+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-25 12:38 3211 قېتىم كۆرۈلدى 22 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئورگىنى IC Insights يېقىندا ئەڭ يېڭى ئىستاستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە 2016-يىلى دۇنيا بويچە سېتىىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى  14 ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون كارخانىسى ئىچىدە جۇڭگونىڭ ماركىسى 10 ئورۇننى ئىگىللىگەن. ئۈلۈشى %39 ئاشقان.



IC Insights نىڭ ئىستاستىكا قىلىشىچە 2014-يىلى سامسۇڭ ۋە ئالما ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىللىگەن. ئەمما 2016-يىلى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۆلۈشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چۈشكەن. دۆلىتىمىزنىڭ خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo ماركىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈش سۈرئىتى كۆرىنەرلىك بولغان. 2016-يىلدىكى سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 139 مىليون، 93 مىليون 900 مىڭ، 76 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %33، %88 ۋە %89 ئاشقان.



بۇنىڭ ئىچىدە OPPO ۋە vivo نىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق. 2016-يىلدىكى ئېشىش مىقدارى %90 كە يېقىنلىشىدۇ.
دۇنيا بويچە سېتىش مىقدارى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ كارخانىسى 7 ؛ ئالدىنقى 15 نىڭ ئىچىدە لىشى، كۇپەي، جىنلى قاتارلىق ماركىلارمۇ بار. جىنلى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. لىشى بىلەن كۇپەينىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن چۈشىۋاتىدۇ.



مېيزۇنىڭ 2015-يىلدىكى سېتىلىش مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى ئىدى، بۇ قېتىمقى ئىستاستىكىدا 22 مىليون سېتىلىش مىقدارى بىلەن 12-ئۇرۇنغا تىزىلغان بولسىمۇ، سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىللاردىكىدەك ياخشى ئەمەس.
دۆلىتىمىزنىڭ يانفون ماركىلىرى دۇنيا بازىرىنىڭ %39 نى ئىگىللىدى، بۇ 2015-يىلدىكىدىن %3 ئاشتى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

22ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ھەزار ۋاقتى: 2017-6-25 16:36:31
دۆلىتىمىزنىڭ تىلفۇنلىرى ئىچىدە خۇاۋېىي سەل ياخشى يېڭىلىق يارتالايدۇ،سۇپىتى يامان ئەمەس.oppo.vivo  كاللا يۇييىدىغان ئىلانغا يامان،چىرايلىق يىگىت قىزلارنى ئىلانغا چىقىرىپ تېلىفۇن ساتىدۇ،سۇپىتى يامان ئەمەس.شىياۋمى،مېيزۇ،لېشى دىگەنلىرى سەپلىمىسى ياخشى باھاسى ئەرزان،لىكىن سۇپەت جەھەتتە ياخشى ئەمەس.يىغىپ ئېيىتقاندا دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى سامسۇڭ،ئالما تىلىفۇنلاردىن بىر دەرىجە تۇۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.پۇلغا چۇشلۇق مال كىلىدۇ ئەمەسمۇ
گىلەم
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-25 12:44:32
بۇنىڭ سەۋەبى بولسا باشقا دۆلەتلەر يانفون ماركىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمىگەن. خۇددى ئۇلارغا سامسۇڭ بىلەن ئالما يانفونى بولسىلا كۇپايە قىلىدىغاندەك.
ئورۇندۇق
رۇھ ۋاقتى: 2017-6-25 13:06:34
دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇن ماركىلىرى بەك كۆپ ھە
5-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-6-25 13:16:23
خۇاۋېي يانفۇن سېتلىشى ياخشى بۇپتۇ ئەمما ئالىپ تورىدا بۇ يانفۇن تۇغرۇلۇق تىما بەك كۆپ ئەمەسقۇ ياكى تازا ياخشى تېلفۇن ئەمەسمۇ مەنغۇ تەيۋەننىڭ ئاسۇس بىلەن ئېچ تى سى تېلفۇندىن باشلانغان ئاندىرۇئىد يانفۇنى ھازىر مېيزۇغا كۈنۈپ قالدىم باھاسى مۇئىقدارى ياخشى
6-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-6-25 13:53:38
      نۇر تورىدىكى بىر خەۋەردە OPPO بىلەن VIVO ئىككى شىركەتنى بىر خوجايىننىڭ دەيدىيا ....
7-قەۋەت
تادان ۋاقتى: 2017-6-25 15:07:25
شۇنداق ، بۇ ئىككى شىركەت بۇرۇنقى بۇبۇگاۋ نىڭ تارمىقىدىكى شىركەت .
8-قەۋەت
uysalam ۋاقتى: 2017-6-25 16:54:10
ئىشقىلىپ بىزگە قايسى يانفۇن يارىسا قايسىنى ئىشلەتسەك نورمال ئىشلىسە قېتۋالمىسا ئۆزىمىز دېگەن يەردىن چىقىپ بەرسىلا كۇپايە، خۇددى مەن 1100 يۈەنلىك مېيزۇ نوتى 5 بىلەن باھاسى 2800 يۈەن چىقىدىغان ئوپپونى تەڭ قىلمىغاندەك. ئوپپو ر9 دەيدۇ ئىشلەتتىم ئوخشاشلا قېتۋالدى. مېيزۇ نوتى 5 نىمۇ ئىشلەتتىم ئوخشاشلا قېتۋالدى. پەرقى نېمە؟ ماركىدىلا بار ئىكەن قالغان سەپلىمسى ئاساسەن ئوخشاش. باھادىلا پەرىق بار ئىكەن.  شۇ 2800 يۈەنلىكنىمۇ ئالسمۇ ئوخشاش، 1100 يۈەنلىكنى ئالسمۇ ئوخشاش، ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ.
9-قەۋەت
逆爱 ۋاقتى: 2017-6-25 18:47:18
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-25 13:53
نۇر تورىدىكى بىر خەۋەردە OPPO بىلەن VIVO ئىككى شىركەتنى ...

ھەئە بۇرۇن ھەر ئىككىسى 步步高 نىڭ يانفۇنلىرى ئىدى ، ھازىر ئايرىلىپ كەتتى بىراق خوجايىنى بىر
10-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-25 19:27:21
مەن VIVO X9ياكى X9PLUSتىن ئالسام بۇلاتتى،  مۇۋاپپىق ساتىدىغانلار بارمۇ
11-قەۋەت
穿越火线 ۋاقتى: 2017-6-25 20:33:03
بىر گەپنى   سورىۋالسام  ،      miui8.2نى   8.0گە  چۈشۈرۈش ئۈچۈن BLقۇلۇپنى  ئېچىش كېرەكمۇ   ياقمۇ  ؟
12-قەۋەت
تورچى007 ۋاقتى: 2017-6-26 01:01:02
مىنىڭ ئىشلەتكىنىم vivox9pilus ، بۇ تېلىفۇن بەك ياخشى چىقتى ، قىزىمايدۇ ، قاتمايدۇ ، سۇرئىتى تىز ، تۇكى ئۇزۇن يېتىدۇ ،ئالدى - ئارقا كامېرالىرىنىڭ  سۆرەتكە تارتىشىمۇ ئالاھىدە سۇزۇك ، تورغا چىقىشىمۇ ئىنتايىن ياخشىكەن ، مەن ئالغىلى ئۇچ ئاي بولدى 3299 سومغا ئالغان ، ئالغان پۇلۇمغا ئۇكۇنمەيمەن ، ھەقىقەتەن ياخشى تېلىفۇنكەن ، تېلىفۇن ئېلىشنى ئويلاۋاتقانلار بۇ تېلىفۇنىنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك ، ھازىر باھاسى چۇشۇپتۇ 2998 سومكەن .
13-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-6-26 01:21:34
مەنمۇ خۇاۋېي تىلفۇننى بۇرۇن تۇتۇپ باققاننىڭ ياغى مۇشۇ كەمگىچە قۇلۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغان ، تىلفۇننى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە  خوڭمىي پىرو تىلفۇننى جىڭدۇڭ تورىدىن 1300 سومغا سېتىۋالدىم (نەچچە ئاي بۇرۇن ) بۇ تىلفۇن ماڭا پەقەت ياخمىدى يا ۋايدىگىدەك ئىختىدارى يوق  ئۇنى ئۇزاق تۇتمايلا بېرىگە سېتىۋەتتىم قارىسام ،خۇاۋېينى بەك ماختىدى  شۇنداق قىلىپ خۇۋېي خونۇر 6x تىن بېرنى جىڭدۇڭ تورىدىن سېتىۋالدىم 1400 سومغا  نەچچە ئاي بولدى ئىشلىتىۋاتقىلى بەرە قېتىم قېتىپ ئېغىرلىشىپ باقمىدى خېلى چوڭ ئۇيۇنلانى ئويناپ باقتىم قېزىش ئەخۋالى يوق  خوڭمىي پىرو بەك قىزاتتى   تىلفۇننىڭ سىرتقى شەكلىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا يەرلېرى ماڭا بەك ياختى ئىشقىلىپ خۇاۋېي تىلفۇنلارمۇ بوپقالدىكەن دەپ قالدىم .
مىنىڭ  تۇتۇپ باقمىغان ماركىدىكى تىلفۇنلارنى ئېلىپ كۆرۈپباققىم كىلدىكەن كىيىنچە تىلفۇن ئالىدىغان ئىش بولسا يىجىيا  تىلفۇننى ئويلىشىپ قويدۇم   بۇ تىلفۇننىمۇ بەك ماختىدى  بېر كۆرۈپ باققۇلۇق …
14-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-26 11:50:31
دۆلىتىمىز  يانفۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشسى  خۇۋاۋىي,بۇ  يانفوننىڭ توك يولى ئىشلەش پىرىنسىپى ئالما ۋە  سامسۇڭغا ئوخشايدۇ,ئېكران چىقىلىپ كەتسىمۇ 2000يۈەنلىك تىلفۇننىڭ ئېكرانى 200يۈەن ئەتراپىدا چىقىدۇ,ئىشقىپ دۆلىتىمىز تىلفۇنلىرى ئىچىدىكى ياخشى مەھسۇلات دىيىشكە بولىدۇ,خۇۋاۋىي يانفۇنلىرىنىڭمۇ 1500دىن2000گىچە ئەتراپىدىكىلىرىنى سىتىۋالسا  بەك قىتىۋالمايدۇ, پۇلى ئەرزان دەپ700  800يۈەنلىك تىلفۇنلىرىنى ئالسا  بىر  ئايدا  تويغۇزىدۇ ئادەمنى
15-قەۋەت
binam ۋاقتى: 2017-6-26 12:25:25
oppo تىلفۇنلا بىر ئېغىز گەپ قىممەت …مەنمۇ بىرنى ئاپتىكەنمە ئوپپودىن قاتتىق ئۈكۈنۋاتمەن خەجلىگەن پۇلۇمغا
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部