+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:5 كۈن بۇرۇن 1257 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما شىركىتى بۈگۈن ئەتىگەن iOS 11.2.2 نىڭ رەسىمىي نەشىرىنى تارقاتتى. بۇ نەشىرىدە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يېڭىلاش قىلىنغان. ئالما ئىگە تەرەپ iOS11 نى قوللايدىغان تۆۋەندىكى تىزىملىكتىكى ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى چوقۇم iOS 11.2.2 نەشىرىگە يېڭىلاش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.


iOS11 نى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر:
iPhone X、iPhone8、iPhone8 Plus、iPhone7、iPhone7 Plus、iPhone5s、iPhone SE、iPhone6/Plus、iPhone6s/Plus
9.7 iPad、iPad Air、iPad Air 2、iPad Pro(9.7/12.9 一二代、10.5 英寸)、iPad mini 2、iPad mini 3、iPad mini 4, iPod Touch 6

iPhone5、iPhone5c、iPad4 قاتارلىقلار iOS11 نى قوللىمايدۇ.

iOS 11.2.1  گە يېڭىلاپ بولغان iPhone X نىڭ بۇ قېتىمقى يېڭىلاش ھۆججىتى ئاران  75.5 MB ؛ باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپى، iOS نەشىرىگە قاراپ يېڭىلاش ھۆججىتىنىڭ سىغىمى ئوخشىمايدۇ.


بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا يېڭىلانغان ئىقتىدارلار:
1.  Safari تور كۆرگۈچتىكى Spectre بىخەتەرلىك يۇچۇقى ئوڭشالغان. بۇ يۇچۇقتىن خاككىرلار پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچى خەۋەرسىز ئەھۋالدا ئۈسكۈنىڭىزدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاسانلا ئوغرىلىيالايدۇ.
2. ئايفون باتارىيەسىنىڭ توك سەرپىياتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، توك يىتىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى.
3. بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا Apple Pay Cash شەخسى مېمۇرىيال قىلىش ئىقتىدارنى رەسمىي ئاچتى. ئىشلەتكۈچى Apple Pay دىكى دوستلىرى بىلەن پۇل كىرىم-چىقىم قىلالايدۇ.
4. iPhone 8/Plus ۋە  iPhone X  تە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7.5 ۋاتلىق Qi سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ.


يېڭىلاش ئۇسۇلى:
iOS نىڭ ھەقىقىي ئىشلەتكۈچىلىرى OTA ئارقىلىق بىۋاستە يېڭىلىسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ iTunes ئارقىلىق يېڭىلىسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iTunes نى قوزغىتىپ، Shift+更新 نى بېسىپ، چۈشۈرۋالغان يېڭىلاش ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
んì丫ǎしíℳ ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
بۈگۈن تېلىفۇنۇم قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى ،نىمىشتۇ بۇ دەپ يۈرسەم يېڭى نەشرى چىقىپتىكەن ئەمەسمۇ  
گىلەم
$BashbugH$ ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
مەن 5s نى يېڭىلىسام تېلېفون كېسەك بولدى،  يېڭىلاشتىن بۇرۇن ساپساق ئىدى،  يېڭىلىغاندىن كىيىن تېلفۇندا ھىچقانداق ئىنكاس يوق،  ئېكرانمۇ  ئېچىلمىدى،  قاپقارىلا تۇرىدۇ،  بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ،  بىلىدىغانلار بىكىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر…
ئورۇندۇق
Muhajir31 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
んì丫ǎしíℳ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-9 20:02
بۈگۈن تېلىفۇنۇم قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئى ...

ماۋۇ گەپ قىززىق گەپ بولدى ھە!
يېڭى نەشىر چىقسا كونا نەشىردىكى تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى قېتىۋالدىغان ئىش بامىكەن. بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن.
5-قەۋەت
萨太 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
Muhajir31 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 14:53
ماۋۇ گەپ قىززىق  ...

iphone se  ەدى  سىناپ  پاعايىن    جاقسى جامانىن  ايتام
6-قەۋەت
پارىژ11 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
Muhajir31 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 14:53
ماۋۇ گەپ قىززىق  ...

مۇنداق ئىشلار بار ، ئالمىدىلا ئەمەس شىياۋمىنىڭ ئېچىۋىتلگەن نەشرىدىمۇ يېڭىلاش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋېلىپ تۇرۇپ ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېڭىلىمىسىڭىز ، تېلىفۇن دا ھەر خىل نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ ، چىرىغى يانماسلىق ئاۋازى چىقماسلىق دىگەندەك، يېڭىلىسىڭىز ئاندىن ئوڭشىلىدۇ
7-قەۋەت
wali0993 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
نەشىرنى كۆتۈرۈپ بولۇم تەڭشەك ئىچچىدىكى تىل نى تەكشۈرۈپ باقسام ئويغۇر تىلى يوقكەن ،بىراق قوشۇمچە تىل بۆلگىدە ئويغۇرچە تىل تاللاش باكەن ،شۇنۇڭ بىلەن ئويغۇرچە تىلنى تاللسام ئىكرانغا ۋاقىت ھەم چىسلا ئويغۇرچە كۆرۈندى،،،،
8-قەۋەت
ablikim117 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:48
ئالما تىلفوننى تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى پەچەت تونۇيدىغان قىلىۋەتتۇق

IMG_20180113_144157.jpg (153.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20180113_144157.jpg

IMG_20180113_144248.jpg (185.43 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20180113_144248.jpg

IMG_20180113_144233.jpg (145.31 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20180113_144233.jpg

IMG_20180113_144521.JPG (78.19 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20180113_144521.JPG

IMG_20180113_144330.jpg (176.32 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20180113_144330.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部