+تېما يوللاش
musi يوللانغان ۋاقتى:2014-12-9 09:38 4438 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدارغا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللىغاندا ئەگەر ئۇچۇر مەزمۇنىدا سان ياكى ئېنگىلىزچە ھەرپ بولۇپ قالسا، خەتلەرنىڭ تەرتىپى قالايىمقانلىشى كېتىدۇ، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇنداق بىر ئۇسۇلى بار.

بىز  Chrome تور كۆرگۈچىسىنى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز، باشقا ئوخشاش ئىقتىدارى بار تور كۆرگۈچلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
1. ئۆزىمىز يوللىماقچى بولغان مەزمۇننى ئۈندىدار مەزمۇن كۆزنىكىگە يېزىپ بولغاندىن كىيىن كونۇپكا تاختىسىدىن F12 كونۇپكىسىنى باسىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئېكرانىمىز تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ.

2. رەسىمدىكىدەك لوپا ئەينەكنىڭ رەسىمىنى بىر چېكىۋەتكەندىن كىيىن مائۇسنى يۆتكەپ بىز يازغان ئۇيغۇرچە خەتنى بىر چېكىمىز.

3. بۇ ۋاقىتتا سول تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلىك پاراگراف بەلگىسى تاللانغان بولىدۇ، بىز بۇ پاراگراف بەلگىسىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن باشتىكى Add attribute نى باسىمىز.


4. بۇ ۋاقىتتا پاراگراف بەلگىسى تەھرېرلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، شۇ ئورۇنغا dir="rtl" دەپ يېزىپلا ئېنتىر كونۇپكىسىنى باسساق بىز يازغان ئۇيغۇرچە خەتنىڭ يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سان ۋە ئېنگلىزچە ھەرپ ئارلاشسىمۇ تەرتىپى ئۆزگەرمەي كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ رولى پاراگرافنى ئوڭغا توغرىلاش بىلەن پەرقلىق.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +70 يىغىش سەۋەبى
samawi-bore + 20 مەن قوللايمەن
alip + 50 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش14 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

15ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2014-12-9 13:37:14
سالۇن باشقۇرغۇچىلارغا ياخشى ئامالكەن،رەھمەت سىزگە.
گىلەم
جاخان00 ۋاقتى: 2014-12-9 15:18:53
شۇ  دىمىسىمۇ  بەزەن بىر  سالونلاردا مۇشۇنداق  چىقىۋالىدۇ  
ئورۇندۇق
bayawat ۋاقتى: 2014-12-9 16:31:33
يەنە باشقا تىز سۈرئەتتە  مەزمۇن بەرتەرەپ قىلدىغان ئۇسسۇل بولسا دەپ باقمامسىز؟
5-قەۋەت
بارى ۋاقتى: 2014-12-9 16:46:34
كۆپ رەھمەت ، ياخشى تېما يوللاپسىز
6-قەۋەت
bawdun ۋاقتى: 2014-12-9 23:26:13
بۇ سالۇننى كومپىيۇتېردىن پايدىلىنىپ باشقۇرامدا  
7-قەۋەت
~~~~爱~~~~ ۋاقتى: 2014-12-10 01:26:25
ياخشىكەن ھە!
8-قەۋەت
cokmoqu ۋاقتى: 2014-12-10 15:07:26
بۇ ئامال تازا ئەسقاتىئىدىغان ئامالكەن قىنى بىر سىناپ
9-قەۋەت
ئىلتەرى ۋاقتى: 2014-12-10 20:31:24
ئوبدان ئامالكەن، سالون باشقۇرغۇچىلار كۆپىرەك قوللانسا بولغۇدەك، دىمىسىمۇ بەزى تېمىلارنى كۆرگەندە سان ياكى ئېنگىلىزچە ھەرپ بولسىلا تەرتىپ ئالمىشىپ كېتىپ مەزمۇن بەك قالايمىقانلىشىپ، ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ كېتىدىكەن...
10-قەۋەت
6831 ۋاقتى: 2014-12-11 18:13:15
سالوندىن باشقا يەردە ئىشلىمەسمۇ  بۇ ئۇسۇل؟
11-قەۋەت
1691192247 ۋاقتى: 2014-12-12 12:49:51
ياخشى ئۇسۇلكەن
12-قەۋەت
kokaral ۋاقتى: 2014-12-17 21:14:04
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokaral9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 21:15  

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ھۆنەركەن . رەھمەت سىزگە
سالۇنىمنى قوللاپ قويساڭلار ئالپداشلىرىم ..
Kokaral دەپ قوشۇۋالساڭلار
13-قەۋەت
xjunicom ۋاقتى: 2014-12-17 23:21:35
بۇ ئۇسۇل تەھرىرلىگەندە ئىشلىگەن بىلەن يوللىغاندىن كىيىن ئىشلەمدىكەن؟ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟
14-قەۋەت
musi ۋاقتى: 2014-12-25 10:37:51
xjunicom يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 23:21
بۇ ئۇسۇل تەھرىرلىگەندە ئىشلىگەن بىلەن يوللىغاندىن كىي ...

سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن  يوللىدىم
15-قەۋەت
123xinjiang ۋاقتى: 2016-2-8 14:34:39
مۇسى   بۇرادەر  مۇمكىن بولسا  چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز ، ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولسىڭىز
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部