+تېما يوللاش
Izdinix_jewlan يوللانغان ۋاقتى:2015-12-11 00:23 1175 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېڭى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا ئىگە بولماقچى ۋە چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!


شىنجاڭدىكى ئون بىر IT شىركىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دىيارىمىزدا «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى (ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى ICTEF)» قۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمى تەستىقلانغان.
ICTEF نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى12-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكترون پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.
يىغىن پۈتۈن بىر كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ئىلمىي ماقالە ئوقۇش ۋە ئوقۇغان ماقالىلەر توغرىسدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پروگىراممىرلار بىلەن پروگىرامما ھەۋەسكارلىرى سۇئال جاۋاب شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ.

چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان ئىلىمى ماقالىلەر تىزىملىكى:

1. iOS ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

iOS سىستېما ئۆزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەمىنلىمىگەن بولغاچقا ھەرقايسى شىركەت ۋە ئەپ ئاچقۇچىلار ھەر بىر ئەپ ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېچىش ھالىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن، ئىقتىساد ئىسراپ بولۇپ كەتمەكتە، ھەرقايسى شىركەت ۋە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ بۇ ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ باشقا ساھەلەردە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، كىرگۈزگۈچنىڭ SDK سى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، ھەمدە كىرگۈزگۈچنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى ۋە SDK دىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ.

2. iOS,Android مۇھىتىدا 3- تەرەپ SDK نى ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى

3- تەرەپ تەمىنلىگەن SDKلار ئادەتتە خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئەپلەردە ئىشلەتكەندە بىز ياسىغان قىسمى ئۇيغۇرچە، 3- تەرەپنىڭSDK بۆلىكى باشقا تىلدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ تېخنىكىنى قوللانغاندا3- تەرەپ SDK سىنىڭ پۈتۈن جەرياننى ئۇيغۇرچە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە تور سودا ئەپلىرىدە مەھسۇلات سېتىۋېلىش قىسمى ئۇيغۇرچە، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ ھەق تۇتۇش ئېغىزى خەنزۇچە بولۇپ، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ھەق تۇتۇش جەريانىنى ئۇيغۇرچە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا كېلىشىم تۈزگەن ئاساستا ھەقسىز SDK تەمىنلىنىدۇ، ھەمدە بۇ تېخنىكىنىڭ تەپسىلىي ياسىلىش جەريانى سۆزلىنىدۇ.

3. تېز سۈرئەتتە ئىزدەش تېخنىكىسى __ Yئىندېكس

بۇ تېخنىكىنى شىركىتىمىز خادىملىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئىزدەش سۈرئىتى تىز،بىخەتەرلىكى يۇقىرى،مەشغۇلات سىستېمىسى تاللىماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، لۇغەت تۈزۈش، OCR، ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ياساش، كورېكتورلۇق ۋە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى تۈزۈشتە يۇقىرى ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە. بۇ تېخنىكىنىڭ ئىزدەش پىرىنسىپى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە Webpack قورالىنى ئىشلىتىش، بۇلۇت سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى شۇنداقلا «تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانى»... قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا قىزىقسىڭىز ۋەSDK ھۆججىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ياكى بۇ تېخنىكلار توغرىسىدا چۈشەنمىگەن، ھەل قىلالمىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى يىغىنىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

چۈشتىن كىيىن مۇنازىرە قىلىندىغان تېمىلارۋە يېتەكچى ئۇستازلار :
مۇنازىرە تېمىسى
       
يېتەكچى ئۇستاز
       
شىركەت
چوڭ مەلۇمات (大数据)، مەلۇمات قېزىش (数据挖掘)، ماشىنىغا ئۆگىتىش (机器学习)
       
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
       
ئۇيغۇرسوفت
1.يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانىنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؟2.كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر  ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى
       
تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىم
       
ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتى
ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇش توغرىسىدا (信息系统集成)
       
ئۆمەرجان
       
شىنجاڭ قارلۇق ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى
IDC 互联网数据中心 ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مەركىزى
       
ئەمەتجان رۇسۇل
       
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
ئاۋاز بىرىكتۈرۈش ، ئاۋازى تونۇش تېخنىكىسى توغرىسىدا ئاساسىي ساۋات
       
ئۆتكۈر ئەركىن
       
شىنجاڭ ئۆلچەم يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

ئەگەر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئالاھىدە تېخنىكىلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان، ياكى پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا ھەل قىلالمىغان سۇئاللارنى نەق مەيداندا سوراپ جاۋابىغا ئىرىشمەكچى بولغان كەڭ پروگىرامما ھەۋەسكارلىرى ۋەپروگرامما كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشتىن كىيىنلىك پائالىيتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مۇنبەر ھەيئىتى ئېتىراپ قىلغان ئالاھىدە تېخنىكىسى بار بولۇپ بىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئارزۇسى بار، ئەمما ئۈرۈمچىدىن باشقا رايۇنلاردىن كىلدىغان پروگراممىرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىلىپ- كىتىش ماشىنا كىرا ھەققى ۋە 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 20-كۈنىدىكى ياتاق ھەققىنى مۇنبىرىمىز ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەگەر نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ئالاھىدە بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ.(كەلمەكچى بولغانلار 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ)


ھەرقايسى تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىبلىرىگە مۇھتاجمىز ، پىكىر تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ ئويلىغانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىز شۇنداقلا خىزمىتىمىزگە تەنقىد ۋە ئىجابى تەكلىبلەرنى بەرگەيسىلەر ، قوللىغىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !
http://ictef4.yaltapan.com/

يىغىننىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش ئادېرىسى:

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تېڭشۇن دەرسخانىسى: http://alim.ke.qq.com

بىلىگ تور دەرسخانىسى: http://www.bilig.biz

بىۋاستە تارقىتىش ۋاقتى: 8:00-12:00(شىنجاڭ ۋاقتى)

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13899994277، ئىشخانا:2865373-0991

يىغىن ۋاقتى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

يىغىن ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى 393-نومۇر شىنروڭ سارىيى 9-قەۋەت يىغىن زالى

ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى

ITCEF ئورگان توربېتى http://ictef.net

ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكترون پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
008 ۋاقتى: 2015-12-11 03:14:34
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشى ئىش بوپتۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت
گىلەم
muhtrim ۋاقتى: 2015-12-11 10:18:09
ئورۇندۇق
Gvllinayli ۋاقتى: 2015-12-11 11:50:44
كۆڭلۈمدىكىدەك ئىشلار كۆپ بولىۋاتىدۇ،بەك خۇش بولدۇم.
ئاللاھ بۇيرىسا چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشىمەن.
تېما ئېگىسىگە رەھمەت.



»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
5-قەۋەت
ئ‍اۋات ۋاقتى: 2015-12-11 12:02:09
رەھمەت سىزگە
6-قەۋەت
穿越火线 ۋاقتى: 2015-12-11 12:50:55
rahmat        
7-قەۋەت
ablizt ۋاقتى: 2015-12-11 16:45:33
ئالامەت ياخشى ئىش بولۇپتۇ  بۇئىشلىرىڭلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
8-قەۋەت
سودىگەر1 ۋاقتى: 2015-12-11 19:05:26
ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ 2015يىلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部