+تېما يوللاش
mardan123 يوللانغان ۋاقتى:2015-12-18 23:49 4796 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىشلەر چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كومپيۇتېر ماھارىتى

1. تېز ئېكران قۇلۇپلاش

بەزىدە سىز ئورنىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئىش قىلماقچى بولۇپ، باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى قالايمىقان بېسىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، قانداق قىلىسىز؟ Windows+L نى باسسىڭىزلا، كومپيۇتېر ئېكرانى بىۋاستە قۇلۇپلىنىدۇ.

2. تېز سۈرئەتتە بايلىق باشقۇرغۇچنى ئېچىش

Windows+E نى باسسىڭىز، بىۋاستە كومپيۇتېردىكى بايلىق باشقۇرغۇچنى ئاچىدۇ.

3. ئۈستەل يۈزىنى بىۋاستە كۆرسىتىش

ئويۇن ئويناۋاتقان ياكى باشقا نەرسە كۆرىۋاتقاندا دېرىكتورىڭىز كىرىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ جىددىيلەشمەڭ، Windows+D ياكى Windows+M نى باسسىڭىزلا بارلىق كۆزنەك يىغىلىپ، ئۈستەل يۈزى بىۋاستە كۆرۈنىدۇ.

4. تېز سۈرئەتتە بەت يۈزىنى ئېتىۋېتىش

خۇسۇسىي تور بەت كۆرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئادەم كېلىپ قالسا ئەنسىرىمەڭ، Ctrl+W ياكى Alt+F4 نى باسسىڭىزلا نۆۋەتتىكى بەت يۈزى  . بۇندىن سىرت، سىز كىنو كۆرىۋاتقاندا ئادەم كېلىپ قالسىمۇ، بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

5. ئېتىۋەتكەن بەت يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

دېرىكتور كەتتى، باياتىن ئېتىۋەتكەن بەت يۈزىنى داۋاملىق كۆرۈشنى ئويلىسىڭىز، قانداق قىلىسىز؟ Ctrl+Shift+T نى باسسىڭىزلا ئېتىۋەتكەن بەت يۈزى ئەسلىگە كېلىدۇ.

6. خاتا مەشغۇلاتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ماقالىنى ئاخىرى يېزىپ بولدىڭىز، ئەمما ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر بۆلىكى ئۆچۈپ كەتتى، ئۇنداقتا قانداق قىلىسىز؟ Ctrl+Z ئۆچۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولۇپ، تېز كۇنۇپكا ئىچىدىكى خاتا مەشغۇلاتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دورىسى.

7. يېزىق، سۈرەتنى چوڭايىتقۇچ

يېزىق، سۈرئەت بەكلا كىچىك بولۇپ، ئېنىق كۆرەلمىسىڭىز، قانداق قىلىسىز؟ windows ۋە+++++ نى بىرلىكتە باسسىڭىز چوڭايىتقۇچ پەيدا بولىدۇ.

8. تېز سۈرئەتتە يورۇقلۇق\\ئاۋاز مىقدارىنى تەڭشەش

ئېكراننى يورۇقلۇقىنى تەڭشەش، ئاۋاز مىقدارىنى تەڭشەشنى ئويلامسىز؟ تېز سۈرئەتتە سىمسىز تورنى ئېچىشنى ئويلامسىز؟ لەپتۇپنىڭ قالدۇق توك مىقدارىنى بىلىشنى ئويلامسىز؟ سىز پەقەت Windowsكۇنۇپكىسى+X نى باسسىڭىزلا بىر قېتىمدىلا سىزنىڭ ئارزۇيېڭىزنى قاندۇرىدۇ.

9. كۆپ خەتكۈچلۈك كۆزنەكنى ئالماشتۇرۇش

ھازىر ناھايىتى كۆپلىگەن پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى كۆپ خەتكۈچلۈك لاھىيە قوللانغان، مەسلەن QQ، IE ھەممىسىدە ئوخشاش بىر كۆزنەكتە بىر قانچە بەت يۈزى ئېچىلىدۇ، Ctrl+Tab نى ئىشلەتسىڭىز بىر قانچە بەت يۈزى ئارىسىدا ئۆز ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

10. تېز سۈرئەتتە پروگرامما ئالماشتۇرۇش

ئوخشىمىغان پروگراممىنى تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغاندا قانداق قىلىسىز؟ Alt+Tab نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

 

11. دائىم ئىشلىتىدىغان تېز كۇنۇپكا:

winkey+d بۇ پېشىۋالار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان تۇنجى تېز بىرىكمە كۇنۇپكا. بۇ تېز كۇنۇپكا بىرىكمىسى ئۈستەل يۈزىدىكى بارلىق كۆزنەكنى تېزلىكتە ئەڭ كىچىك ھالەتكە ئەكىلىدۇ، مەيلى پاراڭلىشىش كۆزنىكى ياكى ئويۇن كۆزنىكىسى بولسۇن… پەقەت بۇ بىرىكمە كۇنۇپكىنى قايتا باسقاندىلا، بايىقى بارلىق كۆزنەك قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزغىتىدىغىنى دەل سىز كىچىكلىتىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەك.

winkey+f مائۇس سىتىرىلكىسىنى «باشلاش-ئىزدەش-ھۆججەت ۋە ھۈججەت قىسقۇچ» قا قايتا يۆتكىمەڭ، ھەرقانداق ھالەتتە، پەقەت بىرنى بېسىپ قويسىڭىزلا ئىزدەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

winkey+r سىز دائىم مۇنداق مەشغۇلات ئەسكەرتىشىنى كۆرىسىز:«(باشلاش-ئىجرا قىلىش) نى بېسىڭ، (ئىجرا قىلىش) كۆزنىكىنى ئېچىڭ…». ئەمىلىيەتتە، تېخىمۇ ئاددى بولغان ئۇسۇل دەل winkey+r نى بېسىش.

alt + tab ناۋادا ئاچقان كۆزنىكىڭىز بەك كۆپ بولسا، بۇ بىرىكمە كۇنۇپكا ئىنتايىن ياخشى ئىشلەيدۇ، ئۇ بىر كۆزنەك ئىچىدە نۆۋەتتە ئاچقان بارلىق كۆزنەكنىڭ ئىسمى ۋە سىن بەلگىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۆزىڭىز ئاچماقچى بولغان كۆزنەكنى تاللاپ، بۇ بىرىكمە كۇنۇپكىنى قويىۋەتسىڭىزلا بولدى. ئەكىسچە alt+tab+shift تەتۈر يۆنىلىشتە نۆۋەتتە ئاچقان كۆزنەكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

winkey+e سىز بايلىق باشقۇرغۇچنى ئېچىپ ھۆججەت ئىزدەشكە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، بۇ تېز كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

 

winkey نىڭ كۆرسىتىدىغىنى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ۋىندوۋىس بەلگىسى بار كۇنۇپكا. winkey ئاساسلىقى 104 كۇنۇپكىلىق ۋە 107 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىدا بار. 104 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋىندوۋىس 95 كۇنۇپكا تاختىسى دېيىلىدۇ، بۇ خىل كۇنۇپكا تاختىسى ئەسلىدىكى 101 كۇنۇپكىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىگە ctrl ۋە alt ئارىسىغا ئىككى دانە ۋىندوۋىس كۇنۇپكىسى ۋە بىر خاسلىق باغلىنىشى كۇنۇپكىسى قوشقان. 107 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋىندوۋىس 98 كۇنۇپكا تاختىسى دېيىلىدۇ، 104 كۇنۇپكىلىق تاختىدىن ئۇيقۇ، ئويغىنىش، قوزغىتىش قاتارلىق ئېلىكتىر مەنبەسى باشقۇرۇش كۇنۇپكىسى كۆپەيتىلگەن، بۇ ئۈچ كۇنۇپكا كۆپ قىسىم ئەھۋالدا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

F1 نۆۋەتتىكى پروگراممىنى ياكى ۋىندوۋىسنىڭ ياردەم مەزمۇنىنى كۆرسىتىش

F2 سىز بىر ھۆججەتنى تاللىغان بولسىڭىز، بۇ «قايتا ئىسىم قويۇش» تىن دېرەك بېرىدۇ.

F3 سىز ئۈستەل يۈزىدىكى ۋاقىتتا «ئىزدەش: بارلىق ھۆججەت» كۆزنىكىنى ئېچىش

F10 ياكى ALT نۆۋەتتىكى پروگراممىدىكى تىزىملىكنى قوزغىتىش

windows كۇنۇپكىسى ياكى CTRL+ESC باشلاش تىزىملىكىنى ئېچىش

CTRL+ALT+DELETE ۋىن 9x دا »پروگراممىنى ئېتىش» كۆزنىكىنى ئېچىش

DELETE تاللانغان تۈرنى ئۆچۈرۈش، ناۋادا ھۆججەت بولسا ئەخلەتخانىغا كىرگۈزۈش

SHIFT+DELETE تاللانغان تۈرنى ئۆچۈرۈش، ناۋادا ھۆججەت بولسا بىۋاستە ئۆچۈرۈش، ئەخلەتخانىغا كىرگۈزمەسلىك

 

CTRL+N يېڭىدىن بىر يېڭى ھۆججەت قۇرۇش

CTRL+O «ھۆججەت ئېچىش» كۆزنىكىنى ئېچىش

CTRL+P «بېسىپ چىقىرىش» كۆزنىكىنى ئېچىش

CTRL+S نۆۋەتتىكى مەشغۇلاتتىكى ھۈججەتنى ساقلاش

CTRL+X تاللانغان تۈرنى كېسىش

CTRL+INSERT  ياكى CTRL+C تاللانغان تۈرنى كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كۆپەيتىش

SHIFT+INSERT ياكى CTRL+V كېسىپ چاپلاش تاختىسىكى مەزمۇننى نۆۋەتتىكى ئورۇنغا چاپلاش

ALT+BACKSPACE ياكى CTRL+Z ئالدىنقى قېتىملىق مەشغۇلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ALT+SHIFT+BACKSPACE ئالدىنقى قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەشغۇلاتنى قايتىلاش

Windowsكۇنۇپكىسى+D كۆزنەكنى كىچىكلىتىش ياكى ۋىندوۋىس كۆزنىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

Windowsكۇنۇپكىسى+U «ياردەمچى قورال باشقۇرغۇچ» نى ئېچىش

Windowsكۇنۇپكىسى+CTRL+M قايتىدىن ئالدىنقى بىر تۈرلۈك مەشغۇلاتتىن ئىلگىرىكى كۆزنەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

Windowsكۇنۇپكىسى+E «بايلىق باشقۇرۇش» كۆزنىكىنى ئېچىش

Windowsكۇنۇپكىسى+F «ئىزدەش» كۆزنىكىنى ئېچىش

Windowsكۇنۇپكىسى+R «ئىجرا قىلىش» كۆزنىكىنى ئېچىش

Windowsكۇنۇپكىسى+BREAK «سېستىما خاسلىقى» كۆزنىكىنى ئېچىش

Windows كۇنۇپكىسى+CTRL+F «كومپيۇتېردىن ئىزدەش» كۆزنىكىنى ئېچىش

SHIFT+F10 ياكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىش نۆۋەتتىكى ھەرىكەتتىكى تۈرنىڭ تېز تىزىملىكىنى ئېچىش

 

SHIFT

CD پلاستىنكىنى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا قويماسلىقنى بېسىپ قويساق، ئاپتوماتىك قويۇشقا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ALT+F4 نۆۋەتتىكى ئەمەلىي پروگراممىنى ئۆچۈرۈش

ALT+SPACEBAR پروگراممىنىڭ ئەڭ سول بۇلۇڭىدىكى تىزىملىكنى ئېچىش

ALT+TAB نۆۋەتتىكى پروگراممىنى ئالماشتۇرۇش

ALT+ESC نۆۋەتتىكى پروگراممىنى ئالماشتۇرۇش

ALT+ENTER ۋىندوۋىس مۇھىتىدا ئىشلەۋاتقان MSDOS كۆزنىكىنى كىچىكلىتىلگەن كۆزنەك ۋە تولۇق ئېكران ھالىتى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش

PRINT SCREEN نۆۋەتتىكى ئېكراننى سۈرەت شەكىلىدە كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كوپىي قىلىش

ALT+PRINT SCREEN نۆۋەتتىكى ھەرىكەتتىكى پروگراممىدىكى كۆزنەكنى سۈرەت شەكىلىدە كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كوپىي قىلىش

CTRL+F4 نۆۋەتتىكى ئىشلىتىۋاتقان ئەمەلىي پروگراممىدىكى نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (مەسلەن ۋوردتتا)

CTRL+F6 نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئەمەلىي پروگراممىدىكى كېيىنكى ھۆججەتكە ئالماشتۇرۇش (shift قوشقاندا ئالدىنقىسىغا ئالمىشىدۇ)

IE دا:

ALT+RIGHT ARROW ئالدىنقى بەتنى كۆرسىتىش (ئالدىغا مېڭىش كۇنۇپكىسى)

ALT+LEFT ARROW كېيىنكى بەتنى كۆرسىتىش (چېكىنىش كۇنۇپكىسى)

CTRL+TAB بەت يۈزىدىكى ھەرقايسى رامكا ئىچىدە ئالماشتۇرۇش (shift قوشقاندا تەتۈر يۆنىلىشتە ئالمىشىدۇ)

F5           يېڭىلاش

CTRL+F5 مەجبۇرى يېڭىلاش

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
mardan321 + 2

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش69 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
مۇساپىر1 ۋاقتى: 2015-12-19 00:02:20
بەك ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز. بىلىۋىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن
گىلەم
isilakax ۋاقتى: 2015-12-19 00:16:40
سىز دەۋاتقان Windows كۇنۇپكىسى قايسى كۇنۇپكا win7 دە ئىشلەمدۇ
ئورۇندۇق
dhan ۋاقتى: 2015-12-19 00:17:20
رەھمەت بۇرادەر.
5-قەۋەت
yirak ۋاقتى: 2015-12-19 00:30:06
ۋاي بەك رەھمەت
مەندەك  يېڭى كومپىيوتېر ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بىلىمكەن  رەھمەت سىزگە  ☀

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
6-قەۋەت
one-day ۋاقتى: 2015-12-19 00:54:14
isilakax يوللىغان ۋاقتى  2015-12-19 00:16
سىز دەۋاتقان Windows كۇنۇپكىسى قايسى كۇنۇپكا win7 دە ئىشلەم ...

كونۇپكا تاختىسغا قارىسڭىز, ۋىندوۋىس بەلگىسى بار كونۇپكا شۇ
7-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2015-12-19 01:01:00
يارايسىز
8-قەۋەت
بالاڭزا ۋاقتى: 2015-12-19 01:01:36
قايسى كۇنى روھلان تورىدا كۆگەن بۇ تېمىنى مەن
9-قەۋەت
polat189 ۋاقتى: 2015-12-19 09:37:34
مەندەك كومپىيۇتېرغا قارا ساۋاتلارغا تازا ماس كىلىدىكەن . رەھمەت سىزگە
10-قەۋەت
mardan123 ۋاقتى: 2015-12-19 09:52:45
ۋىندوۋىس دىگەن  كۇنۇپكا   كونتىرول كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدا بار
11-قەۋەت
umut880 ۋاقتى: 2015-12-19 09:54:37
ئالىپ ئەپەندىم .. تىمامنى تەستىقلاپ قويسىڭىزچۇ ..نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ يىغىسى بۇ
12-قەۋەت
بالاڭزا ۋاقتى: 2015-12-19 10:27:33
windows كۇنۇپكىسنى بىلمىگەنلەرگە مانا

ggggg.png (83.6 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

ggggg.png
13-قەۋەت
ئەسسالام ۋاقتى: 2015-12-19 10:34:41
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويماپسىزغۇ ،بۇتېما روھلان تورى بىلەن ،توپلام تورىغا بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا يوللۇنۇپ بولغان ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى ،لىكىن تېما ئەسلىدىنلا سىزنىڭ بولسا،ئاقساقاللىق قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭ .

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
14-قەۋەت
iltabir1 ۋاقتى: 2015-12-19 11:05:14
ياخشى تېما يوللاپسىز
15-قەۋەت
misran0998 ۋاقتى: 2015-12-19 11:07:56
xp دا ئېكراندىكى سىنبەلگىلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى نەدىن تەڭشەيدىغاندۇ؟ ھازىر سەل چوڭ  بىلمىگەنلىك ئەيىپ ئەمەس شۇڭا دەپ بەرسەڭلار
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部