+تېما يوللاش
misken يوللانغان ۋاقتى:2017-5-9 16:18 1917 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
جەمئىيىتىمىزدە يامراۋاتقان تېز بېيىش ئالدامچىلىقىغا نەزەر
ئاپتورى: تىللا شىركىتى 


يېقىندىن بۇيان كۆچمە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ QQ، ئۈندىدار قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكىلار ئالاقە ئۇسۇلىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، ئۈندىداردا سودا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى بىر سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ نۇرغۇن ياشلارنى، ئائىلە ئاياللىرىنى، ھەتتا مۇقىم مائاشلىق دۆلەت مەمۇرلىرىنىمۇ بۇ ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۈندىداردا سودا قىلىپ پۇل تېپىش قىزغىنلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىدى. ئەتىگەن كەچلىرى شۇنداقلا ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچساق، بىر ئوبدان خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مۇقىم كىرىمىگە ئىگە دوستلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ تۇيۇقسىز سودىگەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىنى ھېس قىلىمىز. قوشۇمچە كىرىم قىلىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش، بىراق بۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق بەدىلى بار. يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ھەرخىل نامدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش، XX دۇنيا بانكىسى، يەر شارىدىن ھالقىغان تۈر، ھەرخىل نامدىكى خىيالىي ساياھەت شىركىتى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، مەۋھۇم پۇل XX تەڭگسى (ھەرخىل نامدىكى مەۋھۇم  پۇلنى مەركىزى بانكا بىردەك قانۇنسىز دەپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە BT تەڭگىسىمۇ بار. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئورگان بېتىدىن كۆرۈڭ) مەبلەغ توپلاش، مىڭ يۈەن بىلەن بىر يىلدا مىليونېر بولۇش ، ئۈندىدار توپلىرىدا قىمار خاراكتېرىنى ئالغان ھەرخىل نامدا ئوينىلىۋاتقان چاي،  قىزىل بولاق ئويۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆزى مەۋھۇم، ئەقەللىي سودىنىڭ ماھىيىتىگە خىلاپ تۈرلەر دىيارىمىزدا يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك يامرىماقتا. ئېغىزىدىن ما يۈن، تېڭشۈن پاي باھاسى چۈشمەيدىغان، ئۆزىنى ئالەمدە بىر ئەقىللىك سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز قانۇندىن، ئىقتىسادتىن، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالدىماقتا، ئوتقا تىقماقتا ۋە ئۆزىنىمۇ تۈگىمەس ئۇيقۇسىزلىق، تېلېفون تاقىلىپ قېلىش، دەككە دۈككىدە تالا-تۈزگە چىقالماسلىقتەك كۈنلەرگە قالماقتا. بىر كېچىدە ما يۈندىن ئېشىپ چۈشكىدەك باي بولۇش ۋەسۋەسىدە ئاتا-ئانىسىغا بىر كىلوگىرام گۆش ئېلىپ بېرىشكە قىيمىغان پۇللىرىنى ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە تاشلاپ بېرىپ، ھەسرەتتە ئاھ ئۇرۇپ دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن، ما يۈنگە كەلگەن تەلەينىڭ ئۆزىگە كەلمىگىنىدىن ئاھ ئۇرۇپ، مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر بىزگە خەت قالدۇرۇپ، بۇ خىل سودىنىڭ ماھىيىتى، پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىلىق سوئال سوراۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدۇق.
ئۈندىدار ئالدامچىلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ئەڭ كۆپ تەسىر قىلىۋاتقىنى مەۋھۇم پۇللارغا مەبلەغ سېلىش، پاي ھوقۇقى، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش ۋە قەرز بېجىرىپ بېرىش، XX ماشىنىسى ، JVP،(ما يۈن مەبلەغ سالغان دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىلەن ما يۈن مەبلەغ سالغان ئىسرائىلىيەنىڭ JVP فوند شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان JVPنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق) XX بىرلەشمىسى، XX بۇلۇت بانكىسى دېگەندەك ئالدامچىلىق، شاخلىتىپ سېتىشلار نۇرغۇن كىشىلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىمۇ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى، بىلىشىمىزچە ئېرىدىن يوشۇرۇن بۇ ئىشلارغا قاتنىشىپ، يىغىپ قويغان ئازغىنە پۇللىرىنى زىيان تارتىپ، ئېرى ئاجرىشىپ كەتكەن، تۇرمۇشىغا دەز كەتكەن ئىشلارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ھەرخىل نامدىكى ئالدامچىلىق ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نېمە؟

مەن پاراڭلىشىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بايقىشىمچە، بۇ خىل تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ۋە قاتنىشىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى نىسبەتەن ناچار، بۇرۇن سودىدا زىيان تارتقان، قەرزى بار، بىر كېچىدە پۇل تېپىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۈندىداردا سودا قىلىپ ما يۈن ۋە ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ چۈشكىلى بولىدىغانغا كۈچلۈك ئىشىنىدىغان، (بۇ خىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ما يۈننى تاۋباۋدا، ما خۇاتېڭنى ئۈندىداردا مال سېتىپ باي بولغان دەپ قارايدۇ) مەدەنىيەت سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن، جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان، مۇقىم كىرىمى يوق ياشلار ۋە ئائىلە ئاياللىرى. مۇقىم مائاشلىقلاردىن بۇ ئىشلارغا كىرىشىپ قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىمار ۋە ماجاڭغا ئۆگىنىپ  قالغان، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرماي بانكىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان، بىر كېچىدە مىليونېر بولۇپ قەرزنى تۆلەپ باياشات ياشىغۇسى بار كىشىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا باي بولۇش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما باي بولۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا خاتا يېتەكلىنىپ مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك دېيىشكە بولىدۇ. 


يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرى بولغان شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تور مۇلازىمىتېرى شياڭگاڭ، تەيۋەن، ئاۋمېنلاردا بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار تىزىملىتىپ پۇلنى ئەكىرگەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە كۈندە نەچچە يۈز يۈەن، نەچچە مىڭ يۈەن پايدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ پەقەت خېرىدارغا ئۇرۇلغان روھلاندۇرۇش ئوكۇلى بولۇپ، بۇلار شىددەت بىلەن ئەزا توپلاپ، ئەزا سانى ئاشقاندىن كېيىن شىركەت مۇلازىمېترىنى ۋە تور بېتىنى تاقاپ ئۈن-تىنسىز غايىب بولىدۇ. ئاندىن باشقا بىر نامدا يەنە قايتىدىن پەيدا بولىدۇ. قانۇن ئورگانلىرى بۇلارنى تەكشۈرۈپ تۇتقىچە نەق پۇل چەتئەلدىكى مۇلازىمىتېر ئارقىلىق باشقا جايغا يىغىشتۇرۇلۇپ، ئالدامچىلارنىڭ قارىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. تۇتقان تەقدىردىمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سوممىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ سالىدىغان مەبلىغى 100 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن. كۆپىنچە كىشىلەر سالغان پۇلى نەچچە مىڭ يۈەن بولغاچقا، دەسلەپتە توختىماي قاتلام بويىچە بىر بىرىنى سۈيلەيدۇ. ئالدامچىلارمۇ ھەرخىل باھانە بىلەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈرىدۇ. بىر نەچچە ھەپتە ياكى ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر پىسخىكىسىدا بۇ زىياننى قوبۇل قىلىپ بولىدۇ. يەنە بىر تۈركۈملەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، ساۋاقداش ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنى ئەكىرىۋالغانلار ئۆز ئىچىدە ساقايتىپ دەردىنى يۇتۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئاۋارىچىلىك كۆرۈپ ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئالدامچىلار بۇ خىل پىسخىكىنى ياخشى تەھلىل قىلغاچقا ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىپ كەلمەكتە. 

بۇلارنىڭ دەسلەپتە سىزگە بەرگەن نەچچە يۈز يۈەن پايدا ھەرگىز سىز  سالغان مەبلەغدىن شەكىللەنگەن نورمال پايدا بولماستىن، بەلكى سىزدىن كېيىن كىرگەن ياكى سىزنى ئەكىرگەن كىشىنىڭ پۇلىدىن ئىبارەت . سىزنىڭ سالغان مەبلەغنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كىرگەن يەنى سىزنى ئەكىرگەن ئادەمگە بېرىدۇ، بۇ خىل سودا شەكلى دۇنيادا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «پانزى ئالدامچىلىقى» (خەنزۇچە 庞氏骗局) دېيىلىدۇ. ئازراق پۇل-مۇئامىلىدىن ساۋادى بار كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، بۇ بىر پۇل-مۇئامىلە مەبلەغ ئالدامچىلىقىدىكى ئومۇملاشقان خاس ئاتالغۇدىن ئىبارەت.


«پانزى ئالدامچىلىقى» دېگەن ئاتالغۇ 1903-يىلى ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بارغان ئىتالىيەلىك چارلىز پانزى دېگەن ئادەمنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، چارلىز پانزى ئون نەچچە يىل قاتتىق بېيىش ئارزۇسىدا ھەرخىل كەسىپلەرنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن، ئەڭ تېز پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ پۇل-مۇئامىلىگە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇ ساھەگە كىرىپ، سېسىق نامىنى تارىخ سەھنىسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن.
چارلىز پانزى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن ئ‍ۆزىنىڭ ئائىلە  كېلىپ چىقىشىنى قەستەن يوشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تارىخنى ئويدۇرۇپ چىققان ۋە بىر مەبلەغ سېلىش شەكلىنى پىلانلاپ چىققان. بۇ خىل پىلان قارىماققا ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ئادەملەرمۇ ئوڭايلا چۈشنەلەيتتى. سىز يىراقتىكى نامەلۇم، ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇتقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم بىر نەرسىگە مەبلەغ سالسىز ۋە ناھايىتى يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىسىز. چارلىز پانزى بۇ تۈرنىڭ مەبلەغ ئايلاندۇرۇپ پايدا يارىتىش بۆلىكىنى، يەنە پۇلنىڭ كونكرېت زادى قانداق سودا قىلىپ قانداق پايدا يارىتىدىغانلىقىنى  ناھايىتى مۇرەككەپ قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئادەتتىكى كىشىلەر قەتئىي چۈشنەلمىگىدەك لايىھەلەپ چىققان. ئۇ: «ياۋروپادىكى مەلۇم بىرخىل ساقلاش قىممىتى بار بولغان پوچتا ماركىسىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىدا ساتسا نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسەت، پېرېۋوت  نىسبىتى، ئۇچۇر ئالمىشىشنىڭ ئاستا بولۇشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلىقچە چۈشىنەلمىگەن. پۇل-مۇئامىلە بىلىمى بار كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلدا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، بىراق چارلىز پانزى غايەت چوڭ بىر يەمچۈك تاشلىغان بولۇپ، ئۇ: «بۇ تۈرگە مەبلەغ سالسىڭىز 45 كۈن ئىچىدە %50 پايدىغا ئېرىشەلەيسىز» دەپ تەشۋىق قىلغان. دېگەندەك بىرىنچى قېتىملىق مەبلەغ سالغۇچىلار راستتىنلا شۇنچىلىك پايدىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن كەينىدىن ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر شىددەت بىلەن مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان، بىر يىلدەك ۋاقىت  ئىچىدە 40 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق بوستون ئاھالىسىى چارلىز پانزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى باي بولۇش پىلانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلانغان ھەمدە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېزلا بېيىپ كېتىش خىيالىدا بولغان، قۇرلۇش ئىشچىسى، ۋاقىتلىق ئىشلەمچى، يۈك ماشىنا شوپۇرى دېگەندەك نامرات كىشىلەر بولۇپ چارلىز پانزى 15 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغكە ئېرىشكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشى نەچچە يۈز دوللاردىن مەبلەغ سالغان.

ئەينى ۋاقىتتا چارلېز پانزى بىر قىسىم نادان ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن «كولومبۇ بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئۇلۇغ ئادەم، ئامېرىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ مەدھىيەلەنگەن. نۇرغۇن پۇل-مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرى چارلىز پانزىنىڭ مەبلەغ ئالدامچىلىقىنى پاش قىلغان ۋاقىتتا، پانزى گېزىتتە ئۆزىنى ئاقلاپ ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى «يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ، مەبلەغ سېلىش بىلىملىرىنى بىلمەيدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
1920-يىلى 8-ئايدا چارلىز پانزى ۋەيران بولغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالالمىغان. چارلىز پانزىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئۇنىڭ توپلىغان مەبلىغىگە ئەمەلىيەتتە نەچچە يۈز مىليون پوچتا ماركىسى سېتىۋالغىلى بولاتتى. بىراق چارلىز پانزى ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىككى تاللا پوچتا ماركىسى سېتىۋالغان.
شۇنىڭدىن كېيىن «پانزى ئالدامچىلىقى» بىر مەخسۇس مەبلەغ ئالدامچىلىقىنى كۆرسىتىدىغان، كېيىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئالدىدا مەبلەغ سالغانلارغا پايدا ھېسابىدا تۆلەپ بېرىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنىڭ  مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇپ كەلمەكتە. 
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئەتراپىمىزدا يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ھەرخىل نامدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش، XX دۇنيا بانكىسى، يەرشارىدىن ھالقىغان تۈر، ھەرخىل نامدىكى خىيالى ساياھەت شىركىتى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، مەۋھۇم پۇل XX تەڭگسى، ھەرخىل نامدىكى مەبلەغ توپلاش، مىڭ يۈەن بىلەن بىر يىلدا مىليونېر بولۇش ، ئۈندىدار توپلىرىدا قىمار خاراكتېرىنى ئالغان ھەرخىل نامدا ئوينىلىۋاتقان چاي، قىزىل بولاق ئويۇنى، XX پويىزى قاتارلىقلار تۈرلەرنىڭ ھەممىسى تىپىك پانزى ئالدامچىلىقىدۇر، يەنى باشتا كىرگەنلەر كېيىنكىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان، كېيىنكىلەر ئادەم ئەكىرەلمىسە زىيان تارتىدىغان ھەم قانۇنسىز، ھەم ئىنسانىي ئەدەپ ئەخلاققا زىت بولغان، باشقىلارنىڭ مۈلۈكنى قانۇنسىز ۋاسىتە ئارقىلىق ئىگىلىۋالدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى تىپىك بولغان پانزى ئالدامچىلىقىدۇر. بۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئالدامچىلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئۆز چۆنتىكىنى توملايدىغان ئويۇندىن ئىبارەت.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق  مەبلەغ سېلىش پىرى ۋاررېن باففېتنىڭمۇ يىللىق پايدىسى %20دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يىللىق پايدىسى %15 ئەتراپىدىكى شىركەتلەر ئەڭ ياخشى پۇل تاپقان شىركەت قاتارىدا سانىلىدۇ. ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسىنىڭ يىللىق پايدىسىمۇ ئاران %10ئەتراپىدا. يىلىغا %30 ساپ پايدا بېرىمىز دەپ مەبلەغ يىغقان يىزۇباۋ (e租宝) شىركىتىمۇ 58 مىليارد پۇلنى يىغىپ قېچىپ كېتىپ تۇتۇلدى، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلىنى قايتۇرۇۋالالمىدى. شۇڭا قېرىنداشلارغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىمىز، پايدا قانچە يۇقىرى بولسا خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، سىزگە پەقەت شۇ تۈرنىڭ پايدىسىنىلا سۆزلەپ خېيىم-خەتىرىنى سۆزلىمىگەن ئىشنىڭ ھەرقاندىقى قىلتاق ياكى ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. 

ھەقىقىي مەنىدىكى مەبلەغ سېلىش، نوقۇل پۇل تېپىشتىن باشقا، كۈتۈنۈش، بالا تەربىيەلەش، ئۆزى قىلىۋاتقان كەسىپنى تېخىمۇ پىششىق ئۆگىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈندىداردا سودا قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولۇۋاتقان،  پۇل تېپىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە پۇل تاپماقچى بولغانلارغا سەمىمىيلىك دەيدىغىنىم، ئەگەر سىز بىر ئائىلە ئايالى بولسىڭىز، ئېرىڭىز ئاچ قويمايۋاتقان بولسا، بالىلىرىڭىز ۋە ئائىلە ئەزالىرىڭىز ساغلام بولسا، ئۈندىداردا سودا قىلىپ ۋە ياكى تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپماقچى بولغان زېھنىڭىزنى بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، تەربىيەلىنىشىگە، يولدىشىڭىزنىڭ كىيىم-كېچەك  ۋە ئۆي تازىلىقىغا، ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەپ، تىل ئۆگىنىشكە ۋە بالا تەربىيەسىگە قارىتىڭ. شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ پايدا ۋە زور مۇۋەپپەقىيەت. ئەگەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز، ئۈندىداردا سودا قىلىپ ۋە ياكى تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپماقچى بولغان زېھنىڭىزنى سىزنى ئاچ قويماي بېقىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىڭىزگە قارىتىڭ، ئائىلىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا  قارىتىڭ، كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىڭ، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىڭ، كۇرس ئېچىپ بالىلارغا تىل ئۆگىتىڭ، ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇڭ. كەلگۈسىدە يېڭىشىڭىز چوڭايغانسېرى ئۇھ تارتىدىغان ئىشلىرىڭىز ئازلاپ، مائاشىڭىز ئۆسۈپ، ئەل ئاۋامنىڭ، ئىدارىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىڭىزدە گەپ يوق. ئەگەر سىز بىر دۆلەت مەمۇرى بولسىڭىز ئۈندىداردا سودا قىلىپ ۋە ياكى تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپماقچى بولغان زېھنىڭىزنى ئۆز كەسىپىڭىزنى قېتىرقىنىپ قىلىڭ. بىر ئىشنى كۈندە بەش مىنۇت پۈتۈن زېھنى بىلەن قىلالىغان ئادەم بەش يىلدا شۇ ئىشنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنالايدۇ دېگەن گەپ بار. ئەگەر سىزگە نان بېرىۋاتقان كەسپىڭىزنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن قىلسىڭىز، يىل ئاخىرىدا ئالىدىغان مۇكاپات پۇلىڭىز ياكى ئۇنۋان، ئەمەللىرىڭىز ئۈندىداردا سودا قىلىپ تاپقان پۇلىڭىزدىن كۆپ بولىدۇ. ئادەمنىڭ زېھنى، ئۆمرى، بىلىمى ۋە ۋاقتى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. مۇشۇ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىغان ئادەملەرلار مەيلى سودا ياكى مەمۇرىي ئورۇنلاردا بولسۇن %100 مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بىرگە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە تېگىشلىك ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى شەرت ئەمەس، ساغلام، ئىناق، بەختلىك ياشىشى شەرت. چەكلىك ئۆمرىڭىزدە ئۆزىڭىز قىلالايدىغان، ئىشلارنى قىلىڭ. 
مەبلەغ سېلىش نوقۇل سودا قىلىشنى كۆرسەتمەستىن ئىلىكىڭىزدە بار بايلىقنى قانداق تەقسىملەپ باشقۇرۇش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە نامەلۇم يۈز چاپلىقى ياكى ساغلاملىق دورىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى سېتىۋالغاندىن باللىرىڭىزغا 15 يىللىق مائارىپ سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىڭ، ئالىمادىس ئېغىر ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قالسا ھەمكارلىشىپ داۋالاش كۆتۈرىدىغان قىسمنىڭ ھەممىنى كۆتۈرىدۇ، غەم قىلمايسىز. تولۇق ئ‍وتتۇردىن باشلاپ ئۇنىۋېرستېتقىچە يىلىدا نەچچە مىڭدىن قايتىدۇ. سىزنى ئارتۇقچە غەمدىن خالاس قىلىدۇ. پەرزەنتىڭىز 25 ياشقا كىرگەندە تولۇق قايتۇرۇۋالايسىز. ئەگەر بەكلا پۇل مۇئامىلە كەسپىدە مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى بانكىدىن دۆلەت زايومى سېتىۋالسىڭىزمۇ پايدىسى مۇقىم، ئەنسىرىمەيسىز، لازىم بولغاندا بانكىدىن چىقىرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. قەرز ئېلىشمۇ ئوڭايغا توختايدۇ. خۇلاسە شۇكى، ئارتۇق پۇلىڭىزنى بەك مەبلەغ قىلىپ سالماقچى بولسىڭىز، دۆلەت ئىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى، بانكىلارنىڭ فوند ۋە دۆلەت زايومى قاتارلىقلارغا سېلىڭ. دۆلىتىمىزدە كۆپلىگەن سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يىللىق مۇقىم  پايدىسى %10-%13 بولىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بار. دۆلەت تەسىس قىلمىغان، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى نازارەت قىلالمايدىغان، ياكى قىلمايدىغان، كېلىپ چىقىشىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سالغىنىڭىز  ئەمەلىيەتتە قارىغۇلارچە زىيانغا سەكرىگىنىڭىزدۇر. 

مەنبەسى:http://www.nur.cn/news/2017/05/387019.shtml
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

15ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
oylan2315 ۋاقتى: 2017-5-9 16:32:40
مانا مانى مۇزدەك يۇمۇر دىسە بولغىدەك ،ھېلىقى ئەيسا ،مەتلىنىڭ دىگەنلىرى بۇنۇڭ ئالدىدا قۇرۇق گەپ بوپ قالغۇدەك
گىلەم
8088 ۋاقتى: 2017-5-9 17:14:10
راس دەپتۇ ياخشى تىما
ئورۇندۇق
chilek175 ۋاقتى: 2017-5-9 17:33:27
MetaTrader 4
ماۋۇ قانداق بولىدىغاندۇ ؟،بىر دوستوم مۇشۇنىڭغا مەبلەغ سىلىپتىكەن،مەۋھۇم توردا دۇنياسىدا،ئالتۇن كۆمۈش ئىلىپ سىتىپ يۈرىيدىكەن
5-قەۋەت
alxir138 ۋاقتى: 2017-5-9 17:55:49
دوستىڭىز بانكا ئارقىلىق،مەۋھۇم ئالتۇن،كۇمۇش ئېلىپ سىتىپ پايدا ئېلىۋاتقان بولسا،خاتىرجەم بولسا بۇلۇدۇ،ئالتۇن،كۇمۇشنىڭ ئۇسۇشىنى ياكى چۇشۇشىنى تاللاپ سىتىۋالغىلى بۇلۇدۇ،توغرا مۇلچەرلىيەلىسە پايدا ئالالايدۇ،ئەمما تور دۇنياسىدىكى باشقا جايدىن سىتىۋالسا ياكى مەبلەغ سالسا،زىيان تارتىشى100%
6-قەۋەت
mawlan001 ۋاقتى: 2017-5-9 18:31:39
راس بەك ياخشى يېزىپتۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئائىلە باللىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ مىنىڭ ئەتراپىمدىمۇ مۇشتاق ئەھۋاللارغا ئۇچراپ خانى ۋەيران بولغانلار كۆپ ھەقىقەتەن تەر تۆكمەي ھالاۋەت يوق
تىمىنىڭ بۇ بۈلىكى بەك ياخشى چىقىپتۇ


مەن بۇنىڭغا ھەقىقەتەن قۇشۇلىمەن بەزى ئائىلە ئاياللىرى ئۈندىدار سودىسى سەۋەبلىك ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلدى راس ھەقىقەتەن پۇل تاپتى لىكىن نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن ئايرىلدى  بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈندىدار سودىسىنى دەپ مەكتەپ ئوقۇشلىرىدىن ۋاسكەچتى ئۇلار ئويلىمىدىكى بىزگە ھەقىقەتەن ئەسقاتىدىغىنى شۇ بىلىم ئىدى  مۇشۇ تىمىنى كۆپلەپ تارقىتىپ قۇيىلى دوستلار
7-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-5-9 19:54:03
1 ئاينىڭ ئالدىدا.بىرسى 1000 يۈەن مەبلەغ سالسىڭىز.كۈنلۈك پايدىسىمۇ ئانچە پىرسەنت بولىدۇ.دېگەن ىدى.لېكىن مەن تازا قىزىقمىغان.ھە بۇنچىلىك پايدا ئېلىشى مۇمكىنمۇ دەپ ئىشەنمىگەن ئىدىم.ھازىر دېمىسىمۇ بۇنداقئالدامچىلىق قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ.يەنىلا رېئاللىقتىكى.تىجارىتىمىز ئەڭ بەلەن بولىدىكەن.شۇ قىلغان تىجارىتىمىزنى.قەدىرلىەپ شۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايلى.
8-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-5-9 20:24:05
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ
9-قەۋەت
ALQINIM ۋاقتى: 2017-5-9 21:28:31
مەنمۇ 4000 كوي ئالدىنىپ ئاندىن ھوشۇمنى تاپقان.ئاسماندىن تىللا تۆكۈلمەيدۇ ، ئالدىنىپ كەتمەڭلار.
10-قەۋەت
rustam34 ۋاقتى: 2017-5-10 01:34:48
بىر مۇكەممەل نۇتۇق بوپتۇ  
11-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-5-10 09:01:40
chilek175 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-9 17:33
MetaTrader 4
ماۋۇ قانداق بولىدىغاندۇ ؟،بىر دوستوم مۇشۇنىڭغ ...

بۇ ئىشەنچىلىك سۇپا باھا خەلىقئارا باھا بىلەن ئوخشاش. مەسلە سىزنىڭ ئۆرلەپ چۈشۈشىنى توغرا مۆلچەرلەپ پايدا ئىلىشىڭىز ياكى زىيان تارتىشىڭىزغا باغلىق. ئۈرۈمچىدىكى بايكۈچ شىركىتىنى بىلەن ئالاقلاشسىڭىز بولىدۇ، مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ھەم ئىشەنچىلىك .  تور بىكىتى: http://baykuq.com
12-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-5-10 15:07:45
جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ،مۇشۇ مايون ،ماخۇاتېڭ قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمھالىنى بىر كۇرۇپ باققان كىشى ئاندىن ئۇلارنىڭمۇ قانداق كۇنلەرنى كۇرۇپ ئاندىن بۇگۇنكى كۇنگە ئىرىشكەنلىكىنى ئۇقسا ئاندىب كاللىسى ئېچلىشى مۇمكىن .تىما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،جاپا چەكتىڭىز رەھمەت
13-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-5-10 16:50:11
chilek175 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-9 17:33
MetaTrader 4
ماۋۇ قانداق بولىدىغاندۇ ؟،بىر دوستوم مۇشۇنىڭغ ...

بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بىرسى باتتى توردا ئەشۇنداق قىممەت نىرسىنى ئېپ ساتىدىغان ھازىر ئىچكىردا نان ساتىدىغان بۇپقاپتۇ ناۋاي بۇپتۇ  بەلكىم توردا قويىلىپ كەتكەن چېغى قەرزى بەك كۆپ دەپ
14-قەۋەت
uysal ۋاقتى: 2017-5-10 19:41:09
信德斯  بىلەن 恒亿پايچىكىدە پۇلنى چىقىرالىغانلار بارمۇ
15-قەۋەت
15569117960 ۋاقتى: 2017-8-8 20:29:39
ئالىپداشلىرىمىزغا مۇشۇنداق بى ياخشى دەرس بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت     
دىمىسىمۇ ھازىر جەمىيتىمىزدە مۇشۇنداق بىر بىرىنى ئاتالمىش ۋاكالەتچى زوڭدەي تۈەندۈي دەپ قويۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى شىھنىنى خورىتىغان ئىشلار بەك كۆپ ھازىرقى ۋىيشىن سالڭنلىرى چچ توپلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇنداق تۈر مۇنداق تۈر ئۇ شىركەتكە پاي بۇ شىركەتكە ۋاكالەتچى كوبۇل قىلىمەن دەيدىغاندىن باشقا گەپ يوق ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى چچ توپلىرىدىكى شۇنداق خۇشال پاراڭلاردىن قىلچىمۇ ئەسىر يوق .
منىڭ دەپ قويىدىغىنىم ئۆزكەسپىڭىزنى قەدىرلەپ ئەگەر تور سودىسى ىلىش نىيتىڭىز بولسا تاۋباۋدىن دۇكان ئىچىڭ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部