+تېما يوللاش
hakanbiz49520 يوللانغان ۋاقتى:2016-10-22 16:42 4839 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىخچام تىل ئىدى، ئوخشاش بىر بەت خەنزۇچە مەزمۇننى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلسا ئىككى-ئۈچ بەت بولىدۇ دەيدىغان پىكىرگە تازا قوشۇلالمايمەن.

بىرىنچى: 进行 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

سىناش ئېلىپ بارغاندىن باشقا

ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى

تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش

ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك

ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ

ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك

مەزكۇر پارتىيە ئېلىپ بارغان

نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ

زېھىن سىناش ئېلىپ بارغاندىن

سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇناسىۋىتى

قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى

ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 进行 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش:

进行 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،进行 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

进行会谈 سۆھبەتلەشتى

سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

进行治疗 داۋالىدى

داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

进行试验 سىناق قىلدى

سىناق ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

 

 

ئىككىنچى: 发生 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

بۇنىڭدا خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان

قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ

پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ

خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان قىزىق

يۈز بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا

جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە

ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن

بۈگۈن يۈز بەرگەن مۇھىم

ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ

خەلقئارادا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن

سەھەردە پارتلاش يۈز بېرىپ

يۈز بەرگەن مۇھىم ئىش

ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن

ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان يېڭى

تارىختا بۈگۈن يۈز بەرگەن

بىخەستەلىك تۈپەيلى يۈز بەرگەن

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئەڭ

دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ

ئەگەر يۈز بەرگەن ئىش

ئويلىمىغان ئىش يۈز بېرىپ

 

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 发生 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش:

发生 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، 发生 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

发生交通事故 قاتناش ۋەقەسى بولدى

قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى (ئەمەس)

发生洪灾 كەلكۈن كەلدى

سۇ ئاپىتى يۈز بەردى (ئەمەس)

发生地震 يەر تەۋرىدى

يەر تەۋرەش يۈز بەردى (ئەمەس)

….

 

ئۈچىنچى: 已经 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئاللىبۇرۇن 270 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتكەن

ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن كىچىك سىڭلىمغا

ئاللىبۇرۇن ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ بولدى

ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ

ئەرلەر بولسا ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ

بالدۇراق كەلگەن بولساڭلار قورۇما-تائاملار ئاللىبۇرۇن

ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 已经 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

已经 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،已经 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

已经超过70公斤 70 كىلوگىرامدىن ئاشتى

ئاللىبۇرۇن 70 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى (ئەمەس)

已经睡觉 ئۇخلىدى

ئاللىبۇرۇن ئۇخلىدى ياكى ئۇيقۇغا كەتتى (ئەمەس)

您的青春已经过去 ياشلىقىڭىز ئۆتتى

ياشلىق باھارىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى (ئەمەس)

 

تۆتىنچى: 由于 كېسىلى
دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان

دېھقانلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ

ئۇچرىغان كېلىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن ئاغرىنىپ

مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبىدىن قېرىنداشلار

كەچ ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازان

كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن

كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ

مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن

سەۋەبىدىنمۇ ئادەم ئاسان سەمرىمەيدۇ

قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن باش ئاغرىيدۇ

يول توسۇلۇش سەۋەبىدىن قاتناش قىستاڭچىلىقى

ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن

ئادەم زەخمىلەنگەنلىك سەۋەبىدىن تۆلەم

ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن

ئېرسىيەت كېسەللىكى سەۋەبىدىن تۇغۇلغاندىلا

ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل

بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان

بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن

تاماگەرلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا

توخۇلاردا كالتىسىي يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن

تورغا چىقىش سەۋەبىدىن تورغا خۇمار

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن

دەريادىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن

تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق

چىقىش سەۋەبىدىن تور ئىقىمىنى

چۈشتىن بۇرۇن تۇمان سەۋەبىدىن

سىرتىدىن سوغۇق تېگىش سەۋەبىدىن

ئىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكى

سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى



كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 由于,因为,原因 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

由于,因为,原因 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، «سەۋەبىدىن»نى زورلاپ يېزىۋالماي، «-دىن\-تىن» قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ ئىخچام تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن يول توسۇلدى (ئەمەس)

قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن يول توسۇلدى

يەرنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن (ئەمەس)

يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن

ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت (ئەمەس)

ھاراق ئىچىشتىن ئىممونىتېت

ھەرخىل كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش (ئەمەس)

ھەرخىل كېسەلدىن ئۆلۈش

مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن (ئەمەس)

مۇھەببەتتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن

بۇنى ۋاقتىدا داۋالىمىساق، «تۈپەيلىدىن» دېگەن ئەگەشمە كېسەلنىمۇ پەيدا بولىدۇ. مانا مۇنداق:

ياشانغانلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى

ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

ناۋادا ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى

يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپنىڭ

دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئارتېرىيە

زەخىملەنگۈچىدە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن سۈرۈكنى كېچىكتۈرۈپ

مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپكە

سەۋەبلەر تۈپەيلى قارا تىزىملىك



سىزدە بۇنداق كېسەل بارمۇ-يوق؟ «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى»نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا مەخسۇس تەكشۈرتۇڭ.

داۋالاش:

«ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» كىتابى ۋە پېشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭ. ئۆيىڭىزدە كومپيۇتېر، يانچۇقىڭىزدا تېلېفونىڭىز بولسا ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى(www.udict.cn)، ئۈندىدار لۇغىتى، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى، ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (imla.uighursoft.com) قاتارلىق ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، بىرنەچچە ئايغا قالماي، بىرلا باسقۇچتا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

مۇشۇنداق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتمىساڭلار، بۇ دېتاللىرىمنىڭ قەدرىگە يەتمەپتۇ دەپ ھەقسىز تارقىتىۋەرمەيمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلاردا: «قەدرىنى بىلمىگەنلەرگە 1000 يارماققىمۇ ساتماسمەن، بىلگەنلەرگە ھەقسىز بېرىمەن»-دەيدىغان ھېكمەت بار.

ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق CT ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردە تەكشۈرۈۋاتىمەن. تۆۋەندىكىدەك تارقىلىشچان كېسەللەرمۇ مەۋجۇت:

يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (يارىلاندى)
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ (ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ)
ئۆپكىسىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى (ئۆپكىسىنى داۋالىدى)
ئاخشام ئايروپىلان ئارقىلىق كەلدىم (ئايروپىلاندا كەلدىم)
يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى (كەڭ…يايدۇرايلى)
قۇرغاق رايونلار ئۈستىدە تەتقىقات (…رايونلاردىكى تەتقىقات)
بۇ ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت (بۇ ماڭا ھاقارەت)
ئالما دەرىخى ئۈستىدىن ئالما ئۈزدۈم (ئالما دەرىخىدىن …)
ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە (ئاشخانىدا)
تاڭنۇرى ئولتۇراق رايونى ئىچىدىن ئىجارە (… رايونىدىن …)
مەن بىلەن بىللە بېرىشىپ بەر (ماڭا بېرىشىپ بەر)
داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ (ئالدىغا مېڭىۋېرىڭ)
بىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا (بىز بۇنداق ئەھۋالدا)
مۇشۇ خىل دورىدىن يېسىڭىز (مۇشۇنداق دورىدىن)
بۇ خىل تىپتىكى زۇكامدىن (مۇشۇنداق زۇكامدىن)
رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن (رەھمەت ئېيتىمەن)
مەن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن (بىئارام بولۇۋاتىمەن)
….

بۇ يازما ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونى (ئىزدەش نومۇرى: uighursoft) ۋە ئالىم ئەھەت بىلوگى(www.alimahat.com)دا ئېلان قىلىنىدۇ. ئاپتورى ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
يېڭى تەرجىمان دوسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىدۇم ،دىققەت قىلىپ قۇيايلى تەرجىمە جەريانىدا ئەتىراپلىق ۋە ئىشلەتكۈچىگە بىر خىل ھوزۇر بەرگۈدەك تەرجىمە قىلساق .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
♡帅哥♡ + 5 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن17 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
♡帅哥♡ ۋاقتى: 2016-10-22 17:41:58
قوللايمەن
گىلەم
ISIL.BIZ ۋاقتى: 2016-10-22 17:43:19
ھازىر بۇ كىسەلنىڭ تارقىلىشى بەك ئېغىر .ھەتتا تىلۋىزورغىمۇ يۇقتى .مىنىنىڭ دىققەت قىلغىنىم  بىللە ئۈگىنەيلى پىراگىراممىسى .بۇ پىراگىراممىدا كىسەل بەك ئېغىر .
ئورۇندۇق
تەنھا530 ۋاقتى: 2016-10-22 18:13:12
بۇ كىسەلنى داۋالاش تەس ، ھەتتا دىكتور رىياسەتچىلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ بار ، ئادەتتىكى ئادەملەردىغۇ ئېغىرلىقىدىن داۋىلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى .
5-قەۋەت
hakanbiz49520 ۋاقتى: 2016-10-22 18:31:34
ئۈزىمىزدىن باشلاپ دوسلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلساق بۇ كېسەلمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ
6-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2016-10-22 19:32:33
قوللايمىز شۇنداق قىلايلى
7-قەۋەت
adel7 ۋاقتى: 2016-10-22 19:49:41
قوللايمەن .
8-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-10-22 20:05:57
hakanbiz49520 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 16:42
ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىخچام تىل ئىدى، ئوخشاش بىر  ...

ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ  قوللايمىز
9-قەۋەت
سىرداش -319 ۋاقتى: 2016-10-22 20:20:38
رەھمەت، ئ‍ېسىل تېما بولدى، ھازىر خەنزۇچىنى ئ‍ارلاشتۇرۇپ ئ‍ەبجەش سۆزلەش بولوپمۇ ياشلار ئ‍ارىسىدا مودا بولىۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسىدى باشقىچە ئۇسۇلدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئ‍اممىغا تېخىمۇ تۇنۇتساق ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ، سىلەرچىچۇ ؟
10-قەۋەت
tokyoghoul ۋاقتى: 2016-10-22 20:38:51
تىخىمۇ ئەخچام بولسا بەزى تەرجىمە ئىشلىرى ئاسانغا چۈشەتتى ئوموملاشقان بوسا
11-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-10-22 21:50:36
ئالپ ئەھلىگە تەۋسىيە:
مىما دىگەننى بىر دىمسەك.
مەخپى نومۇر،
پارول،
شىفىر،

مۇشۇنىڭ قايسىسنى دېسەك مەيلىغۇ؟
12-قەۋەت
hakanbiz49520 ۋاقتى: 2016-10-22 21:58:53
Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 21:50
ئالپ ئەھلىگە تەۋسىيە:
مىما دىگەننى بىر دىمسەك.
مەخپى نو ...

توغرا دەيسىز ،مەنچە شىفىر دىسەك بولامىكى
13-قەۋەت
ئىزچى 9 ۋاقتى: 2016-10-22 22:24:44
hakanbiz49520 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 21:58
توغرا دەيسىز ،مەنچە شىفىر دىسەك بولامىكى

پارول دەپ بىرلىككە كەلتۈرلۈپتۇ . شىياۋمى تىل بولىقىدا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىپتۇ .
14-قەۋەت
13040494496 ۋاقتى: 2016-10-22 22:47:24
قوللايمەن،ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى
15-قەۋەت
hakanbiz49520 ۋاقتى: 2016-10-22 22:53:38
پارول دىسەك بولغۇدەك ،ئامال با ئالىپ تورىدا بىرلىككە كەلتۈرگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتەيلى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部