+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-21 11:58 3853 قېتىم كۆرۈلدى 26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-21 11:58  

دۆلىتىمىزدە ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆز-ئارا رىقابەتتە. ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ كۆپ بولۇش ئارتۇقچىلىدىن پايدىلىنىپ كۆچمە تورنى قىممەت،  ئاستا قىلىپ، «ئىشلەتسەڭ مۇشۇ، ئىشلەتمىسەڭ نومۇرىڭدىن ۋاز كەچ» دېگەننى قىلىپ ئۇششۇقلۇق قىلماقتا. ھەتتا ھازىرمۇ نۇرغۇن كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرى 2G تورنى ئىشلىتىدۇ. ئىشلەتمەي دېسە 10 نەچچە يىل ئىشلەتكەن نومۇر، نۇرغۇن ئالاقىشىدىغان ئادەملەر بار، بانكا كارتىسى، ئەلى چىقىمدانى، ئۈندىدار چىقىمدانى، تور بەت...لەرگە باغلانغان. ئامالسىز كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نومۇرىنى سۆزلىشىشكە ئىشلىتىپ، تورغا چىقىشقا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ياكى تېلگىرافنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىپ، قوش كارتىنىڭ «قورسىقىنى بېقىۋاتقان» كىشىلەر نۇرغۇن.
كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق «ئۇششۇقلۇقى» غا خاتىمە بېرىلىدۇ. يەنى يانفون نومۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ خەۋەرلىشىش شىركىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. قايسى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان، تور سۈرئىتى تېز بولسا ئەسلىدىكى نومۇرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا شۇ شىركەتنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.




يەنى ھازىر سىز كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نومۇرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز شۇ نومۇرنى ئۆزگەرتمەي، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىغا ئالمىشىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا « ئۇچۇر - ئالاقە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى (2016-2020 يىل)» نى تارقاتتى. بۇ پىلاندا «كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ نومۇرنى ئېلىپ يۈرۈش مۇلازىمىتىنى (نومۇرنى ئۆزگەرتمەي، خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆزگەرتىش) پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە يولغا قويۇش» (推动移动电话用户号码携带服务在全国范围内实施) ئوتتۇرغا قويۇلدى. يەنى، 2020-يىلدىن بۇرۇن نومۇرنى ئۆزگەتمەي خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلىشىمىزدىن ئۈمىد بار.



نومۇرنى ئۆزگەرتمەي، خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆزگەرتىش باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە خېلى بۇرۇنلا يولغا قۇيۇلۇپ بۇلۇنغان (چەتئەللىكلەر دۆلىتىمىزنىڭ قوش كارتىلىق يانفونلىرىنى كۆرسە بەك ھەيران قالارمىش). ئامېرىكىدا ئىشلەتكۈچى خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ياقتۇرمىسا، نۇمۇرۇنى ئۆزگەرتمەي باشقا خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئالمىشالايدۇ. بۇ جەريانغا پەقەت ئىككى مىنۇت كېتىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ سىستېمىسى، تور چاستوتا دائىرىسى ئوخشىمايدۇ؛ ھەتتا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان تور چاستوتا سىستېمىسى بار. شۇڭا بۇ خىزمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئىلگىرى بەزى ئورۇنلاردا نومۇرنى ئۆزگەرتمەي، خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلىپ باققان. ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. سىگنال ياخشى بولماسلىق، بەزى توردىن ئەۋەتىلگەن دەلىللەش كودىنى تاپشۇرۋالالماسلىق... دېگەندەك مەسىللەر كۆرۈلگەن.
ئەمما دۆلەتنىڭ ھەيدەكچىلىكى بولسا بۇ خىل قىيىنچىلىقلارمۇ ئاستا-ئاستا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. «بۇ يىل 3-ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا زۇڭلى لى كېچىياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكىلاتىدا، بۇ يىل تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەققىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ۋە كەزمە ھەققىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تورغا ئۇلىنىش ھەققىنى چوڭ كۆلەمدە چۈشۈرۈش، خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق كەزمە ھەققىنى چۈشۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويدى»؛ بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشتى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. دېمەك بۇ قېتىمقى نومۇرنى ئۆزگەرتمەي، خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولۇش مۇلازىمىتىمۇ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى، قوللىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

新智派 تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1999 ۋاقتى: 2017-8-21 12:06:20
ۋاھ ياخشى ئشكەنغۇ بۇ
گىلەم
alim0997 ۋاقتى: 2017-8-21 12:06:51
قانچە بالدۇر يولغا قويۇلسا شۇنچە ياخشى
ئورۇندۇق
okyar ۋاقتى: 2017-8-21 13:54:55
ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغىنى تېلگراف قۇ سەل خاتالىق چىقىپ قالدىمۇ قانداق؟؟؟
5-قەۋەت
uyghur ۋاقتى: 2017-8-21 13:59:55
okyar يوللىغان ۋاقتى  2017-8-21 13:54
ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغىنى تېلگراف قۇ سەل خاتالىق چىقىپ قا ...

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ گېپى بۇلىۋاتىدۇ. سىملىق تېلېفوننىڭ ئەمەس.
6-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-21 14:01:01
چەكسىز ئېقىم دەۋرىمۇ پات ئارىدا يىتىپ كىلىدۇ
7-قەۋەت
toksu ۋاقتى: 2017-8-21 14:01:55
بەك ياخشى بوپتۇ
8-قەۋەت
2_71828 ۋاقتى: 2017-8-21 14:01:55
ئەمدى تېلفۇن نۇمۇرنىڭ قايسى خەۋەرلىشىش شېركىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىقتىدارى ئىشلىمەيدىغان بولدى دە.پەقەت رايون تەۋەلىكىنىلا ئۇققىلى بولدۇ ئەمەسمۇ
9-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 2017-8-21 14:07:42
ئەتىكى ئۆپكىدىن بۈگۈنكى قۇيريق ياخشى ،ئاۋۋال 4Gتور بىر ئىچىلسۇن ،نومۇر ئالماشتۇرماي ،خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئالماشتۇرۇش دىگەنگەننى نەۋرىمىز ئىشلىتەلەرمىكى.
10-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 2017-8-21 14:08:56
ئەجەپ جىمجىتلا بوپ كەتتى ،قاچانمۇ ئىچىلار 4Gتور،بىلىدىغانلار بولسا خەۋىرىنى بەرمەمسىلە
11-قەۋەت
D-ARWAH ۋاقتى: 2017-8-21 14:12:54
نۇمۇرنى ئوزگەرتمەي خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئوزگەرتىش ،مەن پەقەت چۈشنەلمىدىم
12-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-21 14:16:24
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى سىياسەتكەن ،ھۆكۈمەت يەنىلا بىز پۇقرالارنى كۆپرەك ئويلاپتۇ .بۇ سىياسەتنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
13-قەۋەت
sehe ۋاقتى: 2017-8-21 14:38:59
بۇ ئىش ھازىرلا ئەمەلگە ئاشقان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى ،مۇشۇ كۆچمە نىڭ تورى زەھەردىن قىممەت دىسە ،تىخى تاشپاقىدەك ئاستا
14-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-8-21 16:15:38
ۋاھ ئەجەپمۇ ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ دېسە مەندەك قوش كارتا ئىشلىتىدىغانلارغا بولۇپمۇ   
15-قەۋەت
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2017-8-21 16:21:09
كۆچمە خەۋەرلىشىش خەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ، مەنمۇ 2گ تور ئىشلىتىپ زادى بولالماي مەجبۇر بىرلەشمە خەۋەرلىشش كارتىسىدىن بىرنى بېجىردىم. 10يىللىق كۆچمە كارتامنى تاشلاپ ئۆلتۈرۋېتەي دىسەم ئەسلى. سىرتقا چىقسام 3گ ئىشلەيدۇ . ئۆيگە كىرسەملا 2گ شۇنداق ماز بۇ كۆچمىنىڭ تورى. مۇشۇ ئىش بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشسا كۆچمە كارتامنى بىرلەشمە مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرۋاسام نىمىدىگەن ئېسىل ھە!
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部