+تېما يوللاش
ablizmansur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-1 18:57 2601 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن ئىنىم بارماق دىسكىڭىزنى بىرىپ تۇرۇڭ كىنو كۆرۈۋالاي دېگەنتى(بارماق دىسكا 64 جى بولۇپ، 55 جى لىق ھۆججەت باتتى)، ئوكام بولغاندىكىن دەپ بەرگەن. ئۇكامغا بىرىشنىڭ ئالدىدا بارماق دىسكىدىكى ھۆججەتلەر ساپساق ئىدى، ئۇكام Samsung 6 يانفونىغا سالسا ھۆججەت باشقۇرغۇچ بىردەم چۆرگۈلىۋېتىپ ئاندىن بارماق دىسكىغا كىرىپتۇ، بارماق دىسكىدا پەقەت 4 تال ھۆججەتلا تۇرىدۇ، باشقىلىرى يوق. بۇ بارماق دىسكىغا ئەپ تەرجىمە قىلىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ياساش ۋە سالون قۇرۇش-باشقۇرۇش، تور بىكەت قۇرۇش، ياساش، لايىھەلەش ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان دەرسلىك، ماتېرىيال، ھۆججەتلەر، ھەم تەرجىمە قىلىنىپ ۋە ياساپ ئالىپ تورىغا يوللاشقا تەييارلانغان ئەپ-دېتال بار ئىدى.
مەن بۇ ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرسەم بولاتتى.
بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنغان بولساڭلار!
بارماق دىسكا ماركىسى: 光明丝路 (نۇرلۇق ئالاقىسىنىڭ)
سىغىمى: 64G
QQ: 2814008377
ئۈندىدار: 15292992983
يانفون: 15559410368
15292992983
ئېلخەت: 2814008377@qq.com



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
تىرىشقان ئۇزار، تىرىشمىغان تۇزار.

28ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ansar630 ۋاقتى: 2017-8-1 19:19:21
بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز بىرنەچچە دىتال چىقىدۇ . شۇنىڭدىن ياخشى دەپ قارىغاننى ئىشلىتىڭ . ياخشىلىرى ھەقلىىق بولىدۇ .  ماتىرىيال مۇھىم دەپ قارىسىڭىز ئازراق پۇلنىڭ مىھرىدىن كېچىشىىڭىزگە توغرا كېلىدۇ .
گىلەم
oguzhan ۋاقتى: 2017-8-1 19:20:27
سىغىمى قانچىلىك قاپتۇ، ئەگەر سىغىمى بۇرۇنقىدەك بولسا ۋىرۇسنىڭ ئىشى بولىشى مۇمكىن.
ئورۇندۇق
oyla ۋاقتى: 2017-8-1 20:41:00
فۇرماتلىماي تۇرۇپ  ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ ، ئەسلىگە كىلىدۇ ، ھەقسىز دىتاللامۇ كۆپ ئەسلىگە كەلتۈردىغان
5-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-8-1 20:48:17
مىنى بەيدۇ دىسكىڭىزغا قاچىلاڭ يوللاپ بىرەي ، بەيدۇ نۇمۇرۇم uyhakan
6-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-8-1 20:56:58
   ئۇنداق مۇھىم ھۆججەتلەر بولسا «ئۆزۈم ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» دىمەي، دەرھال كەسپي ئۇستامنىڭ يىنىغا ئاپىرىڭ.
   
7-قەۋەت
1234567 ۋاقتى: 2017-8-1 21:05:02
ئىشقىلىپwin10سىستىمىلىق كومپىيۇتىغا چىتىپ ئىشلەتمەڭلا،بولمىسا ۋىرۇسلىنىپ قالغان بارماق دىسكىدىكى ھۆۆۆەتنىڭ ھەممىسىنى تازىلىۋىتىدۇ،ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.تەكلىپ:360نىڭ بىر ئورنى با،يۇيلۇپ كەتكەن ھۆججەتنى ئەسلىگە ئەكىلىپ بىرىدىغان;يەنە بىرتەكلىپ:باشقا كومپىيۇتىرغا سىلىپ بارماق دىسكىنى تونۇتۇپ بىقىڭ
8-قەۋەت
aske. ۋاقتى: 2017-8-1 21:26:25
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-1 20:56
ئۇنداق مۇھىم ھۆججەتلەر بولسا «ئۆزۈم ئەسلىگە كەلتۈرى ...

مەنچىمۇ شۇنداق بەك مۇھىم نەرسلەر بولغاندىكىن ئەڭ ياخشى ئۇستازلارنىڭ يىنىغا ئاپىرىڭ بولمىسا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىلىپ قويغان ئىش بولمىسۇن
9-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-1 23:33:35
يۇقىرىدىكى دېتال ھېچنىمىڭىزنى يوقىتىۋەتمەيدۇ،خاتىرجەم تازىلاۋېرىڭ
10-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-1 23:35:21
usbcleaner6.0دا ئەسلىگە كېلىدۇ
بۇ دېتال ھېچنىمىنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ،بەك ئېسىل دېتال بۇ بىلگەن ئادەمگە
11-قەۋەت
kiranmawlana ۋاقتى: 2017-8-1 23:37:14
بارماق دىسكىنى كومپىيوتېرغا چېتىپ بارماق دىسكىغا كىرگەندىن كىيىن قۇرال(工具)تىزىملىك سىتونىدىن قاراش(查看)تاللاش تىزىملىكىگە كىرىپ تەڭشەپ كۆرۈپ بېقىڭ، قوغدىلىدىغان ھۆججەت تاللانما رامكىسىنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسى بىلەن  يۇشۇرۇش تىزىملىكى ئالدىدىكى توغرابەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ كۆرۈپ بېقىڭ،ئەگەر ئىچىگە بىر دانە بارماق دىسكىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان بىر ھۆججەت پەيدا بولسا شۇنىڭ ئىچىدە ھۆججىتىڭىز بۇلىدۇ
12-قەۋەت
ARISTO ۋاقتى: 2017-8-1 23:59:19
ھەقسىز ئەسلگە كەلتۈرۈش دىتالىنىڭ ياخشىراقى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار دوسلا
13-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-2 00:03:00
مەندە كومپىيوتىر بولغان بولسا 99%ئەسلىگە كەلتۇرۈپ بىرەتتىم ئەپسۇس http://www.andiza.cn/forum.php تورىغا كىرىپ قارتالنىڭ فىلىمچىلىك سىستىمىسىنىڭ ئىلانىدا تىلفۇن نۇمرى با شۇنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسلىكى بار        ئۇنىڭغا سىستىما كەتمەيدۇ كومپىيوتىرنىڭ ئۆزىدە ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىلە.
14-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-8-2 00:39:53
مىنىڭ 16gئىدى ، سامسۇڭنىڭ ، مەنمۇ تىلۋىزۇردا كىنو كۈرۈپ بولۇپلا تىلفۇنغا چېتىپتىمەن ، بىردەم چۆرگىلەپلا ئېچىلدى ئىچىدە ھېچنىمە يوق ، ئادەتتە بارماق دىسكىڭىزدا تەڭ سىغىمدىن كۆپرەك نەرسە قاچلىغان بولسىڭىز ، توك يىتىشتۈرۈپ بولالمايدىغان يانفۇنغا سالماڭ ، شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن ،
15-قەۋەت
tanha13 ۋاقتى: 2017-8-2 05:44:07
بەيدۇدىن 超级数据恢复软件破解版 مۇنۇ دىتالنى ئىزدەپ چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، يىشىۋېتىلگەن نۇسخىسى ،مەن ئىشلىتىپ باققان يامان ئەمەس بۇ دىتال.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部