+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-3-14 18:36 5579 قېتىم كۆرۈلدى 89 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بېيجىڭ شىياۋمى  پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى لېي جۈن سۆز قىلغاندا «بازاردا سېتىلىۋاتقان شىياۋمى يانفوننىڭ %30-%40 ساختا» دېدى. مايۈن «ساختا مالغا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنى تەرتىپكە سالغاندەك زەربە بېرىش كېرەك» دېگەن ئىدى.


ئۇنداقتا بازاردا راستىنلا شۇنچىۋالا كۆپ ساختا شىياۋمى يانفون بارمۇ؟ ساختا شىياۋمى بىلەن ھەقىقىسىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

ھەقىقىسنىڭ قېپىنىڭ قىرغاقلىرى قىرلىق، قاتتىق بولىدۇ. ساختا شىياۋمىنىڭ قېپىنىڭ قىرى يايسىمان، قىرلىق ئەمەس.


ھەقىقىسنىڭ قېپىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى خەتلەر تەبئىي، سۈپەتلىك؛ قاپنىڭ كىرىشتۈرگەن يېرىدە ئارىلىق يوق. ساختىسىنىڭ بىر ئاز قوپال. قاپنىڭ كىرىشتۈرگەن يېرىدە ئازىراق بوشلۇق بار.


ساختا شىياۋمى يانفوننىڭ ئۈستىدىكى يورۇقلۇق سېزىش سىنزورى بىر ئاز ئۇزۇن. ھەقىقىسنىڭ ئۇزۇن ئەمەس.


ھەقىقى شىياۋمى يانفوننىڭ ئارقاسى پارقىراپ تۇرىدۇ، ئىككى ئۈچ خىل ئارىلاشما رەڭ يوق. ساختىسىنىڭ ئۇنداق ئەمەس.



يانفونغا كارتا سالماي قوزغاتقاندا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئوڭ تەرەپتىكىدەك 无SIM 卡 دەپ چىقسا ھەقىقى شىياۋمى يانفون بولىدىكەن.


ئەڭ مۇھىم سىناش، ساختا شىياۋمى يانفونغا 小米鉴定 دېگەن ئەپ قاچىلانمايدۇ. ھەقىقى شىياۋمى تېلېفونغا 小米鉴定 دېگەن ئەپنى شىياۋمىنىڭ ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، يانفوننىڭ IMEI نومۇرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش15 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن15 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

89ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
Xperia ۋاقتى: 2017-3-14 22:51:36
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xperia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-14 22:58  

بۇ گەپ ئازىراق مۇبالىغۇدەك بىلىنسىمۇ ئاز-تولا ئەلىيەتچانلىقىمۇ بار.بۇ شىياۋمىنىڭ تۆۋەن باھا سىستىراتىگىيەسى بىلەن ئوتتورا-تۆۋەن بازارلاردا كۆپ سېتىلغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىدىن باشقا يەنە بىر نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ.ئۇ بولسىمۇ سۈپەتسىز ،لاياقەتسىز مەھسۇلات.
شىياۋمىنىڭ كۆپ قىسىم يانفۇنلىرى ھازىرقى يانفۇن ياساش سانائىتىگە قارىغاندا تۆۋەن سەۋىيەلىك ،لاياقەتسىز مەھسۇلات دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ ،ئىلان قىلىش يىغىنىدا باشقىلارنى قايمۇقتۇردىغان دەبدەبىلىك سۆزلەر كۆپ .ھەتتا ھەر بىر ئادەتتىكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى ئالما ۋە سامسۇڭنىڭ ئەڭ ياخشى ئەقلىيفۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئوبىكتى قىلىۋالغان. لىكىن ئەمىلىيەت ئۇنداق ئەمەس.مەھسۇلاتنىڭ لايىھەلىنىشى كۆرۈمسىز ،سىستىمىدا قىززىۋىلىش ۋە قېتىۋىلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر.ئاپىراتى ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفۇنلىرىنىڭمۇ ناچار .ئەلالاشتۇرۇلمىغان.يېڭى بىر ئەۋلات ئايفۇن ۋە galaxy s7قاتارلىق يانفۇنلاردىنمۇ ياخشى دەپ ماختاپ كەتكەن ئاپىراتىلىرى ئەمىليەتتە نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئايفۇن 5sۋە galaxy s3يانفۇنلىرىدەكمۇ ياخشى ئەمەس.لىكىن يەنە مەھسۇلات ئىلان قىلىش يىغىنلىردا نۇمۇس قىلماي ماختاش ۋە سېلىشتۇرۇش .ئەملىيەتتە كەسپى ساھەدىكىلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ باھالاشلىرىدا شىياۋمىnote2,شىياۋمى 5s plus,ۋە mix قاتارلىق يانفۇنلار 2-3يىل ئىچىدىكى بايراقدار يانفۇنلار ئىچىدىكى ئاپىراتى ئەڭ ناچار يانفۇنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.ئازپايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئاز ئەجىر قىلىنغان كۆپ قىسىم شىياۋمى يانفۇنلىرىنىڭ ياساش سەنئىتى ۋە سۈپەت ئۆلچىمى بازاردىكى زاپەر شىياۋمى يانفۇنلاردىن كۆپ پەرىقلىنەلمىدى.ھەقىقى داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلاردىكى يۇقىرى ئۆلچەم ۋە سۈپەتنى قوغلاشماي ئەرزان سېتىپ كۆپ سېتىش ئەندىزىسىنى قوغلىشىش شىياۋمىنىڭ لاياقەتسىز ۋە تاغتۇرا يانفۇنلاردىن كۆپ پەرىقلىنەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ.شۇڭا شىياۋمىنىڭ بازار ئۈلىشى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى .باشقا ماركىدىكى يانفۇنلارنى ئىشلەتكەن شىياۋمى ھەۋەسكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى شىياۋمىغا قايىتقۇسى كەلمىدى.ئەگەر شىياۋمي يانفۇنلىرىدىكى سۈپەتنى ياخشىلمايدىكەن ئىناۋىتى كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلەيدۇ.مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى تۆۋەن باھالىق بازارنى ئازتولا ئىگەللەشتىن باشقا يۇقىرى ،ئوتتورا بازارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىشىگە شاھىت بولۇپ قالىدۇ.
تەۋسىيىلەش
azharxxxx ۋاقتى: 2017-3-14 22:25:08
ۋاي بۇتىمىنى كۆرۈپلا ھەممەيلەن شىياۋمى يانفۇندن گۇمان لانغىلى تۇرۇپتۇغۇ ئەمدى مىنىڭچە بۇسۆزلە ھازىر قى
شاۋمى تىلفۇنلىرىغا نىسپەتەن گۇمان قىلىشقا سەۋەپبولالمايدۇ
ئەلۋەتتە شاۋمى شىركىتى تۇنجى بولۇپ شاۋمى 1
يانفۇننى ئىلانقىلغاندىن تارتىپ تامۇشۇكۈنلەگىچە يەنى m2 m3 m4 小米note 红米1 红米2 红米note  红米note2 قاتارلىق بىرتۈركۈم تىلفۇنلارنىڭ ساختىسى بازار داھەقىقەتەن كۆپىيىپ كەتكەن
小米4c دىن تارتىپ يەنى ئورگان تەرەپتىن BLقۇلۇپىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ شاۋمى ماركىدىكى تىلفۇننىڭ ساختىسى بايقىلىپ
باقمىدى
مەنمۇ شىياۋمى ئىشلىتىۋاتىمەن مىنىڭچە شاۋمى يانفۇنلىرى ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىدۇ
تەۋسىيىلەش
yusup383 ۋاقتى: 2017-3-15 14:38:45
Xperia يوللىغان ۋاقتى  2017-3-14 22:51
بۇ گەپ ئازىراق مۇبالىغۇدەك بىلىنسىمۇ ئاز-تولا ئەلىيەت ...

ۋاھ سبز بىرە يانفۇن شىركىتىنىڭ باشلىقىمۇ نىمە ياكى سېتىش بۈلۈمنىڭ باشلىقى  ياكى بازار  باشقۇرۇش بۈلىمىدە ئىشلەمسىز ، سۆزلەڭ دىسە ئالامەت سۆزلەيدىكەنسىز، يا سىز ئاشۇ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ باققانمۇ ،  قارىسام مەلۇم مەفسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئوخشايسىز، مۇشۇنداق تېتىقسىز ئىنكاس يازسىڭىز سىزگە مۇكاپات بىردىغان ئوخشايدۇ، سىزدەك ئادەتتىكى ئادەمنىڭ بۇنداق دىيىش ھۇقۇقى يوق ، چۈنكى ئىستىمالچىلار ھەرگىزمۇ كالۋا دۆت ئەمەس،  نۇرغۇن ماركىدىكى يانفۇنلانى ئىشلىتىپ كۆردۇن دۇنيادا 100% لىك نەرسە يوق ، ئاشۇ  ئايفۇن  galaxy دەپ كەتكەن يانفۇنلىرىڭىزمۇ تايىنلىق  تۇكى تۇرىشى دەششەت ناچار يەنە تېخى پارتىلسا ، يەنە بىرسى 40% توكتا ئۈچىۋاسا ، بىر ئاغىنەم ئايفۇن 7 ئېلىپ 1 ئايدىن ئېشىپلا تۇكى يەتمەي كۈنىگە 3 قېتىم توك قاچىلايدىغىننى ئېيىتتى يەنە تېخى 40% دە ئۈچۋالىدىكەن  ئامال يوق 1500 يۈەن زىيىنگە سېتۋېتىپ 小米5s ئالدى  نەچچە ئاي بولدى شۇنداق ماختاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ، بىر يانفۇننىڭ 100 ئادەمگە بەرگەن تەسىرى 100 خىل بولىدۇ، تاشقى سۈپەتنى دەپ ئىچكى سۈپەتكە كاپالەت قىلمىسا ئۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەس قۇرۇق سۆلەت بۇپ قالىدۇ، قايسى ماركىدىكى يانفۇن بولسۇن ئۈزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى  ھەم ھۇزۇرى بار،  بۇ يەردە سىزنىڭ تېخى نەچچە يىللىق بىر كارخانىنى باھالايدىغانغا سالاھىيتىڭىز توشمايدۇ،  قايسى يانفۇن بولسۇن ئاۋال سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۈتۈپ  لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىپ تىلفۇننىڭ ئىقتىدارى ھەم ئالاھىدىلىكىگە قارىتا باھا چىقىرىپ ساتىدۇ ، ئۇ ناچار بۇ ناچار دىگەنلە ئاۋال ئۈزىڭىز ياخشىسىنى  ئىشلەپ چىقىرىپ ئاندىن باھا بىرىڭ، شۇنچە نۇرغۇن يانفۇن كارخانىلىرى بىر بىرىنىڭ ئەيىپىنى ئاچماي ئۈزنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىپ ئۆز نىسىۋىسىگە رازى بۇلۇپ كىلۋاتقان بۇنداق رىقابەت دەۋرىدە ، سىزدەك قۇسۇرچىلانىڭ بۇنداق دىيىشكە سالاھىيتى يوق،  راسلا ناچار بولسا يېڭى مەھسۇلات چىقىشىغا تالىشىپ داۋاملىق سېتۋېلۋاتقان خېرىدارلار ھەرگىزمۇ دۆت ئەمەس سىزدىن بەكراق بىلىدۇ،  بىز  مۇشۇنداق بىر بىرىمىزنىڭ ئەيىپىنى كولاپ يۈرسەك  نىم پايدىسى ، سىزگە ناچار تۇيۇلسا باشقىلارغا ياخشى تۇيىلىدۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيسىنى ھەممە ئادەمگە سىڭدۈرمەن دىسىڭىز بۇ بىر ئەخمىقانىلىق ،  مەيلى قايسى ماركىدىكى يانفۇن بولسۇن مەن قوللايمەن ، بۇلۇپمۇ بىرنى قوللىغاننى بىزمۇ بەكرەك قوللايمىز

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
huxsardar + 10 ئوغاۋالا خو!!!!!!!!!!!!!!!!

باھا خاتىرىسى

تەۋسىيىلەش
Xperia ۋاقتى: 2017-3-15 17:32:41
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2017-3-15 08:45
قەرىغاندا شىيامىي شىركىتى بىلەن  دەۋا دەستۇرىڭىز باد ...

شىياۋمى بەك ناچار تىلفۇنمۇ ئەمەس ،لىكىن ياخشى دەپ كەتكۈدەك تىلفۇنمۇ ئەمەس.ھەقىقى لاياقەتلىك مەھسۇلاتتا بولۇشقا تىگىشلىك ئۆلچەملەر كەمچىل.شىياۋمىنى تالىشىپ سېتىۋالامدىكەن تېخى؟نىمانداق قىزىقارلىق.سىز قايسى زاماندا ياشاۋاتىسىز؟شىياۋمىنىڭ تىلفۇنلىرىنى ئالدىغان ئادەم يوق نەگە قارىسا پۇتلىشىپ تۇرۇپتۇ.مال دىگەننى  باشقا شىركەتلەردەك نەچچە مىليۇنلاپ تەييارلاپ باقسۇن قېنى ؟ پىت بىسىپ كەتكىننى كۆرىسىز . مىليارد نوپۇسى با دۆلەتتە 100مىڭ تال مالنى تالاشتۇرۇپ سېىتىپ مانچە مىنۇتتا سېتىپ بولدۇق دەپ قويسا ،يەنە يوقاپ كىتىپ بىرە ئايدىن كىيىن يەنە 500مىڭ تال مالنى تالاشتۇرۇپ سېتىپ قويسا ئەخمەق ئادەملەرلا راس تالىشىپ يىتىشمەي قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ.ھازىر ئۇنداق قىلتاققا ئەقىللىقراق كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ.ئەملىيەت شىياۋمى ھازىر پەقەت 600-1000يۈەن ئارلقتىكى بازارنىلا تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ.باشقا بازارلارنى ئاساسەن قولدىن بىرىپ بولدى.خەخمۇ ھازىر شىياۋمى دىسە نۇرغۇنلىرى زىرىكىپ بولدى دەيدىغان بولدى.تالىشىپ سېتىۋالىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز شۇ ئويېڭىزدا بىر نەچچە يىل تۇرۇپ بىقىپ ئاندىن چۈشىنەرسىز
تەۋسىيىلەش
merdan ۋاقتى: 2017-3-14 19:31:01
شۇڭا مالنى ئىشەنچىلىك ئادەمدىن ئېلىش كېرەك
تۆر
يارقىن123 ۋاقتى: 2017-3-14 18:51:20
مانداقمۇ  ئىشلار بۇلدىكەن دىسە
گىلەم
كامال15 ۋاقتى: 2017-3-14 18:57:20
ئەڭ ئاخردىكى ئوبدان ئامالكەن بىراق ھازىر شىياۋمى ئىشلەتمەيمەندە مېيزۇنىڭمۇ شۇندا ئاسان ئۈنۈملۈك بىرە ئامالى بامىدۇ بىلىدىغانلا دەپبەرسەڭلا
ئورۇندۇق
dilnazuk ۋاقتى: 2017-3-14 19:06:30
ۋاي توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن راس بىلەن يالغىنى شۇنچىۋالا ئوخشىشىدىكەن ئەمەسمۇ
6-قەۋەت
ئابدۇS ۋاقتى: 2017-3-14 19:34:12
مەندىكى گۈرۈچنىڭ بژ يەلىرى بژقاندا  تۇردىيا   .

7-قەۋەت
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-3-14 19:38:19
ساختا شياۋمىغا ھەقىقى شياۋمى سېستىمىسى چۈشەمدغاندۇ
8-قەۋەت
تەنھا530 ۋاقتى: 2017-3-14 19:39:45
تۇيىڭە ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى ئادەمدىن مال ئالغانغا ، ئەرزان بەردى سىلەدە نىمانداق قىممەت دەيتىڭلا .
9-قەۋەت
fsgfssdjn12123l ۋاقتى: 2017-3-14 19:46:10
ئوغلان132 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-14 19:38
ساختا شياۋمىغا ھەقىقى شياۋمى سېستىمىسى چۈشەمدغاندۇ

ساختا شاۋمى تىلفۇنغا  سىئىستىما  ماڭمايدۇ  .
10-قەۋەت
tatligim1288 ۋاقتى: 2017-3-14 19:50:54
مەن شۇڭلاشقا شىياۋمىنىڭ تىيەنماۋدىكى دۇكىنىدىن باشقا ھىچقانداق يەردىن شىياۋمى يانفۇنى ئ‍المايمەن
11-قەۋەت
ئابدۇS ۋاقتى: 2017-3-14 19:51:21
شۈكرى مىنىڭ  ساختا ئەمەسكەن   .   تىما ئىگسىگە رەھمەت جۇمۇ بىلۋالدغان بىلىملەركەن بۇ .

ھەراس باللا  شاۋمىنىڭ  خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنى چىقىدغان ھەم ئۇيغۇرچە چىرايلىق چىقىدغان فونتى بارمۇ ؟
12-قەۋەت
爱情心 ۋاقتى: 2017-3-14 21:00:26
شۇڭا مەن شىياۋمىغا قىززىقمايمەن.بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە بازاردا ساماندەك كۆپ .
13-قەۋەت
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-14 21:14:37
ئەڭ ئاخىرقىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا قانداق بولار.
مەن تېلېفونۇمدا سىناپ باقاي دېگەن ئىدىم.
14-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2017-3-14 21:32:28
ۋاي بۇ ساپ مىنىڭ قولۇمدىكى قىزىل گۈرۈچ 4 يانفۇنۇمنىڭ بىژ يەلىرى بىژژژژژ قاندايا بۇنىڭ......مەن پەقەت رازى بولمۇدۇم مۇ تىلىفۇندىن ئېكرانىغا قارىسىلا زاپەردەكلا.....ئېكراننىڭ قارا سىزىقى بەكلا چوڭ.....ھەي ئىسىت دەيمەندە....
15-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-3-14 21:41:19
مۇشۇ ئىشنى بىر يوقاتسا  ئاشۇلانىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋەتسە ياخشى بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部