+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-3-31 11:10 3938 قېتىم كۆرۈلدى 37 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى كۈنى سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە Galaxy S8 Plus رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يانفونغا سامسۇڭنىڭ ئەڭ يوقىرى تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. بۇ تېخنىكىلار تېخى ئايفونغا ئىشلىتىلمىدى.

1. تولۇق ئېكران

سامسۇڭ Galaxy S8  كە قوش ئەگرى گىرۋەكلىك تولۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن. ئىگىللىگەن نىسبىتى %84 . گىرۋىكى ئىنتايىن تار،  iPhone 7 Plus  تىن 1mm كىچىك.

2. ئەگرى گىرۋەك

سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە Galaxy S8 Plus نىڭ ئەگمە گىرۋىكىمۇ ئالاھىدە ئېكران بولۇپ، ئەپلەرنى قوشۇشقا، تېزلەتمە بۇيرۇقلارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئەگمە گىرۋەكنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمى ۋە سىترېئولۇق ئۈنۈمى ئۆزگىچە.

3. كومپىيۇتېرغا ئايلاندۇرۇش

بۇ يانفونغا DeX Station تەمىنلگەن بولۇپ، سامسۇڭ Galaxy S8 غا DeX Station ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، ئېكران چېتىپ ئاندرويد سىستېمىلىق ئۈستەل كومپىيۇتېرىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كومپىيۇتېرغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئېكران كۆرۈش ئۈنۈمى 4K ، 30fps گە يېتىدۇ.

4. كۆز رەڭدار پەردىسنى تونۇش

ئايفونغا تۇنجى قېتىم بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەندىن كېيىن، ئاندرويد سىستېمىلىق بايراقدار يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلىۋاتىدۇ. ئەمما كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون پەقەت  Galaxy S8 . بارماق ئىزى تونۇشقا سېلىشتۇرغاندا كۆز رەڭدار پەردىسى ئارقىلىق ئېچىش تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بىخەتەر.
كۆز رەڭدار پەردىسنى تونۇشنىڭ توغرلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى بولۇپ، خاتالىق پەرقى 100 مىليون:1 ، بارماق ئىزى تونۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە يوقىرى. بارماق ئىزى تونۇشنىڭ خاتالىق پەرقى 100 مىڭ:1

5. چىراي تونۇش

Galaxy S8 كە بارماق ئىزى، كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇشتىن باشقا يەنە چىراي تونۇش ئىقتىدارىمۇ سەپلەنگەن. 0.01 سېكۇنتتا ئادەم چىرايىنى تونۇپ قۇلۇپنى ئېچىپ بولىدۇ. چىراي تونۇشنى ئىشلەتسە ئارقا تەرەپتىكى بارماق ئىزىنى تونۇشنىڭ ئاساسەن ھاجىتى قالمايدۇ.

6. Bixby ئاۋاز ياردەمچىسى

ئايفونغا خېلى بۇرۇنلا ئاۋازلىق ياردەمچى  Siri ئىشلىتىلگەن. ئەمما تەرەققىيات سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ قالدى. كېيىن گوگۇلنىڭ ئاۋازلىق ياردەمچىسى ۋە مىكروسوفتنىڭ Cortana چىقىپ Siri دىن ئېشىپ كەتكەن، ھازىر چىققان سامسۇڭ Bixby يۇقارقى ھەممىسىدىن ئىلغار.
Bixby تېخىمۇ مۇكەممەل، Bixby نى قوللايدىغان ئەپلەردا ئاۋازلىق بۇيرۇق ئېكران چېكىپ مەشغۇلات قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. يەنى ئېكراننى باسمايلا ئەپلەرنى ئاۋاز ئارقىلىقلا كونترول قىلالايسىز دېگەن گەپ. Bixby تېخىمۇ رايىش. سۆزلىگۈچىنىڭ بۇيرۇقى تولۇق بولمىسا ياكى سۆزلەرنىڭ تەرتىپى قالايمىقان بولسىمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ.

7. Bixby Vision
Bixby Vision قا رەسىم تونۇش، يېزىق تونۇش ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان. يانفوندا رەسمگە تارتسا رەسىمنى، مۇھىتنى تونۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. Bixby Vision يەنە 50 تىن كۆپ تىلنى تەرجىمە قىلالايدۇ. 3-تەرەپ ئەپ ئاچقۇچىلىرى Bixby Vision نى ئىشلىتىپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتەلەيدۇ.

8. 10nm لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ

سامسۇڭ Galaxy S8 گە ئىشلىتىلگەن كۋالكوم 835 تىپلىق CPU ، ۋە سامسۇڭ Galaxy S8 Plus گە ئىشلىتىلگەن Exynos 8895  تىپلىق CPU نىڭ ھەممىسى 10nm لىق تېخنىكا ئىشلىتىلىپ ياسالغان. ئىقتىدار ياكى قۇۋۋەت جەھەتتىن بولسۇن زور دەرىجىدە يېڭىلانغان. iPhone 7 نىڭ CPU سى 16nm لىق تېخنىكىدا ياسالغان. ئالما  10nm لىق CPU ياساشنى نۆۋەتتە جىددىي تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

9. سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى

سامسۇڭ Galaxy تۈرىدىكى يانفونلارغا سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىگىنىگە خېلى بولدى. Galaxy S8 گىمۇ سامسۇڭ شىركىتى ئۆزىنىڭ سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى ئىشلەتتى. ئايفونغا تېخىچە سىمسىز زەرەتلەش ئىشلىتىلمىدى. iPhone 8 كە ئىشلىتىلشى مۇمكىن دەيدىغان پاراڭلار بار.

10. تېز زەرەتلەش تېخنىكىنىسى

سامسۇڭ Galaxy S8 كە Qi 4.0 تېز زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. 5 سېكۇنت زەرەتلەپ، 5 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (تېز زەرەتلىدىم دەپ پارتىلاپ كەتمىسىلا، قالغىنى S8 نى ياسىغان ئىنژېنىرغا ئامانەت)

سامسۇڭ Galaxy S8 نىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسى 750 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 5165 يۈەن) دىن باشلىندىكەن، ياۋروپادىكى باھاسى 799 ياۋرو (تەخمىنەن 5920 يۈەن) دىن باشلىندىكەن.
Galaxy S8 Plus نىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسى  850 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 5854 يۈەن) دىن باشلىندىكەن، ياۋروپادىكى باھاسى 899 ياۋرو (تەخمىنەن 6660 يۈەن) دىن باشلىندىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا تۆنۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى تور بېتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سامسۇڭ تور بېتىدىن سىستېما، ئەپ چۈشۈردىغانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرۋېلىڭلار.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن9 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

37ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
aski心 ۋاقتى: 2017-3-31 11:27:28
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇن كەن شۇ تېلفۇن نى قاچانلاردا ئىشلىتەرمىز ھە
گىلەم
13579658173 ۋاقتى: 2017-3-31 11:29:42
بەك قالتىس چىقىپتۇ.لېكىن باھاسى بەك قىممەتمۇ نېمە.مەن ئالالمىغۇدەكمەن.
ئورۇندۇق
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-3-31 11:40:03
3 يىلدىن كىيىن 2000 كويغا ئالغىلى بولامىكى
5-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-3-31 11:55:05
ھەممە تېخنىكىنى سامسۇڭ چىقىرىۋاپتۇ ئەمدى باشقا شىركەتلە سامسۇڭنىڭ كەينىدىن ماڭمىسا ئامال يوقتەك قىلىدۇ
6-قەۋەت
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-31 12:05:44
ھەقىقەتەن بەك ئېلغاركەن ،لىكىن باھاسى بىر ئاز قىممەتكەن ،لىكىن ھەممە نىمە پۇلغا چۇشلۇق بولىدۇ ئەمەسمۇ،ھىچقىسى يوق بارا بارا ئەرزانلايدۇ ،بۇرۇن كىچىك ېاقلىتمىزدا ئكرانلىق تىلفۇن دىسە قانداق نىمىدۇ ،دەيتۇق مەنا ھازىر  بىر ئائىلدىن  ئىزدىسە 5...6 سى چىقدۇ ، ھاشىر ئالالمىساق كىيىن ئەرزانلىغاندا ئالساقمۇ بولدىغۇ،،ھەممە نەرسىنى ئىھتىياجىمىز غا قاراپ سىتۋالساق شۇ ياخشى ئەمەسمۇ،،قانداق دىدىم باللا ،،
7-قەۋەت
mustafa007 ۋاقتى: 2017-3-31 12:09:13
ھەئە، ئىنتايىن توغرا دېدىڭىز شۇنداق
8-قەۋەت
بىلگار ۋاقتى: 2017-3-31 12:10:53
5سىكونت زەرەتلەپ،5سائەت ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاشۇ بىخەتەرلىك دەرىجىسىدىن مەسىلە چىقمىسا، باشقا جەھەتتە زور نەتىجىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيدىكەن.....
9-قەۋەت
18016942061 ۋاقتى: 2017-3-31 12:11:39
ئقتىدارىغا قارىغاندا ئۇنچە قىممەتمۇ ئەمەسكەن لىكىن مەن ئالالمىىغۇدەكمەن
10-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2017-3-31 12:25:35
تېخنىكىلارنى ھەممىنى بىر قۇشۇپ ئىشلىگۈچە ،ئالما يانفوندەك يىلدا بىرنى قۇشۇپ ئىشلەپ قويسا زور ئالقىشلانغان بولاتتى
11-قەۋەت
isil0996 ۋاقتى: 2017-3-31 12:25:58
بىز سېتىۋالساق  نەدىن سېتىۋالىمىز جۇڭگۇدا  ساتمامدىكەن يا
12-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-3-31 12:30:40
ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىپ كەتتى. پۇلىنىڭ قىممەتلىكىنى دىمىسەم بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ قۇياتتىم.
13-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-3-31 12:33:47
alipalim يوللىغان ۋاقتى  2017-3-31 12:25
تېخنىكىلارنى ھەممىنى بىر قۇشۇپ ئىشلىگۈچە ،ئالما يانفو ...

سىز تاش ساناپ بولغىچە ئۇلار قۇم سانايدۇ
بازار ئۇلۇشى تالىشىش ئارقىلىپ قىممەت يارىتىپ شىركەتنىڭ پىيىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ ھەم كۇندىن كۇنگە يىڭى تىخنىكىلار چىقىۋاتقاندىكىن ئەنسىرەش بى ھاجەت
ئەگەر سىز دىگەندەك قىلسا باشقا تىلفۇنلاردىم ئانچە پەرقى قالمايدۇ   ئالما بىلەن ئاندىروئىد تۇپتىن ئوخشىمايدۇ
ئاندىرويىد تىلفۇننى نۇرغۇن شىركەت ئىشلەيدۇ ئالمىنى بىرلام شىركەت   شۇڭا   رىقابەت كەسكىن
14-قەۋەت
atiwa007 ۋاقتى: 2017-3-31 12:34:26
ھەي    بۇ  سامسۇڭ  خومې كۇنۇپكىسنى يوق ىلۋېتىپتۇ دە .  باشقا  تېلفۇنلار سامسۇڭ نى دوراپ  خومې كۇنۇپكىسى  ئورناتقان ئەمدى  قاندا قىلا باشقا ماركىلار
15-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-3-31 12:54:49
پەيزىدەك قىلدۇ  قېلى  بىر  بازارغا  سېلىنسۇنچۇ يارسا  ئالامەن
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部