+تېما يوللاش
ئىزباسار يوللانغان ۋاقتى:2017-6-1 10:16 7741 قېتىم كۆرۈلدى 49 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزباسار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-1 08:37  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟
مەن يەنە كۆپ ۋاقتىمنى ئاجرىتىپ ھازىرقى ئۈندىدارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى %100ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم ،ئەسلىي ۋاقىت مەسىلىسى سەۋەبىدىن تەرجىمە قىلماي دېگەن  لېكىن يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلدىم .
ئەپنى كۆپ تونۇشتۇرمىساممۇ بولىدۇ،
ئەمما يانفوننىڭ سىستېمىسى مەيلى خەنچە ياكى ئۇيغۇرچە سىستېما بولسۇن ئەپ يەنىلا ئۇيغۇرچە ھالاتتە كۆرۈنىدۇ،
ئەپنىڭ تىل بولىقىدا بېرىلگەن 6693 دانە جۈملە %100تەرجىمە قىلىندى ،ئەپنى قاتتىق كۆڭۈل قويۇپ تەرجىمە قىلدىم ،ئىملا خاتالىقى چۈشۈنۈكسىز سۆزلەر يىلتىزىدىن تازىلىنىپ، ئۇيغۇرچىدىن ساۋادى بارلىكى ئادەم بىرقاراپلا چۈشۈنەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى .

تەرجىمانلارغا ۋە باشقا قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئىش :ئۈندىدارنى تەرجىمە قىلىشتا بەزى  سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق ئاتىدىم ،(ئۆزەمنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس)红包 نى «چاچقۇ»二维码 نى «چىپار كود»手势 نى «قول ئىزى»指纹 نى «بارماق ئىزى»手机 نى يانفون (يانفۇن ئەمەس)电话 نى تېلېفون (تېلفۇن،تىلفۇن،تېلىفۇن تېلېفۇن ئەمەس)
مۇشۇ بويىچە ئالدىم ،بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ 2017.4.24 يېڭىلانغان لۇغىتىدىن پايدىلاندىم ،بەزىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان يانفون سىستېمىسى ،ئەپ قاتارلىقلاردىن پايدىلاندىم ،
مەقسەت ھەممىمىز ئۆز تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگىنى بويىچە ئىشلىتەيلى ،ھەممىز ئۆزەمنىڭ توغرىتى ،ئۇنداقتى بۇنداقتى دېگەن گەپلەرنى قىلمايلى،بەزى ئاتالغۇلارنى بىزدىن نەچچە ھەسسە بىلىمى بار كىشىلەر يەرلىكلەشتۈرىدۇ ،بىرلىككە كەلتۈرىدۇ،قانداق يەرلىكلەشتۈرىدۇ؟ ئۇنى بىزنىڭ تىلىمىزغا يېقىن بولغان تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ!!!
شۇڭا ھەممىمىز ھەرقانداق بىر خەتنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمىزدا شۇ خەتنىڭ ئىملاسى توغرىمۇ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۇيغۇنمۇ شۇنى تەكشۈرگەچ يازساق ئۇنچىۋالا ئىملاسى خاتا ئاتالغۇلاردىن قۇتۇلاتتۇق .
مۇشۇ شىياۋمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىمۇ ئالىپكام باش بولۇپ تەرجىمە قىلغاندا شۇنداق ئىملاسى توغرا ،ھەم چۈشۈنۈشچان بولغانتى ،ئەمما ھازىر بۇنى كىم تەھرىرلەۋاتىدۇ ،،، بىلمىدىم ،ئىملاسى بارغانچە تەتۈر تەرەپكە مېڭىۋاتىدۇ ،ئاددىيسى بۇرۇنقى تەرجىمىدە «تېلېفون»«يانفون»...دەپ ئېلىنغان خەتلەر ھازىر «تېلفۇن»«يانفۇن» دەپ ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ،بۇ خەتلەرنى بىزنىڭ تىلىمىزغا يېقىن بولغان ئۆزبىك ... قاتارلىق مىللەتلەرمۇTelefon,yan telefon دەپ ئاتايدۇ ،شۇ كىشى بارنى يوق قىلغۇچە تەرجىمە قىلىنمىغان بەزى جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولسا ...
يەنە دېسەم گەپ جىق ئىملانى توغرا يازىمەن دەپ خاتالاشتۇرماڭلار ،بۇ خۇددى چاپىقىنى پاكىزلايمەن دەپ ئەما قىلىپ قويغاندەك ئىش .
بارچە تەرجىمانلا ھەممىمىز ئىملاغا ۋە تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرەيلى،قىلغان تەرجىمىدىن باشقىلار زوق ئالالىغۇدەك بولسۇن،قولىمىزنىڭ ئۇچىدا 100 جۈملە تەرجىمە قىلغۇچە ئەستايىدىللىق بىلەب 10 نى تەرجىمە قىلايلى .
ھېلىمۇ كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ،ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا قولۇم كۆكسۈمدە!!!
ئەپ نامى ؛ئۈندىدار 
ئىجرا مۇھىتى:ئاندرويىد4 تىن يۇقىرى ئۈسكۈنىلەر 
تەرجىمە ۋە ئىملا سۈپىتى:%100تەرجىمە قىلىندى ،ئىملاسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %99.9 تىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
نەشرى6.5.8
بۇنىڭدىن كېيىن نادىر ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ، ئۈن تىنسىز ئانا تىل ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنى قوللاپ قويساق ،ئۇيغۇر تىلىمىز تېخىمۇ روناق تاپقان بولاتتى ،
يەنە دەيدىغىنىم ئەپ تەرجىمانلىرى تەرجىمە قىلغان ئەپنىڭ ئاۋۋال ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر تىلىنى بىۋاسىتە ئەپكە قوشۇشقا كۈچەپ باقساق!!!
ئەسكەرتىش :ئەپنى چۈشۈرۈشتە قىينالسىڭىز ،ئىملا خاتالىقى ،چۈشۈنۈكسىز سۆزلەرنى بايقىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلمىسىڭىز،رەھمەت .
ئالاقە نومۇرۇم :كىيۇ كىيۇ ۋە ئۈندىدار :2396674790
ئاقچىنى ماۋۇ ئادرېستىكى تېما بويىچە تولۇقلىساڭلار بولىدۇ!
ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ باققۇسى بارلار ئۈچۈن بۇ تېمىدىكى ئۈندىدارنىڭ تىل بولىقىنى تەمىنلىدىم.
/forum.php?mod=viewthread&tid=43344
چۈشۈرۈش ئادرېسى ⬇⬇⬇ undidar6.5.8.txt (57 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 194, باھاسى: 5 ئاقچا)
كەسمە سۈرەتلىرى⬇⬇⬇⬇
تىل بولىقى
WeChat Uyghur Language.zip (126.82 KB, چۈشۈرۈش سانى: 468)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش17 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن15 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

49ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
978832 ۋاقتى: 2017-6-1 10:59:54
قولىڭزغا  دەت بەرمىسۇن
گىلەم
kadrla ۋاقتى: 2017-6-1 11:06:54
رەھمەت سىزگە.قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.لېكىن مۇشۇ ئۇيغۇرچە ، ئۈندىدار پۇل يۆتكىگەندە.ئۈندىداردىكى پۇلنى كارتىغا چىقارغىلى بولىدىكەن.لېكىن كارتىدىكى پۇلنى ئۈندىدارغا چىقىرىش ئۈچۈن.كارتىنى باسساق چېكىنىپ كېتىدىكەن. مۇشۇ مەسىلىلەر تۈزۈلگەنمىدۇ؟
ئورۇندۇق
nawayi ۋاقتى: 2017-6-1 11:20:35
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى بەك ياخشى تەرجىمە بوپتۇ بۇ ئۈندىدارنى قايسى قۇرالدا يىشىپ بولاقلىدىڭىز بولسا شۇنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز
5-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-1 11:23:12
كۆپ تەشەككۈر  ناھايتىمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز   بولسا ھەممىمىز ئانا تىلىمىز يىزىقىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى
6-قەۋەت
ab1ajan ۋاقتى: 2017-6-1 11:24:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئانا تىل ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە ئاپرىن ،ئۈندىدار ساقلاش بوشلۇقىنى تازىلاش دېگەن يەردە خاتالىق كۆرۈلۈپ قاپتۇ تۈزىتىپ قويغان بولسىڭىز
7-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2017-6-1 11:28:13
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،ھارمىغايسىز ، كۆپ زىھىن ۋە كۈچ سەرىپ قىپسىز ،
قىزىل بۇلاق نى ئاپتۇماتىك تۇتىدىغان قىلۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئىش بولاتتىكەن ،
8-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-6-1 11:28:17
جاپا چىكىپسىز رەھمەت تېخىمۇ ياخشى ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
9-قەۋەت
سانغۇن ۋاقتى: 2017-6-1 11:41:32
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سانغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-1 11:43  

ئالامەت ياخشى، توغرا تەرجىمە قىلىپسىز! خېلىلا كۈچەپسىز !!!
ئەپسۇس مەن ئالما ئالتە پىلاس ئىشلەتكەچكە بۇ ئەپنى ئىشلىتەلمەيمەن. لېكىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. مەن ئىشلىتەلمىگىنىم بىلەن ، باشقا ئاندرويدلۇق تورداشلىرىم ئىشلەتسە مەن شۇنىڭغا خۇشال…… يەنىمۇ تىرىشىڭ!!!
10-قەۋەت
2899951069 ۋاقتى: 2017-6-1 11:45:57
ئۈندىداردا پۇل تۆلسەك بولامدۇ  ئەگەر بولسا ئۈندىدار نومۇرڭىزنى  قالدۇرۇپ قويڭە  يا بولمىسا مىنى قىتۋىلڭە 18129105007  A___KAX
11-قەۋەت
ablatjan0997 ۋاقتى: 2017-6-1 11:57:12
رەھمەت سىزگە كۆپ جاپا چىكىپسىز ئۇندىدارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەتسەك بەزى ئىقتىدارى ئىشلىمەيدىكەنتۈق بۈنىمۈ ئوڭۇشلۇق ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدىڭىزمۈ سىز تەرجىمە قىلغان كىچىك پروگگرامما قانداق قاچىلايمىز بوسا ئۇندىدارغا ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قاتساق
12-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-1 12:12:12
قىزىل بولاق = كانۋېرت
بىزدە بۇ سۆز بۇرۇندىن بار، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ....دىگەندەك سورۇنلاردا ئىلىتىلىدۇ. ئىچىدە قانچە پۇل بارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى بىلىدۇ. كانۋېرت بەرگۈچىمۇ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان قىممەتتە پۇلنى كانۋېرتنىڭ ئىچىگە سالىدۇ.
13-قەۋەت
كۆلەڭگە يەتتە ۋاقتى: 2017-6-1 12:35:34
ئالىپ ئەپەندىم بولسا ئالىپ تورىغا ئۈندىدار چىپار كوت ئارقىلىق ئاقچا تۇلۇقلاش ئىقتىدارى قۇشۇلغان بولسا ،تېخنىكا توپى بولغاندىكىن ئىقتىدارىمۇ كۆپ بولسا .يەنە سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ ئاسان بولسا كۆپ بۇلدۇ ئالغۇچى ،ساتقىچىمۇ كۆپ مەنپەەتكە ئىرىشكەن بۇلاتتى ،پۇلغا يارىغدەك تېىلارمۇ ئاۋۇيتى …
14-قەۋەت
telepkar ۋاقتى: 2017-6-1 12:48:35
ھەرنەشىرى يېڭىلانغاندا ،بۇرۇن سېتىۋالغانلارمۇ يەنە قايتىدىن ستېۋالامدۇق
ياكى ھەقسىز يېڭىلاشقا بولامدۇ؟
15-قەۋەت
1322933528 ۋاقتى: 2017-6-1 12:52:06
خۇڭ بۇ دىسەك بۇلغىدەك  جىق قىرىنداشلىرمىز ئۇندىدارنى ھەقسىز تەرجىمە قىپ يۇللاۋاتىدۇ   سىزمۇ جاپا چىكىپسىز قىزىل بۇلاققا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部