+تېما يوللاش
altin يوللانغان ۋاقتى:2017-8-11 13:23 1526 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپ ئىنتېرنېت ، ئۇچۇر تېخنىكا مۇنازىرە سۇپىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممەڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ، ئائىلەڭلار شاد-خۇراملىققا تولسۇن.
ئۆزۈممۇ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرنەچچە يىللاردىن بېرى ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىساد-سودا تۈرىدىكى خەۋەرلەرنى توختىماستىن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.كۆپىنچە خەنزۇچە خەۋەر توربەتلىرىدىن كۆرىمەن، يەنە بىرنەچچە ئۇيغۇرچە مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارمۇ بار.
بۈگۈن مەن سىلەرگە ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى، ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ۋە ئىقتىساد-سودا مەزمۇنلىرى سۆزلىنىدىغان بۇ بىر نەچچە ئۈندندار سالونىنى تونۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن.

1) ئۈندىدار نۇمۇرى : ozgiqeidea
«ئۆزگىچە ئىدىيە» ئۈندىدار سالونى، بۇ سالون ھەركۈنى پەقەت بىرلا مەزمۇن يوللايدۇ، ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ئاۋازلىق ۋە خەتلىك ھالەتتە تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ تاراتقۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت-ئەللەردىكى ئەڭ يېڭى چىققان تۈرلەرنى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كىلىدىغان تۈرلەرنى تېز سۈرەتتە تارقىتىش، قانچىلىك تېز بىلەمسىز؟ تۈنۈگۈن چىققان تۈرنى ئەتىسىلا يوللاپ بولالايدۇ، مېنىڭچە ئۆزىڭىزگە ماس كەلگىدەك ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاپالىشىڭىزدا گەپ يوق .
ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىغا كەلسەك، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ ھەرخىل ساھەدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.




2)ئۈندىدار نۇمۇرى : dolqunqadir
«دولقۇن قادىر ئىقتىساد مۇنبىرى» ، بەلكىم ھەممىڭلارغا دولقۇن قادىر تونۇشلۇق بولىشى مۇمكىن، بىلىشىمچە ئۇ سالونىغا 2015-يىلىدىن تارتىپلا مەزمۇن چىقىرىشقا باشلىغان، ھازىرغا قەدەر بىزگە مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. 2017-يىلىدىن باشلاپ مەزمۇنلىرىنى ھەقلىق قىلىۋەتتى، بىراق يەنىلا ھەقسىز مەزمۇنلەر بار. بۇ سالون مەزمۇنلىرى ئىنتايىن سەرخىل بولۇپ دولقۇن قادىر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادتىكى مول بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان مەزمۇنلارنى يوللاپ كەلمەكتە.


3)ئۈندىدار نۇمۇرى : izdenmarkitingi
«ئىزدەن مۇئەللىم» ئاساسلىق يوللىنىدىغان مەزمۇن بولسا ئىقتىساد توغۇرلۇق مەزمۇن، ئىزدەن مۇئەللىممۇ ئىقتىساد جەھەتتە مول بىلىمگە ئىگە، سالوندا يوللىنىدىغان مەزمۇنلارمۇ ناھايىتى سەرخىل، 2017-يىلىدىن باشلاپ بۇلارمۇ ھەقلىق مەزمۇن چىقىرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ھەقسىز مەزمۇنلارمۇ بار.
                  
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tormahiri ۋاقتى: 2017-8-11 21:47:34
قوللايمەن بۇنى ناھايتى ياخشى يوللاپسىز،تەرەققىيات ئورتاق بەھىرلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ،بۇ ناھايتى موھىم ئىديە
گىلەم
alfa215 ۋاقتى: 2017-8-11 22:50:52
بىزنى پايدىلانسۇن دەپ ئىغىر كۆرمەي يوللاپ قويغىنىڭىزغا  كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر، ئۈندىدارىم بولغان بولسا مەنمۇ قوشۋالاركەنمەن
ئورۇندۇق
ئۇنۇتما2 ۋاقتى: 2017-8-12 01:53:46
بۇنداق تېما يوللاشنى ۋە مۇشۇ ھەقتە كۆپلەپ سالون ۋە  دىتاللارنىڭ  چىقىشنى ئۈمۈت قىلىمەن  تېما ئىگىسى سىزمۇ  ۋاقتىڭىز چىقسا  ئۆزگىچە ئىددىيە
سالونىغا كۆرگەن  ياختۇرغان مەزمۇنلىرىڭىزدىن  تاللاپ تەرجىمە قىلىپ  يوللىسىڭىز بولغىدەك  سىزگە رەھمەت
5-قەۋەت
bvrkvt ۋاقتى: 2017-8-12 09:36:11
يەنە مۇشۇنداق ياخشى سالونلار بولسا كۆپرەك تەۋىسىيە قىلساڭلار.
6-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-8-12 16:02:26
رەھمەت سىزگە. بەلەن تېما يوللاپسىز.بۇنىڭدا ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كەلگۈدەك خىزمەتنى تاپالىغۇدەك.
7-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-8-12 18:29:50
ئالىپ سالونىمۇ ناھايىتى ياخشى سالون
8-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-14 19:48:09
رەھمەت سىزگە  ياخشق سالۇنلارنى تۇنۇشتۇرۇپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部