ئالپ تورى باش بەت 中国梦 مەزمۇننى كۆرۈش

پارتىيە 19- قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرى ...

2017-12-26 19:17| يوللىغۇچى : alip| كۆرۈش: 231| باھا: 18|ئەسلىي ئاپتورى : adeljan0103

قىسقىچە مەزمۇنى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا 100 سوئال-جاۋاب 1. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى قاچان چاقىرىلدى؟ جاۋ ...
170308uhququuzjgothjl0.gif

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا 100 سوئال-جاۋاب

1. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى قاچان چاقىرىلدى؟
جاۋاب: 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى.

2. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى نېمە؟
جاۋاب: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.

3. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى قايسىلار؟
جاۋاب: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

4. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن قانچە يۈەنگە كۆپەيدى؟ دۇنيا بويىچە قانچىنچى ئورۇندا تۇردى؟
جاۋاب: 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى.

5. 19 - قۇرۇلتايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، قايسى ئىدىيە پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى؟
جاۋاب: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى.

6. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئىجادچان دۆلەت بەرپا قىلىشنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئەرش ئوردىسى ئۇچقۇسى، ئەجدىھا چۆككۈسى، تيەنيەن تېلېسكوپى، ۋۇكۇڭ سۈنئىي ھەمراھى، موزى سۈنئىي ھەمراھى، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىقلار.

7. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، قانچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
جاۋاب: 1500 دىن ئارتۇق.

8. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، دېموكراتىيە-قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى، نېمە كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، نېمە كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؟
جاۋاب: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى.

9. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئىدىيە-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نېمە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، نېمە كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى؟
جاۋاب: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

10. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، قانچە نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلدى؟ نامراتلىق نىسبىتى %10.2 تىن تۆۋەنلەپ قانچىگە چۈشتى؟ شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچە كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى؟
جاۋاب: 60 مىليوندىن ئارتۇق، %4 تىن تۆۋەن، 13 مىليوندىن ئارتۇق.

11. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، قايسى قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى؟ نېمە سىجىل ئۆستى؟ نېمىنى تۈزەش روشەن كۈچەيتىلدى؟ قايسى خىل ئەھۋال ياخشىلاندى؟
جاۋاب: ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئالغا سۈرۈلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى سىجىل ئۆستى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش روشەن كۈچەيتىلدى، مۇھىت ئەھۋالى ياخشىلاندى.

12. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، قايسى ئىسلاھاتتا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، قانداق يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلدى؟
جاۋاب: دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلدى.

13. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەر تەرەپلىمە دېپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، قانداق تەشەببۇس يولغا قويۇلدى؟ نېمە بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى؟
جاۋاب: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇسى يولغا قويۇلۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى.

14. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىغا ھۆرمەت قىلىشى ئالغا سۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قايسى تۆت ئېڭى كۈچەيتىلدى؟
جاۋاب: سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى.

15. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قايسى «تۆت خاھىش»نى قاتتىق تۈزىدى؟
جاۋاب: شەكىلۋازلىك، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشى.

16. 18 - قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزدە قايسى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن - سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

17. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى نېمە؟
جاۋاب: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

18. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆت ئۇلۇغ» قايسى؟
جاۋاب: ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ.

19. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئىشنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرۈشتە، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر قايسى تۆت ئىشەنچنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى كېرەك؟
جاۋاب: يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى.

20. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆت ئۇلۇغ» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە رولى قايسىلار؟
جاۋاب: ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ، بىر-بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى  پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش.

21. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باش ۋەزىپە نېمە؟
جاۋاب: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان ئاساستا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

22. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى.

23. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش.

24. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ناھىيە (شەھەرلىك) پارتكوملارنىڭ قانداق تۈزۈم ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىشى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: تەكشۈرۈش تۈزۈمى.

25. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى قايسى؟
جاۋاب: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش.

26. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش نىشانى قايسى؟
جاۋاب: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش.

27. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى نېمە؟
جاۋاب: پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

28. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى قايسى؟
جاۋاب:
(1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.
(2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.
(3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.
(4) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش.
(5) خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.
(6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.
(7) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش.
(8) تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش.
(9) ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش.
(10) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش.
(11) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.
(12) «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇشتا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.
(13) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.
(14) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

29. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن سوتسىيالىستىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى نېمە؟
جاۋاب: پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

30. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؟
جاۋاب: ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشى.

31. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرگە خاس قانداق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش كۆرسىتىلدى؟
جاۋاب: روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق.

32. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇنچىل، ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپنى سۆيۈش، سەمىمىي، دوستانە بولۇش.

33. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن 20 - قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى، 2020 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن، ئۇنداقتا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟
جاۋاب: 1 - باسقۇچ: 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
2 - باسقۇچ: 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

34. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى نېمىگە قويۇش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئەمەلىي ئىقتىساد.

35. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قايسى تەلەپكە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
جاۋاب: كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشاد بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

36. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە قانچە يىل ئۇزارتىش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: 30 يىل.

37. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش.

38. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى قانداق دېموكراتىيە دەپ كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ياراملىق دېموكراتىيە.

39. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ ئۈچىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
جاۋاب: پارتىيە رەھبەرلىكى ــ خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش ــ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ــ پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن.

40. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانداق ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەكلىكى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار قانداق ئىشلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: تەدبىرنىڭ بەلگىلىنىشى ئىلمىي، ئىجرا قىلىنىشى قەتئىي، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇشى كېرەك.

41. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق خوجايىن بولۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنى قانداق ئورگانغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئومۇميۈزلۈك چىقىدىغان خىزمەت ئورگىنىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلايدىغان ۋاكالەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

42. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قانداق ئاپپارات قۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى.

43. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قايسى دەرىجىدىكى قانداق ئورگانلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش.

44. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى قانداق شەرھلەنگەن؟
جاۋاب: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

45. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دىن خىزمىتى قانداق شەرھلەنگەن؟
جاۋاب: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم.

46. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: پۈتكۈل خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئىشنى ئائىلىدىن باشلاش، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە - قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق مىزانىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنى دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەبەدىي جەلبكارلىقى ۋە دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىش لازىم.

47. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شەھەر- يېزىلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش تەدبىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئالىي مائارىپتا ئوقۇيدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت.

48. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كۆرسىتىلدى، 2020 - يىلىغا بارغاندا قانداق ئۆلچەمگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.

49. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كۆرسىتىلدى، نېمىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك؟
جاۋاب: ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەر.

50. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى، قايسى ئۈچ كونترول سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك؟
جاۋاب: ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش سىزىقى، شەھەر- بازارلارنى ئېچىش پاسىل سىزىقى.

51. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتا قانداق ئاپپارات تەسىس قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش.

52. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتا قانداق مەسئۇلىيەتنى بىر تۇتاش ئادا قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئومۇم ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش ئادا قىلىش، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش ئادا قىلىش، شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش ئادا قىلىش.

53. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانداق ئاپپارات قۇرۇپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاپپاراتى.

54. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ قايسى تۆت خىل سىناققا دۇچ كېلىدۇ؟
جاۋاب: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى.

55. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتا قايسى تۆت خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق - چىرىكلىك خەۋپى.

56. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە نېمە؟
جاۋاب: پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بۇيسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

57. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ــ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى.

58. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا نېمىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك.

59. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا نېمىنى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللىنىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈش.

60. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىپ، بارلىق ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي خادىملارغا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تۈزۈپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق چېكى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىنى قانۇن بويىچە بەلگىلەپ، «ئىككى بەلگىلىمە»نىڭ ئورنىغا قويۇش كېرەك.

61. ئېلىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپە نېمە؟
جاۋاب: زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش.

62. 19 - قۇرۇلتاي چاقىرىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
جاۋاب: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى ــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.

63. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش.

64. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار.

65. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق خوجايىن بولۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: پارتىيە رەھبەرلىكى.

66. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: خەلق خوجايىن بولۇش.

67. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە خەلق دۆلەتنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەكلى نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش.

68. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانداق تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش.

69. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى نېمە؟
جاۋاب: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم.

70. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ 14 ئاساسىي تەدبىرىنىڭ بىرىنچىسى نېمە؟
جاۋاب: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

71. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش.

72. ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇشتا، قانداق قاراشنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش زۆرۈر؟
جاۋاب: سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.

73. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەسى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟
جاۋاب: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئاساستا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش.

74. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانداق «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمەت قوشۇنى يېتىشتۈرۈش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان خىزمەت قوشۇنى.

75. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانداق تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بازار ۋە ئادىل رىقابەتنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش تەكىتلەندى؟
جاۋاب: بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى.

76. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالغاندا، قايسى قۇرۇلۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قانداق ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

77. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا نېمىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش شەرت.

78. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق قىلىپ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ خەلقنى تەربىيەلەش، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەش، تارقىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

79. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى، جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجادىيەت يۆنىلىشى قايسى؟
جاۋاب: خەلقنى مەركەز قىلىش.

80. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاشنىڭ قايسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن؟
جاۋاب: كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى.

81. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېمىنى باشتىن - ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن؟
جاۋاب: خەلق مەنپەئەتىنى.

82. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا نېمىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.

83. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان قايسى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوقلىقى تەكىتلەنگەن؟
جاۋاب: ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق.

84. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قايسى پىرىنسىپنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى

85. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كىمگە مۇناسىپ ھالدا ئىنتىزام جازاسى بېرىش ھوقۇقى بېرىلىپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: كادىر باشقۇرۇش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتى.

86. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟
جاۋاب: خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت.

87. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانداق قىلغاندا خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

88. كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيىتى نېمە؟
جاۋاب: پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش.

89. ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى نېمە؟ قانداق تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت؟
جاۋاب: ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات.

90. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قانداق ئەمگەكچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ھۈنەرۋەن-كاسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك شەرەپلىك، دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسىپنى قەدىرلەش ئىستىلى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىجادچان.

91. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئالتە چوڭ ۋەزىپە قايسى؟
جاۋاب: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش؛ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش.

92. گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشتىكى «تۆت چوڭ تەدبىر» قايسى؟
جاۋاب: (1) يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش. (2) گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش. (3) ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. (4) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش.

93. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قانداق يېڭى تەلەپلەرنى قويدى؟
جاۋاب: بىز تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ئوبدان ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەردە كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئوبدان تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

94. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا قانداق چىڭ تۇرۇش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت.

95. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى، تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

96. 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۇلۇغ ئىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىلگەن؟
جاۋاب: پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

97. يېڭى دەۋردە ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

98. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى نېمە؟
جاۋاب: پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا سۇبيېكت، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

99. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
جاۋاب: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل-تەرتىپلىك بولىدىغان، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

100. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يولى قايسى؟
جاۋاب: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك…


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
ئاۋۋال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئون توققۇزىنچى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىپ ، غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
قۇرۇلتاي يىغىنى ئاخىرلىشىش بىلەنلا،پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
شۇڭلاشقا ، مەن بەزى بەزى تورداشلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش، ھەم ئۆزۈم قىزىقىش ئاساسىدا ،توردىن ماتېرىيال توپلاپ، قۇرۇلتاي روھى مۇجەسسەملەنگەن pdf شەكىلدىكى ئېلكىتاب ياساپ چىقتىم.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:https://share.weiyun.com/5697e2ba36a69bddb6721ec5ce34fcb2
تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

170309ychwcwmgnfftqzwg.jpg

گۈل

قوللايمەن

يولۇچى

تۇخۇم

最新评论

  • 回复 TONY731 2017-11-27 19:21
    يارايسىلە دوستۇم ياخشى بوپتۇ
  • 回复 Muzat-ogli 2017-11-27 19:28
    ھەممسى سالوندىن كۆچۈرۈپ كەلگەن رەسمكەن ،، رەسملەرنىڭ چوڭ -كىچىكىلكى  ياخشى تەڭشەلمەپتۇ .. خەتلەرمۇ تۇتۇق ،، بولسا  خەتلەرنى قولدا بىرمۇ بىر بېسىپ يازغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن ..
  • 回复 oyqil 2017-11-27 19:42
    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت مەن چۇشۇرۇۋالدىم!
  • 回复 رۇھ 2017-11-27 20:22
    ئەجەپ ئۇمدان چۈشۈرۋالدىم. ئەمدى دەپتىرىمگە كۈچۈرۈپ يېزۋالسام بۇلاتتى
  • 回复 14799682185 2017-11-27 21:09
    چۈشۈرگەن قېرىنداشلار ، رەنجىمە يوللاپ بەرسەڭلا
    1468003249
    كۆپ رەھمەت
  • 回复 tulpar0997 2017-11-27 21:12
    يارايسىز   ماڭە بەك لازىمتى
  • 回复 muradel0903 2017-11-27 22:17
    يارايسىز
  • 回复 ntel 2017-11-27 22:28
    مەن چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىممۇ يا بالىلار.چۈشۈرۈشنى باسسام ، ھۆججەتنىڭ ئۆزى ئېچىلىپ كېتىپ بارىدۇ.چۇقۇم تور دېسكىسىغا تىزىملىتىشىمىز كېرەكمۇ؟
  • 回复 nurahmat 2017-11-28 00:39
    مەندە wordيازما ھۆججىتى بار، بەيدۇ ماتېرىيال ئامبىرىغا يوللىسام تەستىقلانمىغانتى، ئەتىراپىمدىكى ئېھتىياجلىقلارغا كىچىك كىتابچە قىلىپ بېسىپ بەردىم
  • 回复 18899202908 2017-11-28 00:44
    ماۋۇ سالۇن ئۇلانمىسىدا پۈتۈنلەي قولدا يېزىلغىنى با خالىغانچە چوڭ كىچىك قىلىپ كۆرگىلى بۇلدۇ
    http://mp.weixin.qq.com/s/e0LybgS5jMUsG9i-wWcbIg

  • 回复 adeljan0103 2017-11-28 00:57
    Muzat-ogli يوللىغان ۋاقتى  2017-11-27 19:28
    ھەممسى سالوندىن كۆچۈرۈپ كەلگەن رەسمكەن ،، رەسملەرنىڭ  ...

    پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن.
  • 回复 pamir 2017-11-28 01:13
    ئىنتايىن ياخشى قىلپسىز،بۇلسائىككى ۋاراق كەلگۇدەك تەشۋىقات مەزمۇنى تەييارلاپ بەرسىڭىزبەك ياخشى بۇلاتتى دىھقانلارچۈشىنەلەيدىغان ئىخچام قىلىپ .
  • 回复 adeljan0103 2017-11-28 01:19
    تولۇقلىما مەزمۇن
    تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قويدۇم
    https://share.weiyun.com/84ca564025e4c509754273e6b147e609

  • 回复 ilimkan 2017-11-28 03:02
    ۋورد نۇسخىسىنى يوللاپ بىرەيمۇ، چچ :594468078
  • 回复 ئىقرار 2017-11-28 10:42
    مەنمۇ چۈشۈرەلمىدىم ھۆججەت ئېچىلىپ كەتتى   مەن بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم
  • 回复 sirdax14 2017-11-28 11:15
    رەھمەت دوستۇم جاپا چىكىپسىز
  • 回复 يەكەن520 2017-11-28 13:55
    رەھمەت دوستۇم جاپا چىكىپسىز
  • 回复 uduntori 2017-11-29 17:46
    مىنىڭچە ئېلكىتاپ ياسىغاندا سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلساق، سۈزۈك، ھەجخمى كىچىك، لايىھەلىنىشى يېقىشلىق بولسا، مەن 19- قورۇلتاي روھىدىن 100 سۇئال جاۋابنى قايتا ئېلكىتاپ قىلىپ قويدۇم، بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، سۈزۈك ھەم سىغىمى كىچىك.
    http://url.cn/5vINJew

您需要登录才可以回帖 登录 | 立即注册

مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

返回
顶部