+تېما يوللاش
1217 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-10 11:07 4277 قېتىم كۆرۈلدى 32 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ تېلېفوننى سېتىۋېلىپ ئىككى كۈن ھەپىلەشتىم، ئاخشام ئاخىرى XDA نىڭ ROOT ئېلىنغان ئۈچۈنجى تەرەپ رومىنى يېزىش فونت ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى تونۇتقان بولدۇم. ئەمدى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي.

بۇ تېلېفوننىڭ سەپلىمە ۋە ئىشلىتىلگەن يېڭى تېخنىكىلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككى تېمىدىن كۆرۈڭ:
سامسۇڭ S8/S8+ رەسمىي ئېلان قىلىندى
سامسۇڭ Galaxy S8 كە ئىشلىتىلگەن 10 يېڭى تېخنىكا
ئېكران 6.2 دىيوملۇق بولغان بىلەن، قولغا چىقىشى ئىنتايىن ياخشى. كەڭلىكى Galaxy S7/edge بىلەن بىردەك، بويىغا يېرىم سانتا پەرق قىلىدۇ.( مېنىڭ سېتىۋالغىنىم +Samsung GalaxyS8 ).

ئاپاراتقا ھەركەتلىك رەسىم دىگەندەك ئىقتىدارلار قوشۇلغان.( بۇرۇن بولغان بولسا مەن ئىشلەتمىدىممۇ بىلمىدىم)

ئاپاراتتا يەنە Bixby نىڭ تارتقان رەسىمدىكى خەتلەرنى چىقىرىپ بېرىش، تەرجىمە قىلىش ۋە رەسىمگە تارتىپلا رەسىم بويىچە بىۋاستە تور دۇككانلىرىدىن سېتىۋېلىش ئىقتىدارى قوشۇلغاندەك.



يان تەرەپ ئىقتىدارىغا ئېكراننى ھەرخىل ئۇسلۇپتا رەسىمگە تۇتۇش ئىقتىدارى ھەم قوشۇلغان.

مېنى ھەممىدىن بەك خوشال قىلغان يېرى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش قوشۇلغان.(ئەمما تىل بولىقى تېخى تەمىنلەنمىگەن چىراي.(ھە راس تۇتغان رەسىمنى ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىن چىققان كىچىك رامكىنى بېسىپلا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ)

ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ تاللىساق، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى (ئىگە تەرەپتىن تىل بولىقى قوشۇلغان) بار ئەپلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىكەن.


مۇزىكا قويغاندا ئېكراننىڭ تۆت ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان LED مۇ ئىنتايىن چىرايلىق.

ئېكران قولۇپىنى ئېچىش جەھەتتە بۇنىڭغا بارماق ئىزى، كۆز پەردىسى ۋە چىراي تونۇش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان. بارماق ئىزى تونۇش سىنزورى ئېكران ئارقا تەرىپىدە بولۇپ ماڭا ئەڭ ئەپسىز بىلىندى. چىراي بىلەن قولۇپ ئېچىشمۇ ئىنتايىن تېز، كۆز پەردىسى ئارقىلىق قولۇپ ئېچىش مۇھىتقا قاراپ بىر سكونتتىن ئۈچ سكونتقىچە ئارلىقتا.

مېنىڭ سېتىۋالغىنىم ياۋروپا نۇسخىسى،
ئاخىرىدا سېتىۋېلىشنى خىيال قىلىۋاتقان دوستلارغا سامسۇڭ ھەميانى دىگەندەك نەرسىلەر زۆزۈز بولسا چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەگەردە ROOT ئېلىپ تېلېفون بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرۈدىغانلار بولسا  ياۋروپا نۇسخىسى ياخشى تاللاش بولىدۇ. سېتىۋالغاندا قايسى خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى تونۇيدىغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىۋېلىش كېرەك. چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى ئۈچ تورلۇق چىقىدۇ. قالدىسىنى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ تېما ئاستىغا تۇلۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

WechatIMG251.jpeg (128.15 KB, چۈشۈرۈش سانى: 10)

WechatIMG251.jpeg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
يىۋۇ شەھەرلىك بوكې ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شېركىتى http:

32ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
iltebir107 ۋاقتى: 2017-5-10 14:38:09
ياخشى تەرەپلىرى بولسا يېزىپ بېقىڭلار ....
تەۋسىيىلەش
sewriyar ۋاقتى: 2017-5-10 22:46:53
ئاۋۇ يانفۇنىڭىزنىڭ framework-res.apk  tvframework-res.apk   SecSettings.apk قاتارلىق ئەپلىرىنى مۇقىمراق بىر بوشلۇققا يوللاپ قويسىڭىز ئاۋۇ چىرايلىق كۆرۈنگەن « ئۇيغۇرچە » نىڭ ئەسلى كودىنى كۆرۈپ باقساق بولاتتى.
ئورۇندۇق
رۇھ ۋاقتى: 2017-5-10 11:32:37
راستىنلا ياخشى چىقىپت. ئەپسۇس پۇلىمۇ بەك قىممەت چىقىدىكەن
5-قەۋەت
8088 ۋاقتى: 2017-5-10 11:36:49
كومپىيۇتېر  قىلىپ ئىشلەتكىلى بۇلدۇ،دەۋاتتاتى قانداقكەن بۇ ئىقتىدارى
6-قەۋەت
qaynam ۋاقتى: 2017-5-10 11:56:03
باھاسى قانچىكەن
7-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-10 12:19:03
8088 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-10 11:36
كومپىيۇتېر  قىلىپ ئىشلەتكىلى بۇلدۇ،دەۋاتتاتى قانداقك ...

بۇنىسىنى ئىشلىتىپ كۆرمۈدۈم، ھەم قېپىدا ئۇنداق ئۇلايدىغان نەرسىسى يوق ئىكەن.
8-قەۋەت
pcchi ۋاقتى: 2017-5-10 12:45:33
ھەممىڭلانىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن دوسلار شىاۋمى6 توغۇرلۇق بىرەر تەسىرات تىمىسى يازساڭلا بۇلاتتى
9-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-5-10 12:45:43
ئالما مۇ ئۇيغۇرتىلىنى قۇشۇمچە تىل غا  قۇشۇپ قۇيۇپ  تىل بولاقنى قاتمىدى  ، سامسۇڭمۇ شۇنداق قىلمىسلا بولاتتىغۇ ،
10-قەۋەت
alim510 ۋاقتى: 2017-5-10 13:11:14
تېما يازغۇچى قېرىندىشىم ئالاقىلشىش ئۇندىدار ياكى چچ نۇمۇرڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن ئالاي دەپ ئالالمايۋاتمە s8نى ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بۇپتىكەن ياكى مىنى جالىسڭىزمۇ بۇلدۇ ئۇندىدار نۇمرۇم1846197921
11-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-5-10 13:21:32
ئاپپاراتىغا بار ئىقتىدارنىڭ ھەممىنى قوشۇۋەتتىمۇ نېمىدېگەن قالتىس.
12-قەۋەت
talba ۋاقتى: 2017-5-10 14:32:27
ياۋرۇپا نۇسقىسىنىڭ توكى ياخشى يېتەمدىكەن . مۇشۇ چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسقىسى بىلەن شىياڭگاڭ نۇسقىسىدىن باشقىسىنىڭ تۇكى ياخشى يەتمەيدىغان كەمچىلىكى بار ، بولمىسا باھاسى ئەرزان ئىدى
13-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-5-10 15:57:12
سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارلىرىچۇ ؟  تېز زەرەتلەش سىمسىز زەرەتلىنىش ئىقتىدارلىرىچۇ ، مۇشۇنىمۇ يېزىۋەت ىكەن بولسىڭىز؟
14-قەۋەت
mangsur520 ۋاقتى: 2017-5-10 17:24:06
سىتۋال غان دۇكان ئادرىسى نى يۇللاپ بىرەم سىز  باھاسى قانچە پۇل تەپسلى دەپبەرگەن بۇلسىڭىز  ئۈندىدار نۇمرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ
15-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-5-10 17:39:31
بۇ تىلفونى  دۆلىتىمزدە25-چىسا بازارغا سالىدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىم....
16-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-10 19:26:08
سېتىۋالغاندا قوشۇمچە سەپلىمىلىرىگە دىققەت قېلىڭلار، ھازىر بىر قىسىملار سەپلىمىرىنى باشقا تېلېفوننىڭكىگە ئالماشتۇرۇپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.

123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部