+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-20 13:57 3359 قېتىم كۆرۈلدى 42 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما شىركىتى ئالما ئەپ بازىرى app store دىن جۇڭگونىڭ 20 مىڭدىن كۆپ ئەپلىرىنى چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇن 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەپ بازىرىدىن باشقا ئەپلەرنىمۇ ئۆزلۈكسىز ئۆچۈرۋاتىدۇ.



ئالدىنقى قېتىم ئالما شىركىتى ئەپ ئاچقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەپتىكى «ئىسسىق يېڭىلاش» قا مۇناسىۋەتلىك كودنى ئېلىۋېتىشنى بولمىسا ئەپنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىغان. ( بۇ ھەقتىكى يازمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈندىدار دېگەندەك پۇل چىقىم قىلالايدىغان ئەپلەردە تارتۇقلاش ئارقىلىق باشقىلارغا پۇل يۆتكىسە ئالما تەرەپ %30 «باج» ئالىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا قوشۇلمىسا ئەپنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىنى چەكلەيدۇ.
مۇشۇ سەۋەبلەردىن ئالما شىركىتى ئەپ بازىرىدىن چوڭ كۆلەمدە يۇقارقى ئۆلچەملەرگە چۈشمىگەن ئەپلەرنى تازىلاۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگودىكى ئەپ ئاچقۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق.
iOS تىكى ئويۇن ياساش جەريانى، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ؛ «ئىسسىق يېڭىلاش» ئارقىلىق app store نىڭ تەستىقلاش مىخانىزىمىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئويۇننىڭ سانلىق مەلۇماتىنى يېڭىلىمىسا ئويۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ھەم چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنىڭ سىغىمىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەپ ئاچقۇچىلار «ئىسسىق يېڭىلاش» قا ئېھتىياجلىق. ئەمما ئالما تەرەپ بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ بۇنداق قىلىشنى چەكلىدى.
بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئەپ «قىرغىن» قىلىش يالغۇز جۇڭگودىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىلا يۈز بەرگەن.
6-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە جۇڭگو رايونىدا ئالما ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەن ئەپ 30 مىڭغا يېقىنلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 《天天酷跑》دېگەندەك ئويۇنلارمۇ بار. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەن ئەپ 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئامېرىكا رايونىدا ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەن ئەپ 27 مىڭدىن ئاشىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن ئالمىنىڭ پاي چېكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ 300 مىليارد دوللار زىيان تارتتى.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

42ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
oracle ۋاقتى: 2017-6-22 09:56:18
دۆلىتىمىزدە ئالما تېلفون ئىشلىتىۋاتقانلارجىق بولسا10%ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىدۇ،ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئەقلىگە ماس كەلمەيدىغان تېلفون تۇتىۋالغانلارغا كىرىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز تەڭشەشكە كىرىپ قاراپ بېقىڭ سىز ھاڭۋىقىپ تۇرىدىغان نىمىلىكىنى بىلمەيدىغا بىرمىلەر قانچىلىككىن.ئالمىنىڭ سېستىم تېز مۇقۇم ئىشەنچىلىك،ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قىلغىنى توغرا،مۇشۇنداق قىلسا پاي چىكىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشىشىنى بىلىدۇ،بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ ئابونتلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، مەسىلىگە ھەر تەرەپتىن قاراش كېرەك.

باھا سۆز

ئىشلەتكەنلەر بىلىدۇ، جىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق ، 4كۈندە كۆرىمىز ، پاي دېگ...  ۋاقتى: 2017-6-22 13:45
گىلەم
mastana0 ۋاقتى: 2017-6-20 14:14:33
ئوبدان بولۇپتۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ پل پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان بولۇپتۇدە ،  
ئورۇندۇق
HADES378 ۋاقتى: 2017-6-20 14:18:11
ئالمىغا بەك چوڭ  زىيان  بوپ  كىتەرمۇ  ئەمدى …
5-قەۋەت
MAWLUD ۋاقتى: 2017-6-20 14:18:23
دىمەك ئامىنىڭ كۈنى كەتتى دىگەن گەپ،شۇنچە قىممەت باھالىق تېلفۇندا ئۈزى خالىغان ئەپلەرنى ئىشلتەلمىسە،بۇنداق تېلفۇننى تۇتقاننىڭ نىمە ئەھمىتى،ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدە،ياسىلۋاتقان،كۆپىنچە تېلفۇنلار،ئالمىدىن قېلىشقۇسىز ياسىلۋاتىدۇ،باھا جەھەتتىمۇ ئالمىدىن خېلىلا ئەرزان،ئۇنىڭ ئۈستىگە،خالىغان ئەپلەرنى چۈشىرىپ ئىشلەتكىلى بۇلدۇ
6-قەۋەت
ajam ۋاقتى: 2017-6-20 14:25:50
ئاۋۇ  ئالمىنىڭ  زىيىنى  خاتا  بولۇپ  قالمىغاندۇ  ھە  300 مىليارىت  دوللار  دىگەن ئاز   گەپ  ئەمەس   ،
7-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-20 14:30:10
MAWLUD يوللىغان ۋاقتى  2017-6-20 14:18
دىمەك ئامىنىڭ كۈنى كەتتى دىگەن گەپ،شۇنچە قىممەت باھال ...

سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوللايمەن،ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ
8-قەۋەت
17797917961 ۋاقتى: 2017-6-20 14:30:40
مىنىڭچە ماۋۇ ۋاقىت مىكروسوفىتنىڭ يېڭى بىر ياخشى مەسھۇلات ئىلان قىلىشىنى كۇتىۋاتىدۇ، ئەگەر ۋىندوۋىس سىستېمىلىق تېلفۇن ئىلان قىلىنسا ئىدى كۆپلىگەن دوسلىرىمىزنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئىش بولاتتى
9-قەۋەت
aske. ۋاقتى: 2017-6-20 14:41:03
HADES378 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-20 14:18
ئالمىغا بەك چوڭ  زىيان  بوپ  كىتەرمۇ  ئەمدى …

مىنىڭچە بۇلار ھەرگىز زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئويلايدىغان بىر يەرلىرى باردۇ ئەگەر پايدا ئالىمەن دىسە چوقوم ئاۋال مەبلەغ سالىدۇ شۇڭا ئۇلارمۇ يىراقنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن.
10-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-6-20 15:03:28
ئالما ئىشلەتكۈچىلىرى ئالمىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقىتمۇ كېلەمۇ  يەنىلا ئالمىدىن ئەنجۈر تاتلىقتە.
11-قەۋەت
rahman889 ۋاقتى: 2017-6-20 15:24:38
چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئالمىنىڭ دەۋرى ئۆتكەندەك قىلىدۇ ،لىكىن سىستىمىسى مۇكەممەل تىلفۇن ئىدى ،ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتامىز
12-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-6-20 16:08:13
مەن   ئالمىنىڭ   بۇ ئىشىنى قوللايمەن ، ھەمىسى سىستىما بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ،    ئالمىنىڭ   بۇ   قىغىننى   تىلىغانلا   ئويلاپ   بېقىڭلار بىرەر ئەپ   چۈشەرسەڭلار   رۇخسىتىڭىزسىز باشقا ئەپلەر چۈشۈپ كەتسە رۇخسەتسىز تېلفۇن كارتىستىكى پۇلنى تۇتىۋالسا   بۇ ياخشى ئىشمۇ.   مەن   مۇشۇ   ئىش   سەۋەپلىك ئالمىغا كۆچكەن سەۋەپسىزلا  پۇل  تۇتۋالغان   10010غا  تېلفۇن قىلسا  ئۇيۇن  ئويناپسىز   دەپلا   تۈگەتكەن ، ئالمىدا ئۇنداق ئىش   يوق ھەم   بۇلۇش ئىمكانىيتىنى  ھازىر قۇرۇتۋىتىپ بېرىپتۇ . قولايمەن ساپ ئەخلەت ئۇيۇنلاركەن كۈپۈنچىسى  
13-قەۋەت
خام ۋاقتى: 2017-6-20 16:20:41
ئالما تەرەپ بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە ياخشى ئويلىنىدۇ دە، بىز بۇيەدە ئۇنداق بۇنداق دەپ تاش ساناپ تۇرغاندا ئالما تەرەپ قۇم ساناپ بولغان بولىدۇ، ئويلاپ باقايلى، ھازىرقىدەك ئەھۋالدا كىمنىڭ تاللىشى ئاز، ئەلۋەتتە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ، ئۇلار ئالما تەرەپكە ماسلاشماي ئامالى يوق، چەكلىمىگە ئۇچرىسىمۇ ئالمىنىڭ تەىپىگە كۆنىدىغان گەپ، بولمىسا ئۆلسەڭ بولىدۇ، ئالما تەرەپ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ئىناۋەتنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، بۇنىڭ ئالمىغا بولغان پايدىسى تىخىمۇ چوڭ
14-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-20 17:35:34
300 مىليارد دوللار زىيان تارتقان بولسا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرسىنى يوقتىپ قويۇپتۇ
15-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2017-6-20 17:41:13
ئالما تىلفۇن شىركىتى  دىگەن   چوڭ  شىركەت شۇ  زىيان  دەپ  قويغان بىلەن  ئاشۇ  زىياننى  نەچچە ھەسسە  قاتلاپ  پايدا  ئاممىسا  ھەرگىز  بۇ قارارنى  چېقارمايدۇ  ، بىز  تاش سانىغىچە  بۇلار  قۇم ساناپ  بولدىمۇ  كىم  بىلدۇ
16-قەۋەت
警察4552 ۋاقتى: 2017-6-20 17:46:10
خام يوللىغان ۋاقتى  2017-6-20 16:20
ئالما تەرەپ بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە ياخش ...

قوللايمەن،مىنىڭچىمۇ شۇنداق.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部