+تېما يوللاش
Enwer010 يوللانغان ۋاقتى:2017-3-18 20:09 3085 قېتىم كۆرۈلدى 57 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا  مىسلىسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغاچقا  ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ،بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان دەرەجىگە يەتتۇق. ئۆزنۆۋىتىدە نۇرغۇن ئۈندىدار سالۇنلىرى قۇرۇلۇپ بىزلەرنى كۈندە يېڭى-يېڭى ،سەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ،تۇرمۇشىمىزنى بىيىتىپ كىلىۋاتىدۇ. سالۇن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ،سالۇنلار بارغانسىرى كەسىپلىشىپ ،ھەممە ساھەدە بىر نەچچىدىن مەخسۇس سالۇنلار قۇرۇلۇپ ،ھەر خىل ساھادىكىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ كىلىۋاتىدۇ. مەخسەتكە كەلسەك ، يۇقارقىدەك ياخشى يۈزلىنىشلەرنىڭ  تۈرۈتكىسىدە مەندىمۇ سالۇن قۇرۇش ئىستىكى قوزغۇلۇپ،بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن ئويلاندىم،نۇرغۇن تەييارلىقلارنى قىلدىم،يەنى: نېمە ئۈچۈن سالۇن قۇرىمەن؟سالۇننىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ قويىمەن؟ تۈپكى مەخسەت نېمە؟سالۇن ئاقىلىق مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن؟مەندە سالۇن قۇرغىدەك ساپا بارمۇ؟سالۇننى ياخشى، ساغلام يۈرگۈزەلەمدىم يوق؟ دىگەندەك نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدە تەپسىلى ئويلاندىم،ئاخىرى كۆڭلۈمدە سان توختىتىپ ،ئىدىيەمدە تولۇق تەييارلىق بولغاندىن كېيىن ،بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رەسمى ئىلتىماس قىلدىم. قارىسام ئىلتىماس قىلىش تەرتىۋى شۇنداق ئاسان ،قولايلىق ئىكەن. كىملىك،بانكا كارتىسىغا باغلانغان ئۈندىدار بولسىلا بىردەمدە ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن.تولىمۇ ئەپسۇس ئىلتىماس قىلالمىدىم. چۈنكى ئىسىم يازىدان سىتون پەقەت ئون خەت بىلەن چەكلىنىدىكەن. مېنىڭ  كىملىكتى ئىسمىم چىكىت بىلەن قوشقاندا ئون بىر خەت بوپ قالدى، ئەجەبا بىر چىكىت سەۋەبلىك بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمامدا؟بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى يوقمىدۇ؟شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر بولدى،تېڭشۇن تورىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا نۇرغۇن ئىنكاس يازدىم، تور دۇنياسىدىن ئىزدەندىم،بۇنىڭغا ئامال بولمىدى. قارىسام ئۈچ يىل بۇرۇن  بىر نەچچە توردىشىمىز مۇشۇنداق مەسىلىگە ئۇچىراپ، بەيدۇ تورىغا ئىنكاس يېزىپتىكەن تاكى ھازىرغىچە ھەل بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچىم سىقىلىپ ،بۇنىڭ بىر چارىسى بولۇپ قالامدىكى دىگەن ئۆمۈتتە، كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ تىخنىك،يېڭىلىق ئۇچۇرىنىڭ  تور دۇنياسىدىكى باشلامچىسى ئالىپ تورىغا ،ئۇشۇ بۇ يازمامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇڭا سالۇن قۇرغانلار سالۇنىڭلارغا ياخشى مەسھۇل بولۇڭلار،سىلەر بىلەن ئۈندىدار سالۇنلىرى گۈللەنسۇن. ساغلام ،يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تۇرمۇشىمىزنى بىيىتىڭلار. ئاخىردا سالۇن قۇرماقچى بولغانلارغا دەيدىغىنىم كىملىكتىكى ئىسمىڭلار ئون خەتتتىن ئىشىپ كەتسە ،بولدى قىلىڭلار،ھازىرچە ئامال يوق. تېڭشۇننىڭ ئۈندىدار ئاممىىۋى سۇپىسىغا ئىنكاس يېزىڭلار، ياكى مەندەك ئالىپلىقلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇپ ئىچىڭلارنى بوشىتىڭلار. كۈنلەرنىڭ بىرىدە  بۇ مەسىلە ھەل بولغۇسى. ئەگەر ئون خەتلىك تەلەيلىك ئادەم بولسىڭىز ،ئۈندىدار  سالۇنى قۇرسىڭىز ،سالۇن ئىسمىنى ئويلۇشۇپ قويۇڭ،يىلدا پەقەت بىر قىتىم ئۆزگەرتەلەيسىز،يەنە كېلىپ باشقا سالۇن ئىسمى بىلەن ئوخشاش بوپ قالسا بولمايدۇ،ئەڭ  ئاخىردا تەلەيلىكلەرگە دەيدىغىنىم،سالۇن قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  سالۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش،چىكنىشكە بولمايدۇ،سىز ئۇنىڭغا باغلاقلىق.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش9 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

57ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yusup383 ۋاقتى: 2017-3-19 01:10:05
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مەسىلىمۇ ھەل بۇلۇپ قالا، ئالىپتا نۇرغۇن ئۇستازلار بار ئۇلار نىم دەيدىكىن ئاڭلاپ باقىلى، ھە راس بىر دوستۇم سالۇن قۇرۇپ ئايدا 20مىڭ يۈەندىن كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلدۇ دەيدۇ مەن ئىشەنمەي شۇ سەۋەپتىن گەپ تالىشىپ قالدۇق بەك يېقىن دوستۇم ئىدى،  شۇنىڭ بىلەن سىناپ باقاي دەپ سالۇن قۇردۇم بىراق ئېلان قۇشىدىغان يەرنى پەقەت ئاچالمىدىم،شۇنىڭ بىلەن تاشلاپ قويدۇم سالۇن قۇرسا راس شۇنداق كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلامدۇ بىر چۈشەنچە بەرسەڭلا
گىلەم
umut吧 ۋاقتى: 2017-3-19 01:21:50
رەھمەت  ياخشى  مەزمۇن  بوپتۇ  بىراق مۇشۇ سالۇننى قۇرۇپ ئادەم ئالدايدىغانلارمۇ باركەن شۇڭا پىكرىم ھەمىمىز ئوزئىشىمىزنى ياخشى  قىلايلى  ھەممە ئىشقا مەسئۇل بۇلايلى
ئورۇندۇق
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-19 01:27:10
سالۇننى ئەمەلدىن  قالدۇغىلى بولمامدۇ
5-قەۋەت
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-19 01:30:01
كەچرۈڭ تىما ئىگسى بەكلا قىيلىنىپ قېلىپ يېزىۋاتمەن ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ،ئالىپ ئەھلى ماڭا ياردەم قىلساڭلا ،مەن 3 كۈن بۇرۇن تاۋباۋ دىن ئىنىمغا 88 يۈنگە بىر تىلفۇن ئالغان ئىدىم ، ئىلىپ بولۇپ مالنى سىلىپ بېرىڭ دىسەم ،مال بارغاندا يەنە 200 يۈەن تۆلەيسە دىدى . مەن ئەمىسە ئالمايمەن دىدىم . دىمىسىمۇ ئۇ تىلفۇن ماركىسى ىوقلا تىلفۇن ئىدى .ئەمىسە پۇلۇمنى قايتۇر دىسەم .كەچۈرۈڭ سىز تاپشۇرغان 88 يۈن زاكاس پۇل قايتۇرۇشقا بولمايدۇ  دىدى ، ئامال يوق بولدۇ ئالاي دىلىپ بە دىدىم ، كىيىن سالغانلىق ئۇچۇر كەلدى . بۈگۈن 4 كۈنچە بولدى .بىراق خەۋەر يوق تاۋباۋغا كىرىپ مالنىڭ تەپسىلاتىنى ئاچسام ،رەسىممىمۇ چىقمىدى ، دۇكانمۇ يوق بوپ كىتىپتۇ ،قانداق قىلسام بولا قىرىنداشلا يول كۆرسەتسەڭلا ، رەھمەت .
6-قەۋەت
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-19 01:31:18
مانا مۇشۇنداق تۇردۇ.

Screenshot_2017-03-18-19-25-08-151_com.taobao.taobao.png (48.87 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

Screenshot_2017-03-18-19-25-08-151_com.taobao.taobao.png

Screenshot_2017-03-18-19-22-25-743_com.taobao.taobao.png (52.26 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

Screenshot_2017-03-18-19-22-25-743_com.taobao.taobao.png
7-قەۋەت
WANDAY ۋاقتى: 2017-3-19 01:48:36
14799682185 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-19 01:30
كەچرۈڭ تىما ئىگسى بەكلا قىيلىنىپ قېلىپ يېزىۋاتمەن ئەس ...

مېنى قوشۇڭ،سىزنى مەخسۇس مۇشۇ تاۋباۋ توغۇرلۇق مۇنازىرە ئېلىپ باردىغان ئۈندىدار توپقا قوشۇپ قوياي،مەسلىڭىزنى ھەل قىلپ بېرىدۇ،ئۈندىدار:862831864
8-قەۋەت
yusup383 ۋاقتى: 2017-3-19 01:55:44
14799682185 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-19 01:30
كەچرۈڭ تىما ئىگسى بەكلا قىيلىنىپ قېلىپ يېزىۋاتمەن ئەس ...

ھەي ئاخماق شۇ ھامان پۇل قايتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلمامسىز  رەت قىلسا تاۋباۋدىن  ياردەم سورايسىز شەرىتسىز قايتۇردۇ پۇلنى يەنە ئەرىز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مالغا زاكاس بەرگەن پۇل تۆلىگەن تالۇن نۇمۇرنى يۇيۋەتمىگەنسىز شۇنىڭدىن 退款 دىگەننى بېسىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ پۇلنى ۋاختىدا قايتۇرمىسا  رەت قىلۋەتمىسىلا  2 كۈندە پۇل قايتىپ كىلىدۇ  ئادەتتە توردىن مال سېتۋالساق پۇل 10 كۈن ئىچىدە ئوتتۇردا تۇردۇ مالدىن مەسلە چىقسا ياكى ساق كەلمىسە شۇنى بېسىپ پۇل قايتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ
9-قەۋەت
رىيال ۋاقتى: 2017-3-19 02:29:12
ۋاي ئىسىت تىما ئىگىسى ھەجەپ ئىچىمنى ئاغرىتتىڭلا
10-قەۋەت
alxir138 ۋاقتى: 2017-3-19 05:25:07
5-قەۋەتتىكى قېرىندىشىم،سىزبەك بىھۇدە ئاندىن ئەندىشە قىلىپسىز.سىز ئۇ خوجايىننىڭ مېلىنى سېتىۋالغان ئىكەنسىز.سىز مال تاپشۇرۇۋېلىشنى باسمىسىڭىز.خوجايىن پۇلنى ئالالمايدى،ئەندىشە قىلىپ قالغان بولسىڭىز.دەرھال مال قايتۇرۇۋېتىشنى بېسىۋېتىڭ.پۇلىڭىز ھېچقانداق يەرگە كەتمەيدۇ.
11-قەۋەت
بىلىمخۇمار ۋاقتى: 2017-3-19 09:15:37
مەنمۇ مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۈندىدار سالونى ئىلتىماس قىلالمايۋاتىمەن.
12-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 2017-3-19 09:28:42
ماڭا ياردەم قىلىڭلار دوسلار مەن تاباۋدىن تىلۋىزۇر سېتۋالغان 1ئايدىن كىيىن سۈپەتتە مەسلە كۈرۈلۈپ تىلۋىزۇرنى قايتۇرغان 1يىل يېڭسىغا ئالماشتۇرۇش 3يىل رىمنۇت كاپالىتى بار ئىدى سودىگەر مالنى ئالماشتۇرپ سېىلپ بەردىم دەيدۇ بىراق تالۇن نۇمۇرنى ئەۋەتىپ بەرمىدى بۈگۈن 23كۈن بولدى مالنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى دەسلەپتە مالنى ئالغاندا 18كۈندە قۇلۇمغا تەككەن مالنى تويۇڭبودىن سېلىپتىكە مەنمۇ شۇ يەردىن قايتۇرغان 23كۈن بولغاندا تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرى كەلگەن مال قايتۇرۇش تەرتىپلىرىنى ئورۇنداپ بولغان ئەمدى مەن قانداق قىلشىم كىرەك ساتقۇچىغا تالۇن نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بەر تەكشۈرۈپ باقاي دىسەم ئەتە ئۆگۈن مانا ئەينا دەپ مۇشۇ كەمگە سۆرەپ كەلدى ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلار بۇلاتتى،ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بۇ ئۈندىدارنى قېتىڭلار18130968404تىلفۇن نۇمرۇممۇ شۇ
13-قەۋەت
18799478844 ۋاقتى: 2017-3-19 09:44:05
ياخشىمۇ سىز تىما ئىگىسى مىنىڭ ئىسم فامىلەم 10 خەت چىكىتنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ،مەنمۇ سالون قۇرۇشنى ئويلاشقان لېكىن قەيەردىن قانداق ئىلتىماس قىلىدىغىننى بىلمەيمەن،مالال كۆرمىسىڭىز ماڭا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز…
كىيۇ كىيۇ-ئۈندىدار ئورتاق: 308380143
14-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 2017-3-19 09:55:21
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوسلا ئۈندىداردا باشقىلارغا خاتا ئۇرۇلۇپ كەتكەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكلىشىتىن ياردەم سورايمەن ھەقلىق 100元خەلىق پۇلى كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بىرىمەن ياكى تىلفۇن ھەققى قىلپ ئۇرۇپ بىرىمەن ئالاقە تىلاۇن ھەم ئۈندىدار18094955858

باھا سۆز

ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا يۈزلەپ ئەمەس مىڭلاپ سېلىپ بىرىشكە رازى ئىدىم.  ۋاقتى: 2017-3-19 10:37
15-قەۋەت
2311428287 ۋاقتى: 2017-3-19 10:35:24
ئىقرار يوللىغان ۋاقتى  2017-3-19 09:55
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوسلا ئۈندىداردا باشقىلارغا خاتا ئ ...

شۇنداق ياخشى ئىش بارمىكەن، بولسا ماڭىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قۇيارسىز ھە. مەنمۇ شۇ بانادا پۇللۇرۇمنى قايتۇرۇۋالسام ئەجەپ ئەمەس..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部