+تېما يوللاش
oyqan1 يوللانغان ۋاقتى:2017-2-3 14:11 3217 قېتىم كۆرۈلدى 32 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ تورداشلار
يېقىندىن بېرى نۇرغۇن سالونلاردا تارقىلىۋاتقان ، ناھايىتى كۆپتۈرۈپ ئىسىم قۇيۇۋالغان   تۈۋەندىكىدەك دىتاللار ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى بولغاي . توپقا قارىسىڭىزمۇ شۇ گەپ ، چەمبىرەككە قارىسىڭىزمۇ شۇ گەپ

بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ھەر قانداق ئادەمنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلەيسىز
تىلفۇن نۇمۇر بولسا كىمنىڭ نەدە نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز
ياتاق ئاچقان خاتىرنى تەكشۈرۈش دىتالى
بىر كۇنۇپكا بىلەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئورنىنى تاپالايسىز
تىلفۇنىڭىزنى رېنتىگىنغا ئايلاندۇرۋېلىڭ (تىلفنىڭىزدا ھەقسىز رېنتىگىنغا چۈشۈش دىتالى) ئەمدى تىلفۇندىمۇ رىنتىگىنغا چۈشەلەيسىز ...
تىلفۇنغا سىمسىز توك قاچىلاش دىتالى .....

ئىشقىلىپ مەن كۆرمەي قالغانلىرى يەنە بارمىكى ، مۇشۇنداق تىما قۇيۇۋالغان سالون مەزمۇنلىرىنى بەك كۆپ ئۇچىراتتىم . نەگە قارىسام مۇشۇ ئۇچۇرلار .
دەسلەپتە  بۇ دىتاللارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلسەممۇ پىسەنت قىلماي ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم . ئەمما كۈندىن كۈنگە بۇنى يوللىمىغان سالونلار قالمىغىلى تۇردى . نۇرغۇن ساددا قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ ئۇچۇرغا ئىشىنىپ ئالدىنىپ يۈردى . ئاخىرى بولماي  قېرىنداشلىرىمغا نىمىنىڭ راس نىمىنىڭ يالغان (كىچىككىنە بولسىمۇ ) ئىكەنلىكىنى دەپ قويغۇم كەلدى .

يۇقۇرقى دىتاللارنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرسى مۇنداق .
1 - تىلفۇن نۇمۇر ئارقىلىق ئۇرۇن بەلگىلەش دىگەن ج خ ئۇرۇنلرىنىڭ ۋە ئالاقە شىرگەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىللىرى ئارقىلىق قىلغىلى بۇلىدىغان نەرسە . قانداقتۇر بىر ئاددى تىلفۇن دىتالى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس . بولغان تەقدىردىمۇ سىز ئاۋال قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇنىغا شۇنداق ئۇرۇن بەلگىلەيدىغان ئەپنى ئالدىن قاچىلاپ قۇيۇشىڭىز ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇنىنىڭ سىمسىز تورى ، ئۇرۇن بەلگىلەش ئىقتىدارلىرى ئۇچۇق بۇلۇش كىرەك . ئاندىن سىز بۇ مەقسەتكە يىتەلەيسىز .
2- تىلفۇندا ھەقسىز رېنتىگىنغا چۈشۈش دىتالى .
ھەممىمىز بىلىمىز ،  دوختۇرخانىدىكى رېنتىگىنغا چۈشۈدىغان ئۈسكۈنە بولسا نەچچە مىلىيۇن ئەتراپىدىكى چوڭ بىر ئۈسكۈنە . مۇشۇنداق قىممەت ھەم چوڭ ھەجىمدىكى ئۈسكۈنە ئاران  قىلىۋاتقان ئىشنى تىلفنىڭىزدىكى ئاددىغىنە بىر دىتالى قىلالامدۇ ؟ ئەگەر قىلالىسا نىمە ئۈچۈن دوختۇرخانىلا مەخسۇس رېنتىگىن سېتىۋېلىپ كىسەل تەكشۈرىدۇ ؟ ئەجىبا ئۇلارمۇ شۇ تىلفۇندىلا قىلسا بولمامدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كىچىككىنە تەپەككۈر قىلسىڭىزلا بىلىۋالالايسىز .
تىلفۇىڭىزدىكى ئۇ ئاتالمىش رېنتىگىنغا چۈشۈش دىتالى بولسا سىز تارتقان رەسىمگە ماسلاشتۇرۇپ خالىغان بىر رېنتىگىندا تارتىلغان رەسىمنى بىرىكتۈرۈپ قۇيىدۇ خالاس .
3- تىلفۇنغا سىمسىز توك قاچىلاش دىتالى
تىلفۇنغا سىمسىز توك قاچىلاش دىتالى دىگەننى كۈرۈپلا مۇشۇ بىمەنە ئۇچۇرنى تارقاتقان سالون ئىگىسىگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى . نىمە قىلىدۇ بىكاردىن قېرىندىشىم دەپ تۇرۇپ خەقنى ئالداپ . قارىغاندا  قېرىنداش دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشۈنەلمىگەن ئوخشايدۇ ؟
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان سىمسىز توك قاچىلاش دىگەن قانداقتۇر بىر ھاۋادىن ياكى سىمسىز توردىن توك ھاسىل قىلىش دىگەن گەپ ئەمەس . (بۇ تېخى ھازىرقى پەت تېخنىكا سەۋىيسىدە مومكىن بولمايدۇ ) بەلكى توكقا چېتىپ قۇيۇلغان مەلۇم ئۈسكۈنىنىڭ بىر تەرىپىدىن  تارقاتقان ئېلىكتىر ماگىت ئىندوكسىيەسى ئارقىلىق يەنە بىر ئۈسكۈنىگە توك ئۇزۇتىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇنداق ئىككى ئۈسكۈنىنىڭ بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ئىقتىدارنى تىلفۇنغا ئەپ قاچىلاپلا ھەل قىلىدىغان ئىش بولسا نەچچە يىللاردىن بېرى  ئالما شىركىتى ، سامسۇڭ شىركىتى ۋە باشقا نۇرغۇن شىركەتلەر شۇ ۋاقىتتىلا  ئەپ ياساپ شۇنداق قىلىۋەتمەيدۇ ؟؟؟؟؟
4- ياتاق ئاچقان خاتىرنى تەكشۈرۈش دىتالى
ياتاق ئاچقان خاتىرنى تەكشۈرۈش دىتالى دىگىنىمۇ بىر يالغان دىتال . ئۇنداق ئاسان باشقىلارنىڭ شەخسىيتىنى تەكشۈرۈش بايا دىگەندەك قانۇن ئورگانلىرىنىڭلا ھۇقۇقى ، چۈنكى ئۇنى دۆلەت ئامما بىخەتەرلىك تورىدىنلا ئىرىشكىلى بولىدىغان ئۇچۇر . خاتىرجەم بۇلۇڭ . تىلفۇندا ئۇنداق ئاسان تەكشۈرگىلى بولىدىغان ئىش يوق .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كۆپتۈرمە ئىسىم قۇيۇپ تارقىلىۋاتقان دىتاللار ناھايىتى كۆپ ،،،، ئۇلارنى دىمەيلا قۇياي . چۈنكى شۇ ئارقىلىق سالونلىرىغا ئادەم توپلاشنى مەخسەت قىلىۋاتقان سالونچىللىرىمىزمۇ نۇرغۇن . ئۇ دىتاللارنىڭ نامى شۇنداق بولسىمۇ ئەمما ئىقتىدارى سالونلاردا دىيىلگەندەك  ئاسمانۇ زىمىننى ھەيران قالدۇرغىدەك كۆپتۈرۈلگەن ئىقتىدارى يوق . ئاددىيلا بىر ئەپ ، بۇنداق ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ پۇشايمان قىلغانسىز بەلكىم . چۈنكى ئۇنى نەچچە قېتىم جاپا تاتىپ بىر نەچچە توپ چەمبىرەكلەرگە يوللاپ ئاران چۈشۈرگەن ئەمەسمۇ ھى ھى ھى ...

شۇڭا قېرىنداشلارغا دەيدىغان تەۋسىيەرىم . بۇ تور دۇنياسىدا ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلار تارقىلىپ تۇرىدۇ . ئۈزىڭىزگە پايدىلىق ، باشقىلارغىمۇ پايدىلىق ئۇچۇرلار بولسا تارقىتىڭ . ئالدىڭىزغا كەلگەن ھەر قانداق ئۇچۇرلارنى ئالدى كەينىنى سۈرۈشتۈرمەيلا قارىغۇلارچە تارقاتماڭ . بەلكىم سىزنىڭ ئاشۇ ئويلانمايلا تارقىتىپ قويغان بىر ئۇچۇرىڭىز مەلۇم كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە باشقا ئىشلىرىغا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ قېلىشى مومكىن .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
مەخمۇتجان

32ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ghaye ۋاقتى: 2017-2-3 14:49:24
توغرا دەيسىز بىزدىكى ھاماقەتلىك بەك كۆپ   ئۆتكەندە مانچە توپقا يوللىسڭىز تىڭشۇن شىركىتى تىلفۇنىڭىزغا 100 يۇئەن ئۇرۇپ بىرىدۇ  دىسە ئىشىنىپ نۇرغۇن ئىقىم مىقدارىنى پۇلغا سىتىۋىلىپ شۇنىڭغا خوراتقانلارمۇ كۆپ ئۇنىڭدا تارقاتقان كۆرگگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانلانغۇچى ئىقىمى خورايدۇ خالاس تىڭشۇن شىركىتىدىكىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى چۇشىنەمدۇ چۇشەندى دىگگندىمۇ ئۇنچىلىك تارقاتقانغا 100 يۇئەندىن بىرەمدۇ ئويلانمايدۇ  شۇنىڭغا ئوخشاش ۋە تىمىدىكى ئەپلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرگە ئىشەنگەن ۋە تارقاتقانلارنىڭ كاللىسىنىڭ سۇيى بارمىكىن دەيمەن ئۆزەمچە
گىلەم
زومىگەر ۋاقتى: 2017-2-3 14:50:15
ۋاي ۋاي ئالامەت تىما بوپتۇ بۇ زادى مۇشۇ سالۇنچىلارغا ئامال يوق
ئورۇندۇق
umak003 ۋاقتى: 2017-2-3 15:36:16
مانا مۇنداقلىرمۇ بار......

5-قەۋەت
renat0999 ۋاقتى: 2017-2-3 16:18:57
بۇنداق ئالدامچى سالۇنلا بەكلام كۇپىيپ كىتىپ بارىدۇ
6-قەۋەت
nurali55 ۋاقتى: 2017-2-3 16:21:56
شۇ، مەنمۇ پاش قىلۋاتمەن بۇلارنى بەك يۈزى قېلىن سالۇنچىلاركەن بۇ
7-قەۋەت
Turpani ۋاقتى: 2017-2-3 16:26:38
مۇشۇ ئۈندىداردىكى ئىسىمنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بۇلامۇ ھازىر
8-قەۋەت
15599976892 ۋاقتى: 2017-2-3 17:18:39
بايا قارسام خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تاتسىلا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلدىغان ئەپ  ……دەرھال قاچىلاڭ دەپ بىر تىما كۆرگەن قاچىلاي دىسەم ئاۋال ئۈچ توپقا ،ئۈچ چەمبىرەككە يوللىمىسام ئادىرىس ئېچىلمايدىكە قارغاندا بۇمۇ يالغانكە
9-قەۋەت
dilnazuk ۋاقتى: 2017-2-3 17:52:07
بۇ تىمىنى ناھايىتى ياخشى يېزېپسىز ،مۇشۇ سالۇن قۇرغانلا ئىلان قۇيۇپ پۇل تاپسىمۇ ،ئادەم ئالدىمايدىغان ،مەزمۇنى ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى  يوللىسا بولمامدىكىنا،
10-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-2-3 18:16:33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆرە216 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-3 18:26  
15599976892 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 17:18
بايا قارسام خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تاتسىلا ئۇيغۇرچىگە  ...


izdax.comنىڭ ئالما يانفون ئەپ دىتالىدا راس ئاشۇ ئىقتىدار بار

IMG_0179.PNG (693.74 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

IMG_0179.PNG
11-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-2-3 18:25:31
15599976892 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 17:18
بايا قارسام خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تاتسىلا ئۇيغۇرچىگە  ...

ئالما تېلفۇننىڭ شۇ خىل ئىقتىدارى بار ئەپنى كۆرگەن ئىدىم  ئەمما ئەنجۈرنىڭ ئۇنداق ئىقتىدارى بار دېتالىنى ئۇچرىتالمىدىم .
12-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-2-3 21:19:46
ناھايىتى ناھايىتى ياخشى تېما بولۇپتۇ   ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت
13-قەۋەت
adiljan212917 ۋاقتى: 2017-2-3 21:25:53
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ يارايسىز .ئۆز قىرىنداشلىرىنى ئالدايدىغان ئالدامچىلارنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى،
14-قەۋەت
ناندار ۋاقتى: 2017-2-3 23:01:17
15599976892 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 17:18
بايا قارسام خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تاتسىلا ئۇيغۇرچىگە  ...

بۇنىڭغا ئەپ قاچلاش كەتمەيدۇ تور كۆرگۈدە شۇ ئىختىدار بار
15-قەۋەت
muhtrim ۋاقتى: 2017-2-3 23:05:55
قېرىندىشىم رەسمىي مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپسىز جۇمۇ.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部