+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-29 20:58 4010 قېتىم كۆرۈلدى 45 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
31-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-8-31 15:34:56
sansiz1555 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-31 10:29
ئىنگىلىزچە يېزىۋەتمەي بەك جۇۋاپ كىتىپسىز بەرىبىر تىم ...

ئېنگىلىزچە  يېزىشنىڭ ئورنى يوق ، ئالما ئاندىروئىد سېلىشتۇرمىسى چىقسا ئاغىنىدارچىلىقتىن كېچىپ تۇرۇپ تالاش - تارتىش قىلىدىغانلار مەنچە بۇ خەتنى ئوقۇيالايدۇ ……
32-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-8-31 17:30:16
ياۋ پاناھ باللا ..... كۆزەڭلىنى يۇمۇپ ئولتۇراپ ئۆزەڭلىنىڭ گىپىڭلىدىن ئۆزەڭلىنىڭ مەست بولۇپ كەتكىنىڭلارغا نىم دەي ئەمدى .
ئايفون دېگەن نىمە ؟ ئاۋال مۇشۇنى بىلەيلى . ئايفون دېگەن نوقۇل تېلفۇنلا ئەمەس بەلكى پىشىپ يىتىلگەن پەن-تېخنىكىنىڭ بىزگە تېلفۇنغا مۇجەسەملىنىپ يەتكۈزۈلىشىدۇر . سىلەر دەۋاتقان مېيزۇ، شىياۋمى تېلفۇنلار(خۇاۋېيغۇ بىر ئەخلەت) دىكى ئىقتىدار، كۆركەملىك ۋە قولايلىقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئالما تېلفۇنغا تەقلىدلىنىپ تۇرۇپ ياكى ئىلھام ئەپ تۇرۇپ مەيدانغا كېلىدۇ . شۇنى ئېيتىپ قۇيۇش كېرەككى ئالما تېلفۇن بىزگە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇن دېگەن ئۇقۇمنى ئېلىپ كەلدى ھەەم ھەر قېتىملىق يېڭى مەھسۇلاتىدا يېڭىچە بىر ئۇسلۇب ۋە يېڭى ئىقتىدارلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ . سىلەر ئىشلىتىۋاتقان تېلفۇنلاردىكى قايسى بىر ئىقتىدار ئالما تېلفۇنغا تەقلىد قىلىنىشتىن كەلمىگەن ؟ قېنى ساناپ بېرىڭلارچۇ ؟
ئالما تېلفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىززىقۇچىلار بولۇپ، ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلىق تۇرمۇش شەكلىدىن بالدۇررۇق بەھىرلىنىشىنى خالايدۇ خالاس .
ئەگەر بۇ يەردە ئالما تېلفۇن بىلەن خالىغان بىر تېلفۇننىڭ ئىقتىدار سېلىشتۇرمىسىنى يازىمەن دېسەم بەك ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىشىم مۇمكىن . بەلكىم بۇ توغىرلىق كىيىنچىراق يېزىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن .
ھەركىم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، قىزىقىشغا ئاساسەن تېلفۇن ئىشلىتىدۇ . سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا باھا بېرىپ كېتىشىڭلار تېخىمۇ قىززىقتە .
33-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-31 19:10:07
ئىنكاسلار بەك بىر قۇتۇپلۇق بولۇۋاتىدۇ
34-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-8-31 19:51:45
يېڭىلىقنى سامسۇڭ چىقىرۋاتىدىغۇ دەيمەن ،  ئالما قاچان بىر يېڭىلىق چىقاردى ،  گەرچە چەتنىڭ تىلفۇنى بولسىمۇ  شۇمۇ  ئاندرويد
35-قەۋەت
pamir ۋاقتى: 2017-8-31 22:30:05
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2017-8-31 17:30
ياۋ پاناھ باللا ..... كۆزەڭلىنى يۇمۇپ ئولتۇراپ ئۆزەڭلىنى ...

ئالما تېلفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىززىقۇچىلار بولۇپ، ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلىق تۇرمۇش شەكلىدىن بالدۇررۇق بەھىرلىنىشىنى خالايدۇ خالاس .
سىزنىڭچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفۇنلارنى ئىشلەتكۈچىلەر،پەن-تېخىىنكا يىڭلىقلىرنىڭ كەيندە قالغانلار،دۇلتىمىزيانفۇنلىرى ،پەن-تېخىنكىنىڭ كەينىدە قالغان يانفۇنلارئىكەندە ،سىزنڭچە شۇ ئالمائىشلەتكۈچىلەر زامانىۋى تېىخنكىلىق تۇرمۇش شەكىلدىن قانچىلىك بەھىرلەنگەندۇ ؟دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەرقانچىلىك كەيندە قالغاندۇ ،قىزىقساق ماختايلى لىكىن بەك ئاشۇرۋەتمەيلى،ھەرقانچە ماختساقمۇ ئۇبەربىرچەتئەلنىڭ مىلى……
36-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-9-1 09:44:55
مۇغەمبەرلىك قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ جۇاڭبى
ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ  ، ئىشلىتىپ باقمىغانلار -  بىلمەيدۇ
خوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر ....
يىراقتىكى موللا - داموللا ....
سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ - ئالما كېتىدۇ ئاندىروئىد قالىدۇ ....
--------------------------------------------------------------------------------------------------------------
بۇ  تىم كۇك نىڭ جۇڭگۇدا ئالما باھاسىنى چۈشۈرمەيدىغانلىقى سۆزلەنگەن تېما . بەزەن ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار گەپنى يورغىلىتىپ ئۆزەڭلەرنىڭ دېپىنى چالىدىكەنسىلەر يەنىلا .
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن




37-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-9-1 11:31:50
بىر تېلىفوننىڭ گىپى چىقسا يەنى بىرسىنى چۈشۈرۋالمىساڭلار كۆڭلۈڭلار ئەمىن تاپمايدۇ بەزىلىرىڭلارنىڭ.ئاۋال ئىككىسىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل سىستېما ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك .ئالما بولامدۇ ئاندروئىد بولامدۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خاسلىقى تۇتقان يولى بار.بۇ يەردە ئاساسلىق ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىق مەسىلىسىلا بار.باشقىسىنى سىلىشتۇرۇش ئەخمىقانە بىر ئىش.لەغمەن بىلەن پولۇ ئىككى خىل تاماق سىز لەغمەننى ياقتۇرىسىز مەن پولۇنى . ئەگەر سىزگە ئاشۇنداق تاماقنىمۇ يەمسەن ، لەغمىنىڭ پولۇدەك ياخشى ئەمەس دىسەم سىزنىڭچە توغرا بولامدۇ؟ئاساسلىق دىمەكچى بولغۇنۇم باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا ، پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشىمىز كىرەك.چۈنكى بۇ يەردە تالاش تارتىش قىلغۇدەك ھەق ناھەق مەسىلى مەۋجۇت ئەمەس.ئۆزىمىز قىزىقمايدىغان تېمىغا ئاتايىن كىرىپ باشقىلارغا ياقمايدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق.قارىسام ئالما توغۇرسىدىكى تېمىغا ئاندىروئىد ھەۋەسكارلىرى كۆپ كىرىدىكەن.بۇ كۈلكىلىك بىر ئىش.ئەسلى ئالما ھەۋەسكارلىرى كىرىپ پىكىر ئالماشتۇرسا بىز سىرتتىن كۆرۈپ بىلمىگەننى بىلىۋالساق ياكى قىزىقمىغاندىكىن كۆرمىسەك توغرا بولاتتى .ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ؟مەن ئېلگىرى 4sزامانىسىدا قىممەت بولسىمۇ بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ بىقىپ كۆنەلمەي سېتىۋەتكەن.شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ئاندىروئد ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.ئەمما مۇشۇنداق تالاش تارتىشلارنى كۆرسەم قاچان ئىلمىي پىكىرلەشكۈدەك بولارمىز دەپ ئويلاپ قالىمەن.
38-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-9-1 18:13:05
بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ھە دەپ قويسىلا بولىدۇ. ئەمما خېلى ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ ئىنكاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بىزنىڭ ئىچىمىزدە بازار ئۇقۇمىنىڭ تولىمۇ ئىپتىدائىي ھالەتتە ئىكەنلىكىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. مەسىلىلەرگە ھېسسى نۇقتىدىن باھا بېرىش، ئەستايىدىل ئويلانماسىلىق، باھا بېرىشكە ئالدىراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىغاندا تولىرىراق ئەزالارنى كىچىك بالىلارمىكى دىگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.
  ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىدىن قاراپ باھا بەرگەندە، نۇرغۇن مەسىلەرنى چۈشىنىش ئوڭايراق بولامىكىن دەيمەن. راستىنى ئېيتقاندا ئاندرۇيىد ئالمىنىڭ شاخلىنىپ چىققان بىر شېخى خالاس. بىر تال نوتىدىن شاخلىنىپ چىققان بۇ ئىككى تال شاخ ئۆز ئالدىغا بوي تارتىپ ئۆسۈپ بۈگۈنگە كەلدى. ئالما ئەسلى سېستىما بۇيىچە توختىماي ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان پۇزىتسىيە بىلەن، پۈتۈنلەي كەسپ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئىشلەتكۈچىنى رازى قىلىش يولىدا مېڭىپ كەلدى. بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بەزىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى پىتنە پاساتلاردىن قايمۇقۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. مەنمۇ ئۇلارنى ئۇچۇر ئوغرىلىمىغان دىيەلمەيمەن. ئەمما مۇھىم بولغىنى شۇكى، قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرغان ئايفۇن ھەقىقەتەن ئىنتايىن راۋان خىزمەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ھېچكىم ئۇنداق ئەمەس دىيەلمەيدۇ. ئالما بۇ ھەقتە نۇرغۇن كۈچ ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن. ئېنىقكى ياخشى نەرسە يەردە قالمايدۇ. مىسال ئالسام، بىزنىڭ مەلىدە بىر قاسساپ بار، ئۇ ئۆلتۈرگەن قوينىڭ گۆشى باشقا قاسساپلارنىڭكىدىن 10نەچچە يۈەن قىممەت، ئەمما نۇرغۇن كىشى قىممەت دەپ غۇدىراپ تۇرۇپمۇ يەنىلا شۇنىڭكىنى ئالىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ ئىنتايىن پاكىز ئىش قىلىدۇ، قوينى نەق مەيداندا بوغۇزلاپ، شۇ جايدا سېتىپ تۈگىتىدۇ. ئۇ ساتقان گۆشنىڭ تەمى باشقا قاسساپلارنىڭكىدىن تەملىك. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭ قىممەتچى ئىكەنلىكىنى يۈزىدىن يۈزىگە دەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا سېتىۋالىدۇ. تىم كۇكنىڭمۇ قىلغىنى دەل شۇنداق بىر ئىش. ئەگەر ئۇ ئايفۇننىڭ باھاسىنى چۈشۈرسە، يۇقىرى ئىستىمال توپىدىكى كىشىلەرنىڭ مالنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى كۈچىيىپ، ئالمىنىڭ كىرىم مەنبەسى زىيانغا ئۇچرايدۇ
39-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-9-1 18:16:45
شۇڭا بازار نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىم كۇكنىڭ قىلغىنى مىنىڭچە توغرا. بۇنى بىزلەر ھەم بىلگىچە تارقىتالىغىنىمۇ ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىمال توپىدىكى ۋە ئايفۇن سېتىۋىلىش ئويىدىكى كىشىلەرگە بەرگەن ۋەدىسى. ئايفۇن سېتىۋالالايدىغان كىزىلەرگە بۇ سۆزنىڭ ئۆزى ئىشەنچتىن دېرەك بېرىدۇ.
40-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-9-1 23:50:10
qeqnus يوللىغان ۋاقتى  2017-8-30 08:38
دۆلىتىمىزنىڭ قاراپ ئولتۇرسىمۇ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك  ...

قوللايمەن  مەنمۇ شۇ قاراشتا ئۇيغۇرچە فونتنىمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمىسا نىمە ئەھمىيتى ئالما ئالما دەپ داۋراڭ سالغاننىڭ باھاسى مۇۋاپىق ئېھتىياجىمىزدىن چىقالىسىلا شۇ ئەڭ مۇۋاپىق
41-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-9-2 01:06:01
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاغىنەمنىڭ ئاق رەڭلىك ئايفونىنى ئالماقچى بولۇپ نەچچە كۈن ئىشلەتكەن، ئېكران سىزىمچانلىقى، راۋانلىقى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. لىكىن مىنىڭ پەقەت قاملىشالمىغان يىرىم ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق سىغىم كارتىسىدىكى ھۆججەتلەرنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىكەن. ئاندىرويىدنىڭ ES ھۆججەت باشقۇرغۇچىغا غەزەپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا ھازىرغىچە سىغىم كارتىسىغا قاچىلانغا ھۆججەتلەرنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان ئاندىرويىدنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
   ئەمدى سىلەردىن كىچىككىنە مەسىلىنى سوراپ باقسام   - ئايفوندا سىغىم كارتىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاندىرويىدتىكىدەك خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان ئىقتىدار قوشۇلدىمۇ يوق؟ قوشۇلغان بولسا قانچىلىك دەرىجىدە بىىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟
42-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-9-2 09:03:50
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2017-8-31 17:30
ياۋ پاناھ باللا ..... كۆزەڭلىنى يۇمۇپ ئولتۇراپ ئۆزەڭلىنى ...

سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن ئالما قايسى بىر ئىقتىدارنى ئاندىروئىدتىن بۇرۇن چىقىرىپ باقتى،  ھەممىسى
ئاندىروئىدتا نەچچە يىلدىن بىرى ئىشلىتىلىۋاتقان ئىقتىدارلار،  
43-قەۋەت
15509974200 ۋاقتى: 2017-9-2 17:47:20
تېلېفون دېگەننى قىممەت پۇلغا ئالسا ھېساب ئەمەس ، بەلكى ئىقتىدارى بولسا ھېساب
44-قەۋەت
ھەيدەر520 ۋاقتى: 2017-9-2 19:35:34
تىم كوك ئەپەندى ھېلىغۇ ئايفوننىڭ باھاسىنى چۈشۈرمەيدىكەنسىز ، ۋاقتى كەلگەندە بىكاغا ئالىدىغان ئادەممۇ چىقماي قالامىكى ، يېقىندىن بېرى كونۇپكىلىق تېلفۇننىڭ بازىرى ئىتتىك
45-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-9-4 20:48:47
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2017-9-1 18:13
بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ھە دەپ قويسىلا بولىدۇ. ئەمما خېلى ...

ئاندروئىد ئالمىدىن شاخلىنىپ چىققان بىر شېخى دىگەن گېپىڭىزگە ئىسپات تەلەپ قىلىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部