+تېما يوللاش
ansar630 يوللانغان ۋاقتى:2017-2-19 14:40 1759 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش


ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزلەر . مۇشۇ ۋاختىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .

ئالما كومپيۇتىر ئىشلىتىۋاتقان دوسلار ئۈچۈن بىر قانچە دىتال تونۇشتۇرماقچىمەن . بىلىدىغانلار زاڭلىق قىلمىغايسىلەر ، بىلمىگەنلەر پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئالدى بىلەن تەۋسىيەلەيدىغىنىم : ھازىر ئالما كومپىيۇتىر سېستىمىسىنىڭ نەشرى  10.12.3 (يەنى macOS Sierra ) غا يېڭىلىنىپ بولدى . دوسلارنىڭ ئامال بار يېڭى نەشرىگە يېڭىلاپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئۆزۈم ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ سىستىمىنىڭ بۇرۇنقى 10.11 نەشرىدىن خېلىلا يەڭگىل ھەم يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . ئۇنىڭدىن باشقا بىخەتەرلىك  ھەم مۇقۇملۇق جەھەتتىمۇ كونا نەشرىدىن يۇقۇرى ئەلۋەتتە . باشقا كونكىرىت ئىقتىدارلىرىنى تور دۇنياسىدىن ياكى ئىشلىتىپ بىلگەيسىلەر  .......
خوش ..... دىتال تونۇشتۇرۇشنى باشلاپ كەتتىم ئەمسە  ...

1. (Monity(监控你的Mac
بۇ بىر قىستۇرما دىتال بولۇپ ، ئۇقتۇرۇش مەركىزىدە قاتتىق دېسكا ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، باتارىيەلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى ۋە چۈشۈرش سۈرئىتى قاتارلىق  قاتتىق دېتالنىڭ  تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . ئەسلى ھەقلىق دىتال بۇلۇپ ، ئىزدەنسىڭىز ھەسىزلىرىنىمۇ تاپالايسىز .

2. (gfxCardStatus(显卡切换
ئالما كومپىيۇتىرلىرىنىڭ يېڭى نۇسخىلرىغا ئەسلى كۆرسەتكۈچ كارتىدىن باشقا يەنە بىر ،مۇستەقىل كۆرسەتكۈچ كارتا سەپلەنگەن . بۇنداق قىلىش يۇقۇرى سەپلىمە تەلەپ قىلىدىغان دىتاللار ئىشلىتىلگەندە ئۈسكىنە قىززىپ كەتمەي ھەم دىتالنىڭ راۋان ئۈچۈندۇر . ئەمما ئىككىسى كۆرسەتكۈچ كارتىنىڭ قايسىنى ئىشلىتىشنى ئالما بەلگىلىۋەتكەن بۇلۇپ ، سىز بۇ دىتال ئارقىلىق خالىغان دېتال ئۈچۈن ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش مەخسىتىگە يىتەلەيسىز .
ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ : https://gfx.io

3.  (Retinizer(将非Retina应用转变成Retina
ئالما كومپىيۇتېرلىرىنىڭ  يېقىنقى يېڭى چىققان نۇسخىلىرىغا يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى retina ئېكران سەپلەنگەن . بىراق دېتاللارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئېكران كۆرسىتىش شەكلىنى قوللىمايدىغان بولۇپ ، بەزى نورمالسىزلىقلا كۆرۈلىدۇ . سىز بۇ دېتال ئارقىلىق دېتاللارنىڭ نورمالسىزلىق چېكىنى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ، ھەقىقى يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى retina ئېكراننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز  . بۇ بىر ھەقسىز دېتال .
ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ : http://retinizer.mikelpr.com

4. (OnyX(Mac的私人医生
ۋىندوستىكى كۆك ئېكران بولۇپ قېلىش قاتارلىق كۆپلىگەن نورمالسىزلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالما كومپىيۇتېرىنىڭ سېستىنىسى بىرقەدەر مۇقىم سېستىما ھېسابلىنىدۇ . ئەمما ئالما سېستىمىسىدىمۇ بەزىدە قايتا قوزغۇتۇش كاشىلىغا ئۇچراش قاتارلىق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ . بۇنداق نورمالسىزلىقلارنى بىز ئادەتتە دېسكا قورالى ئارقىلىق قاتتىق دېسكا ھۇقۇق دائېرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئوڭشايمىز . بىراق بۇ دىتال بولسىلا سىز ھۇقۇق تەستىقلاش بىلەنلا چەكلنىپ قالماي ، ئاسراش ، قايتىدىن قۇرۇش . تازىلاش قاتارلىق قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دېتال سىزگە ئىنتايىن تەپسىلى بولغان قاتتىق دىتال سەپلىمە ئۇچۇرىرىنى بىلىش ، شۇنداقلا سېستىما  بىلەن بىللە قاچىلانغان ئەپلەرگە ئۆزگەرتىش قىلىش قاتارلىقلاردا ياردەمدە بولىدۇ .
ئورگان تورى ئېچىلماس بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنمىدى . توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ .

5. (DiskMaker X(Mac os安装盘制作神器
گەرچە ئالما سېستىمىسى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئاستىلاپ قالمايدىغان بولسىمۇ ئەمما بەزىدە يەنىلا يېڭىدىن سېستىما قاچىلاشقا توغرا كىلىپ قالىدۇ . ئىلگىرىكى كونا سېستىمىلاردا دېسكا قورالى ئارقىلىق قايتۇرۇپ يۆتكەش ئۇسۇلى بېلەن ئالما سېستىمىسى قاچىلاش دېكىسىنى ناھايتى ئاسانلا ياسايتۇق . ئەمما يېڭى سېستىمىلاردا بۇ خىل ئۇسۇل يوق قىلىۋېتىلگەن بۇلۇپ ، تېرمىنال بۇيرۇقى ئارقىلىق ياساشقا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن . تېرمىنال ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلارغا بۇ سەل تەسكە توختايدۇ . ئەمما بۇ دېتال بولسىلا سىز ئالما قاچىلاش دېكىسى ياساشتا قىينالمايسىز . بۇ دىتال ھەم recovery hd نىمۇ قوللايدۇ . ( ئالما قاچىلاش دېسكىسى ياساش تەپسىلاتىنى بۇ يەردە سۆلىمىدىم . ئېھتىياج بولسا ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن ) بۇ بىر ھەقسىز دېتال . ئورگان تورىدا نورمالسىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىدى . ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ چۈشۈرگەيسىز .

6. (CheatSheet(快捷键表
بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئوماق بىر دېتال . مائۇس مەشغۇلاتىغا قارىغاندا تېزلەتمە كونۇپكا مەشغۇلاتى قىلىش ناھايتى قولايلىق . ئەمما تېزلەتمە كونۇپكىلارنى ئېسىدە ساقلاشمۇ بىر مەسىلە . لېكىن بۇ دېتال بولسىلا سىز ئەستە ساقلىيالماسلىقتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . دېتالنى قاچىلاپ سېستىما تەڭشىكى ئىچىدىن ھۇقۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن ، مەيلى قايسى بەتتە بولۇڭ  command كونۇپكىسى بېسىپ تۇرسىڭىز شۇ بەتتىكى بارلىق تېزلەتمە كونۇپكىلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ : https://www.cheatsheetapp.com/CheatSheet/ بەت ئاستاراق ئېچىلىدۇ ، سەۋىر بىلەن چۈشۈرگەيسىز .

7. (BetterTouchTool(定制你的触摸板
گەرچە ئالما خاتېرە كومپىيۇتېرىنىڭ سېزىمچان تاختىسىنىڭ ئىقتىدارى باشقا تۈردىكى خاترە كومپىيۇتېرلاردىن خېلىلا يۇقۇرى بولسىمۇ  بۇ دېتال بېلەن سىز شۇ سىزىمچان تاختىدىن يەنىمۇ كۈچلۈك ھالەتتە پايدىلىنالايسىز . دېتالنى قاچىلىغاندىن كىيىنكى  سىزىمچان تاختىغا قوشۇلىدىغان ئىقتىدارلار  بەك كۆپ ئىكەن . بۇ يەردە سۆزلەپ بولالمىغۇدەكمەن . تەپسىلاتىنى تور دۇنياسىدىن بىلگەيسىز . دېتالنىڭ ھەقلىق ھەم ھەقسىز ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ ، ھەقسىزنىڭ ئىقتىدارى ھەقلىقتىن سەل تۈۋەن ئىكەن . ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئىشلەتكەيسىز .
ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈش : http://boastr.net/releases/BetterTouchTool.zip

8. (Crossover(windows虚拟机
گەرچە ئالما كومپىيۇتېرىغا ۋىندوس سېستىمىسى قاچىلاپ قوش سېستىما ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولسىمۇ ئەمما سېستىما ئالماشتۇرۇش سەل قولايسىز . ھەر قېتىم قايتا قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ دېتال بولسىلا سىزنىڭ بۇ مەسىلىڭىز ھەل بولىدۇ . بۇ دېتال ئالما سېستىمىسىدا بىر كىچىك ھالەتتىكى ۋىندوس مەۋھۇم رايونى قۇرۇپ ، سىزنىڭ ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئالما سېستىمىدا ۋىندوس پروگراممىسى ئىجرا قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ . بۇ دېتالنىڭ باشقا تەقلىدلىگۈچلەردىن ئاتۇقچىلىقى : ئايرىم ۋىندوس سېستىمىسى قاچىلاش ھاجەتسىز . كۆپ بوشلۇق ئىگەللىمەيدۇ . دىتالنى قاچىلاپ بولۇپلا  ئىچىگە كىرىپ ئالدىن چۈشۈرىۋالغان ۋىندوس پىروگراممىسىنى تاللاپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ  .ئەمما دېتالنى كىچىك كۆرۈپ ئىقتىدارىنى بوش چاغلىماڭ . cs ، قىزىل تېرىۋېگا قاتارلىق ئويۇنلارنىمۇ بىمالال ئوينىيالايسىز .
دېتال ھەقلىق بولۇپ ، سىناق ئىشلىتىش مۇددىتى بار . توردىن ئىزدىسىڭىز بەلكىم يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن .

9.  豌豆荚应用安装器
بۇ دېتال ئالما سېستىمىسىدا ئاندرويد دىتاللىرىنى قاچىلىىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ . سىغىمى ناھايتى كىچىك بۇلۇپ بولۇپ ئىشلىشى تىز . توردىن ئېزدىسىڭزىلا تاپالايسىز .

10. Mac软件宝箱
بۇ ئەڭ ھالقىلىق دېتال . ئەڭ كەينىدە يوللىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ . (كىنودىمۇ ئەڭ يامىنى ئەڭ كەينىدە مەەيدانغا چىقىدىغۇ .. ھى ھى )  بۇ دېتال ئارقىلىق سىز يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئەپلەرنى ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ھەقلىق دىتاللارنى ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز . مەندەك ئالمىسى بار قەلەندەرلەرنىڭ ياخشى ھەمراھى بۇ .. ھى ھى
بۇ يەردە ھەقسىزلەشتۈرۈلگەن دىتاللارنى ئىشلەتمەڭ يەي دەپ ئەخلاق سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز . ئېھتىياجىڭىزغا ماس ھالەتتە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ئەلۋەتتە .

ئۇففففف ... ئاخىرى يېزىپ بولدۇم . قورسىقىم ئېچىپ كوركىراپ كەتكىلىمۇ  نەۋاخ ... ئەمدى ئاستا چىقىپ بىر چىنە ئۇماچ بىلەن قورسىقىمنى ئەستەرلىۋالاي ... خەيىر ئامان  بولۇڭلار  ....  تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن دەپ تېما سەل ئۇزىراپ كەتتى ... ئوقۇپ بولالماي تىللىماڭلار يەنە . ماقا ئەمسە .. مەن چىقتىم .. بولدى ئۇزاتماڭلار ..
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

18ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-19 15:01:12
لازىملىق دەپ  قارىغانلىرىنى ئۆزۈڭلار ئىزدىنىپ چۈشۈرۈڭلار .  بەك  تاپالمىساڭلار  ئىسمىنى  ئىنكاستا  قالسۇرساڭلار  چۈشۈرۈش  ئادرىسىنى  ئىنكاستا  قالدۇراي  .
گىلەم
1529657456 ۋاقتى: 2017-2-19 15:17:12
Windows   ئىشلىتىشكە قولايمۇ يا  mac, مۇ..
ئورۇندۇق
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-19 15:28:50
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-19 15:17
Windows   ئىشلىتىشكە قولايمۇ يا  mac, مۇ..

ھەر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ . يەنىلا  ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ ھىس قىلغىنىڭىز ياخشى .
5-قەۋەت
ئۆمەر106 ۋاقتى: 2017-2-19 17:40:10
ۋىندوۋىس نىڭ مۇ مۇشۇنداق قۇلايلىق دىتاللىرى بولسا يوللاپ بىرىڭەمەن ۋىن 10  ئىشلىتىۋاتقان بۇسىستىمىغۇ يۇنجىئاڭ سىستىما ئىدى لىكىن سەلئاستىلىۋالغان دەك شۇڭى ياخشى دىتاللا بولسا تەۋسىيە قىلىڭە رەھمەت سىز گە چاپا چىكىپسىز
6-قەۋەت
ehlaq ۋاقتى: 2017-2-19 21:49:57
ناھايتى  ياخشى  بۇپتۇ  لىكىن  مىنىڭ  مىنىڭ كومپىيوتىرىم  كۆپلىگەن  دىتاللارنى  تۇنۇمايۋاتىدۇ  قانداق قىلسام  بۇلا   يېڭى  سېستىمىغا دىتاللار ماسلاشمىغان  چىراي  دەپ  ئويلاپ قالدىم
7-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-20 01:55:20
ئۆمەر106 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-19 17:40
ۋىندوۋىس نىڭ مۇ مۇشۇنداق قۇلايلىق دىتاللىرى بولسا يول ...

بولىدۇ . مەن ئىزدىنىپ  يوللاي .
8-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-20 01:56:45
ehlaq يوللىغان ۋاقتى  2017-2-19 21:49
ناھايتى  ياخشى  بۇپتۇ  لىكىن  مىنىڭ  مىنىڭ كومپىيوتىرىم  ...

توغرا ئويلاپسىز . بەزى دىتاللارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن دىتالنىڭ نەشرىنى  سىستىمىغا ماس ھالەتتە  كۆتۈرۈش كېرەك . دېتالنىڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ  سىناپ بېقىڭ .
9-قەۋەت
ئۆمەر106 ۋاقتى: 2017-2-20 12:15:06
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-20 01:55
بولىدۇ . مەن ئىزدىنىپ  يوللاي .

ئۇندا بولسا رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم
10-قەۋەت
muhter23 ۋاقتى: 2017-2-20 23:53:51
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhter23 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-20 23:57  
ehlaq يوللىغان ۋاقتى  2017-2-19 21:49
ناھايتى  ياخشى  بۇپتۇ  لىكىن  مىنىڭ  مىنىڭ كومپىيوتىرىم  ...


سىستېمىڭىز قايسى نەشىر ئەلى كاپىتان (El Capitan) بولسا تەڭشەكتە (allow apps downloaded From)دىگەن تاللاشبار شۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكىنى (Anywhere)  نى تاللاپ قويسىڭىز نۇرمال قاچىلىنىدۇ، ئەگەر سىستېمىڭىز سئېۋرا (Sierra) بوپ قالسا سەل ئاۋارچىلىق
11-قەۋەت
2642019608 ۋاقتى: 2017-2-21 20:26:55
قايسىڭلاردا ۋىروس خورنىڭ .ئەسكىسى بار
12-قەۋەت
ehlaq ۋاقتى: 2017-2-22 12:27:56
muhter23 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-20 23:53
سىستېمىڭىز قايسى نەشىر ئەلى كاپىتان (El Capitan) بولسا تەڭ ...

سېستىما serria    ئىدى  بۇ سېستىمىدا تۇرۇپ  كاپىتان  نى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن بارماق دىسكىغىمۇ ئۇيالمىدىم شۇڭا  ۋىندوۋس قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن  بولسا كاپىتاننى  قاچىلاش  ئۇسۇلى بولسا  كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز  بۇپتىكەن
13-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-22 13:54:19
2642019608 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-21 20:26
قايسىڭلاردا ۋىروس خورنىڭ .ئەسكىسى بار

ۋىروسخورنىڭ ئەسكىسى ھەقلىق چىقىدۇ. ھەقسىزگە كۆنۈپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئەسكىسىنى ئىزدىمەي  ، تېڭشۈن ، جنشەن دىگەنلەنى ئىشلەتسەك بولدى .
14-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-2-22 14:01:56
ehlaq يوللىغان ۋاقتى  2017-2-22 12:27
سېستىما serria    ئىدى  بۇ سېستىمىدا تۇرۇپ  كاپىتان  نى قاچ ...

كاپىتاننى بارماق دېسكىغا ئويۇپلا كوم نى  قايتا قوزغۇتۇپ  option نى بېسىپ تۇرۇپ بارماق دىسكىنى تاللاپ قاچىلىسڭىز بولىدۇ . ئەمما بۇنداق قاچىلىغاندا بارلىق ماتىرىيال يۇيىلىدۇ . شۇڭا زاپاسلىۋاغان تۇزۇك . ۋىندوس سىستىمىسى بولسىلا بارماق دىسكىغا ئويۇشمۇ ناھايتى ئاسان ئىش .  transmac  دىتالى بىلەنلا جۆندەيمىز . بەكلا ئاسان .
ئەمما تەكلىۋىم كاپىتاننى قاچىلىماي ھازىرقى سىستىمىدا ئىشلىتىڭ . دىتال قاچىلانماسلىق مەسىلىسىگە تەڭشەك ئىچىدىن تەڭشىۋەتسەك ياكى دىتالنىڭ  نەشرىنى يېڭىلىۋەتسەك بولىدۇ . 95 پىرسەن ئەپ نورمال قاچىلىنىدۇ . پەقەت دىتال ئىچكى يادروسى بۇزۇلمىغان بولسىلا قاچىلىنىۋىرىدۇ .  بەك  بىلەلمىسىڭىز 787307603 چ چ نى قوشۇڭ . ياردەم قىلىمەن .
15-قەۋەت
2642019608 ۋاقتى: 2017-2-22 14:08:33
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-22 13:54
ۋىروسخورنىڭ ئەسكىسى ھەقلىق چىقىدۇ. ھەقسىزگە كۆنۈپ قا ...

مەيلەتى ،نەچچە پۇل چىقار.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部