+تېما يوللاش
gofrat يوللانغان ۋاقتى:2016-12-26 21:32 6498 قېتىم كۆرۈلدى 55 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر كەمىنە گوفىرەتتىن  ئوتلۇق سالام.
بايا تېخى مۇنبەردە ئۇيغۇرچە ئۈندىدارنىڭ يېڭى نەشىرى توغرىلىق تېما كۆرۈپ، تېمىدىكى تەلەپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ بېرىپ بىر ئوبدانلا ئۇيغۇرچە ئۈندىدارنى چۈشۈرىۋالدىم، مەن ئاساسەن دېگۈدەك ئالما تېلپۇن ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچ ئاندىرويتقا يېڭىياچى دېسەممۇ بولىدۇ، ئەمدى خىزمەت تۈپەيلى بىر ئاي بۇرۇن vivox9تىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ كۆردۈم،ئىشقىلىپ بۇ كاساپەت ھەقىقەتەن يارىدى ماڭا.
بۇ تېلفۇننىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى يەنىلا كامىرا دېيىشكە بولىدىكەن، يەنى بۇ تېلفۇننىڭ ئالدى كامىراسى 20مىليۇن پېسىل، ئارقا كامىرا 16مىليۇن پېكسىل كېلىدىكەن. ھەقىقەتەن سۈزۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئالدىغا قوش كامىرا ئىشلەتكەن يانفۇن بولغاچ، خېلى بىر چاغلارغىچە مودىدىن قالمىغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ئالدىدا قوش كامىرا بار تېلپۇن چىقمىدى ئەمەسمۇ، يانداش كامىرامۇ سەككىز مىليۇن پېكسىل كېلىدىكەن،ئۇنىڭ رولى ئاساسەن ئۆز تارتىم چۈشكەندە ئەتراپتىكى مۇھىتنى غۇۋالاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارتقان رەسىمنى ئۈچ سىكۇنىت ھەرىكەتچان سۈرەت ھالەتتە ئاۋازنىمۇ تەڭ قوشۇپ ئالىدىكەن. ئىشقىلىپ بۇ قېتىم كامىرا تەرەپكە ھەقىقەتەن ئىشلەپتۇ.

سىگىنال تارتىشىغا كەلسەك بۇ تېلپۇنغا ھازىر ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان Uشەكىللىك سىگىنال تاسمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ سىگىنال تارقىتىش ۋە قۇبۇللاش ئىقتىدارى باشقا تېلپۇنلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن، ئىجرا سىغىمىمۇ 4جى بولغاچ خېلى چوڭ سىغىملىق ئويۇنلارنى ئوينىسىمۇ تېلپۇن قېتىۋالىدىغان ئىشلارمۇ يوق، ئاتمىش تۆت جىلىق ساقلاش بوشلۇقى ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىكەن، ئۈچ خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسىنى 4gھالەتتە قوللايدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئاسراش ئىقتىدارى، بالىلار ئەندىزىسى ، تۆمۈر يول ئەندىزىسى دېگەندەك ئىقتىدارلىرى تېلپۇننىڭ مۇكەممەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپتۇ. ئالاھىدە بولغىنى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى توك تىجەش ئىقتىدارى يەنى ئون پىرسەنت توكنى سەككىز سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە يەتكۈزۈشتەك ئىقتىدارى مېنى قايىل قىلدى. باتارىيە سىغىمىمۇ3050مىللىي ئامپىر بولۇپ ھەر قانچە ئىشلەتسىڭىزمۇ بىر كۈن يىتىدىكەن دەپ پەرەز قىلدىم.
ئېكرانىمۇ 5.5سۇڭ،ئالما ئالتە پىلاستىن قېلىشمىغۇدەك، يەنە ئېكراننىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ھاجىتىمىز بويىچە چوڭ كىچىك قىلىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدىكەن، كۇۋالكۇم شىركىتىنىڭ سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئاندىرويد نەشىرى6.0.1چىقىپتۇ…ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق يېرى بۇ تېلپۇننىڭ ئەپ كۆپەيتىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىككى ئۈندىدار، ئىككى كۇكۇ، ئىككى تاۋباۋنى تەڭ ئېچىپ ئەپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلغىلى بولىدىكەن، بىر تەرەپتىن كىنو كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئۈندىدار ئويناپ، ئەگەر ئۇ ئۈندىدار ئازلىق كەلسە يەنە بىر ئۈندىدارنىمۇ ئېچىپ دېگەندەك بىرلا ۋاقىتتا ئېكران يۈزىدە ئۈچ ئىشنى تەڭ قىلغىلى بولىدىكەن. سۆزلەي دېسەم مەن بايقىغان ئىقتىدارلار جېق. مەن پەقەت دوستلار تېلپۇن ئېلىپ قالسا لازىمى بولار دېگەن قىسمىنىلا چۈشەنچەمگە ئاساسەن يوللاپ قويدۇم، تېلپۇن ئالماقچى بولغان دوستلىرىمنىڭ vivox9نىمۇ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن10 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

55ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
xakuf ۋاقتى: 2016-12-27 10:52:49
نەچچىگە ئەلدىڭىز بۇ x9نى
گىلەم
ھەسەلچى ۋاقتى: 2016-12-27 10:58:06
باھاسىمۇ خېلى باغۇ دەيمەن بۇ تېلفۇننىڭ .
ئورۇندۇق
چۇمۇلەم ۋاقتى: 2016-12-27 11:01:16
2700يۇۋەن غۇ دەيمەن.
5-قەۋەت
تادان ۋاقتى: 2016-12-27 11:24:43
ۋىۋو ئوپپو دىگەن تېلفونلار كامىرا بىلەن ئېكرانغا خىلى كۇچەپ قويىدۇ
6-قەۋەت
yahxidost ۋاقتى: 2016-12-27 11:36:01
بىزنىڭ بويەردە مۇددەتكە بۈلۈپ تاپشۇرۇشقا بىرىۋاتىدۇ 2799يۇەنگە ھەر ئايدا 30نەچچە يۈەن ئۈسۈم چىقىدىكەن ،مۇددىتى6ئايلىق  ،1يىللق كەن ،ئالدىن 300يۈەن  تاپشۇرۇپ ئەپ كىتىسىز ،لىكىن cpuگاۋتۇڭ625 تىپلىقكەن ماڭا مۇشۇ يىرى يارىمىدى پۇلىغا چۇشلۇق ئەمەس ، يەنە بىرسى سېستىما ئۇقتۇرىشى  شىياۋمىدەك پات پات كەپ تۇرمايدۇ ،بەلكىم ئاندىرويد 7.0 گە خېلى بىركەمگىچە چىقماسلىقى مۇمكىن ،باشقا جايلېرى ھەقىقەتەن بوپ قۇيدىغان تىلفون بو vivo x9
7-قەۋەت
gofrat ۋاقتى: 2016-12-27 11:46:30
باھاسى 2798كوي،گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دېگەندە خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ۋىۋو مەخسۇس سېتىشتا ئىشلەپ قالدىم،شۇڭا گەرچە ئاندىرويد تېلپۇنغا چۈشەنچەم كەمچىل بولسىمۇ لېكىن ۋىۋوغا نىسبەتەن خېلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم،بىزگىمۇ شىركەتتىن ھەپتىدە بىر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارغاچ،تېلپۇننىڭ ئىقتىدارلىرىنىمۇ بىرە بىلىمەن، ۋىۋو تېلپۇن لازىملار ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغانلار قاچىكىساڭلار،بىلىشىمچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن، يەنە مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش جەھەتتىكى ۋە باشقا ھەق تۆلەش جەھەتتىكى ئىشلاردا ياردەم قىلىشىم مۇمكىن  
ئۈندىدار نۇمۇ:743073009
8-قەۋەت
merdan ۋاقتى: 2016-12-27 12:09:14
بۇ يانفۇننى 2550دىن بېرىۋاتىمىز .. ئۈندىدار 13109910543
9-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2016-12-27 12:21:42
ۋىۋو شۇ ئىلان تەشۋىقاتقا تاينىپ سەل تەرەققىي قىلدى ئۇنىڭدىن باشقا ئارتۇچىلىقى يوق تىخنىكا جەھەتتىن شۇ باشقىلارنىڭ زاپچاسلىرىنى سىتىۋىلىپ قوراش تۇرۇپ ساتىدۇ
ھازىر ئاندىروئىد 7.0 چىقىپ 7.1 گە مىڭىۋاتسا مانچە مىڭكويلۇق تىلفۇن تەخى 6.0 تۇرسا سىز دىگەن ئىقتىدارلار شاۋمىينىڭ 600 كويلۇق تىلفۇنىدىمۇ بار قوش ئەپ ئىچىش بالىلار نۇسقىسى دىگەندەكلەر مىنىڭچە پۇلتاپقان ئادەم سامسۇڭنىڭ يېڭىدىن ئىلان قىلغان يۇقىرى سەپلىمىلىكنى ئالغان ياخشى ئەگەر قىممەت دىسە شاۋمىي ئىشلەتكەن ياخشى تىل تاللاش تا ئۇيغر تىلى بار تۆۋەن باھا يۇقىرى سەپلىە يولىنى تۇتقان ماركا  ھازىر ئەپلىرىدە ئىلان سەل كۆپ بىراق ئىلانلار بەك پۇتلۇشۇپ كەتمەيدۇ ئىشلىتىشىمىزگە قالغىنىنى تىلفۇن ئالدىغان ئادەمنىڭ قىزىقىشىغا باغلىق مەن ھىچكىمگە ۋىۋو تىلفۇننى تەۋسىيە قىلمايمەن  ھامىنى بىر يەلىرى ئادەمنى چاندۇرىدۇ ياكى زىرىكتۇرىدۇ
10-قەۋەت
mexel0785 ۋاقتى: 2016-12-27 13:01:25
تورغا چىقىشى قانداقراق ئى ىكەن خېلى تېزمۇ.
11-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2016-12-27 13:46:56
ghaye يوللىغان ۋاقتى  2016-12-27 12:21
ۋىۋو شۇ ئىلان تەشۋىقاتقا تاينىپ سەل تەرەققىي قىلدى ئۇن ...

شۇ مەنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرىدىن ئوپپو بىلەن ۋىۋو قويمىچى بىر شىركەت دەپ ئاڭلىغان ئىلانغىلا تايىنىدۇ
12-قەۋەت
mutalipmuhtar ۋاقتى: 2016-12-27 14:25:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،تور ئەھلى.
مەن قىسقىچە تەسىراتىمنى سۆزلەپ باقسام،مەن مۇشۇ تىلىفۇن تىپىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى.مىنىڭچە مەزكۇر تىلىفۇننىڭ ماڭا ئەڭ يارايدىغان يىرى بولسا قىزىمايدىغان تەرپى،مەيلى سىز قانچىلىك ئويۇن ئويناڭ،ياكى ئۇزۇنراق سۆزلىشىڭ مەن ئىشىنىمەنكى باشقا ھەرقانداق ماركىدىكى تىلىفۇنندىن بوشراق قىززىيدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزدە ئىشلىگەن تىلفۇنلارنىڭ چەتكە ئۇلىنىدىغان يانداشما مۇلازىمىتىرلىرى يۇق،خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ باشقا ماركىدىكى تىلىفۇنلارنى چەتكە قاققىنىم ئەمەس،ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ياخشى سەپلىمىلىرىمۇ خىلىلى ياخشى،لىكىن مىنىڭ ئاخىردا تەۋسىيەرىم يەنىلا vivo...
13-قەۋەت
abdulla5 ۋاقتى: 2016-12-27 14:39:55
ھېچقانداق  تىلپۇننڭ ئالدىغا قوش  كامىرا  ئىشلەتمىدى دەيسىزغۇ،LG V10-يەنەLG V20 دىگەن تىلفۇنلىرغا بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا سەپلەپ بوغان قوش كامىرانى،
14-قەۋەت
15599976892 ۋاقتى: 2016-12-27 15:02:53
قىزىمايدۇ دىسەك يەنىلا لېشى1s غا يەتمەيدۇ يۈز پىرسەنت توك تۈگىچە ئىشلىتىپ بىقىڭ
15-قەۋەت
♥①三ぴQぴη ۋاقتى: 2016-12-27 15:29:11
باللا   مەنمۇ  بىرەر يىلبولدى ، ۋىيۋۇ  ئىشلىتىۋاتىمەن،  نەشىرى  يىڭلىنشى  بەك ئاستىكەن ،  يېڭىلاش  ئۇچۇرى  كەلدى   يېڭىلىسام sistim  now     دەپ   چىقىۋالدى    ،مەن  مۇ   ئۇزۋاختىدا 2600  گە  ئالغان   ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部