+تېما يوللاش
umut吧 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-11 22:42 4350 قېتىم كۆرۈلدى 36 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىزنىڭ ئارىمىزدا نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۈندىدارنى تىلفۇن نۇمۇرغىلا تىزىملىتىپ ئىشلەتكەچكە ئۈزىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى بىكىتپ قويمايدۇ .  ئەگەر شۇنداق ئۈندىدار نۇمۇرى بىكىتمەي ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلار بولسا بۇ مەشخۇلاتنى قىلىشتىن بۇرۇن ھازىرلا  ئۈندىدار نۇمۇر  بىكىتىۋىتىڭ .

ئۇنداقتا باشلاپ كەتتۇق .
1- ئاۋال ئۈندىدارڭىزدىن تۈۋەندىكى باسقۇچ بۇيىچە كىرىپ ھىساۋات نۇمۇرىڭىزنى چىكىندۈرۈڭ .
我—设置—退出—退出当前账号

2-. ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 忘记密码 دىگەننى باسىمىز .

\\
3. ئاندىن يەنە ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك «ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى تېپىشنى ئەرز قىلىش» نى چېكىمىز.



4. ئاستىدىكىدەك «开始申诉 ئەرز قىلىشنى باشلاش» نى چېكىمىز.



5- كىيىنكى قەدەمدە ئاستىدىكى رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەن  «يۇقىرىدىكىسى مەن ئىزدەپ قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئۈندىدار نۇمۇرى ئەمەس...» نى چېكىمىز.



6. ئاستىدىكى رەسمدىكىدەك كۈرۈنىشتىن «我记得微信号 ئۈندىدار نۇمۇرۇم ئېسىمدە بار» نى چېكىمىز.  ۋە ئاستىدىكى 微信号 دىگەن كۆزنەككە ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى يازىسىز .
قاتتىق دىققەت : بۇ يەردە دىيىلگەن ئۈندىدار نۇمۇرى 微信号 بولسا سىزنىڭ ئۈندىدار ئىسمىڭىز ئەمەس . بەلكى سىزنىڭ بىر دىن بىر بىكىتىكەن ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرىڭىز .
ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى 可用手机号 دىگەنگە باشقا بىر نۇرمال ئىشلىتىۋاتقان تىلفۇن نۇمۇرنى يازىسىز . (ئۈندىدارڭىزغا باغلانغان تىلفۇن نۇمۇر ئەمەس باشقا تىلفۇن نۇمۇر جۇمۇ . بۇ ئۈندىداردىن باغلىغان تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن بۇ يەرگە تولدۇرغا تىلفۇن نۇمۇر بۇ ئۈندىدارىڭىزغا باغلىنىپ قالمايدۇ )



7- ئەمدى ئاستىدىكى رەسىمدە چىقىرىپ بەرگەندەك ، سىزگەىمۇ بىر ھەرىپ ۋە ئۇنىڭ ئاستىغا بىر تىلفۇن نۇمۇر چىقىرىپ بىرىدۇ . سىز ئۈستىدىكى رەسىمگە تولدۇرغان تىلفۇن نۇمۇر ئارقىلىق ئاشۇ چىقىرىپ بەرگەن ھەرىپنى شۇ ھەرىپنىڭ ئاستىدىكى تىلفۇن نۇمۇرغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللايسىز.


تۈۋەندىكىدەك قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللايسىز


8- ئۇچۇرنى مۇۋاپىقىيەتلىك يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك  我已发送短信,下一步 دىگەننى باسىسىز .



9. بۇ ۋاقىتتا «ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى申诉成功» دېگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ.
ۋە ئاستىغا سىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىڭىز ۋە يېڭى مەخپى نۇمۇرىڭىزنى چقىرىپ بىرىدۇ . بۇ يېڭى مەخپى نۇمۇرىڭىزنى بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ . بەك دىققەت : بۇ يېڭى چىقىرىپ بەرگەن يېڭى مەخپى نۇمۇرنى چۇقۇم بىر يەرگە يېزىۋېلىڭ . قارىمايلا ئۈتۈپ كىتىپ قالسىڭىز كىيىن تاپالمايسىز .



ئۈستىدىكىدەك 关闭页面 نى بېسىۋەتكەندىن كىيىن ئۈندىدارىڭىزغا قايتا كىرىمىز .
ئەمدى ئۈندىدارىڭىزغا كىرگەندە بۇرۇنقىدەك تىلفۇن نۇمۇر بىلەن كىرمەيسز ، بەلكى ئۈندىدار نۇمۇرىڭىز ۋە يۇقۇردا سىزگە چىقىرىپ بەرگەن يېڭى مەخپى نۇمۇر بىلەن كىرىمىز . ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك



شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدارڭىزغا مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگەندىن كىيىن  سىستېما يانفون نۇمۇرىنىڭ باغلىنىشتىن بىكار بولغانلىقىنى ۋە يېڭىدىن باشقا  تىلفۇن نۇمۇر  باغلاڭ دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالىدۇ .  ئاستىدىكىدەك .


شۇنىڭ بىلەن سىز 确定 نى باسسىڭىز ئاپتۇتىك تىلفۇن نۇمۇر باغلاش تەڭشىكى ئېچىلىدۇ . سىز بۇ يەردە تىلفۇن نۇمۇر باغلىماي چىكىنىپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام .
ئەمدى كىيىنكى قەدەمدە ئۈندىدارىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۈزىڭىز بىلىدىغان مەخپى نۇمۇرغا ئۆزگەرتىۋېلىڭ .
مەخپى نۇمۇر ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە :
ئاۋال ئۈندىدارڭىزدىن تۈۋەندىكى باسقۇچ بۇيىچە كىرىڭ
我—设置—账号与安全—微信密码


ئۈستىدىكىدەك كۆرسەتكەن جايغا  سىز ھازىرقى مەخپى نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇڭ (يەنى ئۈستىدىكى تىلفۇن نۇمۇرنى چىقىرۋىتىش باسقۇچىنىڭ ئاخىردا سىستىما سىزگە چىقىرىپ بەرگەن مەخپى نۇمۇرنى يازىسىز . سىزنىڭ بۇرۇن ئۈزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان مەخپى نۇمۇرىڭىز ئەمەس جۇما )

يېزىپ بولغاندىن كىيىن 确定 نى بېسىڭ . باسسىڭىز سىزگە ئاستىدىكىدەك يېڭى مەخپى نۇمۇرنى بىكىتىڭ دەپ چىقىدۇ  . شۇ يەرگە سىز ئۈزىڭىز يېڭىدىن بىكىتمەكچى بولغان مەخپى نۇمۇرىڭىزنى ئوخشاش قىلىپ ئىككى قېتىم تولدۇرىسىز .


مانا ئەمدى ھەممە ئىش تامام . بۇندىن كىيىنمۇ باشقا ئۈندىداردىن تىلفۇن نۇمۇرنى چىقارماقچى بولسىڭىز مۇشۇ بۇيىچە قىلسىڭىز بولىدۇ .
قىلالىغان بولسىڭىز يېقىنلىرڭىزغا ياكى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ قۇيارسىز . رەھمەت
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش50 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن13 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

36ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-5-12 08:07:27
تىمىدا رەسىمدىكىدەك دەپتىكەنسىز !ئەپسۇس مەن رەسىم كۆرمىدىمغۇ !باشقىلارنىڭكىدىمۇ شۇنداقمۇ ياكى مىنىڭ تىلىفۇنۇمدا كۆرۆنمىدىمۇ ئۇرەسىم بىلمىدىم؟؟
تۆر
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-11 23:02:07
رەھمەت سىزگە
گىلەم
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-11 23:06:12
بۇ مەشخۇلاتلىرنى سەللا كاللىسى ئۇچۇق ئادەم قىلالايدۇ مەنمۇ قارىسىغا ئۈگەنگەن ماۋۇ خېلىلا تەپسىلىي بوپتۇ تەرتىپ بويىچە تەپسىلىي،ئوقۇپ مەشخۇلات قىلىڭلار قارىسىغا ھەپىلىشىپ ئەسلىدىكى ئۈندىدارنى ئېچىلماس قىپ قۇيۇپ قاخشاپ يۈرمەڭلا يەنە
ئورۇندۇق
13150415488 ۋاقتى: 2017-5-11 23:16:39
رەھمەت سىزگە، بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ يېزىپسىز
5-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2017-5-12 00:15:15
مەن ئەجەپ قىلالمىدىمغۇ؟ مەن ئۈندىدارغا ئېسىم قويمىغان شۇڭا بولمامدۇ-يە؟تېمىنىغۇ نەچچە قېتىم ئۇقۇپ يادىلاپ بولدۇم بولمىسا.
6-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-5-12 00:25:41
مۇشۇ ئۈندىدار نۇمۇرىغا بەكلا ئۆچ بولدۇم ، ئۈندىدار يېڭى چىققاندا ئۇقۇشماي ئۈندىدار نۇمۇرىنى بىرمۇنچە تولدۇرىۋاپتىمەن ، 15ھەرىپلىك ، ئۆزگەرتكىلىمۇ بولمايدىكەن  ، مىنىڭچە يەنىلا qqغا ئوخشاش نۇمۇرنى ئۈزى بەرسە ياخشى بولغىدەك،
7-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-5-12 00:26:43
چچ نىڭكىنى بىلىدىغانلار يوقما؟
8-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2017-5-12 00:50:44
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-12 01:32  

تېما ئىگىسى سىز ئۈزىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ئاجىرغانلىقىنى رەسىمگە تۇتۇپ يۇللاپ بېقىڭە؟ مەندە ئىككى ئۈندىدار بار ئىدى بىرسىنىڭ ئېسمى بار يەنە بىرسىنىڭ ئېسمى يوق. ئېسمى يوقنى قىلسام پەقەت بولمىدى ئېسمى بارنى قىلسام بولدى لىكىن تېلفۇن نۇمۇرى باغلاڭ دەپ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كەلمىدى ھەم ئۈندىدارنىڭ باغلانغان تېلفۇن نۇمۇرنى كۈرىدىقان يەرگە قارىسام يەنىلا بۇرۇنقى تىزىملاتقان تېلفۇن نۇمۇرۇم شۇ پىتى تۇرىدۇ. ھەم شۇ نۇمۇرنى ئىزدەش ئورنىغا سىلىپ ئىزدىسەم يەنە شۇ نۇمۇرنى ئاجىراتقان ئۈندىدارنى چىقىرىپ بەردى.

Screenshot_2017-05-11-23-20-51-549_com.tencent.mm.png (149.3 KB, چۈشۈرۈش سانى: 7)

Screenshot_2017-05-11-23-20-51-549_com.tencent.mm.png

Screenshot_2017-05-11-23-09-29-852_com.tencent.mm.png (160.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

Screenshot_2017-05-11-23-09-29-852_com.tencent.mm.png
9-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-5-12 03:42:54
مەن ئۈندىدارنىڭ كونا نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى qqنومۇرىغا باغلىۋىتىپ ئاندىن تېلېفون نومۇرىنى چىقىرۋەتكەن.بۇ ئۇسۇل ھازىر بولامدۇ يوق ئۇقمايمەن.
10-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-12 07:41:49
ۋاي باللا نۇمۇرى يوق ئۈندىداردىن تېلىفون نۇمۇرنى ئاجراتقىلى بولمايدۇ تىمىنى تەپسىلى ئۇقۇڭلا دەيمە
12-قەۋەت
umut吧 ۋاقتى: 2017-5-12 10:01:05
arkan886 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-12 00:50
تېما ئىگىسى سىز ئۈزىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ئاجىرغانلىقى ...

مەنمۇ  رەسىملىك يولىغان لېكىن  بۇ شەكىلنى  قوللىمايدۇ  دەپ  ئامال  بولماي  مۇشۇ بويىچە يوللاپ  قۇيۇشۇم  مانا  بۇ  پۇتۇن رەسىم

S70512-10002306.jpg (214.52 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

S70512-10002306.jpg
13-قەۋەت
مۇخلىس520 ۋاقتى: 2017-5-12 10:27:59
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇخلىس520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-12 10:29  

مەنمۇ قىلۋالدىم رەھمەت تىما ئىگسىگە،بىراق ئۇچۇر قوبۇل قىلىشقا ئىشلەتكەن تىلفۇن نومۇر يەنە ئىزدىسە بىر يەلەردىن چىقىپ قالامدىكى دەيمەن،لىكىنغۇ ھازىر پەقەت ۋىيشىن نومۇرلا بار ئۇندىن باشقا ھىشنىمە باغلاقلىق ئەمەس.
14-قەۋەت
uysal ۋاقتى: 2017-5-12 10:48:06
مەنمۇ قىلۋالدىم  جاپا چىكىپسىز
15-قەۋەت
apirat ۋاقتى: 2017-5-12 10:50:02
تېلىفۇن نۇمۇردىن ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۈندىدارنى ئىشلەتكەندە يەنە تېلىفۇن نۇمۇر تەلەپ قىلامۇ قانداق ؟ چ چ غا ئالغان ئۈندىدار باتى شۇنى ئاچساملا تېلىفۇن نۇمۇر كىرگۈز دەپ چىقىۋالىدۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部