختسىز دەپ ئويلايدۇ. ئىككى دېرىزىدىن تەڭلا سىرىتقا قارىسا: بىرى يۇلتۇزلارنى كۆرىدۇ،يەنە بىرى لاي-لاتقىلارنى كۆرىدۇ.
شۇڭا بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا«بەختلىك»ياكى«بەختسىزلىك» قانداقتۇ كىشىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ بەختكە تۇتقان پۇزۇتسىيىسىنىڭ ئىجابى ياكى سەلبى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىنقراق دېگىنىمىزدە،بىر ئادەمنىڭ ماددى مەئىشىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ،ئۇ ئادەم سەۋىر- قانائەتچان ئادەم بولسا،يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېساپلاپ تۇرمۇشنى شادخۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا ئىنتىلىدۇ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتەلەيدۇ. ئەكسىچە،ماددى تۇرمۇشى خېلى يۇقىرى بىر ئادەمنىڭ بەخت قارىشى مۈجمەل، قانائەتسىز، مەنمەنچى،قىزىلكۆز بولسا ئۇ ھەرقانچە بىيىغان بىلەنمۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختسىز ھېساپلاپ دائىما ئۆز تۇرمۇشىغا ھەسرەت،باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەسەد بىلەن ئۆتكۈزىدۇ-دە،ھاياتنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەيدۇ.
كىشىلەرنىڭ بەختكە بولغان ئىككى ياقىمىلىق قارىشىنىڭ ئاساسىي مەنبئىي پەقەت شۇ كىشىنىڭ ماددى تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى، مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى بىلەنمۇ ھەقىقى تۈردە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەنىۋىيىتى تويۇنغان ياكى مەلۇم دەرىجىدە تويۇنغان ئادەم بىلەن مەنىۋىيىتى ئاچ ئادەمنىڭ بەختكە تۇتقان مۇئامىلىسى مۇئەييەن ھالدا پەرقلىق بولىدۇ.چۈنكى،بىز تەكىتلەۋاتقان بەخت-ماددى تۇرمۇش جەھەتتىكى بەخت بىلەن مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىكى بەختنىڭ بىرلىكىدىن تەركىپ تاپىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن ماددى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشى، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر شەرتى.بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيىتقاندا، يىمەك- ئىچمەك، كېيىم- كىچەك، ئولتۇراق جاي، ئائىلە جابدۇقلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەرسىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئوبىكتىپ ئىھتىياجى ۋە زۆرۈر كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى. بۇلار بولمىسا كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئىرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. لېكىن بەختلىك بولۇش يالغۇز ماددى تۇرمۇش جەھەتتىلا ئىپادىسىنى تاپماستىن، بەلكى ئۇ يەنە مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تولۇق بولۇشى بەختنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. شۇڭا كىشىلەر پەقەت ماددى جەھەتتىكى بەخت بىلەنلا بەنت بولۇپ كېتىپ، مەنىۋىيەتكە ئەھمىيەت بەرمىسە ئۇ چاغدا روھى جەھەتتە چۈشكۈنلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلش ئۈچۈن ماددى جەھەتتىكى بەختنى مەنىۋى جەھەتتىكى بەخت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن بەخت تولۇق، ھەقىقى مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تولۇق ۋە خۇشاللىق بولۇشى ئالدى بىلەن يۈكسەك غايە تىكلەش ھەم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە ئىتىقاد تۇرغۇزۇش، خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئوبىكتىپ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى بىلىم ئېلىش ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. زۆرۈر بولغان ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئاساسىدا، مۇشۇنداق ساغلام بولغان مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ بولۇشى بەخت قارىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى ساغلام بولغان مەنىۋى تۇرمۇش ماددىي تۇرمۇشقا يىتەكچىلىك قىلغاندىلا ۋە تىزگىنلىگەندىلا ئاندىن تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى ھېس قىلغىلى، ھەقىقى بەخت سائادەتكە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر مىللەت، بىر دۆلەت جۈملىدىن بىر شەخىس پەقەتلا ماددىي تۇرمۇش جەھەتتكى بەخت بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا ئۇلاردا ھىچقانداق ئىستىقبال بولمايدۇ، خالاس.
«ھەربىر ياش ئۈچۈن شەخسىي بەخت- دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا ئېقىنىنىڭ بىر تامچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بەختى بىلەن ئورتاق بولالىسىلا، ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدۇ».
مەنبە : تۇرمۇش خاتىرىسى تورى . |