+تېما يوللاش
qinar120 يوللانغان ۋاقتى:2015-5-17 01:14 1574 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
T ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Lumia 940 يانفونىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىگە ئائىت رەسىملەر ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ جەمئىي ئىككى قېتىم ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن Lucas F Silva ئىسىملىك لايىھە ئۇستىسى لايىھەلەپ چىققان يەنە بىر خىل ئۇقۇم رەسىمى تور دۇنياسىدا پەيدا بولغان.

Lucas F Silva  نىڭ لايىھەسىدىكى بۇ يانفونغا 20 مىليون پىكسىللىق ئاساس كامېرا، كۇۋالكوم 808 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە Win 10 سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن.3D چەكمە مەشغۇلات ئۈنۈمى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ خىل ئىقتىدار ئەسلىدە Lumia 1030 گە سەپلىنىدۇ دېيىلگەن. يۇقارقىلاردىن باشقا، Lumia 940 يانفونىغا يەنە كۆرۈش تور پەردىسى ۋە بارماق ئىزىنى سىكانېرلاپ تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان، باتارىيە سىغىمى 3200 مىللىئامپىرغا يېتىدىكەن. قىزىقارلىق يېرى، بۇ يانفوننىڭ ئىككى دانە مىكرافونى بار بولۇپ، بىرى ئاستىدا، يەنە بىرى ئارقا يۈزىدە ئىكەن.

رەسىمدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم ئۇچۇرى ئاشكارىلانغان Lumia 940 نىڭ ئاساس گەۋدىسى مېتالدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ۋە يىنىك لايىھەلەنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ گىرۋەك قىسمى يۇمىلاق كەلگەن بولۇپ، قولغا ئىنتايىن ياخشى چۈشىدىكەن. بىراق، كامېرا كۆزى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن كىچىك ئىكەن. Lucas F Silva ئىسىملىك لايىھەلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، Lumia 940 يانفونىنىڭ گەۋدىسىگە ئالىيۇمىن بىرىكمە مېتال ماتىرىيال قىلىنغان بولۇپ، بەش خىل رەڭلىك نۇسخىسى باركەن.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

15ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
bengbash ۋاقتى: 2015-5-17 01:32:56
چىرايلىق لايىھەلەپتۇ. ئىككى مىكروفونى بولۇش يېڭىلىق ئەمەس. قولۇمدىكى لۇمىيا 1520 نىڭمۇ ئالدى ۋە كەينىدە بىردىن مىكروفون بار.
گىلەم
سەنسىز. ۋاقتى: 2015-5-17 01:45:11
لاھىيەسى رەسلا چىرايلىق چىقىپتۇ ،بولۇپمۇ كەينى تەرەپ بەك ئىسىل چىقىپتۇ  ، ۋىپ يانفۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەپلىرى ئاز بولغاچقىلا ئىشلىتەلمەيۋاتىمىز  ، بولمىسا سىستىما مۇقىملىقى ، ئاپىرات سۇزۇكلىكى قاتارلىق ھەممە جەھەتتىن ئىشلىتىشكە ئەرزۇگىدەك سىستىمىتى بۇ ……ھەي

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
ئورۇندۇق
hutanjan ۋاقتى: 2015-5-17 07:45:02
تېلگىرافنىڭكىنى قوللىمايدۇ ئەمەسمۇ بۇلارنىڭ تېلفۇنى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
5-قەۋەت
uyghurr007 ۋاقتى: 2015-5-17 08:42:28
bahasi naqqa bola
6-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2015-5-17 09:03:44

2500-3000 ئەتىراپىدا بولارمىكى،930مۇ دەسلەپتە چىققاندا 3000دىن يۇقىرى ئىدى
7-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2015-5-17 09:05:23
بۇ كاساپەت خېلى كۆركەم چىقىپتۇ ،ئەمما ئاپپاراتنىڭ لاھىيەسىنى ئازراق ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا تېخىمۇ پەچەت بولاركەن،
8-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2015-5-17 09:38:29
بەكلا چىرايلىق ئىكەن. ئاناتىل يېزىقىمىزغا ئورۇن بەرگەن بۇ مىكروسوفت  شىركىتىنىڭ  مەسھۇلاتىنى ئىشلىتىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
9-قەۋەت
قارچۇغا ۋاقتى: 2015-5-17 10:21:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ياخشىمۇسىلەر  مەندە ئالما4س يانفۇنى بار ئىدى ئېكرانى چېقىلىپ كەتتى  بۇزۇلۇپ قالغان ئېكرانى ساق 4س بولسا ئېكرانىنى سېتىپ بەرگەن بولساڭلار  100 سومغا ئالاتتىم  
10-قەۋەت
تورچى ۋاقتى: 2015-5-17 11:02:20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تورچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-17 11:05  

گۈرۈچ  4نىڭ مۇ win10 سېستىمىسى چىققىلى خېلى بولدى لىكىن تازا قاملاشتۇرالماي ۋاتىمەن  

بىلىدىغانلار  ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ قۇغان بولساڭلار
11-قەۋەت
nurdun ۋاقتى: 2015-5-17 11:16:34
؛ڭمىيانىڭ بايراقدار تىلفۇنى يىلدا بىرنىلا ئىلان قىلىدىكەن،ئىشلىتىشكە ئەرزىيدۇ
12-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2015-5-17 12:24:04
13-قەۋەت
amanxa ۋاقتى: 2015-5-17 19:38:54
قاغىلىق ئىككىنچى قول تىلفۇن بازىرىدا ئالما 4 ئەس    350 دىن 400 گىچە  سودا بولدىكەن، قايسى كۈن كۆرۈپ ھەيران قالدىم، تىلفۇن باھاسى خىلى چۈشۈپ كىتىپتۇ
14-قەۋەت
KONA ۋاقتى: 2015-5-17 22:24:18
ھەيران قالمىسىڭزمۇ بولىدۇ، تىلپۇن شاپاق نەرقى ھازىر
15-قەۋەت
Mustafa146 ۋاقتى: 2015-5-18 16:55:17
تازا  چىرايلىق لاھىيلىنىپتۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部