+تېما يوللاش
qinar120 يوللانغان ۋاقتى:2015-5-19 00:27 2745 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى

بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى
Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ.
(1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى
(2) Bing ئىزدەش ماتورى
(3) XBox ئويۇن سۇپىسى
(4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى)
ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.


attach]63940[/attach]2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بېيجىڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ، تىزىملىتىش ئادرېسى مانا:

https://beijing.build15.com/

بېيجىڭدىكى ۋاقتى ۋە شارائىتى بار قىزىققۇچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ ئاڭلاپ كېلىڭلار.

ئىككىنچى: ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار
بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ياكى ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.
(1) ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى)
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى)
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتى
(2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

ئۈچىنچى: ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتاللىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازنى تونۇش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئورۇنمۇ مۇنداق دېتالنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھەقسىز تارقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

تۆتىنچى: باشقىلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ مۇئەللىم باشچىلىقىدا ياسالغان مەۋھۇم ساياھەت قىلىش ۋە تېكىستلەرنى ئىما-ئىشارەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار ياساپ چىققان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇلارمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىرلىشىدۇ، ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سۇپىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يېڭى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

24ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
شاش0903 ۋاقتى: 2015-5-19 00:32:17
مۇشۇ ئ‍ەپ سېستىمىمىلارنى ئۇيغۇرچە قىلىشقا كۈچ چىقىرۋاتقان بارلىق بىلىم ئ‍ەھىلگە ئامەت ئ‍ۇتۇقلار يار بولغاي.

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
گىلەم
qinar120 ۋاقتى: 2015-5-19 00:36:59
ئورۇندۇق
intizar0991 ۋاقتى: 2015-5-19 00:53:27
ئ‍ۇيغۇر تىلى ،ئ‍ۇچۇن،تىرىشىۋاتقان،ئۇستازلارنىڭ،ئۇمرى،ئۇزۇن،بۇلسۇن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
5-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2015-5-19 00:56:39
بۇندىن كىيىن داۋاملىق كۆپىيشىگە تىلەكداشمەن.
6-قەۋەت
قابىس ۋاقتى: 2015-5-19 01:01:31
7-قەۋەت
ab1ajan ۋاقتى: 2015-5-19 01:07:19
Windows Phone دا رايۇننى ئۇيغۇرچىغا توغۇرلىسا تىزىملىكلەرمۇ ئوڭغا توغىرلىنىپ چىقىدىكەن،قارىغاندا شۇ تەرجىمىسىلا كەم ئوخشايدۇ،مۇشۇ ئىنكاسنى شۇ تېلفۇندا يېزىۋاتىمەن،ھوزۇرى باشقىچە
8-قەۋەت
ilterish ۋاقتى: 2015-5-19 01:41:47
رەھمەت سزگە
9-قەۋەت
lumia ۋاقتى: 2015-5-19 02:07:21
مەن ئالىمكامنىڭ بىلوگىنى كۈندە 3قېتىم يوقلايمە .   بۇ قېتىمقى يازمىلىرى  مىنى بەكلا خۇشال قىلدى 。   ۋىندوۋۇسفۇن10نىڭ ھەققى نەشىرىگەن ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قۇشۇلۇدىغانلىقىغا 90پىرسەنت  ئىشەنچىم با .
10-قەۋەت
dawutjan123 ۋاقتى: 2015-5-19 07:59:55
ئەجرىڭلار يەردە قالمغاي قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن،جاپا چەكتىڭلار ئۇستازلار،كۆپ تەشەككۇر
11-قەۋەت
amirdinov ۋاقتى: 2015-5-19 08:35:26
12-قەۋەت
يادىكار118 ۋاقتى: 2015-5-19 09:13:18
رەخمەت سىلەرگە ئ‍ۇستازلار

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
13-قەۋەت
ئەزمەت ۋاقتى: 2015-5-19 09:32:17
رەھمەت ئېيتىمەن بەكلا ياخشى ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ  ئۇستازلار ھارمىغايسىلەر !
14-قەۋەت
دوسيار ۋاقتى: 2015-5-19 09:57:46
15-قەۋەت
noyali ۋاقتى: 2015-5-19 11:00:57
بەك ياخشى بوپتۇ بۇلۇپمۇ ئاۋاز  كىرگۈزۈش دىتالى پاتراق چىقسا بۇلاتتى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部