+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-4-3 11:06 6566 قېتىم كۆرۈلدى 49 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بەزىدە يانفون نومۇرى ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن كارتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەي، نومۇرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بىجىرمەي تاشلىۋېتدىغان، ياكى كۆپرەك قەرز بولۇپ قالغان نومۇرنى تاشلىۋېتىپلا باشقا نومۇر بىجىردىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

SIM كارتىنى قەرز قىلىپ تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
ئەگەر كارتىنى ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىگە بىجىرمىگەن، ھەقىقى ئىسىم دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمىگەن بولسىڭىز خالىغانچە تاشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەمما ھازىر ھەر قانداق يانفون كارتىسىنى چوقۇم ھەقىقىي ئىسىمدا دەلىللەتكەن بولۇش كېرەك. بولمىسا نومۇر توختاپ كېتىدۇ.

ھەقىقىي ئىسىمدا دەلىللەتكەن كارتىنى قەرز قىلىپ تاشلىۋەتسە:
1. قارا تىزىملىككە كىرىپ قالىسىز
كۆچمە، بىرلەشمە، تېلگىراف شىركىتىنىڭ قايسسىلا بولسۇن يانفون نومۇرىنى قەرز قىلىپ تاشلىۋېتىپ ئىشلەتمىسە ئۇلارنىڭ سىستېمىسنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۋېتىدۇ.
نۆۋەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن تېلگىراف قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرگە جازالاش تەدبىرى قوللانمىدى. ئەمما جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغانلارغا ھەر كۈنى 1000 دە %3 بويچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. تاپشۇرمىغان پۇلى مەلۇم چەككە يەتكەندە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق تۆلىتىۋالىدۇ. (ئەمما ھازىرغىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن توختاملىشىپ سېتىۋالغان يانفوندىن باشقا، كارتا قەرزنى سۈيلەپ سوتقا ئەرز قىلغان ئەھۋال يوق دېيەرلىك)
خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىپ، كېيىن يېڭى نومۇر بىجىرمەكچى بولسىڭىز تەسىرگە ئۇچىرايسىز.
2. ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ
ھازىر يانفون نومۇرىنى ھەقىقى ئىسىمدا دەلىللەش ئەمىللىشىپ، يانفون قەرز ئۇچۇرى تورلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. جۇڭگو خەلق بانكىسى 600 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفون ھەققى تاپشۇرۇش، قەرز قىلىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ بولدى. ئالدىنقى قېتىم مەركىزى خەلق بانكىسى « يانفون قەرزى بار ئادەمگە تۇرالغۇ ئۆي قەرزى تارقىتىشقا بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقاردى.

3. توختاملىشىپ ئالغان يانفون، يەنى خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن نومۇر بىلەن يانفوننى مەلۇم مەزگىل ئىشلىتىش ھەققىدە توختاملىشىپ ئالغان يانفوننى مۇددەت توشقۇچە ئىشلەتمەي قەرز قىلىپ تاشلىۋەتسىڭىز سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىلدىكى ئەرز قىلىنىش ئەھۋالى خېلى كۆپ. توختاملىق يانفوننى سېتىۋالغاندا توختام ئىمزالىنىدۇ، توختام بولغانكەن مەسئۇلىيەت بولىدۇ. توختاملىق يانفون ۋە نومۇرنى قەرز قىلىپ قايتۇرمىسىڭىز ئالدامچىلىق قىلمىشىغا كىرىدۇ. بۇ خىل توختاملىق يانفوننىڭ قەرزنى قايتۇرۋېلىش جەھەتتە ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ بىۋاستە داۋا قىلىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش14 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن10 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

49ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ablizmansur ۋاقتى: 2017-4-3 11:10:17
ياخشى تېما، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن!
گىلەم
14799682185 ۋاقتى: 2017-4-3 11:17:28
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بولۇپتۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت،يېقىندا 1 دوستىمىز مۇشۇ مۇنبەرگە،ئاشۇنداق قەرز قايتۇرۇش توغرۇلۇق چاقىرىق قەغەزنى ئەۋەت كەنلىك توغرىسىدا تېما يازغان ئىدى،بۇنىڭدىن كېيىن ئومۇملىشىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ،مەنمۇ يېقىندىن بېرى داۋاڭ كا دىنبىرنى ئىلتىماس قىلغان، تاپشۇرۇپ ئالىدىغان يەرگە كىرسەم،سىزنىڭ بۇرۇن ئىشلىتىپ قەرز قىلىپ تاشلىۋەت ىكەن كارتىڭىز بار ىكەن قەرزنى تۆلىۋېتىڭ بولمىسا بېجىرىپ بېرەلمەيمىز دەيدۇ، مەنمۇ بېجىرەلمەي يېنىپ چىققان ئىدىم.
ئورۇندۇق
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-3 11:19:39
بىز تەرەپلەردە ج خ ئىدارىسىدىن كارتا توختىتىدىغان ئىشلار چىققاندىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن تاشلىۋەتكەن كارتىلىرنىڭ قەرزىنى
تۆلەپ ئۆتكۈزۋىتىش دولقۇنى بوپ كەتتى، قەرز تۆلەپ كارتا ئۆتكۈزۋىتىدىغانلار ئۆچرەتتە ،
ئالدى 15-20 مىڭ كوي تۆلەپ كەتتى، ئىشقىلىپ شىركەتلەر دەردىنى راسا چىقىرۋالدى ، ئابونىتلارنىڭمۇ بۇرنىغا سۇ كىردى،
5-قەۋەت
چوغ ۋاقتى: 2017-4-3 11:28:35
ھەقىقەتەن ياخشى   تىما بوپتۇ  بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ قەرىز بار كارتىسىنى ئ‍ىشلەتمەي  تاشلىۋەرسە،بىرلەشمە خەۋەرلىشىشدىن  مەڭگۈ كارتا بجىرگىلى بولمايدۇ دەيدۇ راسمىدۇ؟
6-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-4-3 11:47:42
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-3 11:19
بىز تەرەپلەردە ج خ ئىدارىسىدىن كارتا توختىتىدىغان ئىش ...

مۇنداق  ئىشما  بارمىكەن  تىخى  !بىز تەرەپلەردە دەپسىلە  قەيەردە  شۇنداق  بۇلۇۋاتىدۇ    بىز مۇ  بىلىپ   قالايلى؟
7-قەۋەت
梁飞 ۋاقتى: 2017-4-3 12:25:39
مىنىڭ نامىمدا قەرىز كارتا يوق ئىدى ،لىكىن كارتامنى توختىتۋىتىپ ،تىلفۇننى تەكشۈرۈتۈپ كەلسەممۇ ئىچىپ بىرىشمىدى ،توختاملىق كارتىتى بىرلەشمىنىڭ ،تاشلىۋەتسەم بولامدۇ ،يول كۆرسەتسەڭلار
8-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-4-3 12:53:35
رەھمەت  سىزگە  بۇ ئېنىق چۈشەنجە بوپتۇ
9-قەۋەت
aske. ۋاقتى: 2017-4-3 12:59:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداشلار ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن مەن بىر كارتىنى ئىشىلتىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى لىكىن كارتا مىنىڭ نامىمدا ئەمەس كارتا نامىدىكى ئۇ ئادەم بىلەن پەقەتلا ئالاقىلاشقىلى بولمايۋاتىدۇ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم بىلگەن بولسام ئىزلەپ بىرىپ ئۆز نامىمغا يۆتكىۋالغان بولاتتىم باشقا ئامال بارمۇ بۇرۇن 6 ئايلىق پۇل تۆلىگەن تالۇننى يىغىپ ئاپارسا  يۆتكىگىلى بولاتتى بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن
10-قەۋەت
18016942061 ۋاقتى: 2017-4-3 13:57:50
بۇرۇن تاشلىۋەتكەن كارتىلار 3ئايدىن 6ئايغىچە كۇڭخاۋ بوپكىتەتتى ھازىر كۇڭخاۋ بولمامدىكەن كۇڭخاۋ بولسا ئۇنچىلىك كۆپ قەرىزگە كىرىپ كەتمەيىتتى
11-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-4-3 14:26:02
aske. يوللىغان ۋاقتى  2017-4-3 12:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداشلار ئەھۋالىڭلار ي ...

ئىگسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان بولسىڭىز مەيلى ئۇ قانداقلا كارتا بولسۇن ئىشلەتمەڭ ،  نۇمۇرى نڭچى بولسىمۇ يەنىلا ئىشلەتمەڭ . ( مىنىڭ شەخسى قارشىم )
يەنە بىرگە بىزنىڭ خوتەن كېريە تەرەپلەدىمۇ ئۈندىداردا خۇڭباۋ ئوينىسا كارتىنى توختىتۋېتىدۇ
12-قەۋەت
M-16 ۋاقتى: 2017-4-3 14:31:22
مەن تېخى ئالدىنقى ئايدىلا توختام ئىمزالىغان نۇمۇرنى تاشلىۋىتىپ باشقىنى بىجىرۋالدىم تېلىگىرافىنىڭ نۇمۇرىنى ئايلىقى 39يۈەنتى ئەمما 39يۈەن بىلەن ماڭمايتى
13-قەۋەت
Nur1800 ۋاقتى: 2017-4-3 14:42:21
مەن مۇشۇ تىمىنى كۆرۈپ بۇرۇن قەرىز قىلىپ تاشلىۋەتكەن كارتىلىرىمغا تىلفۇن قىلسام تەلىيىمگە  ھەممىسى كوڭخاۋ چىقتى بىرە چاتىقى چىقمىسا بۇلاتتى
14-قەۋەت
karwan4912 ۋاقتى: 2017-4-3 14:45:01
مەنغۇ بىرەر كارتىنى قەرىز قىلىپ تاشلىۋېتىپ باقمىدىم .لېكىن كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم .بىرلەشمىنىڭ ئاشۇنداق بولسا يېڭىلاپ كارتا ئالغىلى قەتئىي بولمايدىكەن
15-قەۋەت
trkn ۋاقتى: 2017-4-3 14:49:55
مەن ئۇچۇنلام يىزىلغان تىما بۇلۇپتۇ بۇ مىنىڭمۇ بىر تال لىيەنتۇڭ كارتام بار ئىدى 4يىلنىڭ ئالدىدا كۇڭخاۋ بۇلۇپ تاشلىۋاتقان ھازىر يانا بىر تال لىيەنتۇڭ كارتا بار ئىدى شۇ كارتىنى تۇختىتاي دەپ كىرسەم 1000كوي قەرىزى باكەن شۇ قەرىزنى تۇلىسىڭىز توختىتىمىز دەپ بىجىرىپ بەرمىدى قانداق قىلسام بولار ئەمدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部