+تېما يوللاش
aziz101 يوللانغان ۋاقتى:2017-2-23 12:05 1963 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەمدىكى مەسىلە ئەگەر ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان iOS 9نىڭ ئېكران قۇلۇپى ئېچىش ئۇسۇلىغا ئەسلىگە ئەكەلمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان، «تەڭشەكلەر-ياردەمچى ئىقتىدارلار- ئېكران كۇنۇپكىسى-يېنىك بېسىپ ئېچىش» (设置——辅助功能——主屏幕按钮——轻触打开) نى ئېچىپ قويسىڭىزلا كۇپايە، بۇنداق بولغاندا iOS 9 نىڭ ئۇسۇلى بىلەن Home كۇنۇپكىسىنى يېنىك سىلاپ قويسىڭىزلا ئېكرانغا كىرەلەيسىز.

بۇنىڭدىن باشقا، سىستېما نەشرىنى iOS 10غا كۆتۈرگەن، ئەمما TouchID ئىقتىدارى بولمىغان ئەسلىھەلەر (مەسىلەن iPhone 5) مەخپى شىفىر كىرگۈزۈپ قۇلۇپ ئېچىش ئېكرانىغا قانداق قىلغاندا كىرەلەيدۇ؟تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇل بار:
1.ياردەمچى ئىقتىدارلاردىكى AssistiveTouchنى ئېچىش
2.ئوڭغا سۈرۈپ قىستۇرما دېتاللار سەھىپىسىنى ئېچىش، ھاۋارايى ياكى باشقا خالىغان دېتالنى باسقاندا مەخپى شىفىر كىرگۈزۈش ئېكرانى ئېچىلىدۇ
3.سولغا سۈرۈپ كامېرانى ئېچىپ، ئاندىن سۈرەتلارنى كۆرۈشنى باسقاندا ئېچىلىدۇ.
A9 ،A10 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن ئەسلىھەلەر (يەنى ھازىر سېتىلىۋاتقان بارلىق iPhone مەھسۇلاتلىرى، iPhone SE ،iPhone6s/Plus ،iPhone7/Plus قاتارلىقلار)،«تەڭشەكلەر-كۆرۈنۈش ۋە يورۇقلۇق-ئالغاندا ئويغىتىش» (设置——显示与亮度——抬起唤醒) تەڭشىكى ئارقىلىق يانفوننى قولغا ئالغاندا ئېكراننى يورۇتقىلى بولىدۇ (دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى يانفوننى كۆتۈرۈپ ئالغاندىكى گرادۇسى بىر ئاز چوڭ بولۇشى كېرەك.
يەنە بىر ئەپچىل چارە بار، يەنى يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان «يېنىك باسقاندا ئېچىش» ۋە «ئالغاندا ئېچىش» ئىقتىدارى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغاندا، ئىشلەتكۈچى يانفوننى كۆتۈرۈپ ئېلىپ Home كۇنۇپكىسىنى بوش سىلىسىلا ئانا ئېكرانغا كىرەلەيدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
15009041340 ۋاقتى: 2017-2-23 17:45:07
مىنىڭچە ئاددى بولسىمۇ ياخشى تېما بوپتۇ
گىلەم
adiljan212917 ۋاقتى: 2017-2-23 19:44:00
ئاددىي ئەمما پايدىلنىش قىممىتى بار تىما بوپتۇ ،
ئورۇندۇق
Taxna_uy ۋاقتى: 2017-2-24 10:31:41
ياخشى تېمىكەن ،،،نەشىرنى 10غا كۆتەگەندىن كىيىن مۇشۇ قۇلۇپنى ئىچىش بىلەن پەقەت كۆنەممىگەن ،،باسمىغىچە ئىچىلمىغان يا ،رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部