新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 0

گۆدەك قىزلاردا بولىدىغان جىنسىي يول ياللۇغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
    سەۋەبى: گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغى دائىم تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. چۈنكى گۆدەك قىزلاردا تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن ۋە جىنسىي يول تېمى نېپىز ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن جاراسىملار ئاسانلا ھۇجۇم قىلىپ يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغان گۆدەك قىزلارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزا قىسمى جاراسىم بىلەن ئوڭاي بۇلغىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  ھەرخىل غەيرىي نەرسىلەرنى جىنسىي يولغا تىقىپ ئويناش، پاسكىنا قوللىرىدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇش نەتىجىسىدە گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئالامىتى: كۆپىنچە گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ. ئالدى دالانچە قىسمى قىزىرىپ، جىنسىي يول ئېغىزى ئىششىيدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىپ ئاغرىشى ئۆزىگە سىزىلىدۇ. ئەگەر غەيرى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىنسا چىمچىلاق بارماقنى سۇڭىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرگەندە، غەيرىي نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسان داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىشتا: گۆدەك قىزلارغا بولغان تازىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىرلىكتە گۆدەك قىزلارغا تازىلىق جەھەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. گۆدەك قىزلارنىڭ  تاشقى جىنسىي ئەزاسىنى  ھەر كۈنى يۇيۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىچكى كىيىمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېغى ئۇچۇق ئىشتاننى كەيگۈزمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇيۇنۇش داسلىرى ۋە بەدەن لۆڭگۈلىرى بولۇش، ئاممىۋى مۇنچىلاردا يۇيۇنماسلىق لازىم.
    تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي يوللارغا توپا، قۇملارنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئۇپا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېپىپ قويۇش كېرەك.
    ئەگەر قۇرت ياكى زەمبۇرۇغنىڭ تەسىرىدىن ياللۇغلىنىش بولغان بولسا شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىنىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
    1. رېتسىپ: كاككۇك گۈلى ۋە ئوسمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
    2. رېتسېپ: ئانارگۈلى ۋە ئانار ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، قان توختىتىدۇ، جاراسىملارنى يوقىتىدۇ.
    3. رېتسىپ: سېمىز ئوت ئۇرۇقى بىلەن مامۇرانچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، قاينىتىلمىدا كۈندە بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ.
    4. رېتسېپ: مامۇرانچىنى، ئوسما يىلىتىزى، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، بىنەپشە ۋە ئىسپىغۇلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ دورىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك سۇدا سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، بۇ سۇ بىلەن يەرلىك ئورۇننى كۈندە بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ بەرگەندە، جىنسىي يول ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
     دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قېتىق، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك
مەنبە:تىببى جەۋھەر تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش