+تېما يوللاش
mawlan-518 يوللانغان ۋاقتى:2017-12-28 10:34 2058 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاختى خەيرىلىك بولسۇن. مەن يېقىندا R11s تىن بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم. ماڭا شەكلى كۆركەملىكى ئاساسى جەھەتتە يارىدى.
ئىقتىدارى جەھەتتە بولسا ئويغۇر تىلى قوشقان يىرىدىنمۇ ئىنتايىن پەخىرلەندىم، لىكىن يارىمىغان تەرەپلىرى بولسا، سەپلىمىسى ئىقتىدارى جەھەتتە پۇلىنى سەل قىممەت كۆردۈم.



يەنە كىلىپ چىراي تونۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، مەن ئالپ تورىدىن ئالما X تىن باشقا تىلفۇنلارنىڭ چىراي تونۇش ئىقدارى پەقەت سۈرەتكە تارتىش ئاپراتى ئارقىلىق تونۇيدىغانلىقىنى، مەخسۇس چىراي تۇنۇش سىنزورى سەپلەنمەيدىغانلىقى، ئالما x تىن باشقا تىلفۇنلارنىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارى بولسا پەقەت ئادەتتىكى دىتال ئارقىلىقلا ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئوقۇغان ئىدىم. بۇنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
چۈنكى R11s نىڭ چىراي تونۇشى راستىنلا مۇكەممەل ئەمەسكەن كۆزنى يۇمۇۋالسىمۇ ئىچىلىۋىردىكەن. بىز ئۇخلاپ قالساقمۇ باشقىلار ئېچىپ ئويناۋىردىكەن. تېلفۇننى كېچىدە ئاساسەن ئېكران يورىمىسا قۇلۇپ ئىچىلمايدىكەن. شۇڭا بۇ ئىقتىدارىنى بىخەتەرلىك يۈزسىدىن ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەك ئىشلەتكۈڭلا كەلسە بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
بىر ئەپنى ئېچىپ 5 مىنۇتتىن كىيىن ئارقا سەپتىن ئاپتۇماتىك ئۆچۈرۋىتىدىكەن،يەنى توردىن بىرنەرسە چۈشۈرۈپ قويۇپ قويسا ئاپتۇماتىك ھالدا ئەپنى ئارقا سەپتىن مەجبۇرى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن. بۇ ئىقتىدارى ماڭا پەقەت يارمىدى.  تىلفۇننى ئېلىپ ئارقا سەپتە 5 تىن ئارتۇق ئەپ قوزغۇلۇپ باقمىدى، بۇ تىلفۇننىڭ قېتىپ قالماسلىقىدىكى سەۋەپ مۇشۇ بولسا كىرەك. بىر تەرەپتىن تازىلاپ تۇردىكەن بىر تەرەپتىن ئەپ قوزغۇزۇپ تۇرسا بىر تەرەپتىن ئۆچۈرۈپ ماڭىدىكەن، راستىنلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويدىكەن. يەنە ئۈندىدارنى ئېچىپ تىلفۇننى يانتۇ قىلسا ئۈندىدار پۈتۈنلەي چېكىنىپ كېتىدىكەن . ئۈندىدارنى قايتا چۈشۈرۈپمۇ باقتىم، زاۋۇت ئەسلىىگىمۇ قايتۇرۇپ باقتىم ئوڭشالمىدى. بەلكىم سىستىما خاتالىقى بولسا كېرەك. شۇڭا ئېكراننى يانتۇ قىلسا ئاپتۇماتىك ئۆرۈيدىغان يىرىنى ئىتىپ قويدۇم.
ئاپپاراتى ھەقىقەتەن سۈزۈككەن، بۇنىڭغا مەن رازى. ئاۋاز سۈزۈكلىكىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئالمىنى دورىغان يىرى ئوخشايدۇ، سۈزۈكلىكى ئالما تىلفۇندەك سۈزۈك چىقىدىكەن.  يەنە توك قاچلىشى ئىنتايىن تىز، 1 سائەتكە قالماي تولۇق توك قاچلىنىپ بولدىكەن. بۇ تىلفۇننىڭ ئادەمنى نارازى قىلدىغان تەرپىمۇ ئادەمنى خوش قىلىدىغان تەرپىمۇ باركەن. شۇڭا ئويلىشىپ بىر ئىش قىلىڭلار، مەنمۇ تولا كۆرۈپ بۇ ماركىنى ھەتتا دۇكىنىمنىڭ ئىككى تەرىپى، ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىچە مۇشۇ ماركىلىق يانفۇننى داڭلىغان ماختىغان ئىلانلار چاپلىنىپ كەتكەچك، قانداق تىلفۇنكى دەپ ئېلىپ ئىشلىتىپ باققان ئىدىم. بۇلار پەقەت ئېلانغىلا بەك كۈچەپتۇ دەپ ئويلىدىم.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
@بەخىت ۋاقتى: 2017-12-28 11:46:40
نىنى كىچىك ناۋاي بەك توۋلايدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.ئالما ،سامسۇڭ ،شاۋمىيلار ئىلان بەرمىسمۇ خەقلەر يەنىلا شۇلارنى ئارزۇلاپ ئالىدىكەنغۇ .
مىنىڭچە ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى ماختىغاننى ئەمەس .ئىستېمالچىلار ماختىغاننى ئىلىش كىرەك.
گىلەم
رۇھ ۋاقتى: 2017-12-28 12:31:11
ئالدى كەينى ئاپراتى راستىنلا بەك سۈزۈك ئىكەن. بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن ئەمما ئۈچ مىڭ كۇيلۇق يانفۇن ئۇنچىلىك تارتمىسا سەت تۇرا. ئاپىرات جەھەتتە مىنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن ۋىندۇۋىس  سىستىمىلىق HTC  يانفۇنۇم دەھششەت سۈزۈك تارتىپ قۇياتتى. رەڭلەر شۇنداق سۈزۈك.
ئورۇندۇق
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-28 12:37:55
ئوپپو ۋىۋنىڭ ئاپپارتى ھەقىقەتەن بوپ قالىدۇ،لېكىن سەپلىمىسىگە قارىغاندا  پۇلى قىممەت  بۇ  تېلفۇننىڭ ، يەنىلا شىئاۋمى ياخشى.
5-قەۋەت
oylan111 ۋاقتى: 2017-12-28 14:48:59
كۆزىنى  يۇمىۋالسا ئىچىلىپ كىتىدىغان  ئىشى  ئۈچۈن  ،يەنە  بىر  ئىختىدار  بار يەنى  كۆز  قارچۇقنى مىدىرلىتىشنى  شەرت  قىلىپ  قۇيسىڭىز،ئۇخلاپ قالسىڭىز  ئىچىپ  ئىشلىتەلمەيدۇ،لىكىن  بۇ  دىگىنىم  بۇنىڭ  بىلەن  مۇكەممەللىشىپ كىتىدۇ  دىگىنىم ئەمەس
6-قەۋەت
~SaNErKaM ۋاقتى: 2017-12-28 15:04:51
سامسۇڭچۇ،سامسۇڭنىڭمۇ چىراي تونۇشى ئاپپارات بىلەنلا بىر تەرەپ بولامدىكە؟
ئالمىدىن باشقا تىلفۇنلار     دەپ مۇتلەقلەشتۈرىۋەتمەڭ…
7-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-12-28 16:31:48
ئوپپونىڭ ئاپپاراتى ھەقىقەتەن سۈزۈك،   باتارىيە خىلى راۋۇس چىقىدۇ.  چىدامچانلىقى ياخشى، سىستىمىسىراۋان، سەپلىمىسى ئاددەتتىكىچە پۇلىسى قىممەت.
8-قەۋەت
别说我爱你 ۋاقتى: 2017-12-28 16:41:45
مەن 一加5Tيانفۇندىن بىرنى سېتىۋالغان ھەقىقەتەن رازى بولدۇم كۆپ يانفۇن ئالماشتۇرغان بۇ تېلفۇننى مۇقىم ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن
9-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-12-28 17:47:40
     مىنىڭ تۆت يىلدىن بىرى ئىشلىتىۋاتقان ئاندىرويد يانفونۇممۇ يىرىم يىلچە بوپ قالدى، تىما ئىگىسى دىگەندەك يانفوننىڭ ئېكرانى ئۆچكەن ھامان ئارقا سەپتە ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەر(كيۇكيۇ،توركۆرگۈچ.... دىگەندەكلەر) ئۆچۈپ قالىدىغان بوپ قالدى، ئېكران ئۆچمىسە ئۇنداق ئەپتىن 7-8ى ئىچىلىپ قالسىمۇ ئۆچۈپ قالمايدۇ، يانفونۇمنىڭ سىستىما نەشىرى ھازىرغىچە 4.2.1، ھىچقانداق نەشىر يېڭىلاپ باقمىدىم، شۇنىڭغا قارىغاندا ئاندىرويد يانفون تورغا ئۇلانغان چاغدا ئارقا سۇپىدا سىستىمىغا قارىتا بىرەر ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارالايدىغان ئوخشىمامدۇ؟....
10-قەۋەت
abdukiremjan ۋاقتى: 2017-12-29 00:59:48
سەنشىڭ تىلفۇننىڭ ئالمىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇ لىكىن كەينىدە قالمايدىغۇ
11-قەۋەت
8282MaRiPaT ۋاقتى: 2017-12-29 01:56:55
ئوپپو   ۋىۋولارغا  پەقەتلا  ئېلانغىلا كۈچەيدۇ  ئېكرانى ئەسلا  سۈزۈك ئەمەس  سەپلىمىسى بەك تۆۋەن  باھاسى بەك يۇقىرى  ئىشەنمىسەڭلار  سەنشىڭ  شىياۋمى ئالما يانفۇنلار بىلەن ئوپپونى بىر يەرگە  ئەكەپ سىناپ بېقىڭلا  ئوپپونىڭ ئېكرانى بەك  چاپاق  چىقىدۇ   كامىراسىغا كەلسەك  كامىراسى سۈزۈك ئەمەس  پەقەت شۇ سۈرەتنى سۈزۈكلەشتۈتۈرۈپ  بېزەپلا  چىقىرىپ بەرسە باشقىلارغا سۈزۈك بىلىنىپ كىتىپتۇ شۇ    ناچار  تېلىفۇنلار بۇ  پەقەت  سىرتقى كۈرۈنىش بىلەن ئېلانغىلا ئىشلەيدۇ بۇلا
12-قەۋەت
isil0903 ۋاقتى: 2018-1-2 14:36:04
مەن قايسى كۈنى A73 دىن بىرنى1600 ئالغانتىم تىلىفۇندا تىمىدا دىيىلگەندەك مەسىلىلەر بار ئىكەن . لىكىن تىلفۇننىڭ توكى بەكلا ييىتىدىكەن
ئىشقىلىپ ماڭا يارىدى .
13-قەۋەت
muhammat211 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ oppo a73 دىن بىرنى سېتىۋالدىم 1550 يۈەنگە،
ئۈندىدارنى يانتۇ قىلسام يۇقاردا سۆزلەنگىنىدەك چىكىنىپ كىتەتتى،
ھازىر مەن ئۇسلۇو بازىردىن خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستىگە پىنيىن چىقىردىغان خەت نۇسقىسىنى سېتىۋالغانتىم.
ھازىر ئوڭشالدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部