+تېما يوللاش
Smart يوللانغان ۋاقتى:2015-8-31 23:28 5236 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىز، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. خەنزۇچە بىلمىگەن ئەمما ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلا كىشى بۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىسىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى. بىزگە مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىدىكىلەر مەخسۇس Windows8/8.1/10 لارنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىقتۇق.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
ئەلكاتىپ ئاساسى خەت نۇسخىسى تەمىنلگەن نۇسخىسى


ئۇنىۋېرسال خەت نۇسخىسى تەمىنلەنگەن نۇسخىسى


مەزكۇر ئەپ ئاددىي، پاكىز تۈزۈلگەن بولۇپ، سىز سىستېمىڭىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ دېتالدىكى قايسى خەت نۇسخىسنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىرىپ (ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قايتا قوزغىتىسىز) كىرسىڭىزلا سىستېمىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
قاچىلاش كۆرسەتمىلىرى:


بۇ يەردىكى تاللاشقا بەلگە قويمىز.

ئەمدى ھەئەنى باسىمىز.

خەت نۇسخىسىنى قاچىلاۋاتىدۇ.

قاچىلاش تاملاندى، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. (كومپيۇتېرنى تىزىمدىن چىقىرىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز)

ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ھالەتلەر:






دېتالنى چۈشۈرۈش:
ئەلكاتىپ ئاساسى خەت نۇسخىسى تەمىنلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش


ئۇنىۋېرسال خەت نۇسخىسى تەمىنلىگەننى چۈشۈرۈش

دېتال نەشرى: 1.0
دېتال تۈزگەن ئورۇن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
دېتال تۈزگۈچى: مۇھەممەدجان سوپۇر (Smart)
UI لايىھەسىدە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (Kulke)

مەزكۇر دېتال ھەقسىز، سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا تەۋە، ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 31-ئاۋغۇست

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +102 ئاقچا +30 يىغىش سەۋەبى
ulinish + 2 ياخشى دېتال
alip + 100 + 30 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش16 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

19ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
Smart ۋاقتى: 2015-9-1 19:44:47
turhun717 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-1 19:16
سەل بىنۇرمالغۇ؟

سىز قاچان چۈشۈرگەن بولغىيتىڭىز. دېتالغا يېڭىلاش ئېلىپ بارغان. ئىدۇق قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز. يەنىلا مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلىسىڭىز بوپتىكەن.
گىلەم
turhun717 ۋاقتى: 2015-9-1 00:21:18
بەك ياخشى بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!
ئورۇندۇق
ulinish ۋاقتى: 2015-9-1 00:43:19
ۋىندوۋس8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يېڭى تارقىتىلغاندا قايسىدۇر بىر مۇنبەردىن ۋىن8 نىڭ خەت نۇسخىسىغا باسۇرۇپ قاچىلاپ خەت نۇسقىسىنى چىرايلىق قىلىش دەپ بىر تېمىنى كۆرۈپ خەت نۇسقىسىنى كۆرۈپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم خەتلەر ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بولدى لىكىن ئاز بىرقىسىم خەنزۇچە دىتال ئۇيۇنلارنى قاچىلىسام خەتلەر سۇراق بەلگىسى چىقىۋېلىپ خاپا سالغان كىيىن سەتراق بولسىمۇ ئۈزى تەمىنلىگەن خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم بۇنۇڭدىمۇ شۇنداق ئىشلار بۇلارمۇ قاچىلاشتا ئىككىلىنىپ قالدىم
5-قەۋەت
Smart ۋاقتى: 2015-9-1 00:56:14
ulinish يوللىغان ۋاقتى  2015-9-1 00:43
ۋىندوۋس8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يېڭى تارقىتىلغاندا قا ...

ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، ئەسلىگە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
6-قەۋەت
قابىس ۋاقتى: 2015-9-1 01:10:34
7-قەۋەت
ilterish ۋاقتى: 2015-9-1 03:24:17
رەھمەت سزگە
8-قەۋەت
mamatezizjan ۋاقتى: 2015-9-1 09:19:55
مەن كومپيوتىرىمنى ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم نەدىن قىلىدۇ win10 ئاكتىپلانغان
9-قەۋەت
ALYMAN ۋاقتى: 2015-9-1 09:30:32
رەھمەت جۇمۇ
10-قەۋەت
doktor8 ۋاقتى: 2015-9-1 09:47:07
مۇشۇ قۇتيار گۇرۇپىسىدىكەر نىمانداق ياخشىدۇ دەيمەن ! دائىم مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ھەقسز قىلىسىلەر ! سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ! تېخىمۇ گۈللەپ ياشناڭلار !
11-قەۋەت
مارىكو ۋاقتى: 2015-9-1 11:42:14
رەھمەت بەك ياخشى دىتال ئىلىپ كەپسىلەر .
12-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2015-9-1 12:31:45
ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر،ھارمىغايسىلەر!
13-قەۋەت
سودىگەر1 ۋاقتى: 2015-9-1 13:52:36
مەن windows10نى قاچىلغاندا ئاكىتىپلىنىپ قاچىلىنىپتىكەن ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەپ خەتنسخسىنى قاچىلاپ چىرايلىق قىلۋالغان ئىدىم.كىيىن سىستمىنى يۇقىرى كۆتەرسەم .دۇكان سىن قۇيغۇچ.ناخشا قۇيغۇچى ۋە بەزى يەرلىرى ئىنگلىزچە بولۋالدى سىستما ئۇيغۇرچىغا تەڭشەكلىك.ھەم ئاكىتپلانماپتۇ.توردىن ئاكىتپلاش قۇرالنى چۈشۈرسەم ئاكىتپلىيالمىدىم .مۇشۇنىڭغا يول كۆرسەتسەڭلا
14-قەۋەت
سودىگەر1 ۋاقتى: 2015-9-1 18:45:26
گەپ  قىلدىغانلار يوقمىدۇ
15-قەۋەت
turhun717 ۋاقتى: 2015-9-1 19:16:17
سەل بىنۇرمالغۇ؟

12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部