+تېما يوللاش
alptegin يوللانغان ۋاقتى:2016-1-21 22:43 2854 قېتىم كۆرۈلدى 40 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alptegin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-21 22:47  


  مىكروسوفت ئالدىنقى يىلى Windows Phone ھەۋەسكارلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر قارار چىقارغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئالدىنقى يازماندا( «Win10 Mobile مەغلۇب بولدىمۇ؟» قىزىققۇچىلار ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ)  دېگەن تېمىدا بىر قاتار قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ تاراتقۇلاردا Win10 Mobile نىڭ رەسمىي نەشرى 1-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، دېگەن خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. بىراق مىكروسوفت تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي كەلدى. بۇ يازمامدا  Win10 Mobile نىڭ تاقىتىشلىش ۋاقتى نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى چۆرىدىكەن ئاساستا كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
  1. Project Astoria تۈرىدىن ۋاز كېچىش. بۇ قانداق تۈر دېگەندە Win10 Mobile غا ئاندرويد ئەپلىرىنى قوللايدىغان مۇھىت ھازىرلانغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى بۇ تۈر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە مىكروسوفت ئىپادە بىلدۈرۈپ، قالدرۇۋېتىشنى قارار قىلغاندەكمۇ قىلغان، بىراق ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ تۈردىن ۋاز كېچىشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، قايتا قوزغىتىشقا كۈچەيدىغانلىقىنى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ياخشى تەرىپى مىكروسوفت Project Astoria تۈرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جەزملەشتۈرمىدى.
  2. نەچچە كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان iOS سۇپىسىدىكى ئەپلەرنى Win10 Mobile يۆتكەش ھەققىدىكى خەۋەر ۋە Windows Bridge for iOS قورالىنى ئىشلىتىش دەرسلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى iOS ئەپلىرىنىڭ Win10 Mobile يۆتكەش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىنىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.
  3. مىكروسوفت Lumia 950 / 950XL تىپلىق بايراقدار لۇمىيا ماركىسىدىكى تېلېفونىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەرزان تىپتىكى بىر ئىككى تىپتىكى لۇمىيا تېلېفونىنىمۇ ئېلان قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ تېلېفونلار مىكروسوفت NOKIA تېلېفون كەسپىنى ئۆزىگە قېتىۋالغاندىن كېيىن چىقىرىلغان تېلېفونلار بولۇپ، بۇ مىكروسوفتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى Lumia يان تېلېفونى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى چوڭراق، چۈنكى مىكروسوفت Surface Phone نى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمدى مىكروسوفت ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باھالىق بازارغا يۈرۈش قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
  4. بۇنىڭدىن كېيىنكى يان تېلېفونلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە يېڭى تېخنىكا بەك كۆرنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. پەقەت قاتتىق دېتاللار سەپلىمىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، باتارىيەنىڭ توكىنىڭ يېتىش ۋاقتى ئۇزىرىشى، توكلاش ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى ۋە كامېرا جەھەتتە رىقابەت كەسكىن بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ خىل رىقابەت ئاندرويد ۋە WindowsPhone لاردا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئەۋج ئالغان ئىدى، بۇ سەپكە iPhone قېتىلدى. بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى iPhone6 دىن باشلاپ ئېكراننىڭ چوڭىيىشى بولدى.
  5. ئاندرويد پىشىپ يېتىلىدۇ. جوبس بار ۋاقتىدا ئالما شىركىتى ئىزچىل ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن، بىراق جوبستىن كېيىنكى مەھسۇلارلاردا ئادەمنى بەك ۋاي دېگۈزگىدەك يېڭىلىق بەك ئاز. ئالما سىستېمىسى ئاندرويد سىستېمىسىدىن بەزى ئىقتىدارلارنى كۆچۈردى. ئاندرويد سىستېمىسىلىق تېلېفون كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ. مەيلى سەپلىمە جەھەتتىن بولسۇن ياكى سىستېمىنىڭ كۆركەم ۋە مۇقىملىقى جەھەتتە بۇ ئىككى يىلدا ياخشىلىنىش خېلى كۆرنەرلىك بولدى. ئاندرويد سىستېمىسى مۇشۇ بويىچە ئىلگىرلىسە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن «پىشقان» سىستېما بولالىشىدا ئۈمىد بار.
  6. مىكروسوفت كەلگۈسىدە مۇقەررەر بولىدىغان بىر يۈزلىنىشنى Windows10 ئىكىلوگىيە سىستېمىسىغا سىڭدۈردى. Win10 UWP بولسا PC، تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون ئەپلىرىنى Win10 UWP ئۆلچىمىدە ياسىسىڭىز ئاۋۇ ئۈچ سۇپىدا بىمالال ئىجرا بولالايدۇ. يەنە تېخى بۇنىڭغا ئاندرويد ۋە iOS ئەپلىرىنى قوللاش قوشۇلسا يان تېلېفون بازىرىدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن سىز قايسى سۇپىدا ياخشى ئەپ بار بولسا WindowsPhone غا قاچىلاش ئارقىلىقلا ئۇ ئەپلەر ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز. بۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، مىكروسوفت بۇ ئىشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ھەم مۇندىن كېيىنكى ئەپلەر ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ يۈزلىنىشى. Win10 UWP ئۆلچىمىدە ياسالغان ئۇيغۇرچە ئەپ قايسى دەپ سورىسىڭىز: http://bbs.izdinix.com/forum.php ... 5%D9%84%D8%A7%D8%B1 ئادرېستىكى «ئىسىملار» دېگەن ئەپتۇر. بۇ ئەپ PC، تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون ھەممىسىدە ئورتاق ئىجرا بولالايدۇ، ئىشەنمىسڭىز سىناپ بېقىڭ.
  دېمەك يۇقارىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى مىكروسوفت Win10 Mobile نى ئارقا ئارقىدىن كېچىكتۈرۈۋاتقان سەۋەنلەرنىڭ نېگىزى. شۇڭا ئارىمىزدا WindowsPhone ئىشلىتىۋاتقانلار ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنمەڭلار، مىكروسوفت Win10 Mobile نىڭ رەسمىي نەشرىنى ئېلان قىلسىلا «ئەپ ئاز» دېگەن ھەرگىزمۇ باھانە بولالمايدۇ. سەۋر قىلىڭ، سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن WindowsPhone چىلار...
  مەنبە: ئالپبەگ تورتۇرايى: http://alpbeg.cn/
  ئۇچۇر-تېخنىكا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر ۋە خەۋەرلەرلەردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلاپ، ئالپبەگ سالونىغا ئەگىشىڭ.



  مەزكۇر يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى ئالپبەگ تورتۇرايىغا مەنسۇب، ھەرقانداق توربېكەت ياكى سالوننىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ.

logo.png (50.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 10)

logo.png
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

40ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1330076792 ۋاقتى: 2016-1-22 00:10:13
گىلەم
1330076792 ۋاقتى: 2016-1-22 00:11:20
ياكى ئالما ئاندىروئىدقا  كۆچۈڭلار

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
ئورۇندۇق
1330076792 ۋاقتى: 2016-1-22 00:18:42
ئەگەر  ئۇ ئەمەلگە ئاشسا  windowsphone ئەقلىفونلارنىڭ خوجىسى بولغىدەك
5-قەۋەت
qq740404647 ۋاقتى: 2016-1-22 00:31:37
ئېكران چىقىلىپ كەتكەن 920دىن بىرسى بار ئىدىئۈچ ئايدىن بىرى تاشلاپ قويغان يەنەW P كە چىدىماي Android بىلەن چىقىشالماي تولا قىتىۋىلىپ ، ئاۋۇ 920 غا ئېكران زاكاس قىلغان توردىن     يولدا كىلىۋاتىدۇ.  كونىراپ كەتكىچە ئىشلىتەي WP  قا كۆنەپ قالسا باشقا تىلفۇن ئىشلەتكىسى كەلمەيدىكەن دىسە.
6-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2016-1-22 09:21:50
ھەي مەنمۇشۇ ۋىندوۋىسنى ئەپلىرى ئازۋە ئۇيغۇرچە ئۇچۇريىزىش قولايسىزدەپ ئالماشتۇرۋىتىپتىكەنمەن،يىقىندىن بىرى بىرنەچچەدوستۇمنىڭ تىلىپۇئىنى wp10 سىستىمىسىغا كۆتۈرەپ بەرسەم مەندىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئاساسى جەھەتتىن تۈگىگەن لىكىنى بىلىپ يەنەشۇ تىلىپۇنلارنى ئالايمىكىن دەۋاتىمەن،قولۇمدىكى مىيزۇ مىتالنى مۇۋاپىق ساتالىسام چوقۇم ئالىمەن،

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
7-قەۋەت
ئاق تۇلپار ۋاقتى: 2016-1-22 09:57:26
قانچىگە ساتىسىز مىيزۇ مىتالنى؟
8-قەۋەت
mardan123 ۋاقتى: 2016-1-22 10:55:03
رەھ0ئەت
9-قەۋەت
akax178 ۋاقتى: 2016-1-22 14:46:26
قېرىنداشلار مۇشۇ 928نىڭ سېستىمىسىنى كۆتۇرگىلى بولمامدا ھازىرقى نەشىرىwindowsphone8.1تى
10-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2016-1-22 14:57:45
مەنمۇ 830دىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم.نەشىرنى 10 غا كۈتۈرەي دىسەم ھەققى نەشىر بولمىغاندىكىن تازا نۇرمال ئىشلىمەي قىلىشدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
11-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2016-1-22 15:02:50
akax178 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 14:46
قېرىنداشلار مۇشۇ 928نىڭ سېستىمىسىنى كۆتۇرگىلى بولمامدا ...

كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ.ۋىندوۋۇس ئىنسىدىر دەيقان ئەپنى چۈشۈرۈپ ئاندىن كۆتۈرسىڭىز.مۇشۇ يەردىلا چۈشەندۈرۈپ قۇياي دىسەم مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەتنى 8.1 نەشىردە قەلەم ناملىق ئەپدە كۈچۈرۈپ چاپلاپ يېزىۋاتقاچقا سەل ئاۋارچىلىق بۇلۇپ قالدى.چ چ نى قۇشۇڭ مەن ياردەم قىلاي 2632291833
12-قەۋەت
samsak0997 ۋاقتى: 2016-1-22 17:35:27
مەنمۇ ئەپلىرى ئاز دەپ 930لىڭنى سېتۋەتكەن mx4 pro xiaomi note alma 5s قاتارلىقلانى ئشلەتتىم سۇرەت تىز لىكىن لۇمىيا 930 دەك ھۇزۇر يوق چىداپ بۇلالماي لۇمىيا 929دىن بىرنى ئالدىم ئەمدى 950xlدىن بىرنى ئاغۇچە مۇشنى ئشلىتمەن wpئشلىتۋاتقانلا ئويلۇشۇپ سېتىڭلا بەرىبىر يەنە wp ئشلىتسىز
13-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2016-1-22 20:00:03
samsak0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 17:35
مەنمۇ ئەپلىرى ئاز دەپ 930لىڭنى سېتۋەتكەن mx4 pro xiaomi note alma 5s ...

ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. مەن لۇمىيا 1520نى سېتىۋېتىپ، خوڭمى نوت 3نى ئالغاندىن بۇيان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىۋاتقاندەك شۇنداق ئەركىن، خالىغاننى قىلىپ يايراپ كەتكەندەك، تۈرمىدىن چىقىپ ئەركىن نەپەس ئالغاندەك  بولۇپ قالدىم.
14-قەۋەت
samsak0997 ۋاقتى: 2016-1-22 22:10:44
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 20:00
ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. مەن لۇمىيا 1520نى سېتىۋې ...

ئۇمۇ ئۇزىڭىزنىڭ كوز قارشى 6يىل تىلپۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ بۇگۇنكى كۇنلەگە كەلگەندە Samsung s6edgeدىن باشقا ئاندىرويد تىلپۇننىڭ ۋاي دىگۇچىلكى قاممىغانلىقىنى ھىس قىلدىم بۇمۇ ئۇزەمنىڭ شەخسى كوز قارشى
15-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-1-22 22:47:28
. Win10 UWP بولسا PC، تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون ئەپلىرىنى Win10 UWP ئۆلچىمىدە ياسىسىڭىز ئاۋۇ ئۈچ سۇپىدا بىمالال ئىجرا بولالايدۇ. يەنە تېخى بۇنىڭغا ئاندرويد ۋە iOS ئەپلىرىنى قوللاش قوشۇلسا يان تېلېفون بازىرىدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن
راسلام ، شۇنداق بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى  ،ھەم شۇنداق بۇلۇشنى
ئ‍ۈمۈت  قىلىمىز
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部