ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم … ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم … ! بۈگۈن يەنە بۇ سەبىيجان ئەتتىگەندە نېمە دەپ كەلگەندۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار ! شۇ ئۇزۇن بوپتىكەن مۇشۇ دەرسلىك ئىشلىمىگىلى شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بىر دەرسلىك ئىشلەپ تورداشلارغا سۇناي دەپ كەلدىمغۇ قانداق بوپتۇمۇ يا ھى ھى ھى ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق …
1-قەدەم : تەييارلىق :
ئالدى بىلەن بىز SONY يانفونلىرىغا ئورگان سىستېمىسى يازىدىغان flashtool قۇرالنى چۈشۈرۈۋالىمىز ، بۇ قورالنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئاستىدا بېرىلگەن ئادرىستىن چۈشۈرگەيسىز
flashtool-0.9.18.5
2-قەدەم : SONY يانفونى تۇتقۇسىنى يەنى 驱动 نى قاچىلاش:
ئادەتتە ئورگان سىستېمىسى يازىدىغان قۇرالنى قاچىلىساق تونۇتقۇچى بىرگە قاچىلىنىدۇ ، بەزىدە قاچىلانمايدۇ شۇڭلاشقا تونۇتقۇچى تونىغان ياكى تونۇمىغانلىقىغا قاراپ توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ
3-قەدەم : flashtool قۇرالنى قاچىلاش : بۇ قۇرالنى قاچىلاش باشقا سىستېما يېزىش قۇراللىرىنى ياكى باشقا دېتاللارنى قاچىلاش بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ، قاچىلاش باسقۇچىدىن ئاتلاپ كەتتۇق … 3-قەدەم : بىز ئىشلىتىۋاتقان SONY يانفونىمىزنىڭ توغرا بولغان ئورگان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈپ تەييارلايمىز : سىز ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ياكى SONY يانفونلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنى ئەڭ كۆپ يوللايدىغان مۇنبەرلەردىن ۋە ياكى تېزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسىدىن يانفونىڭىزنىڭ توغرا بولغان تىپ نۇمۇرىنى بىسىپ ئورگان تەرەپ سىستېمىسىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئادەتتە SONY يانفونلىرىنىڭ ئورگان تەرەپ سىستېما خاسلىقى بولسا ftf شەكىلدە بولىدۇ ، تۇۋەندە مەن تورداشلارغا st18i ئورگان تەرەپ سىستېمىسى تەمىنلىدىم ھەمدە دەرسلىكتە ھەم ئۇشبۇ يانفونىغا سىستېما يېزىش كۆرسېتىلىدۇ ، بۇ يانفوننىڭ ئورگان سىستېمىسىنى ئاستىدا بېرىلگەن ئادرىستىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ ،
st18i_4.1.B.0.587_港行.ftf
4-قەدەم : ئورگان سىستېمىسىنى يېزش : قاراپ باقسام ھەممە تەييارلىق پۈتكەن ئوخشايدۇ ، ئەمىسە ئورگان سىستېمىسىنى يېزىشنى باشلاپ كېتەيلۇق … بىز قاچىلىۋالغان flashtool قۇرالنى قوزغىتىمىز ۋە 刷写 چىكىمىز ياكى بىز ئىشلەتكەن قۇرال ئىنگىلىزچە بولسا سول تەرەپ ئۇستىدىكى چاقماق بەلگىنى چىكىپ سىستېمىنى تاللايمىز ،ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
ۋە ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن بىرىنچى تۈرنى يەنى …. نى چىكىپ تەييارلىۋالغان سىستېمىنى تاللاپ بىرىمىز ، ۋە ياكى بۇرۇن تاللاپ قۇيغان سىستېمىلار ئارىسىدىن ئىككىنچى ئىسترېلكا كۆرسەتكەن بويىچە تاللاپلا ok قىلساق بولىدۇ ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
![]()
ۋە يەنە بىر يېڭى كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، كۆزنەكتە سىز يانفوننىڭ قايتىش كۇنۇپكىسىنى ياكى ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ كومپيۇتېرغا چاتىمىز ( SONY يانفونلىرى ئىككى خىل ئۇسۇلدا يېزىلىدىغان بولۇپ بەزى يانفونلارنىڭ قايتىش كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ سىم چاتقان بولساق يەنە بەزى يانفونلارنى ئاۋاز تۆۋەنلىتىلىش كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ چاتىمىز ) بۇ ۋاقىتتا يانفون نورمال چېتىلغان يەنى تونىغان بولسە سىستېما يېزىشنى باشلاپ كىتىدۇ ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
سىستېما يېزىلىۋاتىدۇ ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
![]()
مانا مانا نورمال يېزىپ بولدى ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
![]()
قانداق ئاسان ئىكەن ھە بۇ يانفونغا سىستېما يازماق لېكىن بىلمىگەن ئادەمگە تەسراق بولىدىكەن شۇڭا بۇ دەرسلىكنى ئىشلەپ بىلمەيدىغان تورداشلارغا ئاسانلىق يارىتىۋاتىمەن ئەمىسە سىزگە ئامەت تىلەيمەن …!
سىستېما يېزىش خەتەرلىك قالايمىغان مەشغۇلات قىلىپ يانفونىڭىز كىسەك بولۇپ قالسا مەن ۋە ئۇشبۇ بېكەت ئىگە ئەمەس …! ھۆرمەت بىلەن : تېزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسى 2015-05-06
|