+تېما يوللاش
begmurad يوللانغان ۋاقتى:2015-3-27 00:16 2084 قېتىم كۆرۈلدى 35 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-27 00:58  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  شۇنداق قىلىپ پارىڭىمنى قىزىقىپ ئاڭلاپ قىزغىن ئىشتىراك قىلغان ئالىپتىكى قېرىنداشلارغا ۋە مۇنبەر باشلىقلېرىغا رەھمەت ئىيتىمەن.
ئالدىنقى يازمامدا تىخى ئەمدى شۇ يانفۇندا تىلفۇن ئۇرۇش بىلەن ۋاي فاي ئارقىلىق تورغا چىقىشنى سۆزلەپتىمەن. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان يەنە شۇ ۋپ بىلەن ئىيتىشىپ يۈرىمەن. كاسەپەتنىڭ بەزى بىر ئاۋارىچىلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئايفۇندىن قىلىشمىغۇدەك. مۇنداق دىسەم بەزىلەر پو ئاتتى دىيشى ياكى بىر تەرەپلىمە دىيىشى مۇمكىن. قىنى تەپسىلاتىغا قۇلاق سالايلى...
ئە ....ئۈ......  مەن lumia520 نى ئالغان ۋاقىتتا سىستېمىسى 8.0 ئىدى. دەسلەپ تىلفۇنغا بىرىنچىلاپ نىمە ئەپ چۈشۈرگەن بولغىيدىم ئۇنتۇپ قالدىم ئىشقىلىپ ھۈججەت باشقۇرغۇچ، ئەخلەت تازىلاش قۇرالى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئويلاشتىم.
ۋپ 8.0 دە  سىستىمدا ھىچقانداق ھۆججەت باشقۇرۇش دىتالى يوقكەن. مەن مىكروسوفىتنىڭ ئەپ بازىرىدىن ئىزدىتىپ بىرمۇنچىسىنى سىناپ باقتىم. ئەلۋەتتە سىز 8 G سىغىم بار بىر ئەقلىي تىلفۇنغا يەنە تىرناق كارتا سىلىپ ئىچىدە نىمە بار نىمە يوق؟ ئۇلارنى قانداق كۆرۈشنى ئويلىماي تاشلاپ قۇيالمايسىز دە. ئەپ بازىرىدا ---- ئەپ بازىرىنىڭ گىپى چىقىپ قالدى. مىكروسوفىتىنىڭ ئەپ بازىرىغا چىقىپ ئەپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن سىزدە مىكروسوفىتنىڭ ئىلخەت ھىساباتى بۇلىشى كېرەك. بۇ يەردە ۋپ ئۈچۈن گۇگولنىڭ ھىساباتىمۇ بۇلىدۇغۇ دەيمەن. ئەمما ھەممىمىز بىلىمىز گۇگولنىڭ ئىلخەت مۇلازىمىتى رايونىمىزدا قەتئىي ئىچىلمايدۇ. ئەمدى شۇ خەلقئاردا گۇگولنىكىدىن باشقا نۇرغۇن ئىلخەت لىنيەلېرى بولسىمۇ ئەمما مەن مىكروسوفىتىنىڭ ئلخەت مۇلازىمىتى outlook باشقىلېرىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. دۆلىتىمىزنىڭ QQ دىگەندەك ئىلخەت مۇلازىمەتلېرىنى خەلقئارانىڭ ئىتراپ قىلمامدۇ ياكى ئىشقىلىپ مەن بىر قانچە يەردە سىناپ بىقىپ ئاقتۇرالمىغان. outlook- ئىنگىلىزچە out سىرتىغا دىگەن مەنىدىكى (مەسلەن come out  چىقىڭ ياكى سىرتقا چىقىڭ دىگەن دەك) بىلەن look قاراش ، كۆرۈش دىگەن مەنىدىكى ئىككى سۆزدىن بىرىكىپ كەلگەن سۆز بۇلۇپ مەنمۇ دەسلەپ ئىشلەتكەندەك بۇ ئىلخەت سەل قۇلايسىزدەك ئىسمى ئادەمنىڭ ئىسىدە قالمايدىغاندەك بىلىنگەن ئەمما مەناسى بىلەن ئەستە ساقلىسىڭز ئىسىڭىزدە ئاسان قالىدىكەن. مىنىڭ مىكروسوفىت outlook ئىلخەت ئادىرىسىم بولسا begmurad1 。شۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ گىپىگە كەلسەك ۋپ 8.0 دە تۈزۈكرەك ھۆججەت باقشۇرغۇچ يوقكەن. بىر قانچىسى باركەن باشقۇرىدىغنى پەقەتلا ھۆججەت قىسقۇچكەن ئۇنىڭدىن باشقا ھىچنىمە قىلالمەيدىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە خەنچە ئىسمى 资源管理器 دەيدىغان ھۆججەت باشقۇرغۇچ ھەقسىز لېرىنىڭ ئىچىدىكىسى ئەڭ نوچىسى. ئەمما ئەڭ نوچىسى دەپمۇ شۇ پارتىزانلىق ئوسولدا ئالدى بىلەن تىلفۇنىمىزنى كومىيوتىرغا چىتىپ بىز كۆرمەكچى بولغان مەسلەن ؛ MP4 شەكلىدىكى بىر فىلىم ھۆججىتى بولسا ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن كومپىيوتىردا فىلىم ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن  نامى MP4 نىڭ كەينىگە بىر دانە y  ھەرپىنى قۇشمىسىڭىز ئۇقيالمايدۇ. بۇ y نى يا تىلفۇننىڭ ئۆزىدە قۇشۇپ قويغىلى بولمايدۇ. فىلىم قويغۇچلارنىڭ بىرىمۇ MP4  ، 3gp دىن باشقسىنى ئۇقۇيالمدى. مىنىڭ دەۋاتقانلېرىم ھەقسىزلېرى ھە. يەنە تىخى بىر تال txt شەكلىدىكى يازمىنىمۇ ئۇقۇش ئۈچۈن كىڭەيتىلگەن نامىنى txty قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئاندىن goodread دىتالىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن ئۇقۇغىلى بۇلىدىكەن. ئىشقىلىپ ھۆججەت باشقۇرۇش دىتالى بەكلا ئادەمنى قىينايدۇ. بۇ خەق سىستېمىنى چىقىرىپ ئاددىي بىر ھۆججەت باشقۇرغۇچىدەك ئەقەللىي ئەپنى تۇزمىگىنى نىمىسى دەپ ئىچىمدە قاقشىغانمۇ بولدۇم. تور كۆرگۈدىن opera迷你 نى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم يارىمدى. surfy دەپ بىر ئىنتايىن چىرايلىق تور كۆرگۈ بارئىكەن بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىپ رەسىمسىز كۆرۈش تەڭشىكىنى تاپالمىدىم. كىيىن بۇردەرلېرىمىز ياسىغان UC تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم. ئۇيغۇرچىنى بەك ياخشى قوللاپ كەتمىسىمۇ رەسىمىز كۆرۈش ھالىتىدە تەڭشىگىلى بۇلدىكەن. ئەمما بۇرادەرلېرىمىز مۇشۇ ۋپ غا كەلگەندە خېلى كۈچىگەندەك بىلىندى. ئەخلەت تازىلاش قۇراللېرىدىن 360 نى چۈشۈردۈم. ئاندىرويىدتىكى LBE ، mobogenie  تىلفۇن ياردەمچىلېرى ۋپ دا يوقكەن. ھازىرچە 360 خېلى قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. بىرىنچىدىن تىلفۇندا مەشغۇلات جەرياندا شەكىللەنگەن ئاز مىقداردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا ياردىمى بولدى. ئىككىنچىدىن  wifi ، كۆكچىش، كۆچمە خەۋەرلشىش 3ج تور ۋە ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىقلارنى ئىنتايىن قۇلايلىق ۋە تىز سۈرئەتتە ئىتىپ ئىچىش قا باشلاش تىزىمىلىكىگە تىزلەتمە چىقىرىپ قۇيۇشقا بۇلىدىكەن. يەنە توك مىقىدارىنى كۆرستىپ تۇرىدىغان قىلىپ ئىكرانغا چىقىرىپ قۇيۇشقا بۇلىدىكەن بۇ تەرەپلېرى ماڭا بەكلا قۇلايلىق ئىلىپ كەلدى.


ئۈندىدارنى قاچىلاپ ئۇنى بەھۇزۇر ئىشلىتىشكە باشلىدىم. كۆرۈنمە يۈزى، مەشغۇلات شەكلى ۋپ غا ماسلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۈندىدار ھازىر ئۇموملاشقان تور ئالاقە ۋاستىسى بۇلۇپ قالدى. ئۇندارنى قاچىلاپ ئىشلتىش جەريانىدا بايقىغان بىر ئىش شۇكى ۋپ دا ئۇندىدارغا كىرگەندە تىلفۇن نۇمرى ئارقىلىق كىرسىڭىز مەيلى تىلفۇن نۇمۇر ئۆزىڭىز نىڭ ۋە مەخپىي نۇمۇر تۇغرا بولسىمۇ كىرمەيدىكەن. بۇ چاغدا سىز بارمىقىڭىزنى يانغا سىيرىپ  qq نۇمرى ئارقىلىق كىرسىڭىز ئۇڭۇشلۇق كىرىپ كىتىدىكەنسىز. بۇ ئىككى دانە تىلفۇندا ئىككى دانە ھىساباتتا سىنالغان.
راستىنى ئىيتسام مەن بىر قانچە كۈنگىچە ۋپ دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئويلىماپتىمەن. ئىككى -ئۈچ كۈنلەر ئۈتكەندىن كىيىن  تۇيۇقسىز ئەپ بازىرىدىن ئىزدەپ باقايچۇ دەپ  uyghur دەپ ئىزدەتسەم بىر مۇنچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئەپلەر چىقتى ۋاھ بەك خوش بۇلۇپ كەتتىم . شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇيغۇرلېرىمىزمۇ بوش ئەمەسكەن. ئاڭلاڭلا خالايىق ۋ پ دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن قەتئىي ئەنسىرىمەڭ، بىر ئەمەس بىر قانچىسى بار ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇ بەلگىسى بار كىرگۈچنى قاچىلاپ بەكمۇ مەمنون بولدۇم. بۇ ئەپنى ئابلىكىم دىگەن پىروگىراممىر تۈزگەنىكەن.  ئۇيغۇرچىنى يىزىپ ئۇنى كۈچۈرۋىلىپ ئۈندىدار ۋە باشقا يىزىق كىرگۈزىدىغان جايلارغا چاپلىغىلى بۇلىدىكەن.

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىن كومپىيوتىر ھەۋەسكارلېرى شىركىتى تۈزگەن پۈتۈك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە بىر قانچە نامى چىقمىغان پىروگىراممىرلار تۈزگەن  ئۇيغۇرچە قازاقچە ، يەنە قىرغىزچىمۇ ئارلاشمۇ ئىشقىلىپ بىر قانچە كىرگۈزگۈچ بارئىكەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

35ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بىلىمچى ۋاقتى: 2015-3-27 10:39:14
ۋەلەيكۇم.ئەسسالام مەنمۇ خېلې قىزىپ قلاغان بۇ تىلفۇنغا   ئېغىرىشىپ قالمايدۇ  قېتۋالمايدۇ دىگەچكە قارسام ئەپ چۈشۈرۈش بىر ئاۋار چىلىقمۇ قانداق.  مەندەك تىلفۇن غا تۇكا بىرنىم قاچىلايدىغانلار غا.  تازا ماس كەلمەمدۇ قانداق.  
گىلەم
PADEQI ۋاقتى: 2015-3-27 10:42:11
يەنە بىر پايدېلىق تېما  ئەجەپ ياخىشى  ئىش بۇپتۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
ئورۇندۇق
abliz85 ۋاقتى: 2015-3-27 10:45:53
5-قەۋەت
tayir ۋاقتى: 2015-3-27 10:50:23
سېستىمىسىنى Win10 غا يېڭىلىسىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئۆزىدىلا بار.
خەنچىگە قارىغاندا تۈرۈكچىنى ياخشى بىلىدىغان قېرىنداشلار تىلىنى تۈرۈكچىگە تەڭشەپ ئىشلەتسىمۇ خېلى قولايلىق ئىكەن. ئۇيغۇرچىغا يېقىن بولغاچقا چۈشۈنىشمۇ ئاسانراق بولىدىكەن.
6-قەۋەت
755874 ۋاقتى: 2015-3-27 11:33:46
توكى قانداراق يىتىدىكەن  
7-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2015-3-27 11:51:07
  ئۇيغۇرچىنى يىزىپ ئۇنى كۈچۈرۋىلىپ ئۈندىدار ۋە باشقا يىزىق كىرگۈزىدىغان جايلارغا چاپلىغىلى بۇلىدىكەن.

چاپلىغىلى؟؟ چاپلىماي بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمامدىكەن؟
8-قەۋەت
yixiu ۋاقتى: 2015-3-27 11:58:51
lg g3سېتىلىدۇ چ چ30782795
9-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2015-3-27 13:00:08
alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 11:51
چاپلىغىلى؟؟ چاپلىماي بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمامدىكەن ...

چاپلىماي بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن. مەنغۇ ۋپ دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قۇلايسىز ھىس قىلمىدىم.
10-قەۋەت
ئالىپچى ۋاقتى: 2015-3-27 13:02:10
ھۆججەت باشقۇرغۇچىسى بولمىسا بۇ قانداق بولغىنى ؟  يەنە كېلىپ ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامىغا بىر ھەرپنى قوشۇش شەرتكەن. ئەپ قاچىلاشنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى دېمەيلى، ئېلخەت ئادرېسى يوقلار قانداق قىلىدۇ؟  مېنىڭغۇ outlokk خەت ساندۇقۇم بار ئىدى. ئەمما شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالدىم. يەنىلا ئاندروئدقا يەتمەمدۇ نېمە ؟
11-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2015-3-27 13:02:31
755874 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 11:33
توكى قانداراق يىتىدىكەن

قاتتىق دىتال تۇغۇرلۇقمۇ بىر نەرسىلەرنى دىمەكچىمەن.
12-قەۋەت
kitkat ۋاقتى: 2015-3-27 13:12:43
ئۇبۇنتۇنى تاشلاپ قۇيدىڭىزمۇ
13-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2015-3-27 13:14:18
بۇ سىستىمىنىڭ راۋانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، لىكىن ھۆجەت باشقۇرۇش قولايسىزكەن.
بىزدەك جەنۇپتىكىلەرگە تام ئاتلاش دىتالى بولمىسا كۆپ نەرسىلەرنى ئاچقىلى بولمايدۇ.

باھا سۆز

ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىز ئۈچۈن تام ئاتلىمايلى  ۋاقتى: 2015-3-27 13:55
14-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2015-3-27 13:19:34
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2015-3-27 13:00
چاپلىماي بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن. مەنغۇ ۋپ دا  ...

كىيىن ئۆزى چۈشۈرۇپ قاچلىغان كىرگۈزلەر بىۋاستە ئىجرا بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئۆزنىڭ كىرگۈزگىچىنى مەشخۇلاتتىن توختىتىپ ئۆزنى چۈشۈرۈپ قاچلىغاننى بىۋاستە يازغىلى بولمامدىكەن،،،
15-قەۋەت
1900 ۋاقتى: 2015-3-27 13:35:30
سېستىمىنى 8.1گە يىڭىلاپ مىروسوفت ئۆزى ئەپ بازىرىغا چىقارغان ھۆججەت باشقۇرىغۇچنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز، كومپىيۇتېر غا چېتىپ y ھەرىپلىرىنى قوشۇپ يۈرمەيسىز، ھۆججەت كۆرۈش ئاندىرويد نىڭكىدەكلام قولايلىق بولىدۇ، ھەم wifi, كۆك چىش ۋە توك پىرسەنتى قاتارلىقلارنى باشلاشقا تېزلەتمە چىقىرىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部