+تېما يوللاش
pcchi يوللانغان ۋاقتى:2017-5-26 02:01 2221 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 25-كۈنى شىياۋمى شىركىتى بىيجىڭدا مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەڭ يېڭى يانفونى بولغان شىياۋمى max2رەسمىي ئېلان قىلدى .
بۇ يانفونغىمۇ ئالدىنقى نۇسقىسىغا ئوخشاش 6.44 دىيۇملۇق 1080p ئېنىقلىقتىكى ipsئېكران ۋە چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن. يانفون گەۋدىسى نۆۋەتتە ئىشىلتىلۋاتقان مىتال سۇلياۋ ئۈچ  بۈلەك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن  ، ئانتىناسى U شەكىلدە كۈرۈنمەس قىلىپ لاھىيلەنگەن.


شىياۋمى Max 2غا ئىشلىتىلگەن MIUI كۆرۈنمە يۈزى ئېكران بۆلۈپ كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى قوللايدىغان قىلىنغان. MIUI يەنە شىياۋمى Max 2قا قارىتا كۆپ تۈردە ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاق قول ھالىتى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى لەيلىمە شارچە قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
شىياۋمى Max 2نىڭ ئىچىگە 5300mAhلىق باتارېيە ئورنىتىلغان، 3.0 تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، توك قاچىلاش ۋاقتى شىياۋمى Maxقا قارىغاندا بىر سائەتتىن ئارتۇق قىسقارتىلغان. ئارقا قىسمىغا 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن، سونىينىڭ IMX386 لىنزىسى ئىشلىتىلگەن، PDAF نىسپىي فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدۇ. شىياۋمى ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، شىياۋمى Max 2نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى «شىيامى 6 گە ئوخشاش قالتىس». ياڭراتقۇسىمۇ قوش قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچلۈك ستىرىئولۇق ياڭراتقۇغا ئالماشتۇرۇلغان.

شىياۋمى Max 2گە كۋالكومنىڭ سىناپدراگون 625 سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، 4GB RAM+64GB ROMلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1699 يۈەن، 4GB RAM+128GB ROMلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1999 يۈەن، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تور ۋە ئەنئەنىۋى دۇكانلاردا ئومۇميۈزلۈك سېتىلىشقا باشلايدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
520abduxukur ۋاقتى: 2017-5-26 09:00:31
ۋاھ خىلى پەيزى چىققان چىغى ،مەن يەنىلا مۇشۇ چوڭ ئېكرانلىق يانفۇنلانى ياقتۇرىمەن
گىلەم
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-5-26 09:04:24
باھاسى  ھەقىقەتەن مۇۋاپىقكەن  شاۋمىنىڭ تەرەقىياتى بەك تىز بۇلۋاتىدۇ يىلدىن يىلغا
ئورۇندۇق
مەجىنۇن ۋاقتى: 2017-5-26 09:38:46
باھاسى راستىنلا مۇۋاپىق كەن ،بىرنى سېتىۋىلىشنى ئويلۇشۇپ قالدىم ،
5-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-5-26 10:35:04
      يانفونلار بىر-بىرىدىن سەرخىل مانا.....
6-قەۋەت
akil9327 ۋاقتى: 2017-5-26 10:46:49
شىياۋمى 6 ئالىدىغانلار بارمۇ؟ بايام تالىشىپ ئالغان ،ئۆتۈنۇپ بىرىمەن
7-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-26 10:51:24
سەپلىمىسى  باھاسى  بۇلدىگەن   
8-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-5-26 10:54:56
باھاسى بەك مۇۋاپپىق چىقىپتۇ ئىقتىدارىمۇ خېلى بۇلۇپ قويدىغان چىراي
9-قەۋەت
uysal ۋاقتى: 2017-5-26 11:06:44
باللار 魅族note5 قانداراق چىقار بىرنى ئالماقچىتىم  
10-قەۋەت
دىليارر ۋاقتى: 2017-5-26 11:25:35
akil9327 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-26 10:46
شىياۋمى 6 ئالىدىغانلار بارمۇ؟ بايام تالىشىپ ئالغان ،ئۆ ...

بار مەن ئالمەن قايسى ئىدى مەن 2999مۇشۇنى ئالماقچى ئىدىم
11-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-26 11:33:09
بۇيانفۇننىڭ سېستىمىسىغىمۇ ئۇيغۇرچە قۇشۇلغانمىدۇ؟
12-قەۋەت
tursun1994 ۋاقتى: 2017-5-26 12:18:15
شىياۋمى ماش    بوپ  قويدىكەن  لىكىن  بارماق  تۇنۇش  سىنزۇرى  ئارقا   تەرەپكە   ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ    سەل   ئەپسىزمۇ   قانداق    ئۈزەپچە  
13-قەۋەت
13379759077 ۋاقتى: 2017-5-26 12:24:31
小米 max 2 نىڭ رومىنى 小米 max تىلفۇنىغا يېزىپ ئىشلەتكىلى بولارمۇ ئېكراننى بۆلۈپ كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلقشقا قىزىقىپ قالدىم بۇرۇنقى 三星 note3 تىلفۇنۇمدا شۇنداق قىلغىلى بولاتتى بەك قولايلىق
14-قەۋەت
esmet ۋاقتى: 2017-5-26 12:24:41
مەن 1-ئەۋلاد  نى ئىشلىتىۋاتىمەن  بۇنىمۇ ئالغۇم كەلدى  ئايغا بۈلەپ سىتىۋالغىلى بولارمۇ بىلدىغانلار  جاۋابنى بىرۋىتىڭلا
15-قەۋەت
taxna0908 ۋاقتى: 2017-5-26 12:29:14
سەپلىمىسى ، ھەم ئاپراتىغا ھەقىقەتەن كۈچەپتۇ. سەپلىمىسىگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئەرزان
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部