+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-9 11:36 2152 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوننى زەرەتلەپ بولغاندىن كېيىن زەرەتلىگۈچنى توكتىن ئاجىرىتىۋەتمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، زەرەتلىگۈچ يۇقىرى توك بېسىمىنى تۆۋەن توك بېسىمىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە. يانفوننى زەرەتلەپ بولغاندىن كېيىن يانفون بىلەن زەرەتلىگۈچنى ئاجىرتىۋېتىپ، زەرەتلىگۈچ توكقا چېتىلىق تۇرسىمۇ داۋاملىق توك سەرپ بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت توكقا چېتىقلىق تۇرسا زەرەتلىگۈچ قىزىيدۇ، ئىچكىدىكى ئىزولياتسىيە قەۋىتى (توك ئۆتكۈزمەس قەۋىتى) ئىقتىدارىنى يۇقىتىدۇ، قىسقا تۇتىش يۈز بېرىدۇ ياكى ئوت كېتىدۇ.

تۆۋەندىكىسى مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىشلىگەن فىلىمى



ھازىرقى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كۈندە دېگۈدەك زەرەتلىمىسە بولمايدۇ. ئۆيدە، ئىشخانىدا داۋاملىق زەرەتلەيمىز. زەرەتلەپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى ئاجىرتىپلا ئىشىمىزنى قىلىمىز. زەرەتلىگۈچ روزېتكىغا چېتىقلىق پېتى تۇرىۋېرىدۇ. ھەتتا بەزىدە بىر نەچچە ئايغىچە چېتىقلىق تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى يۇقىرى.




مۇخبىر ئوخشىمىغان ماركىدىكى بەش خىل زەرەتلىگۈچنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىنستىتۇتىغا ئېلىپ بېرىپ سىناق قىلغان.



سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەش خىل زەرەتلىگۈچنى يانفونغا چاتمىغان ئەھۋالدا ئۈچ خىلىدا توك ئۆتكەن. يانفوننى چېتىپ زەرەتلىگەن ۋاقىتتىكىن ئازراق توك ئۆتكەن بولسىمۇ، يۈك چېتىلمىغان ھالەتتىمۇ توك ئۆتكەن. بۇنداق توك ئۆتۈۋەرسە توك سەرپ بولغاندىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئوت كېتىش يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولىدۇ.



ھازىر خېلى كۆپ يانفون تېز زەرەتلەيدۇ، بەش مىنۇت زەرەتلەپ بەش سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ چىقىۋاتىدۇ. تېز زەرەتلەش ئەمەلىيەتتە يۇقىرى توك بېسىمى، يۇقىرى توك كۈچىدە زەرەتلەش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق زەرەتلىگۈچ تېخىمۇ تېز قىزىيدۇ. ئىشەنمىسەڭلار تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى بار يانفوننى زەرەتلەۋاتقاندا زەرەتلگۈچنى تۇتۇپ بېقىڭلار.

2009-يىل 8-ئايدا گۇاڭجۇ خەيجۇ رايونىدىكى بىر ئۆيدە يانفون زەرەتلىگۈچى قىسقا تۇتىشىشتىن (ماس بولۇپ قېلىش) پارتىلاپ ئوت كەتكەن. ئوت ئاپىتىدە ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان.



2016-يىل 7-ئايدا خۇنەندىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا مېھمانخانىدىكى روزېتكىغا ئىككى ئايدىن كۆپ چېتىپ قويۇلغان زەرەتلىگۈچكە ئوت كېتىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزى كۆيۈپ يارىلانغان.



زەرەتلىگۈچ سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرىنىڭ بۇنداق مىساللىرى خېلى كۆپ.



ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مۇشۇنىڭدەك توكتىن ئوت كەتسە ئەڭ ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش كېرەك. ھەر قانداق ئۆيدە بىر ئاساسى ئۈز-چات بولىدۇ. توكتىن ئوت كەتسە ھەرگىز سۇ چېچىشقا بولمايدۇ. سۇ توك ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر بوشراق كۈيىۋاتقان زەرەتلىگۈچنىڭ ئۈستىگە سۇ چاچسا پارتىلاش ياكى توك سوقۇۋېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش، ئاندىن قېلىنراق نەرسىدە ئوتنىڭ ئۈستىنى يېپىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتىگە مەلۇم قىلىش لازىم.
ھاياتلىق قىممەتلىك، پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ. كىچىككىنە زەرەتلىگۈچتىن ئوت تۇتىشىپ كەتسە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا پۈتۈن ئۆيگە يامراپ بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

15ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
pinhan12 ۋاقتى: 2017-7-9 11:56:04
دىققەت قىلساق بولغۇدەك! مەنمۇ نەچچە ئايدىن بېرى توكقا چېتىقلىق تۇرغان زەرەتلىگۈچنى ھازىر ئاجرىتىۋەتتىم.
گىلەم
ablizmansur ۋاقتى: 2017-7-9 12:19:08
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ!
تېما ئىگىسىنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن!

ئورۇندۇق
nafritim ۋاقتى: 2017-7-9 12:52:08
پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن چوڭ تىما بوپتۇ،ھەممەيلەن دېققەت قىلايلى
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-9 13:08:48
بەزىدە توكنىڭ بېسىمى بەك ئېشىپ كەتسە  ۋىكليۇچاتېلنى  كۆيدۈرۈۋېتىدۇ ، ئېغىرراق بولغاندا ئۆيدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن
توك قاچىلىغۇچنىمۇ كۆيدۈرۋىتىشى ئادەتتىكى
ئىشمىكىن
6-قەۋەت
m9665 ۋاقتى: 2017-7-9 14:06:34
شياۋمى تىلفۇنى توك توشقاندىن كين توكى ئاپتۇماتك ئۇزىلدۇ
7-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-9 14:59:10
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-9 15:00  
m9665 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-9 14:06
شياۋمى تىلفۇنى توك توشقاندىن كين توكى ئاپتۇماتك ئۇزىل ...


مېنىڭ 1+  5  يانفونۇممۇ توك توشقاندىن كېيىن توكى ئۈزۈلۈپ توختايدىغان ئوخشايدۇ. بېرەر قېتىممۇ 100% تىن ئارتۇق توك قاچىلاپ باقمىدى.
8-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-9 15:07:29
يەنە تېخى كىچىك بالا ئويناپ زەرەتلىگۈچ سىمىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ قالىسىمۇ توك ئۆتۈپ كەتكەن مىساللار بار ئىكەن.
9-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-9 15:48:39
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
10-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-7-9 19:06:13
زەرەتلىگۈچنى يانفۇنغا توك قاچىلىماقچى بولغاندا توككا چېتىپ  توك قاچىلاپ بولغاندا توكتىن ئاجرىتىۋېتىش كۆپىنچە ئادەملەرگە ئاۋارىچىلىق تۇيلىدۇ .قارىغاندا  زەرەتلىگۈچكە يانفۇننى چاتقاندا توك ئۇلىنىدىغان يانفۇننى زەرەتلىگۈچتىن ئاجرىتىۋەتكەندىن كىيىن زەرەتلىگۈچمۇ توكتىن ئۈزىلىدىغان قىلىپ ئاپتۇماتلاشتۇرۋەتسەك بۇلامدۇ نىمە؟
11-قەۋەت
Muzat电子商贸城 ۋاقتى: 2017-7-9 20:52:38
m9665 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-9 14:06
شياۋمى تىلفۇنى توك توشقاندىن كين توكى ئاپتۇماتك ئۇزىل ...

تىلفۇننىڭ  تۇكىنى  دىمىدى  بىۋاستە  چىتىغلىق  زەرەتلىگۈچ  بىلەن  بىشىنىڭ  گىپى
12-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-7-9 23:09:19
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-7-9 14:59
مېنىڭ 1+  5  يانفونۇممۇ توك توشقاندىن كېيىن توكى ئۈزۈلۈ ...

مەنمۇ مەلۇم سەۋەپتىن شىياۋمى  تىلفۇنۇم ئىككى كۈن توكتىن ئاجىراتماي  تۇرۇپ قالغان ئۈچۈنچى كۈنى قارسام 0بوپلا توختاپ قاپتۇ  نىمىشقا 1بولمىدىكى دەپتىمە
13-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-7-10 04:07:40
مىنىڭمۇ قاچان چېتىپ قويغۇنۇم ئىسىمدە يوق  چاتقانتىم تېلپۇننى يىڭى ئالغاندا ھازىر ئاجرىتۋەتتىم
14-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-10 11:22:00
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-7-9 14:59
مېنىڭ 1+  5  يانفونۇممۇ توك توشقاندىن كېيىن توكى ئۈزۈلۈ ...

مەن ھازىرغىچە 101%توك قاچلاندى دەپ چىققان تىلفۇننى كۆرۈپ باقمىدىم ،
15-قەۋەت
@بەخىت ۋاقتى: 2017-7-10 21:51:08
مەنمۇ قاچان چاتقانتىمكى تاڭ ئىككىسى بارتى بوپتۇ بىرسىنىمۇ بولسا ئىلۋىتەي ،ئىشلەتمىگەندىكىن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部