+تېما يوللاش
热合曼江 يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 3761 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن بۇرۇن شاۋمى 4c  ئىشلەتكەن ئىدىم. ئۇنىمۇ بىر يىل ئىشلىتىپتىمەن، ئاندىن شاۋمى6 گە قىزىقىپ قېلىپ ئالاي  دەپ بارسام ، سەل كىچىكرەك  بىلىندى . ئېكرانى 5.2  كەن ئەمەسمۇ. شۇنىڭ  بىلەن ئالماي  يېنىپ  كەلدىم ، ئۇزۇن  ئۆتمەيلا نوتې3 چىقتى  ئاندىن بۇنى  ئالاي دەپ  ، ئىسمى تىلفۇن بازىرى بولسىلا ھەممە دۇكانغا باردىم . تاپالماي، توردىن سالغۇزدۇم.
يانفۇن  小米Note3  ،رام 6G ، سىغمى 64G ، ھېلىقى سىناپدىراگۇن دەپ ئۇقۇغانمىتىمكى ئىشقىلىپ شۇ 660 . تىلفۇن رەڭگى كۆك  .. ئالدى كامىرا چىراي تۇنۇيدىكەن  . ھەم بارماق تۇنۇغاچقا  ئۇنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەنمىز.  چىراي تۇنىشىنى  ئۈندىدار، جىفۇنباۋدا چىقىم قىلغاندا ئىشلىسە ئاندىن ئىقتىدارى نامايەن بۇلاتتىكەنتۇق  .  ئاندىن بارماق تۇنىشى  خېلىلا  بوپقۇيىدىكەن شۇنداق تېز. تەگدىمىكى  دەپ بولغىچە ئېچىلىپ تەييا بوپ تۇرىدىكەن . ئالدى كامىرا 16مىليون پىكسىل، راسلا بوپقۇيىدۇ. vivo  20  ،oppo  r11  لارمۇ يىتەممەيدىكەن ..  ئارقا قوش  كامىرا 12مىليون  پىكسىل vivo  x20  بىلەن سېلىشتۇردۇم. كۈندۈزدە پەقەتمىدى، لىكىن يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ تارتسا vivo بەلەن تارتىدىكەن. لىكىن نۇرمال ۋاقىتتا شاۋمىمۇ بوش كەممىدى يا ماڭا ئاشۇنداق بىلىندىمۇ، شۇنداق پەچەت مۇزدەك تارتىۋەتتى. كاساپەت  .. كىچىسىگە كەلسەك چىراغ نۇرىدا 20  vivo  نىڭ رەسىم تارتىشى بەك ناچار .    لىكىن قاراڭغۇدا ئۈزىنىڭ چىرىغىدا  راسلا پەچەت تارتىپ قۇيىدىكەن .. شىياۋمى بولسا  چىراغ نۇرىدا كۈندۈزدەكلا تارتىپ قۇيىدىكەن. بىزنىڭ كۈزىمىز بىلەن كۆرگەندىن خېلىلا سۈزۈكلەشتۈرۈپ، خۇددى كۈندۈزدە تاتقاندەكلا تاتىپ قۇيىدىكەن.  قاراڭغۇدا ئۆزىنىڭ چىرىغىدا ئانچە  بەلەن تارتىمايدىكەن 2 مىتىردىن يىراقلاپ كەتسە ئۇچۇق  چىقمايدىكەن ..
باشقا  يەرلىرى vivo ، oppo  لاردىن خېلىلا ئالدىدا. 6G  رامنىڭ  پايدىسى بوسا كېرەك، سىستىما سۆرىشى ئىنتايىن ياخشى .. ئارقا سەپتىكى سىستېمىلارنى  5 كۈن چىكىندۈرۋەتمەي ئىشلىتىپ  باقتىم، ئوينىمىغان ئۇيۇنلارمۇ قالمىدى . قاتىدىغان، ئېغىلىشىدىغان ئىشى يوق  مۇزدەكلا .. توك قاچىلىشىمۇ  شۇنداق تىز 1  سائەتتە 100% قاچىلاپ بۇلىدۇ  . ئاندىن توكى مېنى راستلا رازى قىلدى . يوتقاندىن قوپماي تىلفۇننى ئۆچۈرمەي 2 كۈن ئوينىشىمغا  يېتىدۇ .
دوستۇم miui9  يېڭىلاندى، سىزمۇ يېڭىلىۋېلىڭ دەپتى شامالدەك بېرىپ wifi  غا ئۇلاپ miui9  قا  كۈتۈردۈم . كاساپەت تىلفۇنۇمنىڭ ھۆسنىگە يەنە  بىر ھۆسۈن قوشتى ..miui9 نى  تۇنۇشتۇرمىساممۇ  ھەممىڭلا  بىلىسىلە ھەقىچان ..
تىلفۇن تېخىمۇ تىز .  ئىشلىشى ناھايىتى ياخشى بوپكەتتى . مۇشۇ تىلفۇننى ئالماقچى بولغانلا ئىككىلەنمەي ئېلىۋىرىڭلار.
ئاخىرىدا مەن ئۇنتۇپ قالغان ۋە ياكى توغرا دىيەلمىگەن يەرلەر بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.
تىلفۇننىڭ بىر قانچە كەسمە رەسىملىرى




ئارقا كامىرادىن



كېچىدە تارتقانلىرىم



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
رۇھ ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
شاۋمېي 7گە ئىشتاھ ساقلاپ يۈرۋاتىمەن. ھازىر ھەممەيلەن پۈتۈن ئېكرانغا ھەۋەس قىلدىكەنغۇ
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.كېيىنچە مەنمۇ مۇشۇ يانفوننى سېتىۋالايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتىمەن .
ئورۇندۇق
你知道我的心 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
نەچىگە ئالدىڭىز
5-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
خوڭمى 4x ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟  ئىككىنجى قول id غا نۇرمال كىرمەيدىغان 32+3 نى  400 كويغا ئالغانتىم تىخى كەلمىدى،  ئادەتتە id قانداق ۋاقىتتا لازىم بولىدۇ؟  بۇ مىنىڭ تۇنجى شياۋمى ئىشلىتىشىم ئىدى.…
6-قەۋەت
oylan2008 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مەن 小米4LTEتېلفۇنۇمنى miui9غا يىڭلىغان ،تۇكى بىر يېرىم سائەتتە توشقاننى ،ئاپراتقا بەزى ئىقتىدار قۇشۇلغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۆزگۈرۈش ھىس قىلمىدىم بۇلۇپمۇ سۆرئەت تىزلەشكەندەك ئەمەس
7-قەۋەت
dilaram ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
我也一样,小米note3很好的手机,给大家推荐
8-قەۋەت
755874 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
توكنىڭ  يىتىشى  سەل ئاشۇرۇپ دەپ قويغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن مەن خوڭمى نوتې4ئىكىس   ئىشلتمەن    ئۇيۇن ئويناپ كنو كۈرۈپ بىر كۈن راۋرۇس يىتىدۇ    ھەم ۋېشىندا نۇيۇن ئويناپ تىلفۇن باتاريەسنى سىناق قىلدغان بىر سالۇن با ئۇنىڭدا  ئۇيۇن ئوينىسا 8سائەت يىتەمكى نوتې ئۈچ  ئەڭ يامان تىلفۇنمۇ 11سائەت يىتىدىكەن  ئۇ سىناقتا شاۋمى مەكىس ئىككى 360 ن4ئەس  دىگەنلەرمۇ
9-قەۋەت
Arslanaziz ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ بىرنى سېتىۋىلىشنى ئويلىغان لېكىن 小米7 نىڭ ئۇقۇم رەسىمىنى كۈرۈپ شۇنىڭدىن بىرنى ئېلىشنى ئويلاپ قالدىم
لېكىن 小米 ئادەتتە مەھسۇلات ئىلان قىلىش يېغىنىنى قانچىنجى ئايلاردا ئاچار بۇنىسى ماڭا نامەلۇم  تەپسىلاتىدىن خەۋەردار دوسلار بولسا يول كۆرسەت كەن بولساڭلار  بەكلا ساقلاپ كەت كۈدەك بولسام   note3 ئېلىۋىرىمەن
10-قەۋەت
WANDAY ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
لىكىن ئاۋۇ يوتقاندىن قوپماي 2كۈن ئوينىشمغا يېتدۇ دىگەن گەپ سەل مۇبالىغە بوپ قاپتۇ 3500لىك باتاريەگە نىسبەتەن
11-قەۋەت
ياسىن520 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
Arslanaziz يوللىغان ۋاقتى  2018-1-7 16:33
مەنمۇ بىرنى سېتىۋىلىشنى ئويلىغان لېكىن 小米7 نىڭ ئۇقۇم ر ...

مەنمۇ شاۋمى 7 دىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم لىكىن ئۇنى  4-ئايدا بازارغا سالىدىكەن شۇڭا ساقلاپ ئولتۇرغۇم كەلمەي شاۋمى نوتى 3 دىن بىرنى ئېلۋەتتىم
12-قەۋەت
kusanbiz88 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مەنمۇ ئىشلىتىۋاتقىلى 2ئايدىن ئېشىپتۇ،دەرۋەقە كامىرا ياخشى ،چىراي تۇنۇشى تىز ،سۈرئەتمۇ تىز ،لىكىن تۇكى ئۇزۇن يەتمەيدىغاندەك بىلىندى ،ئېكراندىن چاپلاق ئايرىماي ئىشلىتىڭ ،ئېكران ئاجىزكەن ،
13-قەۋەت
15628186465 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
يوتقاندىن قوپماي 2كۈن دىگىنىڭىز مۇبالىغا بوپ قالدى لىكىن قولدىن چۈشۈرمەي  ئۇيۇن،  كىنو، تور ئارىلاش دىگەندەكلەرگە ئىشلەتسە 2تال كارتىنى تەڭ سېپ ئىشلىتىپ سىناپ باقتىم 9سائەت 46مىنۇت يەتتى  ئىشقىپ بوپ قۇيىدۇ بۇ كاساپەت
14-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مەن شياۋمى نوتې تۆت ئېكس ئالغان ئىدىم. بۇ يانفوننىڭ قالغان ھەممە يەرلىرى ماڭا يارىدى. بىراق ئاۋازلىق تەرجىماندىن ئىككى ئۈچنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسام  ھېچقايسى ئىشلىمىدى  مەسىلەن ، تىل راۋان، ئۇ يەنە جوڭگۇ مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تۈزگەن ئاۋازلىق  تەرجىمان. قاتارلىقلار ئىشلىمىدى. نورمال چۈشۈرۈپ قاچىلاندى ئەمما ئاچسام ھېچقانداق ئاۋاز ياكى خەت تەرجىمە   قىلالمىدى. ھەم بېسىلمىدى. ئۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
15-قەۋەت
热合曼江 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
تىلفۇننى 2200 گە  ئالدىم  . ھازىر قىش ۋاقتى بىز يىزىلىقلا باكا چاغ ھەم قىشتا كۈن قىسقا بىمالال يىتىدۇ .  تىما يوللىغاندا ئۇنتۇپ  قاپتىمەن ،ماڭا يارىمىغان يىرى ئىكرانى چاپلاق چاپلىسام چۆرىسى كۈتۈرۈلۈپ تۇرىدىكەن . مەن تېخى ئېلىۋىتەيمىكى  دىگەن .
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部