+تېما يوللاش
对你的眼里_我 يوللانغان ۋاقتى:2017-6-10 14:15 4451 قېتىم كۆرۈلدى 61 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياخشمۇسىلەر دوستلار. مەن يېقىندا شياۋمىنىڭ جېڭدوڭدىكى بايراقدار دۇكىنىدىن خوڭمى نوت 4xنىڭ جىڭ دوڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ چىقارغان نۇسقىسىدىن بىرنى799يۇەنگە سېتىۋالغان، شۇڭا بۇ تېلىفۇن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن، تېلىفۇننىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ ياخشى تەسىرى، توك جەھەتتىن مىنى ناھايىتى رازى قىلدى. 4100 مىللىي ئامپىرلىق ماي سەپلەنگەن، ئىككىنجدىن بىر تەرەپ قىلغۇچى جەھەتتىن بۇ يانفۇنغا كۇۋالكۇم625 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن توك تېجىشى ئالاھىدە ياخشىكەن. ھەم  بەك قىززپ كەتمەيدىكەن، يادىرو سانى8، يادىرو چاستوتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا2.0Ghzقا يېتىدىكەن. چوڭ ئۇيۇنلارنىمۇ قاتماي ياخشى سۆرەيدىكەن، كارتا جەھەتتىن ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنى4gقوللايدۇ،سىغىم كارتسى قوللايدۇ، كامېرا جەھەتتىن ئالدى 5مىليۇن، ئارقىسى 13مىليۇن پېكسىللىق كۆز سەپلىنىپتۇ، ھەمدە ئارقا تەرەپكە بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى سەپلىنىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى ساقلىغۇچى3GB، يانفۇن سىغىمى16GBبىراق بىز ئىشلىتەلەيدىغىنى9GBئارتۇقىراقكەن، قالغان يىرىنى miui8سېستىمىسى ئېگەللەيدىكەن، ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان. ئېكرانغا كەلسەك 5.5سۇڭلۇق ئېكران، ماڭا ھەممىدىن يارىغان يېرى توكى يېتىشى ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى منىڭ ھاجىتىمدىن تولۇق چىقىدىكەن ، مەن ئادەتتە چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشنى ياقتۇرمەن. ئۇيۇن ئوينىغاندا قاتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى. ھازىرچە مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇ قالغىنىنى كىيىنچە باشقا ئىشلىتىپ باققان دوستلار بىلەن ئورتاقلىشايلى. ئەگەر سىز800يۇەن ئەتراپىدا يانفۇن سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز مۇشۇ تېلىفۇننى ئويلىشپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Screenshot_2017-06-10-13-54-14-112_com.android.settings.png (174.44 KB, چۈشۈرۈش سانى: 48)

Screenshot_2017-06-10-13-54-14-112_com.android.settings.png

Screenshot_2017-06-10-13-54-39-584_com.xiaomi.shop.png (625.43 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

Screenshot_2017-06-10-13-54-39-584_com.xiaomi.shop.png

Screenshot_2017-06-10-13-54-42-134_com.xiaomi.shop.png (618.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

Screenshot_2017-06-10-13-54-42-134_com.xiaomi.shop.png

Screenshot_2017-06-10-13-54-45-072_com.xiaomi.shop.png (617.09 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

Screenshot_2017-06-10-13-54-45-072_com.xiaomi.shop.png

Screenshot_2017-06-10-13-54-04-733_com.android.settings.png (164.14 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

Screenshot_2017-06-10-13-54-04-733_com.android.settings.png
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

61ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-6-10 14:39:56
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفۇنغا miui8نىڭ ئېچۋېتىلگەن نەشىرىنى قاچىلىساڭلار ئاندىرئوئىد7.0گە كۆتۈرۈلىدىكەن،يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرساق مۇقىم نەشىرنىمۇ ئاندىرئوئىد 7گە يېڭىلاش ئۇقتۇرىشى كېلىدۇ
گىلەم
ئەفسۇس. ۋاقتى: 2017-6-10 14:49:07
مەن12.ئايدا خوڭمى3sتىن بىرنى 600يۈەنگە ئالغانتىم ھازىرغىچە ئىشلىتەۋاتىمەن لىكىن تورغا چىقسام قىززىيدىغان بولۇپ قالدى
ئورۇندۇق
amar1133 ۋاقتى: 2017-6-10 14:50:49
بۇ تىلفۇننىڭ ئارقا قېپنىڭ ئوتتۇرىسى مىتال ئاستى ئۈستى مىتال ئەمەستەك قىلامدۇ نىمە،ئاستى ئۈستى مىتال بولمىسا ئاسان  جىجلىپ كىتەمدۇ قانداق،شۈنى يېزىۋەتمەپسىز  تىما ئىگسى.
5-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-6-10 15:05:04
ھەقىقەتەن باھاسىمۇ سەپلىمىسمۇ ياخشىكەن لىكىن مۇشۇ شىياۋمى تىلفۇننىڭ ئېكرانى ياخشى چىقمايدىكەن
6-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-10 15:15:04
مەن ئۈرۈمچى مەخسۇس دۇكىنىدىن 900 يۈەنگە سىتىۋالغانتىم قارا رەڭلىكنى  ، تەسراتىم ئاساسەن ئوخشاش ، قارا رەڭ نۇسخىسى ھەممىدىن كۆركەمكەن ،
7-قەۋەت
تەنھا530 ۋاقتى: 2017-6-10 15:16:36
سېتىۋېلىپ ئىشلەتكىلى تۇرغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى ، بۇنىڭمۇ ئېكرانى ئاسان چېقىلىپ كىتەمدىكەن يا .
8-قەۋەت
nurali55 ۋاقتى: 2017-6-10 15:47:13
مەنمۇ ئىشىلىۋاتمەن راسلا بوپ قۇيدىكەن بۇ تىلفۇن،چوڭ ئۇيۇنلارنى بىمالال سورەپ قۇيدىكەن،تۇكىغىۇ گەپ كەتمەيدىكەن،ما تىلفۇننى ئىشلەتكەندەك ئالما سەنشىڭنى ئىشلەتسە 2-3قېتىم توكقا چاتقىلى سالىدۇ.
9-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-6-10 16:29:33
amar1133 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-10 14:50
بۇ تىلفۇننىڭ ئارقا قېپنىڭ ئوتتۇرىسى مىتال ئاستى ئۈستى  ...

ئۈستىمۇ ئوخشاش مېتالكەن
10-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-6-10 16:30:39
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-10 15:15
مەن ئۈرۈمچى مەخسۇس دۇكىنىدىن 900 يۈەنگە سىتىۋالغانتىم  ...

شۇنى بىر دەڭە ،مەن ماۋۇ شاپتۇل چېچىكى رەڭنى سالغۇزۇپتىكەنمەن قەتتي زاپەر چىراي چىقىپ قالىدىكەن بۇ رەڭ .
11-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-6-10 16:32:39
nurali55 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-10 15:47
مەنمۇ ئىشىلىۋاتمەن راسلا بوپ قۇيدىكەن بۇ تىلفۇن،چوڭ ئ ...

شۇ شۇ،قىممىتىدىن ئىقتىدارى ئېششىپ چۈشىدىكەن
12-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-10 16:41:44
ئىچكى سىناق  نۇسقىنى قانداق  چۈشىرىدۇ دەۋەتمەمسىلە
13-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-10 17:16:17
ماڭا ئىشلىتىۋاتقىلى 20 كۈن بولاي دىدى ، ماڭا ئەڭ
ياخشى تەسىر بەرگەن تەرەپلىرى شەكلى كۆركەم،
باتارىيە سىغىمى چوڭ ، سۆزلەشكەندىكى ئاۋازى ھەم
ئاستى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاساسلىق ياڭراتقۇ
ئاۋازى سەنشىڭنىڭ يېڭى يانفۇنلىرىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى
بىلەن ئوخشاشكەن ، ئارقا تەرەپتىكى بارماق سىزىش
رايونىغا بارمىقىمىزنى تەككۈزۈش ئارقىلىق رەسىمگە
تارتقىلى بولىدىغان تەرپى ماڭا ئەڭ يارىدى، بۇ ئىقتىدار بەلكىم باشقا يانفۇنلاردا بار بولغىلى خىلى بولغان بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ماڭا تۇنجى ئۇچۇرىشى بولغاچقىمىكىن تەسىرى ياخشى بولدى،
بۇ ئىقتىدار ئۆز تارتىم سۈرەتكە چۈشكەندە قۇلايلىقكەن ،

ئەمما سەل ئۈمىتسىزلەنگەن يىرىم شۇ بولدىكى :
يانفۇننى زەرەتلەۋاتقاندا زەرەتلەش سىمىنىڭ بىشى
تىزلا قىزىپ كىتىدىكەن ، بۇ بەلكىم باتارىيە قۇۋۋىتىنىڭ چوڭ ئەمما زەرەتلەيدىغان سىم بىشىنىڭ
كىچىك بولغانلىقىدىن بولسا كىرەك ،

ئىشقىلىپ رازى بولدۇم
14-قەۋەت
sawer巴 ۋاقتى: 2017-6-10 17:56:45
ياخشىمۇ سىلەر دوستلار.مەن 小米max2 64g دىن بىرنى ئاخشام سائەت سەككىزدە زاكاز قىلغانتىم.ماۋۇ توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسنى ئوقۇغاننىڭ ياقى.شاۋمى max2دىن  يالتىيىپ قالدىم.خەنزۇچە سەۋىيەم.تازا ياخشى ئەمەس.2 تېلېفوننىڭ سان سىپىرلىرىنى سالغاچ تۇرسام ، ئوخشاش كۆرۈنۈۋاتىدۇ.مۇشۇ تېلېفون توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلارقايسىنى ئالغاننىڭ ئېپى بار.
15-قەۋەت
Hakimjan66 ۋاقتى: 2017-6-10 18:03:04
ئاۋۇ يىنيىنى چىقىدىغان فونىتنىڭ سامسۇڭ يانفۇنلىرىغا ماس كىلىدىغىنى بارمىدۇ دوسلار ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部