+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-5-30 05:52 762 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-30 06:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

تۈنۈگۈن ماڭا جىددىي بىر ئىقتىدار لازىم بولۇپ قالدى، يەنى ئەپتە تۇرۇپ مۇلازىمىتىرغا باش سۈرەت، بەزى قوشۇمچە ھۆججەت قاتارلىقلارنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى،
توردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئىزدىدىم، كارغا كەلگۈدەك ھىچ بىر نەرسە باردەك ئەمەس،
ئىزدەپ تاپقانلىرىم ماڭا پەقەت يارىمىدى، شۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈن ئەتتىگەندىن كىچكىچە شۇ ئىشلار بىلەن ئىتىشىپتىمەن،
زادى تۈزۈك بىر نىمە تاپالمىدىم،
شۇ ئاچچىقىمدا بولدى، ئۆزەملا قىلاي دەپ تۈنۈگۈن كىچىچە بىر كىچە ئۇخلىماي رەسىم چىقىرىش ئۈچۈن ئامبار يازدىم،
نىمىسى نىمە بولدى form دىگەننى from دەپ يىزىۋىلىپ نەچچە سائەت بىكاردىن بىكار ئاۋارە بولغانمۇ بولدۇم،

ئىشقىلىپ ئۆزۈمگە يارىغۇدەك بىر نەرسە بولۇپ قاپتۇ،
يىقىندا Kotlin غا كۆچۈۋاتقانلار بولسا ئاز بولسىمۇ ئىشلىتىپ بىقىشى ئۈچۈن يىرىم كىچىدە تېما يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن

خوش، ئۇنداقتا گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك

نىمىشقا مەن يازغان بۇ ئامبارنى ئىشلىتىسىز؟

1. ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي، يەنى مىنىڭ بىرىنچى تەلىپىم، پەقەت بىر فۇنكىسىيە بىلەنلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولىشى، ئالدىرىغاندا تىز ئىشلىتىپ كەتكىلى بولىشى كېرەك، يەتتە پاتمان تەڭشەكلەرنى تەڭشەيدىغان ئىش بىلەن خوشۇم يوق
2. ھۆججەت چىقارغاندا ھۆججەتنىڭ چىقىرۋاتقانلىق پىرسەنتىنى بىزگە بىرىشى كىرەك، ھۆججەتنىڭ قانچىلىك چىقىپ بولغىنىنى بىلىشىمىز كىرەك،
3. قۇلايلىق بولىشى كىرەك، ئاددىي، ئىخچام بولىشى كىرەك، ئىقتىدارى تولۇقراق بولسۇن

يۇقارقى ئۈچ شەرىت ئاساسىدا يىزىپ چىققاچقا بۇلاردا مەسىلە يوق دەپ ئويلايمەن
ئىقتىدارلىرى:
يۇقارقى 3 شەرىتتىن باشقا Query, Header غا پارامىتىر قوشۇشنى قوللايدۇ،
GET, POST, PUT... ئىلتىماس شەكىللىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قوللايدۇ(سۈكۈتتە Http Post)
بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ھۆججەت چىقىرىشنى قوللايدۇ
connectionTimeout, readTimeout, BufferSize قاتارلىقلارنى ئۆزى بەلگىلەشنى قوللايدۇ(سۈكۈتتە 10 سىكۇنىت ۋە 10 سىكۇنىت ۋە 8 كىلوبايىت)
ھۆججەتنى بىۋاستە چىقىرىشنى قوللاشتىن سىرىت InputStream دىن چىقىرىشنىمۇ قوللايدۇ،

Java نىڭ HttpUrlConnection دىن پايدىلىنىپ يىزىپ چىقىلغان، ئادەتتىكى http ئارقىلىق ھۆججەت چىقىرىدىغان تور بەت، مۇلازىمىتىر دىگەنلەرگە بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ

ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي، يەنى تۆۋەندىكى قوشۇمچىنى چۈشۈرىسىز
Ug-Project Views.zip (554.77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 16)
ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تېمىلىرىمدىكى Ug-Project Views دا نۆۋەتتىكى Http ھۆججەت چىقىرىش ئامبىرى يوق، مۇشۇ تەمىنلىگىنىم ئەڭ يېڭى


ئاندىن كودنى تۆۋەندىكىدەك يازىسىز




ماۋۇ سەل يۇقىرى دەرىجىلىكرەك ئىشلىتىش، يەنى پارامىتىر دىگەنلەرنى قوشۇپ دىگەندەك.
بىۋاستە فۇنكىسىيەگە mapOf بىلەن يىزىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ




شۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىلىپ تۆۋەندىكىسى ئۈنۈم رەسىمى



رەسىمنى كىچىككەن چاپاقكەن دىمەي كۆرگەچ تۇرۇڭ، سۈزۈك قىلىپ چىقارسام ھۆججەت چوڭلۇقى ئىشىپ كەتتى،


loading{

}

ئىچىدە بىۋاستە

it.currentItemIndex
نۆۋەتتىكى چىقىرۋاتقان ھۆججەتنىڭ ئىندىكىسى، كۆپ ھۆججەت چىقارغاندا نۆۋەتتىكى چىقىرۋاتقىنى قانچىنچى ھۆججەت ئىكەنلىكى
it.currentPercent
چىقىرىپ بولغان پىرسەنتى
it.currentPosition
نۆۋەتتىكى چىقىرىپ بولغان ئورۇن، بايىت بىرلىك قىلىدۇ
it.elapsedTimeMills
نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى چىقىرىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت، مىللى سىكۇنىتنى بىرلىك قىلىدۇ

لار ئارقىلىق نۆۋەتتىكى چىقىرۋاتقان ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئىرىشەلەيسىز


ئەسكەرتىش: ئادەتتە تور ئالاقىسىنى باش لىنيە ئۈستىدە ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن MainThreadException چىقىشى مۇمكىن، ھەل قىلىش ئۇسۇلى مەن كودتا يازغانغا ئوخشاش runAsync فۇنكىسىيەسىنى ئىشلىتىش(مۇشۇ ئامباردا تەمىنلەگلىك)، ئەمدى بۇ لىنيە ئىچىدە UI مەشغۇلاتى قىلماقچى بولساق runUI ئىچىدە مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ

Java دا ئىشلىتىپ باقمىدىم، شۇڭا Java دا ئىشلەتكىلى بولامدۇ ياق بىلمىدىم، شۇڭا بۇرۇنراق كۆچىۋىلىڭ


ھەر قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس سىلەرگە كەتتى.
ياخشى ئىنكاس بولسا مىتكوتلاپ بىر نىمە يىزىپ قويارسىز ھىچ بولمىسا

ئۇخلىدىم.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن12 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
54545 ۋاقتى: 2017-5-30 09:46:28
بۇ كوتلىن دېگەن ھەجەب ئاددىي قىلىۋېتىدىكەنغۇ كود دېگەننى. جاۋادا يازغان 50~60 قۇر مودېلنى كوتلىنغا ئايلاندۇرسام 10 قۇرغىمۇ بارمىدى. ئاندرويدنى ئۆگىنىپ بولۇپلا كوتلىنغا كۆچىمەن ئەمدى
گىلەم
1217 ۋاقتى: 2017-5-30 09:52:53
ھازىر بىزدە ئەپ ئېچىش ۋە تەرجىمە قىلىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلاردا خېلى تەجرىبىلەر بولۇپ قالدى. مەن تورلارنى بەك ئاختۇرۇپ كەتتىم ، بىزدە نەسەبنامە توغۇرلۇق بىرەر ئەپ ياكى يۇمشاق دىتال يوق ئىكەن. ماڭا ئەڭ يارىغان نەسەبنامە توغرىسىدىكى ئەپ MacFamilyTree . بۇنىڭ ئايفون ۋە ماك نۇسخىسى بار، مەن ماك نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم ئەمما مەن كود توغۇرلۇق ھىچ نەرسە بىلمىگەچكە ئىسىم-فامىلە ، يىل-ئاي-كۈن ۋە باشقا ئورۇنلاردا سۆزلەر ئالدى كەينى بولۇپ كەتتى.
ئەمدىكى پروگراممىرلارغا ئىلتىماس: مۇشۇنداق بىر ئەپ ياسالسا، بىزمۇ ھەقلىق سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك .
ئورۇندۇق
0502 ۋاقتى: 2017-5-30 10:03:24
رەھمەت قىرىندىشىم
5-قەۋەت
خام ۋاقتى: 2017-5-30 13:57:10
بۇ kotlinدىگەن تىل سىزنىڭ بىر نەچچە تېمىڭىز ئارقىلىق تونۇشقان بوپتىمەن، ھازىر JAVAنى ئۆگەنگەچ تۇراي، كىينچە kotlin غىمۇ پۇرسەت چىقىرارمەن، راس گەپ قىلسام مۇشۇ پروگرامما تىلى توغرۇلۇق تېمىلار ئالپتا سەل ئازكەن، تىخىمۇ كۆپ تېمىلىرىڭىزنى ساقلايمىز
6-قەۋەت
tursunxayar ۋاقتى: 2017-5-30 14:33:26
تېما ئىگىسى مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ نۇرغۇن ياشلارنى قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ياخشى ئەھۋال
7-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-5-30 17:45:31
كۆپ رەھمەت ساقلىۋالدىم
8-قەۋەت
aske. ۋاقتى: 2017-5-30 18:15:31
خام يوللىغان ۋاقتى  2017-5-30 13:57
بۇ kotlinدىگەن تىل سىزنىڭ بىر نەچچە تېمىڭىز ئارقىلىق تونۇ ...

مەنمۇ  شۇنداق ئويدا دەرسلىك ھەم ماتىرىياللار سەل ئاز بولسا ئۇستازلار كۆپىرەك دەرسلىك ئىشلەپ قويساڭلار بولىدۇ
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-5-30 21:39:44
دىققەت:::
Stream نى ByteArray غا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا يازغان بىر فۇنكىسىيەدە ئازراق كەمتۈكلۈك باركەن،
شۇ كەمتۈكلۈك تۈپەيلى
ok{

}

غا قايتىپ كەلگەن ByteArray يەنى توردىن قايىتقان نەتىجىنىڭ ئاخىرىغا ئۈنۈمسىز بايىت قوشۇلۇپ قالىدۇ،
نۆۋەتتە بۇنى ئوڭشاپ بولدۇم
كىيىنكى قىتىملىق يازمامدا قايتىدىن چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部