+تېما يوللاش
qinar120 يوللانغان ۋاقتى:2015-8-7 20:04 2982 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qinar120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-7 20:34  




Windows10 سىستېمىسىنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن، مىكروسوفىت شىركىتى تارىختا تۇنجى قېتىم مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى چەكلىك ئۆستۈردىغانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بىراق بۇ مىكروسوفىتنىڭ سېخى « خەير – ئېھسانچى» غا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يېقىندا بەزى تاراتقۇلار ئەگەر ئىستېمالچىلار يېڭى سىستېمىنىڭ DVD پلاستىنكا قويغۇچىسىغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇ پلاستىنكا قويىدىغان يۇمشاق دېتالنى 15 يۈەنگە سېتىۋالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.

ئەنئەنىۋى ۋىندوىس مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەممىسىگە مىكروسوفىتنىڭ ۋاسىتە مەركىزى ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئۇلارخېرىدارنى پلاستىنكا قويغۇچ يۇمشاق دېتالى بىلەن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسىدا مىكروسوفىت شىركىتى ۋاسىتە مەركىزىنىڭ بىرىكمە دېتالىنى چىقىرىۋېتىپ، DVD پلاستىنكا قويغۇچنى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان يۇمشاق دېتال ھېسابلىمىغان. Betanews

قاتارلىق ئامېرىكىدىكى بىر قانچە پەن – تېخنىكا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەگەر يېڭى سىستېما ئابۇنتلىرى DVD پلاستىنكا قويغۇچقا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇ يۇمشاق دېتالنى 15 يۈەنگە سېتىۋالىدىكەن. بۇنى بۇرۇنقى ھەقسىز يۇمشاق دېتالغا سېلىشتۇرغاندا، مىكروسوفىتنىڭ بۇ ئىشى ئابۇنتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بىراق، مىكروسوفىت ھەممە ئابۇنتتىن پۇل ئالمايدۇ، ئەگەر ئابۇنتلار ۋاسىتە مەركىزى جابدۇقىدىن Windows7 بىلەن Windows8نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ دەرىجىسىنى Windows10غا كۆتۈرگەن بولسا، بۇ پلاستىنكا قويغۇچنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالمايدىكەن






بۇنىڭدىن باشقا، مىكرو سوفىت شىركىتى ئابۇنتلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش بېكىتىدە، DVD پلاستىنكا قويغۇچ يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقى، كېيىن چوقۇم سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا پەن-تېخنىكا تاراتقۇسى يەنە بۇ DVD پلاستىنكا قويغۇچنىڭ بىر قەدەر قالاقلىقىنى، ئەنئەنىۋى DVD پلاستىنكىسىنىلا قويالايدىغانلىقى، نۇرلۇق پىلاستىنكا قويۇشنى قوللىمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىكروسوفىت Windows10مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر يىل ئىچىدە ھەقسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە مۇناسىۋەتلىك DVD پلاستىنكا قويغۇچنى سېتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھەممىگە ئايان، خېلى كۆپ خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ DVD پلاستىنكا قويغۇچىسى شاللىنىپ كەتتى، شۇڭا پلاستىنكا قويۇش ئېھتىياجى بار ئابۇنتلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس، مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەر پلاستىنكا قويغۇچنى سېتىشتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ.

ۋىدىئو تورىنىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىستېمالچى ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق تېلېۋىزور ياكى كىنو كۆرىۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ DVD پلاستىنكا قويغۇچىدا كىنو كۆرىۋاتىدۇ. شۇڭا مىكروسوفىت Windows10مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ھەقسىز ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتى قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئابۇنتلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن قىلىدىغان كىرىم سوممىسى كۆپ ئەمەس ، ئۇ مىكروسوفىتنىڭ ئومۇمىي كىرىمىدە ناھايىتى كىچىك ئۆلۈشىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئېتىبارسىزمۇ قارىلىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەقسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىدا مىكرو سوفىتنىڭ زىيىنى 500 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.



مەنبەسى :
شىنخۇائاگېنىتلىقى


   

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
841529931 ۋاقتى: 2015-8-7 21:08:26

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن تلفۇندا 3-4ئۇندىدار ئاچاي دىگەن apk编辑器دا  دىتالنڭ 签名نى ئۇزگەرتپ باشقا باشقا نەشردىكى ئۇندىدارنى قاچلسام بۇلامدۇ قاندا يۇل كۇرسەتسەڭلا
گىلەم
omak1120 ۋاقتى: 2015-8-7 22:01:32
841529931 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-7 21:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن تلفۇندا 3-4ئۇندىدار ئ ...

مەندە 40 نى ئاچقىلى بولىدىغان دىتال با
ئورۇندۇق
begtash ۋاقتى: 2015-8-7 23:03:52
ۋىندوۋس10نى ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىلەر دەپ ئوچۇق گەپ قىلمىدىيا بۇلار؟
5-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2015-8-7 23:50:09
مەن بۇتاختا كومپىيۇتېرنى ئالايدىگەن بولامۇ
6-قەۋەت
2595922642 ۋاقتى: 2015-8-8 00:10:54
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2595922642 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-8 00:12  
qinar120 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-7 23:50
مەن بۇتاختا كومپىيۇتېرنى ئالايدىگەن بولامۇ


بولدىغان ئوخشايدۇ ئىلىپ بىقىڭ
7-قەۋەت
841529931 ۋاقتى: 2015-8-8 00:23:13
omak1120 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-7 22:01
مەندە 40 نى ئاچقىلى بولىدىغان دىتال با

ماڭا  يوللاپ  بەسڭز،بۇلامۇ
8-قەۋەت
abdilwaris ۋاقتى: 2015-8-8 07:49:59
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار مەن دە hp نىڭ تاختا كومپىيوتىرىدىن بىرسى بار windows 10 يېڭىلاپ قويدۇم . ئالىدىغان دوسلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلا .ئېكران 7سۇڭ  ئىشەنچىلىك باھاسى 550 يۈەن خۇتەنلىك دوسلار بولسا كۈرۈپ بېقىپ سودىلاشساقمۇ بۇلىدۇ . تىلفۇن 13319795200
9-قەۋەت
salkin11 ۋاقتى: 2015-8-8 13:10:43
begtash يوللىغان ۋاقتى  2015-8-7 23:03
ۋىندوۋس10نى ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىلەر دەپ ئوچۇق گەپ قىلمى ...

ھازىر ھەقسىز ئىشىلتىپ كېلىۋاتىمىز ... نورمال ئاكتىپلاپ بېرىۋاتىدۇ ...
10-قەۋەت
سەرخىل ۋاقتى: 2015-8-8 14:36:10
مەن win10 نى قاتتىق دىسكىنى قۇرۇقداپ بولغاندىن كىيىن قاچىلىسام ئاكتىپلانمىغان ھالەتتە قوزغالدى شۇنىڭ پەقەت ئاكتىپلىيالمىدىم....ئەمما  كومىيوتېردا  كۆزنەك  يەتتە  قاچىلاغلىق  كومپىيوتېرغا  win10 قاچىلىسام ئاكتىپلانغان ھالەتتە  قوزغالدى.
11-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2015-8-9 01:13:36
قاتتىق دىسكىنى پورماتلاپ ئەمەس win10 دەرىجە ئۆستۈرۈرپ يېڭىلايسىز
12-قەۋەت
2490015549 ۋاقتى: 2015-8-24 11:17:40
windows 8.1 بولسا   
قاچلاش ئوڭاي
ئاكتىپلاۋىردۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
13-قەۋەت
xamal731 ۋاقتى: 2015-9-30 14:53:53
سىزگە تاختا كومپىيۇتىر لازىممۇ، ئ‍الما ئ‍ېلىڭ2. سامسۇڭ ئ‍الىڭ،.شىئ‍اۋمى ئ‍الىڭ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部