+تېما يوللاش
tarhan يوللانغان ۋاقتى:2012-2-28 10:03 88008 قېتىم كۆرۈلدى 202 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
31-قەۋەت
kilimat ۋاقتى: 2012-2-28 19:39:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سۇئال؛ ھازىر ئالىپ تورىدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ بشمىزنى ئاغرىتىپ،كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋاتقان يانفۇن
化为c8650 بولۇپ،نورغۇنتورداشلا ئېيتىشىپ يۈرۈپ توربەتلەرنى ئۇيغۇرچە كۆرگىدەك قىلغان بىلەن نىگىزىدىن ئۇيغۇرچىنى تونۇتقانلىرى يوق،شۇڭا بۇيانفۇننىڭ  CPU نى،2.3.3نەشرىنى،ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچنى  نورمال تونۇتقىنى بولامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla350 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 19:42  

32-قەۋەت
sada425 ۋاقتى: 2012-2-29 01:17:10
سۇئال    ئاندرويد سىستىمىدا قاتتىق دىتال قوزغاتقۇچىسى ئەسلىدىنلا بولامدۇ ياكى rom ياساش جەريانىدا بىرىكتۈرەمدۇ؟
33-قەۋەت
kurax ۋاقتى: 2012-2-29 12:09:17
سۇئال: ئوخشاش بىر ماركىدىكى ئەقلى ئىختىدارلىق يانفۇنلارنىڭ (ياۋرۇپا،كورىيە،شاڭگاڭ،چوڭ قۇرۇقلۇق......)دىگەندەك نۇسخىلىرى ئىچىدە قايسى نۇسخىسىنى تاللىغان ئەڭ ياخشى؟
34-قەۋەت
biruyghur ۋاقتى: 2012-2-29 18:02:14
قېرىندېشىم! خالىس ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۇم!!!

ئايانماي مەسلىھەت بېرىڭكى:
مەن بۇ كەسىپتە ساۋاتسىز بولغاچقا بۇلتۇر 10-ئايدا ئەقلىفوندەپ سېتىۋالغان 酷派d539 يانفونىغا كۆپ ئورۇنۇش قىلىپمۇ ھازىرغىچە ئۆز ئۇيغۇر يېزىقىمنى تونۇتالمىدىم.
سىزچە: (1) بۇ يانفوننىڭ ئەسلى سەپلىمە ۋە نەشىر دەرىجىسى ئۆز ئۇيغۇر يېزىقىمنى تۇنۇتۇشقا ئىمكان بېرەمدۇ-يوق؟ (2) بۇ يانفونغا ئۆز ئۇيغۇر يېزىقىمنى زادى قانداق تونۇتىمەن؟ (3) بۇ يانفوننىڭ نەشىر دەرىجىسىنى زادى قانداق ئۆستۈرۈمەن؟

قوشۇمچە(酷派D539参数):
网络模式:GSM,CDMA2000
外观设计:直板
主屏尺寸:3.5英寸 480x320像素
触摸屏:电阻屏,单点触控
摄像头像素:300万像素 CMOS
操作系统:Android OS 2.1
机身内存:512MB ROM+256MB RAM
电池容量:2500mAh
蓝牙传输:支持蓝牙2.1+EDR+A2DP
GPS导航:内置GPS,支持GPSone
键盘类型:虚拟QWERTY键盘
视频播放:支持3GP/MP4等格式
35-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-29 18:19:30
abdulla350 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 19:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سۇئال؛ ھازىر ئالىپ تورىدىكى ھەۋەس ...

بۇ تېلفۇنغا 4.0 نەشىرى ئېلان قىلىنىپتىغۇ ؟ مەن سىناپ باقمىدىم . ئۆزىڭىز توردىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ .مېنىڭچە پۈتۈنلەي تۇنۇتقىلى بۇلىدۇ .
كەچۈ رۈڭ  بۇ سۇئالىڭىزغا تەرتىپ نۇمۇرى قويماي ئۇدۇللا جاۋاپ بېرىۋەتتىم .
http://a.tgbus.com/rom/item-31188/
36-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-29 18:20:37
kurax يوللىغان ۋاقتى  2012-2-29 12:09
سۇئال: ئوخشاش بىر ماركىدىكى ئەقلى ئىختىدارلىق يانفۇنل ...

مەسىلەن قايسى تېلفۇننى دەۋاتىسىز ؟
37-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-29 18:32:20
kebj يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 15:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەك ياخشى  ...

بۇ نىڭ 4.0 رومى چىقىپتۇ . توردىن كۆرۈپ باقتىم . توردىن سىزمۇ ئىزدەپ بېقىڭ بولمىسا تېلفۇن رىمۇنتخانىلىرىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
38-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-29 18:33:36
RGB يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 16:15
1-سۇئال : ئەنجۈر تېلفۇنغا ئۇيغۇر يېزىقىنى قانداق تونىتى ...


15- سۇئال :
ئەنجۈر سېستىمىلىق يانفونغا ئەپ قاچىلىساق ، ئىچكى سىغىمى توشۇپ كەتتى دەپ چقىۋالسا قانداق قىلىپ سىغىمىنى چوڭايتىمىز ؟ قانداق قىلساق ئەپنى بىۋاستە كارتىغا قاچىلىيالايمىز ؟

        ئەنجۈر تېلفۇنىغا ئەپ قاچىلىغاندا ئىچكى سىغىمى تۇشۇپ كېتىش مەسىلىسى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر مەسىلە ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ياخشى بولغان ئىچكى سىغىم باشقۇرۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئەپلەرنى بىۋاستە كۆپ ۋاستىلىق كارتىغا قاچىلاشتۇر .
1) دائىم لازىم بولمايدىغان ئەپلەرنى قاچىلىماسلىق .
بەزىلەر تېلفۇنىغا نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلىۋالىدۇ . بۇ ئەپلەرنى قاچىلاپ قويغان بىلەن ئايدا بىرەر قىتىممۇ ئىشلەتمەيدۇ .  ئىشلەتمىسە نىمە ئەھمىيىتى ؟ شۇڭا ئۆزىڭىزگە كۈندە ياكى دائىم ئىشلىتىدىغان ئەپلەرنى قاچىلاڭ. ئىقتىدارى ياخشى دەپ لازىم بولمايدىغان نەرسىلەرنى قاچىلۋالماڭ . بەزى ۋاقتلىق لازىم بۇلىدىغان ئەپلەر ۋە ياكى ئۇيۇنلارنىڭ قاچىلاش پىروگراممىسىنى تېلفۇنىڭىزنىڭ ساقلاش كارتىسىغا ساقلاپ قۇيۇڭ . لازىم بولغاندا دەرھال قاچىلاپ ئىشلىتىۋىلىپ ئاندىن ئۆچۈرۋەتىسىڭىز بۇلىدۇ .
2) سىغىمى چوڭ ئەپلەرنى ئىمكانقەدەر قاچىلىماسلىق .
بەزى ئەپلەر بار ئۇلارنىڭ سىغىمى بەك چوڭ . قاچىلىغاندىن كىيىن ئىچكى سىغىمنى ئىگەللەپ تېلفۇننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ . ئىسىڭىزدە بولسۇن تېلفۇننىڭ ئەڭ مۇھىم رولى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش . باشقا ئىقتىدارلىرىنى قانچە ياخشى قىلۋالغىنىڭىز بىلەن تېلفۇن ئالاقىڭىزگە تەسىر يەتسە نىمە ئەھمىيتى ؟
3)  تېلفۇن ئىچكى سىغىمىنى ئىگەللىۋالغان لازىم بولمايدىغان يۇمشاق دىتال ۋە بىر قىسىم كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش :
سىز تىلفۇننىڭ روت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن بولسىڭىز سېستىما ئەسلى تەمىنلىگەن بىر قىسىم دىتاللارنى ۋە كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتىسىڭىز بۇلىدۇ .
4) تېلفۇنغا قاچىلانغان دىتاللارنى SD كارتىغا يۆتكەش .
بەزى دىتاللارنى تېلفۇننىڭ ئۆزىدىكى پىروگرامما باشقۇرۇش جايىدىن SD كارتىغا يۆتكىگىلى بۇلىدۇ .

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك پىروگراممىنى  SD غا يۆتكەش كۇنۇپكىسى يۇرىغان بولسا شۇ كۇنۇپكىنى بىر باسسىڭىز پىروگراممىنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنى SD  كارتىغا يۆتكەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن تېلفۇننىڭ ئىچكى سىغىمىنى ئىگەللىمەيدۇ .
بەزى پىروگراممىلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا  ئىزى قېلىپ قالىدۇ . ئەخلەت ھۆججەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ .
بۇ چاغدا  清理数据  دىگەن كۇنۇپكىسنى بېسىۋەتسەك ۋاقتىلىق ساقىلىنىپ قېلىنغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىدۇ .
تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
  
91 تېلفۇن ياردەمچىسى يۇمشاق دىتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە پىروگراممىنى SD كارتىغا يۆتكەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بۇلۇپ مېنىڭ سىناپ بېقىشىمچە 99 پىرسەنت ئەپنى SD  كارتىغا يۆتكىگىلى بۇلىدۇ .
ئەلۋەتتە بارلىق پىروگراممىلارنى SD  كارتىغا يۆتكىۋالماڭ . مەسىلەن ھاۋارايى ، سېستىما قۇراللىرى قاتارلىقلارنى يۆتكەپ قويسىڭىز تىلېفۇننىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ . ئەپلەر SD  كارتىغا قاچىلانسا تېلفۇننى يېڭى قوزغاتقاندا دەرھال بۇ ئەپلەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ . SD  كارتىغا قاچىلانغان ئەپلەرنى بەزى ۋاقتىلاردا تېلفۇن ياخشى تۇنىمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-5 11:56  

39-قەۋەت
umut6115 ۋاقتى: 2012-2-29 20:58:22
ئالدى بىلەن  سىزگە  كۆپ رەخمەت  ئېيتىمەن ،     
  مەن   يېڭى   (   sony ericsson.x10i  (2.1  تىلپۇنىنى سېتىۋالغان. مەنمۇ  ئەنجۈر  بىلىملىردىن  پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ، سىزنىڭ  بۇ تىمىڭىزنى  باشتىن  باشلاپ ئۇقۇۋاتىمەن،   بېشىم  بەك  قايمۇقۇپ قالغان بولسىمۇ     ئاز تۇلا  بىلىمگە  ئىگە بولدۇم.
تىلپۇنۇمنى   4.0 نەشرىگە كۈتۈرۈپ  ئۇيغۇرچىنى  نىگىزىدىن تۇنۇتقىلى بۇلامۇ  ؟
يەنە بىرى  مەن  سىزنىڭ  15- سۇ ئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا  بەك ئىھتىياجلىق .
40-قەۋەت
kurax ۋاقتى: 2012-2-29 21:06:23
tarhan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-29 18:20
مەسىلەن قايسى تېلفۇننى دەۋاتىسىز ؟


samsung i9100 s2  تىپلىغىنى دىمەكچى ئىدىم! قايسى نۇسخىسىنى(يەنى شاڭگاڭ ،چوڭ قۇرۇقلۇق،ياۋرۇپا نۇسخىسى دىگەندەك) سىتىۋالسام بولا؟مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 21:09  

41-قەۋەت
شەمشەر ۋاقتى: 2012-3-1 03:57:05
بۇ تىما ئېنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر تىما بوپتۇ ، ئاللاھ ئېشلىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى خەيرىلىك قىلغاي

مىنىڭ سۇئالىم ،يانفۇنغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش ئۈچۈن فونت قاچىلىشىمىز لازىم ئەلۋەتتە. ئەگەر يانفۇننىڭ ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن تۇنۇش ئېھتىمالى بولسا.ھەرقانداق ئۇيغۇرچە فونت بولسا بولىۋىرەمدۇ،ياكى فونىتنىمۇ تاللاپ قاچىلاش كىرەكمۇ ؟

فونىت قاچىلىغاندىن كىيىن ھوقوق بىرىدىكەنمىز ،شۇيەردە بىرقانچە تاللاش كۆزنىكى باكەن ،شۇ يەردىن قايسىلىرىنى تاللايمىز؟

بىر فونىت ئارقىلىق سىستىما يۈزىدە ھەم تور يۈزىدە نومال قوللاتقىلى بولامدۇ ياكى ئېككى ئۈچ خىل فونىتنى بىرگە قاچىلاش بىلەنمۇ ؟

فونت قاچىلىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلش كىرەك ،نىمىلەر دىن ئېھتىيات قىلىش كىرەك ،شۇ ھەقتە مەسلىھەت
بەرگەن بولسىڭىز.! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-1 03:58  

42-قەۋەت
biruyghur ۋاقتى: 2012-3-1 17:17:00
ئەسسالام خالىش نىيەت ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مەن بۇلتۇر 10-ئايدا 酷派D539 يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالغان، يېقىندا تور ئارىلاپ ھەرقايسىڭىزلارنىڭ يانفون ئاساسى بىلىمىگە دائىر ماقالە تەۋسىيەيىڭلارنى كۆرۈپ، 酷派D539 يانفونىنىڭ سەپلىمە ۋە نەشىر دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنداقلا ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ چارە-تەدبىر ئويلاپ ھەرخىل تىپتىكى ئۆز يانفونىڭىزلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى تونۇتۇپ ئۈنۈملۈك مەشغۇلات قىلغىنىڭلارنى بىلىپ تولىمۇ سۆيۇندىم. سىللەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا سىڭدۇرگەن خالىس ئەجرىڭلەرگە بارىكاللا!!!!
ئەمدىكى گەپ: سېتىۋالغىلى يېرىم يىلمۇ بولمىغان 酷派D539 يانفونىمنى ھازىرقى سېرىقتال تۇرمۇشتا دەماللىققا باشقا ئىلغار يانفونغا ئالماشتۇرالمايمەن. شۇنداقتىمۇ سىزلەرنىڭ ياردىڭىڭلەردە مەن ئىشلىتىۋاتقان 酷派D539 يانفونىدا ئۆزگە يېزىققا بېقىنىش ئاسارىتىدىن  قۇتۇلماقچىمەن.
ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئىستىگىدە خالىش ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى بۈگۈنكى دۇنيا ئىلغار  قورال-سايمانلىرىغا ئۆزلەشتۈرۈپ سىڭدۈرۈۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىم قېنى ماڭا ياردەم قىلىڭلار؟؟؟؟؟؟ مەنمۇ سىزلەردەك ئۆز يانفونۇم 酷派D539 دا ئۇيغۇرچە يېزىقىدا مەشغۇلات قىلىپ باقايچۇ!؟؟؟؟؟  
مەن بىر ئادەمگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق يەنىمۇ نۇرغۇن  酷派D539 يانفونى ئىشلەتكۈچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنىمۇ ھەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ ياردەم قىلىشتىن ھەرگىز ئايانمىغايسىلەر. ياردىمىڭلەرگە تەشنا مەن!!!!!!
43-قەۋەت
kilimat ۋاقتى: 2012-3-1 17:26:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
سىز يۇقۇردا قالدۇرۇپ قويغان  3دانە ROOTدىتالىنى 化为c8650يانفۇنىغا قاچىلاپ بىر-بىرلەپ قوزغۇتۇپ باقتىم ھەممىسى
نورمال قوزغالمىدى،بۇنىڭ سەۋەبىنى يانفۇننىڭ نەشرى2.3.3 ئىدى شۇنىڭدىمۇ؟ياكى تىلگرافنىڭ CDMA قوللايدىغان يانفۇنلىرىدن كۆرۇشكەبولامدۇ؟ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟ دىتال يانفۇنغا نورمالچۈشتى بىراق قوزغاتسام ئىجرا بولمىدى  SuprOneClick دىتالى قوزغۇلۇپ %40گەبارغاندا شۇپېتى  بىرەرسائەتچە تۇرۇپمۇ ئىجرا بولمىدى يانفۇنبەكلا ئېغىربولۇۋالدى  دىتالنى يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن ئېغىلىشىدىغان ئىش ئوڭشالدى بۇ نىمە ئىشتۇ؟ ئاۋارەقىلىدىغان بولدۇم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla350 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-1 17:51  

44-قەۋەت
rasheed ۋاقتى: 2012-3-1 17:52:02
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ. تېما ئىگىسىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت!
مېنىڭ سۇئالىم(ئالدىن يەنە بىر رەھمەت ئېيتىمەن):
ئەنجۇر سىتېمىسىنىڭ ھەر قانداق نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن: سىز ئەنجۈر 4.0 دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە راۋان تونۇتقىلى بولىدۇ دەپسىز، ئۇنداقتا ئەنجۈر 2.2.2 نىمۇ ئۇيغۇرچە تونۇتالامدىم؟ تونۇتقىلى بولمىسا ئۇنىڭ نەشىرىنى 4.0گە ئاشۇرغىلى بولارمۇ؟

45-قەۋەت
sada0903 ۋاقتى: 2012-3-2 23:20:31
مەن 三星i929 ھەمدە 三星تىپىدىكى PADلارغا  91ھەم ROMقاچىلىغۇچنى تۇنۇتالمىدىم قانداق قىلسام تۇنۇتالايمەن ياردەم قىلغان بولساڭلار؟؟ ياكى باشقا ئىلى ئۇسۇلدا ROMياكى ئەپ قاچىلىغى؛ى بۇلامدۇ؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sada0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-2 23:24  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部